2008年7月11日

توي چاچقۇسى ۋە شاكىراپ نان

توي چاچقۇسى ۋە شاكىراپ نان

ئابلىمىت ۋاھىت



ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئەتقاد قىلىشتىن بۇرۇن ئوز تارىخىدا شامان دىنى، مانى دىنى، بۇددا دىنى، نىستۇرىيان دىنى ۋە ئاتەشپەرەسلىك دىنى قاتارلىق دىنلارغىمۇ ئېتىقاد قىلغان.
بۇ دىنلار ئۇيغۇرلار تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا ئۇزلىكسىز يېڭىلىنىپ، ئوزئارا بوشىتىلىپ-تاشلىنىپ قىلىشتەك قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. بۇ دىنلار ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاستا-ئاستا يوقاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كىشىلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن قالدۇق تەسىرى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. مەسىلەن: شامان دىنىدىكى ئوت، ئىسرىق، دۇتلاش، ھورداش، ئەملەش، پىرى ئوينىتىش، ئۇچۇقداش، قۇربانلىق ۋە ئىستىقامەت قىلىش، چۇشنى جورۇش قاتارلىق ئادەتلەرنىڭ .بەزىلىرى ھازىرمۇ ئۇيغۇرلار تۇرمىشىدا مەۋجۇت.
ئاتەشپەرەسلىك دىنىدىكى ئوتقا ھۆرمەت قىلىش، ئىسرىق تاشلاش، ياغ پۇرىتىش، قاپاق كويدۇرۇش، كىلىن قىزنى ئوتتىن سەكرىتىش، ئولۇم بولغان جايدا چىراغ يەقىش، سەغىزخان سايرىسا ، مۇشۇك يۇزىنى يۇسا بۇنىڭ بىشارەتىنى جورۇش قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇيغۇرلارنىڭ توي ئادىتىدە توي چاچقۇسى چېچىش ۋە نىكاھ ئوقۇغاندا تۇزغا چىلانغان نان يەيىش ئادەتىمۇ ئۇيغۇرلار تۇرمىشىدا ئومۇمىيۇزلىك ۋە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ ئورپ-ئادەت بولۇپ ساقلانماقتا.
يۇقىرىدىكى ئېتقاد-ئەقىدە قاراشلىرىنىڭ بەزىلىرىنى شامان دىنىغا، بەزىلىرىنى ئاتەشپەرەسلىك دىنىغا تەۋە قىلغان بولساقمۇ، لېكىن "توي چاچقۇسى" "شاكاراپ نان" توغرىسىدىكى قاراشلارغا دىققەت-ئېتىبارىمىزنى ئاغدۇرمىدۇق. بۇ ئادەتلەر ئۇيغۇرلار تۇرمىشىدا قەدىمدىن تارتىپلا بارمىدى ياكى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن شەكىللەندىمۇ ؟ بۇ سوئاللار بىزنى ئايلاندۇرماي قويمايدۇ.
بۇددا دىنى شىنجاڭدا مىلادىيىدىن ئىلگىركى 1-ئەسىردە تارقىلىپ، ئوزۇن مۇدەتكىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ھەم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپ، بۇددا مەدىنيىتىدە پارلاق سەھىپە ئاچقان.
ئىسلام دىنى 10-ئەسىردە شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەن، قارىخانىلار خانلىقىنىڭ خاقانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قەشقەردە تۇنجى بولۇپ ئۇنى دۆلەت دىنى، دەپ جاكارلىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىسلام دىنى ئىلگىرى-كېيىن تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى، شىمالى، ھەمدە شەرقتىكى جايلارغا تارقىلىپ ئومۇملاشقان. ئىسلام دىنى قوبۇل قىلىنىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىلا، ئاندىن بۇددا دىنى ئاساسىي ھوكۇمرانلىق ئورنىدىن چۇشۇپ قالغان. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولۇدىكى، بۇددا دىنى باشقا دىنلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلار ئەڭ ئۇزاق ئېتقاد قىلغان دىن ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ دىننىڭ بەزى ئەقىدە-ئېتىقادلىرى ۋە ئورپ-ئادەتلىرى تۇرمىشىمىزغا سىڭىپ كىرمىگەن دەپ ئېيتالمايمىز.
ئۇيغۇرلارنىڭ توي مۇراسىمىدىكى "توي چاچقۇ" ئادىتى ۋە "نىكاھ ئوقۇغاندا شاكاراپ نان يەيىش" ئادىتى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئەتقاد قىلغاندىلا پەيدا بولۇپ قالغان ھادىسە بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئەتقاد قىلغاندا شەكىللەنگەن ئورپ-ئادەت بولۇپ، ئۇ بۇددا دىنىدىن ئىسلام دىنىغا ئۆتكەندە، ئىسلام دىنىنىڭ ئورپ-ئادەتلىرى بىلەن چىشلىشىپ-سىڭىشىپ ، ئايرىۋالغىلى بولمايدىغان ھالەت شەكىللەندى.
1. "چاچقۇ چېچىش ئادىتى":
____تۇركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ توي-توكۇنلىرىدىكى قىممەتلىك ئەنئەنىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر خىل ئورپ-ئادەت، چاچقۇ شامان ۋە مۇسۇلمان تۇركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ نىكاھ مۇراسىملىرىدا خىلمۇخىل شەكىلدە ئەلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ ، ھەرقايسى مىللەتلەردە چاچقۇ قىلىندىغان نەرسە بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. قىرغىز، قازاقلاردا قۇرۇت، ئىرىمچىك، كىچىك توقاچ، كۇمۇش پۇل ؛ چوماق، قىپچاقلاردا پۇل؛ كەركۇك رايۇنىدا پۇل، شېكەر، ياڭاق، بادام، قۇرۇق ئۇزۇم؛ ئەزەربەيجاندا مەۋە، پۇل، ئالما قاتارلىق نەرسىلەر قىزنىڭ بەشىغا ، شۇنداقلا تويغا قاتناشقانلارلىڭ بەشىغا چېچىلىدۇ. تۇركىي تىللىق خەلقلەردىكى قىزنى ئوز ئويىدىن كوچۇرۇپ يىگىتنىڭ ھۇجرىسىغا كىرگۇزۇشكە بولغان ئارىلىقتا ھەرخىل چاچقۇلارنى چېچىشتىن مەقسەت ___قىز-يىگىتنىڭ بىرلىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلدىغان جىن-ئەرۋاھلارنىڭ ئالدىنى ئىلىشتۇر. چاچقۇنى چاچقانلارنىڭ بالا-قازانى ھەيدىۋەتتۇق، دەپ ئىشەنگىنىگە ئوخشاش، چاچقۇدىن نېسىۋە ئالغانلارمۇ بۇنى ئۆزلىرىگە تەلەي ۋە بەرىكەت كەلتۈرىدۇ، دېگەن ئېتىقاد بىلەن ئۇزاق مۇددەت ساقلايدۇ. شۇ سەۋەبلىك تۇركىي تىللىق خەلقلەر ئارىسىدا توي-توكۇنلەردە چاچقۇ چېچىش مۇھىم بىر ئەنئەنىگە ئايلىنىپ، كۇندىن –كۈنگە مۇكەممەللىشىپ، ھەرقايسى دەۋەر خاس چاچقۇ ئادىتى بارلىققا كەلگەن.
ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن "كومىراجىۋا" ناملىق كىنۇ سىنارىيىسىدە ، ئەينى دەۋر توي-توكۇنلىرىدىكى ، شۇنداقلا خوشال كەيپىياتقا چومگەن چاغدىكى چاچقۇ ئادەتىنى تىلغا ئەلىپ ئوتۇپ، بۇ خىل ئادەتنىڭ تارىم ۋادىسىدا، جۇملىدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ خېلى ئۇزۇق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كورسىتىپ بەرگەن.
مەسىلەن، سىنارىيەنىڭ بېشىدا كوسەننىڭ يېڭى پۇتكەن خانلىق بېغىنى كۆزدىن كەچۇرۇش ئۇچۇن كەلگەن كوسەن شاھى ئاقارى پاڭ بىلەن خانىش خاننىڭ ئىنىسى ، ئاقارى چىن خاننىڭ سىڭلىسى مەلىكە چىۋا قاتارلىقلار پۇتۇشما تەرىپىدىن كۇتىۋەلىنغاندا "ناغرا-سۇناي سادادى، گۇل چاچقۇلىرى ئىچىدە پاياندازدىن يۇقۇرى ئورلەپ سۇپىغا چىقىپ، ئەتىراپقا نەزەر تاشلايدۇ" بۇ يەردە خان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا گۇل چاچقۇلىرى چېچىلىپ، ئۇلارنىڭ قۇتلۇق قەدىمىنى ئالقىشلىسا، كومىراتان بىلەن مەلىكە چىۋانىڭ توي مۇراسىمىدا ئۇلارنىڭ مەڭگۇ بىللە ۋە بەخىتلىك بولۇشىنى تىلەپ، "خانىشنى تىللا چاچقۇ چاچقۇزىدۇ" . مەلىكە چىۋا كومىراتان بىلەن توي قىلىپ "ئوغۇل تەۋلۇت قىلغانلىقى ئۇچۇن، ئاقارى پاڭ خاننىڭ خانىشى ئىشىك يۇچۇقىدىن زەرچاچقۇ چاچىدۇ. يەنە كومىراجىۋا كەشمىردىكى ئوقۇشنى تاماملاپ يەركەتكە كەلگەندە، سۇلى سوما، سۇللى باھادىرا، كومىراجىۋا ، مەلىكە چىۋا يۇلتۇزلار ئەينو ئاتا بىلەن ئەينو قەبىلىسىنىڭ ئويۇنلىرىنى تاماشا قىلىشقا قاتناشقاندا ، "سۇللى سوما ۋە سۇللى باھادىرا ئويۇنچۇقلارغا چاچقۇ چاچىدۇ" . دېمەك، بۇ سىنارىيىدىن شۇ نەرسە ئايانكى، مىلادىيە 3-، 6- ئەسىرلەردە تارىم ۋادىسىدا توي-توكۇنلەردە ھەم خوشالىققا چومگەندە چاچقۇ چېچىش ئادىتى خېلى ئومۇملاشقان. بۇ نۇقتا بىزگە چاچقۇ چېچىش ئادىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئەتقاد قىلىۋاتقان مەزگىلدىن باشلاپلا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئادەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
2. "شاكاراپ نان يەيىش ئادىتى":
___ تۇزنى ئۇلۇغلاش ئۇيغۇر قاتارلىق تۇركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرگە، شۇنداقلا دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان مىللەتلەرگە ئورتاق بولغان بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسسىدۇر.
تۇزنىڭ چىرىشتىن ساقلاش، تائامغا تەم كىرگۇزۇش قاتارلىق كوپ خىل خۇسۇسىيەتلىرى ئىنسانلاردا بارابارا تۇزغا بولغان ئېتىقادنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان. ئۇيغۇرلار تۇز يېمەكلىكلەرگە تەم بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كىشلىك تۇرمۇشقا، ھاياتقا ۋە زىمىندىكى بارلىق نەرسىلەرگىمۇ تەم ئاتا قىلدى، دەپ قاراپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇزغا بولغان ئېتىقادى ناھايىتى روشەن ئىپادىلىنىدۇ.
يىگىت-قىز توي قىلىشقا پۇتۇشكەندىن كېيىن، ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە "ئاش تۇزى" يەتكۇزىدۇ. ئاش سۇيى قاتارىدا تۇز كەم بولسا بولمايدۇ. مانا بۇ ئىككى تەرەپنىڭ توي ئىشلىرىنىڭ پۇتىمىدۇر. توي كۇنى قىز بىلە ن يىگىت قولداشلارنىڭ ھەمراھلىقىدا شاكاراپ ناندىن بىر بىردا يەيدۇ، بۇ نان ئادەتتە تالىشىپ يېيىلىدۇ. بۇ ئىككى ياشنىڭ مۇھەببىتى ئوزگەرمىسۇن، تۇرمىشى بەختىيارلىققا چومسۇن دېگەن تىلەكتىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇزدا بىر ئىلاھى قۇدرەت بار دەپ قارالغاچقا، قىز بىلەن يىگىتنىڭ قايسىبىرى ئالدى بىلەن شاكاراپ ناننى يەۋالسا، تويدىن كەيىنكى تۇرمۇشتا ئۇنىڭ گېپى ئوتىدۇ. يېڭى ئويگە كوچۇرۇپ كىرگەندە، ئويگە ئالدى بىلەن تۇزنى ئەلىپ كىرىدىغان ئادەت بار. بۇ شۇ ئويگە بەرىكەت ھەمراھ بولۇشىنى تىلەشتىن كەلگەن. يەنە ئۇيغۇرلاردا يەڭى تام سېلىنسا، شۇ ئويگە كوچۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن شۇ ئويگە تۇزنى بىرىنچى بولۇپ ئاپىرىپ قويىدۇ. بۇ شۇ ئوينىڭ بەرىكەتلىك بولىشى ئۇچۇندۇر.
"كومىراجىۋا" ناملىق كىنو سىنارىيىسىدە ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇزنى ئۇلۇغلاش ئادىتىمۇ روشەن ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، كوكىراتان بىلەن مەلىكە چىۋانىڭ توي مۇراسىمىدا "ئۇستاز پۇتۇشما كومىراتان بىلەن مەلىكە چىۋاغا شاكاراپ ناندىن بىر بۇردىدىن يېگۇزىدۇ" . بۇ بىر جۈملە بايان قارىماققا ناھايىتى ئاددىيلا يېزىلغاندەك كورىنسىمۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلاردىكى توي-توكۇنلەردە قىز-يىگىتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم بولۇشى، بىر-بىرى بىلەن مەڭگۇ ئايرىلماسلىقىنى رىلەپ، نىكاھ ئوقۇش ۋاقتىدا شاكاراپ ناندىن بىر بۇردىدىن يېگۇزۇش، قىسقىسى تۇزنى ئۇلۇغلاش ئادىتىنىڭ بۇنىڭدىن تەخمىنەن 1650 يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدىمۇ ئەكس ئېتىشىدىن ئىبارەت، خالاس .

رامىزان ئېيتىش ئويۇنى

رامىزان ئېيتىش ئويۇنى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياتقان بايلار،
روزىنىڭ زاكاتىغا پاتقان بايلار.
رامزان، ئاللا شەرئى رامزان،
خۇش مۇبارەك كەلدىلەر شۇل رامزان.

بۇ روزا شۇنداق روزا، مىھمان ئىكەن،
روزىنى تۇتمىغانلار ھايۋان ئىكەن.
رامزان، ئاللا شەرئى رامزان،
خۇش مۇبارەك كەلدىلەر شۇل رامزان.

روزىنىڭ ئونى قېنى، قەدرى قېنى؟
بۇلتۇرقى مۇسۇلمانلار بۇيىل قېنى؟
رامزان، ئاللا شەرئى رامزان،
خۇش مۇبارەك كەلدىلەر شۇل رامزان.

ئىشىكىڭنىڭ ئالدىدا تاينىڭ ئىزى،
كەشمىر ياغلىق بېرىدۇ باينىڭ قىزى.
رامزان، ئاللا شەرئى رامزان،
خۇش مۇبارەك كەلدىلەر شۇل رامزان.

تۈڭلۈكۈڭنىڭ بېشىدا ئاي كۆرۈنەر،
ھەممە ئۆيدىن مۇشۇ ئۆي باي كۆرۈنەر.
رامزان، ئاللا شەرئى رامزان،
خۇش مۇبارەك كەلدىلەر شۇل رامزان.


ھازىر بۇندائق ئويۇنلارنى بالىلار ئوينىماس بولۇپ كەتتى، مۇشۇ ئويۇنلارنىمۇ ئەسلەپ قويايلى!!!!

ھۆكۈمدارلار دەستۇرى

ھۆكۈمدارلار دەستۇرى

右对齐
نىككولو ماكياۋىللى [ئىتالىيە] (قىسقارتىلدى)

مىراسخورلۇق ياكى قورال كۈچى بىلەن زېمىن`گە ئېرىشىش

ئىنسانىيەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلغان دۆلەت ۋە ھاكىمىيەتنىڭ تىپلىرى پەقەتلا ئىككى خىل بولۇپ كەلدى: جۇمھۇرىيەت ياكى پادىشاھلىق…تاجاۋۇز قىلىپ ئېرىشكەن دۆلەتنىڭ خەلقى بىر بولسا بۇرۇندىنلا ئەركىن دۆلەت بولۇپ، كېيىن تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراپ ئەركىنلىكنى يوقاتقئان بولىدۇ. بىراۋنىڭ تاجاۋۇز ئارقىلىق باشقىلارنىڭ زېمىنىنى ئىگەلىيەلىشىدى سەۋەپ شۇكى، بىر بولسا ھۆكۈمرانلار باشقىلارنىنگ قورال كۈچىگە تايىنىدۇ، بىر بولسا ئۆزىنىڭ قورال كۈچىگە تايىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەپ بار دېيىلسە، ئۇ پادىشاھنىڭ تەلىيى ۋە ئۆزگىچە ئىقتىدارىدىن كەلگەن.

مىزاندىن چەتنىمەسلىك: ھۆكۈمرانلىقنى ساقلاپ قېلىش سەنىتى

مىراسخور پادىشالىقنى ساقلاپ قېلىش يېڭىۋاشتىن تىكلەڭەن پادىشاھلىقنى ساقلاشقا قارىغاندا كۆپ ئاسان…ئۇ ئادەتتىكى پادىشاھ بولغان تەقدىردىمۇ، مىزاندىن چىقىپ كەتمىسىلا ئۆزىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قالالايدۇ، پەۋقۇلاددە زور بىر كۈچنىڭ ئۇنىڭ ئورنىنى تارتىۋېلىش بولسا ئايرىم ئەھۋالدۇر. ناۋادا، شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغۇچى بىرەر پالاكەتكە يولۇقۇپ قالسىلا، ئەسلىدىكى پادىشاھ ھاكىمىيەتنى تىرىلدۈرەلەيدۇ…بىر ئىسلاھات يەنە بىر ئىسلاھاتنىڭ ئۇرۇقىدۇر.



