2008年12月19日

سۈكۈتتىكى ئۇيغۇرلار

سۈكۈتتىكى ئۇيغۇرلار

تەرجىمان: مۇخبىر
كۇنمىڭدا يۈزبەرگەن ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ بولغىنىغىمۇ بىر ھەپتە بولدى. گەرچە بۇ دېلو تېخى پاش بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشى گۇمانىنى ئۇيغۇر «شەرقىي تۈركىستان ئۇنسۇرلىرى»غا قاراتتى. بۇ ئەسلىدىمۇ قاتتىق باشقۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىر «چەمبىرەك ئەپسۇنى» بولۇپ بېشىغا تاقالدى. ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنداق گۇمان قىلىشنىڭ رېئال سەۋەبى بار. كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت مەنبەلىك ئۇچۇرلىرىدا ئۇيغۇر "شەرقىي تۈركىستان ئۇنسۇرلىرى" جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان تېررورچى ئۇنسۇرلار، بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمەن بولۇپ قالدى، ھەتتا "دېموكراتىيە، ئەركىنلىك"نىڭ ئۈلگىسى بولمىش ئامېرىكىمۇ "شەرقىي تۈركىستانچى" (توغرىسى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى --- تەرجىماندىن) لارنى تېررورىستلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. ئەمما، "شەرقىي تۈركىستانچى"لار پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ، "شەرقىي تۈركىستانچى"لار پەيدا قىلغان تېررورلۇقمۇ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى قىلغان تېررورلۇق ئەمەس. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، "شەرقىي تۈركىستانچى"لارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت مەنبەلىك خەۋەرلىرىنىڭ تەسىرىدە پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى تامامەن ئالۋاستىلاشتۇرۇلۇپ بولۇندى. ئومۇمەن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر كىشىسى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە چىقسا، مېھمانسارايلارغا چۈشسە، "ئالاھىدە ئېتىبار"دىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى.

مەن ئىلگىرى بىر ئۇيغۇر بۇرادىرىمگە، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پرىنسىپى بويىچە، ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشى لازىم، ئۇيغۇر مىللىتىمۇ باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولماسلىقى كېرەك، دېگەنىدىم. ئەمما ئۇ ماڭا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى مۇستەقىل بولۇشنى خالىمايدۇ، ئۇلار ھازىرقى ھالەتتىن بىرقەدەر رازى، مۇستەقىللىقنى قوللايدىغانلار ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، دېدى. مەن ھەيران بولدۇم، چۈنكى مەن جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئۇيغۇر "بۆلگۈنچى كۈچلىرى" دەپ ئەيىبلەشلىرىگە كۆنۈپ قالغانىدىم. ئېھتىمال نۇرغۇن كىشى دائىرىلەر پەيدا قىلغان ساختا ئەھۋالدىن ماڭا ئوخشاش قايمۇقۇپ يۈرگەن بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ھەممىلا ئاشكارا ئۇچۇرلاردا كۆپچىلىككە: ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلىۋاتىدۇ، ھەتتا تېررورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن بۇ مەقسىتىگە يەتمەكچى، دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئەمما، ئاز بىرقىسىم ئۇيغۇر مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلىۋاتامدۇ ياكى بارلىق ئۇيغۇرمۇ، دېگەننى ئويلايدىغانلار ئىنتايىن ئازچىلىق.

جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىگە ۋە شىنجاڭ سىياسىتىگە قىزىقىدىغان كىشىلەر ئەگەر جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ كونىراپ كەتكەن ئىجابىي خەۋەرلىرىدىن زېرىكىپ قالغان بولسا، تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالىدىغان "شەرقىي تۈركىستان" قاتارلىقلارنىڭ تېررورلۇقىغا دائىر خەۋەرلەرگە قىزىقىپ قالىدۇ. ئەمما كەچۈرۈڭ، بۇ خىل خەۋەرلەر مەڭگۈ جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىدۇ، مەسئۇلىيەت مەڭگۈ ئۇيغۇرلارغا يۈكلىنىدۇ. بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىققا دائىر گەپلىرىنى ئاڭلىمىقىمىز، يازمىلىرىنى كۆرمىكىمىز بەكمۇ تەس.

ئۇيغۇر مىللىتى ئاسانلا بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولىدىغان، ئەمما ئۆزى سادا چىقارمايدىغان مىللەت. ئوخشاشلا جۇڭگونىڭ مىللىي مەسىلە مۇنبىرىدە تۇرغان تىبەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلارنى گاس-گاچىلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندەكلا دېيىشكە بولىدۇ. گەرچە سىرتتا تەنقىدلەش سادالىرى ئۈزۈلمىسىمۇ، بۇ مىللەت ئاشكارا ئىنكاس قايتۇرمايدۇ، خۇددى ئاشۇ تەنقىدلەردىن بىخەۋەردەك.

خەلقئارادىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مىللىتى خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئاساسەن ئېرىشەلمەيدۇ، «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»دىن كېيىن، «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى نەزەرىيىسى» ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خرىستىئان (كاتولىك دىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى دىنلار) غا ئېتىقاد قىلىدىغان غەرب جەمئىيىتى بارلىق مۇسۇلمانلارنى چەتكە قاقتى. شۇڭا، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ياۋروپا-ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئاساسەن ئېرىشەلمەيدۇ. تىبەتلەر بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۇلار غەربتىكى بىرقىسىم ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. چەت ئەلدىكى تىبەتلەرمۇ غەرب جەمئىيىتىگە سىڭىشىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارنى كىم قوللايدۇ؟ ياۋروپادىكى بىرقىسىم دۆلەتلەر ئوخشاش بولمىغان پىكىردىكى ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بەرگەن بولسىمۇ، بۇ ئومۇمەن ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلىشتىن بولغان بولۇپ، بۇ ياۋروپالىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. چەت ئەللەردە يۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ غەرب جەمئىيىتىگە سىڭىشمىقى ئىنتايىن تەس، غەربلىكلەرمۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن ناھايىتى ئاز گەپ قىلىدۇ.

چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ كىرىشى توغرا كەلگەندە، تىبەتكە كىرىش ئۈچۈن ئىجازەتنەمە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ، شىنجاڭغا بولسا ناھايىتى ئاسانچىلىق. بىراق، بىز چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ تىبەتكە بېرىشقا شۇنچە قىزىقىدىغانلىقى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا ناھايىتى ئاز بارىدىغانلىقىنى، شىنجاڭ توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ناھايىتى ئاز يازىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. كىشىلەر "جۇڭگوغا قارشى باشلامچى مەتبۇئات" دەپ ئاتايدىغان ببچ ۋە «ئامېرىكا ئاۋازى» قاتارلىقلارمۇ، بۇ تېررورلۇقلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى توغرىسىدا ئىزدەنمەيدۇ، ئۇيغۇرلارغا داىر مۇلاھىزە ۋە باھالىرىدا پەقەتلا جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇچۇرلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. ئەجەبا، شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر مىللىتى غەربنىڭ ئاساسلىق مەتبۇاتلىرىدا كۆرۈنسە بولمامدىكەن؟ "سۆز ئەركىنلىكى"نى مۇقەددەس بىلىدىغان غەرب دۆلەتلىرى، نېمىشقا ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ باقمايدۇ؟

خەلقئارا مەتبۇاتنىڭ ئېتىبارسىز قارىشىدىنمۇ قورقۇنچلۇقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ئۆز پىكىرلىرىنى ئاشكارا ئىپادە قىلىدىغانلارنىڭ كەمچىللىكىدۇر، جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى تىبەتنى قانداق تەشۋىق قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، تىبەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاۋام ئارىسىدىكى بىرقىسىم كىشىلەر (ۋېيسې خانىمغا ئوخشاش) تىبەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تاشقى دۇنياغا بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ، تىبەت كۆچمە ھۆكۈمىتىمۇ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق تىبەتنىڭ ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى سىرتقى دۇنياغا تارقىتىپ تۇرىدۇ. لاسادا “14-مارت” ۋەقەسى يۈزبەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن تىبەتلەر جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە بولغان گۇمانىنى ئىپادىلىدى، باشقا كىشىلەر بولسا تۈرلۈك تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر ياردىمىدە بۇ گۇمانلارغا داىر ئۇچۇرلاردىن خەۋەر تاپتى. ئۇيغۇرلارچۇ؟ تېخنىكا قانچىلىك ئىلغار بولسۇن، ھازىرغىچە شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تارقاتقان ئۇيغۇرنى كۆرمىدۇق، سىرتتا پائالىيەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئانا تۇپرىقىدا نېمە ۋەقەلەر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمىكى تولىمۇ قىيىن. گەرچە رابىيە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ساداسىنى سىرتقا ئاڭلىتىشقا بارلىق كۈچىنى چىقىرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تىبەتلەردىكى ۋېيسې خانىمغا ئوخشاش سىرتقى دۇنيانى تېخىمۇ ئەمەلىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ.

پۇقرالارنىڭ سۈكۈتى سىياسىي بېسىمدىن دېيىلسە، ئۇنداقتا جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانى بولمىش زىيالىيلار بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالماسلىقى كېرەك. خەنزۇلاردىكى بىرقىسىم ۋىجدانىي بۇرچقا تولغان زىيالىيلار ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاراشلىرىنى ئاشكارا ياكى يېرىم ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويماقتا، تىبەتلەردىمۇ ئۆز مىللىتىنىڭ ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان زىيالىيلار بار، بىراق، ئۇيغۇرنىڭ زىيالىيلىرى نەگە كەتتى؟ بىز شىنجاڭ ئالىي ماارىپىنىڭ شۇنچە يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن بىرمۇ زىيالىينى يېتىشتۈرۈپ بەرمىگەنلىكىگە ئىشىنەلمەيمىز. بۇنىڭ بىردىنبىر ئىزاھاتى زىيالىيلارنىڭ ۋىجدانىنى يوقاتقانلىقى، سىياسىي بېسىم ئاستىدا مىللەت مەنپەەتىنىڭ شەخسىي مەنپەەتتىن تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقى دېمەي بولمايدۇ.

غەربلىكلەرنىڭ: «كۆزقارىشىڭغا قوشۇلمايمەن، ئەمما سۆز قىلىش ھوقۇقىڭنى جان تىكىپ قوغدايمەن» دەيدىغان ماقالى بار. بىر قانۇن-تۈزۈملۈك جەمئىيەتتە، ھەرقانداق ئادەم سۆز قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە، جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن كىشىلەر، تېخىمۇ ئاقلىنىشقا ئېرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە. بىراق جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان باياناتلاردا “شەرقىي تۈركىستان” تېررورلۇق دېلولىرىدا، بىز جىنايەت سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەشكىل قىلىنغان ۋە ئاقلاش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىغان سوتقا ئەمەس، ئاقلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغان سىياسىي سوت مۇنبىرىگە ئاپىرىۋېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. جىنايەت گۇماندارىنى ئۆز مىللىتىنىڭ كىشىلىرى ئاشكارا ئاقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس.

ياخشى باشقۇرۇلغان بىر دۆلەتتە سۈكۈت ئىچىدە ئۆتىدىغان بىر توپ بولماسلىقى كېرەك. بىز جۇڭگونىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا دېموكراتىك سىياسىينىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، بىراق، شىنجاڭ جۇڭگو سىياسىيسىنىڭ ئالاھىدە بىر تۇپرىقى بولۇپ تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئۇدا تۆت قارار ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، بۇنى زامانىمىز جۇڭگوسىدىكى ئەپسانە دېمەي بولمايدۇ. جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىدا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا ئىزدىنىشنىڭ ئەكسىچە، سىياسىي ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى شىنجاڭ رايونىنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان نىشانى. 20-30 يىلنىڭ ئالدىدىكىگە ئوخشاش، “مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ” دېگەن سۆز بۇ يەرنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي پرىنسىپى. سۆز قىلىش ھوقۇقىنىڭ ھەممىسى ھوقۇق تۇتقانلارنىڭ قولىدا، ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلار خۇددى ئاشتاختا ئۈستىگە قويۇلغان بېلىققا ئوخشايدۇ، كىملا كېلىپ گۆشىنى شىلسا ۋايسىمايدۇ.

ئۇيغۇرلاردىن بىرقىسىم ئادەم تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن پەيدا بولغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ باقىدىغان ئادەم يوق. «ئىتمۇ غەزىپى تۇتقاندا تامدىن سەكرەيدۇ» دېگەن گەپ بار، تېررورچىلارغىمۇ باشقا تاللاش قالمىغان. «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، غەرب جەمئىيىتىمۇ تېررورلۇقنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ئۈستىدە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى سىياسىي تەدبىرلىرى ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى. ئەمما جۇڭگو داىرىلىرى مەسىلىنى ئاددىي ھالدا “بۆلگۈنچى ئۇنسۇر”لارنىڭ رادىكاللىقىغا ئارتىشتەك سىياسىي ئۇقۇملار داىرىسىدىلا چۆرگىلىدى، ھەرگىزمۇ مەسىلىنى ئىجتىمائىي سىياسىي، ئىقتىسادىي سىياسەت قاتارلىق جەھەتلەردىن ئويلاشمىدى.

ئاجىزلارنىڭ كۈچى كۈچلۈكلەرگە بەس كېلەلمىگەندە، سۆز ئەركىنلىكى بولمىغاندا تېررورلۇق كېلىپ چىقىدۇ. تارىختا “شەرقىي تۈركىستان” دېگەن دۆلەت بولغانمۇ بولسۇن، ھازىرقى شىنجاڭدا تېررورچىلىق ۋەقەلىرى يۈزبېرىۋاتقانمۇ بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەسىلىنىڭ نېگىزى ئەمەس. مەسىلىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، “شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى” دېيىلىۋاتقان بۇ توپنىڭ يېتەرلىك سۆز ئەركىنلىكىگە ئىگە بولغان-بولمىغانلىقى، ئۆز كۆزقاراشلىرىنى ئەركىن ھالدا ئاشكارا ئىپادە قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى ئاۋامنىڭ چۈشىنىدىغان-چۈشەنمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت. ئەگەر ئۇلار داۋاملىق سۈكۈت قىلىۋېرىشتىن ئۆزىنى تارتسا، تېخىمۇ كۆپ ئاۋام ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئوي-پىكىرلىرىنى چۈشىنىدۇ، تېررورلۇق مەسىلىلىرى ئۈستىدە تېخىمۇ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزىدۇ. جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئەگەر شىنجاڭدىكى تېررورلۇق مەسىلىسىگە گۇمانىتار پوزىتسىيىدە تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزسە، ئەمەلىيەتچىل پوزىتسىيىدە تۇرۇپ “بۆلگۈنچى كۈچلەر”بىلەن سۆھبەتلەشسە، شىنجاڭ مەسىلىسى ئاندىن ئاخىرقى ھېسابتا ھەل بولىدۇ، جۇڭگو دۇچ كەلگەن تېررورلۇق تەھدىتى ئاندىن بوشايدۇ.


لۇشۈن ئەپەندى: “سۈكۈت ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقمىساڭ، سۈكۈت ئىچىدە يوقىلىسەن” دېگەنىكەن. ساداسىز ئۇيغۇر مىللىتىگە ئەڭ ئاخىرىدا مانا مۇشۇ ئىككىلا تاللاش قالغان بولۇشى مۇمكىن.
مەنبە: ئۇيغۇر بىز

