2008年4月22日


ئاتا-ئانىنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى ۋە كەلمەيدىغىنى

• مەن ساڭا ھاياتلىق ئاتا قىلالايمەن ، لېكىن سېنىڭ ئورنۇڭدا ياشالمايمەن .
• مەن ساڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىتەلەيمەن ، لېكىن سېنى ئۆگىنىشكە زورلىيالمايمەن .
• مەن قانداق ئادەم بولۇشىڭغا يول كۆرسىتەلەيمەن ، لېكىن بارلىق يۈرۈش-تۇرۇشىڭغا مەسئۇل بولالمايمەن .
• مەن ساڭا ئاق-قارىنى قانداق پەرىق ئېتىشنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن ، لېكىن سېنىڭ ئورنۇڭدا ئېنىق تاللاپ بېرەلمەيمەن .
• مەن ساڭا مېھىر-مۇھەببىتىمنى تولۇق بېغىشلىيالايمەن ، لېكىن ھەممنى قوبۇل قىلىشقا زورلىيالمايمەن .
• مەن ساڭا دوست-بۇرادەرلىرىڭ بىلەن جاپادىمۇ ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشنى ئۆگىتەلەيمەن ، لېكىن سېنى شۇنداق قىلىشقا زورلىيالمايمەن .
• مەن ساڭا باشقىلارنى قانداق ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىتەلەيمەن ، لېكىن سېنىڭ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشۇڭغا كاپالەتلىك قىلالمايمەن .
• مەن ساڭا ھەقىقي دوستلۇقنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن ، لېكىن ساڭا دوست تاللاپ بېرەلمەيمەن .
• مەن ساڭا جىنسىيەت توغرىسىدا تەربىيە بېرەلەيمەن ، لېكىن سېنىڭ پاكلىقنى ساقلاپ قېلىشىڭغا كاپالەتلىك قىلالمايمەن .
• مەن ساڭا كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەقىقىتىنى سۆزلەپ بېرەلەيمەن ، لېكىن سېنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈرەلمەيمەن .
• مەن ساڭا ھاراقنىڭ زىيانلىقلىغىنى ئەسكەرتەلەيمەن ، لېكىن سېنىڭ ئورنۇڭدا ئۇنى رەت قىلالمايمەن .
• مەن ساڭا زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ زىيىنىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن ، لېكىن ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشىڭغا كاپالەتلىك قىلالمايمەن .
• مەن ساڭا ئادەم ھاياتىدا يۈكسەك نىشان بەلگىلىشى كېرەكلىگىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن ، لېكىن سەن ئۈچۈن بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرەلمەيمەن .
• مەن ساڭا ئادەم بولۇشنىڭ ئالىي پەزىلىتىنى ئۆگىتەلەيمەن ، لېكىن سېنىڭ ئاقكۆڭۈل ئادەم بولۇشىڭغا كاپالەتلىك قىلالمايمەن .
• مەن ساڭا سەۋەنلىكلىرىڭنى كۆرسۈتۈپ بېرەلەيمەن ، لېكىن سېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ ئەخلاقلىق ئادەم بولۇشىڭغا كاپالەتلىك قىلالمايمەن .
• مەن ساڭا قانداق ياشىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدىغانلىغىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن ، لېكىن ساڭا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئاتا قىلالمايمەن .
• مەن ساڭا زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ ، ساڭا ئەڭ گۈزەل نەرسىلەرنى ئاتا قىلالايمەن ، لېكىن ساڭا ئىستىقبال ۋە كەسىپ ئاتا قىلالمايمەن .
..............
بالام ، مەن ساڭا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بېرەلەيمەن ، چۈنكى مەن سېنى سۆيىمەن ؛ لېكىن ، شۇنى چۈشىنىشىڭ كېرەك ، مەن سەن بىلەن مەڭگۈ بىللە بولۇشنى خالىساممۇ ، لېكىن مۇھىم قارارلارنى ئۆزۈڭ چىقىرىشىڭ كېرەك . شۇڭا ، مېنىڭ تىلەيدىغىنىم ، توغرا يول تاللىشىڭ ئۈچۈن ، پارلاق قۇياش ھاياتلىق يولۇڭنى مەڭگۈ يورۇتۇپ تۇرسۇن .
-----------------------------------------------
«تەرمىلەر» ژورنىلى ، 2004-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى


دادا، ئەمدى سىزدە ئوقۇيمەن
(مەتروزى نۇرى)

ئەقلىمگە كەلسەم بىزنىڭ ئۆيدە دادام، ئانام ۋە مەن ئۈچەيلەن بار ئىكەنمىز. دادام ئائىلىدە ئاساسەن ئىتىز- ئىرىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، ئانام ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىكەن. مەن ھازىر ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرۇس سىنىپىنى پۈتتۈردۈم. ئائىلىدە بىرلا بالا بولغانلىقىمدىنمۇ ياكى ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىسى بولغانلىقىم ئۈچۈنمۇ، ئۆيدە ھەممىدىن بەك ھۆرمەتكە سازاۋەرمەن. مەھەللىدىكىلەر ماڭا ئىززەت- ئىكرام بىلەن مۇئامىلە قىلىشىدۇ. بەلكىم ئۇلار مىنى باشقىچىرەك ئويلىسا كىرەك. ئەمما مەن خىجىللىقتىن ئۆزۈمنى قويىدىغان جاي تاپالماي قالىمەن. چۈنكى قورساقتىكى ئوماچ ئۆزۈمگە ئايانىدى. دادام 16 يىشىدا ئەترەتتىن بىر قازان ۋە بىر تەلەڭگە مۇكاپات ئاپتىكەن. دىمەك، دادام شۇ ۋاقىتلاردىمۇ ئۆز ئىشىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىققان. مەن ھازىرغا قەدەر بىر ئورۇننىڭ بىرەر پارچە تەقدىرنامىسىگىمۇ ئىرىشەلمىدىم. دادام 17 ياش ۋاقتىدا بوز يەرگە سۇ باشلاپ، 200-300 تۈپ كۆچەت تىكىپتىكەن. مەن ئەقلىمگە كىلىپ ھازىرغىچە بىر تۈپ كۆچەت تىككىنىمنى بىلمەيمەن. دادام 22 ياش ۋاقتىدا ئات چىپىپ ئوغلاق ئوينايدىكەنتۇق. مەن توپتوغرا 26 ياشقا كىردىم. مىنىڭ ئۆز پۇلۇمغا ئالغان بىرەر ۋىلىسپىتىممۇ يوق. دادامنىڭ نەزىرىدە دۇنيا ئادەمدىن باشقا، ھايۋانلار بىلەنمۇ گۈزەل، قۇۋانچىلىق بولسا كىرەك، چۈنكى ئۇ ھەرقانداق ھايۋاندىن قورقمايلا قالماستىن، يەنە ئۇلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەپسۇس، مەن سەھرا قوينىدا چوڭ بولۇپمۇ، توخۇ بىلەن قويدىن باشقا ھەممىسىدىن قورقىمەن. دادام ئۆزىنى تەبىئەتنىڭ بىر قىسىمى دەپ بىلەمدىكىن تاڭ، كۈندۈزگە قانداق مۇئامىلە قىلسا كىچىسىمۇ شۇنداق ئەركىن. ئەمما مەن كەچ كىرىشى بىلەن تالا- تۈزگە چىقىشتىن قورقىمەن. دادام مال سويىدىغان، ئەتىيازلىرى ئۇلاق ئۇلايدىغان ئىشلارنى گۈل-گۈلىگە كەلتۈرۋىتىدۇ.
مەن توخۇ بوغۇزلاش تۈگۈل، قەلەم ئۇچلايدىغان بەكىنىمۇ ئوڭلاپ تۇتالمايمەن، دادام خۇشال بولسا، قۇلۇم- قوشنىلارنى چاقىرىپ، ئۇلار بىلەن بىرگە چاي ئىچىپ خۇشاللىقىنى باشقىلار بىلەن تەڭ ئورتاقلىشىدۇ. ئىچى پۇشۇپ قالسا جەينىمازدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ كىتىدۇ. ئەمما مەن ئۇنداق ئەمەس. خۇشال بولسام، دوستلىرىمنى چاقىرىپ تازا ئىچىمەن، خاپا بولساممۇ ھەم شۇنداق.
دادام مەھەللىدە توي- تۆكۈن بولسا ئۇلارغا كەچكىچە قارىشىپ بىرىپ قايتىدۇ. مەن پولودىن كىيىنلا قايتىمەن. دادام مەھەللىدە بىرەر ئۆلۈم نامىزى بولۇپ قالسا، شۇنداق تۆكۈلۈپ، شۇ ۋاپات بولغۇچىنىڭ تەرىپىنى قىلىپ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ قايتىدۇ. ئەمما مىنىڭ ئۇنداق جايلاردا كۈلۈپ سالمىغىنىمنىڭ ئۆزى بىر ئىش. دادام مەھەللىدىكىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن زىيانغا ئۇچراشقا رازى. دادام بۇنداق ئىشلارنى خالايدۇ، بىراق مەن ئۆزۈمگە زىيان يىتىدىغان بارلىق ئىشلارنى خالىمايمەن. دادام تىخى دۇتار، تەمبۇرلارنى راسا سازلاپ چالالايدۇ، ماڭا سۇناي بەرسە، پۈۋلەپ ئاۋازىنى چىقىرالماسلىقىم تۇرغانلا گەپ. دادام- ئاپام 45 يىل ئۆي تۇتۇپ، ئىجىل ئۆتۈۋاتىدۇ. ئەپسۇس، مەن ئىككى- ئۈچ قىز يەڭگۈشلەپ بولدۇم.
دادام يىغقان پۇللىرىنى كۆڭۈلنىڭ ساغلام بولغان خۇشلۇقى، تىنىنىڭ سالامەتلىكى، ھويلا- ئاراملارنى كۆكەرتىش ئۈچۈن خەجلەيدۇ. ئەپسۇس، مەن دادام بەرگەن پۇللارنى كۆڭۈلنىڭ ئەرزىمەس خۇشلۇقى ئۈچۈن خەجلەيمەن. بىلىشىمچە، دادامنىڭ كوچا- كويلاردا بىرەرى بىلەن ئۈنلۈك پاراڭلىشىپ قالغىنىنى بىلمەيمەن، دادام چوڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلسا، كىچىكلەرگىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەمما مەن ئىككى- ئۈچ كۈندە بىرەرى بىلەن قىزىرىشىپ تۇرىمەن. دادامدىكى بۇ كۆيۈم ۋە مىھرىبانلىقتىن ھەممە بەھىرلەنگەن بولۇشى مۇمكىن. مەن ئۆزۈمدىن ئارتۇق كىبىرنى يۈدۈپ يۈرىمەن. مەندىكى بۇ ئىنسانىي كەمتۈكلۈكلەرنى دادام ئويلىمىسا كىرەك. 26 ياشلىق بىر يىگىتتە دادىسىنىڭ ياشانغاندىكى ئالامەتلىرىدىن بىرەرسى تىپىلمىسا بۇنىڭدىن كىيىن مەنمۇ ئەر، دادا بولۇپ قالسام قانداق قىلارمەن؟
دادام مەكتەپتە ئوقۇپ ساۋاتلىقلا بولغان. ئەمما مەن قىلىن- قىلىن كىتاپلارنى ئوقۇغان ۋە ئوقۇۋاتىمەن. ئوقۇغان كىتابلىرىمنىڭ ھەم ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى بىلىم ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ. بىلىم دىگەن ھەق بىلەن ناھەقنى، خاتا بىلەن توغرىنى، راسىت بىلەن يالغاننى ئايرىيالىسا، شۇ ھەقىقىي بىلىم ئوخشايدۇ. مەن يىڭىۋاشتىن شۇ جاپاكەش دادامدا قايتا بىر ئوقۇسام بولغۇدەك. مىنى داۋاملىق قىينايدىغىنى دادامدىكى ئىنساني خىسلەتلەرنىڭ مىنىڭ ۋۇجۇدۇمدىن بارا- بارا يىراقلاۋاتقانلىقى... دادا، ئەمدى چوقۇم سىزدە ئوقۇيمەن. ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويۇشتىن ئۆزۈمنى تارتىمەن.
(ئاپتور: خوتەن ناھىيە لاڭرۇ يىزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى)
"مىراس" ژورنىلىنىڭ "2004.6" سانىدىن ئېلىندى



بىزگە قانداق دادىلار كىرەك

ئاپتۇرى : يالقۇن روزى

دادىلار قەيسەرلىكتە، چىدام جاسارەتتە، ئىلىمھۈنەردە، ۋاپادارلىقتا، ئەل يۇرتقا ھىممەت كۆرسىتىشتە... پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولالىشى كېرەك
‿بالىلىرىمىز مەدەنىيەت ۋە دۇنيا قاراشلار ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا بىزگە مېھىر - شەپقەتنى غەپلەت بۆشۈكىگە ئايلاندۇرۇۋالغان ئانىلار كېرەك ئەمەس، بەلكى ئۇنى يۈكسەك ئېتىقاد ئىستراتېگىيىسىگە ئايلاندۇرغان ئانىلار كېرەك ‿
بۇ بىر ئابزاس سۆز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ "بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟" دېگەن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى كەسكىن خىتابى. مېنىڭچە، سۆيۈملۈك ئانىلىرىمىزغا قىلىنغان بۇ خىتاب يەنە ئۆز نۆۋىتىدە قەدىرلىك دادىلارغىمۇ ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ! مەن ئاشۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن"بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟" دېگەن مەسىلە ئۈستىدە جىددىي ئويلىنىپ قالدىم.
لۇشۈن ئەپەندى 1920 - يىللىرى "بىز ھازىر قانداق دادا بولۇشىمىز كېرەك"دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، ئەينى يىللاردىكى جۇڭگولۇق دادىلار توغرىسىدا ئۆتكۈر تەنقىدىي مۇلاھىزە يۈرگۈزگەنىكەن. شۇ يىللاردا جۇڭگو زىيالىيلىرى"يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى"نى قوزغاپ، مىللىي ئويغىنىش دولقۇنىنى ئەۋج ئالدۇرغان. مىللىي خورلۇقنى يەتكۈچە تارتقان جۇڭگو زىيالىيلىرى غەزەپ - نەپرەتكە تولغان كۆزىنى ئۆزلىرىنى قاتمۇقات مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان جاھانگىرلارغا، تەسلىمچى ھۆكۈمەتكە، ھوقۇقپەرەس مۇستەبىتلەرگە تىكىش بىلەن بىرگە، مەھكۇملۇققا كۆنۈكۈپ كەتكەن جاسارەتسىز دادىلارغىمۇ تىككەن. شۇڭا ئەينى ۋاقىتتىكى ئەدەبىي ئەسەرلەردە دادىلارنىڭ ئوبرازى ئاساسەن دېگۈدەك سەلبىي ئوبراز سۈپىتىدە يارىتىلىپ ئۆتكۈر ئىبارىلەر بىلەن تەنقىدلەنگەن. ئەدەبىي تەنقىدچىلەر "يوللارغا ئەسكى دادا توشۇپ كەتتى"دەپ ئېيتىشقان. شۇڭىمۇ بەزى ئەربابلار بۇ يىللارنى جۇڭگو تارىخىدىكى "دادىنى دۇمبالاش" يىللىرى دەپ ئاتاشقان.
شۈبھىسىزكى، بىر مىللەت ئۆزىنىڭ كېلەچەك - ئىستىقبالى ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلانغاندا، مەۋجۇت ھالىتىدىن ئۆكۈنۈپ قانائەتسىزلىك ھېس قىلغاندا ۋە ئەندىشىگە چۆمگەندە، تەبىئىي ھالدا كرىزىس ئېڭى كۈچىيىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ قانداق قىلىش كېرەك؟ بىزگە نېمە كېرەك؟ چىقىش يولى - تەرەققىيات يولى زادى قەيەردە؟ دېگەندەك نۇقتىلاردىن چىقىپ تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىدۇ. بايانىمىزدىكى "بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟"بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟"دېگەن تېمىلار ئۈستىدىكى ئويلىنىشلارمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
بىلىپ تۇرۇپتىمىز: نۆۋەتتە، خەلقىمىز مەۋجۇت بولۇش، تەرەققىي قىلىش، ئەنئەنە ۋە مىللىي خاسلىقنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە قاتمۇقات خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. گەرچە پۈتكۈل يەرشارى مىقياسىدا تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە كۆرۈلۈۋاتقان كەسكىن رىقابەت ۋە خىرىس ھەممە مىللەتكە ئوخشاش بولسىمۇ، ھەربىر مىللەتنىڭ ئەھۋالى مەلۇم جەھەتلەردە يەنىلا پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،ھازىر ئەڭ مۇھىمى ۋە خەۋپلىك بولۇۋاتقىنى ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتىكى يىمىرىلىشتۇر. بۇنى "بىز دۇچ كېلىۋاتقان بارلىق خىرىسلار ئىچىدىكى ئەڭ زور خىرىس" دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر بەلكىم، "ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتىكى چۈشكۈنلىشىش پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلە"دەپ ئويلىشى مۇمكىن. توغرا، ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتە غايەت زور ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىپ، مۆجىزە خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن، ئەللەردىكى كىشىلەردىمۇ ئەخلاقىي چۈشكۈنلىشىش مەسىلىسى مەۋجۇت. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھەقىقەتەنمۇ ئەخلاق كرىزىسى مەسىلىسى تەرەققىي تاپقان ۋە تەرەققىي تاپمىغان بارلىق ئەل خەلقلىرى ئۈچۈن ئورتاق مەسىلە بولۇپ قالدى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمما مەن بىزنىڭ ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتە يىمىرىلىشىمىز باشقىلارنىڭكىدىن ئۆزگىچىرەك، دەپ قارايمەن. سەۋەبى شۇكى، بىزنىڭ كىشىنىڭ زوقى كېلىدىغان ھەققانىيەت، گۈزەللىك، مەردانىلىك، ئوچۇق - يورۇقلۇق، باتۇرلۇق، مېھرىبانلىق بۈيۈك ھېسابلىنىدىغان نوپۇزلۇق ئەخلاق ئۆلچەملىرىمىز قاياقلاردىندۇر يۇقتۇرۇۋېلىنغان چاكىنا ئەخلاق قاراشلار تەرىپىدىن يەكلەنمەكتە، بىر چەتكە چۆرۈپ تاشلانماقتا. قارايدىغان بولسىڭىز پارىخور ئەمەلدارلارنىڭمۇ، خۇشامەتچى جان باقتىلارنىڭمۇ، نومۇسسىز ئىپپەت سودىگەرلىرىنىڭمۇ، ھارام تاماق ھۇرۇنلارنىڭمۇ، ئەيتاۋۇر، خروئېن سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭمۇ... ئۆزى ئۈچۈن توغرا ھېسابلىنىدىغان بىر تالاي ئەخلاق سەپسەتىلىرى بار. ئۇلار بۇ خىل بىر تەرەپلىمە، چاكىنا، كۈلكىلىك ئەخلاق سەپسەتىلىرىنى ھېيىقماستىن سۆزلەپ يۈرۈۋېرىدۇ. ئۇنداقلاردا نە گۇناھ تۇيغۇسى، نە ۋىجدانىي ئازاب تۇيغۇسى، نە نومۇس تۇيغۇسى يوق. ئۇلار ئۆز قىلمىش - ئەتمىشلىرىدىن ماختانسا ماختىندۇكى، قىلچىمۇ ئۆكۈنمەيدۇ، ئەپسۇسلانمايدۇ. نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلى ئۇزۇن، گەپ - سۆزى ياڭراق، يۈرۈش - تۇرۇشى شۇنچە كۆرەڭ؟ سەۋەبى، ئۇلار نوپۇزلۇق ئەخلاق - پەزىلەت ئۆلچەملىرىنىڭ چەكلىمىسىنى دېيەرلىك ھېس قىلمىغان، ئالىيجاناب ئەخلاق - پەزىلەتنىڭ كۈچىنى تولۇق تونۇپ يەتمىگەن. شۇڭا، ئۆزلىرى كېتىۋاتقان يولنىڭ نومۇسسىز يول ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماق تۈگۈل، ئەكسىچە ئۇنى جاھاندارچىلىقنىڭ شەرەپلىك يولى، دەپ بىلىدۇ. ئەخلاق ئۆلچەملىرىمىزنىڭ بۇنداق ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ كېتىشىدىكى تۈپ سەۋەب مېنىڭچە، بىزنىڭ ئايرىم ساندىكى دادىلىرىمىزدا. بىزنىڭ ھازىرقى دادىلىرىمىز ئۆتكەن ئەسىردىكى 50 -، 60 -، 70 - يىللاردا ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئۇ چاغلاردا كىشىلەرنىڭ "ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەردىكى ئىنقىلابىي قىزغىنلىقى"بەكرەك تەكىتلىنىپ،" ھەق - ناھەق تۇيغۇسىغا ئىگە، مۇھەببەت - نەپرەت تۇيغۇسى روشەن، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ھالال بىلەن ھارامغا بولغان مۇئامىلىسى سەزگۈر ئادەملەردىن بولۇشنى تەكىتلەش"كە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىگەن. بۇ دادىلار ئارقا - ئارقىدىن تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگە ئەخلاق جەھەتتە زۆرۈر بولغان تەلەپلەرنى قويۇپ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا ئالىيجاناب پەزىلەت گۈللىرىنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىشقا، ئۇلارنىڭ قەلبىدە نوپۇزلۇق ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرەلمىگەن. پەقەت، قانداق قىلىپ تىرىشىپ ئوقۇپ ياكى تىرىشىپ ئىشلەپ ياخشى كۈن كەچۈرۈش توغرىسىدىلا گەپ - سۆز قىلالىغان. نەتىجىدە ماددىي مەنپەئەتكە سەزگۈر قىلىپ ئادەتلەندۈرۈلگەن بۇ پەرزەنتلەردىن مال - دۇنيانى، ھوقۇق - ئىمتىيازنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، بۇ نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن، ھەرقانداق بولمىغۇر ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشتىن يانمايدىغان بىر تۈركۈم مەخلۇقلارمۇ يېتىشىپ چىقتى. ئۇلار بۇ جەھەتتە ئېرىشكەن نەرسىلىرىدىن ماختاندى، ھۇزۇرلاندى. ۋەھالەنكى، قۇربان قىلىۋەتكەن ئادىمىيلىكلىرىدىن قىلچىمۇ ئەپسۇسلانمىدى، ھەتتا مەھرۇم بولغان ئادىمىيلىكىنى بىلىشكىمۇ قادىر بولالمىدى. ئادىمىيلىكىدىن بارغانسېرى ياتلىشىپ كەتكەن بۇ ئەۋلادتىن ئىلگىرىكىگە تېخىمۇ ئوخشىمايدىغان يەنە بىر ئەۋلاد بارلىققا كەلدى (بۇ يەردە بىز ھەممىنى قارا - قويۇق بىر تاياقتا ھەيدىمەيمىز. ھەممىلا ئادەمنى ئەخلاقتا يارىماس دېگەننىمۇ تەرغىب قىلمايمىز، ئەلۋەتتە).
ئادەتتە، دادىلار ئائىلىۋى ئەخلاقنىڭ ھامىيلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارغا ئائىلە ئەزالىرىنى ئەخلاق جەھەتتە راۋۇرۇس يېتەكلەش مەجبۇرىيىتى يۈكلەنگەن؛ ئائىلىگە ئۈلگە ۋە نەمۇنە بولۇش ۋەزىپىسى مىراس قالغان. دېمىسىمۇ بالىلارنىڭ قەلبىدە ئانىلار كۆيۈمچانلىقى بىلەن ئورۇن ئالسا، دادىلار تەلەپچانلىقى بىلەن ئوبراز تىكلەيدۇ. دادا "ئۆز پادىلىرى"نى ھەر جەھەتتىن ياخشى ھىمايە قىلمىسا، تەبىئىي ھالدا "پادىلىرى" بۆرىگە يەم بولۇپ كېتىدۇ، بۆرىنىڭ ئۆڭكۈرىگە بىلىپ - بىلمەي ھەتتاكى ئۆزى خالاپ كىرىپ كېتىدۇ. مانا بۇ بارلىق پاجىئەنىڭ باشلىنىشى.
خوش، بىزنىڭ دادىلىرىمىز ئۆز "پادىسى"نى ھەر جەھەتتىن ھىمايىسىگە ئالالايدىغان ئەخلاق ساپاسىغا ئىگىمۇ - يوق؟ مەن ھازىرقى بىر قىسىم دادىلىرىمىزنىڭ ياراملىق ئەۋلاد تەربىيىلەش، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، خەتەر ۋە قىيىنچىلىققا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش، قەيسەر ۋە چىدامچان بولۇش، ھالال مېھنەت بىلەن ياشاش جەھەتتە ئويناۋاتقان رولىغا، پاراسىتى ۋە دىيانىتىگە ئاپىرىن ئېيتىش بىلەن بىر چاغدا يەنە بىر قىسىم دادىلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ساپاسىدىن گۇمانلىنىمەن. مەرد - مەردانە، جاسارەتلىك، غۇرۇرلۇق، نومۇسچان، چىداملىق، ئەركەكلەرگە خاس دادىلارنىڭ سانى ئازلاپ"نەسلى قۇرۇپ كېتىش خەۋپى"گە دۇچ كېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. ئەكسىچە، "ئۆيۈڭنىڭ دېرىزە پەردىسى چىرايلىقكەن" دەپ قويسا، ھەپتىلەپ خۇشال يۈرىدىغان خېنىم مىجەز دادىلارنى؛ باشلىقى"ئايالىڭ كۆرۈنمەيدىغۇ؟"دەپ سورىسا، باشلىقىم ماڭا ئامراق دەپ ماختىنىپ يۈرىدىغان يۇمشاقباش دادىلارنى؛ يېلىنىپ - يالۋۇرۇپ ياشاشقا كۆنۈكۈپ كەتكەن لايغەزەل دادىلارنى؛ ھىممەت - غەيرىتىگە تايانماستىن تەمەخورلۇق بىلەن ياشاشنى ئادەت قىلىۋالغان لالما مىجەز دادىلارنى؛ ئەمەل - مەنسەپنىڭ سايىسىگە ئېرىشىپ قالسا چاي ئويناپ ھارمايدىغان پاخپاق دادىلارنى؛ ئۆزى ئەركەك تۇرۇپ ئەرلەر بىلەن تانسا ئويناشنى نومۇس بىلمەيدىغان زەيپانە مىجەز دادىلارنى؛ بىر بوتۇلكا بەدبۇي ھاراقنىڭ قۇلى بولۇپ، سورۇنمۇسورۇن سوكۇلداپ، تېتىقسىز يۇمۇرلارنى ئېيتىشىپ ھارمايدىغان ھاماقەت دادىلارنى؛لەۋزىدە تۇرمايدىغان خىيانەتكارلىق، ساتقىنلىق، ساختىپەزلىك، سۇخەنچىلىكتەك پەسكەشلىكلەرنى جاھاندارچىلىق يولى قىلىۋالغان ئاتالمىش دادىلارنى كۆپلەپ كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا، دادىلىرىمىزنىڭ ساپاسىدىن ئۈمىدۋار بولۇش مۇمكىنمۇ؟ بۇنداق دادىلار ئەۋلادلىرىنىڭ قىسمىتىنى قېيىن كۈنلەرگە قويمايدۇ، دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ بۇنداق دادىلار ئۆز ئائىلىسىنى ئالىيجاناب ئەخلاق ئۆلچەملىرى بىلەن تۇتۇپ تۇرالامدۇ؟
كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇنداق دادىلار بىزنىڭ ئىجتىمائىي ئەخلاقىمىزنى بۇلغاپ، ئەۋلادلىرىنىڭ روھىنى كاردىن چىقىرىپ ئۇلارنى پاجىئەنىڭ پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويىدۇ.
ئەندى بۇنداق "دادا"لىق ئوبرازىمىزغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىدىغان پەيت كەلدى. چۈنكى بىزنى مۆلچەرلىگۈسىز كېلەچەك كۈتۈپ تۇرماقتا.شۇڭا ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلەپ قويۇش كېرەك: دادىلار مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى، قول، قانىتى. دادىلارنىڭ ۋۇجۇدى ھەققانىيەت بىلەن، باتۇرلۇق بىلەن، چىۋەرلىك بىلەن، ئەقىل ۋە دىيانەت بىلەن تولۇشى كېرەككى، ئۇ يەردە دېلىغۇللۇق، مۈجمەللىك، پەمسىزلىك، بېلى بوشلۇق، ساداقەتسىزلىك، ھاماقەتلىك، ھۇرۇنلۇق ئىللەتلىرى بولماسلىقى كېرەك. دادىلار قەيسەرلىكتە، چىدام - جاسارەتتە، ئىلىم - ھۈنەردە، ۋاپادارلىقتا، ئەل - يۇرتقا ھىممەت كۆرسىتىشتە پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولالىشى كېرەك.
مۇشۇلارنى قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلۋەتتە مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دادىلار ئۆزىمىزنى بىر قېتىم دەڭسەپ كۆرۈشىمىز ۋە ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم.
(ئاپتور: "شىنجاڭ مائارىپى"گېزىتى تەھرىر بۆلۈمىدە)