ئۈچىنچى باب


ئىستېلا قىلىنغان رايوننى قانداق باشقۇرۇش كېرەك

ئىستېلا قىلىنغان رايون خەلقلىرىنى ئىمكانقەدەر پەپىلەش كېرەك. ئەگەر، بۇمۇ كار قىلمىسا، ئۇلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋېتىش كېرەك. چۈنكى، بىر ئادەم زىيان-زەخمەتكە يەڭگىلرەك ئۇچرىسا، ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى قىساس ئېلىشقا قۇربى يېتىدۇ. ئەگەر، بىر ئادەمگئە بېرىلگەن زەربە ئەغىر بولسا، ئۇ قىساس ئېلىشقا مەڭگۇ ئاجىز كېلىدۇ.
ئەبەدىي توغرا بولغان مۇنداق بىر ئومۇمىي پرىنسىپ بار: كىم باشقىلارنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن، ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولىدئۇ .
ئاتا مىراس پادىشاھلىق باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى يېڭى قۇرۇلغان باشقا بىر پادىشاھلىققا تەتبىقلىغاندا، ئىش تەس بولىدۇ. بىرىنچىدىن، ئەگەر بۇ يېڭى پادىشاھلىق پۈتۈنلەي يېڭى قۇرۇلغان بولماي، بەلكى قىسمەن جەھەتتىن يېڭى قۇرۇلغان بولسا (بۇندئاق ھاكىمىيەت ئەمەلىيەتتە ئەبجەش ھاكىمىيەتتۇر)، بۇنداق ئارىلاشما تەركىبلىك ھاكىمىيەت ئەسلىدە مەۋجۇت بولغان كاشىلىلار تۈپەيلى قالايمىقان بولۇپ كېتىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئۆز سەلتەنەتىنى ئوڭۇشلۇق تىكلىيەلىشىدىكى سەۋەب دەل مەزكۇر ئەل خەلقلىرىنىڭ ئۆز ھۆكۈمدارنى ئالماشتۇرۇش، يېڭى ھۆكۈمدارنىڭ باشقۇرۇشىغا ئوتۇش، ھالىنى ياخشىلاش ئارزۇسىدا بولغانلىقىدۇر. شۇڭلاشقا، مەزكۇر ئەل خەلقلىرى قولىغا قورال ئېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ھوكۇمدارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ، يېڭى ھۆكۈمدارلىقنىڭ تىكلىنىشىگە يول ئاچىدۇ. بىراق، ئىش ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن خەلق ئوز ھەرىكىتىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئالدانغانلىقىنى ھەس قىلىدۇ. ھاكىمىيەت ئالمىشىش ئۇلارغا ھېچقانداق ئەۋزەللىكلەردىن ئەكەلمىگەن بولىدۇ. ئەكسىچە، خەلق ئوز ھالىنىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ يامان بەتتئەرلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ. بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ سەۋەبى نىمە؟ مېنىڭچە، بۇ مۇنداق بىر تەبىىي ئامىلدىن كەلگەن: يېڭى ھاكىمىيەت ئۆزىنى مۈستەھكەملەش ئۈچۈن ئارمىيىنى ئىشقا سېلىپ، خەلققە بىر مۇنچە بالايىاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ھاكىمىيەت ئۆزىنىڭ يېڭى پۇقرالىرىنى رەنجىتىپ قويىدۇ.
بۇنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، سەن شۇ ئەلنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن تاجاۋۇزۇڭغا ئۇچرىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ دۈشمىنىڭگە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى تېزلا بايقايسەن. بۇ چاغدا ھاكىمىيەتنى ئىگىلىشىڭدە ساڭا قولچوماق بولغان كىشىلەرمۇ سېنى قوللىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ چاغدا سەن دوستلىرىڭنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرالماي قالىسەن. شۇنداقلا ئۇلارغا نىسبەتەن قاتتىق قول بولالمايسەن. چۈنكى، سەن دوستلارغا ۋاپادار بولۇش كېرەك دەپ ئويلايسەن. يېڭى ھۆكۈمدارنىڭ قاتتىق قول بولالماسلىقىدىكى يەنە بىر سەۋەپ شۇكى، ئىستېلاچى قورال كۈچى جەھەتتە قانچىلىك كۈچلۈك بولمىسۇن، ئۇ يېڭى ئالغان رايونئغا كىرگەندە، شۇ رايون خەلقىگە ئاز- تولا ياخشى تەسىرات بېرىشى كېرەك، بولمىسا ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى داۋام قىلالمايدۇ. بۇنىڭغا داىر مىساللار ئاز ئەمەس: فرانسىيە پادىشاھى لۇى 12 گەرچە مىلان كىنەزلىكىنى قىلىچىنى قانغا بۇيىمايلا ئىگىلىگەن بولسىمۇ، كئېيىن، ئۇنىڭ مىلانىنى قولدىن بېرىپ قويۇشىمۇ بىردەملىك ئىش بولغان. چۈنكى، فرانسىيە پادىشاھىغا سېپىل قوۋۇقلىرىرىنى ئېچىپ بەرگەن خەلق كېيىن ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنىڭ كۆپۈككە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ، يېڭى پادىشاھنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتا يۈرگۈزگەن شەپقەتسىز ھوكۇمرانلىقىغا قاراپ تۇرالمىغان.
تەبىىيكى، ئىسيان يۈز بەرگەن شۇ ئورۇنلار قايتا ئىستىلا قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ رايونلارنىڭ قۇتۇلۇپ چىقىشى ئاسانغا توختىمايدۇ، چۈنكى ھۆكۈمدار ئىسياندىن ئىبارەت بۇ ئەمەلىيەتنى بانا قىلىپ، ئىسيانچىلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرىدۇ. گۇمانلىق ۋە خئەۋپلىك شەخسلەرنى تەپىپ چىقىپ يوقىتىدۇ-دە.، ھاكىمىيىتىنى چېڭىتىدۇ. شۇڭا ، فرانسىيە پادىشاھىنىڭ تۇنجى ئىستېلاسىغا ئايلىنئىپ قالغان مىلاننىڭ قولغا قايتىپ كېلىشىدە گراف لودوۋىكونىڭ چېگرادىكى قوزغىلىڭى كۇپايە بولغانىدى. بىراق، فرانسىيە پادىشاھى مىلاننى قايتا بېسىۋالغاندىن كېيىن مىلاننى قايتۇرۇۋېلىشقا بەسى مۈشكۈل بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا فرانسىيە قارشى ھەرىكەتكە كېلىپ، فرانسىيە پادىشاھ ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، فرانسىيىلىكلەرنى ئىتالىيىدىن قوغلاپ چىقىرىشى لازىم بولىدۇ. بىراق، تەەججۈپكى، لۇى 12 ئۆزى ئىستېلا قىلغان مىلاننى ئۇدا ئىككى قەتىم قولدىن بېرىپ قويدى.
ئەمدى فرانسىيە پادىشاھىنىڭ مىلانىنى ئىككىنچى قەتىم قولدىن بىرىپ قويۇشىدىكى سەۋەبنى ۋە فرانسىيىنىڭ مىلاننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوللىنىشى كەرەك بولغان چارىنى ياكى فرانسىيە پادىشاھى قوللىنالمىغان باشقا بىر ھۆكۈمدارنىڭ قوللىنىشى مۇمكىن بولغان چارىنى سۆزلەپ ئۆتۈمىز.
مېنىڭ كۆزىتىشىمچە ، ئىستېلا قىلغۇچى دۆلەت بىلەن ئىستېلا قىلىنغۇچى دۆلەتنىڭ بىر بولسا ھەر ئىككىسى مىللەتداش ، غەيرىي تىلداشلاردىن بولىدۇ(ئۇلارنىڭ مىللىتى، ۋەتىنى ئايرىم بولىدۇ). ئەگەر، ئىستېلا قىلىنغان ئەلنىڭ خەلقلىرى ئىستېلاچى لار بىلەن ئوخشاش بىر مىللئەتتىن بولسا، بولۇپمۇ، ئىستېلا قىلىنغان ئەل ئەركىن مۇھىتتا ئۆتمىگەن بولسا ، ئۇنداق ئەلگە بولغان ھۆكۈمرانلىقنى داۋاملاشتۇرئۇش ئوڭاي بولىدۇ، ھېچقانداق كۈچ كەتمەيدۇ. ئەسلىدىكى دۆلەت خاقانىنىڭ ئەۋلادلىرىنى يوقاتسىلا مۇستەملىكە ئەل ئېمىن تاپىدۇ. باشقا جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىستېلا قىلىنغان رايوندىكى خەلقنىڭ ئەنەنىسىنى ساقلاپ قېلىپ، ئەسلىدىكى ئورپ-ئادەتلىرىگە تەگمىسىلا، ئىستېلا قىلىنغان رايون خەلقلىرى يېڭى ھۆكۈمدارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا تىپتىنچ كېتىۋېرىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللارنى كىشىلەر برېتئان، بۇرگۇن، گاسكونى، نورماندىيە قاتارلىق رايونلارغا ئاىت مىساللاردىن ئۇچرىتىدۇ. بۇ رايونلار فرانسىيىگە ئۇزۇن مۇددەت قارام بولۇپ تۇرۇش ئاقىۋىتىدە، فرانسىيە زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ قالدى. باشتا يەرلىك خەلق بىلەن ئىستىلاھچىلار ئوتتۇرىسىدا تىل جەھەتتىكى مۇەييەن پەرق بولسىمۇ، لېكىن óرپ-ئادەتلىرى ئومۇمەن بىردەك ئىدى. شۇڭلاشقا، ئىستىلاھچىلار بىلەن ئىستېلا قىلىن`غۇچھىلار ئاسانلا بىرلىككە كېلىپ، ئىناق ئۆتەلمىگەندىكىن. مەيلى كىم بولسۇن ئىگىلىگەن زېمىنىنى ساقلاپ قالىمەن دەيدىكەن، مۇنداق ئىككى ئىسھنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك: ئىستېلا قىلىنغان رايوننىڭ ئەسلى ھۆكۈمدارنىڭ ئەۋلادىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشى كېرەك. يەنە بىرى، ئىستئېلا قىلىنغان رايون خەلقلىرىنىڭ ئۇزۇن دەۋرلەردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان قانۇن-تۈزۈملىرىنى ۋە باج-ئالۋاڭ تۈزۈملىرىنى ھەرگىز ئۆزگەرتكەنلىكىنى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا، ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىستېلاچىلار بىلەن ئىستېلا قىلىنغۇچىلار بىر گەۋدىگئە ئايلىنىپ، ئۇيۇلدەك بىر دۆلەت روياپقا چىقىدۇ.
ئەگەر، ئىستېلا قىلىنغان رايون خەلقى تىل، قانۇن، ئۆرپ-ئادەت جەھەتلەردە ئىستېلاچىلار بىلەن پەرقلىق بولسا، قىيىنچىلىق ئىنتايىن زور بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئىستېلا قىلىنغان رايوننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق ئامەت بىلەن بىرلىشىپ كەلگەن بولۇشى كېرئەك. ئەڭ ياخدھى ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇللارنىڭ بىرى شۇكى، ئىستېلاچى ئىستېلا قىلىنغان رايوندا ئولتۇراقلىشىشى كېرەك. بۇ ھۆكۈمدارنىڭ ئاشۇ رايونغا بولغان ئىگىدارلىقىنى بىخەتەر قىلىدۇ ۋە ئۇزارتىدۇ. تۈركلەر گرېتسىيىگە ئەنە شۇنداق قىلغان. ئەگەر ئەينى ۋاقتتا، تۈركىيە پادىشاھى گرېتسىيىگە بېرىپ ئۇزاق مۇددەت ئولتۇراقلاشمىسا، پادىشاھ ئىستېلا رايونىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر قانچە قىلسىمۇ بىكارغا كەتكەن بولۇر ئىدى. بۇنىڭدىكى قاىدە ناھايىتى ئاددىي. چۈنكى، يېڭى ھۆكۈمدار ئىستىلا قىلغان يەردە تۇرسا، توپىلاڭ ۋە تەرتىپسىزلىك ئامىللىرى كۆرۈلسە، ھۆكۈمدار ئۇلارنى دەرھاللا سېزىپ بىخ ھالىتىدە تىنچلىتىشقا ئۈلگۈرەلەيدۇ. ئەگەر، ھئۆكۈمدار ئىستىلا قىلىنغان جايدا تۇرمىسا، ھۆكۈمدار يۈز بەرگەن ئىشلار چوڭىيىپ كەتكەندە سېزىدۇ، ئۇ چاغدا، ھۆكۈمدار كەسكىن تەدبىر قوللانسىمۇ، كېچىككەندىن توپىلاڭنى بېسىقتۇرالمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدىن ساقىت بولۇشنىڭ ئېپى شۇكى، يەرلىك خەلقنى ئەمەلدارلارنىڭ زۇلىمىدىن خالىي قىلىش، ئاۋامنىڭ پادىشاھنىڭ خەير-ساخاۋىتىدىن بەھرىمان قىلىپ، ئۇلارنى رازى قىلىش لازىم. شۇنداق بولغاندىلا، پادىشاھقا سادىق پۇقرالار پادىشاھنى تېخىمۇ قوغدايدىغان بولىدۇ، پادىشاھقا يامان غەرەز ساقلىغان پۇقرالار پادىشاھدىن قورقىدىغان بولىدۇ. نەتىجىدە، بۇ ئەلگە خىرىس قىلىۋاتقان سىرتقى دۈشمەنلەر ھەرىكەت قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. خۇلاسە تامام شۇكى، ھۆكۈمدار ئۆزى ئىستىلا قىلغان جاينى ئىگەللەپ تۇرسىلا ئۇنى قايتۇرۇپ ئېلىش مۈشكۈل ئىش بولىدۇ.
يەنە بىر ئەۋزەل تاكتىكا شۇكى، ئىستىلا قىلغان رايوننىڭ مۇھىم بىر-ئىككى ئورنىدا مۇستەملىكە ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك، بۇنداق قىلىش ئۈنۈملۈتۇر. ئۇنىڭغا كۆپ ئىقتىساد كەتمەيدۇ. پەقەت ئاز-تولا خىراجەت بىلەنلا ئۆز دۆلىتىنىڭ بىر قىسىم پۇقرالىرىنى ئىستىلا قىلىڭھان رايونغا كۆچۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنداق قىلمىسا ئىستىلا رايونىدا كۆپ تۈركۈملەپ ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا توغرا كېلىپ ئىقتىسادمۇ جىق كېتىدۇ. مۇستەملىكە جەريانىدا، ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن زىيان-زەخمەتكە يولۇققىنى يەر ۋە مۈلۈكلىرىنى كۆچۈرۈپ كەلگەن ئىشگھالىيەتچىلەرگە مەجبۇرىي رەۋىشتە بېرىپ قويغان بىر قىسىم كىشىلەردىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇلار ئىستىلا رايونىدىكى ئاز ساندىكى ئاۋامغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇلار ئولتۇراقلىشىشى جەھەتتە تارقاق ۋە نامرات كىشىلەر بولغاچقا، بىر تۇتاش كەيپىيات ھاسىل قىلالمايدۇ، نەتىجىدە ھۆكۈمدارنىڭ ئىستىلا رايونىدىكى كóپسانلىق كىشىلەر زىيان-زەخمەتكە يولۇقمىغانلىقتىن، زىيان-زەخمەتكە يولۇققان بايىقى ئاز ساندىكى كىشىلەرنى ئالداپ-پەپىلەشمۇ ئاسانغا توختايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغان بۇ ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان كىشىلەردەك قىسمەتكە قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يۈرەكزادىلىك ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلئەن ئىش تۇتىدۇ. يېڭى ھۆكۈمدارنىڭ غەزىپىگە قېلىشتىن قورقىدۇ.
ئومۇمەن ، بۇ خىل مۇستەملىكە ھەرىكىتىگە كۆپ خىراجەت كەتمەيدۇ. ئۇ مۇقىم ۋە ئىشەنچلىك بولىدۇ، زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ سانىمۇ ئاز بولۇپ، ھۆمدارنىڭ ھاكىمىيىتىگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا دىققەت قىلىشقا تېگىسھلىك بىر مەسىلىنى قىستۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن: ئىستېلا قىلىنغان رايون خەلقلىرىنى ئىمكانقەدەر پەپىلەش كېرەك، ئەگەر بۇمۇ كار قىلمىسا، ئۇلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋېتىش كېرەك. چۈنكى، بىر ئادەم زىيان-زەخمەتكە يەڭگىلرەك ئۇچرىسا، ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى قىساس ئېلىشقا قۇربى يېتىدۇ. ئەگەر، بىر ئادەمگە زەربە ئېغىر بولسا، ئۇ قىساس ئېلىشقا مەڭگۈ ئاجىز كېلىدۇ. شۇڭا، مۇمكىنقەدەر كىشئىلەرگە زىيان-زەخمەت يەكۈزمەسلىك كېرەك. يەتكۈزگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۇنى ئۈزۈل- كېسىل يوقىتىپ تاشلاش كېرەك.
ئەگەر، مۇستەملىكە ھەرىكىتىنى ئىستىلا رايونىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇش تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلسە، مۇقەررەر ھالدا دۆلەت خەزىنىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسراپ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ چىقىم كۆتۈرمەيدۇ. بۇنداق بولغاندا، زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغانلارنىنگ كۆپ بولىدۇ. چۈنكى، ئارمىيە ئۇ يەر، بۇ يەرگە يۈرۈش قىلىپ، يەرلىك پۇقرالار پېشكەللىككە يولۇقىدۇ. بۇنداق بولۇۋەرسە، كىشىلئەر پادىشاھنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. گەرچە، مۇستەملىكە خەلقلىرى بويسۇندۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز دىيارىدا يئاشاۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ گېزى كەلسە پادىشاھقا خەۋپلىك ھەرىكەتلەرنى ئۇيۇشتۇرالايدىغانلىقىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. شۇڭا، مەيلى قايسى نۇقتىدىن ئېيتايلى، ئىستىلا رايونىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇش چىقىم كۆتۈرمەيدىغان قىلىق، ئاھالە كۆچۈرۈش ئىنتايىن ياخشى چارىدۇر.
ئەگەر، بىر ھۆكۈمدار يوقىرىدا دېيىلگەندەك تىل، قانۇن، ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىن ئۆزلىرىگە يات بولغان بىر رايوننى ئىگىلىسە، ئۇنداقتا، ئۇ ئۆزىنى ئاش ئاجىز قوشنا ئەلنىڭ رەھبىرى ۋە ھىمايىچىسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى قاۋۇل كۈچلەرنى ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئاجىزلاشتۇرۇشى، ئۆزىگە ئوخشاش كۈچلۈك چەت ئەل ھۆكۈمدارلىرىنىڭ تاسادىپىي ھالدا ئەتراپىدىكى ئاجىز دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىشىدىن ھەر ۋاقت ئاگاھ بولۇشى كېرەك. رېال تۇرمۇشتا مۇنۇ ئەھۋاللار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ: ئۆز خاقانىدىن رازى بولمىغان كىشىلەر مەككارلىق ۋە قورقۇنچاقلىق بىلەن چەت ئەل كۈلىرىنىڭ ئۆز ئېلىگە كىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۆرىنى قوتانغا باشلاشتەك بۇنداق ئەھۋالنى رۇملۇقلارنىڭ يۇنان`غا كىرىشىگە داىر ئىشلاردىن روشەن كۆرگىلى بولىدۇ . قىزىقارلىق يېرى شۇكى، رۇملۇقلار باشقا ئەللئەرگە كىرگەندە، ھەمىشە شۇ ئەلدىكى ئايرىم كىشىلەرنىڭ يوچۇق ئېچىپ بېرىشى بىلەن كىرگەنىدى. ئىشلار ھەمىشە شۇنداق بولىدۇ: چەت ئەل كۈچلىرى مەلۇم بىر رايونغا ئۈسۈپ كىرگەندىن كېيىن، مەزكۈر رايوننىڭ ئاجىز كۈچلىرى ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمدارلىرىدئىن قانا`ئەت تاپماي ياكى ئۇلارغا ھەسەت قىلىپ، تاجاۋۇزچى چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىستىلا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەل بولغان رايوندىكى ئاجىز كۈچلەرنى ئۆزىگە تارتىش كېرەك. چۈنكى، ئۇلار ئىستېلاچىلارنىڭ ھاكىمىيىتى بىلەن ئۆزى خالاپ سىڭىشىدۇ. ئىستېلاچى ئەنە شۇ كۈچلەرنىڭ زورىيىپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىگە تەھدىت بولۇشىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك. ئىستېلاچى ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، ئاجىز كۈچلەرنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئىستىلا رايونىدىكى كۈچلۈك گۇرۇھ مەز`ھەپلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدۇ ۋە ئۆزىنى ئاشۇ رايوننىڭ مەڭگۈلۈك ھۆكۈمدارغا ئايلاندۇرىدۇ. ئەگەر، ئىستېلاچى بۇلارنى مۇۋاپىق ھەل قىلالمىسا قولغئا كەلتۈرگەن ھەممە نەرسىلەرنى تېزلا قولدىن بېرىپ قويىدۇ. ئۇ مەزكۇر رايوننى باشقۇرغان ئەھۋالدىمۇ ئاۋارىچىلىق كۆپ بولىدئۇ.
