2009年1月27日

ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسلىمنامىسى (فىليەتون)

ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسلىمنامىسى (فىليەتون)
ئاپتورى : dilxatks



ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
خەنزۇ تىلى ئەپەندى ، مەن تەسلىم بولۇشنى قارار قىلدىم. سەۋەبى ناھايتى ئاددىي : مەندە داۋاملىق تىركەشكىدەك مادار قالمىدى ، ئەينى زامانلاردا بىلىمى مول ، تەسەۋۋۇرغا باي ، ئەقىللىق ئۇيغۇر خەلقى مىنى ----- ئۇيغۇر تىلىنى كەشىپ قىلغان ئىدى. مىنىڭ ھۆسنۈم گۈزەل بولغاچقا نۇرغۇنلىغان خەتتاتلار ، ھۆسىنخەتچىلەر مەيدانغا كەلدى ؛ مەن چوڭقۇر مەنىلىك بولغاچقا نۇرغۇنلىغان شائىر يازغۇچىلار مەيدانغا كەلدى. مىنىڭ تارىخىم ئۇزۇن ، شۇڭا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇزاقتىن بىرىقى ئىش ئىزلىرىنى خاتىرىلەپ كەلدىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان بايلىقلىرىم ئىدى.
ئەسلىدە مەن سىزنى ----- خىشقا ئوخشايدىغان تۆت چاسا شەكىللىك كالدۇر - كۇلدۇر قۇچقاچ تىلىنى سېپى ئۆزىدىن ئۆزۈمنىڭ رەقىبى ئەمەس دەپ ئويلىغانىدىم. ھەتتا سىز بىلەن توقۇنۇشۇشنى ئەرزىمەس بىر ئىش دەپ ئويلىغان ، بىراق مەن ئۆزۈمنىڭ بۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەغلۇپ بولۇشۇمنى ئويلىمىغان ئىدىم. مانا بۈگۈنگە كەلگەندە قايتا - قايتا زەربە يەپ قىلچىلىك قارشىلىق قىلغۇدەك مادارىم يوق ھالغا چۈشۈپ قالدىم. ئەمدىلىكتە سىزگە قۇللۇق بىلدۈرۈپ تەسلىم بولۇشنى قارار قىلدىم. ئەگەر خالىسىڭىز سىزنىڭ قۇلىڭىز بولۇپ ، سىزگە بىر ئۆمۈر خىزمەت قىلاي. بەك بولمىسا تىل ساھەسىدىن چىكىنىپ چىقساممۇ مەيلى ، راسىت گەپ ، مەن تەييارلىق قىلىپ بولدۇم.
مەن مەغلۇپ بولدۇم ، مىنىڭ مەغلۇبىيتىم قايسى ۋاقىت ، نىمە ئىش ، نىمە سەۋەبتىن بولدى؟ خەنزۇ تىلى ئەپەندىم ، مىنىڭ ئۆز مەغلۇبىيتىمنى خۇلاسىلىشىمگە يول قويغايسىز ، باشقا مەخسىتىممۇ يوق ، كونا خاماننى سورۇپمۇ يۈرمەيمەن ، پەقەت ئۆزۈمنىڭ قانداق چېكىنگىنىمنى سۆزلىسەملا بولدى.
بىزنىڭ تۇنجى قىتىملىق "ئۇچرىشىش"ىمىز قايسى ۋاقىتتىن باشلانغان بۇنىسى ئىنىق ئېسىمدە قالماپتۇ ،ئىشقىلىپ ئۇچراشقاندىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە سىز ماڭا ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئاز - تولا "ھۇجۇم" قىلىپ تۇردىڭىز. بۇ ھۇجۇمىڭىز يىقىنقى نەچچە ئون يىل مابەينىدە ھەسسىلەپ كۈچەيدى ، ھەم ئوبدانلا ئۈنۈمى بولدى. مانا ئەمدىلىكتە ئىككىمىزنىڭ ئىناۋىتى ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئاساسەن تەڭلەشتى ، ھەتتا مەن چىكىنىشكە قاراپ ماڭدىم. سىزنىڭ كۈچلۈك زەربىڭىز ئاسىتىدا مىنىڭ پۈتۈن بەدىنىم جاراھەت بىلەن توشتى.
مان ھازىر مۇنداق ب ىر ۋەزىيەت شەكىللەندى: ئەتراپىمىزدىكى ھەرقانداق بىر ئىمتاھان ، مەيلى ئۇ ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتاھانى ياكى ئۇنۋان باھالاش ، ئەمەل ئۆستۈرۈش ئىشلىرى بولسۇن سىزدىن ئايرىلالمايدۇ. باشلانغۇچ باللىرى مىنى ئۈگنىشتىن قول ئۈزۈپ سىزنى ئۈگىنىشنى باشلىۋەتتى ، ئاتالمىش قوش تىل مائارىپى شۇنداقمىكىن تاڭ!؟ مەن ئالىي مەكتەپلەردى ئاساسىي جەھەتتىن ھەيدەلدىم. ئىدارە جەمىيەتلەردە ئىشلەۋاتقانلار سىزدەك بىر ئۇلۇغنى تونۇماپ باقسۇنە قىنى ئۇنداقلارنىڭ كەشى توغرىلاغلىق. ئىشقا ئورۇنلىشىمەن دىگۈچىلەر بولسا چوقۇم سىزدەك بىر داڭلىق ئەربابقا چوقۇنىشى كىرەك ، شۇ ۋەجىدىن مىنىڭ بىر تۈركۈم چوقۇنغۇچىلىرىم سىزگە چوقۇنۇش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.
خەنزۇتىلى ئەپەندىم مىنىڭ كۆڭلۈمنىڭ قانىلىك يىرىم بولغىنىنى بىلەمسىز؟ تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مەن سىزنىڭ ئۇلۇغلىقىڭىزنى يەنە بىر قىتىم تونۇپ يەتتىم. ئۇنۋىرستىتنى پۈتكۈزۈپ "ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭ تارىخى" غا ماگىستىرلىققا ئىمتاھان بەرگەن بىر ئوقوغۇچى خەنزۇ تىلىدا "باجىي" دەمدۇ ئىشقىلىپ سىزگە مۇناسىۋەتلىك بىر نەرسىدە تەلەپكە لايىق بولمىغاچقا قوبۇل قىلىنمىدى. ئۇ ئوقوغۇچى ئىنتايىن بىلىملىك (سىزنى تۈزۈك تونۇمىغىنىنى ھىسابقا ئالمىغاندا) ، ئەخلاقلىق ئىدى. مىنىڭ كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى شۇكى خەق مىنى تەتقىق قىلىمەن دىسە سىزگە بىرسى بىرنەرسە پۇشۇرۇپ قويغان بولغىيمىتى. شۇنداق قىلىپ بىر ياخشى ئوقوغۇچى ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئارزۇسىغا يىتىشتىن مەھرۇم قىلىندى. راستىنلا ئۇۋال بولدى.
ھازىرقى ئۇنۋىرىستىت ئوقوغۇچىلىرى مەكتىپىدە 2-4 يىلغىچى سىزنى ئۈگىنىدۇ ، يەنى ئاز بولغاندىمۇ ئۈچتىن بىر قىسىم ۋاقتىنى سىزنى ئۈگىنىش ئۈچۈن سەرىپ قىلىدۇ. مىنىچۇ؟ ئۈگەنگەندىمۇ يۈزەكى ئۈگىنىدۇ ، بولمىسا ئۇمۇ يوق! شۇڭا ئەزەلدىن مەن بىلەن پەخىرلىنىپ كەلگەن بىر مىللەت ئۆزلىرىنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا مىنى قايرىپ قويۇشتى ، مەن تاشلىۋىتىلدىم دىسەم ئارتۇق كەتمەس!
خەنزۇ تىلى ئەپەندىم ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك شۆھرەتلىك ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەمسىز؟ ھازىر پۈتۈن سىزنى ئۈگىنىش سىزگە چوقۇنۇش دولقۇنى كۆتۈرلۈپ ، مەن بىلەن كارى بولىدىغانلار ئازىيىپ كەتتى. مەن ئاستا - ئاستا ئۆزۈمنىڭ شۆھرىتىنى يوقۇتۇپ قويدۇم ، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى مىنىڭ مەۋجۇدلىقىمنى ئۇنۇتۇپ ، سىزگە ئۆزىنى ئاتتى. مەن بىر بۇلۇڭدا ھەسرەت چىكىپ يۈرۈپتىمەن. ئەمدى سىزنى توسقۇدەك ماغدۇرۇم قالمىدى ، شۇڭا ھازىردىن باشلاپ سىزگە تەسلىم بولدۇم.
كەمىنىڭىز : ئۇيغۇر تىلى