بالىلار ئويۇنلىرى

نۇرغۇن نەرسىلەر ئۇنتۇلۇپ كەتتى، ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ..............
بالىلار ئويۇنلىرىمۇ بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
.....بىز كىچىكلىكىىمىزدە كەچ كىرگەن ھامان20-30 بالا مەھەللىمىزدىكى كۆل بويىغا جەم بولۇپ، ئاجايىپ ئىسىل ئويۇنلارنى ئوينايتتۇق....................
بەزىدە ئارام ئېلىش يۈزىسىدىن كەچ تەرەپلىرى سىرتقا چىقسام ئەشۇ ۋاقىتلاردىكى بالىلار ئويۇنلىرى ئېسىمگە كېلىپ ھازىرقى زاماندىكى تېلىۋىزوردىكى ئبجەش مەدەنىيەت ئارىلاشتۇرۇلغان تىلىۋىزىيە فىلىملىرىنى نۆۋەت ئاتلاتتۇرماي كۆرىۋاتقان سەبى بالىلارغا، ئۇلارغا تېخىمۇ ياخشى تېلىۋىزور كۆرۈش شارائىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان ئاتا-ئانىلارغا قاراپ گېلىم ئاچچىق بىر سىزىم تۈپەيلى بوغۇلىدۇ.....
كىمنىڭ نىمە قىلىشى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىك دائىرىسىدىكى ئىش بولسىمۇ كەمنىە بىر زىيالى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ خىل زەيىپانە پەرزەنىت تەربىيەلەش ئۇسۇللىرىمىزغا بىر چەتتە قاراپ تۇرغۇم كەلمىدى.
قانداق قىلىمىز؟ بىر-بىرىمىزدىن "قانداق قىلىمىز ئەمىسە دەپ سۇال سورامدۇق؟".......
ھەر قانداق بىر ئىش كىچىك بولسىمۇ ئەمىلىيەت ئارقىلىق ئاندىن رۇياپقا چىقىدۇ. مەن يۇقارقىدەك بىر قاتار ئىسيانكارانە ئىلھامنىڭ تۈرتكىسىدە بۇرۇن كىچىكىمىزدە ئوينايدىغان بالىلار ئويۇنلىرىنى رەتلەشنى نىيەت قىلىپ قالدىم. بەلكىم بۇ ئويۇنلار پەرزەنتلىرىمىز مەڭگەۈ ئوينىيالمايدىغان تارىخ بولۇپ قېلىشى مۈمكىن.... بەلكىم پەرزەنتلىرىمىز پەرزەنىتلىرىگە قالدۇرۇپ كېتىدىغان ۋەسىيەتنامە بولۇپ قېلىشى مۈمكىن، ۋە بەلكىم...................................
1 . تۆگى- تۆگىلەڭ
7- 8 بالا بوينىغا قاراپ، بىر-بىرىنىڭ ئارقا پىشىنى تۇتۇپ تىزىلىپ، تۆگە بولۇپ ئېڭىشىپ تۇرىدۇ. يەنە 7-8 بالا بىر- بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ دۈگلەك بولۇپ تۇرىدۇ. تۆگە بولۇپ تىزىلغان بالىلار ئۆز سېپىنى بۇزماستىن دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلارنىڭ ئارىلىقلىرىدىن ئىڭىشىپ ئۆتىدۇ. شۇ چاغدا دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار بىلەن تۆگە بولۇپ تۇرغان بالىلار ئوتتۇرسىدا قوشاق ئېيتىشىش باشلىنىدۇ.

دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار:

قاتار- قاتار تۆگىلەر.
نەگە- نەگە ماڭدىڭلار؟
تۆگە بولۇپ ئۆتكەن بالىلار:
تۇزغا- تۇزغا ماڭدۇق بىز.
دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار:
تۇزۇڭ نەگە تۆكۈلدى؟
تۆگە بولۇپ ئۆتكەن بالىلار:
ئارا يولغا تۆكۈلدى.
دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار:
تاسقاپ- تاسقاپ ئالساڭچۇ،
تاغىرىڭغا سالساڭچۇ!
تۆگە بولۇپ ئۆتكەن بالىلار:
تاغىرىمدا تۆشۈك بار.
ماراپ تۇرغان مۈشۈك بار
كېيىن ئىككى گۇرۇپپا ئالمىشىپ ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ

2 . ۋاللەي(گاگا-چۇك)

بۇ ئويۇننى ئوچۇقچىلىق يەردە ئىككى بالا ئوينايدۇ(بىر نەچچە بالائىككى گۇرۇپپا بولۇپ ئوينىسىمۇ بولىدۇ). ئۇلار بىر يەرنى ‹‹پللە›› قىلىپ ياساپ، ئىككى كىسەكنى قويىدۇ(ياكى كىچىك كاتەكچە ئۇيىدۇ)-دە، ئەتراپنى دۈگلەك قىلىپ جىجاپ قويىدۇ. ئاندىن بىر نەرسىنى شەرت قىلىپ قايسى ئۇتۇۋالسا ئويۇننى شۇ باشلايدۇ.
ئويۇن باشلىغۇچى كىسەكنىڭ(ياكى كاتەكچىنىڭ) ئۈستىگە بالىياغاچنى(چۇك نى) قويۇپ، ئانىياغاچ (گا)بىلەن ئاستىدىن كۆتىرىپ تۇرۇپ ئۇرىدۇ. قارشى تەرەپتىكى بالىلار بالىياغاچ چۈشىدىغان سەيناغا تارىلىپ تۇرۇپ، دوپپا ياكى شەپكىسى بىلەن بالىياغاچنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر بالىياغاچنى تۇتۇۋالسا، بالىياغاچ ئۇرغۇچىنىڭ نۆۋىتى كۆيۈپ كېتىدۇ-دە، بالىياغاچنى تۇتۇۋالغانلار ئويۇن باشلايدۇ. ئەگەر تۇتالمىسا بالىياغاچ نەگە چۈشسە، شۇ يەردە تۇرۇپ، بالىياغاچ بىلەن دۈگلەك ئىچىدىكى كىسەكنىڭ ئارىسىغا قويۇپ قويغان ئانىياغاچنى سوقىدۇ(كىسەكنى سوقسىمۇ بولىدۇ).سوقۇۋالسا بالىياغاچ ئۇرغۇچىنىڭ نۆۋىتى يەنە تۈگەيدۇ. ئەگەر سوقالمىسا بالىياغاچ ئۇرۇۋاتقان بالا بالاياغاچنى ئانىياغاچ بىلەن پۇچىلاپ تۇرۇپ ئۈچ قېتىم ئۇرىدۇ. بالىياغاچ ئۈچىنچى قېتىم ئۇرۇلغاندا (ئەگەر بالىياغاچنى پۇچىلاپ ئۇرالمىسىمۇ ئۇرغانغا ھىساپ). نەگە بېرىپ چۈشسە، قارشى تەرەپتىكى بالىلاردىن بىرى يوغان- يوغان چامداپ پەللىگە كەلگىچە سانايدۇ: بالىياغاچ ئۇرغۇچى تەرەپ بالىياغاچنى پەللىدىن يەنە يېڭىۋاشتىن ئۇرىدۇ. ئەگەر بۇ جەرياندا قارشى تەرەپ بالىياغاچنى تۇتۇۋالسا، بالىياغاچ ئۇرغۇچىنىڭ نۆۋىتى تۈگەپ، تاپقان سانىمۇ ‹‹كۆيىدۇ››. ئاندىن ئىككىنچى تەرەپ ئوينايدۇ. 500 قەدەمگە يەتكۈزسە، يەنە بىر تەرەپ ‹‹ئىشەك›› بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇتۇپ چىققان تەرەپ بالىياغاچنى پەللىدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ قېتىم ئۇرىدۇ.(بۇ چاغدا قارشى تەرەپ بالىياغاچنى توسىمايدۇ) بالىياغاچ ئۈچىنچى قېتىم نەگە بېرىپ چۈشسە، ‹‹ئىشەك›› بولغۇچى بالا شۇ يەردىن پەللىگە توختىماستىن‹‹ۋەللەي... ۋەللەي... ۋەللەي...›› دەپ توۋلاپ يۈگۈرەيدۇ. ئەگەر ئۇ بىرەر يەردە تىنىپ ئالسا، ئۇتۇۋالغۇچى بالا بالىياغاچنى يەنە كەينىگە ياندۇرۇپ بىر قېتىم ئۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، قاچان ‹‹ۋىلى- ۋىلى ۋەللەي...›› دەپ تىنماي توۋلاپ پەللىگە يۈگۈرۈپ كېلەلىسە، ئاندىن ئويۇن تاماملىنىدۇ. بۇنىڭ باشقا ۋارىيانتلىرىمۇ كۆپ .كۆپچىلىكنىڭ بىلگەنلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

3 . توپ ئويۇنى

بۇ ئويۇننى قىزلار ئوينايدۇ. تۆت بەش قىز توپنى نۆۋەتلىشىپ ئويناپ قوشاق ئېيتىدۇ. شەرت: توپنى قاچۇرماسلىق ھەمدە قوشاق ئېيتىشتا دۇدۇقلاپ قالماسلىق ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قوشاقنى توپنىڭ ئۆرلەپ چۈشىشىگە ماسلاشتۇرۇپ ئېيتىش كېرەك. توپ قولدىن چۈشۈپ كەتسە ياكى قوشاق ئېيتىشىشتا دۇدۇقلاپ قالسا، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىرى ئوينايدۇ. قوشىغى تۆۋەندىكىچە:

چىگىچى، بۇغدايچى،
خەمىگى دۇغدايچى.
كېچىلەپ زۇۋانى قوي،
زۇۋىنىڭ قايسى قىز.

ئەڭ كىچىگى ۋوپا قىزى
ۋوپانى ۋوپا دىمەڭلار،
ۋوپا يالغانچى بولار.
ۋوپادىن كۆر بوۋاڭنى تاپ،
بوۋا بەك ياخشى بولۇر.
بوۋىنىڭ بىر تال تۈكى،
ئىشەككە ئاغامچا بولۇر.

......................

ئۇچۇپ چىقتىم ھاۋاغا،
سەكرەپ چۈشتۈم دەرياغا.
دەريا سۈيى قۇيالدى،
پاتمىچۇقلار بويالدى.

بىرىنىڭ ئېتى كۇچۇلا،
بىرىنىڭ ئېتى پۇچۇلا.
ئاپپاق ساقال بوۋىلار،
قىلدى نەچچە توۋىلار...
........................
ھاۋا- ھاۋا، ھاۋاچاق،
چاۋا تەردىم بىر قۇچاق.
چاۋانى ئېلىپ قاچتى،
پاقا بىلەن قۇمۇچاق.

ئۆتۈگۈم دىستا ئۆتۈك،
مېڭىشىم تاراق- تۇرۇق.
روزىنىڭ ئون بەشىدە.
چۈشتى غازاڭ شاراق-شۇرۇق.
......................
يولدىشكامنىڭ بىر قىزى،
باسما كۆينەك كىيىپتۇ.
باسما كۆينەك كىيگەندە،
ھىلىمبەككە تېگىپتۇ.

ھىلىمبەككە تەككەندە،
ئالتە بالا تۇغۇپتۇ،
ئالتە بالا بەرى پوق،
ئېيتاي دىسە لاتا يوق.

لاتا دىگەن ئۆگزىدە،
چىقاي دىسە شوتا يوق.
شوتا دىگەن دەرەختە،
كېسەي دىسە پالتا يوق.

پالتا دىگەن بازاردا،
ئالي دىسە پۇلى يوق.
پۇل دىگەن ساندۇتا،
ئاچاي دىسە ئاچقۇچ يوق.

ئاچقۇچكاملار ئۆلۈپتۇ،
ئاق مازارغا كۆمۈپتۇ.
ئاق مازارغا بىر دەمدە،
ئاق تىكەنلەر ئۈنۈپتۇ...
يىغلايدىغان ئادەم يوق
ئۆزى قوپۇپ يىغلاپتۇ...
.....................
قوشاق ئەنە شۇنداق داۋاملىشىۋېرىدۇ

4 . دوپپا تالىشىش
بالىلار ئىىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ سەپ بولۇپ تىزىلىدۇ-دە، رەت بويىچە ساناپ چىقىدۇ.بۇ چاغدا ھەر بىر بالا ئۆز نومۇرىنى يادلىۋېلىشى كېرەك. ئاندىن ئىىككى گۇرۇپپا بىرلىشىپ بىر چەمبەرەك ھاسىل قىلىپ ئولتۇرىدۇ. چەمبىرەكنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر دوپپا قويۇلىدۇ. بىر بالا رېپىر بولىدۇ. ئويۇن باشلىنىش بىلەن رېپىر بىر نومۇرنى، مەسىلەن: ‹‹5- نومۇر›› دەپ چاقىرىدۇ. بۇ چاغدا ھەر ئىككى گۇرۇپپىنىڭ 5- نومۇرلۇق ئەزالىرى دەرھال ئوتتۇرىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ دوپپىنى تالىشىدۇ. بۇ چاغدا كۆپچىلىك چاۋاك چېلىپ ناخشا ئىېيتىدۇ. دوپپىنى ئالدىدا ئېلىۋالغان بالا دوپپىنى كۆتۈرۈپ چەمبەرنى ئايلىنىپ قاچىدۇ. دوپپىنى ئالالمىغان بالا ئۇنى قوغلايدۇ.

5.چامغۇر يۇلۇش ئويۇنى
بالىلاردىن بىرى تۈۋرۈك ياكى بىر تۈپ دەرەخنى قۇچاقلاپ ئولتۇرىدۇ. قالغان بالىلار ئىۇنىڭ كەينىدە بىر بىرىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرىدۇ. بالىلاردىن يەنە بىرى دېھقان بولۇپ ئەڭ كەينىدە ئولتۇرغان بالىنى قۇچاقلاپ (دېھقان چامغۇر يۇلغان پەدىدە) تارتىدۇ. ئىولتۇرغان بالا ئالدىدىكى بالىنى مەھكەم قۇچاقلاپ ئولتۇرۇۋالىدۇ. دېھقان بالا كۈچەپ تارتىدۇ. ئويۇن دېھقان بالا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىنى تارتىپ ئىورنىدىن قوپۇرۇپ بولغىچە داۋاملىشىدۇ .