بۇ جەھەتتە رۇملۇقلار ياخشى نەمۇنىدۇر. رۇملۇقلار ئۆزى ئىستىلا قىلغان بارلىق رايونلاردا بۇ قاىدىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلدى. رۇملۇقلار ئىستىلا رايونىغا مۇستەملىكە يۈرگۈزگەندە، ئاجىز، كىچىك ئەللەرنى سىلاپ-سىپىدى، ئەمما، ئۇلارنى كۈچەيتىۋەتمىدى. ئۇلار كۈچلۈك گۇرۇھلارنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، چەت ئەل ھۆكۈمدارلىرىنىڭ مەزكۇر رايونغا تەسىر كۆرسىتىشىگە يول قويمىدى ۋە باشقىلار. بۇ يەرگئە كەلگەندە، مەن يۇنان`غا داىر مىساللارنى قەيت قىلىپ ئوتەي. ئەينى ۋاقتتا، يۇناندىكى ئاركايالىقلار بىلەن ئاتېرىيالىقلار ھەمكارلىشىپ ماكېدون خانلىقىنى بويسۇندۇردى. ئانتىوكونى قوغلاپ چىقاردى. شۇنداق بولسىمۇ، رۇملۇقلار ئاركايالىقلار بىلەن ئاتېرىيالىقلار ئەجرىگە يۈز قاراپ، ئۇلارنىڭ كۈچىيىشىگە يول قويىۋەتكىنى يوق. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ زورىيىشىنى ئامالىنىڭ باەرىچە توستى. رۇملۇقلارغا ھەمكارلاشقان فىلىپقا نىسبەتەن، پىلىپ گەرچە ئۆزىنىڭ رۇملۇقلارغا بولغان دوستلىقىنى پەش قىلىپ سۆزلىگەن بولسىمۇ رۇملۇقلار ئۇنىڭغا رەھىم قىلماي جايلىۋەتتى. ئانتىوكو كۈچلىرى شۇ قەدەر ئاجىز بولسىمۇ، روملۇقلار ئۇنى ھېچقانداق مەرتىۋىگە ئېرىشتۇرمىدى. رۇملۇقلارنىڭ يۇقىرىقىدەك تەدبىرلىرىنى بارلىق ئاقىل ھۆكۈمدارلار ئۆگىنىشكە تېگىشلىك: ھۆكۈمدارغا نىسبەتئەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئويلىشى لازىم بولغىنى كۆز ئالدىدىكى كۆرۈنۈپ تۇرغان قىيىنچىلىقلا بولۇپ قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ-خەتەرلەر ھەققىدىمۇ باش قاتۇرىشى كېرەك. بىر دانا ھۆكۈمدار كەلكۈندىن بۇرۇن توغان تۇتۇشى، خەر خىل خەۋپلەرگە نىسبەتەن ئالدىنى ئېلىش تەييارلىقىنى قىلىپ قويىدۇ. يېڭى بايقالغان ۋاقتىدىكى خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئونگاي، لېكىن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئەۋجى يېتىپ كەلگەندە ئىش تۈگەشكەن بولىدۇ. بۇ خۇددى كېچىكىپ بايقالغان ئۆپكە كېسىلىگە ئوخشايدئۇ. دەسلەپكى باسقۇچتىكى كېسەلنىڭ بايقىلىشى تەس بولىدۇ. ئەمما، دىاگونۇز قويۇپ بايقالسىلا داۋالاش قىين`غا توختىمايدۇ. لېكىن كېسەل ئەڭ باشتا تەكشۈرۈپ بايقالمىسا ۋە كېسەلگە لايىق رېتسىپ قوللىنىلمىسا، ئاي-كۈنلەر ئۆتۈپ كېسەل ئېغىرلاشقاندا بئايقالسا، ئىش كېچىككەن بولىدۇ. بۇ قاىدىنى دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا تەدبىقلىغى بولىدۇ. ئەگەر، بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمدارى دۆلەتتىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ئۆتكۈرلۈك بىلەن ئالدىن سېزەلىسە (بۇنداق قىلىش ئەڭ دانا كىشىلەرگە نېسىپ بولىدۇ)، ئۇ يۈز بەرگۈسى ئىشلارنىڭ تەدبىرىنى ئالدىن تۈزەلەيدۇ. ئەگەر، ھۆكۈمدار ئىنچىكە ۋە تىرىشچان بولمىسا، خەۋپ-خەتەر ئاستا-ئاستا تەرەقى قىلىپ، جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە قانچە قىلسىمۇ پايدىسى بولمايدۇ. شۇڭا، ئەينى دەۋردىكى رۇملۇقلار كەلمىش خەۋپ- خەتەرنى يىراقتىن بايقئاپ، ئۇنى يوق قىلغان. ئۇلار ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن خەۋپ-خەتەرلەرنىڭ يوشۇرۇن تەرەققىياتىغا قىلچە يول قويمىغان . چئۈنكى، ئۇرۇش ساقلانغىلى بولمايدىغان ئىش. ۋاقت سوزۇلسا، بۇنىڭ پايدىسى قارشى تەرەپكە بولىدۇ. رۇملۇقلار بۇنى ناھايىتى يئاخشى چۈشەن`گەچكە، ئەينى ۋاقتتىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرىدىن بولغان پىلىپ ۋە ئانتىوكولارغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئىتالىيىدە كەلگۈسىدە ئۆزلىرىگە قارشى يۈز بېرىدىغان ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالغان . گەرچە، رۇملۇقلار ئەينى ۋاقتتا بۇ ئىككى مەيدان ئۇرۇشتىن ساقلىنالىسىمۇ، ئۇنداق تاللاشتىن ۋاز كەچكەن. رۇملۇقلار بىز ھەمىشە دانىشمەنلەرنىڭ ئاغزىدىن ئىشتىدىغان: <> دېگەندەك ئىبئارىلەرنى ئەزەلدىن ياقتۇرمايتتى. ئەكسىچە، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا ۋە پەخەسلىك بىلەن چىقارغان ھۆكۈملىرىگىلا ئىشىنەتتى. چۈنكى، ۋاقت ئۆزى بىلەن ئەگەشتۈرۈپ ھەممە نەرسىنى ئېلىپ كېلىدۇ: ئۇ ياخشى ئىشلارنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ ، يامان ئىشلارنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ ياكى ھەر ئىككىسىنى تەڭلا ئېلىپ كېلىدۇ.
ئەمدى بىز دىققەتنى فرانسىيىگە ئاغدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ باقايلى، ئۇ يۇقىرىقىدەك قىلغانمۇ-يوق. مەن چارلىز ھەققىدە سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن، پەقەتلا لۇى ھەققىدە توختىلاي. چۈنكى، لۇىنىڭ ئىتالىيىنى بېسىپ ياتقان ۋاقتى ئۇزۇنراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنى كۈزىتىشمۇ ئوڭايراق. كۈزىتىشلەر ئارقىسىدا شۇنى بايقىدۇقكى، لۇىنىڭ ھەرىكىتى يات بىر ئەلدە ھاكىمىيەت تۇتۇشتا قىلىشقئا تېگىشلىك ئىشلارغا تۈپتىن خىلاپ.
فرانسىيە پادىشاھى لۇى دەل ۋېنېتسىيىلىكلەر باشلاپ كەلگەن بورە، ۋېنېتسىيىلىكلەر لۇىنى تاجاۋۇز قىلدۇرۇش ئارقىلىق لومباردىيەنىنگ (ئىتالىيىنىڭ بىر مەمۇرىي رايونى) يېرىمىگە ئېرىشمەكچى بولغانىدى. مەن بۇ يەردە فرانسىيە پادىشاھىنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، بىر قىسىم يەرلەرنى ئىگىلىۋالغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ ئولتۇرماي. چۈنكى، ئۇ ئىتالىيىدە پۇت دەسسەپ تۇرالىغۇدەك بىر جاي ھازىرلىماقچى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىتالىيىدە ئۇنىڭ دوستلىرى يوق ئىدى. بۇرۇن پادىشاھ چارلىزنىڭ ھەرىكىتى قارشى ئېلىنمىغاچقا ، لۇىنىڭ ئىتالىيىدىن دوست تېپىش تىرىشچانلىقىمۇ ئىزچىل مەغلۇپ بولدى. لۇىنىڭ باشقا ئىشلىرىدا خاتالىق سادىر بولمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئىتالىيىگە باستۇرۇپ كىرىشتىكى مۇددىاسىمۇ ئەمەلگە ئاشقان بولاتتى. پادىشاھ لۇى لومباردىيىنى ئىگىلەش بىلەم قايتا قولغا ئالدى. رىنايئا ئۇنىڭغا باش ئەگدى. فلورېنىسىيىلىكلەر دوستقا ئايلاندى. ماركىز مانتۇيا، كىنەز فېررارا، ۋانتىۋورى، فىلىف خانىم، لودفاېنزا، پاسسارو، رىمىلى، كامارىلو، پىوموبىنو (بۇ كاتتىلار ئىتالىيىدىكى ھەرقايسى شەگەر دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى.) قاتارلىق ئاقسۆڭەكلەر ھئەمدە لۇگالىقلار، پىسسالىقلار، سىيىنالىقلار لۇىغا دوستلۇق قولىنى ئۇزاتتى. ۋېنېتسىيىلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ شۇم غەرىزى تۈپەلىدىن كېلىپ چھىققان يامان ئاقىۋەتنى پەقەت شۇچاغدىلا چۈشەندى! ئۇلار لومباردىيىنىڭ بىر قىسىم كىچىك شەھەرلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىتئالىيىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم زېمىنىنى فرانسىيىنىڭ باشقۇرۇشىغا تۇتۇپ بەردى!
قېنى، قىياس قىلىپ باقايلى، ئەگەر فرانسىيە پادىشاھى لۇى مەن يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكەن ئىستىلا رايونىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرى بويىچە ئىش تۇتقان بولسا، ئىتالىيىدە ئېرىشكەن زېمىن ، دوستلۇق، ئابرۇي قاتارلىقلارنى ھېچقانچە كۈچ سەرپ قىلمايلا ساقلاپ قالالايتتى. گەرچە، لۇىنىڭ ئىتالىيىدىكى دوستلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار زەىپ ۋە قورقۇنچاق بولۇپ، بەزىلىرى دىنىي ھاكىمىيەتتىن ، يەنە بەزىلىرى ۋېنېتسىيىلىكلەردىن قورقاتتى. شۇڭا، ئۇلار لۇىغا ئەگەشمىسە بولمايتتى. لۇى ئۆزىگە ئەگەشكەن ئەنە ش دوستلىرىغا تايانغان بئولسا، ئىتالىيىدىكى باشقا كۈچلۈك گۇرۇھلارنى ئاسانلا بەربات قىلالايتتى. كىشىنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، لۇىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى دەل بۇنىڭ تەتۈرىچە بولدى. پادىشاھ لۇى مىلان`غا كىرگەندىن كېيىن ئۆز ھاكىمىيىتىنى تۈگەشتۈرىدىغان ئىشنى قىلغئان: پاپا ئالېكساندر(ئەسلى ئىسمى رودرىگو بورجىا1413-1503 ئۇ پارا بېرىش ئارقىلىق رىم پاپاسى بولغان. ئۇ تەختكە ئولتۇرغاندا پاپىنىڭ ھوقۇقى كۈنسايىن ئاددىيلاشقان، ئۇ نىكاھسىز تاپقان ئوغلى چىسارى بورجىا ئارقىلىق دىننى قوغدىغۇچى سۈپىتىدە ئىتالىيىنىڭ رئومانا رايونىنى ئۆزىگە قارىتىۋالدى. ) نىڭ رومانانى بېسىۋېلىشىغا ياردەم قىلدى. ئۇ شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئىتالىيىدىكى دوستلىرىدىن ۋە ئۇنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنى ئۆزى ئاجىزلاشتۇرغانلىقىنى ئويلاپ يەتمىگەنىدى. بۇ يەردىكى دىنىي ھاكىمىيەتلەر ئەسلىدىلا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقى بىلەن زور ئىناۋەتكە ئىگە ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا فرانسىيە پادىشاھى ئۇلارغا گھايەت زور ئۆرپ-ئادەت ھوقۇقىنى بېرىۋەتكەنىدى. بۇ خۇددى يولۋاسقا قانات چىقىرىپ قويغاندەك بىر ئىش بولدى. فرانسىيە پادىشاھئى بىرىنچى قېتىملىق خاتالىقنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن يەنە كەينى-كەينىدىن خاتالىق ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. ئاخىرىدا ئۇ ئالېكسئاندرنىڭ تېسكارانى ئىگىلىۋېلىشتەك قارا نىيىتىنى توسۇش ئۈچۈن ئۆزى ئىتالىيىگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولدى.
پادىشاھ لۇىنىڭ خاتالىقى مۇنداق: ئۇ رۇم دىنىي ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇۋەتتى ھەم نۇرغۇن دوستلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. تئېخى بۇاز كەلگەندەك ناپلېس پادىشاھلىقىغا كۆز تىكىپ ، ئۇنى ئىسپانىيە پادىشاھى بىلەن تەڭ بۆلۈشمەكچى بولدى. پادىشاھ لۇى ئىتئالىيىنىڭ خوجايىنى بولۇپ تۇرۇقلۇق ئۆزىگە پۇت ئاتىدىغان يەنە بىر كۈنى پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، لۇى بويسۇندۇرغان جايدىكى قارانىيەتلەر ئۆزلىرىنىڭ دەرد-ھەسرىتىنى تۆكۈلدىغان خوجايىنغا ئېرىشىۋالدى. ئەسلىدە پادىشاھ لۇى بويسۇندۇرۇلغان رايوننىڭ ھۆكۈمدارىنى ۋەزىپىسىدە قويۇۋېرىپ، ئۇنى ئۆزىگە ئولپان تۆلەتكۈزگەن بولسا بولاتتى. بىراق، لۇى ئۆزىگە ئولپان تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئادەمنى(ناپلېس ئاراگەن پادىشاھى فېكېرىكو 1 نى كۆرسىتىدۇ) قوغلىۋېتىپ ئۆزىنى قوغلىۋېتەلەيدىغان يەنە بىر ئادەمنى-ئىسپانىيئە پادىشاھىنى-باشلاپ كەلدى.
زېمىن`گە ئېرىشىش ئادەملەردە بولىدىغان ئىنتايىن تەبىىي ئارزۇ، كىشىلەر بۇ ئارزۇنى كۈچى يېتىدىغان داىرىدە ئەمەلگە ئاشۇرغاندا، ئەيىبلەشكە ئەمەس، بەلكى ماختاشقا سازاۋەر بولىدۇ. لېكىن، ئارمان`غا لايىق دەرمان بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇرۇنۇسھ قىلسا، ئۇنىڭ نەتىجىسى بۇ خىل قىلمىشنىڭ تەنبىھلەشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەگەر، فرانسىيە پادىشاھى ئەينى ۋاقتتا نئاپلېسقا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئېرىشەلىگەن ئىكەن، ئىسپانىيە پادىشاھى بىلەن بۆلۈشۈۋېلىش ئۈچۈن ھەمكارلاشماسلىقى لازىم ئىدى. فرئانسىيە پادىشاھىنىڭ ۋېنېتسىيىلىكلەر بىلەن بىرلىكتە لومباردىيىنى بۆلۈۋېلىشى فرانسىيە پادىشاھىنىڭ ئىتالىيىدىن يىڭنە پاتقۇدەك ئورۇنغا ئېرىشىۋېلىشنى ئويلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دېيىلسە، بۇ توغرا بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا، فرنسىيە پادىشاھىنىڭ ناپلېسنى ئىككىنچى قېتىم ئىسپانىيە پادىشاھى بىلەن بىرلىشىپ بۆلۈۋېلىشى خاتا بولىدۇ. چۈنكى، ئىككىنچى قېتىمقىسىدا ئەقىلگە مئۇۋاپىق ئاساسلار كەم.
شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ لۇى بەش قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولدى: زەىپ گۇرۇھلارنى يوقىتىپ، ئىتالىيىدىكى كۈچلۈك گۇرۇھلارنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ زورايتىۋەتتى. كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە تاىپىلەرنى (ئىسپانىيە پادىشاھى فېردىناندو 2 نى كۆرسىتىدۇ) ئىتالىيىگە باشلاپ كىردى. ئىتالىيىدە ئۆزى پۇت قويۇپ تۇرمىدى، ئىتالىيىگە قارىتا مۇستەملىكە سىياسىتى ئېلىپ بارمىدى. ئۇ ئەنە شۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلغان بئولسىمۇ، ۋېنېتسىيىلىكلەرنىڭ زېمىنىنى تارتىۋېلىشتەك ئالتىنچى خاتالىقنى ئۆتكۈزۈشى سەۋەبلىك ئۇنىڭ بۈيۈك شان-شۆھرىتىنىڭ ھايئات چېغىدىلا سۇنۇشى ناتايىن ئىدى. ئەگەر، ئۇ رۇم دىنىي ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچىنى كېڭەيتىۋەتمىگەن بولسا، ئىسپانىيىلىكلەرنى ئىتالىيىگە باشلاپ كەلمىگەن بولسا، ۋېنېتسىيىلىكلەرنىڭ پادىشا لۇ`ئىغا باش ئۇرۇشى مۇقەررەر ئىدى. لۇى يۇقىرىقىدەك سەۋەنلىكلەرنى ئۆتكۈزگەن ئىكەن، ۋېنېتسىيىنىڭ ھالاكىتىگە قاراپ تۇرمىسا بولاتتى. ۋېنېتسىيىلىكلەر كۈچەيسە باشقىلارنىڭ لومباردىيەگە كۆز تاشلىشئىغا يول قويمايتتى. چۈنكى، ۋېنېتسىيىلىكلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، لومباردىيەگە ئۆزىلا خوجايىن بولىشى كېرەك ئىدى. يەنە باشقا دۆلەتلەرمۇ لومباردىيەنى فرانسىيەنىڭ قولىدىن ۋېنېتسىيىلىكلەرگە ئېلىپ بېرىشنى خالىمايتتى. چۈنكى، چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ھەر ئىككىسى بىلئەن دۈشمەنلەشكۈدەك قۇدرىتى يوق ئىدى.
بەزىلەر فرانسىيە پادىشاھى لۇىنى ئاقلاپ، ئۇنىڭ رومانانى پاپا ئالېكساندىر ۋى گە بېرىۋېتىشى، ناپلېسنى ئىسپانىيەگە بېرىۋېتىشى ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن دېيىشىدۇ. بۇنىڭغا مېنىڭ بېرىدىغان جاۋابىم مۇنداق: بىر ھۆكۈمدار ئۇرۇشتىن ساقلانماقچى بولىدىكەن، قالايمىقانچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ئۇنداق قىلىش بىلەنلا ئۇرۇشتىن ساقلانغىلى بئولمايدۇ. ئۇرۇشنىڭ پارتلاش ۋاقتىنى كەينىگە سوزۇشنىڭ پايدىسى يوق. ئېھتىمال، بەزىلەر فرانسىيە پادىشاھى لۇىنىڭ پاپىغا ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا يار-يۆلەك بولىشى پاپىنىڭ پادىشاھ لۇىنىڭ نىكاھىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قوشۇلغانلىقى، شۇنداقلا رۇاننىڭ كاردىنال بولۇشىنى شەرت قىلغانلىقى، دەپ ئىزھارلىشار. بۇنىڭغا قارىتا، ھازىرغىچە جاۋاپ قايتۇرماي، ھۆكۈمدارلارنىڭ شان-شەرىپى ھەققىدىكى بايانلاردا چۈشەنچە بەرمەكچىمەن.
فرانسىيە پادىشاھى لۇىنىڭ لومباردىيىنى قولدىن بېرىپ قويۇشى ئۇنىڭ يوقىرىدا دېيىلگەن ئىستېلا رايونىنى ساقلاپ قېلىشىدا رىايە قىلىشقا تېگىشلىك قاىدىلەرگە سەل قارىغانلىقىدىن بولغان. شۇڭا، ئۇنداق بولۇشنىڭ ھەيران قالغۇدەك يېرى يوق، ئۇ ئەقىلدىن تاشقىرى ئىشلار ئەمەستۇر. ۋالونتىنو (پاپا ئالېكساندر ۋى نىڭ ئوغلى، كىشىلەر ئۇنى چىساى بورجىا دېيىشىدۇ) رومانانى ئىگىلەپ تۇرغئان مەزگىلدە، مەن نانىتتا كاردىنال رۇان ھەزرەتلىرى بىلەن سۆھبەتتە بولغىنىمدا ئۇ مۇشۇ خىل تارىخىي ھادىسىلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەنىدى: ئىتالىيىلىكلەر ئۇرۇشنى چۈشەنمەيدۇ، مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن، فىرانسىيىلىكلەر سىياسىنى چۈشەنمەيدۇ ئەگەر چۈشئەنسە، رۇم دىنىي ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە يول قويمىغان بولاتتى. ئەمىلىيەتتە، رۇم دىنىي ھاكىمىيىتى بىلەن ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى فرانسىيىلىكلەر ئۆزى كەلتۈتۈپ چىقاردى. بۇنىڭدىن بىز ئەبەدىي توغرا بولغان مۇنداق ئومۇمىي پرىنسىپقئا ئېرىشىمىز: كىم باشقىلارنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن، شۇ ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، بۇنداق كۈچىيىش سۇيىقەست ياكى زوراۋانلىقتىن كەلگەن بولغاچقا، كۈچەيگۈچى ئىزچىل تۈردە گۇمان پوزىتسىيەدە بولىدۇ.