ئەسلى ئادىرسى: http://dilxatks.blogbus.com/logs/34370222.html

2009年1月16日

ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق

ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق


ئەركىن سىدىق


2008-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى


ئەسلى مەنبە



مەن 2006- ۋە 2007-يىللىرى يۇرتقا بېرىپ، ھەر خىل كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، ”ئۇيغۇرلار ئۇلاردىن جىق ھورۇن”، ” ئۇلار ئۇيغۇرلاردىن جىق ئەقىللىق”، ”نۇرغۇن ئىشلاردا ئۇيغۇرلار دۆت”، دېگەندەك گەپلەرنى كۆپ قېتىم ئاڭلىدىم. بۇ ئايرىم كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشىمۇ، ياكى ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنىشقا باشلىغان بىر ئىدىيىمۇ، بۇنىسى ماڭا ئېنىق ئەمەس. ئەگەر بۇنداق كۆزقاراش ئايرىم كىشىلەرگىلا تەۋە بولماستىن، ئۇ خەلق ئىچىگە خېلى كەڭ دائىرىدە سىڭىپ كىرىۋاتقان بىر ئىدىيە بولسا، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەتلىك سەلبىي تەشۋىقاتنىڭ نەتىجىسى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. قارىماققا بۇ مەسىلە بىر ئاددىي ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇ مىللىي روھنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ساقلاپ قېلىش ۋە ئۆستۈرۈش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە بولۇپ، ئۇ سەگەك كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك. مەن ھەر قېتىم يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئويلىغىنىمدا، ناھايىتى راھەتسىزلىنىپ كەلدىم. بۈگۈن ئاخىر بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ چىقىش قارارىغا كەلدىم. مەن بۇ يازمامدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ھورۇنلۇقى» مەسىلىسى ئۈستىدە كۆپ توختالمايمەن. نەچچە ئەسىرنىڭ مابەينىدە، ئۆز ئەتراپىدا ياشىغان باشقا مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلار باشقىلاردەك قاتتىق ئىشلىمىسىمۇ، باشقىلار تارتقان جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتمىسىمۇ، باشقىلارنى بېسىۋالمىسىمۇ ۋە تالان-تاراج قىلمىسىمۇ، ئۆزى قاناەتلەنگىدەك دەرىجىدىكى راھەت تۇرمۇش سەۋىيىسىدە ياشاپ كەلگەن ئىدى. ئادەم قاتتىق ئىشلىمەي تۇرۇپمۇ ئۆزى رازى بولغىدەك دەرىجىدە راھەت ياشىيالىسا، ئاشۇنداق ياشاۋەرسە بولىۋېرەتتى. ئۇنىڭ ھېچ بىر يامان يېرى، ئەيىبلىگۈچىلىكى يوق ئىدى. لېكىن، ھازىر جاھان ئۆزگىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقىدەك ئەمگەكچانلىق دەرىجىسى ھازىر ئۇلارنى «ھورۇن» قىلىپ كۆرسىتىپ قويۇۋاتىدۇ. لېكىن بۇ ئەھۋالمۇ ئۆزگىرىدۇ. ئادەممۇ ئۆزگىرىدۇ. ئەمەليەتتىمۇ يۇقىرىقىدەك “ھورۇنلۇق” ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ھالىتى ناھايىتى تېز ئۆزگىرىۋاتىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئېشىشىغا يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنى كەلسە-كەلمەس ۋە داۋاملىق ئەيىبلاۋەرمىگەن ياخشى.