6 .يېرىلىڭ تېغىم
بالىلار بىر بىرىنىڭ قوللىرىدىن تۇتۇپ دۈگلەك بولۇپ ئولتۇرىدۇ. بىر بالا دۈگلەك ئىچىدە ‹‹ئانا›› بولۇپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرىدۇ. يەنە بىر بالا دۈگلەكنى ئايلىنىپ قوشاق ئىېيتىدۇ:

يېرىلىڭ تېغىم، يېرىلىڭ،
مەن ئىانامنى كۆرۈۋالاي.
قۇچاقىغا باش قويۇپ،
دىدارىغا تويۇۋالاي...

بالا دۈگلەكنى ئايلىنىپ قوشاق ئىېيتقاچ ئوتتۇرىغا كىرىش ئۈچۈن يوچۇق ئىزلەيدۇ. دۈگلەك بولۇپ ئولتۇرغان بالىلار بولسا ئۇنىڭغا يوچۇق بەرمەيدۇ. ئويۇن بۇ بالا بىرەر يەردىن يوچۇق تېپىپ دۈگلەكنىڭ ئىوتتۇرسىدىكى ‹‹ئانا›› يېنىغا كىرىۋالغىچە داۋام قىلىدۇ.
شۇندىن كېيىن ، دەسلەپكى بالىغا يوچۇق بېرىپ قويغان يەردىكى ئىىككى بالىدىن بىرى دۈگلەك ئىچىدە ئانا بولۇپ ئولتۇرىدۇ. يەنە بىرى دۈگلەكنىڭ سىرتىدا ئىايلىنىپ ھېلىقى قوشاقنى ئىېيتىدۇ.
ھەر قېتىم يېڭىلگەنلەر مەيدانغا چۈشىدۇ، ئويۇن شۇ يوسۇندا داۋاملىشىۋېرىدۇ

7.ئويۇن ئىسمى : مەرەم
بۇ ئويۇن ئادەتتە قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ ئوينىلىدۇ ، ئادەم سانى چەكلەنمەيدۇ .
ئالدى بىلەن بالىلار سان جەھەتتە تەڭ ھالدا ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ ، ئاندىن شەرىتلىشىپ قايسى تەرەپنىڭ ئاۋۋال مۆكىدىغانلىقى ،قايسى تەرەپنىڭ مۆككەنلەرنى تاپىدىغانلىقى بېكىتىلىدۇ ( قولىدا بىر نەرسە تۇتۇپ جۈپمۇ-تاق دىگەندەك ئۇسۇللار بىلەن ) . شۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى تەرەپ-تەرەپكە ( مۆكىدىغان دائىرە شەرىتلەشكەندە دىيىلىدۇ ) تارقاپ بىردىن ياكى بىر ئىككىدىن بولۇپ ئۆزى بىلگەن جايغا مۆكىدۇ ، مۆككۈچى تەرەپتىن چوڭراق بىرسى ھەممە ئەزالىرىنىڭ مۆكۈپ بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈرتۈرگەندىن كىيىن مۆككەن جايىدا تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا << مەرەم .............. >> دەپ بىر نەچچىنى توۋلايدۇ ، شۇ ئاۋاز بىلەن تاپقۇچى تەرەپ مۆككەنلەرنى ئىزدەشكە باشلايدۇ (تاپقۇچى تەرەپتىكىلەر « مەرەم ......» دىگەن ئاۋازنى ئاڭلىمىغۇچە ئەسلىدىكى جىم تۇرۇپ تۇرىدۇ ) .
يەنە شۇ ئاۋاز بىلەن مۆككەنلەر تاپقۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئىزدەشكە باشلىغانلىقىنى بىلىدۇ ، مۆككەنلەر مۆككەن جايىدا جىم تۇرسىمۇ ياكى يۆتكەلمە ئالەتتە تۇرسىمۇ بولىدۇ . تاپقۇچىلار ھەممە يەردىن ( كۆۋرۈك ئاستى ، ئۆستەڭنىڭ ئىچى ، دەرەخنىڭ كاۋىكى ، دەرەخنىڭ ئۈستى ........... قاتارلىق ) مۆككۈچىلەرنى ئىزدەپ بىر-بىردىن تاپىدۇ( بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدىن ) . مۆككۈچىلەر دائىرىدىن سىرىتقا مۆككەن بولسا ياكى تېپىۋالسا قېچىپ كەتسە « چىدىماس » بولىدۇ . تاپقۇچىلار مۆككۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنى تېپىىپ بولغاندىن كىيىن ئويۇننى ئەكىسچە داۋاملاشتۇرىدۇ . ( تاپقۇچىلار مۆككىچىلەر بولىدۇ، مۆككىچىلەر تاپقۇچىلار بولىدۇ ).
بۇ ئويۇن مۇشۇ تەرىقىسىدە بىر نەچچە رەت ئايلىنىپ بەزى ۋاقىتلاردا يېرىم كېچىگىچە داۋاملىشىدۇ .

بۇ ئويۇننىڭ ئالاھىدىلىكى :
ئويۇن پۈتۈنلەي قاراڭغۇ ،كەچ مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەمدە قائىدىسى چىڭ بولىدۇ ، شۇڭا ئويۇنغا قاتناشقۇچىلاردا قورىقماس ، يۈرەگلىك ، گېپىدە تۇرىدىغان ئىدىيە شەكىللىنىدۇ .
ئويۇنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى ، يېشى چەكلەنمەيدۇ ( زىيادە كىچىك بالىلاردىن سىرىت) شۇڭا ئويۇنغا بىر مەھەللىدە قانچە بالا بولسا ھەممسى قاتنىشالايدۇ ، بالىلارنىڭ سانى بەزىدە 40تىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ .
شۇڭا بالىلاردا ئىتتىپاقلىق ، بىرلىك شەكىللىنىدۇ



2008年4月21日


ئوغلۇم: بىزدە نېمە كەم؟
مۇئەللىپى:ئوسمان زاھىر

مەلۇم ماتېرىيالدىن كىچىكىدە ئالاھىدە قابىلىيەتكە ئىگە بولغان بىر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ كېچە-كۈندۈز ئۈگىنىشكە مەجبۇرلىشى،زور ئۈمىدلەرنى پەرزەنتىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەپ قويغانلىقى سەۋەبلىك ئادەتتىكى بىر بالىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ھەققىدىكى ماقالىنى كۆرۈپ پەرزەنتلەر تەربىيىسىدىكى كەمتۈكلۈكلىرىمىز ھەققىدە ئويغا چۆمگەنئىدىم.
مەن مۇنداق بىر ئەھۋالنى كۆپ ئۇچراتتىم:كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىنىڭ ئىمتىھاندا 100ئېلىشىنى ياخشى كۆرىدىكەنكى،ئۇنىڭ بىرەر قېتىم 70نومۇر ئېلىش ھېسابىغا بىرەر ئاددىي كەشپىيات ياكى مودېل ياساپ چىقالىغانلىقىدىن خۇشال بولمايدىكەن.شۇ ۋەجى نۇرغۇن پەرزەنتلىرىمىزدە ئىجادىي روھتىن ئەسەر تاپقىلى بولمايدۇ.ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋابلىرى،ئالغان نومۇرى،دەيدىغان سۆزلىرى،ھەتتا خىياللىرىمۇ ئوخشاش.ئۇلار ئوخشاش نۇسخىلانغان يوپۇرماقنىڭ ئۆزى.«تەڭرىتاغ غۇنچىلىرى»پروگىراممىسىدىكى زېھىن سىناش تۈرىدە رىياسەتچى سوئال سورىسا قونچاقتەك قېتىپ تۇرۇپ «جاۋاپ:ماۋۇ سەۋەبتىن مۇنداق بولىدۇ.»دەپ جاۋاب بېرىۋاتقان مائارىپىمىزنىڭ قۇربانلىق قوزىلىرىغا كىمنىڭمۇ ئېچىنغۇسى كەلمىسۇن؟
بىر مەزگىل پەرزەنتلەرگە كومپيۇتېر ئېلىپ بېرىش شامىلى چىقىۋىدى،خۇددى ئۆيگە كومپيۇتېرنى قويۇپ قويسىلا بالىلىرىمىز ئالىم بولىدىغاندەك خۇش بولدۇق.ئۈمىدلەندۇق.بالىلىرىمىز قانالمىغان بالىلىق ئويۇنلىرىغا كومپيۇتېردىن تەسەللىي ئىزدەشكە باشلىۋىدى،سۈكۈت قىلىشتىن باشقىغا يارىمىدۇق.ئەدناسى كۆپىنچە ئاتا-ئانىلاردا كومپيۇتېرنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكى،قانداق ئىقتىدارلىرى بارلىقىنى چۈشەندۈرگىدەك ئەمەس تاپشۇرۇقلىرىنى تەكشۈرەلىگۈدەكمۇ ساپا يوق ئىدى.ھەشىمەتلىك رېستۇرانلاردا ھەشىمەتلىك توي، قاتار چايلار تۆگە كارۋىنىدەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتكۈزىلىۋەردى.«بىز بەختىيار ئەۋلادلار» ناخشىسى ئېيتىلىۋەردى.ئاشۇ پەرزەنتلىرىمىزگە ئاتا-ئانا مېھرى قان ھەم جاندەك زۆرۈر بولىدىغان چاغدا بىز قەرز ، ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇش ۋەھىمىسىدە تىپىرلاپ ئۇلارنى جاپاكەش ئانىلىرىمىزنىڭ قۇچىقىغا تاشلاپ بەردۇق.ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتتە بىزگە خۇددى يات ئادەمگە قارىغاندەك نەزەردە قاراۋاتقانلىقىنى،كۆزلىرىدە چاقناۋاتقان ۋەھىمە،ياتسىراش ئۇچقۇنلىرىنى كۆرگىنىمىزدە نېمىلەرگە ئېرىشىپ نېمىلەرنى يوقاتقانلىقىمىزنى كېچىككەن ھالدا ھېس قىلدۇق.
كارل ۋېتر پەرزەنتلەرنى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيىلىشىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:«قۇرت -قوڭغۇزلارمۇ بالىسىنى باشقىلارنىڭ بېقىشىغا ھاۋالە قىلمايدۇ».بۇ سۆز ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.دەرۋەقە،پەرزەنتىگە چىن كۆڭلىدىن مېھىر بېرىشكە ۋاقىت چىقىرالمايۋاتقان ئاتا-ئانىلار ھەقىقەتەن كۆپ. ئۇلار تۈگىمەس ئادىمىگەرچىلىك،خىزمەت باھانىسى بىلەن ئائىلىدە پەرزەنتلەرنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشقا،ئۆزلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىدۇ.ياكى ساپاسىز بالا باققۇچىلارغا تاشلاپ قويىۋاتىدۇ.مەلۇم يەسلىدە بالا باققۇچىلار كىم بالدۇر ھەم كۆپ ئۇخلىسا شۇنى ماختاپ مۇكاپاتلىغان.بىز ئىشەنچ قىلىۋاتقان يەسلىلىرىمىزنىڭ بالىلىرىمىزغا بېرەلەيدىغىنى ئەنە شۇنچىلىك .قۇرت -قوڭغۇزلارمۇ ئويغىنىپ كەتكەن دەۋردە ئەجداد ئۇيقۇسى يەتمىگەندەك پەرزەنتلىرىمىزگە ئادىمىيلىك تەربىيىسى ئەمەس ئۇخلاش تەربىيىسى بېرىلسە قانداقمۇ مۇراد گۈللىرىمىز ئېچىلسۇن؟
بەزى ئاتا-ئانىلار خىزمەت ۋە جەمئىيەتتە بەلگىلىك نەتىجە قازانغان ھەم ئوقۇش تارىخىمۇ يۇقىرى بولغانلىقى سەۋەبلىك پەرزەنتلىرىنى بارلىق ئاماللار بىلەن«ئەقىللىق يىشيۇ»قىلىشقا تىرىشىپ،ئۇلارنىڭ تېخى كۆپ نەرسىلەرنى سىغدۇرالمايدىغانلىقىنى،ئۇلارنىڭمۇ ئۆز خىيالى،ئويۇنلىرى بارلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىۋاتىدۇ.بىر بولسا بالىسىنىڭ قورسىقىغىلا ئىگە بولىدىغان ،بىر بولسا «ئالىم»قىلىمەن دەپ كاردىن چىقىرىدىغان خاتا تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىلىۋاتىدۇ.مەكتەپلەر بالىلارنى ئۇنۋېرسال تەربىيىلەش مەقسىتىگە يېتەلمەيۋاتىدۇ.مائارىپ ئەسلىدىنلا نۇقسانغا تولغان بولغاچقا مەكتەپلەردە ئەخلاق تەربىيىسى كۈچەيتىلگەنسېرى ئەخلاقسىزلىق يامراپ كېتىۋاتىدۇ.
كۆچەتنى تىكىپ قويۇپ پەرۋىش قىلمىغانلىق مەسئۇلىيەتسىزلىك.بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان رىقابەت بىزگە سۇئال قويماقتا.پەرزەنت ھەرگىزمۇ ئەۋلادلارنى ئۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈنلا ئاپىرىدە قىلىنغان ئەمەس.ئاتا-ئانا بولسا ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگە تۇتاشقان يولدا ۋىجدان يۈكلىگەن قەرزلەرنى ئۈستىگە ئالغۇچى ھەم ئۇنى ئادا قىلغۇچى ھەمسەپەرلەردۇر.ياراملىق بىر پەرزەنتنى قاتارغا قوشۇش ئۆز نۆۋىتىدە بىر قەۋم ئۆچۈن يېڭى قان قوشقان بىلەن باراۋەر. شۇ ۋەجى ھەر بىر ئاتا-ئانا ئالدى بىلەن ئۆز ساپايىمىز ئۈستىدە دوپپىمىزنى ئالدىمىزغا قويۇپ تۇرۇپ ئويلىنايلى.تۈگىمەس ئادىمىگەرچىلىك كەلكۈنلىرى ئىچىدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ قۇتۇلۇپ باغرىمىزدىن يېرىپ چىققان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا،تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ قويايلى.«قوي بېقىپ خوتۇن ئالىدىغان،خوتۇن ئېلىپ تۇغۇلغان بالىسىغا يەنە قوي باققۇزىدىغان»يارىماس ئەنئەنە بىزدىن مەڭگۈلۈك يىراقلاشسۇن.بارلىق ئوي-پىكرىمىز ئىلمىيلىككە،رىئاللىققا،پەرزەنت تەقدىرىگە باغلانسۇن.شۇندىلا ئايىغىمىز ئاستىدىن يېپيېڭى بىر مەنزىل ئېچىلغۇسى....