نىككولو ماكياۋىللى [ئىتالىيە] (قىسقارتىلدى)


تۆتىنجى باپ

ئېلىشىش بىلەن تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ قايسىسى تەس، قايسىسى ئاسان؟

ھاكىمىيەتنى مۇقۇملاشتۇرۇشقا دۇچ كېلىدىغان مۈشكۈللەردىن گەپ ئاچقاندا، كىشىلەر مۇنداق بىر تارىخى ئەمەلىيەتنىڭ تىگىگە ئويلاپمۇ يېتەلمەسلىكى مۇمكىن: قىسقىغىنا بىر نەچچە يىل ئىچىدە، ئىمپەراتور ئىسكەندەر(ماكدونىيە پادىشاھى ئىسكەدەرنى كۆرسىتىدۇ) مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاسىيانىڭ خوجايىنى بولۇۋالدى ئۇ پۈتۈن ئاسىيا زېمىنىنى ئېلىپ بولماي تۇرۇپلا ئاخىرەتكە سەپەر قىلدى. ئادەتتىكى قاراش بويىچە، ئاشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا دۆلەتتە ئوڭايلا ماىلمان پەيدا بولاتتى. بىراق، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئىسكەندەرنىڭ ۋارىسلىرى ئامان-ئېسەن ھالدا دۆلەتنى تۇتۇپ تۇرالىدى. ئۆزلىرىنىڭ يامان غەرىزى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بەزى ئاۋارىچىلىقلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇلار باشقا ئاۋارىچىلىكلەرگە يولۇقمىدى.
بۇ ھادىسىگە نىسبەتەن پېقىر مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: تارىختىن بۇيانقى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئاساسەن ئىككى خىل بولغىن. بىرى پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ مالايلىرىنىڭ ئورتاق ئىدارە قىلىشى(بۇنىڭدا مالايلار پادىشاھنىڭ ھىممىتى بىلەن ۋەزىر سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ دۆلەت باشقۇرىدۇ)؛ يەنە بىرى، پادىشاھ ۋە بەگ لەر بىرلىشىپ خاندانلىقنى ئىدارە قىلىدۇ(بۇنىڭدا بەگلەر بەھرىمەن بولىدىغان ئىمتىياز پادىشاھنىڭ ھىممىتىدىن ئەمەس، بەلكى بۇرۇنقى قانداشلىق مۇناسىۋىتىدىن كەلگەن بولىدۇ.) بەگلەردە ئۆزىنىڭ تېررىتورىيىسى ۋە پۇقراسى بولىدۇ، بۇ پۇقرالار بەگىن ئۆزىنىڭ خوجايىنى دەپ بىلىپ ھىمايە قىلىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان بىرىنچى خىل ئىدارە ئۇسۇلىدا، پادىشاھ زور ئىمتىيازغا ئىگە بولغىن بولىدۇ، پادىشاھدىن ئارتۇق ھېچكىم بولمايدۇ، پۇقرا ۋەزىر-ۋۇزرالارنى پادىشاھنىڭ ئەمىرى دەپ بىلىپ ئىتاەت قىلىدۇ. شۇڭا، پۇقرالاردا ئۇلارغا نىسبەتەن ئالاھىدە ھېسسىيات بولمايدۇ.
دەۋرىمىزدىكى تۈركىيە بىلەن فرانسىيە يۇقىرىقى ئىككى تىپقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تۈركىيە بىرلا پادىشاھنىڭ ئەمىر ئاستىدىكى ئەل بولۇپ ، ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ۋەزىر ۋە مالايلاردۇر. تۈركىيە پادىشاھى ئۆزىنىڭ سەلتەنەت ئاستىدىكى بەش ئەلنى بىر قانچە شتاتقا بۆلۈپ، ئۇنى باشقۇرۇشقا ھەر خىل مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتكەن. پادىشاھ ئۇلارنى خالىغانچە ئۇياق-بۇياققا قىلالايدۇ. فرانسىيە پادىشاھى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. فرانسىيە پادىشاھى بۇرۇندىن بار بولغىن بىر تۈركۈم ئاقسۆڭەكلەر توپىنىڭ ئارىسىدا قالغان . بۇ ئاقسۆڭەكلەر ئۆزلىرى تۇرغان تېررىتورىيىدىكى پۇقرالار تەرىپىدىن خوجايىن دەپ قارىلىپ، ئۇلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن. ئۇلار ئۆزىگە خاس ئىمتىيازغا ئىگە، پادىشاھ ئۇلارنى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلالمايدۇ، ئۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، تەۋەككۈلچىلىك بولاتتى. يۇقىرىقىلاردىن مۇنداق يەكۈننى چىقىرىمىز: تۈركىيە پادىشاھىنىڭ سەلتەنەتى ئاستىدىكى زېمىنىنى ئېلىش قىيىن، ئەمما ئېلىۋالغاندىن كېيىن ساقلاپ قېلىش ئوڭاي. ئەكسىچە، فرانسىيە پادىشاھى تۇتۇپ تۇرغان زېمىننى ئېلىش ئوڭاي، تۇتۇپ تۇرۇش تەس.
تۈركىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىكى زېمىنىنى ئىگىلەشنىڭ قىيىنلىقىدىكى سەۋەب شۇكى، تاجاۋۇزچىلارنى پادىشاھنىڭ بەگ- ۋەزىرلىرى باشلاپ كىرگەن بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، پادىشاھنىڭ چۆرىسىدىكى ئادەملەرنىڭ ساتقىنلىقىدىن پايدىلىنىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، بۇ پادىشاھىنىڭ ۋەزىر-سىپاھلىرى ئۇنىڭ قۇللىرىدىنلا ئىبارەت بولغاچقا، ئۇلارنى سېتىۋېلىپ ئىندەككە كەلتۈرۈش تەس. سېتىۋالغان تەقدىردىمۇ ئۇلاردىن نەپ ئالغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار خەلقنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا تۈركىيە سەلتەنىتىنى بويسۇندۇرىمەن دېگەن كىشى ئالدى بىلەن ئىدىيىۋى تەييارلىقىنى پۇختا قىلىپ، ئۆزى نىشان قىلىۋاتقان ئەلنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۈچ ئىكەنلىكىنى ئوبدان چۈشىنىشى، باشقىلارنىڭ ئىچكى قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىگە ئەمەس، بەلكى ئاساسەن ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىش لازىم، ئەلۋەتتە. ئىستىلاھچى تۈركىيە پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇرۇشتا تۈركىيە پادىشاھىنى مەغلۇپ قىلىپ، قورال كۈچىنى يوقىتىپ مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدىغان قىلسا، كېيىنچە پادىشاھ جەمەتىدىن باشقا ھېچكىمدىن ئەنسىرىگۈدەك خەۋپكە تېخىمۇ ئورۇن قالمىغان بولىدۇ. چۈنكى، خەلق پادىشاھىدىن ئۆزگىلەرگە ئىشەنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە غالىبلار ئۆز غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئۇلارغا تايانمىغاچقا، غەلىبىدىن كېيىن ئۇلاردىن ئەيمىنىش تامامەن ئورۇنسىز ئىش بولىدۇ.
ئەگەر ئىستىلاھ نىشانى فرانسىيىدەك ئەل بولسا، ئەھۋال ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. بۇنداق ئەلگە باستۇرۇپ كىرىش ناھايىتى ئوڭاي، چۇنكى ئۇنىڭ ئاقسۆڭەكلىرىنى ئۆزىگە تارتسىلا كۇپايە. بۇ ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمەتتىن نارازى بولۇپ، ئۆزگىرىش قىلىشنى نىيەت قىلىپ تۇرغان بولىدۇ. ئۇلار ئىستىلاھچىلارغا قولايلىق بېرىپ، ئىستىلاھچىلار ئاسانلا غەلىبىگە ئېرىشىۋالىدۇ. بىراق، ئىستىلاھتىن كېيىن بۇنداق ئەلنى ساقلاپ قېلىش ئاۋارىچىلىك ۋە قىيىندۇر. بۇ نۇرغۇن مۈشكۈلاتلار ئاشۇ ساڭا ياردەم قىلغان ئادەملەردۇن شۇنداقلا ئۆزۇڭ ئەزگەن كىشلەردىن كېلىدۇ. ھۆكۇمرانلار جەمەتىنى يوق قىلىشنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك بولالمايدۇ. چۇنكى، قېپقالغان باشقا ئاقسۆڭەكلەر پادىشاھىنىڭ ئورنىغا چىقىپ، بىر مەيدان ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىرىدىن بولۇپ قېلىش خەۋپى بار، سەن ئۇلارنى ئاسانلىقچە رازى قىلالمايسەمۋەۈزۈل-كېسىل يوقىتالمايسەن. شۇڭا، پۇرسەت يېتىپ كەلسىلا، ئۇلار تۇغ كۆرۈرۈپ چىقىدۇ-دە، بۇ ئەلدىن مەھرۇم بولىسەن.
ئەمدى دارا(پارىد شاھى) خانلىقى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارايلى. بىزنىڭ بايقىشىمىزچە، دارا خانلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى تۈركىيە پادىشاھلىقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بۇ ئەلگە يۈرۈش قىلىش ۋە ئۇنى ئىگىلەش ئۈچۈن ، ئىمپېراتور ئىسكەندەرنىڭ ئالدى بىلەنپادىشاھ دارانى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشى زۆرۈر بولدى، ئاندىن تېررىتورىيىنى ئىگىلىدى. غەلبىدىن كېيىن دارا ئۆلدى، ئىسكەندەر ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىدى. ئەگەر ئىسكەندەرنىڭ ۋارىسلىرى ئىچكى نىزا تۇغدۇرماي ئىتتىپاقلىشىدىغەان بولسا، ئۇلار بۇ ئەلگە بولغان ھۆكۈمرنلىقىنى بىمالال داۋام قىلغان بولاتتى، دۆلەتتىمۇ مالىمان كېلىپ چقمايتتى. بىراق فرانسىيىدەك دۆلەتنى ئۇنداق ئاسان بويسۇندۇرغىلى بولمايدۇ. فرانسىيە، ئىسپانىيە، گېرتسىيە(يۇنان) لەردە ھە دېسىلا رۇملىقلارغا قارشى مالىمان يۈز بېرىشنىڭ سەۋەبى بۇ دۆلەتلەردە نۇرغۇن كىچىك خاندانلىقنىڭ بوغانلىقىدۇر. كىشىلەرنىڭ ئەسلىدىكە ئۆز دۆلىتىگە بولغان خاتىرىسى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، رۇملىقلار ئۆزلىرى ئىگىلىگەن رايونىنى مۇقىم تۇتۇپ تۇرالمايدۇ. ئەمما رۇم ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىمتىيازى ۋە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت دەۋام قىلىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئۆتمۈشتىكى دۆلەتلىرى ھەققىدىكى خاتىرىسى ئۆچۈپ، ئاخىر رۇملۇقلار بۇ ئەلنىڭ شەكسىز خوجايىنىغا ئايلاندى. رۇملىقلاردا ئىچكى قالايمىقان يۈز بەرگەندە، ئۇلارنىڭ ھەرقاندىقى ئۆزى تۇرغۇزغا نوپۇزى بىلەن ئۆزارا كۈچ سىنىشالايدۇ. چۈكى، بۇرۇنقى خان جەمەتى ئاللىبۇرۇن تۈگىگەن، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە رۇملىقلاردىن ئۆزگە ھۆكۈمران يوق ئىدى.
يۇقىرىقىدەك بىر قاتار تارىخى ئەمەلىيەتنى كۆرگەن ئىكەنمىز، مۇنۇ ئەھۋالدىن تەەججۈپ ھېس قىلمايمىز: ئىسكەندەر ئاسىيانى ئوڭايلا ئالدى. يەنە بەزىلەرنىڭ (پېرىس گۇرۇھى ۋە باشقىلار) ئۆزى ئالغان زېمىنىنى تۇتۇپ تۇرۇشى ئىنتايىن تەس بولدى. بۇ خىل ھالەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىل غالىپلارنىڭ ئىقتىدارىدىكى پەرقتە ئەمەس ، بەلكى ئىستىلاھ رايونىنىڭ ئەھۋالىدىكى كۆپ خىللىقتا.

بەشىنچى باپ

ئەركىنلىك ۋە تەرتىپ: ئىستىلاھچىنىڭ دۈشمىنى

ئەركىنلىك ۋە تەرتىپ تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىغا ۋە دىيانەت-شەپقەتلىرىنىڭ ئالدىمىغا دۇچ كەلسىمۇ، بەرىبىر ھۆر خەلقنىڭ قەلبىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتمەيدۇ.
بۇ خىل ئەھۋالغا نىسبەتەن، ئەڭ ئىشەنچىلىك ئۇسۇل شۇكى، ئۇلارنى تولۇق يوقىتىۋېتىش ياكى ھۆكۈمراننىڭ ئىستىلاھ رايونىدا تۇرۇشىدۇر.
ئەگەر ئىستىلاھ قىلىن`غۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ قانۇنى ئاستىدا ئەركىن ياشاشقا ئادەتلەڭەن بولسا، بۇنداق ئىستىلاھ رايونىنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار. بىرىنچىسى ئۇلارنى پاكىزە يوقىتىش، ئىككىنچىسى، ئىستىلاھچىنىڭ ئىستىلاھ رايونىدا تۇرۇشى، ئۈچىنچىسى، ئىستىلاھ قىلىنغان ئەللەرنىڭ ئەسلىدىكى قانۇنى بويىچە ياشىغىلى قويۇش، ئەمما ئۇلارنى ئولپان بەرگۈزۈش، ئىستىلاھچىلارغا دوستانە مۇامىلىدە بولىدىغان ئاز ساندىكى كىشىلەردىن تۈزۈلگەن قۇلىقى يۇمشاق ھۆكۈمەتتىن بىرنى قۇرۇش. بۇ ھۆكۈمەت ئىستىلاھچىلار ھۆكۈمرانى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ھۆكۈمەت بولغاچقا، ئاشۇ ھۆكۈمراننىڭ دوستلۇقى ۋە ھىمايىسى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. شۇڭا، ئۇنداق ھۆكۈمەت ھۆكۈمرانىغا ئىنتايىن سادىق بولىدۇ. ئىستىلاھچى ھۆكۈمران ئەركىن تۇرمۇشتا ئادەتلەڭەن شەھەرنى تۇتۇپ تۇرماقنى ئويلايدىكەن، ئۇنداقتا، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە مۇشۇ شەھەر پۇقرالىرىغا تايىنىش باشقا ئۇسۇلغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە ئىشەنچلىكتۇر.
سپارتالىقلار بىلەن رۇملىقلار دەل ئاشۇ جۈملىدىندۇر. سپارتلىقلار ئىستىلاھ قىلغان رايوندا ئولىگارخ ھاكىمىيەتا( ئىستىلاھ رايونىدىكى ئاز ساندىكى كىشىلەردىن تۈزۈلگەن ئىستىلاھچىغا سادىق ئاز سانلىقلار ھاكىمىيىتى.) تىن بىرنى تىكلەش ئارقىلىق ئافىنا بىلەن تىبىس قوغداپ قالغانىدى. بىراق ئاخىرقى ھېساپتا سپارتالىقلار ئافىنا بىلەنتىبىس يەنە قولدىن بېرىپ قويدى. رۇملىقلار كاپۇا( مىلادىدىن ئىلگىرى 221-يىلى بەربات بولغان)، كارتاجىن (مىلادىدىن ئىلگىرى 146-يىلى بەربات بولغان)، نۇمانزىيە(مىلادىدىن ئىلگىرى 133-يىلى بەربات بولغان) قاتارلىق جايلارنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بۇ يەرنىڭ خەلقلىرىنى كۆزىدىن يوق قىلدى. شۇڭا، ئاقىۋەتتە، رۇملىقلار مەزكۈر رايونلارنىقولدىن بېرىۋەتمىدى. بىراق، رۇملىقلار يۇنانىنى سپارتالىقلار ئىشلەتكەن ئۇسۇل بىلەن ساقلاپ قېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، يۇنانلىقلارغا ئەركىنلىك بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ قانۇنى بويىچە ياشاشتا يول قويغان بولسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا غىبە قىلالمىدى. ئاخىر رۇملىقلار يۇنانىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ رايوندىكى نۇرغۇن شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىشقا مەجبۇر بولدى. چۇنكى، ئىستىلاھ قىلىنغان رايونىنى مۇقىم ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن رۇملىقلاردا ئۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق ئىدى. شۇڭلاشقا، ئىستىلاھچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ بىر شەھەرگە خوجا بولغانىكەن بۇ شەھەرنىڭ پۇقرالىرى ھۆ جاياتقا ئادەتلەڭەن بولسا، ئىستىلاھچىنىڭ ئۇلارنى تولۇق ۋەيران قىلىۋەتمەسلىكى مۇقەررەر ھالدا ئۆز ھالاكىتىنى كۈتۈپ تۇرۇشقا ئوخشاش بىر ئىش بولىدۇ. نەتىجىدە بۇ شەھەرنىڭ خەلقلىرى پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەن ئەھۋال ئاستىدا ئەركىنلىك باھانىسىدە غەلىيان كۆتۈرىدۇ ۋە بۇ شەھەرنىڭ قەدىمكى قانۇنى ۋە تەرتىپ-ئىنتىزامىنى تىرىلدۈرمەكچى بولىدۇ. مانا بۇ ئەركىن تۇرمۇشتىكى شەھەرنى غەرق قىلىۋېتىشرىكى زۆرۈرلۈكنىڭ سەۋەبى، ئەركىنلىك ۋە تەرتىپ تارىخنىڭ بوران- چاپقۇنلىرىغا ۋە دىيانەت-شەپقەتلىرىنىڭ ئالدىمىغا دۇچ كەلسىمۇ، بەرىبىر ھۆر ياشاپ كۆڭەن خەلقنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ. ئىستىلاھچى ئىستىلاھ رايونىدىكى يەرلىك خەلقنى خانىۋەيران قىلىۋېتىشى لازىم. بولمىسا، سەن ئۇلارغا قانچىلىك ساراسىمە سېلىدھىڭ ۋە ئۇلاردىن قانچىلىك مۇداپىە قىلىشىڭدىن قەتىينەزەر ئۇلار ئاخىر يەنر ئەركىنلىك ۋە تەرتىپتىن ئىبارەت ئىككى قىممەتلىك ئەنەنىسىنى ھەرگىز ئېسىدىن چىقارمايدۇ، خۇددى پىلوروسىيىلىكلەر تەرىپىدىن بىر ئەسىر مۇستەملىكە قىلىنغاندىن كېيىنكى پىسالىقلارغا ئوخشاش،ئۇلار بەخىتسىزلىككە يولۇققان چاغلىرىدا ئەركىنلىك ۋە تەرتىپ دەۋرلىرىدىكى گۈزەل ئۆتمۈشلىرىنى ياد ئېتىدۇ.
ئەگەر بەزى شەھەرلەرنىڭ خەلقى پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقى ئاسرىدا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئادەتلەڭەن بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئۆز خاقانىنىڭ جەمەتى قۇرۇتىۋېتىلگەن بولسا، ئۇلار بىرلىشىپمۇ يېڭى پادىشاھنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئامالسىز قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەركىن ھايات ئۇلار ئۈچۈن ناتونۇش بولۇپ قالىدۇ ۋە ئۇلار نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، مەزكۇر ئىستىلاھ رايون خەلقلىرىنىڭ ئىگىلىگۈچى ھۆكۈمەت داىرىلىرىگە بولغان قارشىلىق ھەرىكىتى ئاستىلايدۇ، مانا بۇ يېڭى ھۆكۈمرانىنىڭ ئۆزى ئىستىلاھ قىلغان رايونىنى ساقلاپ قېلىشقا قولاي شاراىت تەمىن ئېتىدۇ. ئەگەر ئىستىلاھ ئوبيېكتى جۇمھۇرىيەت بولغاندا، ئەھۋال پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدە زور ھاياتىي كۈچ، دەھشەتلىك غەزەپ-نەپرەت، تەقەززالىق قىساسلىق قەلب مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. بۇ ئىستىلاھ رايون خەلقنى ئۆتمۈشكە ھېرىس بولۇپ، قولىدىن كەتكەن ئەركىنلىكىنى ياد ئېتىدۇ، ئۇلار بۇنى ھەر قېتىم ئەسلىگەندە ئۆزلىرىنى باسالماي قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا نىسبەتەن ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل ئۇلارنى قىرىپ تاشلاش ياكى پادىشاھنىڭ ئىگىلىگەن رايونىدا تۇرۇشىدىن ئىبارەت.