ئەرۋاھلار قوزغىلىڭى

ئەرۋاھلار قوزغىلىڭى

(ياقۇپ ئىسمائىل)
پەرىشتە ئويلىنىپ قالدى .ئىنسانلار ئارىسىدىكى پىتنە-پاسات،سۆلەتۋازلىق ،شەكىلۋازلىق،ئۇنىڭ كۆڭلىنى بىر قىسما قىلىپ قويغان ئىدى .ئۇ ئىنسانلارنى چىن دىلدىن ياخشى كۆرەتتى .ئۇلارغا ئىشنەتتى .ئۇلاردىن زور ئۈمىد كۈتكەنىدى.شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلارنىڭ ھەرقانداق مۈشكۈلىنى ئاسان قىلىپ كەلگەنىدى .مانا ئەمدى بولسا...........
پەرىشتە زىممىسىدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىنى سەزدى .كۆز ئالدىدا چەكسىز بىر بوشلۇق سوزۇلۇپ ياتاتتى .ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرنىڭ نەدىن چىقىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتىن يىغا-زارا كۆتۈرۈلۈپ،كەينىدىنلا بىر جىنازا كۆرۈندى .پەرىشتە ئىككىلىنىپ تۇرمايلا بىر مۇساپىرغا ئايلىنىپ ،جىنازىنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقان جامائەتكە قوشۇلۇپ كەتتى . قەبرىستانلىق ئىنتايىن چوڭ ئىدى .پەرىشتە ھاڭ-تاڭلىق ئىچىدە ئەتراپقا باقتى .چۈنكى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇردىكى قەبرىستانلىق بىلەن كۆز ئالدىدىكى قەبرىستانلىق ئاسمان-زېمىن پەرق قىلاتتى.ئۇنىڭ كۆزىگە ئادەملەر ئۆلە –تىرىلىشىگە قارىماي بىر-بىرى بىلەن بەسلىشۋاتقاندەك كۆرۈندى .ئاجايىپ ھەيۋەتلىك قاتۇرۇلغان قەبرىلەر بىلەن كونا قەبرىلەر روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ تۇراتتى .پەرىشتە ئەلەم بىلەن خۇرسىنىپ قويدى.جامائەت مېيىتنى قەبرىستانلىقنىڭ چېتىدىكى يېڭىلا تەييار قىلىنغان گۆرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. تېخى يېڭىلا قېزىپ چىقىرىلغان سېرىق توپا بىلەن شېغىل ئارىلاشقان قۇم گۆرنىڭ ئاغزىنى توسۇپ تۇراتتى . پەرىشتە كۆزنىڭ قىرى بىلەن مۇسىبەت ئىگىلىرىگە قاراپ قويدى .قارىغاندا ئۆلگۈچى باي بولمىسىمۇ ،ھەر ھالدا قول ئىلكىدە بار ئادەمدەك قىلاتتى .
بىر چەتتە ئۇزۇن پېرىنجە كىيىپ ،يوغان سەللە ئورىغان بىر نەچچە ئاخۇنۇم نېمە توغرىلىقتۇر پىچىرلىشىپ ئولتۇراتتى. ئۇلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ،پۈتۈن قەبرىستانلىق تىمتاسلىققا چۆككەنىدى.شۇ ئارىلىقتا ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ ،‹‹ لائىلاھە ئىللاللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلىللا››دېگەن سۆزنى تەكرارلاپ،تەييار بولۇش ئالدىدا تۇرغان گۆرنى ئايلىنىشقا باشلىدى .
-ھوي ئادەم !-دەپ ۋارقىرىدى تۇيۇقسىز بىر چەتتە ئولتۇرغان سەللىلىكلەردىن بىرى زەردە بىلەن ،-باشقا يەردە ئۆتكۈزگەن گۇناھىڭنى ئاز دەپ ،بۇ يەردە نېمىگە تىلىڭنى چايناپ يۈرىسەن ؟بىلسەڭ ئوقۇغىن ساۋاب بولىدۇ.بىلمىسەڭ بىلەرمەنلىك قىلماي تىنىچ ئولتۇر گۇناھقا پاتمايسەن .تەپتارتماي ‹‹مۇھەممەدۇن››دەيسىنا بالاڭنىڭ ئىسمىنى ئاتىغاندەك ،‹‹مۇھەممەدۇن››ئەمەس ‹‹مۇھەممەدۇر››دوپ ئوقۇيمىز.
ئەتىراپ ئېغىر سۈكۈتكە پاتتى. دەككىسنى يېگەن ئادەم كىشلەر ئارسىدىن غايىپ بولدى .ئاخۇنۇملار نېمىلەرنىدۇر دەپ يەنە ئۆز پارىڭىغا چۈشتى.
پەرىشتە شۇنچە بىلەرمەن ئادەملەرنىڭ مۇسىبەتكە تولغان مۇشۇ مەيداندا باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ ،ئۆزئارا ھەمسۆھبەت قۇرغانلىقىغا ھەيران قالدى . چالا بولسىمۇ تەگبىر ئېيتىشنىڭ قۇرۇق پاراڭ سالغاندىن مىڭ ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بۇ ئاخۇنۇملار راسىتتىنلا ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ؟.
پەرىشتە ئىنسانلار ئارسىدىكى مېھىرى-مۇھەببەتنىڭ قانداقتۇر بىر نەرسىگە ئالمىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى .كۈن قاتتىق قىزدۇرۇۋاتقان .قەبرىستانلىق گويا قوقاس ئۈستىگەدۈم كۆمتۈرۈپ قويغان داسقا ئوخشاش قىزىپ كەتكەنىدى.
ئادەملەر ئىسسىق دەستىدىن تىنالمايۋاتقان بولسىمۇ،لېكىن مىدىر-سىدىر قىلماي ئەڭ ئاخىرقى ۋەزىپىنى ئۆتەۋاتاتتى.تىمتاسلىققا چۆككەن قەبرىستانلىقتا قىرائەت
قىلغۇچىنىڭ ئاۋازى ياڭراشقا باشلىدى.پەرىشتە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئوقۇلغان قىرائەتنىڭ ئىچىدە خاتا كەتكەن سۆز-ئىبارىلەردىن بىر تالايغا بەلگە قويدى .قىرائەت ئاخىرلاشتى .جامائەت دۇئاغا قول كۆتۈردى .پەرىشتە كۆزنىڭ قىرى بىلەن تېخى ھېلىلا باشقىلارنىڭ دەككىسنى بەرگەن يوغان سەللىلىك ئادەمگە قاردى .سەللىلىك ئادەم گويا ھېچنەرسىنى سەزمىگندەك،دۇئا ئاخىرلىششى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ يۈرۈپ كەتتى .ئەرۋاھلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئىشلار بار ئوخشايدۇ،دەپ ئويلىدى پەرىشتە قەبرىستانلىقتىن قايتىۋىتىپ. پەرىشتە مېيىت چىققان ئۆيدە بىر نەچچە كۈن تۇتۇپ قالدى .ھېچكىم ئۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ،نىمە ئېش قىلدىغانلىقنى سۈرۈشتۈرمىدى.ئۇ خۇددى مۇشۇ ئائىلنىڭ بىر ئەزاسىدەك يۈگۈرۈپ يۈرۈپ سۇ تۇشۇدى ،ئوتۇن ياردى. بۇ ئائىلىكلەرمۇ ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلدى ....
-ئۆلۈم ئۇزىتىشقا قانچىلىك پۇل خەجلەپسىلەر ؟-دەپ سوردى پەرىشتە ياخشى پەيىتنى تاللاپ بالىلارنىڭ چوڭىدىن .
---ئۈچ مىڭ سوم،---دەپ ئۇدۇللا جاۋاب بەردى بالىلارنىڭ چوڭى .پەرىشتە ھەيران قالدى .
---شۇنچە كۆپمۇ؟ سىزنىڭچە شۇنچە پۇل خەجلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟دېمەكچىمەنكى،بۇ پۇللارنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنلارغا ئىشلەتسەڭلار ساۋابى تىخىمۇ چوڭ بولماسمىدى ؟.
---دادىمىزغا قانچىلىك خەجلىسەك ئەرزىيدۇ.چۈنكى ئۇ بىزنى بېقىپ قاتارغا قوشتى .
______بۇ پۇلنى دادىمىزغا خەجلىدۇق دەپ قارامسىلەر ؟ ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن تۇرسا؟
_________شۇنداق ،ئۇ ئۆلۈپ كەتتى .ئەمما ئۇنىڭ روھى ئۆلگىنى يوق.ئۇنىڭ روھى قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات .بىز دادىمىزنى مەڭگۈ ئۇنتۈپ قالمايمىز.ئۇنىڭ بىزنى بېقىپ قاتارغا قوشقىچە ئاز جاپا تارىتمىدى.بىز دادىمىزنى ئەسلەپ تۇرىمىز.ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىمىز.
چوڭ ئوغۇل سۆزلەۋىتىپ بىر نەرسىنى سەزگەندەك پەرىشتىگە تىكىلىپ قارىدى ۋە:-
________بۇ ئىشلارنى سوراپ قالدىڭىزغۇ ؟قارىسام بىكار ئادەمدەك قلمايسىز،بېشىڭىزدىنمۇ نۇرغۇن ئىسسىق—سوغۇق ئۆتكەندەك قىلىدۇ.سىزگە كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم دادام رەھمەتلىك ئەزەلدىن ھەشەمەتچىلىككە ،ئىشراپچىلىققا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ ئىدى.جان ئۈزۈش ئالدىدىمۇبىزگە ۋەسيەت قىلىپ:‹‹ ئۈن سېلىپ ،ياقا يىرتىپ يىغلىماڭلار ،باشقىلارنىڭ ئارامىنى بۇزغاندىنمۇ چوڭ گۇناھ يوق .نەزىر-چىراغنى ئاددىي –ساددا ئۆتكۈزۈڭلار. مەن بۇ پۇللارنى ناھايىتتى تەستە تاپتىم.بۇزۇپ-چاچساڭلار روھىم ئازابلىندۇ.مېنى ئازابلانمىسۇن دېسەڭلار بۇ پۇللارنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا
ئىشلىتىڭلار .بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىڭلار.مەن تۇتقان يولنى تۇتۇپ، كېيىنكىلەرگە بىر نەرسە قالدۇرۇڭلار .ياشاشنىڭ قىممىتى ئەنە شۇنىڭدا .ماڭا سىلەرنىڭ دۇنيارىڭلار كېرەك ئەمەس .ماڭا دۇئا قىلىپ تۇرساڭلار بولدى.››دېگەنىدى .بىراق ئۇنداق قىلغىلى بولمىدى ،--دېدى .
چوڭ ئوغۇلنىڭ بىردىنلا ئۈنى پەسلەپ كەتتى .پەرىشتە ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن بۇ ئىشلارنى ئامالسىز قىلۋاتقانلىقىنى بىلدى.دېمىسمۇ ئىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئىدى. ئۇ ھەركۈنى تاڭ ئاتماستا ئورنىدىن تۇرۇپ تاھارەت ئالاتتى .تۇپراق بېشىغا چىقىپ قۇران ئوقۇشقا دېيشىپ قويغان موللىلارنى ئىزدەپ يېلىناتتى. بۇنىڭدىن ئىچى پۇشقان پەرىشتە بىر كۈنى چوڭ ئوغۇلغا:_____________
__شۇنچە جاپا تارتىپ باشقىلارغا يېلنىغىچە ئۆزىڭىزلا ئوقۇسىڭىز بولمامدۇ ؟ئۇلارمۇ سەھەر تۇرغىنى ئۈچۈن ئاز پۇل ئالماس؟--دېدى.
________بولمايدۇ.بولمايدۇ،قوينى قاسساپ سويسۇن-دە ، ئۆتۈكنى موزدۈز تىكسۈن.بىر سۆزنى خاتا ئوقۇپ قويغاننىڭ قانچىلىك گۇناھ بولدىغانلىقىنى بىلەمسز؟ ئۇ خۇددى چاپقىنى ئالىمەن دەپ كۆزىنى قارىغۇ قىلىپ قويغانغا ئوخشاش ئىش .پۇل كەتسە ئىشلەپ تاپقىلى بولىدۇ .بۇيەردە ئەڭ مۇھىمى ،ئىناۋەت مەسلىسى .پۇلنى دەپ گۇناھ يۈكلىۋېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.
پەرىشتە قەبرىستانلىقتا ئوقۇلغان قىرائەتنىڭ خاتا يەرلىرىنى ئەسلەپ كۈلۇپ تاشلىدى .چوڭ ئوغۇل غەلىتە مىجەزىلىك بۇ ئادەمگە ھەيرانلىق بىلەن تىكىلدى .
ئۈچ نەزىز كۈنى چاتاقنىڭ چوڭى چىقتى. قىرائەت قىلىدىغان ئاخۇنۇم ئاغرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن داستىخان سېلىنىپ، تاماقلىرىنى يەپ بولغان ئۈچ ئۆيدىكى جامائەت بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە جىمجىت ئولتۇراتتى . ھەممە يەرنى خىجىللىق قاپلىدى .پەرىشتنىڭ تاقىتى تاق بولدى .ئۇ ئاخىرى چىدىماي چوڭ ئوغلىنى بىر چەتكە تارىتتى .
___نېمىگە قاراپ تۇرىسىز ؟ بېرىڭ ،دادا سىزنىڭ بولغاندىكىن بىلشىڭىزچە قىرائەت قىلىڭ ،تېز بولۇڭ!
چوڭ ئوغۇل دەسلەپتە ھەيران بولدى .ئالدىدا تۇرغان ئادەمنىڭ كۆزدىكى سېھرى كۈچنى كۆردى.ئۇ راسىت دەيتتى . دېمىسمۇ...........ئۇ غەيرەتكە كېلىپ جامائەت بار ئۆيگە كىردى .مۇڭلۇق قىرائەت ئاۋازى ئاڭلاندى.
____ تىلىڭنى تارت !!__دېدى كىمدۇر بىرى غەزەپ بىلەن ،__نېمە دەۋاتقىنىڭنى بىلەمسەن ؟‹‹ئەھەت›› دەيسەنغۇ تەپتارىتماي؟!‹‹ ئەھەت››ئەمەس،‹‹ئەھەدى››دەپ ئوقۇيمىز.ئوقۇيالمىغاندىكىن زورىقىپ نېمە قىلسەن ؟ داداڭنى دوزاخقا كىرسۇن دەمسەن _يا!!!
نەچچە كۈندىن بېرى ئۆزىنى تەستە بېسىپ يۈرگەن پەرىشتە ئورنىدىن قانداق تۇرۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالدى .
____تەخسىر ،ئۆزلىرى شۇنچە نۇرغۇن نەرسىنى بىلدىكەنلا ،باياتىن بېرى تاڭگا چىشلىۋالغاندەك ئولتۇرۇشلىرىنىڭ ۋەجى نېمىدىنكىن ؟مەن دېمىسەممۇ بۇ يەرنىڭ باشقىلارنىڭ سەۋىيسىنى سىنايدىغان مەيدان ئەمەسلىكىنى بىلىپ ئولتۇرۇپلا ،شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۆزىلىرى ئوقۇيمايلىيۇ ،ئوقۇغان ئادەمگە غەزەپ قىلىلا . بۇنىڭ گۇناھ بولمايدىغانلىقىغا قانداق ئاساسلىرى بار ؟كونىلاردا ‹‹ ئوقۇمىغاندىن چالا بولسىمۇ ئوقۇغان ياخشى، بەرمىگەندىن پۇچۇق بولسىمۇ بەرگەن ياخشى›› دېگەن ھېكىمەتلىك سۆز بار،بوپتۇ. بۇكىشى خاتا ئوقۇپ گۇناھقا پاتتى دەيلى ، قېنى ئەمسە ئۆزلىرى توغرىسنى ئوقۇپ ساۋابىنى ئالغايلا.
ھېلقى ئادەم پەرىشتىگە ئاليىپ قويۇپ ،ئاغزىنى مەھكەم يۇمغىنچە قولىدىكى تەسۋىنى سېرىشكە باشلىدى .ئۆي ئىچىنى جىمجىتلىق باستى .
______تەخسىر ،ئۇ ئادەمىنى قىينىمىسلا ،گەپنىڭ راستىنى ئېيتساق ،بۇ ئادەمنىڭ بىلدىغانلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس ئۇيەر-بۇ يەردە ئۆزىنى بىلەرمەن كۆرسىتىش ئۈچۈن ئاشۇنداق لوقما سېلىپ قويىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۆزى بىر قارىتۈرۈك ،_دېدى ئاردىن بىرسى ئوتتۇرىلىقىتىكى قىيىن ئەھۋالىنى ئوڭشاش مەقسىتىدە.
چوڭ ئوغۇل ئۆزىنى خورلۇق ئىچىدە قالغاندەك ھېس قىلدى . ئۇنىڭ بېشى مىڭ يىل يۇيۇپمۇ چىقىرۋەتكىلى بولمايدىغان گۇناھقا پاتقاندەك ساڭگىلاپ كەتتى .ئەگەر سىرىتتىن ساپايە چالغان دىۋانە كىرىمىگەن بولسا ، بۇ ئىشلار نىڭ قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمەيتتى .دىۋانە ئۇزۇندىن –ئۇزۇن قىرائەت قىلدى .ئۇنىڭ مۇڭلۇق قىرائىتىدىن بەزىلەر نىڭ كۆزىلىرى نەمدەلدى .پەرىشتىنىڭ ئىچىنى نۇرغۇن قارا باشلىق قۇرتلار غاجىلىماقتا ئىدى.ئىنسانلارنىڭ پەزىلتىنى يوقتىۋاتقانلىقى ئۇنىڭغا ئەلەم قىلاتتى .ئىنسانلارنىڭ مەلۇم مۇددىئالىرى ئۈچۈن ئاللانى شىپى كەلتۈرۈپ بىر-بىرىنى ئالدايتتى .ئۇلار كۆرنۇشتە شۇنچىلىك تەقۋادار ،شۇنچىلىك بىلىملىك ئىدىكى ،بەزىدە بۇلارغا ئۆزلىرىمۇ ئىشنىپ قالاتتى. قىلۋاتقان ئىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاشقا چولسىمۇتەگمەيتتى .ئۇلار شۇ تاپتا ئۆز دائىرسىدىكى ‹‹ رىقابەت›› كە بېشىچە كىرىپ كەتكەن . ئاتاق-ئابروي ، مال –دۇنيا ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايتتى . ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە پەرىشتىنىڭ بىردىنلا ئىنسانلاردىن كۆڭلى سوۋۇپ كەتتى . ھېلىمۇ ياخشى ئەرۋاھلار قوزغىلىڭىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى .ئەمدى قايتىپ بېرىپ بۇ ئىشلارنى ئاللاغا ئەينەن دوكلات قىلىش كېرەك .پەرىشتە يولغا چىقىشقا تەمشىلۋاتقاندا چوڭ ئوغۇل ئۇنىڭ يېنىغا ئالدىراش كېرىپ كەلدى ۋە:__________
_____قوشنا موماي تۈگەپ قاپتۇ .سىز خاپا بولماي شۇ يەرگە كىرىپ ھە-ھۇ دېيشىپ تۇرسىڭىز .مەن بىرىپ مەسچىتكە خەۋەر قىلۋېتەي ،_دېدى –دە ،ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتى ..پەرىشتە قوشنا موماينىڭ ئۆيىگە كىردى .موماي ھېلىلا ئۇخلاپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى .ئۇنىڭ قورۇق باسقان چىرايىدىن خاتىرجەملىك چېقىپ تۇراتتى .ميىت شۇ كۈنى قونۇپ قېلىشقا تاس قالدى .چۈنكى موماي كەمبەغەل ئىدى .ھوقۇق تۇتقان ياكى مۇھىم ئورۇندا ئىشلەيدىغان بىرەر تۇغقىنىمۇ يوق ئىدى .ئۇزۈندىن بېرى قولۇم –قوشنىلىرى ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كېلۋاتقان بۇ مومايدا ئاخۇنۇملارنىڭ ئالدىغا قويغۇدەكمۇ پۇل يوق ئىدى . چوڭ ئوغۇل ئۇياق-بۇياققا دوقۇرۇپ يۈرۈپ ئاخىر بىر ماشىنا تېپىپ كەلدى .شۇنىڭ بىلەن مىيىت ئۇزتىلدى .ئۇ ئۆلدى .ئەمدى ئۇنىڭ روھىغا قول كۆتۇرۇپ دۇئا قىلىپ قويدىغان بىرەر ئنسان چىقارمۇ ؟ پەرىشتىنىڭ ئېسىگە ئورۇنلاشقا تىگىشلىك يەنە بىر ئىش كېلىپ قالدى. پەرىشتە بۇياققا مېڭىش ئالدىدا بىر ئەرۋاھ ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسلىپ تۇرۇپ ،بالىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلىپ كېلىشنى تاپىلغانىدى .پەرىشتە خاپىلىقتا بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قالدى .
__نېمە ئەرۋاھلار روھىغا ئاتاپ دۇئا قىل دەمسىز؟
__سىز ساراڭ بولۇپ قالدىڭىزمۇ ؟دۇئا قىلىش ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس.خاتا ئوقۇپ قويساق ئەرۋاھلارنىڭ روھى ئازابلىندىغان گەپ. مەن دادامنىڭ روھىنىڭ ئازاپلىنشىنى خالىمايمەن .گەپنىڭ راستىنى دېسەم، بۇنداق ئويلايدىغان يالغۇز مەنلا ئەمەس. مۇشۇ ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قارشى ئوخشاش.موللا تىېپىپ دۇئا قىلدۇرايلى دېسەك، ئۇنىڭغا جىق پۇل كېتىدىكەن .ئۇنچېلىك پۇلغا نەگە بارىمىز ؟ داداممۇ كېيىن لازىم بولۇپ قالار ،دەپ ئوشۇقراق بىر نەرسە يىغىپ قويماپتىكەن .نېمە ؟ ئۆز تىلىڭ بىلەن دۇئا قىلساڭ بولمامدۇ دەمسىز؟ ئادەمىنى ئۇنداق زاڭلىق قىلماڭ،ھازىرقى كۆرۈۋاتقان كۈنۈممۇ يېتىپ ئاشىدۇ .سىز دادامنىڭ كونا ئاغىنىسى ئىكەنسىز .بۇ شەھەردە يۈزۈم چۈشۈپ كەتمىسۇن دېسىڭىز ،تىلىڭىزغا ئاگاھ بولۇپ يۈرۈڭ. مەن سىزگە دەپ بەرسەم،مەھەللىمىزدە ئارزاڭ بىلەن بىقىلغان مالنىڭ گۆشىنىمۇ يېيىشكە بولمايدۇ.چۈنكى ئارزاڭ دېگەن ھاراقنىڭ قالدۇقى.ھاراق دېگەن ھارام ،شۇڭا ئارزاڭنى يېگەن مالمۇ ھارام بولىدۇ.مەھەللىمىزدە بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئارزاڭ بىلەن مال بېقىپ بېيغانلار خېلى بار ئىدى . ئۆتكەن نەدىن چىقىتى بۇ پەتىۋا ،ئارزاڭ بىلەن مال باققانلاردىن نەچچىسى تىك موللاق چۈشتى .چۈنكى جامائەت ئۇنداقلارنىڭ ئۆيىگە كىرمەيدۇ.ھېيىت –ئايەم كۈنلىرى ئۇلارنىڭ ئىشىك ئالدىدىن ئاتلاپ ئۆتۇپ كىتېدۇ.ئەگەر كىم كىرىشكە پېتىنسا تاناۋى تارتىلىدۇ.ھېچكىممۇ ئۇنىڭ مېلنى ئېلىشقا ،يېيىشكە پېتىنالمايدۇ.يەنە بۇ يەردە بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئارزاڭ بىلەن مال بىقىپ باي بولۇپ ھەرەمگە بېرىپ ‹‹ ھاجى ›› بولۇپ كەلگەنلەر بار . نۇرغۇن ئادەم ئۇلارنىڭ ‹‹ ھاجى›› لىقىنىڭ بولىدىغان – بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيلا ئۇلارغا باش ئۇرۇپ يۈرىدۇ تېخى ھى...ھى...ھى.......
پەرىشتىنىڭ بېشى پىقىراپ كەتكەندەك بولدى .بۇ قائىدە – پەتىۋالارنىڭ كۆپلىكىدىن ئادەملەرنىڭ ئۇھ دېگۈدەك ھالى قالمىغانلىقىنى چۇشەندى .ئاشۇ پەتىۋا لارنى ئادەملەرنى قايمۇقتۇرۇپ ،ھەق بىلەن ناھەقنى پەرق ئېتەلمەس قىلىپ قويغاچقا ،ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت بارانسېرى ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن. شۇڭا ئەرۋاھلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئاللانىڭ ئالدىغا بارغان .پەرىشتىنىڭ كۆز ئالدىدا بىردىنلا ئەرۋاھلار قوزغىلىڭىدىكى ئىشلار پەيدا بولدى. ئاللانىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى تۇيۇقسىز چاقىرتقانلىقىنى چۈشنەلمىگەن پەرىشتە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەندە ئاللا ئۇنىڭغا ::__
__ئەرۋاھلارنىڭ غوۋغاسىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟! ئۇلار قوزغىلاڭ كۆتۇرۇپ ئالدىمغا كەپتۇ.بۇقانداق گەپ ؟بىز نېمە ئىش قىلىپ يۈرىمىز؟ سەن دەرھال بىرىپ ئەھۋالنى بېلىپ كەل !!دېدى.
پەرىشتە سىرىتقا چىقىپ ھەيران قالدى .ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا سان –ساناقسىز ئەرۋاھلار دېڭىزدەك چايقىلاتتى .ئۇلارنىڭ غوۋغاسى پەلەكنى بىر ئالغاندى .
__نېمگە غوۋغا قىلشىسىلەر ؟ ئۆزۈڭلارنىڭ ھازىر نەدە تۇرۋاتقانلىقىڭلارنى بىلمەمسىلەر ؟ بۇ دېگەن مۇقەددەس جاي .ئاللاھنىڭ دەرگاھى. ئۇنىڭ گۈلدۈر مامىدەك ئاۋازىدىن پۈتۈن ئەتراپ سۈكۈتكە چۇمدى.پەرشتىنىڭ ئۇلارغا ئىچى ئاغرىپ قالدى.
____ خوش نېمە ئىش؟ بىرىڭلار ئالدىغا چىقىپ سۆزلەڭلار .
_______بىزدە ئارتۇق تەلەپمۇ يوق، پەرىشتەم. بىزگە پەقەت ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ساداقىتى لازىم. چۈنكى بىز ئۇلارنى بىزنىڭ ئىزىمىزنى باسىدۇ ، چىرىغىمىزنى ياندۇرىدۇ. بىز ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ دەپ ئەزىزلىگەن .شۇڭا بىز مەسلىھەتلىشىپ ،دەردىمىزنى ئاللاغا ئېيتىش قارارىغا كەلدۇق،_دېدى بىر ئەرۋاھ ئالدىغا چىقىپ.
پەرىشتە ئويلىنىپ قالدى .ئەگەر ئۇلارنىڭ دېگىنى راسىت بولسا ،بۇ ئەلۋەتتە كىچىك ئىش ئەمەس. ئەمما....... پەرىشتە ئاخىر ئاللانىڭ ئەمرى بويىچە زېمىنگە چۈشتى . ئۇنىڭ نەچچە كۈندىن بېرى كۆرگەنلىرى ئەرۋاھلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئازراقمۇ يالغان ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغاندىن سىرىت يەنە بىر مۇنچە مەسلىلەرنىمۇ ئاشكارىلىدى.ئۆزى ئىشەنگەن ،‹‹ شەيتاندىن ئۆلۈكى ئارتۇق›› دەپ بىلدىغان ئىنسانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئايلىنىپ ياۋۇزلۇقتا چېكىگە يەتكەنلىكىنى كۆردى .ئۇ يەنە بەزىلەرنىڭ مال-دۇنيانىڭ كەينىگە كىرىپ ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ،نېمە ئىش قىلدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى كۆردى. ئۇيەنە بەزىلەرنىڭ ساددا كىشلەرنىڭ كۆزىنى بوياپ،ئۇلارنى ئۆز مەنپەتىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ يەنە.......گۇناھ بىلەن ساۋابنىڭ ئوتتۇرسىدىكى چەك- چېگرا ئەزەلدىن ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان بىلەرمەنلەرنىڭ قولىدا غۇۋالىشىپ بارماقتا ئىدى. پەرىشىتنىڭ قوشۇمىسى تۇرۇلدى . ئۇنىڭ ئالدىدا ھازىر ئىنتايىن مۇقەددەس ۋەزىپە تۇراتتى . ئۇ ئىنسانلار ئارسىدا كۆرگەن –بىلگەنلىرىنى ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئاللاغا ئەينەن ئىنكاس قىلىش لازىم ئىدى. پەرىشتە بىرلا ئۆرۇلۇپ بىر كەپتەرگە ئايلاندى –دە، ئاللانىڭ ئالدىغا قاراپ ئۇچۇپ كەتتى .