سۇمرۇغ تور بېتىدىن ئېلىندى


دوكتورئاشتى مەمتىمىن غېنى شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ھەرگىزمۇ چۈش ئەمەس، ھەممەيلەنگە ئايان ،چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن مەلۇم بىر چەتئەل تىلىنى ئىگەللەش ناھايىتى زۆرۈر.ئۇنداقتا تىز ھەم ئۈنۈملۈك ھالدا ئىگەللىۋېلىش ئۈچۈن زادى قايسى تىلنى تاللىشىمىز كېرەك؟ سىز ياپون تىلىنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟سىزنىڭ ياپۇنىيىگە بولغان چۈشەنچىڭىز قانچىلىك؟ياپونىيە ھازىر سانائەت ، مېدىتسىنا ، يېزا - ئىگىلىك قاتارلىق ساھەلەردە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
ھازىر دۆلىتىمىزدىن ياپۇنيىگە چىقىپ ئۇقۇۋاتقانلارنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئاشىدۇ .ئاپتونوم رايۇنىمىزدىن چىققانلارمۇ ئاز ئەمەس.ئۇنداقتا سىزمۇ شۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇشىنى خالامسىز؟بۇ ھەقتە سىزگە ئەتراپلىق چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن كۆكلە مائارىپ تەربىيىلەش مەركىزى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ياپۇنىيەدە 10 يىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن دوكتور ئاشتى مەمتىمىن غېنى باشچىلىقىدا <<ياپۇنىيەگە نەزەر>> تىمىسىدا بىر قېتىملىق لېكسىيە ئورۇنلاشتۇردى. لېكسىيىگە ياپۇنىيەدىن شىنجاڭغا كېلىپ ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوگاۋا ، ئوكاموتو ، خاتتا ، خاشى موتو قاتارلىق ياپۇنلۇق ئوقۇتقۇچىلار ھەم شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتى . دوكتور مەمتىمىن غېنى ياپونىيىنىڭ ئىلىم - پەن تەرەققىيات ئەھۋالى ، دۇنيا تەرەققىياتىدىكى تۇتقان ئورنى ، شۇنداقلا ياپۇنىيەگە چىقىپ ئۇقۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا لېكسىيە بەردى .ياپۇنىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار ياپون تىلى ئۆگىنىش توغرىسىدا سۆزلىدى ھەم ياپونىيىنىڭ بەزى جايلىرىنى تۇنۇشتۇردى . لېكسىيە قىسقا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ ئوقۇغۇچىلاردا ياپۇنىيەگە نىسبەتەن مەلۇم تونۇش شۇنداقلا ئۇلار ئۈچۈن ناھايىتى زور ئىلھام بولدى . بىز لېكسىيەدىن خەۋەرسىز قالغان قالغان ۋە ئارلىقنىڭ يېراقلىقىدىن لېكسىيىگە كېلەلمىگەن باشقا جايلاردىكى دوستلارنى نەزەردە تۇرۇپ لېكسىيە مەزمۇنىنى قىسقىچە بايان قىلدۇق .
لېكسىيە مەزمۇنى تۈۋەندىكىچە:
ساۋاقداشلاردىن ياپۇنىيەگە چىقىپ ئوقۇشنى ئويلاۋاتقانلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياپون تىلى ئۆگىنۋاتقانلار، ياپونىيە توغرىلىق بەزى مەلۇماتلارنى بىلىشنى ئويلاۋاتقانلار بولسا كېرەك. تۆۋەندە مەن ياپونىيە توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي.
ياپونىيە ئاسىيادىكى ئەڭ تەرەققى قىلغان ، دۇنيا بۇيىچە ئىقتىساد جەھەتتە ئامېرىكىدىن قالسىلا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئېلېكترون سانائىتىدە دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى ئورۇندا . بۇ جەھەتتە نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىگە بولالمىغان پاراللېل كومپيوتېرمۇ ياپۇنىيەدە ياساپ چىقىلدى ، بۇ باشقا دۆلەتلەردە تېخى مەيدانغا كەلگىنى يوق . بۇنداق زور نەتىجىلەرنى ياپون خەلقىنىڭ تىرىشچان روھىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
ياپۇنىيىلىكلەرنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ ، ئۇلار ئادەتتە كىچىك مەسىلىلەرگىمۇ سەل قارىمايدۇ ، ھەر قانداق بىر ئىشقا ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ ، خىزمەتنى چوڭ - كىچىك دەپ ئايرىمايدۇ ، خىزمەت داۋامىدا مەسىلە كۆرۈلسە ئالدى بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۆزىدىن ئىزدەيدۇ ، ھەرگىز باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويمايدۇ . خىزمەتتە ئەستايىدىل بولمىغان ، مەسئۇلىيەت ئېڭى ئاجىز كىشىلەرنى ھېچبىر چوڭ - كىچىك شىركەت ياكى شەخس ئىشقا قوبۇل قىلمايدۇ . شۇڭا بۇنداق ئاڭ ھەر بىر ياپۇنىيىلىككە سىڭىپ كەتكەن . خوجايىن قول ئاستىدىكى مەلۇم خىزمەتچىگە خىزمەتنى ياخشى ئىشلىيەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇنى كېيىنكى ئايدا ئىشتىن بۇشتلىدىغانلىقنى ئىيىتسا ئۇ خىزمەتچى ھەرگىز بەرىبىر مېنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىدۇ دەپ ئويلىمايدۇ ، ئەكسىچە ئالدىنقىدىن نەچچە ھەسسە تىرشچانلىق بىلەن ئىشلەپ كېتىش ئالدىدا خوجايىن ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن<< مەن خىزمەتنى ياخشى قىلالمىدىم ، سىزنىڭ كۈتكەن يېرىڭىزدىن چىقالمىدىم>>دەپ ئەپۇ سورايدۇ. ھەم خۇجاينىغا << ماڭا مۇشۇ كەمگىچە غەمخورلۇق قىلغىنىڭىزغا رەھمەت>> دەپ مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ . بىزنىڭ بۇ يەردە << بەرىبىر كىتىمەنغۇ >> دەپ بۇزالايدىغاننى بۇزۇپ ، چاقالايدىغاننى چاقىدۇ.
ياپۇنىيىلىكلەرنىڭ ۋاقت قارىشى ئىنتايىن يۇقىرى ، خىزمەتكە كەلگەنلەر نەچچە مىنۇت ئالدىدا كېلىدۇ. كېلىپلا ئۇدۇل كىرمەستىن ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرىدۇ ، ۋاقىت توشقاندا ئاندىن كىرىدۇ . خىزمەتكە كىچىكىشگە ھېچقانداق سەۋەب ئىتراپ قىلىنمايدۇ .
مەن ياپۇنىيىدە تۇرمۇش چىقىمىمنى قامداش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلدىم ، ھەتتا يۈكمۇ تۇشۇدۇم . دىمىسمۇ ياپۇنىيەدە تۇرمۇش ئىنتايىن جاپالىق ، بىر كىشىلىك ئاددىي خىزمەت تىپىشمۇ ئاسان ئەمەس . لېكىن ، سىزدە پەقەت خىزمەتتە ئەستايىدىل بولۇش ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇش ، جاپاغا چىدايدىغان تىرىشچانلىقلا بولىدىكەن سىزمۇ ياپۇنىيەدە بىر كىشىلىك خىزمەت تاپالايسىز .
ياپۇنىيىدە تۇرمۇش ناھايىتى ئاددىي - ساددا بولىدۇ . يېمەك - ئىچمەك ، كىيىم - كېچەكلەر ناھايىتى ئادەتتىكىچە . ئۇلار تۇرمۇشتا بەك ئىقتىسادچان . خوجايىن بىلەن ئىشچىلار تاماقتا بىللە بولسىمۇ ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغىنىنى يەيدۇ . ھەرگىز ئىسراپچىلىق قىلمايدۇ . بۇلار ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتى .
دېمەك سىز ياپۇنىيەگە چىقىپ تۇرماقچى ياكى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئالدى بىلەن ئىقتىسادى جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى قانداق ھەل قىلىشنى ئوبدان ئويلىسىڭىز كېرەك . ياپۇنيەگە بارغاندىن كېيىنكى يۇقىرى تۇرمۇش چىقىمى سىزنىڭ ئالدىڭىزدىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق ، شۇڭا بۇ مەسىلىنى سىز مۇشۇ يەردە ئوبدان ئويلىسىڭىز كېرەك . ناۋادا سىزگە ھېچقانداق ئىقتىسادى يۆلەك بولمىسا سىز ئۇقۇش پۇلى ، تۇرمۇش خىراجەتلىرىنى قانداق ھەل قىلىسىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ياپۇنيەدە ھەر قانداق قىيىن ئىش بولسىمۇ ئۇنى ئورۇن ، شارائىت تاللىماستىن قىلىشقا جۈرئەت قىلالىسىڭىز ھەم تەييارلىقىڭىز پۇختا بولسا ياپۇنىيەگە چىقىپ ئۇقۇسىڭىز بولىدۇ .
سوئال(ئوقۇغۇچىلار): سىز ياپۇنىيەدە قانچىلىك تۇردىڭىز ؟ قايسى كەسىپتىن بىلىم ئاشۇردىڭىز ؟
جاۋاب: مەن ياپۇنىيەدە ماشىنسازلىقتا بىلىم ئاشۇردۇم ، 10 يىلدەك تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندىم .
سوئال(ئوقۇغۇچىلار):شىنجاڭدىن چىققان ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادى جەھەتتە ئىتبار بېرىلەمدۇ ؟
جاۋاب: بۇ مىللىي ئوقۇغۇچىلار كۆپ سورايدىغان سوئاللارنىڭ بىرى . ئۇ يەردە ھېچقانداق بىر ئوقۇغۇچىنى ئۇيەرلىك ، بۇ يەرلىك دەپ ئايرىمايدۇ . ئادەتتە ئۇقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىنغان . شۇنىڭغا شەرتى توشقانلار ئىرىشەلەيدۇ . لېكىن بۇنىڭغا ئېرىشىش ناھايىتى قىيىن . يىغىپ ئېيتقاندا ھېچقانداق ئىتبار يوق ، ھەممىنى ئۆزىڭىز ئۈستىڭىزگە ئالىسىز .
سوئال(ئوقۇغۇچىلار): ياپۇنىيەلىكلەرنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسى قانداق ؟
جاۋاب: ياپۇنىيەلىكلەرنىڭ كىرىمى 15مىڭ خەلق پۇلى ، ئۇلارنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسى ئىنتايىن يۇقىرى . توكيودا بىر ئادەتتىكى ئۆينىڭ ئىجارىسى 5 ~ 4 مىڭ خەلق پۇلى ئەتراپىدا ، تاماققا 4 مىڭ خەلق پۇلى ئەتراپىدا كېتىدۇ . تۇرمۇش خىراجەتلىرىڭىز(كىرا ، كىيىم -كېچەك....)بولۇپ 10 مىڭ خەلق پولى بىلەن بىر ئايلىق تۇرمىشڭىزنى قامدىيالايسىز . ئەگەر سىز ياپۇنيەدىن ھازىرقى تۇرمۇش سەۋيىڭىزدە ياشايمەن دېسىڭىز 15 مىڭ خەلق پۇلىمۇ يەتمەيدۇ . مەسىلەن : بىر دانە پەمىدۇر سەككىز يۈەن ، بىر تاۋۇز 100 يۈەن ، لېكىن توخۇ، تۇخۇم ئەرزانراق ، ماشىنا ئەرزان ، لېكىن ماي قىممەترەك .
سوئال(ئوقۇغۇچىلار): ياپۇنىيەلىكلەر ئۆزىنىڭ ئۇقۇش ئەھۋالىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىدۇ ؟
جاۋاب : ياپۇنىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇش پۇلنىلا ئائىلىسى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ ، باشقا ھەر قانداق چىقىملارنى ئۆزى قامدايدۇ. يەنى ئۆزى ئىشلەپ تاپىدۇ . دېمەك ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇلارغا ھەرگىز رەھىم قىلمايدۇ ، قانچىلىك قىينىلىپ كەتسىمۇ بىر ئاز پۇلمۇ بەرمەيدۇ . خىزمەتكە چىققاندا ھەرگىز ئۆز شىركەتلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرمايدۇ ، خىزمەتنى ئۆزى تاپىدۇ ، ئۆز بالىسىنىڭ پىشىپ يىتىلگەنلىكنى بىلگەندىن كېيىنلا ئۆز شىركەتلىرىگە ياندۇرۇپ ئەكىلىپ بىر كىشىلىك خىزمەت بېرىدۇ .
سوئال(ئوقۇغۇچىلار): ياپۇنىيەدە خىزمەت تېپىش مەسىلىسى قانداق ؟
جاۋاب : سىز ياپۇنىيەدە خىزمەت تېپىش ئۈچۈن بىرسى ئورۇن تاللىسىڭىز ، شەرت - شارائىت تاللىمىسىڭىز چوقۇم بىر كىشىلىك خىزمەت تاپالايسىز . يۇقىرى دەرىجىلىك شىركەتلەردە خىزمەت تاپماق بىر قەدەر قىيىن . تۆۋەن دەرىجىلىك شىركەتلەردە ئاسانراق . ئۇنىڭدىن باشقا ئىش تونۇشتۇرۇش ئورنىغا تىزىملىتىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ .بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياپون تىلىنى بىلىشىڭىز كېرەك .
سوئال(ئوقۇغۇچىلار): پاراللېل كومپيۇتېر بىلەن ئادەتتىكى كومپيوتېرلارنىڭ ئاساسلىق پەرقى نەدە ؟
جاۋاب :قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا پاراللېل كومپىيوتېردا قاتتىق دېتاللار پاراللېل ئۇلىنىدۇ ، يۇمشاق دېتالمۇ پاراللېل ئۇلىنىدۇ. ھېسابلاش سۈرئىتى دەرىجىدىن تاشقىرى تىز.كەسپى پاراللېل كومپىيوتېرلار مۇرەككەپ ھىساپلاشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . بۇنداق كومپيوتېرلارنى شەخس ، چوڭ شىركەتلەر ھەرگىز سىتۋالالمايدۇ، بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى كۈچىمۇ تەس يېتىدۇ . شۇڭا ئادەتتىكى كومپيوتېرلاردىن ئۆزگەرتىلگەن كىچىك تىپتىكى پاراللېل كومپيوتېرلارنى تەتقىق قىلىش زۆرۈر. پاراللېل كومپيوتېرلارئېلىپ بارغان ھىساپلاشلارنى نەچچە گىگا بايىتلىق ئىچكى ساقلىغۇچىسى بولغان ئادەتتىكى كومپىيوتېرلارمۇ ھېسابلاش ئېلىپ بارالمايدۇ .
سوئال (ئوقۇغۇچىلار):ھازىر تىل ئۆگىنىش كۇرسلىرى بەك كۆپ ، قايسىغا كىرىشنىمۇ بىلىپ بولمايدۇ.سىزنىڭچە تىل ئۆگىنىش قانداقراق كورسلارغا كىرسەك بولىدۇ؟
جاۋاب :راست ، ھازىر تىل ، كومپيۇتېر ئۆگىتىش كۇرسلىرى ھەقىقەتەن كۆپ ، ھەتتا بەزى كۇرۇسلار نوقۇل ھالدا ئىقتىسادى مەنپەئەتنى دەپلا ئېچىلغان . قانداق كۇرسلارنى تاللاشمۇ بىر مۇھىم مەسىلە . ئادەتتە تىل كۇرسلىرى ئىچىدىن شۇ تىل ئانا تىلى بولغان بىر ئوقۇتقۇچى ۋە تىل كەسپىدە مەخسۇس ئوقىغان بىر ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولغان كۇرسلارنى تاللاش كېرەك .
سوئال(ئوقۇغۇچىلار): ياپۇنىيەگە چىقىپ ئۇقۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك ؟
جاۋاب: ياپۇنىيەگە چىقىپ ئۇقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىقتىساد ، تۇرالغۇ جاي مەسلىسىنى ئويلىشىش كېرەك . ئۇندىن كېيىن ياپون تىلى دەرىجە ئىمتىھان نەتىجىسى بولىشى كېرەك . يەنى ئاسپىرانىتلىقتا ئۇقۇش ئۈچۈن ئىجتىمائىي پەندە 1-دەرىجە ، سانائەت پەنلىرىدە 2-دەرىجىدىن ئۆتىشى كېرەك . ( 1-دەرىجە ئەڭ يۇقىرى دەرىجە ھېسابلىنىدۇ)
خۇلاسلىغاندا ، بەزىلەر ياپونىيە تەرەققى قىلغان ، پۇل تېپىش ئاسان دەپ ئويلايدۇ ، ئەمىليەتتە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس . ئۇ يەردىكى تۇرمۇش ، خىزمەت بېسىمى ناھايىتى ئېغىر . ئوقۇشقا چىققانلار پۇل تېپىش ئۈچۈنلا بولىدىكەن ياپۇنىيىدە ھېچنېمە ئۈگىنەلمەيدۇ ،سىز ياپۇنىيىدە تۇرۇپ ئۆگىنىش تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانماقچى بولىدىكەنسىز سىزمۇ ياپۇنىيىلىكلەرگە ئوخشاش بۇلىشىڭىز كېرەك ، ھېچ بولمىغاندا ياپۇنىيىلىكلەرنى يېرىمىچىلىك بولسىمۇ تىرىشىپ ئىشلىسىڭىز كېرەك ،شۇنداق بولغاندا بىر كىشىلىك تۇرمۇشىڭىزنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئوقۇشىڭىزنى داۋاملاشتۇرالايسىز. شۇڭا سىز ھەر بىر قەدەمنى ئىنتايىن پۇختىلىق بىلەن بېسىشىڭىز كېرەك . ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە مەسئوليەتچان بولىشىڭىز ، ئائىلىڭىزگە ، دوستلىرىڭىز غا مەسئوليەتچان بۇلىشڭىز كېرەك. ھەر بىر قەدىمىڭىزگە مەسئۇل بۇلىشىڭىز كېرەك . چۈنكى بۇ قەدىمىڭىز ئۆزىڭىزگە ۋەكىللىك قىلىپلا قالماستىن ئائىلىڭىزگە ، مىللىتىڭىزگە ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن .
ياپۇنىيىلىك ئوقۇتقۇچى ئوگاۋا تىل ئۆگىنىش توغرىسىدا مۇنۇلارنى سۆزلىدى:
ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ يېشىنىڭ چوڭيىشىغا ئەگىشىپ ئەقلى قابىلىيىتى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ بارىدۇ . بارىدۇ . لېكىن ئۆگىنىدىغان بىلىملەر كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىدۇ. تىل ئۆگىنىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش . بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن بۇشاشماستىن ھەر كۈنى قايتا- قايتا تەكرارلىغاندىلا ئاندىن بۇ قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى بولىدۇ. يەنى :

(رەسىمدىكى ئەگرە سىزىق ئادەمنىڭ ئەقلى قابىلىيىتى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.)
باشقا ياپۇنىيىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ لىكسىيىلىرى قىسقارتىلدى.


گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشىش يولىدىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەر

يېقىندا ياپۇنيىدە نەشىر قىلىنغان " 20 ياشتىكىلەر چوقۇم سىناپ بېقىشقا تېگىشلىك 50 تۈرلۈك ئىش " دېگەن كىتابنىڭ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولغان . ئاپتور كىشىلىك ھايات يولىدا جاپا-مۇشاققەت ۋە ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ تەمىنى تېتىغاندىلا ، گۈزەل كىشىلىك تۇرمۇشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ ، دەپ قارىغان . بۇ كىتابتا 20 ياشتىكىلەر چوقۇم سىناپ بېقىشقا تېگىشلىك 50 تۈرلۈك ئىش كۆرسىتىلگەن . بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىقلىرى تۆۋەندىكىلەر :

• گېزىت ژورناللارنىڭ چەتلىرىگە بېسىلغان ئېلانلارغا دىققەت قىلىڭ . بەلكىم ئۇ سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدا تاسادىپي رول ئوينىشى مۇمكىن .
• ھەر قانداق شەكىلدىكى سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىڭ ھەمدە ئاكتىپ پىلان كۆرسىتىڭ . بۇ ئارقىلىق كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيسىز .
• ئۆزىڭىزگە جەڭ ئېلان قىلىپ ، 10 دىن ئارتۇق لاياقەت گۇۋاھنامىسى ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىڭ .
• 10 يىلدىن كېيىن پايدىسى قايتۇرۇلىدىغان تۈرگە مەبلەغ سېلىڭ .
• چاڭ-توزاڭ كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇدىغان قۇرۇلۇش مەيدانىغا بېرىپ بىر ۋاخ غىزالىنىڭ .
• تىياتىرخانىلاردا بىر قېتىم يول باشلىغۇچى مۇلازىم ، ئوقۇغۇچى بولۇڭ . تاماشىبىنلارنى باشلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارغا ئۆزىڭىزنى سېلىشتۇرۇپ كەلگۈسىنى ئويلاڭ .
• ئاتا-ئانىڭىز بىلەن ساياھەت قىلىڭ . بۇ ، ئاىلىگە كۆڭۈل بۆلىشىڭىز ھەمدە كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى تۇققاندارچىلىق ، مېھرىبانلىقنىڭ باشلىنىشىدۇر .
• ھەر يىلى ئېمكان قەدەر كۆپرەك كىتاپ ئوقۇڭ ، شېئىر يېزىڭ .
• ھەر كۈنى بىر بەتلىك قوليازما يېزىڭ .
• چەتەللىكلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئىشەنچىڭىزنى باشتىن-ئاخىر يوقاتماڭ .
• ھەر كۈنى ئۆزىڭىزدىن قانداق سەۋەنلىكلەر ئۆتكەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىڭ ، ئۆزىڭىز قارار قىلغان ئىشنى داىم تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ .
• بەخىتسىزلەرنىڭ دوستى بولۇڭ .
• ھەددىدىن ئارتۇق چارچاشنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىڭ . ئۆزىڭىز قورقۇدىغان ئادەم بىلەن ئۇچرىشىپ بېقىڭ . تۇرمۇش مەيدانىدا " ۋاپاسىز " بولۇڭ . ئۆزىڭىزگە مەنسۇپ بولغان لۇغەتتىن بىرنى ئىجاد قىلىڭ . شۇندىلا ئۆزگىچە نەزەر داىرىڭىز بىلەن ئۆزگىچە دۇنيانى يارىتالايسىز .