ئەمدى بۇ يازمىنىڭ قالغان قىسمى ئۇيغۇرلار «دۆت» مۇ ياكى ئەقىللىقمۇ، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە بولىدۇ. ھەر كىمنىڭ ھەر قانداق بىر شەيئى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئەركىنلىكى بار. لېكىن، ئۇنداق ھۆكۈم ئىلمىي ئاساستا چىقىرىلىشى، ئەمەلىيەتكە ئاساسلانغان بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ھېچ قانداق قىممىتى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزۇن مۇددەت تەكرار دېيىلگەن سۆز بىر ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسى بىلەن ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ. ئۇزۇن مۇددەت، بىر سىزىقنى بويلاپ ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان تەشۋىقات بىر خەلقنىڭ روھىي دۇنياسى بىلەن ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ. مەن بۇ يازمامدا ئاشۇنداق ھادىسىلەرنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈمەن. ھەمدە ئوقۇرمەنلەرگە بەزى پاكىتلارنى سۆزلەپ بېرىمەن. مەن قىسقىچە تەسۋىرلەپ بېرىدىغان پسىخولوگىيە ئىلمىگە ئاىت ئۇقۇملار بىر غەرىبلىك مۇتەخەسسىس ئىنتېرنېتتا يېزىپ ئېلان قىلغان ئۇقۇملار ئاساسىدا بولىدىغان بولۇپ، مەن ئىنتېرنېتتىن ئۇ مۇتەخەسسىسنىڭ ئىسمىنى تاپالمىدىم.


1. كۆڭۈلنى پروگراممىلاش

تارىختا ھىندىستاننىڭ ئۇدىپۇر دېگەن يېرىدە مۇنداق بىر ۋەقە بولغان. دۈشمەنلەر بۇ جايغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، بۇ پادىشاھنىڭ پاننا دھاي ئىسىملىك بىر خىزمەتچىسى پادىشاھنىڭ ئوغلىنى قۇتقۇزۇپ قالغان. بۇ بالا مۆكۈنۈپ يۈرۈپ چوڭ بولۇپ، ئەڭ ئاخىرى ئاشۇ جايغا پادىشاھ بولغان. ئۇنىڭ نېمىشقا پادىشاھ بولالىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ سىزچە ئاشۇ بالىنىڭ قېنىدا پادىشاھلىق بارمىدۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئۇنىڭ بىر پادىشاھ بولۇپ تەربىيىلىنىپ چىقىشىدىكى سەۋەب، ھېلىقى خىزمەتچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە كىشىلەر ئۇ بالىغا: “سەن دېگەن بىر شاھزادە. سەن چوقۇم پادىشاھ بولۇشۇڭ كېرەك. دۈشمەنلەر بىزنىڭ پادىشاھلىقىمىزنى تارتىۋالدى. سەن چوڭ بولغاندا ئۇلاردىن چوقۇم ئىنتىقام ئېلىشىڭ ھەمدە ئۇلارنى يېڭىشىڭ كېرەك” دەپ تۇرغان.

ئىنگلىزچىدە «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» دېگەن بىر ئۇقۇم بار. ئۇنى ئىنگلىز تىلىدا «mind programming» دەپ ئاتايدۇ. «mind»نىڭ مەنىسى كۆڭۈل، ئاڭ، نىيەت، ھوش، ئەقىل ۋە خىيال دېگەن سۆزلەرگە يېقىن بولۇپ، «program» دېگەن سۆز پېىل قىلىپ ئىشلىتىلگەندە، «بىر ئادەمدە بىر خىل خىيالنى تۇرغۇزۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ خىيالىنى تۈزلەپ ياكى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىگە كەلگەن ئۇچۇرغا نىسبەتەن بىر خىل ئالاھىدە ئىنكاس قايتۇرۇدىغان ياكى بىر خىل ئالاھىدە ئىش تۇتىدىغان قىلىش» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، يۇقىرىقى ھېكايىدىكى بالا «سەن پادىشاھ بولىسەن» دېگەن گەپنى داۋاملىق ئاڭلاۋېرىپ، ئۇنىڭ كۆڭلى ئاشۇ تەرىقىدە پروگراممىلانغان. نەتىجىدە، ئۇ بالا بىر باشلىق ياكى ھەربىي قوماندان بولۇشنى خالىماي، پەقەتلا بىر پادىشاھ بولۇشنى ئىستىگەن. ھەمدە ئاشۇنداق غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشقىمۇ تەييار تۇرغان. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىچىدە بۇنداق مىساللارنى بىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، بۇنىڭ يەنە بىر مىسالى، ئامېرىكىدىكى چوڭ بۇشنىڭ ئوغلى كىچىك بۇشنىڭمۇ پرېزىدېنت بولۇشىدۇر. ئۇيغۇرلار ئىچىدە «باشلىقنىڭ بالىسى باشلىق بولىدۇ»، دېگەن سۆز كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئاشۇنداق بىر ئەمەلىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى تۈپ سەۋەبلەرنىڭ بىرسىمۇ ئاشۇ «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» تىن ئىبارەتتۇر (ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «ئارقا ئىشىك» 1-ئورۇندا تۇرامدۇ ياكى «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش»مۇ؟ بۇ سوالغا ئۆزىڭىز جاۋاب بېرىپ بېقىڭ.)