تارىم ژورنىلىدىن ئېلىندى.


كومپىيۇتېرغا كىرگۈزگۈچى :_

ئى. مەردان ئۆز ئۇيغۇر .


مەنبە: جىلۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بلوگى www.jilwe.cn

جىلۋە ئۇنۋېرسال بلوگى
http://jilwe.blogbus.com

باشقا يەرگە چاپلىماقچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!

بۆرە خىسلىتى

بۆرە خىسلىتى

بۆرە ئائىلىسىنىڭ ئېتىقادى

كۈچلۇكلەر مەۋجۇت بولۇش
مەغلۇبىيەتتىن قورقماسلىق

ھەممە بىر نىيەتتەبولۇش

مېھىر-شەپقەتلىك بولۇش

ھېرىسمەنلىككە تولغان بولۇش
جەبىر-جاپادا ئۆرىگە مەدەت بېرىش

خاسلىققا ئىلھام بېرىش

سىردىشىشقا ماھىر بولۇش

ھايات-ماماتتا بىرگە بولۇش


ئىخلاسمەنلىك ، بىر ئادەمنىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش قازىنالماسلىقىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىل ھسابلىنىدۇ . پۈتۈن زېھنىنى بىرەر نىشانغا يىغىپ ، ئاشۇ ناشانغا يېتىش ئۈچۈن ئېگىلمەي-سۇنماي ئېلىشىش ، ئىنسانلارنىڭ بۆرىدىن ئۆگىنىشىگە تېگىشلىك مۇھىم ئامىلدۇر .

نۇرغۇن كىشىلەر بىر قېتىم مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى مەغلۇبىيەتلىك ھاياتىمنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ . بىراق بىز بۆرىنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەت يېڭى بىر ئېلىشىشنىڭ باشلنىشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز .

بۆرە ئائىلىسى مەغلۇبىيەت ئالدىدا ھەرگىزمۇ بەل قويۇۋەتمەيدۇ ، ۋايسىمايدۇ ياكى باش ئەگمەيدۇ . بۆرىلەر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسا مەيۈسلەنمەيدۇ بەلكى ئۆزىنى يېڭىۋاشتىن رۇسلاپ ، كۆز ئالدىدىكى ۋەزىپىسى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتايدۇ .

ئوڭۇشسىزلىق ھەتتا مەغلۇيىيەت ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق ئەمەس ، قورقۇنچلۇقى - ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتتىن كېيىن نىشانىدىن ۋاز كېچىش .

قەتئىى ئىرادە ، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئەمەس . ئۇ ، بىر قېتىم ، بىر قېتىملىق قىسقا مۇددەتلىك ئالغا ئوقتەك ئېتىلىش .

ئادەم ئوڭۇشسسزلىقنى مەغلۇيىيەت دەپ قارايدۇ ، بۆرە بولسا ئۇنى پاراسەتكە ئايلاندۇرالايدۇ .

مۇۋەپپەقىيەتنىڭ بىخ مەزگىلىدىكى سەۋەنلىك ، ئىشنىڭ توغرا يولدىن چەتنەپ كېتىۋاتقانلىقىدىن بېرىلگەن سىگنال ھېسابلىندۇ . ناۋادا بىرى باشتىن - ئاياغ ئىنتايىن ئاز سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولسا ، بۇ ھال ئۇنىڭ ئىجادچانلىقىنڭ ئېنتايىن ئاجىز ئىكەنلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ .

خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش كۈچۈڭنى ئاشۇر . بۇ ئىقتىدار ھەممە ئادەمدە بولغىنى بىلەن ئۇنى داۋاملىق ئىشقا سىلىپ تۇرمىسا ئاجىزلاپ كېتىدۇ . شۇڭا بىر سوتكىدا بىرەر قېتىم تەۋەككۇل قىلىشنى تۇرمۇشىڭنىڭ موھىم نۇقتىسىغا ئايلاندۇر .

مەغلۇبىيەتنىڭ مۇنداق ئىكككى خىل پايدىسىنى ئۇنۇتما : بىرى ، ناۋادا سىناقتا مەغلۇپ بولساڭ ، قايسى يولدا مىڭىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلىۋالىسەن ؛ يەنە بىرى ، مەغلۇبىيەت ساڭا يېڭى - يېڭى سىناقلارنى ۋۇجۇدققا چىقىرىش پۇرسىتى بېرىدۇ .

ئادەم گەرچە «جانلىقلارنىڭ ئاقىلى » دېيىلسىمۇ ، لېكىن ئەتراپىمىزدا ئۆرىنى چۈشەنمەيدىغانلار ساماندەك . ئۇلار ياكى ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانى يوق كىشىلەر ياكى ئۆزىنى كەمسىتىدىغان ، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغانلار ياكى ئۆزۈمنى چاغلىيالماي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن ، بورىغا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن دېگەندەك ئۆزىنى چاغلىيالماي زىيان تارتىدىغانلار ۋە ياكى قىزىقىش جەھەتتە شاختىن شاخقا قونۇپ ئۆمرىنى بىھۇدە ئىسىراپ قىلىۋېتىدىغانلاردۇر .

ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ بىلىش - بىر ئادەمنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولۇشى ، ئائىلىدە بەختلىك بولۇش - بولالماسلىقى ، بىرەر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش - قازىنالماسلىق ۋە كۈتۇلمىگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش - ساقلىنالماسلىقىغا بىرىپ تاقىلىدىغان ئىش . دېمەك ئۇ ، بىر ئادەمگە ئۆمۈرلۈك ھەمرا بولىدىغان يۈكسەك تېما شۇنداقلا ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى موھىم شەرتتۇر .

مۇنەۋۋەر باشقۇرغۇچىلاردىن بولىمەن دېگەن ئادەم موھىتنى گويا بۆرىدەك كۆزىتىش ئىقتىدارى بولۇشى ، ئاددىي تەبىئەت دۇنياسىدىن ھەيران قالارلىق نەرسىلەرنى بايقاشنى ئۆگىنىشى ، باشقىلار دىققەت قىلمىغان ئىنچىكە نۇقتىلارنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىپ ، خىرىدارلارنىڭ يۈرلۈك ئېھتىياجلىرى ۋە خادىملارنىڭ خىلمۇخىل يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى بايقاپ ، كەسىپنى روناق تاپقۇزۇشتا ئەپچىل پايدىلىنىشنى بىلىشى كېرەك .

بۆرە ئائىلىسى دۇنيادىكى بىردىنبىر تۇراقلىق نەرسنىڭ دەل « ئۆزگىرىش » قانۇنىيىتى ئىكەنلىكىنى ئادەملەرگە قارىغاندا ئوبدان بىلىدۇ . بۇ قانۇنىيەت بۆرىلەردىن ئاجىزلارنى ۋەھىمىگە سالىدۇ ، كۈچلۈكلەرنى شادلاندۇىدۇ . چۇنكى ئۆزگىرىش دەقىقىلىرىدە دۇنيا دەل كۈچلۇك بۆرىلەرنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ . ئىنسانلار جەمئىيىتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ . ئاەتتە سودىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىزىشى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولىدۇ .

بۇ ھال كىشىلەردىن ۋەزىيەتنى ئىزچىل تۈردە ئنچىكە تەھلىل قىلىپ ، ئۇ ھەقتە توغرا يەكۈن چىقىرىپ ، شۇنىڭغا مۇناسىپ تىجارەت تاكتىكىسى ۋە تەدبىرى قوللىنىش ئارقىلىق ، ئۆزگىرىشكە پەرۋا قىلماي ، ئۆزگىرشنى تەھلىل قىلىش ۋە شۇ ھەقتە توغرا ھۆكۈم چىقىرىشقا سەل قاراپ ،كونا قېلىپ ، كونا تىجارەت ئۇسۇلى ۋە ئەندىزىسى بويىچە ئۆزۈڭ بىلگەنچە ئىش كۆرسەڭ ، ئۇ تىجارەتتىكى مەغلۇبىتيىڭ بىلەن نەتىجىلىنىدۇ .

بۆرىلەر توپىدىكى ھەر قانداق بۆرە ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى كەلسە - كەلمەس تالىشىۋەرمەيدۇ ، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ شۇ توپتىكى رولىدىن مەمنۇن بولۇپ ، باشقىلار بىلەن ئەڭ ياخشى ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىدۇ .

«كوللېكتىۋىزملىق روھ » - خۇددى ئاش بىلەن نانغا ئوخشاش ھەر قانداق چاغدا ئويلىنىشقا يېگىشلىك تېما . بىراق ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدىغان ئادەم چىقمىسا ، ئىنسانلار كوللېكتىپى «بۆرىلەر توپى» غا ئەمەس ، بەلكى «قويلار پادىسى » غا ئوخشاپ قالىدۇ .

پەقەت شەخىسنىڭ خاسلىقىغا مەدەت بىرىپ ، ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق ئىشقا سالغاندىلا ، كوللېكتىپ مەڭگۈلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولالايدۇ ؛ پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلىپ ، پەرقلەر ئارا ئورتاقلىقنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا ئاندىن كوللېكتىپ يېخىمۇ كۈچىيىپ ۋە كامال يېپىپ ، توسقۇنسىز بىر گەۋدىگە ئايلىنالايدۇ .

توپتىكى بۆرىلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ئائىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ . كارخانا خادىملىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش خادىملاردا كارخانىغا بولغان ساداققەت ۋە كەسپىي ئەخلاقنى يېتىلدۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ، ھەر قانداق كارخانىدا ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسلىدۇر .

بۆرىلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسى ئاجايىپ بولىدۇ . ئۇلار ، « بۇ دۇنيادا ئىرادەڭنى ھىچقانداق نەرسە نابۇت قىلىۋېتەلمەيدۇ . شۇڭا جۈرئىتىڭ تىشىپ تۇرسا ، ئۆز تەقدرىڭنىڭ ئىگىشىگە ئايلىنالايسىەن ؛ ناۋاد جاسارەتسىز بولساڭ ، ئۆزۈڭنىڭ دۈشمىنىڭگە ئايلىنىپ قالىسەن ! » دېگەننى ئوبدان بىلىدۇ.
مەنبە: بىلىك كۇلۇبى

2008年7月11日

توي چاچقۇسى ۋە شاكىراپ نان

توي چاچقۇسى ۋە شاكىراپ نان

ئابلىمىت ۋاھىت



ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئەتقاد قىلىشتىن بۇرۇن ئوز تارىخىدا شامان دىنى، مانى دىنى، بۇددا دىنى، نىستۇرىيان دىنى ۋە ئاتەشپەرەسلىك دىنى قاتارلىق دىنلارغىمۇ ئېتىقاد قىلغان.
بۇ دىنلار ئۇيغۇرلار تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا ئۇزلىكسىز يېڭىلىنىپ، ئوزئارا بوشىتىلىپ-تاشلىنىپ قىلىشتەك قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. بۇ دىنلار ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاستا-ئاستا يوقاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كىشىلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن قالدۇق تەسىرى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. مەسىلەن: شامان دىنىدىكى ئوت، ئىسرىق، دۇتلاش، ھورداش، ئەملەش، پىرى ئوينىتىش، ئۇچۇقداش، قۇربانلىق ۋە ئىستىقامەت قىلىش، چۇشنى جورۇش قاتارلىق ئادەتلەرنىڭ .بەزىلىرى ھازىرمۇ ئۇيغۇرلار تۇرمىشىدا مەۋجۇت.
ئاتەشپەرەسلىك دىنىدىكى ئوتقا ھۆرمەت قىلىش، ئىسرىق تاشلاش، ياغ پۇرىتىش، قاپاق كويدۇرۇش، كىلىن قىزنى ئوتتىن سەكرىتىش، ئولۇم بولغان جايدا چىراغ يەقىش، سەغىزخان سايرىسا ، مۇشۇك يۇزىنى يۇسا بۇنىڭ بىشارەتىنى جورۇش قاتارلىقلار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇيغۇرلارنىڭ توي ئادىتىدە توي چاچقۇسى چېچىش ۋە نىكاھ ئوقۇغاندا تۇزغا چىلانغان نان يەيىش ئادەتىمۇ ئۇيغۇرلار تۇرمىشىدا ئومۇمىيۇزلىك ۋە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ ئورپ-ئادەت بولۇپ ساقلانماقتا.
يۇقىرىدىكى ئېتقاد-ئەقىدە قاراشلىرىنىڭ بەزىلىرىنى شامان دىنىغا، بەزىلىرىنى ئاتەشپەرەسلىك دىنىغا تەۋە قىلغان بولساقمۇ، لېكىن "توي چاچقۇسى" "شاكاراپ نان" توغرىسىدىكى قاراشلارغا دىققەت-ئېتىبارىمىزنى ئاغدۇرمىدۇق. بۇ ئادەتلەر ئۇيغۇرلار تۇرمىشىدا قەدىمدىن تارتىپلا بارمىدى ياكى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن شەكىللەندىمۇ ؟ بۇ سوئاللار بىزنى ئايلاندۇرماي قويمايدۇ.
بۇددا دىنى شىنجاڭدا مىلادىيىدىن ئىلگىركى 1-ئەسىردە تارقىلىپ، ئوزۇن مۇدەتكىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ھەم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپ، بۇددا مەدىنيىتىدە پارلاق سەھىپە ئاچقان.
ئىسلام دىنى 10-ئەسىردە شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەن، قارىخانىلار خانلىقىنىڭ خاقانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قەشقەردە تۇنجى بولۇپ ئۇنى دۆلەت دىنى، دەپ جاكارلىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىسلام دىنى ئىلگىرى-كېيىن تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى، شىمالى، ھەمدە شەرقتىكى جايلارغا تارقىلىپ ئومۇملاشقان. ئىسلام دىنى قوبۇل قىلىنىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىلا، ئاندىن بۇددا دىنى ئاساسىي ھوكۇمرانلىق ئورنىدىن چۇشۇپ قالغان. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولۇدىكى، بۇددا دىنى باشقا دىنلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلار ئەڭ ئۇزاق ئېتقاد قىلغان دىن ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ دىننىڭ بەزى ئەقىدە-ئېتىقادلىرى ۋە ئورپ-ئادەتلىرى تۇرمىشىمىزغا سىڭىپ كىرمىگەن دەپ ئېيتالمايمىز.
ئۇيغۇرلارنىڭ توي مۇراسىمىدىكى "توي چاچقۇ" ئادىتى ۋە "نىكاھ ئوقۇغاندا شاكاراپ نان يەيىش" ئادىتى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئەتقاد قىلغاندىلا پەيدا بولۇپ قالغان ھادىسە بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئەتقاد قىلغاندا شەكىللەنگەن ئورپ-ئادەت بولۇپ، ئۇ بۇددا دىنىدىن ئىسلام دىنىغا ئۆتكەندە، ئىسلام دىنىنىڭ ئورپ-ئادەتلىرى بىلەن چىشلىشىپ-سىڭىشىپ ، ئايرىۋالغىلى بولمايدىغان ھالەت شەكىللەندى.
1. "چاچقۇ چېچىش ئادىتى":
____تۇركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ توي-توكۇنلىرىدىكى قىممەتلىك ئەنئەنىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر خىل ئورپ-ئادەت، چاچقۇ شامان ۋە مۇسۇلمان تۇركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ نىكاھ مۇراسىملىرىدا خىلمۇخىل شەكىلدە ئەلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ ، ھەرقايسى مىللەتلەردە چاچقۇ قىلىندىغان نەرسە بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. قىرغىز، قازاقلاردا قۇرۇت، ئىرىمچىك، كىچىك توقاچ، كۇمۇش پۇل ؛ چوماق، قىپچاقلاردا پۇل؛ كەركۇك رايۇنىدا پۇل، شېكەر، ياڭاق، بادام، قۇرۇق ئۇزۇم؛ ئەزەربەيجاندا مەۋە، پۇل، ئالما قاتارلىق نەرسىلەر قىزنىڭ بەشىغا ، شۇنداقلا تويغا قاتناشقانلارلىڭ بەشىغا چېچىلىدۇ. تۇركىي تىللىق خەلقلەردىكى قىزنى ئوز ئويىدىن كوچۇرۇپ يىگىتنىڭ ھۇجرىسىغا كىرگۇزۇشكە بولغان ئارىلىقتا ھەرخىل چاچقۇلارنى چېچىشتىن مەقسەت ___قىز-يىگىتنىڭ بىرلىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلدىغان جىن-ئەرۋاھلارنىڭ ئالدىنى ئىلىشتۇر. چاچقۇنى چاچقانلارنىڭ بالا-قازانى ھەيدىۋەتتۇق، دەپ ئىشەنگىنىگە ئوخشاش، چاچقۇدىن نېسىۋە ئالغانلارمۇ بۇنى ئۆزلىرىگە تەلەي ۋە بەرىكەت كەلتۈرىدۇ، دېگەن ئېتىقاد بىلەن ئۇزاق مۇددەت ساقلايدۇ. شۇ سەۋەبلىك تۇركىي تىللىق خەلقلەر ئارىسىدا توي-توكۇنلەردە چاچقۇ چېچىش مۇھىم بىر ئەنئەنىگە ئايلىنىپ، كۇندىن –كۈنگە مۇكەممەللىشىپ، ھەرقايسى دەۋەر خاس چاچقۇ ئادىتى بارلىققا كەلگەن.
ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن "كومىراجىۋا" ناملىق كىنۇ سىنارىيىسىدە ، ئەينى دەۋر توي-توكۇنلىرىدىكى ، شۇنداقلا خوشال كەيپىياتقا چومگەن چاغدىكى چاچقۇ ئادەتىنى تىلغا ئەلىپ ئوتۇپ، بۇ خىل ئادەتنىڭ تارىم ۋادىسىدا، جۇملىدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ خېلى ئۇزۇق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كورسىتىپ بەرگەن.
مەسىلەن، سىنارىيەنىڭ بېشىدا كوسەننىڭ يېڭى پۇتكەن خانلىق بېغىنى كۆزدىن كەچۇرۇش ئۇچۇن كەلگەن كوسەن شاھى ئاقارى پاڭ بىلەن خانىش خاننىڭ ئىنىسى ، ئاقارى چىن خاننىڭ سىڭلىسى مەلىكە چىۋا قاتارلىقلار پۇتۇشما تەرىپىدىن كۇتىۋەلىنغاندا "ناغرا-سۇناي سادادى، گۇل چاچقۇلىرى ئىچىدە پاياندازدىن يۇقۇرى ئورلەپ سۇپىغا چىقىپ، ئەتىراپقا نەزەر تاشلايدۇ" بۇ يەردە خان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا گۇل چاچقۇلىرى چېچىلىپ، ئۇلارنىڭ قۇتلۇق قەدىمىنى ئالقىشلىسا، كومىراتان بىلەن مەلىكە چىۋانىڭ توي مۇراسىمىدا ئۇلارنىڭ مەڭگۇ بىللە ۋە بەخىتلىك بولۇشىنى تىلەپ، "خانىشنى تىللا چاچقۇ چاچقۇزىدۇ" . مەلىكە چىۋا كومىراتان بىلەن توي قىلىپ "ئوغۇل تەۋلۇت قىلغانلىقى ئۇچۇن، ئاقارى پاڭ خاننىڭ خانىشى ئىشىك يۇچۇقىدىن زەرچاچقۇ چاچىدۇ. يەنە كومىراجىۋا كەشمىردىكى ئوقۇشنى تاماملاپ يەركەتكە كەلگەندە، سۇلى سوما، سۇللى باھادىرا، كومىراجىۋا ، مەلىكە چىۋا يۇلتۇزلار ئەينو ئاتا بىلەن ئەينو قەبىلىسىنىڭ ئويۇنلىرىنى تاماشا قىلىشقا قاتناشقاندا ، "سۇللى سوما ۋە سۇللى باھادىرا ئويۇنچۇقلارغا چاچقۇ چاچىدۇ" . دېمەك، بۇ سىنارىيىدىن شۇ نەرسە ئايانكى، مىلادىيە 3-، 6- ئەسىرلەردە تارىم ۋادىسىدا توي-توكۇنلەردە ھەم خوشالىققا چومگەندە چاچقۇ چېچىش ئادىتى خېلى ئومۇملاشقان. بۇ نۇقتا بىزگە چاچقۇ چېچىش ئادىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئەتقاد قىلىۋاتقان مەزگىلدىن باشلاپلا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئادەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
2. "شاكاراپ نان يەيىش ئادىتى":
___ تۇزنى ئۇلۇغلاش ئۇيغۇر قاتارلىق تۇركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرگە، شۇنداقلا دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان مىللەتلەرگە ئورتاق بولغان بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسسىدۇر.
تۇزنىڭ چىرىشتىن ساقلاش، تائامغا تەم كىرگۇزۇش قاتارلىق كوپ خىل خۇسۇسىيەتلىرى ئىنسانلاردا بارابارا تۇزغا بولغان ئېتىقادنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان. ئۇيغۇرلار تۇز يېمەكلىكلەرگە تەم بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كىشلىك تۇرمۇشقا، ھاياتقا ۋە زىمىندىكى بارلىق نەرسىلەرگىمۇ تەم ئاتا قىلدى، دەپ قاراپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇزغا بولغان ئېتىقادى ناھايىتى روشەن ئىپادىلىنىدۇ.
يىگىت-قىز توي قىلىشقا پۇتۇشكەندىن كېيىن، ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە "ئاش تۇزى" يەتكۇزىدۇ. ئاش سۇيى قاتارىدا تۇز كەم بولسا بولمايدۇ. مانا بۇ ئىككى تەرەپنىڭ توي ئىشلىرىنىڭ پۇتىمىدۇر. توي كۇنى قىز بىلە ن يىگىت قولداشلارنىڭ ھەمراھلىقىدا شاكاراپ ناندىن بىر بىردا يەيدۇ، بۇ نان ئادەتتە تالىشىپ يېيىلىدۇ. بۇ ئىككى ياشنىڭ مۇھەببىتى ئوزگەرمىسۇن، تۇرمىشى بەختىيارلىققا چومسۇن دېگەن تىلەكتىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇزدا بىر ئىلاھى قۇدرەت بار دەپ قارالغاچقا، قىز بىلەن يىگىتنىڭ قايسىبىرى ئالدى بىلەن شاكاراپ ناننى يەۋالسا، تويدىن كەيىنكى تۇرمۇشتا ئۇنىڭ گېپى ئوتىدۇ. يېڭى ئويگە كوچۇرۇپ كىرگەندە، ئويگە ئالدى بىلەن تۇزنى ئەلىپ كىرىدىغان ئادەت بار. بۇ شۇ ئويگە بەرىكەت ھەمراھ بولۇشىنى تىلەشتىن كەلگەن. يەنە ئۇيغۇرلاردا يەڭى تام سېلىنسا، شۇ ئويگە كوچۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن شۇ ئويگە تۇزنى بىرىنچى بولۇپ ئاپىرىپ قويىدۇ. بۇ شۇ ئوينىڭ بەرىكەتلىك بولىشى ئۇچۇندۇر.
"كومىراجىۋا" ناملىق كىنو سىنارىيىسىدە ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇزنى ئۇلۇغلاش ئادىتىمۇ روشەن ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، كوكىراتان بىلەن مەلىكە چىۋانىڭ توي مۇراسىمىدا "ئۇستاز پۇتۇشما كومىراتان بىلەن مەلىكە چىۋاغا شاكاراپ ناندىن بىر بۇردىدىن يېگۇزىدۇ" . بۇ بىر جۈملە بايان قارىماققا ناھايىتى ئاددىيلا يېزىلغاندەك كورىنسىمۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلاردىكى توي-توكۇنلەردە قىز-يىگىتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم بولۇشى، بىر-بىرى بىلەن مەڭگۇ ئايرىلماسلىقىنى رىلەپ، نىكاھ ئوقۇش ۋاقتىدا شاكاراپ ناندىن بىر بۇردىدىن يېگۇزۇش، قىسقىسى تۇزنى ئۇلۇغلاش ئادىتىنىڭ بۇنىڭدىن تەخمىنەن 1650 يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدىمۇ ئەكس ئېتىشىدىن ئىبارەت، خالاس .