"شىنجاڭ رادىو-تېلېۋىزىيە گېزىتى" دىن ئېلىندى

بىر كومپيۇتىر ئۇستىسىنىڭ يېتىلىش جەريانى



بىر كومپيۇتىر ئۇستىسىنىڭ يېتىلىش جەريانى
يوللىغۇچى: Oghri

ھازىر بىر مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ مەركىزى قىسمى(core) نى يېزىۋاتىمەن. يېزىپ بولساملا ھەممىسىنى ئاشكارلايمەن، جۇڭگۇنىڭ IT تېخنىكىسىنڭ تەرەققىقىياتىغا ئازراق تۆھپە قوشالىسام ئەجەپ ئەمەس. يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى نۇرغۇن ساۋاقداشلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ماڭا ئوخشاش ئۆزىنىڭ تەرەققى قىلىش يۆنۈلىشىنى تاپالمايۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ ئۆز كەچۈرمۈشلۈرۈمنى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم.بۇ ئارقىلىق يېڭىلا بۇ كەسىپكە قەدەم باسقان دوستلارغا ئازراق ياردىمىم بولۇپ قالار.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ITساھەسىدە ئوقۇغان ۋە ئىشلىگىنىمگە 7 يىل بولۇپ قاپتۇ. بۇ جەرياندا تور بەت تۈزۈپ باقتىم، MISئا، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، يۇمشاق دىتال لايھىلىدىم. ئالاقە يۇمشاق دىتاللىرىنى، قاتتىق دىتاللارنىڭ قوزغاتقۇچ پروگراممىسىنى، تور كىلىشملىرىنى يازدىم، ھازىر بىر مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ مەركىزى قىسمىنى يېزىۋاتىمەن ھەم IC ئېچىشقا ئالاقىدار تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. بۇ جەرياندا ئاز بولمىغان ئەگرى يوللارنى ماڭدىم، كۆپ جاپا چەكتىم.
مېنىڭ ئوقۇغۇنىم بىر ئۈچىنچى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ، ھەتتا شۇ شەھەردىكى كىشىلەرمۇ شۇنداق بىر مەكتەپنىڭ بارلىغىنى بىلمەيتى. ئوقۇغان مەكتىۋىم ياخشى بولمىغاچقا مەكتەپنىڭ ئىناۋىتىگە تايىنىپ بىر ياخشى خىزمەت تېپىشنى ئويلۇمۇدۇم. بارلىق ئۈمىت ئۆزەمنىڭ تېرىشچانلىغىدا قالدى. بىرىنجى يىللىقا كىرىشنىڭ ئالدىدىكى تەتىلدىن باشلاپلا ئۈگۈنۈشنى باشلىۋەتتىم. ئېسىمدە قېلىشىچە ، بىرىنجى بولۇپ سېتىۋالغان كىتاۋىم « كومپىيۇتىردىن ئاساس DOS 3.0 » ئىدى. ھەيران قالغان بولساڭلار كىرەك، ئەمەلىيەتتە شۇ ۋاقىتلاردا DOS 6.22ئومۇملىشىپ بولغان ۋاقىت ئىدى. پەقەت كىتاپخانىدا DOS 4.0,DOS5.0 لارنىڭ كىتاۋىنى كۆرۈپ ئېنگىلىسچە كىتاپلارغا ئوخشاش 4-ئىجى، 5-ئىنجى قىسىملىرى ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن.تېخى DOS 1.0 نىڭ كىتاۋىنى ئىزدەپ باققان ئىدىم، تەلىيىمگە ئۇچراپ قالماپتىكەن. ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن PASCAL تىلىنى ئۈگۈنۈپ بولدۇم، ئۇ ۋاقىتتا ئىشلىتەي دىسەم كۆمپيۇتىر، سوراي دىسەم بىلىدىغان بىرسى يوق ئىدى، نىمىنىڭ پىروگرامما ئىكەنلىگىنىمۇ بىلمەيتىم. پەقەت پىروگرامملىلارنى ئۆلۈك يادىلىۋىلىپ ئاندىن قەغەزگە يازاتتىم. ئۈچىنچى يىللىققا چىققاندا بىر دانە 486 كومپيۇتىرىم بار بولدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن قانچە پىروگرامما يازدىم بىلمەيمەن، ئېسىمدا قېلىشىچە ئەڭ ئۇزۇن بىرىنى A4قەغەزدە 30 بەتتىن ئارتۇق يېزىپتىكەنمەن.مەن ئۈگەنگەن C,C++ تىللىرىنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇنداق شارائىتتا ئاساس سالغان ئىدىم. شۇڭا دەيدىغىنىم قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش مۈمكىن، مېنىڭ كەچۈرمىشلىرىم شارائىتى ناچار ساۋاقداشلارغا ئازراق ئۈمۈت بېغىشلىسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن.
تۈنج قېتىم ھەدەملەرنىڭ كومپىيۇتىر ئۆيىدە مەشغۇلات قىلغان چېغىمدا يۈرۈگۈم ھاياجاندىن سېلىپ كەتتى.لىكىن ئۇلارنىڭ ئىشلىتىدىغنى Windows 3.0 نىڭ ئېنگىلىسچە نۇسخىسى ئىكەن، مېنىڭ ئۈگەنگەن DOSبىلىملىرىم نەلەردە قالدى. شۇنچە ئاۋايلاپ مەشغۇلات قىلساممۇ Word نى پۈتۈن ئېكرانغا چىقىرىپ قويۇپ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەي جىددىلەشكىنىمدىن ئىشتانغا چىقىرۋىتەي دەپ قالدىم، كومپيۇتىرنى بۇزۇپ قويدۇم دەپ ئويلىغان ئىدىم.تۈنجى C پروگراممام، ھېلىقى قەدىرلىك HelloWorld ! نى سىناش ئۈچۈن نەچچە ھەپتە ۋاقىت سەرىپ قىلدىم.كومپيۇتىردا مەشغۇلات قىلىش پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز ئىدى. يەنە كىلىپ باشقىلار ماڭا Turbo C تەھرىرلەش مۈھىتىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن بەزى ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش كىرەكلىگىنى دەپ بەرمىگەن. تېخى دەسلەپتە كومپايىل مۇھىتىنىڭ بارلىغىنى بىلمەي ئەقلىمنى ئىشلىتىپ يازغان پروگراممامنىڭ كىڭەيتىلگەن ئىسمىنى Cدىن Exeئۆزگەرتىپ قويغان ئىدىم. ئاقىۋىتى قانداق بولىدىغانلىغى كۆپچىلىككە ئايان. بىرىنجى يىللىقتىلا X86,C,C++ ئىڭ ئاسسېمبىل تىلى، ۋە سان-سفىرلارنىڭ قۇرۇلمىسى قاتارلىق دەرىسلەرنى ئۈگۈنۈپ بولدۇم. بارلىق زېھنىمنى ئۆزلۈكۈمدىن ئۈگۈنۈشكە بېرىپۋەتكەچكە بىرىنجى يىللقتىلا تۆت دەرىستىن ئۆتەلمىدىم. ئۈچۈنچى قاتاردىكى مەكتەپنىڭ ياخشى يېرى شۇ، ئون –يىگىرمە دەرىستىن ئۆتەلمىسىڭىزمۇ پۈتتۇرۇۋېرسىز. مەندەك تېرىشقان بىر ئوقۇغۇچىمۇ ئۆتەلمىسە، بۇ دۆلىتىمىز كومپيۇتىر مائارىپىنىڭ قانچىلىق قاتمال ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ.
ئىككىنچى يىللىققا چىققاندا VC,BCلارنى ئۈگەنمەكچى بولۇپ قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمىدىم. ئاخىردا VCنى تاللىدىم، نىمىشقا دەمسىز ، VCنىڭ كىتاۋى 6سوم ئەرزان ئىكەن. مېنىڭ تېرىشچانلىغىىمغا سىنىپىمىزدىن ھېچكىم يىتەلمەيتتى. كېچە-كۈندۈز دىمەي ئۈگۈنەتتىم. ئۈچىنچى يىللىقتا كومپيۇتىرىم بار بولغاندىن كىيىن تېخىمۇ شۇنداق قىلدىم. دادام يېرىم كېچىدە تۇرۇپ "جېنىڭنى سېلىىپ بېرەمتىڭ !" دەپ تىللاپ كېتەتتى. مېنىڭ باشقىلاردىن ئاساسىم ناچار، ئەستە تۇتۇش قابىليىتىم ناچار ، تېخىمۇ كۆپ تېرىشسام ئاندىن باشقىلارغا يېتىشىۋالالايمەن دەپ ئويلايتتىم. بەزى ساۋاقداشلرىىم تېىخى مېنى كومپيۇتىر ئۈگۈنۈشتە تالانتىڭ بار دەيتتى، كۈلۈپ كېتەتتىم.مېنىڭ كومپيۇتىرىم 486 ئىدى، ساۋاقداشلىرىمنىڭ بولسا MMX 166 ئىدى. Windows NTنى قاچىلىشىم ئۈچۈن بىر كېچە كېتەتتى. ئېكرانىم كونا مال ئىدى، رادىئاتسىيىسى ئىنتايىن كۈچلۈك، بىر قېتىم پروگرامم يېزىۋېتىپ قارىسام ئېكران قىزىلغا ئايلىنىپ قالدى، ئېكراندىن چاتاق چىقتىمىكىن دەپتىمەن، ئەسلىدە كۆزۈم تېلىپ كېتىپتىكەن، ھەيران قالىمەن، ئاشۇ كۈنلەردىمۇ كۆرۈش قۇۋۋېتىم 1.5 تە ساقلىنىپ قاپتىكەن، مۆجىزە –دە بۇ. ئاشۇنداق بىر رەۋەك كومپيۇتىر ماڭا ئىككى يىل ھەمرا بولدى. مەن ئۇنىڭىدىن پايدىلىنىپ VC, Delphi, SQLserver قاتارلىقلارنى ئۈگۈنىۋالدىم.كىيىن ئۇ كومپيۇتىرنى ھاممامغا بەرگەن ئىدىم، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ قىزىقىپ خەت ئۇرۇۋاتقان بىر ئاخشىمى ئېكراننىڭ ئارقى تەرىپىدىن ئىس چىقىپ كېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇمۇ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى.
ئۈچىنچى يىللىقتىكى بىر تەتىلدە بىر كومپيۇتىر تەتقىقات ئورنىدا پىراكتىكا قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. پىراكتىكا دىگەندىن كۆرە ھاشار دىگەن تۈزۈك، ئىككى ئاي ئىشلەپ بىر فۇڭ ھەققا ئېرىشەلمدىم. لىكىن بۇ ئىككى ئاي ۋاقىتنىڭ ماڭا جىق پايدىسى تەگدى.دەسلەپ بارغان چاغدا ھىچنىمىنى بىلمەيتىتىم، شۇ جەرياندا تور بىلەن تونۇشتۇم، Delphi, Oracle لارنى ئۈگۈنىۋالدىم. خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلىگەچكە ياخشى باھاغا ئېرىشتىم، بىر ئاكاشنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن شۇنىڭدىن كىيىن ئۇلار بىلەن تۈرلەرنى ئىشلەشكە باشلىدىم. شۇنداق قىلىپ ئالي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى، تۆتىنچى يىللىقىدىلا كېرىمىم بار بولدى. تۆتىنچى يىللىقتا ئىككى MIS شىركىتىدە ئوقۇشتىن سىرىت ئىشلىدىم.تاپقان پۇلۇم كۆپ بولمىسىمۇ لىكىن ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىدىلا 1000 سومدىن ئارتۇق كىرىمگە ئېرىشكىنىمدىن ناھايىتى رازى ئىدىم. تۆتىنچى يىللىقنىڭ ئىككىنچى مەۋسۈمى خىزمەت ئىزدەشكە كىرىشتىم، بۇچاغدا مېنىڭ خىزمەت تەجىربەم خېلى كۆپ ئىدى ( ھازىر ئويلۇسام بۇ بىر سەبىلەرچە خىيال ئىكەن ) . ئاتا – ئانامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھېلىقى پىراكتىكا قىلغان تەتقىقات ئورنىغا بارماقچى بولدۇم، ئۇلارمۇ مېنىڭ كېلىشىمنى ئۈمۈت قىلاتتى. لىكىن نىمە بولدى ئاخىرى چىقمىدى. ئاچچىغىمدا ئۆزەم ئىشلەپ باققان بىر MISئىشلەيدىغان شىركەتكە بېرىپ گورۇپپا باشلىغى بولۇپ ئىشلىدىم. خىزمەت ئىنتايىن جاپالىق ئىدى، خېرىدار بىلەن ئۇلارنىڭ تەلىۋى توغرۇلۇق سۆزلىشىش بىلەن لايھىلەش، پروگرامما تۈزۈش، سىناش ، تاپشۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆزۈم چاپاتتىم. ئۇچاغلاردا بىرخىل مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى پەيدا بولاتتى، ئۆزەمنى خېلى قابىليىتىم باركەن دەپ ئويلايتتىم. كىيىن ئويلىسام تېخى خامكەنمەنتۇق.
يېڭى خىزمەتكە چىققان ئوقۇغۇچىلار ئاسانلا ئېزىقىپ قالىدۇ. پروگرامما تۈزۈش قوراللىرى كۆپلۈگىدە ئادەمنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىدۇ. يەنە كىلىپ ئۆزىنى شىركەت ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىۋاتقاندەك ھىس قىلىدۇ. لىكىن بۇنداق خىزمەت مەڭگۈ تۆۋەن دەرىجىلىك پروگرامما ئاچقۇچىلار قىلىدىغان خىزمەت. سېستىما تەھلىلى ئۇنداق تەس، مۇنداق مۇھىم دەپ يۈرمەڭ. سىزنىڭچە خېرىدار بىلەن ئېھتىياجى توغرىلىق سۆزلىشىپ لايھە تۈزۈشنىڭ ئۆزى سېستىما تەھلىلى ۋە سېستىما لايھىسى ھىساپلىنامدۇ ؟ دۆلەت ئىچىدىكى شىركەتلەرنىڭ قانچىسى ئۆلچەملىك ، مۇكەممەل قىلالايدۇ ؟ مەن ھازىر ISO9000 نىڭ تەكشۈرگۈچىسى ، تالاي قېتىم Rational شىركىتىگە بېرىپ تەربىيلەش كۇرۇسلىرىغا قاتناشقان ، 4 كىنىشكە ئېلىپ بولغان. يەنە بىر شىركەت مېنىCMM تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى. بۇنداق ئىشلارنى مەن كۆپ ئاڭلىغان. نۇرغۇن ئىشلار دۆلەت ئىچىگە كىرگەندىن كىيىنلا خاراكتىرى ئۆزگۈرۈپ كېتىدۇ. بىر شىركەت ISO9000 تىن ياكى CMM تىن ئۆتسىلا رەتلىك، ئۆلچەملىك بولۇپ كېتەلمەيدۇ. مەن ھازىر10 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بىر چەتئەل كارخانىسىدا ئىشلەۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ كارخانا باشقۇرۈش سەۋىيىسىگە دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلار ھەرگىز يىتەلمەيدۇ. مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئەمدىلا خىزمەتكە قەدەم قويغان بىر ئوقۇغۇچى ھە دىسىلا سېستىما لايھىلەش، سېستىما تۈزۈشلارنى ئىگىلەپ بولالمايدۇ. ئوبىكتىغا يۈزلەنگەن ، UML دىگەنلەر پەقەتلا بىر قورال، مۇھىمى شۇكىشىنىڭ تەسەۋۋۇرى. C++,Roseلارنى ئۈگۈنۈپلا ياخشى لايھىلەرنى ئىشلەپ چىققىلى بولمايدۇ. ئەكسىچە ئەگەر سەۋىيە يۇقىرى بولسا C ئارقىلىقمۇ C++دىنمۇ بەكرەك قېلىپلاشقان پروگراممىلارنى تۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ.
دۆلەت ئىچىدىكى يۇمشاق دىتال لايھىلەش ساھەسىدە بىر غەلىتە ئېقىم شەكىللىنىپ قالغان. نۇرغۇن كىشىلەر
VC > Delphi > VB دەپ ئويلايدۇ، ناھايىتى كۈلكىلىك. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلىنىپ يۇمشاق دىتال تۈزۈپ باققان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قورالدىن باشقا نەرسە ئەمەس، قايسى بىرسى يۇقىرى دەرىجىلىك بولغانلىغى ئۈچۈن ئەمەس يۇمشاق دىتالنىڭ قوللىنىش ساھەسىگە قاراپ بىرسىنى تاللاپ ئىشلىتىش كىرەك.ئەگەر مەلۇم بىرخىل ئېچىش قورالىنى ئىشلىتىش ئابرويلۇق ئىش دەپ قارىسىڭىز بۇ سىزنىڭ تېخى پۈچەك ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈردۇ. ئەگەر يۇقۇرى دەرىجىلىك دىيىلسە يۇقۇرقىلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇرى دەرىجىلىك ھىساپلانمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى سېستىما تەمىنلىگەن API لارنى چۆرگىلىتپ يۇرۈپ ئىش قىلىدۇ. مىكروسوفىتتىكى دوستلار ئۇلار تۈزگەن نەچچە APIلارنى ، نەچچە Classلارنى ئېسىڭىزدە تۇتۇۋالغىنىڭىز ئۈچۈن سىزنى قالتىس چاغلاپ كەتمەيدۇ. سىز مەڭگۈ ئۇلارنىڭ خېرىدارى خالاس، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى چۆنتىگىڭىزدىكى پۇل. مەنمۇ سېستىما مەركىزى قىسمى بىلەن ھەپىلىشىپ باققان، نەچچە APIلارنى كىرىشتۇرۈپ باققان، ئوخشاشلا APIدىن پايدىلىنىپ ئىككىلىمە ئېچىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خېرىدارلارنى ۋاي دەپ كەتمەيمەن ، ئەگەر ئۇلار ئۆز ئالدىغا خاسلىققا ئىگە لايھەسىنى ئوتتۇرغا قويالىسا ئۇ باشقا گەپ.
بەزىلەرنىڭ C++ > C دىگەندەك كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلىسام تېخىمۇ كۈلكىلىك ھېس قىلىمەن. بېرىپ سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ، نەچچە مەشغۇلات سېستىمىسنىڭ مەركىزى ( Kernel) Cتىلىدىن پايدىلىنىپ يېزىلغان ئىكەن ؟ ئەلۋەتتە مەن C++ياخشى ئەمەس دىمەكچى ئەمەس، لىكىن ھازىر مەشغۇلات سېستىمىسىنى تۈزۈش جەھەتتە ++Cھەرگىزمۇ Cنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.ئەلۋەتتە++C قوللىنشچان دىتاللارنى ئىشلەشكە ماس كىلىدۇ، ئۇ باشقا گەپ. شۇڭا مېنىڭ كۆز قارشىم قايسى تىلنى ياكى قايسى قورالنى تاللاشتا قايسى ئىشنى قىلىۋاتقانلىغىغا قاراش كىرەك. سىزنىڭ لايھىڭىز كەسپى قابىليتىڭىزنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ.
مۇشۇنداق بىريىل ئىشلەپ زېرىكىپ كەتتىم ، قىلىدىغان ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسى پىششىق بىلگەن ئادەم قىلىپ كېتەلەيدىغان ئىشلار ئىكەن، تېخنىكامدا ھىچقانداق ئىلگىرلەش بولمىدى، ھىچقانداق بىر نىشاننى كۆرەلمىدىم. شۇڭا بۇ شەھەرنى تاشلاپ شاڭخەيگە بېرىپ تەرەققى قىلماقچى بولدۇم. بۇرۇن قىلغان MIS نى تاشلاپ ئالاقە ساھەسىگە كىرىش نىيىتىگە كەلدىم.

خەنزۇچە مەنبەدىن ئالدىنقى قىسمى تەرجىمە قىلىندى. ئەسلى مەنبە :
一位计算机高手的成长之路

بىخلان ئەپەندىم بىلەن سۆھبەت


1-سۇئال: كەلگۈسىدە ئالى مەكتەپكە بېرىپ، كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغىچىلىرىغا قانداق تەۋسىيەلىرىڭىز بار؟

جاۋاب: «كومپيۇتېر كەسپى» دېگەن سۆزنىڭ ئىپادىلەش دائىرىسى بەك كەڭ، گەرچە بۇ «كەڭ مەزمۇن» نىڭ ھەممىسى يەنىلا شۇ كومپيۇتېر ئالدىدا تۇرۇپ يۈز بېرىدىغان ئىشلار بولسىمۇ، بىراق، قايسىسىنى ئوقۇش كېرەكلىكىنى تاللاش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بۇ كەسىپنى چۈشۈنىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم.
سىز كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇماقچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىنكى ئارزۇ تولدۇرۇشتا ئەستايىدىل بولۇڭ، بەلكىم قوبۇل قىلىنىدىغان كەسىپلەر ئارىسىدا سىز «كومپيۇتېر كەسپى» دەيدىغان ئاتالغۇنى ئۇچراتماسلىقىڭىز مۇمكىن، بەلكى، «كومپيۇتېر ئىلىمى ۋە تېخنىكىسى»، «ئۇچۇر قۇرۇلۇشى»... دېگەندەك ھەرخىل كەسىپ ئىسىملىرىنى ئۇچرىتىسىز، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ «كومپيۇتېر كەسپى» دائىرىسىگە كىرىدىغان تارماقلار بولۇپ، ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلار تەسىس قىلغان كەسىپلەر ئوخشاش ئەمەس، شۇڭا بۇ كەسىپتە ئوقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئارزۇ تولدۇرغاندا كەسىپ مەزمۇنىنى ياخشى چۈشىنىۋېلىڭ.
ئەمدى، ئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇشقا ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىڭىزغا كەلسەك، كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ھەرخىل سەۋىيە، ھەرخىل قىزىقىش، ھەرخىل ئارزۇ-ئۈمىدلەرگە تولغان بولىدۇ، جەمئىيەت تەرەققىي قىلغانسېرى، كومپيۇتېر بارلىق كەسىپلەرگە سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ، مەيلى ئىجتىمائىي پەن، ياكى تەبىئىي پەنلەرگە تەۋە بولغان كەسىپلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھامان كومپيۇتېردىن پايدىلىنىدىغان تەرەپلىرى بار. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەيلى نېمىلا كەسىپنى تاللىسۇن، ئۇلار ھامان كومپيۇتېر مەشغۇلاتىنى ئۆگىنىشكە دۇچ كېلىدۇ. بۇ سوئاللاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى «كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان» ياكى «ئوقۇۋاتقان» ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، مەنمۇ شۇنىڭغا قارىتا جاۋاب بېرەي.

1. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇش ئارزۇسى ئۈستىدە يەنىمۇ بىرقەدەم چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك. مۇنداقلا قىزىقىش بىلەنلا كەسىپ تاللاشقا بولمايدۇ.

كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇش ھەرگىزمۇ 5 يىل جەريانىدا Word, Excel, Photoshop.... دېگەندەك قوللىنىشچان دېتاللارنى ئۆگىنىۋېلىشنى مەقسەت قىلمايدۇ، ۋەياكى مەلۇم پروگرامما لايىھىلەش تىللىرىنى ئۆگىنىۋېلىشنىمۇ مەقسەت قىلمايدۇ، بۇ خىل بىلىملەرنى ھەتتا ناخشا-ئۇسسۇل، سەنئەت كەسپىدە ئوقۇغانلارمۇ 5 يىل جەريانىدا مۇۋاپىق تىرىشسىلا ئاساسەن ئۆگىنىپ كېتەلەيدۇ، شۇڭلاشقا، كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ناۋادا يۇقارقى بىلىملەرنىلا ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ئۈستىدە يەنە بىر قەدەم چوڭقۇرراق ئويلىنىپ بېقىشى، ئارزۇ-نىشان پەللىسىنى يەنىمۇ يىراققا، يەنىمۇ يۈكسەك پەللىگە يۆتكەپ ئويلاپ بېقىشى زۆرۈر.

2. ماتېماتىكا، فىزىكا... قاتارلىق تەبىئىي پەنلەردىكى نەتىجىسى ۋە قىزىقىشىنىڭ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك.

بۇ دېگەنلىك، كومپيۇتېر كەسپىنى پىششىق ئۆگىنىشتىن، يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشكە ماتېماتىكا ۋە فىزىكا بىلىملىرىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئادەتتىكى قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ماتېماتىكا... قاتارلىق پەنلەردە سەۋىيە بولۇشى زۆرۈر ئەمەس، ماتېماتىكا ۋە فىزىكا بىلىملىرىنىڭ زۆرۈرلۈكى كومپيۇتېر كەسپىدىكى يۇمشاق دېتال ۋە قاتتىق دېتال بىلىملىرىنى ئۆگىنىش جەريانىدا ئەكس ئېتىدۇ، ماتېماتىكا بىلىملىرى كۆرۈنەرلىك يۇقۇرى بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نادىر يۇمشاق دېتاللارنى تۈزەلىشى، مۇرەككەپ قاتتىق دېتال، ئېلىكترون توك يوللىرى بىلىملىرىنى ئۆگىنىشى ئىنتايىن قىيىن، شۇڭلاشقا، كومپيۇتېر كەسپىدە مەخسۇس ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغانلار ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە ماتېماتىكا بىلىملىرىگە كۆپلەپ ھاجىتى چۈشىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىدىيە تەييارلىقى بولۇشى كېرەك.

3. ئىقتىسادىي شارائىتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇشقا لايىق كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىغا قاراش كېرەك.

بۇ دېگەنلىك ئائىلىڭىز نامرات بولسا كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇماڭ دېگەنلىك ئەمەس. ئىقتىساد تېپىلىدۇ، بىراق، كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنىش نوقۇل ھالدىكى كۈندىلىك دەرسلەرنى ياخشى ئۆگىنىش، تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا ئىشلەش ۋەياكى مۇئەللىم نېمىنى سۆزلىسە شۇنىلا ياخشى ئۆگىنىۋېلىش بىلەن كۇپايە قىلمايدۇ. كومپيۇتېرنى كەسىپ قىلغان ئىكەنسىز، سىزدە چوقۇم ھەر ۋاقىت ئەمەلىي تەجرىبە ئېلىپ بارغۇدەك پۇرسەت بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئىقتىسادىڭىز ناچار بولۇپ، 5 يىل ئوقۇشنىڭ يېرىمى ئاياغلاشقۇچە كومپيۇتېر سېتىۋېلىشقا قۇربىڭىز يەتمىسە، ئۇنداقتا سىز نۇرغۇنلىغان بىلىملەرنى ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولغاننىڭ ئۈستىگە، 5 يىللىق ئوقۇشىڭىزدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە چىقماسلىقى مۇمكىن. بۇ پەقەت نەتىجە چىقمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. قالغىنى ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق، سىز بۇ ئابزاس ئارقىلىق، كومپيۇتېر كەسپىنى ياخشى ئىگىلەش ئۈچۈن چوقۇم ئەمەلىي تەجرىبە ئېلىپ بارىدىغان شارائىتىڭىزنىڭ بولۇشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالسىڭىزلا بولىدۇ. ھەرگىز «كومپيۇتېر سېتىۋالالمىسا ئۈگەنگىلى بولمامدۇ؟» دەيدىغان قاراشتا بولماڭ.

4. كومپيۇتېر بىلىملىرىنىڭ قانداق ساھەلەردە ئىشلىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپرەك ئويلاپ بېقىڭ.