ئالتىنچى باب

ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تاجاۋۇزچىلىق قىلىش

تەرىبىلەر بىزگە ئۇقتۇردىكى، جەمىيەتتە ھېچقانداق بىر ئىش يېڭى قانۇن-تۈزۈملەرنى تۈزۈش كەبى قىيىن ئەمەس، ھېچقانداق ئىشنىڭ ئاقىۋىتى بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىدەك مۆچەرلىگۈسىز ۋە نۇقتىسىز ئەمەس. ئىجرا قىلىشتا ھېچقانداق ئىش مۇشۇ ئىشتەك خەۋپلىك ئەمەس. سەۋەبشۇكى، يېڭى تۈزۈمنىڭ بەرپاچىسى كونا تۈزۈمدە ياشپ نەپ ئالغان كىشىلەرنىڭ دۈشمىنى بولۇپ قالىدۇ. ھتتا، يېڭى تۈزۈمدىن نەپ كۆرگەنلارمۇ يېڭى تۈزۈمنى تولۇق ھېمايە قىلمايدۇ.
قورال ئىشلەتكەن ئەۋلىيا-ئەنبىيالار غەلىبە قىلدى، قورال ئىشلەتمىگەن
ئەۋلىيا-ئەنبىيالار مەغلۇپ بولدى. سەۋەب شۇكى، ئادەتتە ئاۋامنىڭ خاھىشى ئاسان ئۆزگىرىدۇ. ئۇلارنىڭ مەۋقەيىنى ئۆزگەرتىشكە قايىل قىلىش ئوڭاي. ئەگەر ئۆزگەرتمىسە مانا بۇ ئىشنىڭ تەس بولغىنى. شۇڭا، كىشىلەر مەلۇم نەرسىگە ئىشەڭىلى زادى ئۇنىمىسا، ئۇلارنى قورال كۈچى ئىشلىتىپ ئىسكەنجىگە ئېلىش لازىم.
پېقىر تارىختا يۈز بەرگەن تەسىرلىك زور تارىخى ۋەقەلەرنى مىسال كەلتۈرۈپ، يېڭى ھۆكۈمران ۋە يېڭى دۆلەت ھەققىدە بايان يۈرگۈزگىنىمدە خالايىق تەەججۈپ ھېس قىلمىغاي.ئەمىلىيەت ئۇقتۇردۇكى، نۇرغۇن كىشىلەر باشقىلار ماڭغان يولنى تەكرارلايدۇ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنى دورايدۇ.بۇلار باشقىلارنىڭ يولىدا ئەينەن ماڭالمايدۇ ياكى ماڭگجان ئەھۋالدىمۇ بۇرۇنقىلار ئېرىشكەن نەتىجىنىڭ ئەينەن ئۆزىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەمما، قانداق بولۇشىدىن قەتىينەزەر غايىلىك ئادەم ئۇلۇغلارنىڭ ئىزىنى قوغلىشىدۇ، ئاشۇ ئۇلۇغ نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن كىشىلەرنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۇلۇغلارنىڭ پەللىسىگە يەتكۈزەلمىسىمۇ، ھاياتىغا ئاز-تولا جۇلا قوشىدۇ. چوڭ ئىشلارنى قىلىمەن دېگەن ئادەم مەرگەندەك ھەرىكەت قىلمىقى لازىم: ئۇ نىشانىنىڭ قانچىلىك يىراقلىقىنى ۋە قولىدىكى ئوقيا كىرىچىنىڭ قانچىلىك كۈچى بارلىقىنى بىلىشى لازىم . ئۇ قارىغا ئالغاندا نىشاندىن ئېگىزرەك قارىغا ئېلىشى لازىم. بۇ ئوقنى ئاشۇ ئېگىز نۇقتىغا تەگكۈزۈش كېرەكلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئاشۇ پەرق ئارقىلىق ئەسلىدىكى نىشانغا تەگكۈزۈشنى راستتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن.
مېنىڭچە، يېڭى قۇرۇلغان بىر خانلىقتا مۇقىم ئولتۇرۇشتىكى قىيىنچىلىقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى دۆلەتنىنت يېڭى ھۆكۈمرانىنىڭ قابىلىيىتىدىكى چوڭ- كىچىكلىككە باغلىق. بىر ئادەمنىڭ ئاددىي پۇقرالىقتىن ھۆكۈمرانلىققا كۆتۈرۈلۈشىباشتىكى ئېتىز بالىسىدىن كېيىنكى تەڭرى ئەركىسىگە ئايلىنىشى شۇ ئادەمنىڭ قابىلىيىتى ياكى تەلىيىنى شەرت قىلىدۇ. قابىلىيەت ۋە تەلەي ئىستىلاھچىنىڭ ئورنىنىڭ مۇقىملىقىغا ئازدۇر-كۆپتۇر پايدۇلىق، بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ. لېكىن، شۇنداق ئېيتىمەنكى، نەتىجە قازىنىشتا تەلەيگە تايانمىغان ئادەم ئۆزىنىڭ ئورنىنى ئەڭ مۇقىم ساقلاپ قالالايدۇ. ئەگەر يېڭى پادىشاھنىڭ ئۆزگە زېمىن ئاۋارىچىلىكى بولماي، ئىستىلاھ رايونىدا ئۆزى بىۋاستە پۇت دەسسەپ تۇرسا، ئۇنىڭ ئورنى تېخىمۇ مۇقىم بوكىدۇ.
تەلەيگە ئەمەس، قابىلىيىتىگە تايىنىپ ھۆكۈرانلىق ئورنىغا چىققانلاردىن مەن ئەڭ نەمۇنىلىك دەپ قارايدىغانلاردىن مۇسا پەيغەمبەر( تەۋراتتىكى پەيغەمبەر ۋە قانۇنىنى ياراتقۇچى.) كىرىس(“مىلادىدىن ئىلگىرى 530-599 „ پېرسىيە ئاكمىنىدى سۇلالىسىنى قۇرغان .) رومۇلۇس(رىم ئەپسانىلىرىدىكى پېرسوناج، ئۇرۇش ئىلاھى مارىسنىڭ ئوغلى، رىم شەھىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، نىڭ تۇنجى پادىشاھى. تېسوس(يۇنان ئەپسانىدىكى پېرسوناج، ئافىنا شاھى. كالا باش مەخلۇق مىنوتەۇر نى ئۆلتۈرۈش بىلەن نام چىقارغان.)قاتارلىقلار بار. مۇسا ئەلەيھىسسالام گەرچە خۇدانىڭ بەندىلەر ئارىسىدىكى ئىشلىرىنىڭ ۋاكالەتچىسى بولسىمۇ، بۇ يەردە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىش مۇۋاپىق بولمىسىمۇ، مۇسادىكى خۇدا بىلەن ئالاقىلىشالايدىغان پزىلەت بابىدا كىشىلەر مۇساغا ئاپىرىن- تەھسىنلەر ئوقۇشلىرى لازىمدۇر. بىز كىرىس ۋە باشقا ئوڭۇشلۇق دۆلەت قۇرغۇچىلىرىنى كۆزەتكەندە، ئۇلارنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇلۇغلاردىن ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس پاالىيەت ۋە تەدبىرلىرىنى تەكشۈرسەك، ئۇلارنىڭ مۇسادىن ھېچقانداق پەرقى يوق كىشىلەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، گەرچە مۇسا بەختىگە يارىشا خۇدادىن ئىبارەت ئۇلۇغ يېتەكچىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە باشقا ترەپلىرىنى تەكشۈرىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ تەلەيگە ئەمەس، پۇرسەتكە تايانغانلىقىنى، پۇرسەتنىڭ ئۇلارغا ماددىي قوراللارنى ئاتا قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پۇقرالارنى ئۆز ئېھتىياجىغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان شەكلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى بايقايمىز. ئەگەر ئاشۇنداق پۇرسەت كەم بولسا، ئۇلار ئۆزىدىكى قابىلىيەتنى بىكارغا ئىسراپ قىلىۋەتكەن بولاتتى. ئەگەر ئۇلاردا ئاشۇنداق قابىلىيەت كەم بولسا كەلگەن پۇرسەتنى ئىسراپ قىلىۋەتكەن بولاتتى.
مۇسا مىسىر زېمىنىدىن دەل مىسىرلىقلار تەرىپىدىن قۇل قىلىنىۋاتقان ئىسراىللارنى ئىزدەپ تېپىشى ز“رۈر ئىدى. شۇنداقلا بۇ قۇللار قۇللۇق تەقدىردىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن مۇساغا ئەگىشىشنى خالايتتى. رومۇلوسىنىڭمۇ ئالىپادا تۇرماسلىقى زۆرۈر ئىدى، ئۇ تۇغۇلغان ۋاقتىدا تاشلىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈنلا كېيىن رۇمنۇڭ پادىشاھى بولغانىدى ھەم شۇ مىللەتنىڭ قۇرغۇچىسى بولغانىدى. كىرىسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پارسلارنۇڭ مېتىكلار ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى كۆزىتىشى زۆرۈر ئىدى. مېتىكلارۇزۇن مۇددەتلىك تىنچ مۇھۇتتا مۇلايىم ۋە ئاجىز بولۇپ قېلىشتى. تېوسوسقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر ئۇ چېچىلاڭغۇ ئافىنالىقلارنى ئۇچراتمىغان بولسا، ئىقتىدارىنى ئىشقا سالالمىغان ۋە غايىسىنى ئەمدلگە ئاشۇرالمىغان بولاتتى. ئومۇمەن، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان پۇرسەتلەر ئاشۇ كىشىلىرنى ئامەتكە ناىل قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار پەۋقۇلاددە ئىستېدات ئىگىلىرى بولۇپ، كەلگەن پۇرسەتلەرنى دەل ۋاقتىدا بايقاپ تۇتۇۋالالايتتى ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ۋەتىنىگە شان- شەرەپ ھەم بەخت-ساادەت ئەكەلگەنىدى.
قابىلىيىتى بىلەن شاھلىق ئورنىغا چققان كىشىلەرنىڭ مۇساپىلىرى جاپا-مۇشەققەت ۋە ئاۋارىچىلىكلەر بىلەن تولغان بولىدۇ. بىراق، ئۇلار پادىشاھ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭورنىنى ھەرەج تارتماي ساقلاپ قالىدۇ. پادىشاھ ھوقۇقىنى قولغاكەتۈرۈش شۇنىڭ ئۈچۈن بولىدۇكى، ئۇۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن ھەمدە تىنچلىق ئاسايىشلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىر قاتار يېڭى قاىدە-تۈزۈملەرنى تۈزۈشكە دۇچ كېلىدۇ. تەجرىبىلەر بىزگە ئۇقتۇرىدۇكى، جەمىيەتتە ھېچقانداق بىر ئىش يېڭى قانۇن-تۈزۈملەرنى تۈزۈش كەبى قىيىن ئەمەس، ھېچقانداق ئىشنىڭ ئاقىۋىتى بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىدەك مۆلچەرلىگۈسىز ۋە چۇلۋۇرسىز ئەمەس، سەۋەبى يېڭى تۈزۈمنىڭ بەرپاچىسى كونا تۈزۈمدە ياشاپ نەپ ئالغان كىشىلەرنىڭ دۈشمىنى بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا يېڭى تۈزۈمدىن نەپ كۆرگەنلەرمۇ يېڭى تۈزۈمنى تولۇق ھىمايە قىلمايدۇ. تولۇق ھىمايە قىلماسلىقتىكى سەۋەبنىڭ بىرى، بۇلار ئۆزلىرىنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. چۇنكى ئۇ دۈشمەنلەر ئۆزىگە پايدىلىق بۇرۇنقى قانۇن-تۈزۈمنىڭ ئىگىلىرى ئىدى: يەنە بىرى، ئىنسانلارنىڭ باشقىلارغا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كېتەلمەسلىكتەك تۇغما تەبىىتىدە كىشىلەر يېڭى شەيىلەر ھەققىدە ئىشەنچلىك تەجرىبىلەر ئىگە بولماي تۇرۇپ، يېڭى شەيىلەرگە تېزلا ئىشەنمەيدۇ. شۇڭا، چەت ئەل كۈچلىرى باستۇرۇپ كىرىپ قالسا، بۇ ئادەملەر دەرھال ئۇلارغا ماسلىشىپ يېڭى تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، يېڭى تۈزۈم ئاستىدا پايدا كۆرمىگەن كىشىلەر تاجاۋۇزغا نىسبەتەن دىلىغۇللارچە قارشىلىق قىلىپ، دادىللىق كۆرسەتمەيدۇ. شۇڭا، ھۆكۈمراننىڭ ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇشى ئىنتايىن خەتەرلىك.
ئەگەر بىز بۇ مەسىلىنى تەلتۆكۈس روشەنلەشتۈرۈشنى ئىستىسەك، ئاشۇ ئىستىلاھچىلار ئۆز كۈچىگە تاياندىمۇ ياكى باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تاياندىمۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۈيۈك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇ باشقىلارنىڭ ياردىمىنى ئاكتىپلىق بىلەن تىلەپ قىلدىمۇ ياكى ئۆزىگە ماسلىشىشقا مەجبۇر قىلالىدىمۇ دىگەندەك تەرەپلەرنى تەكشۈرۈشىمىز زۆرۈر. ئەگەر باشقىلارنىڭ ياردىمىنى تەلەپ قىلىشتا ئاكتىپ بولسا ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ ۋە ھېچقانداق نەتىجىسى بولمايدۇ. ئەگەر ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا تايىنىپ، شاراىت يار بىرگەن ئەھۋال ئاستىدا، باشقىلارنى ياردەم بېرىشكە مەجبۇر قىلىش ئۇسۇلىنى ئىشلەتسە، بۇنىڭ ھېچقانچە خەتىرى بولمايدۇ. ئومۇمەن، قورال ئىشلەتكەن ئەۋلىيا-ئەنبىيالار غەلىبە قىلدى، قورال ئىشلەتمىگەن ئەۋلىيا-ئەنبىيالار مەغلۇپ بولدى. بۇنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سەۋەبىدىن باشقا مۇنداق بىر سەۋەبىمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ ئاۋامنۇڭ خاھىشى ئادەتتە ئاسان ئۆزگىرىدۇ. ئۇلارنىڭ مەلۇم بىر نەرسىگە بولغان مەۋقەيىنى ئۆزگەرتىشكە قايىل قىلىش ئوڭاي، ئەگەر ئۆزگەرتمىسە، مانا بۇنۇگن ئۆزى تەس بولغىنى. شۇڭا، كىشىلەر مەلۇم نەرسىگە زادى ئىشەڭىلى ئۇنىمىسا، ئۇلارنى قورال كۈچى ئىشلىتىپ ئىسكەنجىگە ئېلىش كېرەك.
مۇسا، كىرىس، تېسسوس ۋە رومولوسلار باشتا قورال ئىشلەتمىگەن بولسا، خەلقنى ئۆزوى بىكىتكەن مۇنتىزىم قنۇن- تۈزۈمگە ئۇزاق مۇددەت رىايە قىلدۇرالمىغان بولاتتى. بۇ خۇددى راھىب گىرالامو ساۋانارولا(1452-1498 فلورونىسىيە دىنى ئىسلاھاتچىسى.1498-يىلى رىم پاپاسى تەرىپىدىن كاپىر دەپ تۇتۇلغان ھەم كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەن)نىڭ سەرگۈزەشتىلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ:ئاددىي پۇقرالار ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەندە، ئۇ ۋە ئۇ قۇرۇپ چىققان يېڭى تۈزۈم غۇلاپ كەتتى، چۇنكى ئۇ ئۆزىگە ئىشەڭەن ئادەملەرنۇڭ ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەشكە ھەمدە ئىسجەمىگەن ئادەملەرنى ئىشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالدى. شۇڭ، بۇ راھىبقا ئوخشاپ كېتىدىغان كىشىلەر ئۆز مۇساپىسىدە تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. غەلىبە قىلىش ئۈچۈن بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش كېرەك بولىدۇ، ئۇلار بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىۋالغاندىن كېيىنلا، كىشىلەر قايىل بولۇشقا باشلايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شن-شەرەپ ھەم خۇشاللىقلىرىدىن بىھرىمەن بولۇشىنى داۋام قىلدۇرالايدۇ. يۇقىرىقى دەلىللەرگە يەنە بىر كىچىك دەلىلنى قوشۇ[ قويۇشنى لازىم تۋپىۋاتىمەن. چۇنكى، بۇ باشتىكىلىرىگە ئاساسەن ئوخشاپ كەتسىمۇ، ۋەكىللىك خاراكتېرى كۈچلۈكرەك بولۇپ، ئۇ دەل سىراكوسا خاقانى ئىارو (مىلادىدىن ئىلگىرى215-308 سىراكوسا پادىشاھلىقىنىڭ ياۋۇز پادىشاھى ئىارو2) نىڭ ئىشلىرىدۇر. ئىارو ناھايىتى ئەرزىمەس بىر ئاىلىدە تۇغۇلۇپ بىردىنلا سىراكوسانىڭ خاقانىغا ئايلىنىدۇ. سەۋە[ شۇكى، ئۇ ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان، ئۇنىڭدىن باشقاق ئۇنىڭغا كەلگەن ھېچقانداق تەلەي بولغان ئەمەس. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئىارو ئاشۇ كۈلپەتلىك تەقدىردىكى كىشىلەرنى ھەربىي باشقانى بولۇپ، ئۇلارنى قوراللىق كۈرەش ئارقىلىق ئازاد قىلىشنى قارار قىلدى. غەلىبىدىن كېيىن، كىشىلەر ئىارونى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ، خاقان بولۇشقا بىردەك كۆرسەتتى. بىز بۇنىنتدىن ھەيران قالماسلىقىمىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ئىارو ئاددىي پۇقرا ۋاقتىدىلا غايەت زور يوشۇرۇن ئىقتىدارغا ئىگە ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا بەزى كىسىلەر شۇنداق دېگەن ئىدى: <> ئىارو بۇرۇنقى ئارمىيىنى تارقىتىۋېتىپ، يېڭىدىن ئارمىيە تەشكىللەيدۇ. بۇرۇنقىدوستلىرىنى تاشلاپ، يېڭىدىن دوست تۇتىدۇ. ئۇنىڭدا ئۆزى نەزەردىن ئۆتكۈزگەن ئىشەنچلىك ئارمىيا ۋە دوست بار بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆز خانلىقىنى بىخەتەر قۇرۇپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولالىدى. گەرچە ئۇ نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، نۆۋىتى كەلگەندە ئۇنۇڭغا خانلىق ئورنۇنۇ مۇقىم ساقلاپ قېلىش ئاسانغا توختىدى.

تامام .

ئەسكەرتىش: تەرجىماننىڭ ئەمگىگىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ كىتاپ قىسقارتىلىپ بېرىلدى. (تەرجىمان: ئابدۇقادىر جالالىدىن)

بىلىك كۇلۇبىدىن ئېلىندى

2008年7月10日

نەۋائىينىڭ شېئىرى

بىر كۆرۈپ ھەسرەتتە قالدىم ئول پەرى رۇخسارىنى،
ئىككى كۆرسەم دەپ تىلەيمەن كۆزلىرى خۇمارىنى.
ئۈچ كۆرۈپ ئالدىدا جان بەرسەم شەمىدۇ ئىشقى مەن،
تۆت كۆرۈشكەندە سالۇرلەر خەنجەرى تەييارىنى.
بەش كۆرۈشمەكلىك بىلەن يۈزىگە خالۇ جانىدۇر،
ئالتە كۆرگەندە تىلەرمەن قابىزۇل ئەرۋاھىنى.
يەتتە ئىقلىمدا سېنىڭدەك كۆرمىدىم نازۇك بەدەن،
سەككىز ئۇچماقتا بەدەل قىلغايمۇ سەندەك يارىنى.
توققۇز ئاي بولدى نەۋائي يارىدىن ئايرىلغىلى،
ئون ئىككى ئاي بىر يىل ئىچرە كۆرمىدىم غەمخارىنى.

- نەۋائىي

مەن ياقتۇرىدىغان تەسۋىرى كۇپلىتلار

قارلىق تاغ شەجەرىسى ناملىق شېئىرنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدىن پارچە


كۈن تاغقا چاپلاشتى چاچرىتىپ شەپەق ،

قىزىل لاك سۈركىدى لىۋىگە ئۇپۇق.

بۇغدانىڭ ئالدىدا شۇدەم بولدى تەق،

ئالمىرۇق ،ھالۋايى ، سەبدەرەڭ يوپۇق.

نەقىسمەت چەكمىگەن قارلىق تاغ -دىيار،

ئەزىمەت پەرزەنىتلەر قىسمىتىسىمان .

ئۇنىڭدا مىڭ - مىڭ يىل ھېكايىتى بار،

ھەر ئۆركەش مىسالى بىر قىسسە داستان .

ئوغۇزخان، ئۇرۇمقان ، ئايچۈرەك -ماناس،

سۇغارغان خاكىڭنى تۆكۈپ ئىللىق قان.

قانچىلىك تەڭرىقۇت ، تېكىنلەر قىقاس -

كۆتۈرگەن جەڭلەرگە سەن شاھىت ماكان .

نۇزۇگۇم ، گۈلەمخان قىسقىسى سەندە ،

سەرگەردان مەشرەپكە سەن بولغان پاناھ ،

سەن ماڭا ئىشتىياق سالغان نىكەمدە ،

قارلىق تاغ ئۆزۈڭسەن ئىلھامغا دەرگاھ .


- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن

=============================
مەن ياقتۇرغان كىنايىلەرنىڭ بىرى:

ياسىن زىلالنىڭ‹‹ئىككى ئەخمەق›› ناملىق شېئىرىدىن پارچە




مېنى بىرى دەپتۇ : « مېنىڭ ئادىمىم ،
ئىللا - بىللا يىرالمايدۇ سۆزۈمنى .
قولۇمدىدۇر ھامان ئۇنىڭ تىزگىنى ،
باش چايقىسا كۆرسىتىمەن ئۆزۈمنى . »

كۈلۈپ كەتتىم بۇ ئەخمەقنىڭ سۆزىگە ،
دەپ تاشلىدىم : «ۋايجان ! يىتىم قوۋۇرغام .»
غەزىپىمدە قۇيقا چىچىم تىك تۇردى ،
تىغ يىگەندەك بولدى ھەتتا ئۇمۇرۇتقام .

- ياسىن زىلال
=============================

ھايات دېگەن مۇشۇنداق بولىدۇ.

چىدىساڭ ياشا

بۇ دۇنيا بىرگە- بىر چىدىساڭ ياشا ،
قەلبىڭدە نۇمۇس بىلەن پەسلىك ئىلىشار .
شاھ ، تەخت بىرگە - بىر ، پۇل بىلەن بەندە ،
شۆھرەتكە دائىما ھەسەت چاپلىشار ،
بۇ دۇنيا بىرگە - بىر چىدىساڭ ياشا .
بۇ دۇنيا بىرگە - بىر چىدىساڭ ياشا ،
يىقىلساڭ يۆلىمەيمەن ئۆزۈڭدە گۇناھ ،
ئالتۇن بول ، تۇپراق بول ، سەن ئۆزۈڭ دۇنيا .
قايغۇرۇش ، ئۆكۈنۈش ، پايدىسىز «ئاھ - ۋاھ »
بۇ دۇنيا بىرگە - بىر چىدىساڭ ياشا .

- ئابلەت ئابدۇللا
=============================


ۋاقىت چىقىرىپ بالاڭلارنى ئەگەشتۈرۈپ يىزىلارنى كۆرۈپ كىلىڭلار. بالىلار مامىكاپنىمۇ كۆرۈپ باقسۇن.

مامكاپ
(پارچە)

« م » ھەرىپى مۈشۈك رەڭگىدە ،
« ئا » ھەرىپى ئاپئاق ئايدەك .
« م » ھەرىپى مۇڭلۇق ، مۇلايىم
« ك » ھەرىپى كەڭ ، كۆپكۆك جايدەك .
« ئا » ھەرىپى ئايالنىڭ تېنىمۇ توزغان ؟
« پ » ھەرىپى پىلىلدار «پىنھان» قىزنىڭ كۆزىدەك .

ئېرىق بويىدا مامكاپ ،
جىمجىت ئويىدا مامكاپ .
كىيىۋاپتۇ ئاق كۆڭلەك ،
كىمنىڭ تويىدا مامكاپ .