رامىزان ئېيتىش ئويۇنى

رامىزان ئېيتىش ئويۇنى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياتقان بايلار،
روزىنىڭ زاكاتىغا پاتقان بايلار.
رامزان، ئاللا شەرئى رامزان،
خۇش مۇبارەك كەلدىلەر شۇل رامزان.

بۇ روزا شۇنداق روزا، مىھمان ئىكەن،
روزىنى تۇتمىغانلار ھايۋان ئىكەن.
رامزان، ئاللا شەرئى رامزان،
خۇش مۇبارەك كەلدىلەر شۇل رامزان.

روزىنىڭ ئونى قېنى، قەدرى قېنى؟
بۇلتۇرقى مۇسۇلمانلار بۇيىل قېنى؟
رامزان، ئاللا شەرئى رامزان،
خۇش مۇبارەك كەلدىلەر شۇل رامزان.

ئىشىكىڭنىڭ ئالدىدا تاينىڭ ئىزى،
كەشمىر ياغلىق بېرىدۇ باينىڭ قىزى.
رامزان، ئاللا شەرئى رامزان،
خۇش مۇبارەك كەلدىلەر شۇل رامزان.

تۈڭلۈكۈڭنىڭ بېشىدا ئاي كۆرۈنەر،
ھەممە ئۆيدىن مۇشۇ ئۆي باي كۆرۈنەر.
رامزان، ئاللا شەرئى رامزان،
خۇش مۇبارەك كەلدىلەر شۇل رامزان.


ھازىر بۇندائق ئويۇنلارنى بالىلار ئوينىماس بولۇپ كەتتى، مۇشۇ ئويۇنلارنىمۇ ئەسلەپ قويايلى!!!!

ھۆكۈمدارلار دەستۇرى

ھۆكۈمدارلار دەستۇرى

右对齐
نىككولو ماكياۋىللى [ئىتالىيە] (قىسقارتىلدى)

مىراسخورلۇق ياكى قورال كۈچى بىلەن زېمىن`گە ئېرىشىش

ئىنسانىيەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلغان دۆلەت ۋە ھاكىمىيەتنىڭ تىپلىرى پەقەتلا ئىككى خىل بولۇپ كەلدى: جۇمھۇرىيەت ياكى پادىشاھلىق…تاجاۋۇز قىلىپ ئېرىشكەن دۆلەتنىڭ خەلقى بىر بولسا بۇرۇندىنلا ئەركىن دۆلەت بولۇپ، كېيىن تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراپ ئەركىنلىكنى يوقاتقئان بولىدۇ. بىراۋنىڭ تاجاۋۇز ئارقىلىق باشقىلارنىڭ زېمىنىنى ئىگەلىيەلىشىدى سەۋەپ شۇكى، بىر بولسا ھۆكۈمرانلار باشقىلارنىنگ قورال كۈچىگە تايىنىدۇ، بىر بولسا ئۆزىنىڭ قورال كۈچىگە تايىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەپ بار دېيىلسە، ئۇ پادىشاھنىڭ تەلىيى ۋە ئۆزگىچە ئىقتىدارىدىن كەلگەن.

مىزاندىن چەتنىمەسلىك: ھۆكۈمرانلىقنى ساقلاپ قېلىش سەنىتى

مىراسخور پادىشالىقنى ساقلاپ قېلىش يېڭىۋاشتىن تىكلەڭەن پادىشاھلىقنى ساقلاشقا قارىغاندا كۆپ ئاسان…ئۇ ئادەتتىكى پادىشاھ بولغان تەقدىردىمۇ، مىزاندىن چىقىپ كەتمىسىلا ئۆزىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قالالايدۇ، پەۋقۇلاددە زور بىر كۈچنىڭ ئۇنىڭ ئورنىنى تارتىۋېلىش بولسا ئايرىم ئەھۋالدۇر. ناۋادا، شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغۇچى بىرەر پالاكەتكە يولۇقۇپ قالسىلا، ئەسلىدىكى پادىشاھ ھاكىمىيەتنى تىرىلدۈرەلەيدۇ…بىر ئىسلاھات يەنە بىر ئىسلاھاتنىڭ ئۇرۇقىدۇر.