ئادەمنىڭ ئەس-ھوشى ئىككى خىل بولىدۇ: ئاساسلىق ھوش ۋە قوشۇمچە ھوش. ئىنگلىزچىدە بۇلار «conscious and sub-conscious» دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەمنىڭ قوشۇمچە ھوشى ئۇنىڭ ئاساسلىق ھوشىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولمايدۇ. ئادەمنىڭ قوشۇمچە ھوشى ئۇنىڭغا قاچىلانغان ئۇچۇرلار ئاساسىدا مۇستەقىل ھالدا ئىش ئېلىپ بارىدۇ. مانا بۇ كۆڭۈلنى پروگراممىلاشنىڭ ئاساسىدۇر. يەنى، «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» دېگىنىمىز، بىر ئادەمنىڭ قوشۇمچە ئەس-ھوشىغا مەلۇم ئۇچۇرلارنى قاچىلاپ، شۇ ئارقلىق ئاشۇ ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە كونترول قىلىش، دېگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر.

ئادەمنىڭ ئاساسلىق ئەس-ھوشى بىر «ئىسكىلات باققۇچى» ياكى «ئىسكىلاتچى» غا، قوشۇمچە ئەس-ھوشى بولسا بىر ئىسكىلاتقا ئوخشايدۇ. ئىسكىلاتچىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئەقلى بولمايدۇ. ئۇ ئىسكىلاتقا قاچىلانغان ئۇچۇر ئاساسىدا ئىش ئېلىپ بارىدۇ. «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» دېگەنلىك، ئىسكىلاتچىغا ئۇقتۇرماي تۇرۇپ، ئۇچۇرنى ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈپ قويۇش دېگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر.

سىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە «مەن ئۆگىنىشتە ناھايىتى ياخشى» دېدىڭىز، ئەمما ئىسكىلاتتا باشقا ئادەملەرنىڭ «سەن دۆت، سەن ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايسەن.» دېگەن سۆزلىرى ساقلانغان، دەپ پەرەز قىلايلى. ئىسكىلاتچى سىزنىڭ سۆزىڭىزنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىسكىلاتتا ساقلانغان يۇقىرىقى سۆزلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ، «بۇ ئۇچۇر خاتا ئىكەن»، دېگەن خۇلاسىگە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ يېڭى، ئىجابىي ئۇچۇرنى ئىسكىلاتقا ئەكىرىپ قويماي، ئۇنى تاشلىۋېتىدۇ. مانا بۇ بىر ئادەمنىڭ ئىدىيىسىنى ۋە ئىش-ھەركىتىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەڭ تۈپ قىيىنچىلىقتىن ئىبارەتتۇر.

يۇقىرىقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تارىخىي ھېكايىلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، كىشىلەر ۋە بىر جەمئىيەت سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى پروگراممىلىيالايدۇ. يۇقىرىقى شاھزادە بىلەن قارمۇ-قارشى ھالدا، بىز ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان “ئۇنداق قىلما… تەۋەككۈلچىلىك قىلما… ساراڭلىق قىلما… سەن دۆت. … سېنىڭ قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ…» دېگەندەك خاتا ئۇچۇرلار بىلەن پروگراممىلىنىپ كەلدۇق. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ بىر ئادەم ۋە بىر مىللەتكە ئېلىپ كېلىدىغان يامان ئاقىۋىتىنى بىر تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ.

ھازىر ئىنسانلار تارىخىدا تۇنجى قېتىم سىزنىڭ ئوز كوڭلىڭىزنى توغرا يونىلىشتە پروگراممىلىشىڭىزنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدىغان كۇچلۇك تېخنىكىلار ۋۇجۇتقا كەلدى. بۇ تېخنىكىلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ قوشۇمچە ئەس-ھۇشىڭىزغا بوسۇپ كىرىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە ئاساسلىق ئەس-ھۇشقا ئۇقتۇرماي تۇرۇپ ئۇچۇر قاچىلايدۇ. سىزنىڭ قوشۇمچە ئەس-ھۇشىڭىزدىن ئىبارەت بۇ «ئىسكلاتىڭىز» غا ھەر كۇنى نۇرغۇن ئۇچۇرلار كىرگۇزىلىۋاتىدۇ. ئۇلار قانداق ئۇچۇرلار؟ ئۇلار سىزنىڭ كوڭلىڭىزنى قايسى يونىلىشتە پروگراممىلايدۇ؟ بىر دەم كوزىڭىزنى يۇمۇپ جىم ئولتۇرۇپ، مۇشۇ سوئاللار ئۇستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىڭ.


2. ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق

ئۇيغۇرلار ئادىللىق ۋە ئادالەتنى ئەڭ ياقلايدىغان، ئۇنى ناھايىتى قەدىرلەيدىغان، ناھەقچىلىققا قىلچە چىدىمايدىغان مىللەتلەرنىڭ بىرسى. شۇنداق بولغاچقا، بىز باشقىلارنىڭ ئۆزىمىزگە ئادالەتسىزلىك قىلىشىنى، ناھەقچىلىق قىلىشىنى خالىمايمىز. شۇنداق بولغانىكەن، بىز ئۆز-ئۆزىمىزگە ئادالەتسىزلىك قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىشىمىز كېرەك. ئەگەر سىز ئۇيغۇرنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماقچى بولسىڭىز، نوپۇسىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىر-بىرسىگە يېقىن كېلىدىغان، ياشاۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىماىي شاراىتى بىر-بىرىنىڭكىگە يېقىن كېلىدىغان، ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى مەدەنىتيى ھەمدە تارىخى بىر ئاز ئوخشاپ كېتىدىغان بىرى بىلەن سېلىشتۇرۇڭ. ھەرگىز نوپۇسى ئۇيغۇر نوپۇسىدىن 100 ھەسسە ئارتۇق بىرى بىلەن سېلىشتۇرماڭ. ئۇنداق قىلسىڭىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادالەتسىزلىك قىلغان، ناھەقچىلىك قىلغان بولىسىز. ئىلمىي ئىش كۆرمىگەن بولىسىز. بولۇپمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كاللىسىدا بۇ ئىش ناھايىتى ئېنىق بولۇشى كېرەك. ئەگەر سىز ئىچكىرىدىكى ئوقۇشقا 100 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇپ تاللانغان بولسىڭىز، سىزنىڭ خەنزۇ ساۋاقداشلىرىڭىز كام دېگەندە 1،000 ئوقۇغۇچىنىڭ بىرسى بولۇپ تاللانغان. سىز ھەرگىزمۇ ئەقىل جەھەتتە تۆۋەن ئورۇندا تۇرمايسىز. باشقىلار سان جەھەتتە سىزدىن جىق يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلار ئۆز تىلىدا ئوقۇيدۇ. سىز باشقىلارنىڭ تىلىدا ئوقۇيسىز. بۇنىڭ ئوقۇش ئۈنۈمىگە كۆرسىتىغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ. شۇڭلاشقا، باشقىلار بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ئوقۇش ئۈچۈن، سىزنىڭ ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردە سىنىپ بويىچە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇننى تۇتۇپ ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن مەن 10 دەك كىشىنى بىلىمەن. ئۇلاردىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن. شۇنى كېسىپ ئېيتىش مۇمكىنكى، ئۆزى بىلەن باراۋەر كېلىدىغان مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلار ھازىر مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، تارىخ، ئىلىم-پەن ۋە ئىنسانلار تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنيادا خېلى يۇقىرى ئورۇننى ئىگىلىيەلەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تارىخىي تۆھپىلىرى، تارىختا تۇتقان مىللىي ئورنى، تارىختا بەھرىمەن بولغان شان-شۆھرىتى جەھەتلەردە ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىرغىچە نۇرغۇن كىتاب-ماقالىلار يېزىلىپ بولدى. شۇڭا مەن بۇ يەردە ئۇ تارىخىي ئەھۋاللار ئۈستىدە توختالمايمەن. تۆۋەندە مەن چەت ئەلدە تۇرۇپ، ئوقۇش، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ھەر خىل كەسپىي ساھەلەردە دۇنيادىكى باشقا ئىلغار مىللەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىپ، ئالدىنقى قاتاردا ئورۇن تۇتۇۋاتقان، «ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق» دېگەن بىر ھەقىقەتكە مىسال بولالايدىغان بىر قىسىم شەخسلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيەگە چىقىش ئىشى 1985-يىلى باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە 130 دىن كۆپرەك ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇ يەردە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ تىزىملىكىنى http://www.xjmua.com/doctor_all.html دىن كۆرەلەيسىز.

▲ ياپونىيەدىكى دىلشات ئابلا دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغاندىن باشلاپ، ياپونىيەنىڭ رىكەن مەغە (Riken Meghe) تەتقىقات مەركىزىدە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتىدۇ.

▲ ياپونىيەدىكى قۇتلۇق سابىت بىلەن شەمشىدىن شەيھىدىن نىسسان(Nissan) شىركىتىدە، دىلشات ئابدۇرېھىم بىلەن تالىپ ئاتاجان نەك(NEC) شىركىتىدە، جۈرئەت غوجا بولسا فۇجىتسۇ(Fujitsu) شىركىتىدە كەسپىي خادىم بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. دوكتور ئۆمەرجان ساۋۇت بىلەن دوكتور ئەنۋەر ياسىن ياپونىيەدىكى ئىككى يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرىدە بۆلۈم مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

▲ ياپونىيەدىكى دوكتور پەرھات ئەخمەت توكيو تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىدا ۋە دوكتور مۇختار ماخسۇت ناگويا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەر خىل دەرىجىدىكى پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

▲ئەنگلىيەدىكى دىلشات ھېۋىزۇللا لوندوندىكى بىر ئالىي مەكتەپتە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ھازىر ئەنگلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق تېلېۋىزىيە شىركىتى BBCدە يېڭى يۇمشاق دېتاللارنى راۋاجلاندۇرۇپ ئىشلەپ چىقىرىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ياخشى نەتىجىلەر يارىتىۋاتىدۇ.

▲ ئايشەم ئەلى ئاۋىسترالىيەدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ھازىر گېرمانىيەدىكى «Max Planck Institute for Social Anthropology» دە دوكتور دەرىجىلىك تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

▲ مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم دولقۇن يۇنۇس ياپونىيەدە ماگىستېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن تارتىپ، ياپونىيە NEC شىركىتىنىنىڭ مىكرو دولقۇن خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى بويىچە تۈركىيە بىلەن ئافرىقا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق تېخنىكىلىق ياردەم مۇلازىمىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

▲ ئامېرىكىدىكى مۇھەممەد ئابدۇللا، فرانسىيەدىكى ۋارىس ئابدۇكېرىم جانباز ۋە ياپونىيەدىكى غەيرەت كەنجى قاتارلىق ياشلىرىمىز يالغۇز كومپيۇتېر كەسپىدە ئەلا نەتىجە بىلەن دوكتورلۇقتا ئوقۇپلا قالماي، ئوقۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر يۇمشاق دېتاللىرى بىلەن ئۇيغۇرچە-چەت ئەل تىلىچە ئېلېكترونلۇق لۇغەتلەرنى ياساپ چىقىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىمۇ كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدىكى نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتىدۇ. ئامېرىكىدىكى «بۈركۈت» بىلەن «جېك» ئەپەندىلەر ئامېرىكىدا فىزىكا كەسپى بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۆز تۇرمۇشىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئالدىراشلىقىغا قارىماي، بىر تەرەپتىن ياخشى ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ بارلىق بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ۋەتەندىكى چەت ئەلدە ئوقۇش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى نۇرغۇن قىممەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.

مەن ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى كۆپلىرىنىڭ ئۆيىدە تامغا چاپلاغلىق تۇرغان، بالىلىرى ئېرىشكەن، «ھەممە دەرسلەردە A ئالغان ئوقۇغۇچى مۇكاپاتى» دەپ ئاتالغان تەقدىرنامىلارنى كۆردۈم (ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى دەرس نەتىجىسىگە A, B, C, D, F دېگەندەك ھەرپلەرنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى A ھەرىپى ئەلا دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ).