-ئادىل تۇنىياز

=============================


بۆشۈك دېگەن ئەڭ ئىسىل نەرسە، بوۋاقلىقمىزنى ئەسلىيەلىگەن بولساق، ئەشۇ بۆشۈك لەززىتىنى ھېس قىلالىغان بولار ئىدۇق.

«تاڭ بۆشۈكىدە»
( پارچە)

قايتا تۇغۇلدۇم تاڭ بىلەن
تاڭ بۆشۈكىگە بۆلۈنۈپ ،
كۈلدۈم
شەبنەم قۇچقان چېچەكتەك
شەپەق دۇنياسىغا چۆمۈلۈپ .

- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن

=============================


قانچىلىك ۋاقىتلار بولغىنى تازا ئىسىمدە يوق. بىر ۋاقىتلاردا بەتلىرى يىرتىلىپ كەتكەن بىر كىتابچىدا مۇشۇ قۇرلانى كۆرگەن ئىدىم.
ئاپتۇرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنمۇ بىلمەيمەن.

ئىلىم دەۋرىم كۈتەر سەندىن تىرىشچان بول ، قالاق بولما ،
بەخت ئىقبال كۈلەر شۇندىن ھۈنەر - پەندىن يىراق بولما .
ئىلىملىك بول ، ئەدەپلىك ، سەمىمىي ھەمدە راستچىل بول ،
بىلىم ئال ، ئىقتىدارلىق بول ، قۇرۇق نام يالتىراق بولما .
ئىلىڭ ئۆستۈردى چوڭ قىلدى ، ھايات بەردى قانات بەردى ،
زىيانلىق ئىش قىلىپ ئەلگە نۇمۇسسىز كور تاماق بولما .
يامان ئىش ھەممە يەردە »ئۇر چاشقاننى ئۇر » بولسۇن ،
ۋەتەن ئىقبالىغا كۆيسەڭ «يامانغا يان تاياق بولما».

=============================


بىر - ئىككى كۈن ئاۋۋال بىر Blog دا ئۇچرىتىپ قالغان ئىدىم. بىر كۆرۈپلا ھازىرقى ھاياتلىقتىكى كىشىلىك مۇناسىۋەت كارتىنىلىرى كۆزئالدىمغا كەلدى.

(ئاپتۇرى: نامەلۇم)

يامغۇر ياغسا بولىۋالدىڭ ئىگىسى،
چاقماق چاقسا قېچىۋەردىڭ، قېچىۋەر.
ئۈلپىتىم دەپ تېپىۋېلىپ ياۋاشنى،
دولىسىغا ئۇرۇۋەردىڭ، ئۇرۇۋەر.

=============================


2006- يىلى يىل بىشى بولسا كىرەك. بازاردا بىر كىتاب يايمىسىدا، كىتاب كۆرىۋىتىپ، مۇشۇ شېئىرنى ئۇچرىتىپ قالغان ئىدىم.

ئۆلۈم ئالدىدا ٭

ئاقارغان يۈز ، قىيىلغان قاش ، قۇيۇلغان ياش ،
كېسىلگەن باش ، چۇۋۇلغان چاچ ، تۆكۈلگەن قان .
تىتىلغان تەن ، تۈگۈلگەن مۇشت ، كىرىشكەن چىش ،
پۈتمەس غەزەپ ئىزى بولۇپ چىقتى بۇ جان .
- ئەنۋەر ناسىرى

٭شائىر بۇ شېئىرنى 1944- يىلى ۋاپات بولۇش ئالدىدا يازغان .

=============================


غىرىبلىق ھەققىدە ئارتۇق گەپ قىلغىم يوق.

غىرىبلىق
(پارچە)

غازاڭلار تۆكىلەمدۇ تۆكۈلگەنمىدۇ؟
دەرەخلەر مېنىڭدەك يالغۇز قالامدۇ؟
ھاياتنىڭ مەن سالغان چېغىر يولىدا
مەن ئۆزۈم ماڭمىسام ئادەم ماڭامدۇ؟

- ئادىل تۇنىياز

=============================



نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىماي دىسىمۇ ئامال يوق، ئويلاپ سالىدىكەن. ھەي ھايات ....

سۆزلىسەم ئازاپتۇر، سۆزلىمىسەم غەم،
يارىدەك ئەسلىتەر، ئويلىمىسام ھەم.

=============================



ﺑﯘﻻﻗﯟﯦﺸﻰ ﻛﻮﭼﯩﺴﻰ
(ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺗﯘﻧﯩﻴﺎﺯ)

ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﻮﭼﯩﺴﻰ
ﻧﯘﺭ ،
ﻻﻱ ﺗﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ .
ﻛﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﭼﺎ ﺳﺎﻗﺎﻝ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ ﻗﺎﺭﺍﭖ .
ﺳﯘﻳﯘﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﻧﯧﺮﯞﯨﻼﺭ
ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻞ ﻏﯧﺮﯨﺒﻠﯩﻘﻘﺘﺎ
ﺋﯘﻳﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﺋﺎﺳﺘﺎ - ﺋﺎﺳﺘﺎ .

ﻗﺎﺳﺴﺎﭖ ﭘﯩﭽﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﺗﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ
ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ ﻗﺎﻥ ﻳﯘﻗﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ .

ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ
ﺗﺎﺟﻰ ﺳﺎﻟﭙﺎﻳﻐﺎﻥ ﺧﻮﺭﺍﺯ
ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ
ﺋﺎﻕ ، ﻗﺎﺭﺍ ، ﻛﯚﻙ ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﻩﯕﻠﻪﺭﻧﻰ .

ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ ﻣﺎﯕﺎ
ﺋﯚﺗﻤﯜﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺷﺒﯘﺩﻩﻡ ﺋﺎﯕﺎ .

ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻻﻕ
ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﺑﯘﻟﺪﯗﻗﻼﭖ
ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯘﺭ ﺑﯩﺮﺍﻕ .


تۈگىدى.

ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﯖﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻰ

ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﯖﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻰ




ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ




ﺗﯩﻨﯩﻤﺴﯩﺰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻏﻮﯞﻏﺎﻻﺭ ﻛﯚﭖ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯚﺭﻩﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﭘﯘﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﻗﺎﻳﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﯧﻠﯩﻦ ﺋﯩﺲ - ﺗﯜﺗﻪﻛﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﻻﻧﯩﺴﻨﻰ ﻏﯘﯞﺍﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﻻﻧﯩﺲ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺳﯜﺑﮭﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ ﯞﻩ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻧﻰ، ﺋﺎﯞﺍﺯﺳﯩﺰ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﻤﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﻏﯘﺑﺎﺭﺳﯩﺰ ﮔﯜﻟﻨﻰ ﭘﺮﺍﮔﻤﺎﺗﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺯﯛﯞﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻏﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﯨﺸﻜﺎﺭﻯ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺷﻪﺑﻨﻪﻣﻠﯩﺮﻯ ﺗﯚﻛﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﯧﺮﯞﯨﻨﻰ ﻗﻮﭼﯘﯞﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﺮﻯ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺟﯜﺩﻩﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﻼﮬﻰ ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺴﯧﺮﻯ ﭼﯚﻟﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺭﻩﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﺑﻨﻪﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻳﯜﺭﻣﻪﻛﺘﻪ. ﻗﯧﺮﯨﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﻻ ﭘﯧﺘﻰ ﻗﯧﺮﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﻳﺎﺷﻰ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﺯ ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺷﻪﺑﻨﻪﻣﺪﯨﻦ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ.

ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﺎﻻﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﻳﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺋﯩﺰﺍﮬﻼﻳﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻏﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺩﻩﻝ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﯘﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭗ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ، ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻜﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭﻟﯘﻕ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﺑﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻪﺯﮔﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﯞﻩ ﻗﻮﻏﺪﯨﻨﯩﺶ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺩﻯ، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺑﺎﻳﻘﺎﺷﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﺘﻰ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﺎﻻﻧﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ، ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ، ﺗﯜﭖ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺳﯜﭘﻪﺗﻜﻪ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﮔﺎﮬﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﯞﻩﮬﯩﻲ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﻤﻮﺳﻔﯧﺮﺍﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻟﯘﯓ - ﭘﯘﭼﻘﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﭘﻪﺭﯞﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻣﺎﻗﺘﺎ.

ﺋﺎﻧﺪﯨﺮﻭ ﺗﻮﻣﺎﺱ: "ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﭗ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﻛﻮﻣﯧﺪﯨﻴﯩﺪﯗﺭ" ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻧﯩﯔ ﻛﻮﻣﯧﺪﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﯜﺳﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺷﯘﻛﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﯩﺸﻤﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﮔﺎﮬﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﻤﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﮬﻪﺟﯩﻤﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﻠﺴﺎ، ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﮬﻪﺟﯩﻤﺪﻩ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﺧﯘﺷﺘﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺯﻩﭘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﻪﭖ ﻳﺎﺯﺩﻯ. ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﮔﺎﮬﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﻪﻝ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ، ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻣﯧﯖﯩﺶ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﯞﺍﺯﯨﻨﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﺘﯘﺭ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻨﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﻨﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﻪﻗﯩﻠﭽﯩﻠﯩﻖ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻰ ﻣﻮﻧﻮﭘﻮﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻮﻧﻮﭘﻮﻟﯩﻴﻪ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﻚ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﯧﺘﯩﭗ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﯜﺯﯛﻡ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻓﻮﺭﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ، ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺦ ﺳﯜﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻏﺎﻳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﻐﺎ، ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﯜﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺸﯩﺶ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺭﯨﻘﺎﺑﯩﺘﻰ ﻛﺎﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ - ﺩﻩ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﭖ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﯟﻭﻟﻮﺗﺴﯩﻴﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻛﯚﭖ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﮬﯜﺟﻪﻳﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﻟﯘﻕ ﻗﻪﯞﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﻭﻟﻰ ﺗﯜﮔﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻣﻪﻳﺪﯗ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﻣﯘﺷﻠﯘﻗﻨﻰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﭘﺎﻟﻪﭼﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.

ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺑﯩﺰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﻠﯩﺮﻯ، ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﻯ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺧﯩﻼﭘﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﯨﺸﺎ ﺗﻮﺧﺘﯩﻼﻳﻠﻰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ، ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ، ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺕ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯚﺗﻪﻳﻠﻰ.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺑﺎﻏﯟﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ، ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺗﯚﺕ ﭘﻪﺳﯩﻞ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﺩﻩﺭﻳﺎ - ﻛﯚﻟﻠﻪﺭ، ﺑﯘﻻﻗﻼﺭ، ﻗﺎﺭ - ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯘ ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﺵ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻧﯧﮕﯩﺰﯨﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ﻛﻪﯓ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻜﻪ ﺑﺎﻱ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻧﯧﻔﯩﺖ ﺯﺍﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮﻟﻠﯘﻗﻰ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﺎﮬﺎ ﻣﻪﺩﻩﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﮔﯚﮬﻪﺭ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﯧﺴﺎﺑﺴﯩﺰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﮬﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺋﯩﻘﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﻳﻪﺭ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜﺷﻰ، ﺗﺎﻍ - ﺩﻩﺭﻳﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﺸﻰ، ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ، ﮬﯚﻝ - ﻳﯧﻐﯩﻦ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﺑﯘ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺑﻪﻟﯟﯦﻐﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ، ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ، ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﺑﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺷﻪﮬﻪﺭ - ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻧﻰ، ﺳﻮﺩﺍ ﺗﻮﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺑﺎﻏﯟﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ، ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺵ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﻮﻝ ﮬﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﯩﻞ، ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﯩﺮﺍﺳﻼﺭﻧﻰ ﯞﯗﺟﯘﺗﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ - ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﻗﯩﺴﺴﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﻣﯘﻗﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﻱ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﻰ، ﺑﯘ ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪﺯ - ﺧﯘﻟﻘﯩﻤﯩﺰ، ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﻪ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺘﻮﻧﺎﺗﺴﯩﻴﻪ، ﻧﺎﺧﺸﺎ - ﻛﯜﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﯧﻤﭙﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﺩﺍﺭﻻﺭ، ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﮬﺎﻟﻪﺗﻠﻪﺭ، ﺋﺎﺵ - ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻠﻠﯩﻘﻼﺭ ﯞﻩ ﺗﻪﻣﻠﻪﺭ، ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﮬﯩﺪﻯ، ﺗﻪﭘﺘﻰ، ﮬﺎﯞﺍﺳﻰ، ﺗﯘﺯﻯ، ﺳﯜﻳﻰ، ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ، ﻗﯘﻳﺎﺷﻰ، ﺋﯧﻴﻰ ﯞﻩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯩﺮﻩﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﻣﯘﺷﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻗﺎﭼﺎﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺷﻪﺭﮬﻰ ﺑﯧﺮﻩﻟﯩﺴﻪﻙ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﻤﯘ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻤﯩﺰ. ﺷﯘﭼﺎﻏﺪﯨﻼ ﺑﯘ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﺘﯩﻜﻰ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﺑﯘ ﻳﻪﺭ 21 - ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ، ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﺕ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻳﻮﻝ ﯞﻩ ﮬﺎﯞﺍ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﺩﻯ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ، ﻛﺎﻥ، ﻧﯧﻔﯩﺖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻟﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﮬﺎﻟﻪﺕ 80 - ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﯧﺰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﺎﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻰ ﺑﯘ ﺑﺎﺯﯨﻼﺭﻧﻰ ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﺩﻯ، ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺩﺍ ﯞﻩ ﻳﯧﻨﯩﻚ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ، ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﻏﯘﺕ، ﺳﯘﻟﻴﺎﯞ ﻳﻮﭘﯘﻕ، ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﯧﯟﻩ ﺳﻮﺭﺗﻠﯩﺮﻯ، ﻗﻮﻝ ﮬﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﯩﺮﻯ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯘﺳﯘﻟﻐﺎ ﻳﺎﺕ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﻯ، ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﭖ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻟﻤﯩﺴﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﻗﻮﻝ ﮬﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ، ﺳﻮﺩﺍ - ﺳﯧﺘﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﺎﻟﻼﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺳﻮﺩﺍ - ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﭘﺎﺧﺘﺎ، ﻳﯩﭙﻪﻛﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻡ ﺑﺎﻏﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻨﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﺸﻰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ، ﻗﻮﻧﺎﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﻳﯧﺰﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭﻟﻪﺷﺘﻰ. ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﻰ. ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺯﻭﺭﯨﻴﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺑﯩﻨﺎﻻﺭﻏﺎ ﺗﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯘﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﺋﯩﺲ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﻏﺎ ﺳﻮﺯﻣﺎﻗﺘﺎ. ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺳﯘﻟﻴﺎﯞ ﻳﻮﭘﯘﻕ، ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﯟﻯ ﺋﻮﻏﯘﺗﻼﺭ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﺘﻰ. ﮬﺎﺷﺎﺭﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﯟﻯ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ، ﺧﻪﯞﭘﻠﯩﻚ ﺋﻪﻟﭙﺎﺯﻏﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻗﯘﻻﻳﺴﯩﺰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ.ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﻼﺵ، ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺩﻯ، ﺋﯩﻨﺪﯨﯟﯨﺪﯗﺋﺎﻝ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ ﮬﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﮔﺎﯕﮕﯩﺮﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﯧﯖﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﯧﭙﯩﺸﺘﻰ. ﻳﯧﺰﺍ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭﻧﻰ "ﻧﯧﮕﯩﺰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﻐﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﯧﮕﯩﺰ ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﺋﺎﻣﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﻻﻕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﮕﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ،ﺑﺎﻏﯟﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ، ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ، ﻗﻮﻝ ﮬﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺶ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻧﯧﮕﯩﺰﻯ، ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﯓ ﻓﻮﺭﻣﯩﺴﯩﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﻧﯧﮕﯩﺰﻯ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻧﯧﮕﯩﺰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯘ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺦ، ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﯨﺸﺎ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﺗﺒﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻟﭽﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﮬﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﯞﻩ ﺳﻮﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﯧﮕﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﻳﺎﻧﭻ ﻛﯜﭺ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ - ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻛﺮﯨﺰﯨﺌﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻕ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯚﺭﭖ - ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻳﺎﺳﯩﺪﻯ.

ﻣﻪﻥ 22 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﭼﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﯛﻡ. ﻳﯘﺭﺗﯘﻡ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺑﻪﺷﻜﯧﺮﻩﻡ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﺩﻯ. ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ (ﺩﯨﻦ، ﺋﻪﺧﻼﻕ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ، ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ)ﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯜﻙ - ﺑﺎﺭﺍﻗﺴﺎﻥ ﺑﺎﻏﻠﯩﺮﻯ، ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ، ﻛﯜﺟﯜﻡ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻠﯩﺮﻯ، ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺳﯘﻟﯩﺮﻯ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﻗﯘﺷﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﺮﻯ، ﻣﯘﯕﻠﯘﻕ ﻧﻪﻱ ﺳﺎﺩﺍﻟﯩﺮﻯ، ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﭘﻪﺷﺘﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﻮﺯﯗﻕ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﺮﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺳﯧﮭﺮﯨﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺗﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯘﺵ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪﻭﺳﺖ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻳﯘﺭﺗﯘﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻨﻰ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﻛﻪﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﭘﯘﺷﻜﯩﻦ، ﻳﯧﺴﺴﯩﻨﯩﻦ، ﻧﯧﺮﻭﺩﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﻪﮬﺮﺍﻳﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﯘﺯﯗﺭﻻﻧﺪﯨﻢ. ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﯨﻤﺪﻩ ﻳﯘﺭﺗﯘﻣﻨﯩﯔ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯧﭙﻠﯩﺮ، ﻛﻮﭘﯧﺮﻧﯩﻜﻼﺭ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻳﯘﺭﺗﯘﻡ ﺋﺎﻧﺎ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻢ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﺎﯕﺎ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯧﻤﯩﺮﺗﯘﺭﯗﭼﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺭﻭﺷﻪﻧﻜﻰ، ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺑﯩﺒﺎﮬﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻜﻪ ﺧﺎﺱ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭺ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ، ﻣﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﯘﻣﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺑﺎﺭﻏﯩﻨﯩﻤﺪﺍ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ، ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺳﺎﭘﺎﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﻚ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺷﻮﺥ، ﺧﯘﺷﺨﯘﻱ، ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﮬﺮﯗﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﯧﺰﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﯗﯞﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﻼﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺶ، ﭼﯧﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺧﻮﺭﺍﺯ ﺳﻮﻗﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﻗﻮﭼﻘﺎﺭ ﺳﻮﻗﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﺋﯩﺖ ﺗﺎﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺕ، ﺗﯜﻧﻪﻙ، ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺟﯩﻤﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻣﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﻣﺎﻧﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﻮﺭﻣﺎ ﯞﻩ ﺧﺎﻣﺎﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺗﺮﺍﻛﺘﻮﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ، ﺗﯜﮔﻤﻪﻥ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﺭﻏﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﻙ ﺗﯜﮔﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺳﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ، ﺋﻮﺗﯘﻧﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ، ﺗﯘﺯﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ، ﺟﯩﺴﻪﻛﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﮬﺎﯕﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﮔﻮﻳﺎ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ، ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪﺭﭼﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺗﺎﯞﺍﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ، ﭘﯘﻝ ﺋﯧﯖﻰ ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ، ﺋﺎﻱ ﻧﯘﺭﻯ، ﻗﯘﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻳﺮﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻻ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻓﻮﻟﻜﻠﻮﺭ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ ﮬﯧﺴﺴﯩﻲ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺩﻩﯞﺭ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﭘﯘﻝ ﯞﻩﺳﯟﻩﺳﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻣﺎﮔﻨﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﯘﯞﺍﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﺋﯘﻳﯘﺷﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭ ﻛﺎﺭﻝ ﻣﺎﺭﻛﺲ "ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ:"ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻻﺗﺎﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺏ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ: ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﺎﯞﺍﺗﺴﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ؟ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﺘﻪ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﺍﯞﯗﺕ، ﻛﺎﻥ - ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ، ﺳﻮﺩﺍ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ، ﭘﻮﭼﺘﺎ، ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ، ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻳﻮﻝ، ﺋﺎﯞﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﭖ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﺋﯘﭼﯘﺭﺩﻯ. ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭ ﺧﯧﻠﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﺎﺭﺯﯗﻟﯘﻕ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯘ، ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﯞﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﻚ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻼ ﺋﺎﺯ - ﺗﻮﻻ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﯧﺰﺍ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺧﯩﻼﭖ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ ﻏﯩﺪﯨﻘﻠﯩﺪﻯ.

ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﺘﻰ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻯ، ﺗﯩﭙﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﺪﻩ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺭﻭﮬﯩﻲ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺧﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﻪﻧﯩﻼ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ، ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺩﺑﯩﻘﻼﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﯧﻘﯩﻤﻼﺭ ﻏﻪﺭﺏ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﻕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﭘﻪﺳﺴﻪﻝ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺘﻠﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻤﯘ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺘﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﻗﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ، ﺋﯘ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯗﺭ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻮﻣﯘﺭﯨﺪﺍ ﻗﺎﻳﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﻰ - ﺗﯘﺭﻗﻰ ﯞﻩ ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﺋﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﻧﺎ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﭘﺴﯩﺨﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ، ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺪﯗ.

ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺧﺎﺱ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﮬﺎﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﯧﺰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺪﯗ؟ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﮬﺎﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﻣﻪﺭﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻟﻨﻪﻏﻤﯩﻠﻪﺭ، ﻳﻮﺳﯘﻧﻼﺭ ﻧﻪﮔﻪ ﻛﻪﺗﺘﻰ؟ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﻟﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﻰ، ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﻰ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺦ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ، ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻧﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻚ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺷﺎﻟﻠﯩﺪﻯ. ﺑﺎﻳﻘﺎﺵ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺱ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﮬﺴﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﻛﯚﻣﯜﻟﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺧﻪﯞﭘﯩﮕﻪ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﺪﻯ.

ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻰ ﻣﺎﻛﺲ ﯞﯨﺒﯧﺮ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ، ﻗﯩﺸﻼﻕ ﯞﻩ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﻛﯘﯕﻔﯘﺯﻯ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯧﻜﯩﻨﻤﻪ ﮬﻮﻗﯘﻕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘ، ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﭘﺎﺕ - ﭘﺎﺕ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﯧﻠﯩﻦ ﺳﯧﭙﯩﻠﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺷﺎﻟﻐﺎﻥ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ، ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯧﻜﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﭖ، ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﻮﺩﺍ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺩﻩﭖ ﺷﻪﺭﮬﻠﻪﻳﺪﯗ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺱ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﯟﻯ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ "ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ" ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺩﯨﻴﺎﺭﻧﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻏﻮﻟﻠﯘﻕ ﺋﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﻐﺎ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﻗﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﯘ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺳﻮﺩﺍ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ. ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭖ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺱ ﻳﯜﺳﯜﭖ ﺧﺎﺱ ﮬﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ "ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ" ﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ، ﮬﻮﻗﯘﻕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ، ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺭﻭﮬﻰ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺭﻭﮬﻰ ﻣﯘﭘﻪﺳﺴﻪﻝ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ.

ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﯩﯔ ﻓﯘﻧﻜﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭗ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺭﯨﺸﺘﻰ، ﺯﻭﻗﻰ، ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﻰ ﯞﻩ ﮬﺎﻳﺎﺗﺒﻪﺧﺶ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﻩ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﺎﺭﻣﻮﻧﯩﻚ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺭﻭﮬﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﭽﯘ؟ ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﻛﻠﯩﻲ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ، ﺋﺎﺩﻩﻡ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺯﻩﻧﺠﯩﺮﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻼﺳﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮﺗﯩﻨﻰ ﺋﯜﺯﯛﻝ - ﻛﯧﺴﯩﻞ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ.

ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﻤﯜﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻰ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﯚﻧﮕﻪﻥ، ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﺋﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﻟﻤﯩﻠﻪﺭ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﺎﺗﻤﻮﺳﻔﯧﺮﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﺎ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺱ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﯘﺭﯗﺭ - ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ، ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍﺳﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﺎﻟﻤﯩﺴﺎ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ﻛﺎﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﻭﺭ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﻼﺭﻧﻰ، ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺷﻼﺭﻧﻰ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺧﺎﻧﯩﯟﻩﻳﺮﺍﻥ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﻣﯘﺭﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺗﯧﭙﯩﺮﻻﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ.

ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﭼﯚﻝ - ﺟﻪﺯﯨﺮﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ - ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺷﻴﻮﻟﻼﺭ ﺧﯩﻠﯟﻩﺕ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﻰ. ﺗﻮﻙ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ.ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻭﺭ ﻳﯧﺰﺍ ﺑﻮﺳﯘﻏﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺗﻮﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪﻟﻪﺭ ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﻪﺗﯩﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻗﻮﺭﺍﻝ - ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺗﻮﻙ ﺗﯜﮔﻤﯩﻨﻰ ﺳﯘ ﺗﯜﮔﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ، ﻣﺎﻱ ﺯﺍﯞﯗﺗﻰ ﺟﯘﯞﺍﺯﻧﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺳﯘﻟﻴﺎﯞ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯧﺘﯩﺸﻤﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﻱ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ، ﻗﺎﭘﺎﻗﻼﺭﻧﻰ، ﻣﯩﺲ ﭼﯚﮔﯜﻥ، ﻣﯩﺲ ﻗﺎﺯﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﻳﺎﺕ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﯟﻯ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯜﻧﺌﺎﻟﻐﯘ، ﺳﯩﻨﺌﺎﻟﻐﯘ ﻟﯧﻨﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﺎﺯﻩﻧﺪﯨﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ...ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﻪ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ. ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺭﺍﻟﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻓﻮﺭﻣﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﯩﺸﻰ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺧﺎﺱ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻟﯩﺸﻰ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﺍﻟﯩﺸﻰ، ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﻗﯩﻦ ﺟﯩﻠﯟﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﺎﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﯞﻩ ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺰ - ﺋﯧﺮﯨﻘﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﻪﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﻩﻙ ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﻠﮕﻪﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﻝ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻪﺗﻠﯩﮕﺎﮬﯩﺪﯗﺭ.

ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﺮﺍﮔﯧﺪﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﻟﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﻰ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﯘ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﻗﯧﺮﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﺎﮬﯩﺒﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺶ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﻰ ﺩﯦﻴﯩﺶ ﻗﯩﻴﯩﻦ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻰ، ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ،ﺋﺎﻻﻗﻪ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻓﻮﺭﻣﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻗﯧﭽﯩﺮ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻏﻪﺭﺏ ﻛﯩﻨﻮ - ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﺎﻟﻼﻧﻤﺎ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﺩﺍﻧﻼﺭﭼﻪ ﺗﻪﻗﻠﯩﺪ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺯﯦﺮﯨﻜﻜﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭ، ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﻪ - ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ، ﺷﻪﻛﯩﻞ - ﻧﯘﺳﺨﯩﻼﺭ، ﮬﺎﺭﺍﻕ - ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻼﺭ، ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﯧﻜﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭ، ﻳﯧﻤﻪﻙ - ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﻪﺭ، ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ - ﻳﻮﺳﯘﻧﻼﺭ، ﺗﻪﺭﺗﯩﭗ - ﻣﯩﺰﺍﻧﻼﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺋﯜﭼﺮﯨﺸﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻪﯓ ﺳﺎﭖ ﮬﺎﯞﺍﻧﻰ، ﭘﺎﻛﯩﺰ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻨﻰ، ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻼﺭﻧﻰ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﺎﻳﻪ - ﻣﻪﺳﻠﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺭﻩﮬﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ.

ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻨﯩﯔ ﺷﺎﯞﻗﯘﻥ - ﺳﯜﺭﻩﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ، ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺑﯩﻨﺎﻻﺭﻏﺎ، ﺗﺎﺭﺍﻡ - ﺗﺎﺭﺍﻡ ﻳﻮﻟﻼﺭﻏﺎ، ﺳﯧﺘﯩﻘﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﺭﯞﺍ - ﻏﺎﻟﺘﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻏﺎ، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﺭﻯ ﻳﻮﻕ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﮬﻪﻟﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﯧﺮﯨﻜﻜﻪﻙ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ، ﺗﻮﭖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﻭﺭ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﮬﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﺳﯩﺮﺗﻨﯩﯔ ﺑﺮﺍﻙ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﯩﺮﺗﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍﻻﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﭽﯩﺴﻰ، ﮬﻪﻡ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﺋﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ ﻳﯧﺰﺍ - ﻗﯩﺸﻼﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ، ﭼﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺍﭼﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﮔﯚﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺒﯩﺮﻟﯩﻚ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ.

ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﺩﯨﭙﻠﻮﻡ، ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ، ﻣﻪﻧﺴﻪﭖ ﻛﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻧﻰ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﭽﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ (ﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ، ﻛﯜﻥ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺵ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ) ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﯞﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻰ ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﯩﺪﺍ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﮬﺎﻟﻪ ﻛﻪﻟﻜﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﻗﯩﺪﯗ. ﻛﻮﭼﺎ - ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﻩﯓ - ﺳﺎﺭﺍﻳﻼﺭ، ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ - ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﺎﻧﭽﯘﻕ ﯞﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻼﺭ ﺑﯘ ﺳﺎﺩﺩﺍ ﻣﯧﮭﻨﻪﺗﻜﻪﺷﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯ - ﺗﻮﻻ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ - ﺗﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻗﯧﻘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯜﺩﯛﭖ ﺋﯚﺯ ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ.

ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﻯ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ، ﻣﯘﮬﯩﺖ ﻛﺮﯨﺰﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﺷﺘﻰ. ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺗﻮﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﺴﻠﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺗﯧﺰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻣﺎﻛﺎﻥ، ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﻨﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﺗﺎﯞﻛﺎﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻏﯩﺪﯨﻘﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺧﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﻰ، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﻪﻣﻪﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ،ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭﻟﯩﻚ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺑﯘﻟﻼﻧﻤﺎ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﻪﺗﺘﯘﺭ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺷﻪﺭﺕ ﺷﯘﻛﻰ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﭺ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ (ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﺎ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﺲ) ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﯞﮬﯩﺮﻯ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ "ﻣﯧﻨﯩﯔ!"ﺩﻩﭖ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﻻﻳﺪﯗﻛﻰ، ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﻠﯩﺶ، ﻗﻮﺭﯗﻧﯘﺵ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﯩﺴﺘﻪﻙ ﯞﻩ ﮬﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻲ ﻏﺎﻳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﻮﻧﻮﭘﻮﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﯩﺪﺍ، ﺳﯘﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭗ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺯﻭﺭﻣﯘ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ، ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ، ﺑﺎﺵ ﭘﯧﺮﺳﻮﻧﺎ靖، ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﭘﯧﺮﺳﻮﻧﺎ靖 ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯚﻟﯜﭖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﺎ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﯞﺍﺭﯨﺲ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯧﭽﯩﺮ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯘﺭ. ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻗﯧﭽﯩﺮ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﯘ ﻗﯧﭽﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻗﯧﭽﯩﺮ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻥ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺳﺎﭖ ﺭﻭﮬﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺟﻪﻟﭙﻜﺎﺭ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﻣﺎﻛﺲ ﯞﯨﺒﯧﺮ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺗﯚﺕ ﺗﯩﭙﻘﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻴﺪﯗ: 1. ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻜﻪ (ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ) ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ؛ 2. ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ؛ 3. ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭼﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ؛ 4. ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﺎﺱ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ.

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺧﯩﻞ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﯞﺍﺳﯩﺘﻪ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ، ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﯞﺍﺳﯩﺘﻪﯕﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ - ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ، ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﯖﮕﻪ ﻳﻪﺗﺴﻪﯕﻼ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﯞﺍﺳﯩﺘﻪﯓ (ﭼﺎﺭﻩﯓ) ﺧﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺳﺴﻪﻥ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺧﯩﻞ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﺳﻪﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯞﺍﺳﯩﺘﻪﯕﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﻼ ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﻪﯓ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺧﯩﻞ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﻠﯩﻚ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗﻳﯘ، ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﯞﻩ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ، ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﺷﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﻨﯩﯔ "ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ" ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﻪﺳﻪﻡ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﻟﺌﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ، ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﺧﺘﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﺯﻭﺭﻧﻰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﭖ ﮬﻪﻳﺪﯨﯟﯦﺘﯩﭗ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧﻤﯩﻘﺎﻧﻪ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﻼﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﻰ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗﺭ. ﺑﯘ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯧﭙﯩﻞ ﺑﻮﻻﻟﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ، ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﯩﻲ ﻳﻪﻛﯜﻥ، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﻯ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ. ﻛﺎﺭﻝ ﻣﺎﺭﻛﺲ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ: "ﮔﯧﮕﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺯﻭﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯜﻟﻜﻪ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﮔﻪ ﺩﻩﻝ ﭼﯜﺷﺴﻪ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯩﺰ ﮔﯧﮕﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺭﻛﺴﻼﺭﻧﻰ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ، ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ، ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ ﺩﻩﻳﻠﯩﻤﯘ؟ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﮔﯧﮕﯩﻠﻰ، ﺋﯚﺯ ﻣﺎﺭﻛﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﻪﺭ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﯟﯦﺮﯨﺪﯗ.

ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺧﯩﻞ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮬﻪ ﺩﯦﺴﯩﻼ ﻛﻮﻧﺎ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺸﯩﺪﻩ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺑﯘ، ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ، ﭘﻪﻥ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﺎﺗﻤﺎﻟﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻪﯓ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﺪﯗ.

ﺧﻮﺵ، ﻣﺎﻛﺲ ﯞﯨﺒﯧﺮ ﻏﻪﺭﺏ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺰﺍﮬﻠﯩﻐﺎﻥ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﭽﻪ، ﻏﻪﺭﺏ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺗﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﯞﺍﺳﯩﺘﻪ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺏ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ.

ﻛﺎﺭﻝ ﻣﺎﺭﻛﺲ:"ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ، ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻘﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ" ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺳﯩﻨﻰ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﺋﯩﺴﻼﮪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺧﯩﺘﺎﺏ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺷﯘ ﺗﺎﭘﺘﺎ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﮬﻪﻗﻠﯩﻖ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﺮﻭﻥ - ﺋﯘﭼﯘﺭ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺰ ﻧﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﭘﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺷﯘﯕﺎ 21 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﻮﺳﯘﻏﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﺎﮬﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﺳﻪﺭﺧﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻓﯘﻧﻜﺴﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺑﯘﺭﭼﻘﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.

ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺷﻮﻟﻮﻡ ﺋﺎﻟﯩﻴﮭﯩﻢ(sholom aliyhim): "ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ؟ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﺪﯗﺭ" ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻴﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺩﺍﻧﯩﺸﻼﺭ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ 14 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ 2000 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﻪﺭﮔﻪﺭﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ "ﺋﯩﻨﺠﯩﻞ"ﻏﺎ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﯨﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﻤﯩﺪﻯ، ﺑﯘ ﺭﻭﮪ ﭘﺎﺭﭼﻪ - ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﺗﻮﭘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺟﺎﻥ ﺗﯩﻜﯩﭗ ﻗﻮﻏﺪﯨﺪﻯ. ﺋﺎﺧﯩﺮ، ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻧﻮﺑﯧﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ٪17ﺋﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺪﻯ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﯧﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ٪20ﺋﻰ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺵ ﺳﺘﯘﺩﯦﻨﺘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ.

ﺑﯩﺰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﺳﻪﻛﻼ، ﺋﯚﺯ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﻤﯩﺰ. ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ

بىلىك كۇلۇبىدىن ئېلىندى

ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻕ ﻧﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ؟

ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻕ ﻧﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ؟



ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ، ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺟﻪﻟﭙﻜﺎﺭ، ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻳﯧﯖﻰ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﺍﺕ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻧﻪﺳﻠﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺩﯨﻨﻮﺯﺍﯞﺭﻻﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯘﺭﺕ - ﻗﻮﯕﻐﯘﺯ، ﭘﯩﺖ - ﺑﯜﺭﮔﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﭘﻪﻟﻪﻙ ﺷﻪﻣﺸﺎﺩ، ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﺳﻜﻪﻱ ﺯﻩﻳﻜﻪﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﺧﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺗﺎﺵ، ﺷﯧﻐﯩﻠﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ، ﺑﯩﺮ ﮬﯧﻜﻤﻪﺕ، ﺋﻪﺳﺮﺍﺭﻻﺭﻏﺎ ﺑﺎﻱ ﻛﯩﺘﺎﺏ. ﺗﻮﻟﯩﻤﯩﺰ ﻏﻪﭘﻠﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ ﺑﯘ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺳﯩﺰ ﺗﺎﻏﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﭘﯘﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯩﻘﯩﻠﺪﯨﯖﯩﺰ، ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺷﻜﻪﻥ، ﺳﯩﺰ ﺋﻮﺭﻧﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﯨﯖﯩﺰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﭘﯘﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯩﻘﯩﻠﺪﯨﯖﯩﺰ، ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭘﯘﺗﻼﺷﻘﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﺳﺎﺋﯩﺘﯩﻜﻪﻥ، ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰ، ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺗﺎﺷﻘﺎ ﭘﯘﺗﻼﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﻣﯧﯖﯩﯟﻩﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﯖﯩﺰ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻣﯧﯖﯩﯟﻩﺭﻣﻪﻳﺴﯩﺰ؟ ﺗﺎﺷﻘﺎ ﭘﯘﺗﻠﯩﺸﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﭘﯘﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﺑﺎﺭ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺩﺩﯨﻴﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺗﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯗ؟ ﺗﺎﺵ ﻗﻮﺯﻏﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ؟ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺯﺍﻻﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ.

ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯘﻟﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺕ ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ، ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻮﭖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮬﻪﺳﻪﻝ ﮬﻪﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻡ - ﻛﯜﺗﯩﺴﯩﺰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﺎﺗﻰ، ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﭘﻪﺭﻗﻰ، ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯩﻨﯩﻖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﮬﻪﻡ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﮬﻪﻡ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ، ﮬﻪﻡ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﭽﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺑﺎﻻ ﺑﺎﻗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺳﺎﺗﯩﺮﺍﺷﻠﯩﺮﻯ، ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﯘ ﺋﺎﻣﺒﺎﺭﻟﯩﺮﻯ، ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﯗﺭﻏﯘﭼﻼﺭ، ﮬﻪﺳﻪﻝ ﭘﯩﺸﺸﯩﻘﻼﺵ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﯩﺮﻯ، ﮔﯜﻟﭽﯧﯖﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺳﯧﺨﻠﯩﺮﻯ، ﺋﺎﻧﺎ ﮬﻪﺭﻩ ﺟﻪﯞﮬﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﻣﺎﮬﯩﺮﻟﯩﺮﻯ، ﻣﻮﻡ، ﻳﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻡ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ، ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭗ - ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﻯ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻠﯩﺮﻯ، ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﻘﺎﻥ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﯩﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ، ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻠﯩﻖ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ.

ﮬﻪﺳﻪﻝ ﮬﻪﺭﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻨﯩﯔ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻳﻪﻛﻜﻪ - ﻳﯧﮕﺎﻧﻪ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﺳﻪﻝ ﮬﻪﺭﯨﺴﮕﯩﻼ ﺧﺎﺱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﯘﭺ ﺋﺎﻣﯩﻠﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ.

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﺳﻪﻝ ﮬﻪﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ، ﺗﯩﺮﯨﻚ ﻳﺎﺷﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮔﯜﻝ - ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﯜﺭﻛﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﺎﻍ، ﺩﺍﻻ، ﺑﺎﻏﻼﺭﺩﺍ، ﺋﯧﺘﯩﺰﻻﺭﺩﺍ ﻳﺎﺷﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺗﻰ، ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻻﻳﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﺎﺷﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺷﯩﺸﯩﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺖ. ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯘﻕ.

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ: ﮬﻪﺳﻪﻝ ﮬﻪﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻛﻜﻪ ﻳﺎﺷﯩﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ - ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﻪﻛﻜﻪ - ﻳﻪﻛﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﻳﺎﺷﯩﻴﺎﻟﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺳﻪﻝ ﮬﻪﺭﯨﺴﻰ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﻰ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯜﻙ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ، ﺩﯦﻤﻪﻙ ﮬﻪﺳﻪﻝ ﮬﻪﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﮬﻪﺳﻪﻝ ﮬﻪﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﯩﺸﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﻘﺎﻥ، ﺗﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ.

ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﮬﻮﻗﯘﻕ ?C ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻠﯩﻖ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﯩﻼ ﺧﺎﺱ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ - ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻱ، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺳﺎﻗﭽﻰ ﮬﻪﺭﯨﻠﻪﺭ . ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﺎﺕ ﮬﻪﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﯞﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﻣﻪﻳﺪﯗ، ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﮬﻮﻗﯘﻕ- ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﻤﻪﺱ، ﺋﯩﻨﺎﻕ، ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﭽﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ. ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ.

ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻧﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﺭﺗﯩﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ، ﺗﻪﺗﺒﯩﻘﻠﯩﻴﺎﻻﻳﻤﯩﺰ؟ ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺗﻪﺗﺒﯩﻘﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﯞﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻤﯘ ﺩﻩﻝ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻣﯩﻠﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ، ﮬﻮﻗﯘﻕ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﻤﻪﻥ.


ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ



ﺑﯘ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺕ. ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﮔﯜﻟﻠﻪﭖ ﻳﺎﺷﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻕ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﺎﻳﯟﺍﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﯩﮕﻪ ﻣﻮﮬﺘﺎﺝ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﺘﻪ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻮﻕ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ؟

ﻣﺎﻧﺎ ﺩﻩﻝ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﺗﯧﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ » ﻧﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﻳﺎﺷﯩﺸﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ، ﻳﯧﻤﻪﻙ - ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻜﻪ، ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﻐﺎ ﻣﻮﮬﺘﺎﺝ، ﺑﯘ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺷﻪﺭﺕ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻤﻪﻙ- ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ، ﻛﯩﻴﯩﻢ-ﻛﯧﭽﻪﻛﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ، ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻳﯧﻤﻪﻙ- ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻗﺎ ﺗﻪﯓ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﯞﻩ ﻳﯧﻤﻪﻙ -ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺷﯘﻛﻰ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻳﯧﻤﻪﻙ - ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻜﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯘﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺴﯩﻤﯘ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺯﺍﯞﯗﺕ، ﻛﺎﻥ - ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ، ﺑﺎﺯﺍﺭ- ﺋﯧﺘﯩﺰﻻﺭ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻳﻐﯘﺯﺳﯩﻼ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺷﻪﺭﺗﯩﻨﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺩﯦﻤﻪﻱ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ؟

ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺑﯩﺰ، ﻣﻪﻥ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﯞﻡ، ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﺌﯩﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ.

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﯘﻝ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺧﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﯩﮕﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ.

ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻤﺎﻱ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯜﺯﯛﻝ - ﻛﯧﺴﯩﻞ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﺎﻥ، ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻼ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﺎﻥ، ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ.

ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘﻛﻰ، ﺑﯩﺮ ﻗﻮﯞﻣﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﻠﻰ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻱ، ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺴﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ، ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﻣﯩﺪﯨﺮﻻﭖ ﻳﯜﺭﮔﯩﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻣﻪﻥ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﺎﺷﺎﺷﺘﻪﻙ ﺋﻪﯓ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ، ﺋﻪﯓ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﻪﻥ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﯞﻡ - ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯩﻘﯩﺪﯗﺭ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﻮﻗﯘﻝ ﻳﯧﻤﻪﻙ - ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﺌﻪﺗﻜﯩﻼ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺯﯨﭻ ﮬﻪﻡ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﺱ.

ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﺗﻜﯩﺴﯩﺪﻩ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻟﯩﺰﯨﻤﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﯞﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﻣﯩﺴﻠﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﭘﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﺩﻯ. ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺩﯙﻟﻪﺕ، ﺟﻪﻣﺌﯩﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻧﯧﮕﯩﺰﯨﻼ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ - ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﻰ، ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ، ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ - ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﭘﻪﺭﻕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ، ﺩﯙﻟﻪﺕ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻧﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻨﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ - ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺵ ﺭﻭﻟﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻠﯜﻙ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﺪﺍ ﭘﻪﺭﻕ ﺑﺎﺭ. ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻠﯜﻙ ﺭﻭﺷﻪﻧﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ، ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ، ﺋﯘ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯦﻴﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻠﯜﻛﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ، ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺍﻟﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﻮﺷﻨﯩﺴﯩﻐﻼ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﺧﯘﻻﺳﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻣﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﻧﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭘﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯘﻗﺮﺍﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ، ﻣﺎﺭﻛﻮﭘﯘﻟﻮ، ﻧﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﺗﺎﯓ ﺷﯘﻩﻧﺰﺍﯕﻼﺭﻣﯘ ﭘﺎﺳﭙﻮﺭﺗﺴﯩﺰ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﺎﻥ، ﺩﯦﻤﻪﻙ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ، ﺭﻭﺷﻪﻥ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻘﺴﯩﺰ ﻧﯩﺴﭙﯩﻲ ﺋﯘﻗﯘﻡ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﻮﺷﻨﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺩﻯ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﯟﻯ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻡ ﻗﻮﺷﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯚﺗﺘﻰ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ 200ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﻨﺎ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺮﺍﻕ، ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ، ﺋﯩﺮﺍﻥ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻮﯞﻩﻳﺖ، ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﻡ ﻳﯩﻤﻪﻱ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎ ﻕ ﺵ ﺩﯨﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﻡ ﻳﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﯚﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﺯﯗ - ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﯩﻤﯘ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ، ﺩﯦﻤﻪﻙ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺭﻭﻟﻰ، ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻧﯩﯔ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻣﯘﮬﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﯩﻤﯘ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻣﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.

ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ، ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﻰ، ﺷﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ?C ﻗﺎﻻﻕ، ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯘﻕ - ﺋﯘﻗﯘﻣﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭﭼﺎﺱ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻧﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ?C ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﺷﯘ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ، ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ . ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﭘﻜﻰ ﺑﺎﺵ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻧﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ- ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﮬﺎﻟﻘﺎ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ، ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ، ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺵ، ﺋﯘﺭﯗﺷﻼﺭﻣﯘ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ 3-ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺷﯘ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻤﯘ ﺗﯩﻨﭻ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﯩﺪﻯ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ، ﺧﻪﻟﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ، ﺧﻪﻟﻖ ﭘﻪﺭﯞﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﻤﯩﻘﯩﻤﯘ ﺋﻮﯕﺎﻱ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﺗﻮﻳﺴﯩﻼ ﺷﯜﻛﺮﻯ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﻳﻮﻕ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﯞﯦﻠﯩﺴﯩﭙﯩﺘﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﻝ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﻨﯩﺪﯗ، ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﭘﯩﻜﺎﭘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﺧﺘﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜﺷﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻻﻳﺪﯗ، ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ، ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﻟﯩﺸﻰ، ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﯚﺯ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﻝ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﮔﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﯞﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻧﻰ ﺑﺎﺵ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯜﭖ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﯩﺘﯩﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ .

ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﺵ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪﻟﻪﭖ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ، ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻮﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺷﯘﻧﺎﺱ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﯚﺯ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪ، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﯜﺯﯛﺵ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﺎﻻﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﭼﯩﮕﺮﺍﻻﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺩﺍﻧﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﯩﭗ -ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮬﺎﻟﻪﺕ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﮬﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻧﯩﯔ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺗﯜﮔﯜﺷﯩﺶ ﺧﻪﯞﭘﻰ ﺑﺎﺭ. ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻜﻰ ﻧﺎﺑﺎﭘﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺷﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﮬﺎﻻﻛﻪﺕ ﮔﯩﺮﺩﺍﺑﯩﻐﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. 1997-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ - ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﭘﯘﻝ - ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻛﺮﯨﺰﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﺎﺭﮔﯧﻨﺘﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﺑﯘﻧﯖﺪﯨﻦ 3-4 ﻳﯩﻞ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﺎﺭﮔﯧﻨﺘﯩﻨﺎ 3- ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺋﯜﻟﮕﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﯩﻨﻪﺗﺘﻰ، ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘﭖ - ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﯩﻼ ﯞﻩﻳﺮﺍﻧﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ.

ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﺭ ﺩﯦﺴﻪﻙ، ﺑﯘ ﺗﻮﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺗﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻳﯩﭙﺘﺎ ﺗﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﺎﺩﺩﺍ، ﺋﺎﻕ ﻛﯚﯕﯜﻝ، ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻧﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﻛﯜﭼﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻐﺎ ﮬﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﻻﭘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ، (ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻖ ﺗﺎﯕﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ) ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗﻻﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻳﻐﯘﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻳﻐﯘﺯﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯗﺭ. ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﯧﯟﻩﻥ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﺎﻻﻳﺪﯗ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻕ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﭘﻪﻥ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻧﻰ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺗﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻧﻰ ﺑﺎﺵ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﺧﻮﺵ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﯩﻤﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺋﯚﺗﺘﯘﻕ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺪﯗ؟

ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ، ﻳﻪﻧﻰ ﺧﺎﻡ ﺋﻪﺷﻴﺎ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺑﯘ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺷﻪﺭﺕ، ﻣﻪﺷﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﺘﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﻮﺗﯘﻥ - ﻛﯚﻣﯜﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ، ﺑﯘ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﻣﻮﻝ ﺯﯦﻤﯩﻨﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﻱ، ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺧﺎﻡ ﺋﻪﺷﻴﺎ ﺷﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﻨﺴﯘﻥ، ﺋﯘ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺗﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯ - ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﻰ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻧﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺟﯘﻏﻼﻧﻤﯩﺴﻰ.

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ، ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺟﯘﻏﻼﻧﻤﯩﺴﻰ. ﺑﯘ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﺎﻣﯩﻞ، ﻳﻪﻧﻰ ﺧﺎﻡ ﺋﻪﺷﻴﺎﺩﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭼﻪﻛﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺩﺩﯨﻴﺮﺍﻕ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﮬﯜﻧﻪﺭ ?C ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﭘﻪﻥ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ، ﺑﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻓﯘﻧﻜﺴﯩﻴﺴﻰ ﺧﺎﻡ ﺋﻪﺷﻴﺎﻧﻰ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ . ﺧﺎﻡ ﺋﻪﺷﻴﺎ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻟﯜﻙ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻧﻪﺭﺳﻪ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﺋﻪﻗﯩﻠﻨﯩﯔ ﭘﯩﺸﺸﯩﻘﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ﻗﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻳﯘﻣﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻱ - ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻼﺭ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﻡ ﺋﻪﺷﻴﺎﺩﯨﻦ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ، ﻳﻪﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﻪﻥ­_ﺋﯩﻚ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﻪﻥ ﺗﻪﺧﻨﯩﻜﺎ ﺟﯘﻏﻼﻧﻤﯖﺴﯩﺪﯨﻨﻦ ﻗﺎﻥ ﭼﯩﻠﯩﻚ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ﻗﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪﺑﯩﺮ ﺑﯘﺗﯘﻣﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ،ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺟﯘﻏﻼﻧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﯧﯖﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﺎﻣﯩﻞ، ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺑﺎﻳﺪﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ، ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﺘﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺑﺎﻳﺪﺍ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ، ﺗﺎﻧﻜﺎ، ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﺘﺎ، ﻛﻪﺗﻤﻪﻥ، ﮔﯜﺭﺟﻪﻙ، ﺑﻮﻟﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ، ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺩﻩﻝ ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯩﻞ .

ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺟﯘﻏﻼﻧﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ، ﺑﯘ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ ﭘﺎﻳﺪﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﭘﻪﯞﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺧﺎﻡ ﺋﻪﺷﻴﺎﻟﯩﺮﻯ، ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻱ ﻳﯜﺭﯨﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﺪﺍ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺑﺎﺭ، ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯚﭖ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﻱ، ﻗﺎﺳﺴﺎﭘﻼﺭ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻱ.

ﺑﻪﺯﻯ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﮬﯜﻧﻪﺭ، ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻐﺎ، ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﻜﻪ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯩﺰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻨﻰ، ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﭘﺎﭼﯩﺴﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﻤﯩﺰ.

ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺴﻰ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﯜﺯﯛﻣﻠﻪﺷﻜﻪﻥ، ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻼﺷﻘﺎﻥ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﮬﺎﻟﻘﯩﺴﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﯚﺯ ﻓﯘﻧﻜﺴﺴﯩﻴﺴﯩﻨﻰ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﮬﻪ، ﻣﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﻪ ﺩﻩﻝ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ، ﺗﯜﺯﯛﻡ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ، ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻣﺎﺭﻛﺴﯩﺰﯨﻢ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﺑﺎﺯﯨﻐﺎ ﻗﯘﺭﻭﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﺳﺘﻘﯘﺭﯗﻟﻤﺎ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﻡ ﺋﻪﺷﻴﺎ، ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ، ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ، ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺷﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻤﯘ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺷﯘ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ، ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻗﺎﻻﻕ، ﺋﯜﻧﯜﻣﺴﯩﺰ (ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺑﺎﺝ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﻪﺕ ﺗﻮﻻ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ) ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

ﺟﯘﯕﮕﻮﻣﯘ ﺑﺎﺷﺘﺎ ﻛﻮﭘﯩﺮﺍﺗﺴﯩﻴﯩﻠﯩﺸﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻣﺎﯕﺪﻯ (ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﻪ)، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ، 78- ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺗﺘﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯚﺭﯛﻟﺪﻯ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﻳﻮﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﺘﻰ، ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺳﻮﺩﺍ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ، ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ - ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﺰﻡ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻧﻰ ﮬﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﭼﯩﯔ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﻮﺷﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﺘﯘﺭ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺗﺎ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻨﻰ، ﻳﻪﻧﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻗﺎ ﺋﺎﺭﯨﻠﺸﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺑﺎﺯﺍﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﻤﯩﺰ .

ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘ ﺋﯜﭺ ﺋﺎﻣﯩﻠﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ؟ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭ ﭼﺎﺱ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﯩﻠﻨﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﻪ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ، ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﯚﺗﻤﻪﻛﺘﻪ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ، ﺧﺎﻡ ﺋﻪﺷﻴﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺗﻰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺧﺎﻡ ﺋﻪﺷﻴﺎﻧﻰ ﺧﺎﻡ ﺋﻪﺷﻴﺎ ﭘﯧﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻧﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﺎﻻﻕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻼ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻏﺎﺭ ﺑﯘﻏﺪﺍﻳﻨﻰ 100 ﻛﻮﻳﻐﺎ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺧﻮﺵ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻏﺎﺭ ﺑﯘﻏﺪﺍﻳﺪﯨﻦ 1000ﻛﻮﻳﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻗﻨﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﻰ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ 3- ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺷﯘﻻﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﯞﺍﻳﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰ، ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻭﺭﺩﺍ« ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ» ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﺪﺍ 100 ﭼﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻟﻮﻧﺪﯗﻧﺪﺍ ﺋﯧﺸﻪﻛﻜﻪ ﻗﻪﮬﯟﻩ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﺪﻯ، ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﯜﺷﯩﭽﻪ، ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﻯ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﻗﻪﮬﯟﻩ ﮬﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﻪﮬﯟﻩ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﮬﯟﻩﻧﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﻪﮬﯟﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺯﻭﺭ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ، ﭘﺎﻳﺪﯨﻨﻰ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺑﺎﮬﺎﺩﺍ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﭘﯩﺸﺸﯩﻘﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﺍﯞﯗﺕ - ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺯﺍﯞﯗﺕ - ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻗﻪﮬﯟﻩ ﺗﯧﺮﯨﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ، ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ، ﻗﻪﮬﯟﻩ ﻻﺗﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﭘﯩﺸﺸﯩﻘﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ - ﺯﺍﯞﯗﺗﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ.

ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺩﯙﻟﻪﺕ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ . ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ، ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﻪ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪﻙ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.

ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯩﺴﺎﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﭘﺎﺧﺘﺎ، ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﺎﺯﯨﺴﻰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﭘﺎﺧﺘﺎ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻼﺭ ﻳﻮﻕ ﺩﯦﻴﻪﺭﻟﯩﻚ. ﻣﯧﯟﻩ ﻛﯚﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻗﻘﺎﻟﻼﺭ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ، ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﻪ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺷﻮﺋﺎﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﻗﻪﻳﻪﺭ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﻰ ﻗﺎﻻﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺷﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ?C ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﻻﻕ، ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﻪﺕ- ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ ﮬﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺗﻮﻻ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ، ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﺎﻡ ﺋﻪﺷﻴﺎ ﭼﯩﻘﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺷﯘ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺧﺎﻡ ﺋﻪﺷﻴﺎﻧﯩﻤﯘ، ﭘﻪﻥ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﯩﻤﯘ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﻛﯧﻠﻪﻟﻪﻳﺪﯗ، ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﻣﯩﺴﺎﻟﻰ . ﺷﻴﺎﯕﮕﺎﯓ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺑﯧﻠﯩﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯘﺭﺗﻰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﭘﯘﻝ-ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﺋﺎﻣﯩﻠﻤﯘ ﺷﻴﺎﯕﮕﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺷﯘ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﻪ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ.

ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺷﯘ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘﻛﻰ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﯩﻴﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﯘﭺ ﺋﺎﻣﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ، ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﻪ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯩﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻢ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﺴﻪﻙ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯘﭺ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ. ﺧﺎﻡ ﺋﻪﺷﻴﺎ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺷﻪﺭﺕ، ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭼﻰ ﻛﯜﭺ، ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ.


2- ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ



ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ «ﺑﯘ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﯩﻼ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ»ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﮬﯧﻠﯩﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺩﻩﻝ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﺌﯩﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ .

ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ، ﺧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ ؟ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻨﻼ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺩﯨﻜﻰ، ﺧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻼ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻻﻣﻪﺕ، ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ. ﺑﯘ ﺋﺎﻻﻣﻪﺕ، ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺷﯘ ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﺘﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺕ ﺷﯘ ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺋﯚﺯﯨﮕﯩﻼ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯚﺯﯨﮕﯩﻼ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺕ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ .

ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﯞﻡ، ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻮﯞﻡ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﻰ، ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺳﻪﯞﯨﻴﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯧﺮﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺷﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺗﯩﻨﺪﯗﺭﻣﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﺪﯗﺭ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻼ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ (ﺷﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ) ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻰ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ،، ﺑﯘ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻛﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﭖ، ﻛﯩﻤﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺯﺍﺩﻯ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﯩﻤﯘ ﺗﺎﺯﺍ ﺋﻨﯩﻖ ﺋﺎﯕﻘﯩﺮﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺶ .

ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﯨﻤﯩﺰ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﻗﯘﻡ، ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﺪﺍ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﮬﻪﻡ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺸﺪﻩ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯧﯖﻪ، ﻗﻪﻟﺒﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﺷﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﻪﮬﺮﯗﻡ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺷﻪﻳﺌﻰ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﯚﻟﭽﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻛﯚﺯﻩﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻛﯩﺖ.

ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺗﯘﺭﺍﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭ ﻣﯘﯞﺍﭘﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﺳﺎﻧﺎﭖ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺧﻠﯘﻕ، ﺋﯘ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻣﻪﻧﻪ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﯜﭼﻰ، ﺩﻩﻝ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﺧﺘﺎﯞﺳﯩﺰ ﻣﻪﻧﻪ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﻣﻪﻧﯩﻠﻪﺭ ﺗﯜﺭﻯ ﺩﯦﺴﻪﻙ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺷﯘ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﻳﺎﻣﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﭼﯜﻙ، ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﺎﺷﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺧﺎﺱ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ،ﺑﯘ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﻼﺭ ﺷﯘ ﺗﻮﭘﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﮕﻪ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﻯ ﺋﯩﺪﻳﯩﺴﻰ، ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ،ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﯩﻜﻰ، ﻳﯧﻤﻪﻙ - ﺋﯩﭽﻤﯩﻜﻰ، ﻳﯜﺭﯛﺵ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ، ﭘﺴﯩﺨﯩﻜﯩﺴﻰ،ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ، ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ . ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ. . . ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ، ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﻼﺭ ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﺗﻮﭘﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪﺳﺎﮬﻪ، ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯩﺮﺍﺱ. ﺋﺎﺭﺗﻮﻟﻮ ﺗﻮﻳﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ.

ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﭘﻪﺭﻕ - ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﭘﻪﺭﻕ، ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﭘﻪﺭﻕ ﺑﺎﺭ، ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭘﻪﺭﻕ، ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﮬﻠﻰ، ﻛﻮﻧﻜﯩﺮﯦﺖ ﻣﻪﺳﺴﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺑﺴﺘﺮﺍﻛﺖ ﺋﯘﻣﯘﻣﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ. ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺯﻭﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭ ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺯﯗﻟﯩﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﮕﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻧﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ،ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﻜﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﮬﻠﯩﮕﻪ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻏﺎﻳﻪ، ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ، ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﻗﻪﺳﻰ، ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺷﯘ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻳﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺘﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺑﯩﺮ ﻗﻪﯞﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﻮﻗﯩﻐﺎ ﻧﯩﺴﭙﻪﺗﻪﻥ ﺷﯘ ﻗﻪﯞﻣﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﻰ، ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ، ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﭘﺘﻪ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻪﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﯞﻣﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺷﯘ ﻗﻮﯞﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ .

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺸﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺷﯘﻛﻰ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﯞﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ، ﻣﻪﻧﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺷﯘ ﻗﻮﯞﻣﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ - ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ (ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ).

ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ، ﺑﯘ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ، ﻳﺎ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ، ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻭﻟﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺗﻪﺭﻛﯩﭙﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ، ﻳﺎ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ، ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻭﻟﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺑﻪﺯﻯ ﺗﻪﻛﯩﺒﻠﻪﺭ ﻳﺎﺩﺭﻭﻟﯘﻕ، ﻧﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻳﻮﻟﻼﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﯩﻜﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻣﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﺳﯩﺮﯨﻘﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻗﺎﺳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﯩﻠﯩﻚ ﭼﯘﻗﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﻳﻮﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺷﻪﺭﺕ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﭘﻜﻰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﻯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﯩﺮﯨﺮﯨﮕﻪ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﻘﺎﻥ ﮬﯚﻛﯜﻡ - ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﻯ ﺗﯩﻠﻰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﯩﻜﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

بىلىك كۇلۇبىدىن ئېلىندى