ئۈچىنچى باب


ئىستېلا قىلىنغان رايوننى قانداق باشقۇرۇش كېرەك

ئىستېلا قىلىنغان رايون خەلقلىرىنى ئىمكانقەدەر پەپىلەش كېرەك. ئەگەر، بۇمۇ كار قىلمىسا، ئۇلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋېتىش كېرەك. چۈنكى، بىر ئادەم زىيان-زەخمەتكە يەڭگىلرەك ئۇچرىسا، ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى قىساس ئېلىشقا قۇربى يېتىدۇ. ئەگەر، بىر ئادەمگئە بېرىلگەن زەربە ئەغىر بولسا، ئۇ قىساس ئېلىشقا مەڭگۇ ئاجىز كېلىدۇ.
ئەبەدىي توغرا بولغان مۇنداق بىر ئومۇمىي پرىنسىپ بار: كىم باشقىلارنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن، ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولىدئۇ .
ئاتا مىراس پادىشاھلىق باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى يېڭى قۇرۇلغان باشقا بىر پادىشاھلىققا تەتبىقلىغاندا، ئىش تەس بولىدۇ. بىرىنچىدىن، ئەگەر بۇ يېڭى پادىشاھلىق پۈتۈنلەي يېڭى قۇرۇلغان بولماي، بەلكى قىسمەن جەھەتتىن يېڭى قۇرۇلغان بولسا (بۇندئاق ھاكىمىيەت ئەمەلىيەتتە ئەبجەش ھاكىمىيەتتۇر)، بۇنداق ئارىلاشما تەركىبلىك ھاكىمىيەت ئەسلىدە مەۋجۇت بولغان كاشىلىلار تۈپەيلى قالايمىقان بولۇپ كېتىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئۆز سەلتەنەتىنى ئوڭۇشلۇق تىكلىيەلىشىدىكى سەۋەب دەل مەزكۇر ئەل خەلقلىرىنىڭ ئۆز ھۆكۈمدارنى ئالماشتۇرۇش، يېڭى ھۆكۈمدارنىڭ باشقۇرۇشىغا ئوتۇش، ھالىنى ياخشىلاش ئارزۇسىدا بولغانلىقىدۇر. شۇڭلاشقا، مەزكۇر ئەل خەلقلىرى قولىغا قورال ئېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ھوكۇمدارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ، يېڭى ھۆكۈمدارلىقنىڭ تىكلىنىشىگە يول ئاچىدۇ. بىراق، ئىش ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن خەلق ئوز ھەرىكىتىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئالدانغانلىقىنى ھەس قىلىدۇ. ھاكىمىيەت ئالمىشىش ئۇلارغا ھېچقانداق ئەۋزەللىكلەردىن ئەكەلمىگەن بولىدۇ. ئەكسىچە، خەلق ئوز ھالىنىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ يامان بەتتئەرلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ. بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ سەۋەبى نىمە؟ مېنىڭچە، بۇ مۇنداق بىر تەبىىي ئامىلدىن كەلگەن: يېڭى ھاكىمىيەت ئۆزىنى مۈستەھكەملەش ئۈچۈن ئارمىيىنى ئىشقا سېلىپ، خەلققە بىر مۇنچە بالايىاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ھاكىمىيەت ئۆزىنىڭ يېڭى پۇقرالىرىنى رەنجىتىپ قويىدۇ.
بۇنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، سەن شۇ ئەلنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن تاجاۋۇزۇڭغا ئۇچرىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ دۈشمىنىڭگە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى تېزلا بايقايسەن. بۇ چاغدا ھاكىمىيەتنى ئىگىلىشىڭدە ساڭا قولچوماق بولغان كىشىلەرمۇ سېنى قوللىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ چاغدا سەن دوستلىرىڭنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرالماي قالىسەن. شۇنداقلا ئۇلارغا نىسبەتەن قاتتىق قول بولالمايسەن. چۈنكى، سەن دوستلارغا ۋاپادار بولۇش كېرەك دەپ ئويلايسەن. يېڭى ھۆكۈمدارنىڭ قاتتىق قول بولالماسلىقىدىكى يەنە بىر سەۋەپ شۇكى، ئىستېلاچى قورال كۈچى جەھەتتە قانچىلىك كۈچلۈك بولمىسۇن، ئۇ يېڭى ئالغان رايونئغا كىرگەندە، شۇ رايون خەلقىگە ئاز- تولا ياخشى تەسىرات بېرىشى كېرەك، بولمىسا ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى داۋام قىلالمايدۇ. بۇنىڭغا داىر مىساللار ئاز ئەمەس: فرانسىيە پادىشاھى لۇى 12 گەرچە مىلان كىنەزلىكىنى قىلىچىنى قانغا بۇيىمايلا ئىگىلىگەن بولسىمۇ، كئېيىن، ئۇنىڭ مىلانىنى قولدىن بېرىپ قويۇشىمۇ بىردەملىك ئىش بولغان. چۈنكى، فرانسىيە پادىشاھىغا سېپىل قوۋۇقلىرىرىنى ئېچىپ بەرگەن خەلق كېيىن ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنىڭ كۆپۈككە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ، يېڭى پادىشاھنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتا يۈرگۈزگەن شەپقەتسىز ھوكۇمرانلىقىغا قاراپ تۇرالمىغان.
تەبىىيكى، ئىسيان يۈز بەرگەن شۇ ئورۇنلار قايتا ئىستىلا قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ رايونلارنىڭ قۇتۇلۇپ چىقىشى ئاسانغا توختىمايدۇ، چۈنكى ھۆكۈمدار ئىسياندىن ئىبارەت بۇ ئەمەلىيەتنى بانا قىلىپ، ئىسيانچىلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرىدۇ. گۇمانلىق ۋە خئەۋپلىك شەخسلەرنى تەپىپ چىقىپ يوقىتىدۇ-دە.، ھاكىمىيىتىنى چېڭىتىدۇ. شۇڭا ، فرانسىيە پادىشاھىنىڭ تۇنجى ئىستېلاسىغا ئايلىنئىپ قالغان مىلاننىڭ قولغا قايتىپ كېلىشىدە گراف لودوۋىكونىڭ چېگرادىكى قوزغىلىڭى كۇپايە بولغانىدى. بىراق، فرانسىيە پادىشاھى مىلاننى قايتا بېسىۋالغاندىن كېيىن مىلاننى قايتۇرۇۋېلىشقا بەسى مۈشكۈل بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا فرانسىيە قارشى ھەرىكەتكە كېلىپ، فرانسىيە پادىشاھ ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، فرانسىيىلىكلەرنى ئىتالىيىدىن قوغلاپ چىقىرىشى لازىم بولىدۇ. بىراق، تەەججۈپكى، لۇى 12 ئۆزى ئىستېلا قىلغان مىلاننى ئۇدا ئىككى قەتىم قولدىن بېرىپ قويدى.
ئەمدى فرانسىيە پادىشاھىنىڭ مىلانىنى ئىككىنچى قەتىم قولدىن بىرىپ قويۇشىدىكى سەۋەبنى ۋە فرانسىيىنىڭ مىلاننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوللىنىشى كەرەك بولغان چارىنى ياكى فرانسىيە پادىشاھى قوللىنالمىغان باشقا بىر ھۆكۈمدارنىڭ قوللىنىشى مۇمكىن بولغان چارىنى سۆزلەپ ئۆتۈمىز.
مېنىڭ كۆزىتىشىمچە ، ئىستېلا قىلغۇچى دۆلەت بىلەن ئىستېلا قىلىنغۇچى دۆلەتنىڭ بىر بولسا ھەر ئىككىسى مىللەتداش ، غەيرىي تىلداشلاردىن بولىدۇ(ئۇلارنىڭ مىللىتى، ۋەتىنى ئايرىم بولىدۇ). ئەگەر، ئىستېلا قىلىنغان ئەلنىڭ خەلقلىرى ئىستېلاچى لار بىلەن ئوخشاش بىر مىللئەتتىن بولسا، بولۇپمۇ، ئىستېلا قىلىنغان ئەل ئەركىن مۇھىتتا ئۆتمىگەن بولسا ، ئۇنداق ئەلگە بولغان ھۆكۈمرانلىقنى داۋاملاشتۇرئۇش ئوڭاي بولىدۇ، ھېچقانداق كۈچ كەتمەيدۇ. ئەسلىدىكى دۆلەت خاقانىنىڭ ئەۋلادلىرىنى يوقاتسىلا مۇستەملىكە ئەل ئېمىن تاپىدۇ. باشقا جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىستېلا قىلىنغان رايوندىكى خەلقنىڭ ئەنەنىسىنى ساقلاپ قېلىپ، ئەسلىدىكى ئورپ-ئادەتلىرىگە تەگمىسىلا، ئىستېلا قىلىنغان رايون خەلقلىرى يېڭى ھۆكۈمدارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا تىپتىنچ كېتىۋېرىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللارنى كىشىلەر برېتئان، بۇرگۇن، گاسكونى، نورماندىيە قاتارلىق رايونلارغا ئاىت مىساللاردىن ئۇچرىتىدۇ. بۇ رايونلار فرانسىيىگە ئۇزۇن مۇددەت قارام بولۇپ تۇرۇش ئاقىۋىتىدە، فرانسىيە زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ قالدى. باشتا يەرلىك خەلق بىلەن ئىستىلاھچىلار ئوتتۇرىسىدا تىل جەھەتتىكى مۇەييەن پەرق بولسىمۇ، لېكىن óرپ-ئادەتلىرى ئومۇمەن بىردەك ئىدى. شۇڭلاشقا، ئىستىلاھچىلار بىلەن ئىستېلا قىلىن`غۇچھىلار ئاسانلا بىرلىككە كېلىپ، ئىناق ئۆتەلمىگەندىكىن. مەيلى كىم بولسۇن ئىگىلىگەن زېمىنىنى ساقلاپ قالىمەن دەيدىكەن، مۇنداق ئىككى ئىسھنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك: ئىستېلا قىلىنغان رايوننىڭ ئەسلى ھۆكۈمدارنىڭ ئەۋلادىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشى كېرەك. يەنە بىرى، ئىستئېلا قىلىنغان رايون خەلقلىرىنىڭ ئۇزۇن دەۋرلەردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان قانۇن-تۈزۈملىرىنى ۋە باج-ئالۋاڭ تۈزۈملىرىنى ھەرگىز ئۆزگەرتكەنلىكىنى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا، ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىستېلاچىلار بىلەن ئىستېلا قىلىنغۇچىلار بىر گەۋدىگئە ئايلىنىپ، ئۇيۇلدەك بىر دۆلەت روياپقا چىقىدۇ.
ئەگەر، ئىستېلا قىلىنغان رايون خەلقى تىل، قانۇن، ئۆرپ-ئادەت جەھەتلەردە ئىستېلاچىلار بىلەن پەرقلىق بولسا، قىيىنچىلىق ئىنتايىن زور بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئىستېلا قىلىنغان رايوننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق ئامەت بىلەن بىرلىشىپ كەلگەن بولۇشى كېرئەك. ئەڭ ياخدھى ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇللارنىڭ بىرى شۇكى، ئىستېلاچى ئىستېلا قىلىنغان رايوندا ئولتۇراقلىشىشى كېرەك. بۇ ھۆكۈمدارنىڭ ئاشۇ رايونغا بولغان ئىگىدارلىقىنى بىخەتەر قىلىدۇ ۋە ئۇزارتىدۇ. تۈركلەر گرېتسىيىگە ئەنە شۇنداق قىلغان. ئەگەر ئەينى ۋاقتتا، تۈركىيە پادىشاھى گرېتسىيىگە بېرىپ ئۇزاق مۇددەت ئولتۇراقلاشمىسا، پادىشاھ ئىستېلا رايونىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر قانچە قىلسىمۇ بىكارغا كەتكەن بولۇر ئىدى. بۇنىڭدىكى قاىدە ناھايىتى ئاددىي. چۈنكى، يېڭى ھۆكۈمدار ئىستىلا قىلغان يەردە تۇرسا، توپىلاڭ ۋە تەرتىپسىزلىك ئامىللىرى كۆرۈلسە، ھۆكۈمدار ئۇلارنى دەرھاللا سېزىپ بىخ ھالىتىدە تىنچلىتىشقا ئۈلگۈرەلەيدۇ. ئەگەر، ھئۆكۈمدار ئىستىلا قىلىنغان جايدا تۇرمىسا، ھۆكۈمدار يۈز بەرگەن ئىشلار چوڭىيىپ كەتكەندە سېزىدۇ، ئۇ چاغدا، ھۆكۈمدار كەسكىن تەدبىر قوللانسىمۇ، كېچىككەندىن توپىلاڭنى بېسىقتۇرالمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدىن ساقىت بولۇشنىڭ ئېپى شۇكى، يەرلىك خەلقنى ئەمەلدارلارنىڭ زۇلىمىدىن خالىي قىلىش، ئاۋامنىڭ پادىشاھنىڭ خەير-ساخاۋىتىدىن بەھرىمان قىلىپ، ئۇلارنى رازى قىلىش لازىم. شۇنداق بولغاندىلا، پادىشاھقا سادىق پۇقرالار پادىشاھنى تېخىمۇ قوغدايدىغان بولىدۇ، پادىشاھقا يامان غەرەز ساقلىغان پۇقرالار پادىشاھدىن قورقىدىغان بولىدۇ. نەتىجىدە، بۇ ئەلگە خىرىس قىلىۋاتقان سىرتقى دۈشمەنلەر ھەرىكەت قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. خۇلاسە تامام شۇكى، ھۆكۈمدار ئۆزى ئىستىلا قىلغان جاينى ئىگەللەپ تۇرسىلا ئۇنى قايتۇرۇپ ئېلىش مۈشكۈل ئىش بولىدۇ.
يەنە بىر ئەۋزەل تاكتىكا شۇكى، ئىستىلا قىلغان رايوننىڭ مۇھىم بىر-ئىككى ئورنىدا مۇستەملىكە ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك، بۇنداق قىلىش ئۈنۈملۈتۇر. ئۇنىڭغا كۆپ ئىقتىساد كەتمەيدۇ. پەقەت ئاز-تولا خىراجەت بىلەنلا ئۆز دۆلىتىنىڭ بىر قىسىم پۇقرالىرىنى ئىستىلا قىلىڭھان رايونغا كۆچۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنداق قىلمىسا ئىستىلا رايونىدا كۆپ تۈركۈملەپ ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا توغرا كېلىپ ئىقتىسادمۇ جىق كېتىدۇ. مۇستەملىكە جەريانىدا، ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن زىيان-زەخمەتكە يولۇققىنى يەر ۋە مۈلۈكلىرىنى كۆچۈرۈپ كەلگەن ئىشگھالىيەتچىلەرگە مەجبۇرىي رەۋىشتە بېرىپ قويغان بىر قىسىم كىشىلەردىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇلار ئىستىلا رايونىدىكى ئاز ساندىكى ئاۋامغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇلار ئولتۇراقلىشىشى جەھەتتە تارقاق ۋە نامرات كىشىلەر بولغاچقا، بىر تۇتاش كەيپىيات ھاسىل قىلالمايدۇ، نەتىجىدە ھۆكۈمدارنىڭ ئىستىلا رايونىدىكى كóپسانلىق كىشىلەر زىيان-زەخمەتكە يولۇقمىغانلىقتىن، زىيان-زەخمەتكە يولۇققان بايىقى ئاز ساندىكى كىشىلەرنى ئالداپ-پەپىلەشمۇ ئاسانغا توختايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغان بۇ ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان كىشىلەردەك قىسمەتكە قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يۈرەكزادىلىك ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلئەن ئىش تۇتىدۇ. يېڭى ھۆكۈمدارنىڭ غەزىپىگە قېلىشتىن قورقىدۇ.
ئومۇمەن ، بۇ خىل مۇستەملىكە ھەرىكىتىگە كۆپ خىراجەت كەتمەيدۇ. ئۇ مۇقىم ۋە ئىشەنچلىك بولىدۇ، زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ سانىمۇ ئاز بولۇپ، ھۆمدارنىڭ ھاكىمىيىتىگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا دىققەت قىلىشقا تېگىسھلىك بىر مەسىلىنى قىستۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن: ئىستېلا قىلىنغان رايون خەلقلىرىنى ئىمكانقەدەر پەپىلەش كېرەك، ئەگەر بۇمۇ كار قىلمىسا، ئۇلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋېتىش كېرەك. چۈنكى، بىر ئادەم زىيان-زەخمەتكە يەڭگىلرەك ئۇچرىسا، ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى قىساس ئېلىشقا قۇربى يېتىدۇ. ئەگەر، بىر ئادەمگە زەربە ئېغىر بولسا، ئۇ قىساس ئېلىشقا مەڭگۈ ئاجىز كېلىدۇ. شۇڭا، مۇمكىنقەدەر كىشئىلەرگە زىيان-زەخمەت يەكۈزمەسلىك كېرەك. يەتكۈزگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۇنى ئۈزۈل- كېسىل يوقىتىپ تاشلاش كېرەك.
ئەگەر، مۇستەملىكە ھەرىكىتىنى ئىستىلا رايونىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇش تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلسە، مۇقەررەر ھالدا دۆلەت خەزىنىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسراپ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ چىقىم كۆتۈرمەيدۇ. بۇنداق بولغاندا، زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغانلارنىنگ كۆپ بولىدۇ. چۈنكى، ئارمىيە ئۇ يەر، بۇ يەرگە يۈرۈش قىلىپ، يەرلىك پۇقرالار پېشكەللىككە يولۇقىدۇ. بۇنداق بولۇۋەرسە، كىشىلئەر پادىشاھنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. گەرچە، مۇستەملىكە خەلقلىرى بويسۇندۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز دىيارىدا يئاشاۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ گېزى كەلسە پادىشاھقا خەۋپلىك ھەرىكەتلەرنى ئۇيۇشتۇرالايدىغانلىقىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. شۇڭا، مەيلى قايسى نۇقتىدىن ئېيتايلى، ئىستىلا رايونىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇش چىقىم كۆتۈرمەيدىغان قىلىق، ئاھالە كۆچۈرۈش ئىنتايىن ياخشى چارىدۇر.
ئەگەر، بىر ھۆكۈمدار يوقىرىدا دېيىلگەندەك تىل، قانۇن، ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىن ئۆزلىرىگە يات بولغان بىر رايوننى ئىگىلىسە، ئۇنداقتا، ئۇ ئۆزىنى ئاش ئاجىز قوشنا ئەلنىڭ رەھبىرى ۋە ھىمايىچىسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى قاۋۇل كۈچلەرنى ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئاجىزلاشتۇرۇشى، ئۆزىگە ئوخشاش كۈچلۈك چەت ئەل ھۆكۈمدارلىرىنىڭ تاسادىپىي ھالدا ئەتراپىدىكى ئاجىز دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىشىدىن ھەر ۋاقت ئاگاھ بولۇشى كېرەك. رېال تۇرمۇشتا مۇنۇ ئەھۋاللار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ: ئۆز خاقانىدىن رازى بولمىغان كىشىلەر مەككارلىق ۋە قورقۇنچاقلىق بىلەن چەت ئەل كۈلىرىنىڭ ئۆز ئېلىگە كىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۆرىنى قوتانغا باشلاشتەك بۇنداق ئەھۋالنى رۇملۇقلارنىڭ يۇنان`غا كىرىشىگە داىر ئىشلاردىن روشەن كۆرگىلى بولىدۇ . قىزىقارلىق يېرى شۇكى، رۇملۇقلار باشقا ئەللئەرگە كىرگەندە، ھەمىشە شۇ ئەلدىكى ئايرىم كىشىلەرنىڭ يوچۇق ئېچىپ بېرىشى بىلەن كىرگەنىدى. ئىشلار ھەمىشە شۇنداق بولىدۇ: چەت ئەل كۈچلىرى مەلۇم بىر رايونغا ئۈسۈپ كىرگەندىن كېيىن، مەزكۈر رايوننىڭ ئاجىز كۈچلىرى ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمدارلىرىدئىن قانا`ئەت تاپماي ياكى ئۇلارغا ھەسەت قىلىپ، تاجاۋۇزچى چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىستىلا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەل بولغان رايوندىكى ئاجىز كۈچلەرنى ئۆزىگە تارتىش كېرەك. چۈنكى، ئۇلار ئىستېلاچىلارنىڭ ھاكىمىيىتى بىلەن ئۆزى خالاپ سىڭىشىدۇ. ئىستېلاچى ئەنە شۇ كۈچلەرنىڭ زورىيىپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىگە تەھدىت بولۇشىدىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك. ئىستېلاچى ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، ئاجىز كۈچلەرنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئىستىلا رايونىدىكى كۈچلۈك گۇرۇھ مەز`ھەپلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدۇ ۋە ئۆزىنى ئاشۇ رايوننىڭ مەڭگۈلۈك ھۆكۈمدارغا ئايلاندۇرىدۇ. ئەگەر، ئىستېلاچى بۇلارنى مۇۋاپىق ھەل قىلالمىسا قولغئا كەلتۈرگەن ھەممە نەرسىلەرنى تېزلا قولدىن بېرىپ قويىدۇ. ئۇ مەزكۇر رايوننى باشقۇرغان ئەھۋالدىمۇ ئاۋارىچىلىق كۆپ بولىدئۇ.
بۇ جەھەتتە رۇملۇقلار ياخشى نەمۇنىدۇر. رۇملۇقلار ئۆزى ئىستىلا قىلغان بارلىق رايونلاردا بۇ قاىدىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلدى. رۇملۇقلار ئىستىلا رايونىغا مۇستەملىكە يۈرگۈزگەندە، ئاجىز، كىچىك ئەللەرنى سىلاپ-سىپىدى، ئەمما، ئۇلارنى كۈچەيتىۋەتمىدى. ئۇلار كۈچلۈك گۇرۇھلارنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، چەت ئەل ھۆكۈمدارلىرىنىڭ مەزكۇر رايونغا تەسىر كۆرسىتىشىگە يول قويمىدى ۋە باشقىلار. بۇ يەرگئە كەلگەندە، مەن يۇنان`غا داىر مىساللارنى قەيت قىلىپ ئوتەي. ئەينى ۋاقتتا، يۇناندىكى ئاركايالىقلار بىلەن ئاتېرىيالىقلار ھەمكارلىشىپ ماكېدون خانلىقىنى بويسۇندۇردى. ئانتىوكونى قوغلاپ چىقاردى. شۇنداق بولسىمۇ، رۇملۇقلار ئاركايالىقلار بىلەن ئاتېرىيالىقلار ئەجرىگە يۈز قاراپ، ئۇلارنىڭ كۈچىيىشىگە يول قويىۋەتكىنى يوق. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ زورىيىشىنى ئامالىنىڭ باەرىچە توستى. رۇملۇقلارغا ھەمكارلاشقان فىلىپقا نىسبەتەن، پىلىپ گەرچە ئۆزىنىڭ رۇملۇقلارغا بولغان دوستلىقىنى پەش قىلىپ سۆزلىگەن بولسىمۇ رۇملۇقلار ئۇنىڭغا رەھىم قىلماي جايلىۋەتتى. ئانتىوكو كۈچلىرى شۇ قەدەر ئاجىز بولسىمۇ، روملۇقلار ئۇنى ھېچقانداق مەرتىۋىگە ئېرىشتۇرمىدى. رۇملۇقلارنىڭ يۇقىرىقىدەك تەدبىرلىرىنى بارلىق ئاقىل ھۆكۈمدارلار ئۆگىنىشكە تېگىشلىك: ھۆكۈمدارغا نىسبەتئەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئويلىشى لازىم بولغىنى كۆز ئالدىدىكى كۆرۈنۈپ تۇرغان قىيىنچىلىقلا بولۇپ قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ-خەتەرلەر ھەققىدىمۇ باش قاتۇرىشى كېرەك. بىر دانا ھۆكۈمدار كەلكۈندىن بۇرۇن توغان تۇتۇشى، خەر خىل خەۋپلەرگە نىسبەتەن ئالدىنى ئېلىش تەييارلىقىنى قىلىپ قويىدۇ. يېڭى بايقالغان ۋاقتىدىكى خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئونگاي، لېكىن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئەۋجى يېتىپ كەلگەندە ئىش تۈگەشكەن بولىدۇ. بۇ خۇددى كېچىكىپ بايقالغان ئۆپكە كېسىلىگە ئوخشايدئۇ. دەسلەپكى باسقۇچتىكى كېسەلنىڭ بايقىلىشى تەس بولىدۇ. ئەمما، دىاگونۇز قويۇپ بايقالسىلا داۋالاش قىين`غا توختىمايدۇ. لېكىن كېسەل ئەڭ باشتا تەكشۈرۈپ بايقالمىسا ۋە كېسەلگە لايىق رېتسىپ قوللىنىلمىسا، ئاي-كۈنلەر ئۆتۈپ كېسەل ئېغىرلاشقاندا بئايقالسا، ئىش كېچىككەن بولىدۇ. بۇ قاىدىنى دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا تەدبىقلىغى بولىدۇ. ئەگەر، بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمدارى دۆلەتتىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ئۆتكۈرلۈك بىلەن ئالدىن سېزەلىسە (بۇنداق قىلىش ئەڭ دانا كىشىلەرگە نېسىپ بولىدۇ)، ئۇ يۈز بەرگۈسى ئىشلارنىڭ تەدبىرىنى ئالدىن تۈزەلەيدۇ. ئەگەر، ھۆكۈمدار ئىنچىكە ۋە تىرىشچان بولمىسا، خەۋپ-خەتەر ئاستا-ئاستا تەرەقى قىلىپ، جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە قانچە قىلسىمۇ پايدىسى بولمايدۇ. شۇڭا، ئەينى دەۋردىكى رۇملۇقلار كەلمىش خەۋپ- خەتەرنى يىراقتىن بايقئاپ، ئۇنى يوق قىلغان. ئۇلار ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن خەۋپ-خەتەرلەرنىڭ يوشۇرۇن تەرەققىياتىغا قىلچە يول قويمىغان . چئۈنكى، ئۇرۇش ساقلانغىلى بولمايدىغان ئىش. ۋاقت سوزۇلسا، بۇنىڭ پايدىسى قارشى تەرەپكە بولىدۇ. رۇملۇقلار بۇنى ناھايىتى يئاخشى چۈشەن`گەچكە، ئەينى ۋاقتتىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرىدىن بولغان پىلىپ ۋە ئانتىوكولارغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئىتالىيىدە كەلگۈسىدە ئۆزلىرىگە قارشى يۈز بېرىدىغان ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالغان . گەرچە، رۇملۇقلار ئەينى ۋاقتتا بۇ ئىككى مەيدان ئۇرۇشتىن ساقلىنالىسىمۇ، ئۇنداق تاللاشتىن ۋاز كەچكەن. رۇملۇقلار بىز ھەمىشە دانىشمەنلەرنىڭ ئاغزىدىن ئىشتىدىغان: <> دېگەندەك ئىبئارىلەرنى ئەزەلدىن ياقتۇرمايتتى. ئەكسىچە، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا ۋە پەخەسلىك بىلەن چىقارغان ھۆكۈملىرىگىلا ئىشىنەتتى. چۈنكى، ۋاقت ئۆزى بىلەن ئەگەشتۈرۈپ ھەممە نەرسىنى ئېلىپ كېلىدۇ: ئۇ ياخشى ئىشلارنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ ، يامان ئىشلارنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ ياكى ھەر ئىككىسىنى تەڭلا ئېلىپ كېلىدۇ.
ئەمدى بىز دىققەتنى فرانسىيىگە ئاغدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ باقايلى، ئۇ يۇقىرىقىدەك قىلغانمۇ-يوق. مەن چارلىز ھەققىدە سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن، پەقەتلا لۇى ھەققىدە توختىلاي. چۈنكى، لۇىنىڭ ئىتالىيىنى بېسىپ ياتقان ۋاقتى ئۇزۇنراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنى كۈزىتىشمۇ ئوڭايراق. كۈزىتىشلەر ئارقىسىدا شۇنى بايقىدۇقكى، لۇىنىڭ ھەرىكىتى يات بىر ئەلدە ھاكىمىيەت تۇتۇشتا قىلىشقئا تېگىشلىك ئىشلارغا تۈپتىن خىلاپ.
فرانسىيە پادىشاھى لۇى دەل ۋېنېتسىيىلىكلەر باشلاپ كەلگەن بورە، ۋېنېتسىيىلىكلەر لۇىنى تاجاۋۇز قىلدۇرۇش ئارقىلىق لومباردىيەنىنگ (ئىتالىيىنىڭ بىر مەمۇرىي رايونى) يېرىمىگە ئېرىشمەكچى بولغانىدى. مەن بۇ يەردە فرانسىيە پادىشاھىنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، بىر قىسىم يەرلەرنى ئىگىلىۋالغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ ئولتۇرماي. چۈنكى، ئۇ ئىتالىيىدە پۇت دەسسەپ تۇرالىغۇدەك بىر جاي ھازىرلىماقچى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىتالىيىدە ئۇنىڭ دوستلىرى يوق ئىدى. بۇرۇن پادىشاھ چارلىزنىڭ ھەرىكىتى قارشى ئېلىنمىغاچقا ، لۇىنىڭ ئىتالىيىدىن دوست تېپىش تىرىشچانلىقىمۇ ئىزچىل مەغلۇپ بولدى. لۇىنىڭ باشقا ئىشلىرىدا خاتالىق سادىر بولمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئىتالىيىگە باستۇرۇپ كىرىشتىكى مۇددىاسىمۇ ئەمەلگە ئاشقان بولاتتى. پادىشاھ لۇى لومباردىيىنى ئىگىلەش بىلەم قايتا قولغا ئالدى. رىنايئا ئۇنىڭغا باش ئەگدى. فلورېنىسىيىلىكلەر دوستقا ئايلاندى. ماركىز مانتۇيا، كىنەز فېررارا، ۋانتىۋورى، فىلىف خانىم، لودفاېنزا، پاسسارو، رىمىلى، كامارىلو، پىوموبىنو (بۇ كاتتىلار ئىتالىيىدىكى ھەرقايسى شەگەر دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى.) قاتارلىق ئاقسۆڭەكلەر ھئەمدە لۇگالىقلار، پىسسالىقلار، سىيىنالىقلار لۇىغا دوستلۇق قولىنى ئۇزاتتى. ۋېنېتسىيىلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ شۇم غەرىزى تۈپەلىدىن كېلىپ چھىققان يامان ئاقىۋەتنى پەقەت شۇچاغدىلا چۈشەندى! ئۇلار لومباردىيىنىڭ بىر قىسىم كىچىك شەھەرلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىتئالىيىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم زېمىنىنى فرانسىيىنىڭ باشقۇرۇشىغا تۇتۇپ بەردى!
قېنى، قىياس قىلىپ باقايلى، ئەگەر فرانسىيە پادىشاھى لۇى مەن يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكەن ئىستىلا رايونىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرى بويىچە ئىش تۇتقان بولسا، ئىتالىيىدە ئېرىشكەن زېمىن ، دوستلۇق، ئابرۇي قاتارلىقلارنى ھېچقانچە كۈچ سەرپ قىلمايلا ساقلاپ قالالايتتى. گەرچە، لۇىنىڭ ئىتالىيىدىكى دوستلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار زەىپ ۋە قورقۇنچاق بولۇپ، بەزىلىرى دىنىي ھاكىمىيەتتىن ، يەنە بەزىلىرى ۋېنېتسىيىلىكلەردىن قورقاتتى. شۇڭا، ئۇلار لۇىغا ئەگەشمىسە بولمايتتى. لۇى ئۆزىگە ئەگەشكەن ئەنە ش دوستلىرىغا تايانغان بئولسا، ئىتالىيىدىكى باشقا كۈچلۈك گۇرۇھلارنى ئاسانلا بەربات قىلالايتتى. كىشىنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، لۇىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى دەل بۇنىڭ تەتۈرىچە بولدى. پادىشاھ لۇى مىلان`غا كىرگەندىن كېيىن ئۆز ھاكىمىيىتىنى تۈگەشتۈرىدىغان ئىشنى قىلغئان: پاپا ئالېكساندر(ئەسلى ئىسمى رودرىگو بورجىا1413-1503 ئۇ پارا بېرىش ئارقىلىق رىم پاپاسى بولغان. ئۇ تەختكە ئولتۇرغاندا پاپىنىڭ ھوقۇقى كۈنسايىن ئاددىيلاشقان، ئۇ نىكاھسىز تاپقان ئوغلى چىسارى بورجىا ئارقىلىق دىننى قوغدىغۇچى سۈپىتىدە ئىتالىيىنىڭ رئومانا رايونىنى ئۆزىگە قارىتىۋالدى. ) نىڭ رومانانى بېسىۋېلىشىغا ياردەم قىلدى. ئۇ شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئىتالىيىدىكى دوستلىرىدىن ۋە ئۇنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنى ئۆزى ئاجىزلاشتۇرغانلىقىنى ئويلاپ يەتمىگەنىدى. بۇ يەردىكى دىنىي ھاكىمىيەتلەر ئەسلىدىلا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقى بىلەن زور ئىناۋەتكە ئىگە ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا فرانسىيە پادىشاھى ئۇلارغا گھايەت زور ئۆرپ-ئادەت ھوقۇقىنى بېرىۋەتكەنىدى. بۇ خۇددى يولۋاسقا قانات چىقىرىپ قويغاندەك بىر ئىش بولدى. فرانسىيە پادىشاھئى بىرىنچى قېتىملىق خاتالىقنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن يەنە كەينى-كەينىدىن خاتالىق ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. ئاخىرىدا ئۇ ئالېكسئاندرنىڭ تېسكارانى ئىگىلىۋېلىشتەك قارا نىيىتىنى توسۇش ئۈچۈن ئۆزى ئىتالىيىگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولدى.
پادىشاھ لۇىنىڭ خاتالىقى مۇنداق: ئۇ رۇم دىنىي ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇۋەتتى ھەم نۇرغۇن دوستلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. تئېخى بۇاز كەلگەندەك ناپلېس پادىشاھلىقىغا كۆز تىكىپ ، ئۇنى ئىسپانىيە پادىشاھى بىلەن تەڭ بۆلۈشمەكچى بولدى. پادىشاھ لۇى ئىتئالىيىنىڭ خوجايىنى بولۇپ تۇرۇقلۇق ئۆزىگە پۇت ئاتىدىغان يەنە بىر كۈنى پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، لۇى بويسۇندۇرغان جايدىكى قارانىيەتلەر ئۆزلىرىنىڭ دەرد-ھەسرىتىنى تۆكۈلدىغان خوجايىنغا ئېرىشىۋالدى. ئەسلىدە پادىشاھ لۇى بويسۇندۇرۇلغان رايوننىڭ ھۆكۈمدارىنى ۋەزىپىسىدە قويۇۋېرىپ، ئۇنى ئۆزىگە ئولپان تۆلەتكۈزگەن بولسا بولاتتى. بىراق، لۇى ئۆزىگە ئولپان تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئادەمنى(ناپلېس ئاراگەن پادىشاھى فېكېرىكو 1 نى كۆرسىتىدۇ) قوغلىۋېتىپ ئۆزىنى قوغلىۋېتەلەيدىغان يەنە بىر ئادەمنى-ئىسپانىيئە پادىشاھىنى-باشلاپ كەلدى.
زېمىن`گە ئېرىشىش ئادەملەردە بولىدىغان ئىنتايىن تەبىىي ئارزۇ، كىشىلەر بۇ ئارزۇنى كۈچى يېتىدىغان داىرىدە ئەمەلگە ئاشۇرغاندا، ئەيىبلەشكە ئەمەس، بەلكى ماختاشقا سازاۋەر بولىدۇ. لېكىن، ئارمان`غا لايىق دەرمان بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇرۇنۇسھ قىلسا، ئۇنىڭ نەتىجىسى بۇ خىل قىلمىشنىڭ تەنبىھلەشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەگەر، فرانسىيە پادىشاھى ئەينى ۋاقتتا نئاپلېسقا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئېرىشەلىگەن ئىكەن، ئىسپانىيە پادىشاھى بىلەن بۆلۈشۈۋېلىش ئۈچۈن ھەمكارلاشماسلىقى لازىم ئىدى. فرئانسىيە پادىشاھىنىڭ ۋېنېتسىيىلىكلەر بىلەن بىرلىكتە لومباردىيىنى بۆلۈۋېلىشى فرانسىيە پادىشاھىنىڭ ئىتالىيىدىن يىڭنە پاتقۇدەك ئورۇنغا ئېرىشىۋېلىشنى ئويلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دېيىلسە، بۇ توغرا بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا، فرنسىيە پادىشاھىنىڭ ناپلېسنى ئىككىنچى قېتىم ئىسپانىيە پادىشاھى بىلەن بىرلىشىپ بۆلۈۋېلىشى خاتا بولىدۇ. چۈنكى، ئىككىنچى قېتىمقىسىدا ئەقىلگە مئۇۋاپىق ئاساسلار كەم.
شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ لۇى بەش قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولدى: زەىپ گۇرۇھلارنى يوقىتىپ، ئىتالىيىدىكى كۈچلۈك گۇرۇھلارنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ زورايتىۋەتتى. كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە تاىپىلەرنى (ئىسپانىيە پادىشاھى فېردىناندو 2 نى كۆرسىتىدۇ) ئىتالىيىگە باشلاپ كىردى. ئىتالىيىدە ئۆزى پۇت قويۇپ تۇرمىدى، ئىتالىيىگە قارىتا مۇستەملىكە سىياسىتى ئېلىپ بارمىدى. ئۇ ئەنە شۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلغان بئولسىمۇ، ۋېنېتسىيىلىكلەرنىڭ زېمىنىنى تارتىۋېلىشتەك ئالتىنچى خاتالىقنى ئۆتكۈزۈشى سەۋەبلىك ئۇنىڭ بۈيۈك شان-شۆھرىتىنىڭ ھايئات چېغىدىلا سۇنۇشى ناتايىن ئىدى. ئەگەر، ئۇ رۇم دىنىي ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچىنى كېڭەيتىۋەتمىگەن بولسا، ئىسپانىيىلىكلەرنى ئىتالىيىگە باشلاپ كەلمىگەن بولسا، ۋېنېتسىيىلىكلەرنىڭ پادىشا لۇ`ئىغا باش ئۇرۇشى مۇقەررەر ئىدى. لۇى يۇقىرىقىدەك سەۋەنلىكلەرنى ئۆتكۈزگەن ئىكەن، ۋېنېتسىيىنىڭ ھالاكىتىگە قاراپ تۇرمىسا بولاتتى. ۋېنېتسىيىلىكلەر كۈچەيسە باشقىلارنىڭ لومباردىيەگە كۆز تاشلىشئىغا يول قويمايتتى. چۈنكى، ۋېنېتسىيىلىكلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، لومباردىيەگە ئۆزىلا خوجايىن بولىشى كېرەك ئىدى. يەنە باشقا دۆلەتلەرمۇ لومباردىيەنى فرانسىيەنىڭ قولىدىن ۋېنېتسىيىلىكلەرگە ئېلىپ بېرىشنى خالىمايتتى. چۈنكى، چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ھەر ئىككىسى بىلئەن دۈشمەنلەشكۈدەك قۇدرىتى يوق ئىدى.
بەزىلەر فرانسىيە پادىشاھى لۇىنى ئاقلاپ، ئۇنىڭ رومانانى پاپا ئالېكساندىر ۋى گە بېرىۋېتىشى، ناپلېسنى ئىسپانىيەگە بېرىۋېتىشى ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن دېيىشىدۇ. بۇنىڭغا مېنىڭ بېرىدىغان جاۋابىم مۇنداق: بىر ھۆكۈمدار ئۇرۇشتىن ساقلانماقچى بولىدىكەن، قالايمىقانچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ئۇنداق قىلىش بىلەنلا ئۇرۇشتىن ساقلانغىلى بئولمايدۇ. ئۇرۇشنىڭ پارتلاش ۋاقتىنى كەينىگە سوزۇشنىڭ پايدىسى يوق. ئېھتىمال، بەزىلەر فرانسىيە پادىشاھى لۇىنىڭ پاپىغا ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا يار-يۆلەك بولىشى پاپىنىڭ پادىشاھ لۇىنىڭ نىكاھىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قوشۇلغانلىقى، شۇنداقلا رۇاننىڭ كاردىنال بولۇشىنى شەرت قىلغانلىقى، دەپ ئىزھارلىشار. بۇنىڭغا قارىتا، ھازىرغىچە جاۋاپ قايتۇرماي، ھۆكۈمدارلارنىڭ شان-شەرىپى ھەققىدىكى بايانلاردا چۈشەنچە بەرمەكچىمەن.
فرانسىيە پادىشاھى لۇىنىڭ لومباردىيىنى قولدىن بېرىپ قويۇشى ئۇنىڭ يوقىرىدا دېيىلگەن ئىستېلا رايونىنى ساقلاپ قېلىشىدا رىايە قىلىشقا تېگىشلىك قاىدىلەرگە سەل قارىغانلىقىدىن بولغان. شۇڭا، ئۇنداق بولۇشنىڭ ھەيران قالغۇدەك يېرى يوق، ئۇ ئەقىلدىن تاشقىرى ئىشلار ئەمەستۇر. ۋالونتىنو (پاپا ئالېكساندر ۋى نىڭ ئوغلى، كىشىلەر ئۇنى چىساى بورجىا دېيىشىدۇ) رومانانى ئىگىلەپ تۇرغئان مەزگىلدە، مەن نانىتتا كاردىنال رۇان ھەزرەتلىرى بىلەن سۆھبەتتە بولغىنىمدا ئۇ مۇشۇ خىل تارىخىي ھادىسىلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەنىدى: ئىتالىيىلىكلەر ئۇرۇشنى چۈشەنمەيدۇ، مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن، فىرانسىيىلىكلەر سىياسىنى چۈشەنمەيدۇ ئەگەر چۈشئەنسە، رۇم دىنىي ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە يول قويمىغان بولاتتى. ئەمىلىيەتتە، رۇم دىنىي ھاكىمىيىتى بىلەن ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى فرانسىيىلىكلەر ئۆزى كەلتۈتۈپ چىقاردى. بۇنىڭدىن بىز ئەبەدىي توغرا بولغان مۇنداق ئومۇمىي پرىنسىپقئا ئېرىشىمىز: كىم باشقىلارنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن، شۇ ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، بۇنداق كۈچىيىش سۇيىقەست ياكى زوراۋانلىقتىن كەلگەن بولغاچقا، كۈچەيگۈچى ئىزچىل تۈردە گۇمان پوزىتسىيەدە بولىدۇ.