▲ ئامېرىكىدىكى دۇنياغا داڭلىق ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدە قاھار بارات، قەيسەر مىجىت، ئەلنىگار ئىلتەبىر ۋە قۇدرەت ياقۇپ قاتارلىق 4 ئۇيغۇر ئوقۇشقا كىرگەن بولۇپ، بەزىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولدى. بەزىلىرى ھازىرمۇ ئوقۇۋاتىدۇ.

▲ ھارۋاردتىن سەل كېيىن تۇرسىمۇ، دۇنيا ۋە ئامېرىكا بويىچە خېلى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەرقايسى شۆبىلىرىدە تۆۋەندىكى 2-ئەۋلاد ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئوقۇۋاتىدۇ: ئارافات ئادىل لوس ئانجېلېس(Los Angeles) شۆبىسىدە، دىلشات ئەركىن بېركېلېي(Bérkéléy) شۆبىسىدە، فرۇزە تاشپولاتلار ئىرۋىنە شۆبىسىدە، ئىلىكنۇر ئامان لوس ئانجېلېس(Los Angeles) شۆبىسىدە ۋە مەرھابا مەھمۇت داۋىس(Davis) شۆبىسىدە. ئامېرىكىنىڭ باشقا شىتاتلىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش داڭلىق مەكتەپلەرگە كىرگەن 2-ئەۋلاد ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىدىن خېلى كۆپلىرى بار.

ياپونىيەدىن باشقا، ھازىر ئامېرىكا، ئاۋىسترالىيە، كانادا، ياۋروپا ۋە تۈركىيە قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ماگىستېرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى بار. بۇنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە http://www.meripet.com/Bio/FransiyedikiDokturlar.htm نى كۆرۈپ بېقىڭ.

▲ دوكتۇر رىشات ئابباس (http://www.meripet.com/Bio/RishatAbbas.htm) ئامېرىكىنىڭ «Wyeth Research» شىركىتى دورىگەرلىك بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھاسىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتتا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتتى. دوكتور مۇرات قادىر ئامېرىكىدىكى «L’Oréal USA» شىركىتى چاچ مەھسۇلاتى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. دوكتور ئابلەت ئابلىمىت ياپونىيە توتو(Toto) شىركىتىنىڭ گۇاڭجۇدىكى مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

▲ ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتقانلاردىن تۆۋەندىكىلەر بار: ئابدۇرېھىم ئائىتبايېۋ (http://infohost.nmt.edu/~aitbayev, New Mexico Institute of Mining and Technology)، ئابلەت ئىبراھىم (California State University, Monterey Bay)، ھەسەن سايىت (Boston College) ۋە رەيھانگۇل بەكتۇر (Utah State University).

▲ رىزۋانگۇل ھاجى (قەيسەر مىجىت ئەپەندىنىڭ خانىمى) كىچىكىدىن ئۇيغۇر مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇيغۇر تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى 1997-يىلى پۈتتۈرگەن. 1999-يىلى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئىنگلىز تىلىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، 2003-يىلى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى مېدىتسىنا سالاھىيەت ئىمتىھانىدىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتكەن. 2004-2007 يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى دوختۇرخانىدا 3 يىل ياردەمچى دوختۇر بولۇپ خىزمەت قىلغان ۋە بىلىم ئالغان. 2007-يىلى 9-ئايدا "ئامېرىكا ئىچكى كېسەللىكلەر جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي ئىمتىھانىدىن" غەلىبىلىك ئۆتۈپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل كېسەل كۆرۈش سالاھىيىتىگە ئىگە كىنىشكە ئالغان. ھازىر ماسساچۇسېتتس شىتاتىنىڭ بوستون شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا مەسئۇل دوختۇر بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.

▲ ئەكبەر شەرىپ، دولقۇن روزى، مەمەت ئەمىن، مەمەتجان ئىبراھىم، مەھمۇد ئوبۇل ۋە تۆمۈر پالتا (http://www.meripet.com/Bio/Timour_Bio.htm) قاتارلىق دوكتورلار ۋە مۇتەخەسىسلەر ھازىر ئامېرىدىكى بىر قانچە ئالىي مەكتەپ ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىس بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە، مەمەت ئەمىن يالغۇز ئۆز كەسپىي ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىات ئىشلىرىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتىپلا قالماستىن، يەنە ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلاردىكى ھەر خىل كېسەللىكلەر ۋە ئۇلارنى داۋالاش ئۇسۇلى جەھەتتە ئۇيغۇرلارنى قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ.

ماگىستېرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ھەر خىل مەكتەپ، كەسپىي ئورۇن ۋە شىركەتلىرىدە يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكىلىق ئورۇن تۇتۇپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار خېلى كۆپ بولۇپ، مەن ئۇلارنى بۇ يەردە بىرمۇ-بىر تىلغا ئېلىپ بولالمىدىم.

▲ ئامېرىكا تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى مۇتەخەسسىسى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ، ئامېرىكا ئورېگون شىتاتى ساغلاملىق-پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كۆپىيىش ئىلمى بۆلۈمى ۋە ئورېگون شىتاتى دۆلەتلىك پرىماتلار (مايمۇن تۈرىدىكىلەر) يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى-غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

▲دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ سىڭلىسى دوكتور مايسەم مۇتەللىپ خانىم ھازىر ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان ماساشۇسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى(ئىنگلىزچە «Massachusetts Institute of Technology» بولۇپ، قىسقارتىلىپ «MIT» دەپ يېزىلىدۇ)دا ئاكىسىنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئابدۇرېيىم ئاىتبايەۋ، شۆھرەت مۇتەللىپ، مايسەم مۇتەللىپ ۋە تۆمۈر پالتالار قازاقستاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدۇر.


▲ مەن بولسام ئامېرىكىنىڭ قىسقارتىلىپ «NASA» دەپ ئاتىلىدىغان، «مەملىكەتلىك ئاۋىاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى» نىڭ بىر مۇھىم تەتقىقات-تەرەققىيات مەركىزى بولغان JPL دە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن.