ھەممە بىلىملەرنى ئۇنۋېرسىتېتقا ئۆتكەندىن كېيىن ئۆگىنىمەنغۇ دېيىش خاتا، ناۋادا سىز شۇ كەسىپكە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ كەسىپنىڭ جەمئىيەتتە قانداق ئورۇنلاردا ئەسقاتىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ خىزمەت تېپىش نىشانىڭىزغا ماس كەلمىگەنلىكىنى بايقىغان ۋاقتىڭىزدا سىز ئاللىقاچان كېچىككەن بولىسىز. كەسىپ ئالماشتۇرۇش ئاۋارىچىلىق بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئالماشقان كەسپىڭىزمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشى ناتايىن، شۇڭا، سىز ئالدى بىلەن بۇ كەسىپنى تاللاشتىن بۇرۇن، شۇ كەسىپنى ئۆگىنىپ بولۇپ قانداق خىزمەتلەرنى قىلىدىغانلىقىڭىز توغرىسىدا كۆپرەك ئويلىنىپ بېقىڭ. مەسىلەن: قاتتىق-يۇمشاق دېتال لايىھىلەش ياكى تەتقىق قىلىش، تور بەت لايىھىلەش، ئوقۇتقۇچىلىق ۋە باشقا خىزمەت ئورۇنلىرىدىكى ماشىنست (خەت باسقۇچى، گېزىت-ژورناللاردا بەت تىزغۇچى، مۇقاۋا لايىھىلىگۈچى، بوغالتىر، ئىشخانا تېخنىكى... دېگەندەكلەر) قاتارلىق خىزمەتلەر سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزغا ماس كېلەمدۇ-يوق؟ ناۋادا سىز بۇ تۈرلۈك خىزمەتنى ئانچە ياقتۇرمايدىغان بولسىڭىز، بۇ كەسىپنى ئۆگىنىش سىزگە نىسبەتەن ئارتۇقچە ئىش بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئۆزىڭىزمۇ بۇ كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىشىڭىز ناتايىن، گەرچە ھازىر ھەرقانداق خىزمەت ئورۇنلىرىدا كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان جايلار بولسىمۇ، لېكىن، بۇنداق ئورۇنلارنىڭ كومپيۇتېر خىزمەت ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن ئۇنچە يۇقۇرى بىلىملەر كېرەك بولمايدۇ (يۇقۇرى بىلىم بولسا تېخى ياخشى، بىراق، بۇ يەردە خىزمەت ھۆددىسىدىن چىقىش مەسىلىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ)، مەسىلەن: ھۆججەت-ماتېرىياللارنى ئۇرۇش، بېسىپ چىقىرىش، كەسپىي ئورۇنلار يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىتىش (مەسىلەن بوغالتىرلىق، مالىيە يۇمشاق دېتاللىرى، بانكا ۋە تېلىگراف ئورۇنلىرىنىڭ كەسپىي دېتاللىرى دېگەندەك)نى مەكتەپتە ئۆگەتمەيدۇ، ئۇلار ئاساسەن خىزمەت ئورنىغا كىرگەندىن كېيىنكى كەسپىي تەربىيىلەش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئەگەر سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز مۇشۇلار بولسا، ماتېماتىكا، فىزىكا بىلىملىرى بولۇشنى بەك مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋالمىساقمۇ بولىدۇ، بىراق، ئۇنۋېرسىتېتتا 5 يىل لاياقەتلىك ئوقۇشىڭىز ئۈچۈن يەنىلا بۇ بىلىملەرنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ مەكتەپ پۈتتۈرەلمەيسىز. شۇڭا بۇ توغرىسىدىمۇ ئازراق ئويلىنىپ قويۇشىڭىز كېرەك.

5. ئوقۇماقچى بولغان مەكتەپنى توغرا تاللاش كېرەك.

مەكتەپ تاللاش كەسىپ تاللاشتىنمۇ مۇھىم دېيىشكە بولىدۇ، يەنى، سىز قانچە يۇقۇرى، قانچە داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتقا ئۆتەلىسىڭىز، سىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپارىڭىز شۇنچە يۇقۇرى بولۇشى مۇمكىن، ناۋادا سىز كومپيۇتېر كەسپىگە ئۆتەلىسەملا بولىدىغۇ دەپ قاراپ، ئادەتتىكى داڭقى چىقمىغان، تەتقىقات-تەجرىبە ئورۇنلىرى يوق مەكتەپلەرنىڭ كومپيۇتېر كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان بولسىڭىز، بۇ سىزنىڭ كەسىپتە مۇۋەپىقىيەت قازىنىشتىكى مۇساپىڭىزگە قويۇلغان يەنە بىر ئۆتكەل دىيىشكە بولىدۇ، كېيىنكى قەدىمىڭىز تېخىمۇ جاپالىق بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، سىز كومپيۇتېر (ئۇچۇر) فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى بولالىغانلىقىڭىز ئۈچۈنلا بۇ كەسىپنى ياخشى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىڭىز دېگىلى بولمايدۇ، سىزنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىڭىزنىڭمۇ سەۋىيىسى چەكلىك، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تۇرمۇش، جان بېقىش ھەلەكچىلىكىدە يۈرۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قانداق ئۇنۋېرسىتېتتا قانچىلىك سەۋىيىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكى سىزگە نامەلۇم، مەكتەپلەرنىڭمۇ كومپيۇتېر ئوقۇتۇش شارائىتلىرى ئوخشاشمايدۇ، بىرقىسىم مەكتەپلەردە سىز ھەتتا تۈزۈكرەك خەت بېسىشنى ئۆگىنەلمەيمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قالىسىز، يەنە بىرقىسىم مەكتەپلەردە گەرچە تۇتۇپ بىرنەرسە بىلەلمەي قالسىڭىزمۇ، ھەر ھالدا «قۇلاق موللىسى» بولۇپ، بىرقەدەر ئەتراپلىق چۈشەنچىگە كېلەلەيسىز، قانچە چوڭ مەكتەپلەرگە بارسىڭىز سىزنىڭ ئوقۇش جەريانىدا ئۆگىنىش بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش شارائىتىڭىز شۇنچە ياخشى بولىدۇ، قانچە چوڭ مەكتەپلەرگە بارالىسىڭىز، سىز يەنە «كومپيۇتېر كەسپى» دېگەن كەسىپنىڭ يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇششاق ئايرىم كەسىپلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز، ھەمدە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىڭىز قىزىققان كەسىپنى تاللىيالايسىز، شۇڭا، سىز ئەڭ زور دەرىجىدە، جېنىڭىز تېنىڭىزدە بولسىلا قاتتىق تىرىشىپ، داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ كومپيۇتېر فاكۇلتېتلىرىغا قوبۇل قىلىنىشقا تىرىشىڭ، مەكتەپتىكى ئۆگىنىش كەيپىياتى، شارائىتى ۋە تەتقىقات پائالىيىتى سىزنىڭ كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىشىڭىزدا مۇھىم تۈۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ.

6. تىل ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرەلەيدىغان ئىرادىنى ھازىرلاش كېرەك.

سىز كومپيۇتېرنى كەسىپ قىلىپ ئۆگىنىمەن دېگەن ئىكەنسىز، ئۇنداقتا سىز بۇ يەر شارىدىكى قايسى مىللەتلەرنىڭ كومپيۇتېرغا ئەڭ «ئۇستا» ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىڭ، ئېنىقكى، ئېنگلىز تىلىنى ئۆگىنىش سىزنىڭ مۇھىم ئۆگىنىدىغان بىلىملىرىڭىزنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزمۇ يۇقۇرى پەن-تېخنىكىلىق ساھەلەردە دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيىلىرىگە يېتىشىۋاتقان، ئۆزى مۇستەقىل كومپيۇتېر قاتتىق دېتاللىرىنى ئىشلەش سەۋىيىسىگە يېتىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق، «سۈپەت ساندىن مۇھىم» بولغىنىدەك، ياخشى ۋە چۈشىنىشلىك ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا ئېنگلىز تىلىدا كۆپ، خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىنغان كومپيۇتېر كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنىڭ تۈرى كۆپ بولسىمۇ، بىراق، كومپيۇتېر ئۇچۇر ساھەسىدىكى ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بىلىم ۋە تېخنىكىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە يېڭىلىنىشى سەۋەبىدىن، سىز نۇرغۇن يېڭى تېخنىكىلارغا قارىتا «گاس» بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، خەنزۇ تىلىنى پىششىق ئۆگىنىشتىن باشقا، ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىزدا چوقۇم ۋاقىتنى تېجەپ ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى، شۇنداقلا، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئېنگلىزچە ماتېرىياللارنى ئىنتېرنېت ۋەياكى باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق ئىزدەپ، تەڭ قەدەمدە پايدىلىنىپ تۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشىڭىز كېرەك. شۇڭا، سىز بۇ كەسىپنى تاللاشتىن بۇرۇن، ئۆزىڭىزنىڭ تىل ئۆگىنىش ئىرادىڭىزنىڭ قانچىلىك مۇستەھكەملىكىنى دەڭسەپ ئىش كۆرۈڭ.

7. كومپيۇتېرنى غايىۋى نەرسىلەرگە ئوخشىتىۋالماسلىق كېرەك.

مەن بەش يىل كومپيۇتېر فاكۇلتېتتا ئوقۇش جەريانىدا، ساۋاقداشلىرىمدىن نېمە ئۈچۈن بۇ كەسىپنى تاللىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن قېتىم پاراڭلاشقان، كۆپىنچىسىنىڭ پىكىرى توغرا ئەمەس، سىز ئانچە-مۇنچە قىزىقارلىق پەن-تېخنىكىلىق فىلىملەرنى كۆرۈپلا، كومپيۇتېر بىلەن پۈتكۈل دۇنيانى، ۋەياكى مەلۇم بىر شەھەرنى كونترول قىلىۋالغىلى بولىدىكەن دەپ، ئۆزىڭىزنىڭ بىردەملىك قەھرىمانلىق ھېسياتىڭىزغا تايىنىپلا بۇ كەسىپنى تاللاپ قالماڭ، دۇنيادا ئۇنداق ئاسان ئىش يوق، كىنولار ھامان تۇرمۇشتىن نەچچە ھەسسە مۇبالىغە ھالەتتە بولىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېر كەسىپنى تاللىغانلىق سەۋەبىڭىزنىڭ مۇشۇنداق ئاددىي ئىكەنلىكىنى بايقىغان ۋاقتىڭىزدا، بەلكىم تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىپ، زادى بۇ كەسىپ نېمە قىلىدىغان كەسىپ؟ بۇ كەسىپتە ئۇتۇق قازىنالايمەنمۇ؟... دەپ قايتا بىر ئويلىنىش باسقۇچىغا كەلگەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. كومپيۇتېر ئۇنداق غايىبانە، سىرلىق، خاسىيەتلىك نەرسە ئەمەس، سىز قىزىقىۋاتقان «خاككېر» لارمۇ ئۇنداق «يامان نوچى ئادەم» لەر ئەمەس، ھەم بۇ كەسىپ سىز ئۆگەنگەندىن كېيىنلا بېل گايتىس ئەپەندىدەك باي بولۇپ يېتىپ يېگۈدەك پۇل تاپالايدىغان ئەڭگۈشتەر كەسىپ ئەمەس، كەسىپ تاللاشتىكى سەۋەبىڭىز بۇنداق ئاددىي بولۇپ قالمىسۇن.

8. مەڭگۈ ئۆگىنىشتىن ۋاز كەچمەيدىغان ئادەت بولۇشى كېرەك.

ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا، ئالىي مەكتەپتە قايسى كەسىپتە ئوقۇسام شۇ كەسىپنىڭ پىشۋاسى بولالايمەن دەپ قارايدىغانلار بار، ئەمەلىيەت ئۇنداق بولمايلا قالماستىن، كومپيۇتېر كەسىپتە تېخىمۇ ئۇنداق دېگىلى بولمايدۇ، مەن دەسلەپ كومپيۇتېر بىلەن تونۇشقاندا، «ئالما 2 تىپلىق» كومپيۇتېر بىلەن دەسلەپ ئۇچراشقان، ئۇ ۋاقىتلاردا مەن «كومپيۇتېر» دېگەن ئاتالغۇنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان، بىز ئۇنى «ھېسابلاش ماشىنىسى» ياكى «ئېلىكترونلۇق مېڭە» دەپ ئاتايتۇق، ئۇنى قوزغاتقاندىن كېيىن، پروگرامما لايىھىلىمەي تۇرۇپ ھېچقانداق ئىش قىلغىلى بولمايتى، مەن ئۇ ۋاقىتتا تولۇقسىز 1-يىللىقتا بولۇپ، كومپيۇتېر ئۆگىنىش تۇنجى قەدىمىم Basic تىلى ئۆگىنىشتىن باشلانغان، مانا ھازىر بۇ ئىشلارغا 15 يىل بولاي دەپتۇ، ھازىر ئۇنداق كومپيۇتېرلارنى مۇزىيخانىلاردىن تاپقىلى بولىدۇ، بەش يىلدىن كېيىن مەن ھەقىقىي كۆپ ۋاستىلىق PC بىلەن ئۇچراشتىم، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ بۇرۇن ئۆگەنگەن Basic تىلى بىلىمىم «بىر دۆۋە ئەخلەت، ئارتۇقچە بىلىم» ھېسابلاندى، كېيىن DOS مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنى ئۆگەندۇق، 2 يىلدىن كېيىن بۇلارمۇ «ئەسقاتماس بىلىم» ھېسابلاندى، يەنە يېڭى نەرسە ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولدۇق، Windows95 مەشغۇلاتى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، بىز يەنە بىر دەۋر «بوۋاق» قا ئايلىنىپ، ھەممە نەرسىنى باشتىن ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولدۇق، گەرچە ھازىرغىچە مەشغۇلات سىستېمىلىرى نەچچە دەۋر ئالماشقان بولسىمۇ، بۇرۇنقى ئاساسلىرىمىز بىلەن يەنىلا ئۆگىنىپ كېلىۋاتىمىز، بۇ بىر ئاددىي مەشغۇلات قىلىش بىلىمى بولۇپ، پروگرامما لايىھىلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخنىكا يېڭىلاش ۋە يېڭى تېخنىكا ئۆگىنىش خىرسىغا دۇچ كېلىش دەۋرى تېخىمۇ قىسقا، سىز مەلۇم بىر پروگرامما لايىھىلەش تىلىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ئالاھەزەل 2- 3 يىل ئۆتسىلا سىز يەنە يېڭى خىرسلارغا دۇچ كېلىپ، ئۆگەنگەن نەرسىلىرىڭىزنىڭ «كونىراپ» قالغانلىقىنى ھېس قىلىسىز، دېمەك، ئۆگىنىش مەڭگۈلۈك بولىدۇ، لېكىن، سىزنىڭ «كومپيۇتېرغا ئۇستا» دېگەن نامىڭىز كۆپ بولسا 1- 2 يىل داۋاملىشىدۇ، ھەرۋاقىت تېخنىكا يېڭىلاشقا مەجبۇر بولىسىز.
شۇڭا، كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇيمەن دەيدىكەنسىز، ھەرۋاقىت تېخنىكا يېڭىلاپ تۇرىدىغان، بىلىمگە ھېرىسمەن ساۋاقداش بولۇشىڭىز كېرەك.

9. «گېنېرال بولۇشنى ئويلىمىغان ئەسكەر ياخشى ئەسكەر ئەمەس».

توغرا، ھەرقانداق ئوغۇل بالا ئۆز كەسپىنىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە چىقىشنى ئىستەيدۇ، سىزدىمۇ شۇنداق روھ بولسۇن، كومپيۇتېر كەسپىنىڭ «گېنېرال» لىق يۇقۇرى پەللىسى «پروگرامما لايىھىلەش، قاتتىق دېتال لايىھىلەش» كە بېرىپ تاقىلىدۇ، بىراق، «پروگرامما لايىھىلەش» تىن ئىبارەت بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ لايىھىلەش» ۋەياكى «MP3 قويغۇچ تۈزۈش» دېگەنلىك ئەمەس، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسى سۈنئىي ئەقلىي ئىدراك، ماشىنا ئادەم، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار... دېگەن بىلىملەرگە يېتىپ بارىدۇ، «قاتتىق دېتال لايىھىلەش» نىڭ ۋەزنى تېخىمۇ ئېغىر، يۇمشاق دېتال لايىھىلەشتە سەۋىيە بولماي تۇرۇپ، قاتتىق دېتال لايىھىلەشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. سىز كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇشنى نىشان قىلغان ئىكەنسىز، ئۇنداقتا سىز ئالىي مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىنى تۈگەتكىچە قوللىنىشچان دېتاللارنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىپ بولۇشىڭىز كېرەك، 2- يىللىقىنى پۈتتۈرگىچە ئېنگلىز تىلىدا راۋان ماتېرىيال كۆرەلەيدىغان، 3- يىللىقىدا مەكتەپتىكى تەجرىبە-تەتقىقات ئىشلىرىغا ئارلىشالايدىغان بولۇشىڭىز كېرەك، مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە چوقۇم ئاسپرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشىڭىز، چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى ۋەياكى دۆلەت سىرتىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆرلەپ ئوقۇشىڭىز كېرەك، سىز ئەنە شۇ مەكتەپلەرگە ئۆتەلىگەن ۋاقتىڭىزدا، مېنىڭ يەنە سىزگە مەسلىھەت بېرىشىمنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى، يەنە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپ، «كومپيۇتېر كەسپى» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنىڭ قانچىلىك چوڭ دائىرىدە ئىكەنلىكىنى بىزگە «بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن» دەپ جاۋاب بېرىدىغان ھالەتكە بارىسىز، ئەنە شۇ چاغدا سىز بىلىك كۇلۇبىغا كىرىپ، بىزگە تەلىم بېرىشكە تولۇق مۇناسىپ كېلىدىغان شەخسكە ئايلىنىسىز.

10. بۇ كەسىپتە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئۇقۇم-تېخنىكىلارنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى بىلىۋېلىڭ.

سىز كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇماقچى بولغان ئىكەنسىز، ئالدى بىلەن شۇ كەسىپتە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈڭ، مەن ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، ساۋاقداشلىرىمنىڭ «بۇنداق نەرسىلەرنى ئۆگىنىپلا ئۆتىدىغانلىقىمنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام بۇ كەسىپنى تاللىمايتىم» دەپ ۋايساشلىرىنى كۆپ ئاڭلىغان، بۇنىڭ سەۋەبى ئىرادىسىزلىك دەپلا كېسىۋېتىشكە بولمايدۇ، بەزىدە ئادەم ئۆزى قىزىقمىغان دەرسلەردە ھەرقانچە تىرىشسىمۇ نەتىجە كۆرۈلمەيدۇ، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەلۇم بىر كەسىپكە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ كەسپى ئاسان، ئۆزىنىڭ كەسپى قىيىندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ توغرا ئەمەس، ھەممە كەسىپ شۇنداق ئاسان ئەمەس، كىم تىرىشسا شۇ مۇۋەپىقىيەت قازىنىدۇ. سىز بۇ كەسىپنى تاللىغان ئىكەنسىز، چوقۇم بەرداشلىق بېرىشىڭىز كېرەك، ئەگەر سىزدە بۇنداق ئىرادە بولمىسا، ھازىرلا بۇ كەسىپتە ئوقۇش نىيىتىڭىزدىن ۋاز كېچىڭ.

11. بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىڭىزغا نىسبەتەن چوڭ كۆلەملىك پىلان تۈزۈۋېلىڭ.

پىلاننى بەش باسقۇچقا بۆلۈپ، ھەربىر باسقۇچنى يەنە ماۋسۇم ۋە ئايلارغا بۆلۈپ، ئايلارنى يەنە ھەپتە-كۈنلەرگە بۆلۈپ ئىش ئورۇنلاشتۇرۇڭ، ئوقۇش ھاياتىنىڭ ياخشى يېرى شۇكى، سىزنىڭ تۇرمۇشتا دەرس ئوقۇشتىن باشقا غېمىڭىز يوق، ھەركۈنلۈك دەرسلىرىڭىز ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ، بۇ سىزنىڭ پىلان بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىزگە ئىنتايىن باب كېلىدۇ، ھازىر ئالىي مەكتەپلەردە ئويۇن-تاماشىغا بېرىلىش خاھىشى ئېغىر، لېكىن، سىز بۇلارغا كۆز قىرىڭىزنى سالماڭ، چۈنكى، سىز كەسىپتە مۇۋەپىقىيەت قازانغان كۈنىدىن باشلاپ، ئۇلار ئوينىغان تاماشانى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينىيالايسىز، ئادەم تۇرمۇشتا ئويناش، كۆڭۈل ئېچىشنىمۇ بىلىشى كېرەك، بىراق، بۇ ھەرگىز ھەركۈنى ئويناش ئەمەس، سىز بەش يىللىق ئۆگىنىش پىلانىڭىزنى خاتىرجەم ئورۇنلاشتۇرۇۋېرىڭ، سىزنىڭ كەم دېگەندىمۇ بەش قېتىملىق يېڭى يىللىق ئولتۇرۇشىڭىز، بەش قېتىملىق تۇغۇلغان كۈن، بەش قېتىملىق قۇربان ھېيت، روزا ھېيت، دۆلەت بايرىمى.... قاتارلىق ھەرخىل پائالىيەتلەر تۈپەيلىدىن، سىز بەش يىللىق پىلانىڭىزنىڭ سىرتىدىكى كۆڭۈل ئېچىش-سورۇن قېتىم سانىڭىزمۇ كەم دېگەندە 30- 40 قېتىمدىن ئېشىپ كېتىدۇ، دېمەك، سىز ئالىي مەكتەپتە «كەسىپ ئۆگىنىمەن دەپ ئوينىيالماي قالارمەنمۇ» دەپ غەم يىمەڭ، ئويۇن دېگەن ۋاقتى كەلسە ھەممە جايدا ئۇچراپ تۇرىدۇ، شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۆگىنىش پىلانىڭىزنى ھەر ۋاقىت بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن ئۆگىنىشنى تەڭ ئېلىپ كېتىۋېرىڭ، بەدەن چېنىقتۇرۇش سىزنىڭ ھاياتقا ۋە ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىڭىزنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، بىلىم بىلەن سالامەتلىكنى تېگىشكەن ئادەم بەرىبىر ئەسقاتمايدۇ. بولۇپمۇ، كومپيۇتېرنى كەسىپ قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتى كومپيۇتېر ئالدىدا ئۆتكەچكە، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا كۆزەينەك تاقاشقا چۈشىدىغان، بەل ئاغرىيدىغان، ئۇنۇتقاقلىق... قاتارلىق بىرقىسىم كەسپىي كېسەللەر كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا مەيلى سىز كومپيۇتېر كەسىپنى تۇتۇڭ ۋەياكى باشقا كەسىپنى تۇتۇڭ، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە مۇۋاپىق ئارام ئېلىش سىزنىڭ كەسىپتە غەلبە قازىنىشىڭىزنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى.