نىككولو ماكياۋىللى [ئىتالىيە] (قىسقارتىلدى)


تۆتىنجى باپ

ئېلىشىش بىلەن تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ قايسىسى تەس، قايسىسى ئاسان؟

ھاكىمىيەتنى مۇقۇملاشتۇرۇشقا دۇچ كېلىدىغان مۈشكۈللەردىن گەپ ئاچقاندا، كىشىلەر مۇنداق بىر تارىخى ئەمەلىيەتنىڭ تىگىگە ئويلاپمۇ يېتەلمەسلىكى مۇمكىن: قىسقىغىنا بىر نەچچە يىل ئىچىدە، ئىمپەراتور ئىسكەندەر(ماكدونىيە پادىشاھى ئىسكەدەرنى كۆرسىتىدۇ) مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاسىيانىڭ خوجايىنى بولۇۋالدى ئۇ پۈتۈن ئاسىيا زېمىنىنى ئېلىپ بولماي تۇرۇپلا ئاخىرەتكە سەپەر قىلدى. ئادەتتىكى قاراش بويىچە، ئاشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا دۆلەتتە ئوڭايلا ماىلمان پەيدا بولاتتى. بىراق، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئىسكەندەرنىڭ ۋارىسلىرى ئامان-ئېسەن ھالدا دۆلەتنى تۇتۇپ تۇرالىدى. ئۆزلىرىنىڭ يامان غەرىزى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بەزى ئاۋارىچىلىقلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇلار باشقا ئاۋارىچىلىكلەرگە يولۇقمىدى.
بۇ ھادىسىگە نىسبەتەن پېقىر مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: تارىختىن بۇيانقى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى ئاساسەن ئىككى خىل بولغىن. بىرى پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ مالايلىرىنىڭ ئورتاق ئىدارە قىلىشى(بۇنىڭدا مالايلار پادىشاھنىڭ ھىممىتى بىلەن ۋەزىر سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ دۆلەت باشقۇرىدۇ)؛ يەنە بىرى، پادىشاھ ۋە بەگ لەر بىرلىشىپ خاندانلىقنى ئىدارە قىلىدۇ(بۇنىڭدا بەگلەر بەھرىمەن بولىدىغان ئىمتىياز پادىشاھنىڭ ھىممىتىدىن ئەمەس، بەلكى بۇرۇنقى قانداشلىق مۇناسىۋىتىدىن كەلگەن بولىدۇ.) بەگلەردە ئۆزىنىڭ تېررىتورىيىسى ۋە پۇقراسى بولىدۇ، بۇ پۇقرالار بەگىن ئۆزىنىڭ خوجايىنى دەپ بىلىپ ھىمايە قىلىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان بىرىنچى خىل ئىدارە ئۇسۇلىدا، پادىشاھ زور ئىمتىيازغا ئىگە بولغىن بولىدۇ، پادىشاھدىن ئارتۇق ھېچكىم بولمايدۇ، پۇقرا ۋەزىر-ۋۇزرالارنى پادىشاھنىڭ ئەمىرى دەپ بىلىپ ئىتاەت قىلىدۇ. شۇڭا، پۇقرالاردا ئۇلارغا نىسبەتەن ئالاھىدە ھېسسىيات بولمايدۇ.
دەۋرىمىزدىكى تۈركىيە بىلەن فرانسىيە يۇقىرىقى ئىككى تىپقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تۈركىيە بىرلا پادىشاھنىڭ ئەمىر ئاستىدىكى ئەل بولۇپ ، ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ۋەزىر ۋە مالايلاردۇر. تۈركىيە پادىشاھى ئۆزىنىڭ سەلتەنەت ئاستىدىكى بەش ئەلنى بىر قانچە شتاتقا بۆلۈپ، ئۇنى باشقۇرۇشقا ھەر خىل مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتكەن. پادىشاھ ئۇلارنى خالىغانچە ئۇياق-بۇياققا قىلالايدۇ. فرانسىيە پادىشاھى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. فرانسىيە پادىشاھى بۇرۇندىن بار بولغىن بىر تۈركۈم ئاقسۆڭەكلەر توپىنىڭ ئارىسىدا قالغان . بۇ ئاقسۆڭەكلەر ئۆزلىرى تۇرغان تېررىتورىيىدىكى پۇقرالار تەرىپىدىن خوجايىن دەپ قارىلىپ، ئۇلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن. ئۇلار ئۆزىگە خاس ئىمتىيازغا ئىگە، پادىشاھ ئۇلارنى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلالمايدۇ، ئۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، تەۋەككۈلچىلىك بولاتتى. يۇقىرىقىلاردىن مۇنداق يەكۈننى چىقىرىمىز: تۈركىيە پادىشاھىنىڭ سەلتەنەتى ئاستىدىكى زېمىنىنى ئېلىش قىيىن، ئەمما ئېلىۋالغاندىن كېيىن ساقلاپ قېلىش ئوڭاي. ئەكسىچە، فرانسىيە پادىشاھى تۇتۇپ تۇرغان زېمىننى ئېلىش ئوڭاي، تۇتۇپ تۇرۇش تەس.
تۈركىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىكى زېمىنىنى ئىگىلەشنىڭ قىيىنلىقىدىكى سەۋەب شۇكى، تاجاۋۇزچىلارنى پادىشاھنىڭ بەگ- ۋەزىرلىرى باشلاپ كىرگەن بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، پادىشاھنىڭ چۆرىسىدىكى ئادەملەرنىڭ ساتقىنلىقىدىن پايدىلىنىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، بۇ پادىشاھىنىڭ ۋەزىر-سىپاھلىرى ئۇنىڭ قۇللىرىدىنلا ئىبارەت بولغاچقا، ئۇلارنى سېتىۋېلىپ ئىندەككە كەلتۈرۈش تەس. سېتىۋالغان تەقدىردىمۇ ئۇلاردىن نەپ ئالغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار خەلقنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا تۈركىيە سەلتەنىتىنى بويسۇندۇرىمەن دېگەن كىشى ئالدى بىلەن ئىدىيىۋى تەييارلىقىنى پۇختا قىلىپ، ئۆزى نىشان قىلىۋاتقان ئەلنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۈچ ئىكەنلىكىنى ئوبدان چۈشىنىشى، باشقىلارنىڭ ئىچكى قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىگە ئەمەس، بەلكى ئاساسەن ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىش لازىم، ئەلۋەتتە. ئىستىلاھچى تۈركىيە پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇرۇشتا تۈركىيە پادىشاھىنى مەغلۇپ قىلىپ، قورال كۈچىنى يوقىتىپ مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدىغان قىلسا، كېيىنچە پادىشاھ جەمەتىدىن باشقا ھېچكىمدىن ئەنسىرىگۈدەك خەۋپكە تېخىمۇ ئورۇن قالمىغان بولىدۇ. چۈنكى، خەلق پادىشاھىدىن ئۆزگىلەرگە ئىشەنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە غالىبلار ئۆز غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئۇلارغا تايانمىغاچقا، غەلىبىدىن كېيىن ئۇلاردىن ئەيمىنىش تامامەن ئورۇنسىز ئىش بولىدۇ.
ئەگەر ئىستىلاھ نىشانى فرانسىيىدەك ئەل بولسا، ئەھۋال ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. بۇنداق ئەلگە باستۇرۇپ كىرىش ناھايىتى ئوڭاي، چۇنكى ئۇنىڭ ئاقسۆڭەكلىرىنى ئۆزىگە تارتسىلا كۇپايە. بۇ ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمەتتىن نارازى بولۇپ، ئۆزگىرىش قىلىشنى نىيەت قىلىپ تۇرغان بولىدۇ. ئۇلار ئىستىلاھچىلارغا قولايلىق بېرىپ، ئىستىلاھچىلار ئاسانلا غەلىبىگە ئېرىشىۋالىدۇ. بىراق، ئىستىلاھتىن كېيىن بۇنداق ئەلنى ساقلاپ قېلىش ئاۋارىچىلىك ۋە قىيىندۇر. بۇ نۇرغۇن مۈشكۈلاتلار ئاشۇ ساڭا ياردەم قىلغان ئادەملەردۇن شۇنداقلا ئۆزۇڭ ئەزگەن كىشلەردىن كېلىدۇ. ھۆكۇمرانلار جەمەتىنى يوق قىلىشنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك بولالمايدۇ. چۇنكى، قېپقالغان باشقا ئاقسۆڭەكلەر پادىشاھىنىڭ ئورنىغا چىقىپ، بىر مەيدان ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىرىدىن بولۇپ قېلىش خەۋپى بار، سەن ئۇلارنى ئاسانلىقچە رازى قىلالمايسەمۋەۈزۈل-كېسىل يوقىتالمايسەن. شۇڭا، پۇرسەت يېتىپ كەلسىلا، ئۇلار تۇغ كۆرۈرۈپ چىقىدۇ-دە، بۇ ئەلدىن مەھرۇم بولىسەن.
ئەمدى دارا(پارىد شاھى) خانلىقى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارايلى. بىزنىڭ بايقىشىمىزچە، دارا خانلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى تۈركىيە پادىشاھلىقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بۇ ئەلگە يۈرۈش قىلىش ۋە ئۇنى ئىگىلەش ئۈچۈن ، ئىمپېراتور ئىسكەندەرنىڭ ئالدى بىلەنپادىشاھ دارانى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشى زۆرۈر بولدى، ئاندىن تېررىتورىيىنى ئىگىلىدى. غەلبىدىن كېيىن دارا ئۆلدى، ئىسكەندەر ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىدى. ئەگەر ئىسكەندەرنىڭ ۋارىسلىرى ئىچكى نىزا تۇغدۇرماي ئىتتىپاقلىشىدىغەان بولسا، ئۇلار بۇ ئەلگە بولغان ھۆكۈمرنلىقىنى بىمالال داۋام قىلغان بولاتتى، دۆلەتتىمۇ مالىمان كېلىپ چقمايتتى. بىراق فرانسىيىدەك دۆلەتنى ئۇنداق ئاسان بويسۇندۇرغىلى بولمايدۇ. فرانسىيە، ئىسپانىيە، گېرتسىيە(يۇنان) لەردە ھە دېسىلا رۇملىقلارغا قارشى مالىمان يۈز بېرىشنىڭ سەۋەبى بۇ دۆلەتلەردە نۇرغۇن كىچىك خاندانلىقنىڭ بوغانلىقىدۇر. كىشىلەرنىڭ ئەسلىدىكە ئۆز دۆلىتىگە بولغان خاتىرىسى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، رۇملىقلار ئۆزلىرى ئىگىلىگەن رايونىنى مۇقىم تۇتۇپ تۇرالمايدۇ. ئەمما رۇم ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىمتىيازى ۋە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت دەۋام قىلىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئۆتمۈشتىكى دۆلەتلىرى ھەققىدىكى خاتىرىسى ئۆچۈپ، ئاخىر رۇملۇقلار بۇ ئەلنىڭ شەكسىز خوجايىنىغا ئايلاندى. رۇملىقلاردا ئىچكى قالايمىقان يۈز بەرگەندە، ئۇلارنىڭ ھەرقاندىقى ئۆزى تۇرغۇزغا نوپۇزى بىلەن ئۆزارا كۈچ سىنىشالايدۇ. چۈكى، بۇرۇنقى خان جەمەتى ئاللىبۇرۇن تۈگىگەن، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە رۇملىقلاردىن ئۆزگە ھۆكۈمران يوق ئىدى.
يۇقىرىقىدەك بىر قاتار تارىخى ئەمەلىيەتنى كۆرگەن ئىكەنمىز، مۇنۇ ئەھۋالدىن تەەججۈپ ھېس قىلمايمىز: ئىسكەندەر ئاسىيانى ئوڭايلا ئالدى. يەنە بەزىلەرنىڭ (پېرىس گۇرۇھى ۋە باشقىلار) ئۆزى ئالغان زېمىنىنى تۇتۇپ تۇرۇشى ئىنتايىن تەس بولدى. بۇ خىل ھالەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىل غالىپلارنىڭ ئىقتىدارىدىكى پەرقتە ئەمەس ، بەلكى ئىستىلاھ رايونىنىڭ ئەھۋالىدىكى كۆپ خىللىقتا.