مېنىڭ يېقىنقى بىر قىسىم نەتىجىلىرىمنى تۆۋەندىكى تور بېتىدىن كۆرەلەيسىز:
http://www.bilik.cn/bbs/viewthre ... &extra=page%3D1

مەن يۇقىرىقى تىزىملىكنى تەييارلاشتا چەت ئەلدىكى بىر قىسىم يېقىن تونۇشلىرىمنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتىم (ئۇلارغا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر
ئېيتىمەن). شۇنداقتىمۇ مېنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىم، بۇ تىزىملىك ھەرگىزمۇ بىر مۇكەممەل تىزىملىك ئەمەس. بۇ تىزىملىككە كىرمەي قالغان يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ۋە ئىشلار بار. بۇ ماقالىدە ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغىنىم «ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق» دېگەن ئىدىيە بولغاچقا، ئاساسلىقى ئۆزۈم بىلىدىغان كىشىلەرنىلا مىسال قىلىپ ئالدىم.

جۇڭگو ۋە چەت ئەلدە باشقىلار بىلەن ئۈنۈملۈك رىقابەتلىشىپ، ئۆز كەسپىدە ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان ۋە يارىتىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تىزىملىكىنى تۆۋەندىكى تور بېتىدىن كۆرگىلى بولىدۇ:
http://hi.baidu.com/abdilim/albu ... CF%E0%B2%E1/index/0

ئىنسان تارىخىنىڭ ھەممىسىدە سانسىزلىغان دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن خەلقنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلدى. بۇ خىل ئەھۋال ھازىرمۇ قىلچە ئۆزگەرگىنى يوق. مەن يېقىندا كۆرگەن بىر تېلېۋىزىيە خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراقتا بىر چوڭ ئاخبارات شىركىتى قۇرغان بولۇپ، ئامېرىكا بۇ شىركەت ئۈچۈن ھەر ئايدا بىر مىليون دوللار پۇل خەجلەيدىكەن. بۇ شىركەت ئىراقتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىراقنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەشۋىقات مەزمۇنى ئامېرىكىدىكى تەشۋىقات مەزمۇنىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىكەن. يەنى، ئۆزىنى دۇنيا ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيىسىنىڭ بوۋىسى ھېسابلايدىغان ئامېرىكىمۇ ئاخبارات ئورگانلىرىنى كونترول قىلىپ، ئۇنى ھازىر ئۆز مەنپەىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىۋاتىدۇ. تەشۋىقات ۋاسىتىسىنى كىشىلەرنى ئىدارە قىلىشقا ئىشلىتىشتە پايدىلىنىلغان ئىلىم دەل ئاشۇ «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» تىن ئىبارەتتۇر. ھازىر ئۇيغۇرلار بىر ئالاھىدە دەۋر ۋە بىر ئالاھىدە شاراىت ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئەھۋالنى «سۆڭگەچ تېپىش مۇسابىقىسىغا قاتناشقان بىر پۇتلۇق ئادەم» دۇچ كېلىدىغان ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالنى مەن 2006-يىلى ۋە 2007-يىلى يۇرتقا تۇققان يوقلاپ بارغاندىمۇ ئىنتايىن چوڭقۇر ھېس قىلدىم. يەنى، مەنمۇ ئاشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلدىم. شۇڭا ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرگە تەربىيە بېرىش مەقسىتىدە قىلىنغان سۆز، يېزىلغان كىتاب-ماقالىلەر چوقۇم ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇش، ئۇلارنى ئىجابىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى ئاساس قىلىشى كېرەك. بىز بۇ جەھەتتە قىلىنىدىغان ئىشلار چوقۇم بىر پۇتلۇق ئادەمنىڭ يەنە بىر پۇتىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردىمى بولۇشى كېرەك. ئەگەر سىز بىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ، سىنىپىڭىزدىكى ئوقۇغۇچىلارغا داۋاملىق «ئۇيغۇرلار دۆت، ئۇيغۇرلار ھورۇن» دېسىڭىز، بۇ سۆزىڭىز ھەرگىزمۇ سىنىپىڭىزدىكى بالىلارنى بۇرۇنقىدىن ئەقىللىقراق قىلىش، بۇرۇنقىدىن بەكرەك تىرىشچان قىلىش رولىنى ئوينىمايدۇ. دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە رولنى ئوينايدۇ. ئەگەر بىر ساقمۇ-ساق سەمەتنى ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى كىشىلەر داۋاملىق «سەمەت ساراڭ، سەمەت دۆت» دەۋەرسە، ئۇ مەمەت تەدرىجى ھالدا ساراڭدەك سۆزلەيدىغان، ساراڭدەك ماڭىدىغان ۋە ساراڭدەك تۇرىدىغان، ساراڭدەك ئىش قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. مانا بۇ «كۆڭۈلنى پروگراممىلاش» نىڭ كۈچىدۇر. غەربلىكلەر بىر ئادەمنىڭ سەلبىي پوزىتسىيەلىك ياكى ئىجابىي پوزىتسىيەلىكىنى ئۆلچەشتە، داۋاملىق يېرىمىدا سۇ بار، يېرىمى قۇرۇق بىر ئىستاكاننى مىسالغا ئالىدۇ. سەلبىي پوزىتسىيەلىك بىر ئادەم يېرىم سۈيى بار بىر ئىستاكاننى كۆرگەندە «ماۋۇ ئىستاكاننىڭ يېرىمى قۇرۇق»، دەيدۇ. ئىجابىي پوزىتسىيەلىك بىر ئادەم بولسا «ماۋۇ ئىستاكاننىڭ يېرىمىدا سۇ بار»، دەيدۇ. شۇ نەرسىنى ئۇنۇتماڭكى، بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھازىر چوقۇم «ماۋۇ ئىستاكاننىڭ يېرىمىدا سۇ بار» بولسۇن.