ھەممە گەپنى يىغىپ ئېيتقاندا، كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، كەسىپ تاللاشتا ھەرگىز يىنىكلىك قىلىش ۋەياكى بىردەملىك ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى قىزغىنلىق ھېسياتىغا تايىنىپلا كەسىپ تاللاپ قالماسلىق كېرەك، ھەمدە، بۇ كەسىپتە ئوقۇش ئارزۇسى بار بولۇپ، قوبۇل قىلىنالماي قالسىمۇ ئۇنچە ئۈمىدسىزلىنىشنىڭ ئورنى يوق، ھەممە بىلىم كىتاب بىلەن كاللىدا، كىتابتىن ئۆگىنىسىز، كاللىڭىزنى قازىسىز، سىزگە تېخى پۇرسەت كۆپ।

2-سۇئال: ئالى مەكتەپنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار نۇقۇل دەرسلىك مەزمۇنى بىلەنلا بۇ كەسپنى پۇختا ئۆگىنىپ كېتەلىشى ناتايىن، ئۇلارنىڭ بۇ كەسپنى ياخشى ئۆگىنىپ چىقالىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا قانداق تەۋسىيەرىڭىز بار؟

جاۋاب: بۇ سوئال بەك ئوبدان سورىلىپتۇ، گەرچە مەنمۇ ئاشۇنداق پۇختا ئۆگىنەلمىگەنلەرنىڭ قاتارىدا بولساممۇ، لېكىن نېمىلەرنى ئۆگىنىشىم كېرەكلىكىنىمۇ كۆپ قېتىم ئويلانغان ئىدىم، بۇ جايدا ئاشكارلايدىغان ئوخشايمىز.

بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن بىز بىر قىيىن تاللاشقا دۇچ كېلىمىز، يەنى، بىز بۇنى ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتىگە قاراپ «نېمە ئۆگىنىش كېرەك» لىكىگە جاۋاب بېرەمدۇق ۋەياكى ئۆزىمىزنى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيىدە تۇرۇۋاتقان مىللەت قاتارىدا تۇرۇپ جاۋاب بېرىمىزمۇ؟ .... جاۋابلار ھەرخىل، شۇنداقتىمۇ ئاز تولا بىلجىرلايلى:

ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىغا قارىتا جاۋاب بەرسەك، بىز ئۆگىنىدىغان نەرسىلەر ئانچە تەس ئەمەس، لېكىن، ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شۇلارنىمۇ ئۆگىنەلمەيۋاتىدۇ.

1. ئەڭ كۆپ ئەسقاتىدىغان بىلىملەر.

ھازىر ساۋاقداشلار مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن بەلكىم ھەرخىل جايلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشى مۇمكىن، ۋەياكى باشقا ئورگانلاردا خىزمەت قىلىشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ تۇنجى دۇچ كېلىدىغىنى ئەڭ كۆپ قوللىنىشچان دېتاللارنى ئىشلىتىش، مەسىلەن: Word, Excel, PowerPoint, Photoshop ... قاتارلىقلار بولۇپ، ھەرقانداق ئورۇندا خىزمەتكە ئورۇنلاشساقمۇ يۇقارقى دېتاللارنىڭ بىرەرسىنى ئىشلەتمەي قويمايمىز، مەيلى خىزمەتكە ئورۇنلاشمىغان ئادەم بولايلى، بىز ھامان كومپيۇتېرنىڭ نورمال مەشغۇلاتلىرىنى بىلىشىمىز كېرەك، ھازىر خېلى داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىمۇ، بازاردىن ئالغان بىر يېڭى كومپيۇتېرنى «گەپكە كىرگۈزۈپ»، سىستېمىلارنى قاچىلاپ، قوزغىتىش دېتاللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كومپيۇتېرنى نورمال ئىشلەتكۈدەك ھالەتكە ئەكىلەلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلىرىمىز يېرىمدىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدىكەن، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسىنى ئوڭلاپ بېسىپ چىقىرالمايدىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ ساماندەك تولا، ئۇلار شۇ كىچىككىنە ئىشلارنى دەپ نەچچە ھەپتە ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. يەنە باشقا ئىشلارنى سۆزلەپ يۈرمىسەكمۇ بولار.

شۇڭلاشقا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نوقۇل دەرس مەزمۇنىغىلا قارىۋالماي، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا چوقۇم بەت تىزىش، جەدۋەل لايىھىلەش، Excel دا ئاددىي بولغان كىرىم-چىقىم ۋەياكى نەتىجە باشقۇرۇش جەدۋەللىرىنى تۈزەلەيدىغان سەۋىيىگە يېتىۋېلىشى كېرەك، مېنىڭچە بۇ سەۋىيىگە ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا تامامان ئۆگىنىپ يېتىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ كېيىنكى خىزمەت ھاياتىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.

2. ئالىي مەكتەپتە ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنىڭ قانداق ۋاقىتتا ئەسقاتىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋېلىشى ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر چۈشىنەلمەي قالسا، «بۇ تېخنىكا قەيەردە ئەسقاتىدۇ؟» دەپ جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋالماي، ۋاقتىنچە «ھامان بىر كۈنى ئەسقاتىدۇ» دەپ ياخشى ئۆگىنىش كېرەك.

ھەرقانداق كەسىپلەرگە ئۆتۈلىدىغان ئىجتىمائىي پەنلەرگە بىر ئېغىز سۆزلىسەك، بىز مەيلى ھەرقانداق دۆلەتتە بولايلى، مۇشۇ يەر شارىدا بولساقلا، ھەرخىل سىياسىي ئىدىيىۋى دەرسلىكلەردىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، بۇ بىر مەڭگۈلۈك پەن، شۇڭا، ئالىي مەكتەپنى تولۇق، لاياقەتلىك ئوقۇش ئۈچۈن بۇ پەنلەرنىمۇ ياخشى ئۆگىنىش كېرەك، ئىمتىھان ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ قانداق دۆلەت ئىكەنلىكىنى، سىياسەتنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ پەنلەرنى تولۇق ئۆگىنىش كېرەك. بىز بۇ پەنلەرنى ئۆگىنىشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز.

بىز بەش يىللىق كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپنى ئوقۇش جەريانىدا، تۈرلۈك ماتېماتىكا ۋە ئۇچۇر ئېلىكتر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ پرىنسىپى قاتارلىق كەسپىي دەرسلەرنى ئۆگىنىمىز، مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا، ئۆگىنىۋاتقان نەرسىلىرىمنىڭ زادى قايسى ۋاقىتلاردا ئەسقاتىدىغانلىقىنى پەقەت چۈشەنمەپتىكەنمەن، شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، تازا ئەستايىدىل بولماي ياخشى ئۆگىنەلمىگەن، بىراق، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن يەنە كومپيۇتېر ئۇچۇر ساھەسىدە خىزمەت قىلىش جەريانىدا، ئەينى ۋاقىتتىكى ماتېماتىكا بىلىملىرىنىڭ تازا ئوبدان «مېغىزلىق» بىلىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ئەپسۇس، كېچىككەن بولساممۇ ھەر ھالدا چۈشىنىۋالغىنىمغا شۈكرى دەيمەن.
بىر قېتىم بىز ياتاقتىكى بالىلار بىلەن ئاددىي بولغان بىر ئويۇن پروگراممىسى تۈزمەكچى بولۇشتۇق، ئويۇن دېسەكمۇ قاملاشماس، ئىشقىلىپ، بىر ئاپتوموبىل (بىر چاسا گىرافىك دېسەكمۇ بولىدۇ) ئوبىيكتىنىڭ نۇرغۇن چىگىش تور گرافىكلىرى ئارىسىدىن ئۆزىگە مۇناسىپ يول تېپىپ، بىز مائۇس بىلەن بەلگىلەپ بەرگەن ئورۇنغا بارىدىغان بىر پروگرامما لايىھىلىمەكچى بولدۇق، بىز ئالدى بىلەن پروگرامما ئارقىلىق بىر مۇرەككەپ يولنى سىزىپ چىقتۇق، بۇ يول 10x10 (ئون قۇر، ئون سىتون) لۇق تور گىرافىكى بولۇپ، ھەربىر كاتەك ئىچىدە يەنە بۇلۇڭلارنى تۇتاشتۇرغان دىئاگونال سىزىقلىرى بار، بىز مۇشۇ سىزىقلارنى «مېڭىشقا بولىدىغان يول» دەپ قارىدۇق، ئاندىن مەلۇم بىر ماشىنا (بىر يۆتكىلىشچان نۇقتا) نى ئەسلى تۇرغان ئورنىدىن بىز كۆرسەتكەن نۇقتىغا ئەڭ قىسقا يول بىلەن بېرىشىنى ئۈمىد قىلدۇق، بۇنى ماشىنىنىڭ نۆۋەتتە تۇرغان كوردىناتى بىلەن، بارماقچى بولغان نىشان كوردىناتنىڭ «ئوڭ-سول، ئاستى-ئۈستى» قايسى تەرەپكە تەۋە ئىكەنلىكىنى شەرت بىلەن تېپىپلا ھەل قىلدۇق، بىراق، بىز «بۇ يولدا قىزىل چىراق بار، ئۆتكىلى بولمايدۇ، باشقا يول بىلەن مېڭىش كېرەك» دېگەن مەسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىلا باش قېىنچىلىق يۈز بەردى، يەنى، بىز ئالدى بىلەن شۇ ماشىنا ئوبىيكتىنىڭ بارلىق مېڭىشقا بولىدىغان ئورۇن بېكەتلىرىنى ساناپ چىقىپ، ئەڭ كىچىك بولغىنىنى تاپماقچى بولدۇق، ئەييۇھانناس!... مۇشۇنداقمۇ كۆپ بولامدۇ؟ !!!

«قەشقەردىن خوتەنگە»، «خوتەندىن قەشقەرگە»، «قەشقەردىن ئاتۇشقا»، «ئاتۇشتىن قەشقەرگە»، «ئاتۇشتىن خوتەنگە»، «خوتەندىن قارىقاشقا»....... 100 بېكەت ئارىسىدا مۇشۇنداق تىزىپ كەلسەك، مېڭىش مۇمكىن بولغان بارلىق «بېكەت ئارلىقى» نىڭ سانىلا 100 كۆپەيگەن 100 جەمئىي 10 مىڭ بولىدىكەن، ساناپ ھېرىپ كەتتۇق، بىرقىسىم ئارلىقتىكى بېكەتلەرنىڭ چەكلىنىشى بىلەنلا ئىشلار مۇرەككەپلىشىپ كەتتى، ئىككى ماشىنا ئۆزئارا دۇچ كەلسە، قايسىسى يول بوشىتىش كېرەك؟... بىز بۇنداق ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ھېسابلاپ كېلىمىز دېسەك، بۇ خۇددى شاھمات تاختىسىدىكى يۈرۈشكە بولىدىغان بارلىق يوللارنى ساناپ بولغىلى بولمىغاندەك، قىيىن بىر مەسىلە كېلىپ چىقىدىكەن، مەن ئەنە شۇ ۋاقىتتىلا ئىككى يىل بۇرۇن ئوقۇغان «دېسكرېت ئالگىبرا» دەرسلىكىمىزدىكى «ئەڭ يېقىن يولنى تېپىپ چىقىش» دېگەن ئالگورزمنى ئەسكە ئالدىم، ئەينى ۋاقىتتا بۇنىڭغا پەقەت كۆڭۈل بۆلمەپتىكەنمىز، كېيىن بۇ ئالگورزمنىڭ دەل بىز تاپماقچى بولغان ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۈم، مۇرەككەپ ھېسابلاش قائىدىلىرىنى كۆرۈپلا بېشىمغا ئاغرىق كىردى، ھەي...«ئەينى ۋاقىتتا مۇئەللىم سۆزلىگەندىلا مۇشۇنداق پروگرامما لايىھىلەپ سىناپ باقساق بوپتىكەن» دىيىشتۇق. ئەپسۇسكى، ئاشۇ دەرسلىكلەرنى ئۆتكەن ۋاقىتتا ساۋاقداشلار تېخى بىر فاكتورىيال تاپىدىغان پروگراممىنىمۇ ئوڭلاپ تۈزەلمەيتى، پروگرامما لايىھىلەشكە دەسلەپتە پىشىۋالمىغانلىقىمىز بىزگە قىيىنچىلىق تۇغدۇردى دېسەكمۇ بولىدۇ (مەنغۇ خېلى پىشىپ بولغان، لېكىن ساۋاقداشلارنى مىسالغا ئالدىم، مەن پروگرامما لايىھىلەشنى بىلگەن بىلەن، قانداق ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشمىسام بولمايتى).

دېمەك ئىش مۇشۇنداق، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەركۈنى ئۆزلىرى ئوقۇۋاتقان دەرسلىكنىڭ كەلگۈسىدە قايسى ئىشلارنى قىلغاندا ئەسقاتىدىغانلىقىنى بىلمەي قالىدۇ، ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟

مېنىڭچە، كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كەسىپكە چىققان يىلىدىن باشلاپلا، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ پروگرامما لايىھىلەش تىللىرىنى ئۆگىنىۋېلىپ، دەرستە ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى دەرھال ۋاقىت چىقىرىپ قول سېلىپ ئىشلەپ بېقىشقا تىرىشىشى كېرەك.

ھە دېسىلا «پروگرامما لايىھىلەش» نىلا تىلغا ئالامدۇق؟ ... ياقەي، كومپيۇتېر كەسپىدە قىلىدىغان ئىشلار كۆپ، بىراق، ھەرقانداق دېتالنىڭ يۇقۇرى پەللىگە بارسىڭىزلا، پروگرامما كودلىرىنى يېزىشقا مەجبۇر بولىسىز.

ئەلۋەتتە، نۇرغۇنلىغان دەرسلەردە قول سېلىپ ئىشلەش شارائىتى بولىۋەرمەيدۇ، دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلىۋاتقان بىلىملەرگە قارىتا بىز «نېمىشقا ئۆگىنىمىز» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار قويۇلىۋەرسە ئىشلار تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدىكەن، بۇ دەرسلەرنى تەسىس قىلغۇچىلار بولسا، بۇنداق قىيىنچىلىق ئۆتكەللەرگە تالاي قېتىم دۇچ كېلىپ، ئاخىرىدا «بۇنى پەن قىلىپ مەخسۇس ئۆگىنىش كېرەك» دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ، ئاندىن ئالىي مەكتەپلەردىكى پەنلەر شەكىللەنگەن، شۇڭلاشقا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىلىملەرگە قارىتا «بۇ نەدىمۇ كومپيۇتېر كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك دەرس بولسۇن» دەپ ۋايسىماستىن، تىنىم تاپماي ئۆگىنىش، كۆپلەپ ئىزدىنىپ مەشىق قىلىش كېرەك ئىكەن.

تەبىئىي پەن بىلىملىرىنىڭ دەرسلىكىنى تەسىس قىلىشتا، بولۇپمۇ كومپيۇتېر كەسپىي پەنلىرىنى تەسىس قىلىشتا، كۆز ئالدىدىكى قىيىنچىلىقنى ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلسا بولمايدۇ، يەنى، نۆۋەتتە پروگرامما لايىھىلەش تىللىرىدىن .NET FrameWork سۇپىسىدىكى تىللار، تور بەت تېخنىكىلىرىدىن Html, asp, jps, php, cgi..... بۇلارنى پەن قىلىپ تۇرغۇزۇش كېرەك بولسا، ھېچكىممۇ كەلگۈسىدە بۇلارنىڭ يەنىلا مەۋجۇد بولۇپ تۇرالايدىغانلىقىغا كاپالەت بېرەلمەيدۇ.

ئەينى ۋاقىتتا بىز فاكۇلتېتتىن ئاغرىنىپ، «بىزگە نېمىشقا VC ئۆتمەيدۇ؟ نېمىشقا DirectX بىلىملىرى سۆزلەنمەيدۇ؟ نېمىشقا بىزگە Photoshop, 3DMAX تەك ئەسقاتىدىغان دەرسلەرنى ئۆتمەيدۇ؟» ... دەپ ئاغرىنغان ئىدۇق، كېيىن ئويلاپ باقساق، بۇنداق بىلىملەر دەرسلىك قىلىپ تۇرغۇزۇلسا، پەقەت بىرنەچچە يىللا مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىكەن، ۋەياكى، ھەر يىلى دەرس ماتېرىياللارنى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىكەن، «ماتېماتىكا» پېنى بولسا، مەڭگۈ ئۆزگەرمىسىمۇ، كەلگۈسىدە يەنىلا ھاياتىي كۈچكە ئىگە دەرسلىك بولۇپ مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىكەن، بۇنى كېيىن چۈشەندۇق.

ئالىي مەكتەپلەردە ئۆتۈلىۋاتقان پەنلەر چوقۇم ئۇزاق مەزگىللىك بىلىملەرنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، دەۋرگە ئەگىشىپ چۈشۈپ قالمايدىغان، تېخنىكا ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئەمەلدىن قالمايدىغان دەرسلىكلەر بولۇپ، ئۇلار يەنە نەچچە ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئۆگىنىش قىممىتىگە ئىگە، «پېتىدىن چۈشمەيدىغان» بىلىملەر ھېسابلىنىدىكەن.

ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بۇ نۇقتىنى چۈشىنىشى كېرەك، ھەركۈنى ئۆتۈلىۋاتقان ھەرخىل ماتېماتىكا، توك يولى پرىنسىپ دەرسلىكلىرى مەڭگۈ ۋەياكى ئۇزۇن مەزگىل ئۆزگەرمەس بىلىملەر بولۇپ، VB غا ئوخشاش نەچچە يىلدا شاللىنىپ كېتىدىغان، Turbo C غا ئوخشاش كەڭ دائىرىلىك ئىشلىتىلىشتىن قېپ قالىدىغان دەرسلىكلەر ئەمەس، ئۇلار ئەڭ مۇھىم دەرسلەر، چوقۇم ياخشى ئۆگىنىش كېرەك.

3. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا، دەۋر ئېھتىياجى بولىۋاتقان كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش كېرەك.

رەسمىي «پەن» بولۇپ شەكىللەنگەن دەرسلەر چوقۇم ئۆتۈلىدۇ، بىراق، نۆۋەتتىكى كەسپىي ساھەدە مودا بولىۋاتقان تېخنىكىلار، ھەرخىل قوللىنىشچان دېتاللار بولسا مەلۇم مەزگىللىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ، مەسىلەن: 3DMAX يۇمشاق دېتالىنى ياخشى ئۆگەنگەن تەغدىردىمۇ، نەچچە يىلدىن كېيىن (ۋەياكى نەچچە ئايدىن كېيىنلا) ئۇنىڭ يېڭى نەشر دېتاللىرى مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن، ۋەياكى ئۇنىڭدىنمۇ قولايلىق يۇمشاق دېتاللار مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن، بىراق، گىئومېتىرىيە، گىرافىك بىلىملىرى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، ئىككى كېسىك كېسىشكەندە شەكىللەنگەن ئۆزئارا قوشنا ئىككى بۇلۇڭنىڭ يىغىندىسى «مەڭگۈ 180گىرادۇس» بولىدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ يۇمشاق دېتاللارنىڭ نۇسخىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش سەۋەبىدىن 270 گىرادۇسقا كۆتۈرۈلۈپ قالمايدۇ، دېمەك، سىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، سىزگە نۆۋەتتىكى مودا بولىۋاتقان يۇمشاق دېتاللار ئانچە كۆپ دەرسلىك قىلىنمايدۇ، ئانچە-مۇنچە دەرسلىك قىلىپ بېكىتىلگەنلىرى بولسا، زىغىرلاپ كەلسەك يەنىلا «مودىدىن قالغان» پروگرامما لايىھىلەش تىللىرى بولۇپ چىقىدۇ، ۋەياكى قوللىنىش دائىرىسى ئازلاپ كەتكەن بولىدۇ.

ئالىي مەكتەپ كومپيۇتېر كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلار بۇ نۇقتىنى ياخشى چۈشىنىپ، ئۆزىگە دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلىۋاتقان دەرسلەرنى مۇھىم تۇتقۇ قىلىپ ئۆگەنگەندىن سىرت، چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ شۇ دەۋردىكى نادىر يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىش كېرەك. بۇلار ئەلۋەتتە دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلارنى تېجەش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئەگەر زىغىرلاپ كەلسەك، ھەتتا سىز تاماق ۋاقتىدىمۇ كىتابنى قولىڭىزدىن چۈشۈرمەي ئۆگىنىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.