بەشىنچى باپ

ئەركىنلىك ۋە تەرتىپ: ئىستىلاھچىنىڭ دۈشمىنى

ئەركىنلىك ۋە تەرتىپ تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىغا ۋە دىيانەت-شەپقەتلىرىنىڭ ئالدىمىغا دۇچ كەلسىمۇ، بەرىبىر ھۆر خەلقنىڭ قەلبىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتمەيدۇ.
بۇ خىل ئەھۋالغا نىسبەتەن، ئەڭ ئىشەنچىلىك ئۇسۇل شۇكى، ئۇلارنى تولۇق يوقىتىۋېتىش ياكى ھۆكۈمراننىڭ ئىستىلاھ رايونىدا تۇرۇشىدۇر.
ئەگەر ئىستىلاھ قىلىن`غۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ قانۇنى ئاستىدا ئەركىن ياشاشقا ئادەتلەڭەن بولسا، بۇنداق ئىستىلاھ رايونىنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار. بىرىنچىسى ئۇلارنى پاكىزە يوقىتىش، ئىككىنچىسى، ئىستىلاھچىنىڭ ئىستىلاھ رايونىدا تۇرۇشى، ئۈچىنچىسى، ئىستىلاھ قىلىنغان ئەللەرنىڭ ئەسلىدىكى قانۇنى بويىچە ياشىغىلى قويۇش، ئەمما ئۇلارنى ئولپان بەرگۈزۈش، ئىستىلاھچىلارغا دوستانە مۇامىلىدە بولىدىغان ئاز ساندىكى كىشىلەردىن تۈزۈلگەن قۇلىقى يۇمشاق ھۆكۈمەتتىن بىرنى قۇرۇش. بۇ ھۆكۈمەت ئىستىلاھچىلار ھۆكۈمرانى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ھۆكۈمەت بولغاچقا، ئاشۇ ھۆكۈمراننىڭ دوستلۇقى ۋە ھىمايىسى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. شۇڭا، ئۇنداق ھۆكۈمەت ھۆكۈمرانىغا ئىنتايىن سادىق بولىدۇ. ئىستىلاھچى ھۆكۈمران ئەركىن تۇرمۇشتا ئادەتلەڭەن شەھەرنى تۇتۇپ تۇرماقنى ئويلايدىكەن، ئۇنداقتا، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە مۇشۇ شەھەر پۇقرالىرىغا تايىنىش باشقا ئۇسۇلغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە ئىشەنچلىكتۇر.
سپارتالىقلار بىلەن رۇملىقلار دەل ئاشۇ جۈملىدىندۇر. سپارتلىقلار ئىستىلاھ قىلغان رايوندا ئولىگارخ ھاكىمىيەتا( ئىستىلاھ رايونىدىكى ئاز ساندىكى كىشىلەردىن تۈزۈلگەن ئىستىلاھچىغا سادىق ئاز سانلىقلار ھاكىمىيىتى.) تىن بىرنى تىكلەش ئارقىلىق ئافىنا بىلەن تىبىس قوغداپ قالغانىدى. بىراق ئاخىرقى ھېساپتا سپارتالىقلار ئافىنا بىلەنتىبىس يەنە قولدىن بېرىپ قويدى. رۇملىقلار كاپۇا( مىلادىدىن ئىلگىرى 221-يىلى بەربات بولغان)، كارتاجىن (مىلادىدىن ئىلگىرى 146-يىلى بەربات بولغان)، نۇمانزىيە(مىلادىدىن ئىلگىرى 133-يىلى بەربات بولغان) قاتارلىق جايلارنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بۇ يەرنىڭ خەلقلىرىنى كۆزىدىن يوق قىلدى. شۇڭا، ئاقىۋەتتە، رۇملىقلار مەزكۈر رايونلارنىقولدىن بېرىۋەتمىدى. بىراق، رۇملىقلار يۇنانىنى سپارتالىقلار ئىشلەتكەن ئۇسۇل بىلەن ساقلاپ قېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، يۇنانلىقلارغا ئەركىنلىك بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ قانۇنى بويىچە ياشاشتا يول قويغان بولسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا غىبە قىلالمىدى. ئاخىر رۇملىقلار يۇنانىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ رايوندىكى نۇرغۇن شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىشقا مەجبۇر بولدى. چۇنكى، ئىستىلاھ قىلىنغان رايونىنى مۇقىم ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن رۇملىقلاردا ئۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق ئىدى. شۇڭلاشقا، ئىستىلاھچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ بىر شەھەرگە خوجا بولغانىكەن بۇ شەھەرنىڭ پۇقرالىرى ھۆ جاياتقا ئادەتلەڭەن بولسا، ئىستىلاھچىنىڭ ئۇلارنى تولۇق ۋەيران قىلىۋەتمەسلىكى مۇقەررەر ھالدا ئۆز ھالاكىتىنى كۈتۈپ تۇرۇشقا ئوخشاش بىر ئىش بولىدۇ. نەتىجىدە بۇ شەھەرنىڭ خەلقلىرى پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەن ئەھۋال ئاستىدا ئەركىنلىك باھانىسىدە غەلىيان كۆتۈرىدۇ ۋە بۇ شەھەرنىڭ قەدىمكى قانۇنى ۋە تەرتىپ-ئىنتىزامىنى تىرىلدۈرمەكچى بولىدۇ. مانا بۇ ئەركىن تۇرمۇشتىكى شەھەرنى غەرق قىلىۋېتىشرىكى زۆرۈرلۈكنىڭ سەۋەبى، ئەركىنلىك ۋە تەرتىپ تارىخنىڭ بوران- چاپقۇنلىرىغا ۋە دىيانەت-شەپقەتلىرىنىڭ ئالدىمىغا دۇچ كەلسىمۇ، بەرىبىر ھۆر ياشاپ كۆڭەن خەلقنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ. ئىستىلاھچى ئىستىلاھ رايونىدىكى يەرلىك خەلقنى خانىۋەيران قىلىۋېتىشى لازىم. بولمىسا، سەن ئۇلارغا قانچىلىك ساراسىمە سېلىدھىڭ ۋە ئۇلاردىن قانچىلىك مۇداپىە قىلىشىڭدىن قەتىينەزەر ئۇلار ئاخىر يەنر ئەركىنلىك ۋە تەرتىپتىن ئىبارەت ئىككى قىممەتلىك ئەنەنىسىنى ھەرگىز ئېسىدىن چىقارمايدۇ، خۇددى پىلوروسىيىلىكلەر تەرىپىدىن بىر ئەسىر مۇستەملىكە قىلىنغاندىن كېيىنكى پىسالىقلارغا ئوخشاش،ئۇلار بەخىتسىزلىككە يولۇققان چاغلىرىدا ئەركىنلىك ۋە تەرتىپ دەۋرلىرىدىكى گۈزەل ئۆتمۈشلىرىنى ياد ئېتىدۇ.
ئەگەر بەزى شەھەرلەرنىڭ خەلقى پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقى ئاسرىدا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئادەتلەڭەن بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئۆز خاقانىنىڭ جەمەتى قۇرۇتىۋېتىلگەن بولسا، ئۇلار بىرلىشىپمۇ يېڭى پادىشاھنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئامالسىز قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەركىن ھايات ئۇلار ئۈچۈن ناتونۇش بولۇپ قالىدۇ ۋە ئۇلار نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، مەزكۇر ئىستىلاھ رايون خەلقلىرىنىڭ ئىگىلىگۈچى ھۆكۈمەت داىرىلىرىگە بولغان قارشىلىق ھەرىكىتى ئاستىلايدۇ، مانا بۇ يېڭى ھۆكۈمرانىنىڭ ئۆزى ئىستىلاھ قىلغان رايونىنى ساقلاپ قېلىشقا قولاي شاراىت تەمىن ئېتىدۇ. ئەگەر ئىستىلاھ ئوبيېكتى جۇمھۇرىيەت بولغاندا، ئەھۋال پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدە زور ھاياتىي كۈچ، دەھشەتلىك غەزەپ-نەپرەت، تەقەززالىق قىساسلىق قەلب مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. بۇ ئىستىلاھ رايون خەلقنى ئۆتمۈشكە ھېرىس بولۇپ، قولىدىن كەتكەن ئەركىنلىكىنى ياد ئېتىدۇ، ئۇلار بۇنى ھەر قېتىم ئەسلىگەندە ئۆزلىرىنى باسالماي قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا نىسبەتەن ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل ئۇلارنى قىرىپ تاشلاش ياكى پادىشاھنىڭ ئىگىلىگەن رايونىدا تۇرۇشىدىن ئىبارەت.

ئالتىنچى باب

ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تاجاۋۇزچىلىق قىلىش

تەرىبىلەر بىزگە ئۇقتۇردىكى، جەمىيەتتە ھېچقانداق بىر ئىش يېڭى قانۇن-تۈزۈملەرنى تۈزۈش كەبى قىيىن ئەمەس، ھېچقانداق ئىشنىڭ ئاقىۋىتى بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىدەك مۆچەرلىگۈسىز ۋە نۇقتىسىز ئەمەس. ئىجرا قىلىشتا ھېچقانداق ئىش مۇشۇ ئىشتەك خەۋپلىك ئەمەس. سەۋەبشۇكى، يېڭى تۈزۈمنىڭ بەرپاچىسى كونا تۈزۈمدە ياشپ نەپ ئالغان كىشىلەرنىڭ دۈشمىنى بولۇپ قالىدۇ. ھتتا، يېڭى تۈزۈمدىن نەپ كۆرگەنلارمۇ يېڭى تۈزۈمنى تولۇق ھېمايە قىلمايدۇ.
قورال ئىشلەتكەن ئەۋلىيا-ئەنبىيالار غەلىبە قىلدى، قورال ئىشلەتمىگەن
ئەۋلىيا-ئەنبىيالار مەغلۇپ بولدى. سەۋەب شۇكى، ئادەتتە ئاۋامنىڭ خاھىشى ئاسان ئۆزگىرىدۇ. ئۇلارنىڭ مەۋقەيىنى ئۆزگەرتىشكە قايىل قىلىش ئوڭاي. ئەگەر ئۆزگەرتمىسە مانا بۇ ئىشنىڭ تەس بولغىنى. شۇڭا، كىشىلەر مەلۇم نەرسىگە ئىشەڭىلى زادى ئۇنىمىسا، ئۇلارنى قورال كۈچى ئىشلىتىپ ئىسكەنجىگە ئېلىش لازىم.
پېقىر تارىختا يۈز بەرگەن تەسىرلىك زور تارىخى ۋەقەلەرنى مىسال كەلتۈرۈپ، يېڭى ھۆكۈمران ۋە يېڭى دۆلەت ھەققىدە بايان يۈرگۈزگىنىمدە خالايىق تەەججۈپ ھېس قىلمىغاي.ئەمىلىيەت ئۇقتۇردۇكى، نۇرغۇن كىشىلەر باشقىلار ماڭغان يولنى تەكرارلايدۇ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنى دورايدۇ.بۇلار باشقىلارنىڭ يولىدا ئەينەن ماڭالمايدۇ ياكى ماڭگجان ئەھۋالدىمۇ بۇرۇنقىلار ئېرىشكەن نەتىجىنىڭ ئەينەن ئۆزىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەمما، قانداق بولۇشىدىن قەتىينەزەر غايىلىك ئادەم ئۇلۇغلارنىڭ ئىزىنى قوغلىشىدۇ، ئاشۇ ئۇلۇغ نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن كىشىلەرنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۇلۇغلارنىڭ پەللىسىگە يەتكۈزەلمىسىمۇ، ھاياتىغا ئاز-تولا جۇلا قوشىدۇ. چوڭ ئىشلارنى قىلىمەن دېگەن ئادەم مەرگەندەك ھەرىكەت قىلمىقى لازىم: ئۇ نىشانىنىڭ قانچىلىك يىراقلىقىنى ۋە قولىدىكى ئوقيا كىرىچىنىڭ قانچىلىك كۈچى بارلىقىنى بىلىشى لازىم . ئۇ قارىغا ئالغاندا نىشاندىن ئېگىزرەك قارىغا ئېلىشى لازىم. بۇ ئوقنى ئاشۇ ئېگىز نۇقتىغا تەگكۈزۈش كېرەكلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئاشۇ پەرق ئارقىلىق ئەسلىدىكى نىشانغا تەگكۈزۈشنى راستتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن.
مېنىڭچە، يېڭى قۇرۇلغان بىر خانلىقتا مۇقىم ئولتۇرۇشتىكى قىيىنچىلىقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى دۆلەتنىنت يېڭى ھۆكۈمرانىنىڭ قابىلىيىتىدىكى چوڭ- كىچىكلىككە باغلىق. بىر ئادەمنىڭ ئاددىي پۇقرالىقتىن ھۆكۈمرانلىققا كۆتۈرۈلۈشىباشتىكى ئېتىز بالىسىدىن كېيىنكى تەڭرى ئەركىسىگە ئايلىنىشى شۇ ئادەمنىڭ قابىلىيىتى ياكى تەلىيىنى شەرت قىلىدۇ. قابىلىيەت ۋە تەلەي ئىستىلاھچىنىڭ ئورنىنىڭ مۇقىملىقىغا ئازدۇر-كۆپتۇر پايدۇلىق، بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ. لېكىن، شۇنداق ئېيتىمەنكى، نەتىجە قازىنىشتا تەلەيگە تايانمىغان ئادەم ئۆزىنىڭ ئورنىنى ئەڭ مۇقىم ساقلاپ قالالايدۇ. ئەگەر يېڭى پادىشاھنىڭ ئۆزگە زېمىن ئاۋارىچىلىكى بولماي، ئىستىلاھ رايونىدا ئۆزى بىۋاستە پۇت دەسسەپ تۇرسا، ئۇنىڭ ئورنى تېخىمۇ مۇقىم بوكىدۇ.
تەلەيگە ئەمەس، قابىلىيىتىگە تايىنىپ ھۆكۈرانلىق ئورنىغا چىققانلاردىن مەن ئەڭ نەمۇنىلىك دەپ قارايدىغانلاردىن مۇسا پەيغەمبەر( تەۋراتتىكى پەيغەمبەر ۋە قانۇنىنى ياراتقۇچى.) كىرىس(“مىلادىدىن ئىلگىرى 530-599 „ پېرسىيە ئاكمىنىدى سۇلالىسىنى قۇرغان .) رومۇلۇس(رىم ئەپسانىلىرىدىكى پېرسوناج، ئۇرۇش ئىلاھى مارىسنىڭ ئوغلى، رىم شەھىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، نىڭ تۇنجى پادىشاھى. تېسوس(يۇنان ئەپسانىدىكى پېرسوناج، ئافىنا شاھى. كالا باش مەخلۇق مىنوتەۇر نى ئۆلتۈرۈش بىلەن نام چىقارغان.)قاتارلىقلار بار. مۇسا ئەلەيھىسسالام گەرچە خۇدانىڭ بەندىلەر ئارىسىدىكى ئىشلىرىنىڭ ۋاكالەتچىسى بولسىمۇ، بۇ يەردە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىش مۇۋاپىق بولمىسىمۇ، مۇسادىكى خۇدا بىلەن ئالاقىلىشالايدىغان پزىلەت بابىدا كىشىلەر مۇساغا ئاپىرىن- تەھسىنلەر ئوقۇشلىرى لازىمدۇر. بىز كىرىس ۋە باشقا ئوڭۇشلۇق دۆلەت قۇرغۇچىلىرىنى كۆزەتكەندە، ئۇلارنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇلۇغلاردىن ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس پاالىيەت ۋە تەدبىرلىرىنى تەكشۈرسەك، ئۇلارنىڭ مۇسادىن ھېچقانداق پەرقى يوق كىشىلەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، گەرچە مۇسا بەختىگە يارىشا خۇدادىن ئىبارەت ئۇلۇغ يېتەكچىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە باشقا ترەپلىرىنى تەكشۈرىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ تەلەيگە ئەمەس، پۇرسەتكە تايانغانلىقىنى، پۇرسەتنىڭ ئۇلارغا ماددىي قوراللارنى ئاتا قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پۇقرالارنى ئۆز ئېھتىياجىغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان شەكلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى بايقايمىز. ئەگەر ئاشۇنداق پۇرسەت كەم بولسا، ئۇلار ئۆزىدىكى قابىلىيەتنى بىكارغا ئىسراپ قىلىۋەتكەن بولاتتى. ئەگەر ئۇلاردا ئاشۇنداق قابىلىيەت كەم بولسا كەلگەن پۇرسەتنى ئىسراپ قىلىۋەتكەن بولاتتى.
مۇسا مىسىر زېمىنىدىن دەل مىسىرلىقلار تەرىپىدىن قۇل قىلىنىۋاتقان ئىسراىللارنى ئىزدەپ تېپىشى ز“رۈر ئىدى. شۇنداقلا بۇ قۇللار قۇللۇق تەقدىردىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن مۇساغا ئەگىشىشنى خالايتتى. رومۇلوسىنىڭمۇ ئالىپادا تۇرماسلىقى زۆرۈر ئىدى، ئۇ تۇغۇلغان ۋاقتىدا تاشلىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈنلا كېيىن رۇمنۇڭ پادىشاھى بولغانىدى ھەم شۇ مىللەتنىڭ قۇرغۇچىسى بولغانىدى. كىرىسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پارسلارنۇڭ مېتىكلار ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى كۆزىتىشى زۆرۈر ئىدى. مېتىكلارۇزۇن مۇددەتلىك تىنچ مۇھۇتتا مۇلايىم ۋە ئاجىز بولۇپ قېلىشتى. تېوسوسقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر ئۇ چېچىلاڭغۇ ئافىنالىقلارنى ئۇچراتمىغان بولسا، ئىقتىدارىنى ئىشقا سالالمىغان ۋە غايىسىنى ئەمدلگە ئاشۇرالمىغان بولاتتى. ئومۇمەن، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان پۇرسەتلەر ئاشۇ كىشىلىرنى ئامەتكە ناىل قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار پەۋقۇلاددە ئىستېدات ئىگىلىرى بولۇپ، كەلگەن پۇرسەتلەرنى دەل ۋاقتىدا بايقاپ تۇتۇۋالالايتتى ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ۋەتىنىگە شان- شەرەپ ھەم بەخت-ساادەت ئەكەلگەنىدى.
قابىلىيىتى بىلەن شاھلىق ئورنىغا چققان كىشىلەرنىڭ مۇساپىلىرى جاپا-مۇشەققەت ۋە ئاۋارىچىلىكلەر بىلەن تولغان بولىدۇ. بىراق، ئۇلار پادىشاھ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭورنىنى ھەرەج تارتماي ساقلاپ قالىدۇ. پادىشاھ ھوقۇقىنى قولغاكەتۈرۈش شۇنىڭ ئۈچۈن بولىدۇكى، ئۇۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن ھەمدە تىنچلىق ئاسايىشلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىر قاتار يېڭى قاىدە-تۈزۈملەرنى تۈزۈشكە دۇچ كېلىدۇ. تەجرىبىلەر بىزگە ئۇقتۇرىدۇكى، جەمىيەتتە ھېچقانداق بىر ئىش يېڭى قانۇن-تۈزۈملەرنى تۈزۈش كەبى قىيىن ئەمەس، ھېچقانداق ئىشنىڭ ئاقىۋىتى بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىدەك مۆلچەرلىگۈسىز ۋە چۇلۋۇرسىز ئەمەس، سەۋەبى يېڭى تۈزۈمنىڭ بەرپاچىسى كونا تۈزۈمدە ياشاپ نەپ ئالغان كىشىلەرنىڭ دۈشمىنى بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا يېڭى تۈزۈمدىن نەپ كۆرگەنلەرمۇ يېڭى تۈزۈمنى تولۇق ھىمايە قىلمايدۇ. تولۇق ھىمايە قىلماسلىقتىكى سەۋەبنىڭ بىرى، بۇلار ئۆزلىرىنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. چۇنكى ئۇ دۈشمەنلەر ئۆزىگە پايدىلىق بۇرۇنقى قانۇن-تۈزۈمنىڭ ئىگىلىرى ئىدى: يەنە بىرى، ئىنسانلارنىڭ باشقىلارغا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كېتەلمەسلىكتەك تۇغما تەبىىتىدە كىشىلەر يېڭى شەيىلەر ھەققىدە ئىشەنچلىك تەجرىبىلەر ئىگە بولماي تۇرۇپ، يېڭى شەيىلەرگە تېزلا ئىشەنمەيدۇ. شۇڭا، چەت ئەل كۈچلىرى باستۇرۇپ كىرىپ قالسا، بۇ ئادەملەر دەرھال ئۇلارغا ماسلىشىپ يېڭى تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، يېڭى تۈزۈم ئاستىدا پايدا كۆرمىگەن كىشىلەر تاجاۋۇزغا نىسبەتەن دىلىغۇللارچە قارشىلىق قىلىپ، دادىللىق كۆرسەتمەيدۇ. شۇڭا، ھۆكۈمراننىڭ ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇشى ئىنتايىن خەتەرلىك.
ئەگەر بىز بۇ مەسىلىنى تەلتۆكۈس روشەنلەشتۈرۈشنى ئىستىسەك، ئاشۇ ئىستىلاھچىلار ئۆز كۈچىگە تاياندىمۇ ياكى باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تاياندىمۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۈيۈك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇ باشقىلارنىڭ ياردىمىنى ئاكتىپلىق بىلەن تىلەپ قىلدىمۇ ياكى ئۆزىگە ماسلىشىشقا مەجبۇر قىلالىدىمۇ دىگەندەك تەرەپلەرنى تەكشۈرۈشىمىز زۆرۈر. ئەگەر باشقىلارنىڭ ياردىمىنى تەلەپ قىلىشتا ئاكتىپ بولسا ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ ۋە ھېچقانداق نەتىجىسى بولمايدۇ. ئەگەر ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا تايىنىپ، شاراىت يار بىرگەن ئەھۋال ئاستىدا، باشقىلارنى ياردەم بېرىشكە مەجبۇر قىلىش ئۇسۇلىنى ئىشلەتسە، بۇنىڭ ھېچقانچە خەتىرى بولمايدۇ. ئومۇمەن، قورال ئىشلەتكەن ئەۋلىيا-ئەنبىيالار غەلىبە قىلدى، قورال ئىشلەتمىگەن ئەۋلىيا-ئەنبىيالار مەغلۇپ بولدى. بۇنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سەۋەبىدىن باشقا مۇنداق بىر سەۋەبىمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ ئاۋامنۇڭ خاھىشى ئادەتتە ئاسان ئۆزگىرىدۇ. ئۇلارنىڭ مەلۇم بىر نەرسىگە بولغان مەۋقەيىنى ئۆزگەرتىشكە قايىل قىلىش ئوڭاي، ئەگەر ئۆزگەرتمىسە، مانا بۇنۇگن ئۆزى تەس بولغىنى. شۇڭا، كىشىلەر مەلۇم نەرسىگە زادى ئىشەڭىلى ئۇنىمىسا، ئۇلارنى قورال كۈچى ئىشلىتىپ ئىسكەنجىگە ئېلىش كېرەك.
مۇسا، كىرىس، تېسسوس ۋە رومولوسلار باشتا قورال ئىشلەتمىگەن بولسا، خەلقنى ئۆزوى بىكىتكەن مۇنتىزىم قنۇن- تۈزۈمگە ئۇزاق مۇددەت رىايە قىلدۇرالمىغان بولاتتى. بۇ خۇددى راھىب گىرالامو ساۋانارولا(1452-1498 فلورونىسىيە دىنى ئىسلاھاتچىسى.1498-يىلى رىم پاپاسى تەرىپىدىن كاپىر دەپ تۇتۇلغان ھەم كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەن)نىڭ سەرگۈزەشتىلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ:ئاددىي پۇقرالار ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەندە، ئۇ ۋە ئۇ قۇرۇپ چىققان يېڭى تۈزۈم غۇلاپ كەتتى، چۇنكى ئۇ ئۆزىگە ئىشەڭەن ئادەملەرنۇڭ ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەشكە ھەمدە ئىسجەمىگەن ئادەملەرنى ئىشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالدى. شۇڭ، بۇ راھىبقا ئوخشاپ كېتىدىغان كىشىلەر ئۆز مۇساپىسىدە تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. غەلىبە قىلىش ئۈچۈن بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش كېرەك بولىدۇ، ئۇلار بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىۋالغاندىن كېيىنلا، كىشىلەر قايىل بولۇشقا باشلايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شن-شەرەپ ھەم خۇشاللىقلىرىدىن بىھرىمەن بولۇشىنى داۋام قىلدۇرالايدۇ. يۇقىرىقى دەلىللەرگە يەنە بىر كىچىك دەلىلنى قوشۇ[ قويۇشنى لازىم تۋپىۋاتىمەن. چۇنكى، بۇ باشتىكىلىرىگە ئاساسەن ئوخشاپ كەتسىمۇ، ۋەكىللىك خاراكتېرى كۈچلۈكرەك بولۇپ، ئۇ دەل سىراكوسا خاقانى ئىارو (مىلادىدىن ئىلگىرى215-308 سىراكوسا پادىشاھلىقىنىڭ ياۋۇز پادىشاھى ئىارو2) نىڭ ئىشلىرىدۇر. ئىارو ناھايىتى ئەرزىمەس بىر ئاىلىدە تۇغۇلۇپ بىردىنلا سىراكوسانىڭ خاقانىغا ئايلىنىدۇ. سەۋە[ شۇكى، ئۇ ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان، ئۇنىڭدىن باشقاق ئۇنىڭغا كەلگەن ھېچقانداق تەلەي بولغان ئەمەس. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئىارو ئاشۇ كۈلپەتلىك تەقدىردىكى كىشىلەرنى ھەربىي باشقانى بولۇپ، ئۇلارنى قوراللىق كۈرەش ئارقىلىق ئازاد قىلىشنى قارار قىلدى. غەلىبىدىن كېيىن، كىشىلەر ئىارونى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ، خاقان بولۇشقا بىردەك كۆرسەتتى. بىز بۇنىنتدىن ھەيران قالماسلىقىمىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ئىارو ئاددىي پۇقرا ۋاقتىدىلا غايەت زور يوشۇرۇن ئىقتىدارغا ئىگە ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا بەزى كىسىلەر شۇنداق دېگەن ئىدى: <> ئىارو بۇرۇنقى ئارمىيىنى تارقىتىۋېتىپ، يېڭىدىن ئارمىيە تەشكىللەيدۇ. بۇرۇنقىدوستلىرىنى تاشلاپ، يېڭىدىن دوست تۇتىدۇ. ئۇنىڭدا ئۆزى نەزەردىن ئۆتكۈزگەن ئىشەنچلىك ئارمىيا ۋە دوست بار بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆز خانلىقىنى بىخەتەر قۇرۇپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولالىدى. گەرچە ئۇ نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، نۆۋىتى كەلگەندە ئۇنۇڭغا خانلىق ئورنۇنۇ مۇقىم ساقلاپ قېلىش ئاسانغا توختىدى.