گەرچە ئۇنچە يۇقۇرى تەلەپنى ئورۇندىيالايدىغانلار كۆپ بولمىسىمۇ، ھەرھالدا مۇھىم، ئۆگىنىشكە تېگىشلىك دېتاللاردىن تۆۋەندىكىلەرنى مىسال كەلتۈرەي:

(1) Office ئائىلىسى. بۇ ئائىلىدە Word, Excel, PowerPoint... قاتارلىق بىرقاتار يۇمشاق دېتاللار بار، ئالىي مەكتەپتە بۇلار دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلسۇن ۋەياكى ئۆتۈلمىسۇن، بۇلارنىڭ چوقۇم پىششىق ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.

(2) Photoshop, 3DMAX ... بۇ تۈردىكى دېتاللارمۇ مۇھىم بولۇپ، «كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇدۇم» دېگەنلەر بىر ژۇرنال مۇقاۋىسىنى لايىھىلىيەلمىسە نومۇس قىلىشى كېرەك. ھەممە ئىشلارنى «تەبىئىي سەنئەت تالانتىمىز يوق» دەپلا تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئۈلگە ئالىدىغان مىساللار تاغارلاپ تۇرۇپتۇ، ئەينەن دوراپ لايىھىلەشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ھۈنەر.

(3) پروگرامما لايىھىلەش تىللىرى ۋە تور بەت لايىھىلەش تىللىرى (قوراللىرى) دىن بىرقانچىنى تەڭ ئۆگىنىش كېرەك. بۇلارنى ئۆگىنىش ئۇنچە جاپالىق ئىش ئەمەس، بۇ جايدىكى «جاپا» نىڭ تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرسەك، ئۇ «تىرىشچانلىق» بىلەن «تىل ئۆتكىلى» گە بېرىپ تاقىشىدۇ، كىتابخانىلاردا ھەممە تىللارنىڭ پايدىلىنىش كىتابلىرى تېپىلىدۇ، باھانە-سەۋەب قويماستىن ئۆگىنىش كېرەك. مەندىن دائىم QQ دا پاراڭلاشقاندا «ماڭا پروگرامما لايىھىلەشنى ئۆگىتىپ قويسىڭىز» دەيدىغان ھاجەتمەنلەرنى كۆپ ئۇچرىتىمەن، ئەپسۇسكى، پروگرامما لايىھىلەش سۇنۋۇكۇڭنىڭ ئۇستازى كالتىكىنى بىرلا شىلتىپ كاللىسىغا سېلىپ قويالايدىغان ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، ھەم مەزمۇنمۇ ئاز ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن كىتاب كۆرۈشىڭىز، ئۇچۇر ساھەسىگە چوڭقۇر چۆكۈشىڭىز كېرەك.

(4) ماشىنا ئادەم، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىلىرىنىڭ نېمىلىكى توغرىسىدا ئاز-تولا ئىزدىنىڭ.

نۆۋەتتە كومپيۇتېر ساھەسىدە ئەڭ يۇقۇرى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە بولىۋاتقان تۈرلەر «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار» تېخنىكىسى بولۇپ، چەتئەللەردىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەردە بۇ ساھەگە چېتىلىدىغان مەخسۇس ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلار بار، ناۋادا سىز كومپيۇتېر كەسپىدە ئۆزىڭىزنى خېلىلا بىلىملىك ھېسابلىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز مۇشۇنداق خەلقئارا ئىلغار تېخنىكىلارنى ئۆگىنىش دەرۋازىنى چەكسىڭىز بولىدۇ. بۇ تېخىمۇ ئۇزۇن ۋە جاپالىق بىر مۇساپە، بۇ جەرياندا سىز باشقىلار ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان «پروگرامما لايىھىلەش كەسپىدە ماتېماتىكا بەك مۇھىم» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋالىسىز. ئۆزىڭىز بۇندىن بۇرۇن تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى دەرسلىكلەردە ئۆگىنىۋاتقان نۇرغۇن ماتېماتىكىلىق بىلىملەر مانا مۇشۇ ساھەدە ئۆز رولىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئىنتايىن چوڭ ساھە بولۇپ، سىز بۇ تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ئىنچىكە باسقۇچلىرىدىكى مەلۇم بىر تېخنىكىلىق مەسىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىسىڭىزلا، قالغىنى ھەمكارلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئەگەر بۇ توغرىسىدا چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولسىڭىز، سىز خىزمەت تېپىشتىن، ئىشسىز قېلىشتىن ئەنسىرىمەڭ، نۇرغۇن تەتقىقات ئورۇنلىرى بۇ تۈردىكى كىشىلەرگە جىددىي ئېھتىياجلىق.

4. «مەن مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇمشاق دېتال تۈزۈش بىلەن شۇغۇللانمايمەن، باشقا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىمەن، پروگرامما تىللىرىنى ئۆگىنىشىم ھاجەتسىز»؟!!؟

ئۇنداق ئىش يوق، سىز بىر تەتقىقاتچى بولىمەن دەيدىكەنسىز، سىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىڭىزنى خاتېرىلەشكە، سىتاتىستىكىلاشقا، تەھلىل قىلىشقا، ئىپادىلەپ بېرىشكە يەنىلا شۇ پروگرامما لايىھىلىمەي ئامالىڭىز يوق، دەرۋەقە، ھازىر نۇرغۇن كەسپىي ساھەلەرگە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتلىرى بار، بىراق، بۇ جايدا سىز «مەھسۇلات» ئۇقۇمىنى بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك، مەلۇم بىرنەچچە ئادەمگىلا لازىم بولىدىغان نەرسە «مەھسۇلات» بولالمايدۇ، نۇرغۇن ئادەم ئورتاق ئىشلىتىدىغان نەرسىلەر «مەھسۇلات» بولىدۇ، ناۋادا سىز تىل تەتقىقاتچىسى بولسىڭىز، بازاردا شۇ تىلغا ئائىت يۇمشاق دېتاللار تېپىلمىسا قانداق قىلىسىز؟ ... ئەڭ ئاددىيسى، مېنىڭ بىر دوستۇم ھەركۈنى 3D لاتارىيىسى ئوينايتى، بىر كۈنى ئۇمۇ مەندىن «پروگرامما لايىھىلەشنى قايسى كىتابتىن ئۆگىنىمەن؟» دەيدۇ، نېمە قىلىسەن دېسەم، لاتارىيە ئۇچۇرىنى تەھلىل قىلىمەن دېدى. بارىكاللا دەپ بىرقانچە كىتابنىڭ ئۇچۇرىنى دەپ بەردىم، ۋە بۇلارنى تەھلىل قىلىش ئۈچۈن قايسى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى دەپ بەردىم، ئادەم تۇرمۇشتا پۇل تېپىش قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەندە، ھەرقانداق جاپاغىمۇ چىدايدىغان بولۇپ كېتىدىكەن، بۇرۇن ئۆگىنىشكە ھورۇنلۇق قىلغان نۇرغۇن نەرسىلىرىنى ئەمدى ئۆگىنىدىكەن. يەنە بىر يازغۇچى، شائىر تونۇشۇم مەندىن سورىدى: «ماقالە-ئەسەر، شېئىرلىرىمنى توپلايدىغان يۇمشاق دېتال بارمىدۇ؟ ئۇنى تۈزۈشنى ئۆگىنىشكە قانچىلىك ۋاقتىم كېتەر؟» دەيدۇ.

ئىشلار مانا مۇشۇنداق، سىز ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەيلى تىجارەتچى بولۇڭ، مەيلى تەتقىقاتچى ياكى ئوقۇتقۇچى بولۇڭ، سىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنىلا كومپيۇتېرنىڭ ئەمەلىي ئەسقاتىدىغان بىلىملىرىگە مۇھتاج بولىسىز، شۇڭا، مەيلى كومپيۇتېرنى كەسىپ قىلغان ئوقۇغۇچىلار بولسۇن، ۋەياكى باشقا كەسىپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بولسۇن، قوللىنىشچان دېتاللارنى ئىشلىتىش ۋە پروگرامما لايىھىلەش ئىشلىرى سىزنىڭ ئۆگىنىش، تەتقىقات خىزمىتىڭىزدە ھامان ئەسقاتىدۇ، ھېچبولمىغاندا، سىز شۇنداق پروگراممېرلارغا ئېھتىياجلىق بولىسىز، بۇنداق پروگراممېرلار دەل سىزدەك «كومپيۇتېر كەسپى» دە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بولسا كېرەك.

5. كەسىپ ئىگەللەشتە، جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشقا بولمايدۇ.

ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئادەمنىڭ ھاياتقا بولغان ئەڭ قىزغىن ۋاقىتلىرى بولۇپ، بۇنى ئاشۇ ۋاقىتتا بايقىماق تەس، ئوقۇغۇچىلار بۇ مەزگىلدە يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولىدۇ، ئەركىن تەپەككۇر قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، تۇرمۇش بېسىمىغا ئۇچرىمايدۇ، مۇشۇنداق ۋاقىت ئەڭ ئەركىن تەپەككۇر قىلالايدىغان ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىقى كېرەك، كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن، بەش يىل ئوقۇش ھاياتىدا ئاز دېگەندىمۇ بىرەر شىركەتلەردە ئوقۇشتىن سىرت خىزمەت قىلىپ بېقىشى كېرەك، مۇشۇ جەرياندا كومپيۇتېر كەسپىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشتا قانداق ئەسقېتىۋاتقانلىقى، خىزمەت، تەتقىقاتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ، مەسىلەن سىز ئوقۇۋاتقان مەزگىلىڭىزدە، ئېلان شىركەتلىرى بىلەن ئۇقۇشۇپ، مەيلى ئاز ياكى كۆپ ئىش ھەققى بەرسۇن بۇنىڭ بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماڭ، ئوقۇش ھاياتى سىزنىڭ پۇل تاپىدىغان ۋاقتىڭىز ئەمەس، بەلكى، پۇلنى قانداق تېپىشنى ئۆگىنىدىغان ۋاقتىڭىز بولۇپ، سىزنىڭ مەلۇم جايدا خىزمەت قىلىشىڭىز، خىزمەتنى قانداق قىلىشنى ئۆگىنىۋالغانلىقىڭىز ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ئىش ھەققىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەيلى ئۇنۋېرسىتېت ئىچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەتقىقات خىزمەتلىرى بولسۇن، ۋەياكى ئەتراپتىكى سودا شىركەتلىرى بولسۇن، ئىشلەپ كۆرۈپ بېقىڭ، سىز شۇ جەرياندا ياكى ئۇلارغا كومپيۇتېردىن قانداق پايدىلىنىشنى ئۆگىتىسىز، ۋەياكى ئۆزىڭىز قانداق پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋالىسىز. سىزنىڭ مەقسىتىڭىز ئۆگىنىش بولغاندىكىن، قانچە كۆپ ئوخشىمىغان شىركەتلەردە ئىشلەپ باقسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىش پۇرسىتىڭىز شۇنچە كۆپىيىدۇ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى خىزمەت ھامان ئاز ساندىكى ئادەملەرگىلا نىسىپ بولىدۇ، سىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن، ئۆز كەسپىڭىزدە ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ قانداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ، بىر شىركەتنى مۇۋاپىق كۆرمىسىڭىز يەنە باشقا جايدا ئىشلەڭ، خىزمەتلەرمۇ داۋاملىق ئىش ئورنىغا بېرىپ قىلىنمايدۇ، سىز نۇرغۇن ئىشلارنى، مەسىلەن تور بەت لايىھىلەش، ماتېرىيال بېسىش، ئېلان ئىشلەش... قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ياتىقىڭىزدا تۇرۇپمۇ قىلالايسىز.

6. چەتئەلدىكى داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ سىزگە ئوخشاش كەسىپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قانداق تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ.

تىل ئۆگىنىش لازىملىقىنى دەپ ئۆتتۇق، سىز تىلنى تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەمەس، پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۆگىنىسىز، ئۆگەنگەن بىلىمىڭىز بىلەن چەتئەلدىكى داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ كومپيۇتېر فاكۇلتېتلىرىدا قانداق ئىشلار بولىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ، ئادەتتە چەتئەل ئۇنۋېرسىتېتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تور بەتلىرىدە، شۇ فاكۇلتېتتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلار، تەتقىقات نەتىجىلىرى، تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر، قىيىن نۇقتىلار، مەبلەغ سېلىش..... قاتارلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلار بولىدۇ، سىز بۇلارنى كۆرۈش ئارقىلىق، باشقىلارنىڭ بۇ كەسىپتە قانداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيسىز. بۇنىڭ ئۆزىمۇ سىزنىڭ كەسىپتە پىشىش جەريانىڭىزنىڭ بىر قىسمى.

7. ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىۋېلىش بەك مۇھىم.

سىز Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى كىمنىڭ تۈزگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ Photoshop يۇمشاق دېتالىنى كىمنىڭ تۈزگەنلىكىنى بىلەمسىز؟ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنى كىمنىڭ ياساۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟ ...

... ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا ھېچكىم بىر شەخسنى قارىتىپ دىيەلمەيدۇ، بۇنداق چوڭ تىپتىكى دېتاللار خۇددى بىر ئىمارەتكە ئوخشاش بولۇپ، ئۇنى يالغۇز بىر ئادەم سېلىپ چىقالمىغاندەك، چوڭ تىپتىكى يۇمشاق دېتاللارنىمۇ يالغۇز بىر ئادەم تۈزۈپ چىقالمايدۇ، كونىلاردا «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس» دەيدىغان گەپ بار، يالغۇز ئادەمنىڭ كۈچى ھامان چەكلىك بولىدۇ. 30 مىليون قۇرلۇق مەشغۇلات سىستېمىسى پروگراممىسىنى يېزىپ چىقىش خىزمىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، سىز 30 مىليون ئەمەس، بىر مىليون ساننى تەرتىپ بويىچە ساناپ بولۇشىڭىزمۇ تەس. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سىز نادىر يۇمشاق دېتاللارنى تۈزەيمەن، ۋەياكى كومپيۇتېر كەسىپتە زور ئۇتۇق قازىنىمەن دەيدىكەنسىز، ئۆزىڭىزگىلا تاينىۋېلىشقا بولمايدۇ، سىز چوقۇم ئۆزىڭىزگە ئوخشاش نۇرغۇن تىرىشچانلارنى تېپىپ ھەمكارلىشىشىڭىز كېرەك.
بىز بۇيەردە يۇمشاق دېتالنى مىسالغا ئالدۇق، كومپيۇتېر كەسپىگە قارىتا ئېيتقاندا، يۇمشاق دېتال (تور بەت) ئىشلىرى ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان بىر تۈرلۈك خىزمەت، كومپيۇتېر كەسپىدىكىلەر يۇمشاق دېتال تۈزەيدۇ، باشقا كەسىپتىكىلەر ئۇنى ئىشلىتىدۇ، بۇ بىر ئومۇملاشقان ئىجتىمائىي ئەھۋال. بىراق، سىز مۇزىكىغا ئائىت يۇمشاق دېتال تۈزۈش ئۈچۈن چوقۇم مۇزىكانت بىلەن ھەمكارلاشمىسىڭىز بولمايدۇ، پايچەك، پىرىۋوت دېتاللىرىنى تۈزۈش ئۈچۈن ئاكسىيەدىن خەۋىرىڭىز بولمىسا بولمايدۇ، بىناكارلىق دېتاللىرى تۈزۈش ئۈچۈنمۇ شۇ بىناكارلىق بىلىمىڭىز بولۇشى كېرەك، ئويلاپ باقايلى، بىر ئادەم ھەممە كەسىپنى ئۆگىنەلەمدۇ؟ ...

ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، سىز پەقەت ياتاقداشلىرىڭىز، ۋەياكى سىنىپىڭىزدىكى ئورتاق قىزىقىشتىكى ساۋاقداشلار بىلەن ھەمكارلىشىپ مەلۇم يۇمشاق دېتال لايىھىلەڭ، ۋەياكى باشقا ھەمكارلىق تۈسىدىكى ئىشنى قىلىڭ، بۇ جەرياندا سىز ۋە سىزنىڭ ھەمكارلاشقۇچىڭىز شۇ ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلىدۇ. بىر چوڭ خىزمەتنى قانداق قىلىپ ئۇششاق ھالقىلارغا، ئۇششاق خىزمەت باسقۇچلىرىغا بۆلۈش، ئەزالارغا قانداق تەقسىملەش، ئوخشىمىغان كەسىپتىكى كىشىلەر بىلەن قانداق ھەمكارلىشىش... مانا مۇشۇلارمۇ سىزنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك مۇھىم بىر مەزمۇن، سىز يالغۇز چوڭ ئىش قىلالمايسىز، چوڭ ئىشلار ھەمكارلىق ئاساسىدا بولىدۇ، ھەمكارلىشىشنىڭ ئۆزى بىر سەنئەت، ئۆزى بىر ماھارەت، بۇنداق ماھارەت مەۋجۇد بولمىغان ھەمكارلىق يەنىلا جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن بىر ئىشخانىنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ مۇستەقىل ئىشلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بۇنداق ھەمكارلاشقۇچىلارنى، بۇنداق بىرلىكتە ئۆگىنىدىغانلارنى، ئوخشاش قىزىقىشتىكىلەرنى تاپماق ئاسان ئەمەس، دېمەك، ئالىي مەكتەپ ھاياتى سىزنىڭ بۇ ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىڭىزنى يېتىلدۈرۈشتىكى ياخشى سورۇن.

يۇقىرىدا «تاغدىن-باغدىن» بولۇپ نەچچە تۈرلۈك تەۋسىيىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، يىغىپ ئېيتقاندا، مەلۇم بىر كەسىپتە ئوقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شۇ كەسىپتە نېمە ئىشلار بارلىقىنى بىلىش، شۇ كەسىپتە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك قانداق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىش، قانداق ئۆگىنىشنى، قانداق ماتېرىيال ئىزدەش-پايدىلىنىشنى بىلىشنىڭ ئۆزى شۇ كەسىپنىڭ پىشۋاسى بولۇشتىكى مۇھىم تەرەپلەر ھېسابلىنىدۇ.

قالغىنىنى تورداشلار يەنە داۋاملاشتۇرسۇن، بىر ئادەمنىڭ پىكىرى بەزىدە بىر نۇقتىنى ئايلىنىپ چىقالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، مېنىڭمۇ دىققىتىم چېچىلىپ كەتتى، ئاخىرقى مەقسەت، يۇقارقىلارنى ئوقۇغان بىر كەسىپداش بۇلاردىن ئىلھام ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى كۈندىلىك ئۆگىنىش تۇرمۇشىدا ئازراق يۈكسىلىش پەيدا قىلسا، بىزنىڭ بۇ تېمىدىكى مەقسىتىمىز ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ.

گەپنى دېمەككە ئاسان، قىلماق تەس، بىراق، چوڭلارنىڭ تەجرىبە-ساۋىقىنى ئاڭلاش ئەڭ مۇھىم. ئۆگىنىڭ ساۋاقداش، سانسىزلىغان چايخانا، مۇنبەرلەردە قۇرۇق مىڭ ئېغىز مۇنازىرىدىن كۆرە، بىر كەسپىي ئاتالغۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى كۆرۈۋالغان مىڭ ياخشى. ئەگەر خەنزۇتىلى ۋە ئېنگلىز تىللىرىدىكى بىرقىسىم كەسپىي مۇنازىرە مۇنبەرلىرىگە سېلىشتۇرساق، ئۇيغۇرچە مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنىڭ ھېچقانچە پايدىلىنىش قىممىتى يوق دىيىشكە بولىدۇ (ھەر ھالدا بىلىكنى زىيارەت قىلىشنى ئۇنتۇماڭ)، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپالمىسىڭىزمۇ، يەنىلا بۇ كەسىپنىڭ مېۋىسىنى كۆرەلەيسىز.

ئاخىرىدا «فۇيىنخانا» توغرىسىدا مەنمۇ بىر ئېغىز گەپ قاتاي: مەنمۇ بۇرۇن مەكتەپ پۈتتۈرۈپ «فۇينخانا» ئاچقان، چۈنكى بىز قاسساپ ئەمەس، ياكى باققال ئەمەس، «فۇيىنخانا» ئېچىشنىڭ ئۆزى مۇستەقىل ئىگىلىك يارىتىش قەدىمىنىڭ باشلانغانلىقى دەپ قارايمەن। بىراق، دۇكان ئېچىشتىكى مەقسەت ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلەر دۇكاننى ئېچىپ قويۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇش چىقىمىنى قامداپلا ئۆتۈپ كېتىدۇ، يەنە بەزىلەر تاپقان پۇلنى تېجەپ، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىق تارتىپ، كۈچەپ ئاخىرى تېخىمۇ چوڭراق، ۋەياكى «ئىككىنچى فۇيىنخانا» نى ئاچىدۇ، ئىگىلىك يارىتىش ئۈچۈن پۇل ۋە بىلىم كېرەك، بىلىم بولۇپ پۇل بولمىسا بىكار، پۇل بولۇپ بىلىم بولمىسا، باشقىلارنى ياللاپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. ئەڭ يامان ئىش بىكارچىلىق. ئۇنىڭ يامىنى شۇكى، كىچىك ئىشلارنى ياراتماسلىق. سۇۋادان تېرەكلەرمۇ نوقۇتتەك ئۇرۇقلاردىن بارلىققا كېلىدۇ، بۇنى ئۇنتۇپ قالمايلى.

بىلىك كۇلۇبىدىن ئېلىندى.