تامام .

ئەسكەرتىش: تەرجىماننىڭ ئەمگىگىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ كىتاپ قىسقارتىلىپ بېرىلدى. (تەرجىمان: ئابدۇقادىر جالالىدىن)

بىلىك كۇلۇبىدىن ئېلىندى

2008年7月10日

نەۋائىينىڭ شېئىرى

بىر كۆرۈپ ھەسرەتتە قالدىم ئول پەرى رۇخسارىنى،
ئىككى كۆرسەم دەپ تىلەيمەن كۆزلىرى خۇمارىنى.
ئۈچ كۆرۈپ ئالدىدا جان بەرسەم شەمىدۇ ئىشقى مەن،
تۆت كۆرۈشكەندە سالۇرلەر خەنجەرى تەييارىنى.
بەش كۆرۈشمەكلىك بىلەن يۈزىگە خالۇ جانىدۇر،
ئالتە كۆرگەندە تىلەرمەن قابىزۇل ئەرۋاھىنى.
يەتتە ئىقلىمدا سېنىڭدەك كۆرمىدىم نازۇك بەدەن،
سەككىز ئۇچماقتا بەدەل قىلغايمۇ سەندەك يارىنى.
توققۇز ئاي بولدى نەۋائي يارىدىن ئايرىلغىلى،
ئون ئىككى ئاي بىر يىل ئىچرە كۆرمىدىم غەمخارىنى.

- نەۋائىي

مەن ياقتۇرىدىغان تەسۋىرى كۇپلىتلار

قارلىق تاغ شەجەرىسى ناملىق شېئىرنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدىن پارچە


كۈن تاغقا چاپلاشتى چاچرىتىپ شەپەق ،

قىزىل لاك سۈركىدى لىۋىگە ئۇپۇق.

بۇغدانىڭ ئالدىدا شۇدەم بولدى تەق،

ئالمىرۇق ،ھالۋايى ، سەبدەرەڭ يوپۇق.

نەقىسمەت چەكمىگەن قارلىق تاغ -دىيار،

ئەزىمەت پەرزەنىتلەر قىسمىتىسىمان .

ئۇنىڭدا مىڭ - مىڭ يىل ھېكايىتى بار،

ھەر ئۆركەش مىسالى بىر قىسسە داستان .

ئوغۇزخان، ئۇرۇمقان ، ئايچۈرەك -ماناس،

سۇغارغان خاكىڭنى تۆكۈپ ئىللىق قان.

قانچىلىك تەڭرىقۇت ، تېكىنلەر قىقاس -

كۆتۈرگەن جەڭلەرگە سەن شاھىت ماكان .

نۇزۇگۇم ، گۈلەمخان قىسقىسى سەندە ،

سەرگەردان مەشرەپكە سەن بولغان پاناھ ،

سەن ماڭا ئىشتىياق سالغان نىكەمدە ،

قارلىق تاغ ئۆزۈڭسەن ئىلھامغا دەرگاھ .


- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن

=============================
مەن ياقتۇرغان كىنايىلەرنىڭ بىرى:

ياسىن زىلالنىڭ‹‹ئىككى ئەخمەق›› ناملىق شېئىرىدىن پارچە




مېنى بىرى دەپتۇ : « مېنىڭ ئادىمىم ،
ئىللا - بىللا يىرالمايدۇ سۆزۈمنى .
قولۇمدىدۇر ھامان ئۇنىڭ تىزگىنى ،
باش چايقىسا كۆرسىتىمەن ئۆزۈمنى . »

كۈلۈپ كەتتىم بۇ ئەخمەقنىڭ سۆزىگە ،
دەپ تاشلىدىم : «ۋايجان ! يىتىم قوۋۇرغام .»
غەزىپىمدە قۇيقا چىچىم تىك تۇردى ،
تىغ يىگەندەك بولدى ھەتتا ئۇمۇرۇتقام .

- ياسىن زىلال
=============================

ھايات دېگەن مۇشۇنداق بولىدۇ.

چىدىساڭ ياشا

بۇ دۇنيا بىرگە- بىر چىدىساڭ ياشا ،
قەلبىڭدە نۇمۇس بىلەن پەسلىك ئىلىشار .
شاھ ، تەخت بىرگە - بىر ، پۇل بىلەن بەندە ،
شۆھرەتكە دائىما ھەسەت چاپلىشار ،
بۇ دۇنيا بىرگە - بىر چىدىساڭ ياشا .
بۇ دۇنيا بىرگە - بىر چىدىساڭ ياشا ،
يىقىلساڭ يۆلىمەيمەن ئۆزۈڭدە گۇناھ ،
ئالتۇن بول ، تۇپراق بول ، سەن ئۆزۈڭ دۇنيا .
قايغۇرۇش ، ئۆكۈنۈش ، پايدىسىز «ئاھ - ۋاھ »
بۇ دۇنيا بىرگە - بىر چىدىساڭ ياشا .

- ئابلەت ئابدۇللا
=============================


ۋاقىت چىقىرىپ بالاڭلارنى ئەگەشتۈرۈپ يىزىلارنى كۆرۈپ كىلىڭلار. بالىلار مامىكاپنىمۇ كۆرۈپ باقسۇن.

مامكاپ
(پارچە)

« م » ھەرىپى مۈشۈك رەڭگىدە ،
« ئا » ھەرىپى ئاپئاق ئايدەك .
« م » ھەرىپى مۇڭلۇق ، مۇلايىم
« ك » ھەرىپى كەڭ ، كۆپكۆك جايدەك .
« ئا » ھەرىپى ئايالنىڭ تېنىمۇ توزغان ؟
« پ » ھەرىپى پىلىلدار «پىنھان» قىزنىڭ كۆزىدەك .

ئېرىق بويىدا مامكاپ ،
جىمجىت ئويىدا مامكاپ .
كىيىۋاپتۇ ئاق كۆڭلەك ،
كىمنىڭ تويىدا مامكاپ .

-ئادىل تۇنىياز

=============================


بۆشۈك دېگەن ئەڭ ئىسىل نەرسە، بوۋاقلىقمىزنى ئەسلىيەلىگەن بولساق، ئەشۇ بۆشۈك لەززىتىنى ھېس قىلالىغان بولار ئىدۇق.

«تاڭ بۆشۈكىدە»
( پارچە)

قايتا تۇغۇلدۇم تاڭ بىلەن
تاڭ بۆشۈكىگە بۆلۈنۈپ ،
كۈلدۈم
شەبنەم قۇچقان چېچەكتەك
شەپەق دۇنياسىغا چۆمۈلۈپ .

- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن

=============================


قانچىلىك ۋاقىتلار بولغىنى تازا ئىسىمدە يوق. بىر ۋاقىتلاردا بەتلىرى يىرتىلىپ كەتكەن بىر كىتابچىدا مۇشۇ قۇرلانى كۆرگەن ئىدىم.
ئاپتۇرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنمۇ بىلمەيمەن.

ئىلىم دەۋرىم كۈتەر سەندىن تىرىشچان بول ، قالاق بولما ،
بەخت ئىقبال كۈلەر شۇندىن ھۈنەر - پەندىن يىراق بولما .
ئىلىملىك بول ، ئەدەپلىك ، سەمىمىي ھەمدە راستچىل بول ،
بىلىم ئال ، ئىقتىدارلىق بول ، قۇرۇق نام يالتىراق بولما .
ئىلىڭ ئۆستۈردى چوڭ قىلدى ، ھايات بەردى قانات بەردى ،
زىيانلىق ئىش قىلىپ ئەلگە نۇمۇسسىز كور تاماق بولما .
يامان ئىش ھەممە يەردە »ئۇر چاشقاننى ئۇر » بولسۇن ،
ۋەتەن ئىقبالىغا كۆيسەڭ «يامانغا يان تاياق بولما».

=============================


بىر - ئىككى كۈن ئاۋۋال بىر Blog دا ئۇچرىتىپ قالغان ئىدىم. بىر كۆرۈپلا ھازىرقى ھاياتلىقتىكى كىشىلىك مۇناسىۋەت كارتىنىلىرى كۆزئالدىمغا كەلدى.

(ئاپتۇرى: نامەلۇم)

يامغۇر ياغسا بولىۋالدىڭ ئىگىسى،
چاقماق چاقسا قېچىۋەردىڭ، قېچىۋەر.
ئۈلپىتىم دەپ تېپىۋېلىپ ياۋاشنى،
دولىسىغا ئۇرۇۋەردىڭ، ئۇرۇۋەر.

=============================


2006- يىلى يىل بىشى بولسا كىرەك. بازاردا بىر كىتاب يايمىسىدا، كىتاب كۆرىۋىتىپ، مۇشۇ شېئىرنى ئۇچرىتىپ قالغان ئىدىم.

ئۆلۈم ئالدىدا ٭

ئاقارغان يۈز ، قىيىلغان قاش ، قۇيۇلغان ياش ،
كېسىلگەن باش ، چۇۋۇلغان چاچ ، تۆكۈلگەن قان .
تىتىلغان تەن ، تۈگۈلگەن مۇشت ، كىرىشكەن چىش ،
پۈتمەس غەزەپ ئىزى بولۇپ چىقتى بۇ جان .
- ئەنۋەر ناسىرى

٭شائىر بۇ شېئىرنى 1944- يىلى ۋاپات بولۇش ئالدىدا يازغان .

=============================


غىرىبلىق ھەققىدە ئارتۇق گەپ قىلغىم يوق.

غىرىبلىق
(پارچە)

غازاڭلار تۆكىلەمدۇ تۆكۈلگەنمىدۇ؟
دەرەخلەر مېنىڭدەك يالغۇز قالامدۇ؟
ھاياتنىڭ مەن سالغان چېغىر يولىدا
مەن ئۆزۈم ماڭمىسام ئادەم ماڭامدۇ؟

- ئادىل تۇنىياز

=============================



نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىماي دىسىمۇ ئامال يوق، ئويلاپ سالىدىكەن. ھەي ھايات ....

سۆزلىسەم ئازاپتۇر، سۆزلىمىسەم غەم،
يارىدەك ئەسلىتەر، ئويلىمىسام ھەم.

=============================



ﺑﯘﻻﻗﯟﯦﺸﻰ ﻛﻮﭼﯩﺴﻰ
(ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺗﯘﻧﯩﻴﺎﺯ)

ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﻮﭼﯩﺴﻰ
ﻧﯘﺭ ،
ﻻﻱ ﺗﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ .
ﻛﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﭼﺎ ﺳﺎﻗﺎﻝ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ
ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ ﻗﺎﺭﺍﭖ .
ﺳﯘﻳﯘﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﻧﯧﺮﯞﯨﻼﺭ
ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻞ ﻏﯧﺮﯨﺒﻠﯩﻘﻘﺘﺎ
ﺋﯘﻳﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﺋﺎﺳﺘﺎ - ﺋﺎﺳﺘﺎ .

ﻗﺎﺳﺴﺎﭖ ﭘﯩﭽﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﺗﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ
ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ ﻗﺎﻥ ﻳﯘﻗﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ .

ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ
ﺗﺎﺟﻰ ﺳﺎﻟﭙﺎﻳﻐﺎﻥ ﺧﻮﺭﺍﺯ
ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ
ﺋﺎﻕ ، ﻗﺎﺭﺍ ، ﻛﯚﻙ ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﻩﯕﻠﻪﺭﻧﻰ .

ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ ﻣﺎﯕﺎ
ﺋﯚﺗﻤﯜﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺷﺒﯘﺩﻩﻡ ﺋﺎﯕﺎ .

ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻻﻕ
ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﺑﯘﻟﺪﯗﻗﻼﭖ
ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯘﺭ ﺑﯩﺮﺍﻕ .


تۈگىدى.