3. كۆڭۈل بىلەن بەدەن

2008-يىلىنىڭ بېشىدا، مەن بىزنىڭ ئىدارىدە ئېلىپ بېرىلغان كۆڭۈل بىلەن بەدەننىڭ مۇناسىتى ئۈستىدىمۇ توختالغان بىر سېمىنارغا قاتناشتىم. بۇ سېمىناردا دوكلات بەرگۈچى ئاڭلىغۇچىلاردىن بىرنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سەھنىگە تەكلىپ قىلىپ چىقتى. ئاندىن ئۇ ئاڭلىغۇچىدىن باشقىلار ھازىرغىچە ئۆزى توغرىسىدا دەپ باققان، ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرمەيدىغان سۆزلەرنى سورىدى. سۆزلىگۈچىنىڭ ئوڭ قولىنى مۈرىسى بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ توغرىسىغا كۆتەرتىپ قويۇپ، بىزدىن ھەممىمىزدىن ھېلىقى سۆزلەرنى بىرلىكتە ئۈنلۈك توۋلاشقا بۇيرىدى. بىز شۇنداق قىلدۇق. ئاندىن ئۇ سۆزلىگۈچى سەھنىدىكى ئاڭلىغۇچىنىڭ ئوڭ قولىنى پەسكە باسقان ئىدى، قولى ئاسانلا پەسكە چۈشۈپ كەتتى. سۆزلىگۈچىنىڭ ئورۇنلانتۇرۇشى بويىچە بىز بۇ تەجرىبىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدۇق. بۇ قېتىم ھېلىقى ئاڭلىغۇچى ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان سۆزلەر بىلەن تەكرارلىدۇق. بۇ قېتىم سۆزلىگۈچى ئاڭلىغۇچىنىڭ ئوڭ قولىنى خېلى كۈچەپ پەسكە باسقان بولسىمۇ، ئۇنى زادىلا پەسكە چۈشۈرەلمىدى.

بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەسلىدە ئادەمنىڭ مېڭىسى سىرىتتىن كىرگەن ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى بىر خىل بۇيرۇق سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىدىكەن. ئەگەر سىز «مەن ئەقىللىق» دېسىڭىز، مېڭىڭىز «ھە-ئە، سەن ئەقىللىق»، دەپ پۈتۈن بەدىنىڭىزنى بىر ئەقىللىق ئادەمنىڭ بەدىنى بويىچە پروگراممىلاشقا تىرىشىدىكەن. ئەگەر سىز «مەن باتۇر» دېسىڭىز، مېڭىڭىز پۈتۈن بەدىنىڭىزنى بىر باتۇرنىڭ بەدىنى بويىچە پروگراممىلاشقا تىرىشىدىكەن. ئويلاپ بېقىڭ: ئەگەر نۇرغۇن كىشىلەر سىزنى «دۆت، دۆت» دەۋەرسە، مېڭىڭىز سىزنىڭ بەدىنىڭىزنى قانداق پروگراممىلايدۇ؟ ئەگەر سىز بىر ئۆمۈر «ئۇيغۇرلار دۆت، ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ»، دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولسىڭىز، سىزنىڭ روھىڭىز، ئىرادىڭىز، غەيرىتىڭىز ۋە بەدەن قۇدرىتىڭىز قانداقراق بىر ھالەتتە بولار؟

بىر ئادەمنىڭ مېڭىسىدە 15 مىليارت دانە نەۋرون ياكى مېڭە ھۈجەيرىسى بار بولىدۇ. ھەر بىر مېڭە ھۈجەيرىسى باشقا 5،000-10،000 غىچە بولغان مېڭە ھۈجەيرىسى بىلەن تۇتاشقان بولىدۇ. نەۋرون تورى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇنى بىر غايەت زور تېلېفون تورىغا ئوخشىتىش مۇمكىن. بىز ھەر قېتىم بىر يېڭى نەرسە ئۆگەنگەندە، مېڭىدە نەۋرونلار ئارا يېڭى ئۇلانمىلار پەيدا بولىدۇ. ئۆگەنگەن نەرسىنى تەكرارلىساق، بۇ يېڭى ئۇلانمىلار كۈچىيىپ ماڭىدۇ. يېڭى بىر ئەھۋالنى باشتىن كەچۈرسەك، بۇ ئۇلانمىلار ئۆزگىرىدۇ. يەنى مېڭىدىكى نەۋرونلارنىڭ ئۇلانمىسى توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

ئادەمنىڭ كۆڭلى (ياكى ئەس-ھوشى) بىلەن بەدىنى ئۆز-ئارا تۇتاشقان بولىدۇ. يېقىنقى 10 يىلنىڭ مابەينىدە بايقىلىشىچە، 50-60 دانە خېمىيىلىك ماددىلار ئادەم مېڭىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئادەم بەدىنىگە توشۇيدۇ. ئىنگلىزچە «endorphins» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ماددىلار ئادەم مېڭىسىدىكى بىر خىيال، خۇشھاللىق، ھېسىيات، ئوي-پىكىر قاتارلىق ھەممە ئۇچۇرنى ئادەم بەدىنىدىكى ھەر بىر ھۈجەيرىگە توشۇيدۇ. ئەگەر سىز بىر سايدا مېڭىپ كېتىۋېتىپ، ئىلانغا ئوخشاش بىر نەرسىنى كۆرۈپ، كۆڭلىڭىزدە «بۇ بىر ئىلانكەن» دەپ ئويلىسىڭىز، سىز قورققان بۇ ئۇچۇر دەرھال مېڭىڭىزنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىدۇ. ئاندىن ئۇ ئۇچۇر سىزنىڭ ئۇمۇرتقا يوللىرىڭىز ئارقىلىق بەدىنىڭىزنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىدۇ. بىر ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەدىنىڭىز بۇ خەتەردىن خەۋەر تېپىپ، ئۆزىنى بۇ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلايدۇ. يۈرىكىڭىزنىڭ سوقۇشى تېزلىشىدۇ. قان بېسىمىڭىز كۆتۈرۈلىدۇ. نەپىسىڭىز تېزلىشىدۇ. مېڭىڭىزدىكى قانلار مۇسكۇللىرىڭىزغا، قولىڭىزغا ۋە پۇتىڭىزغا تارقىلىدۇ. نەتىجىدە سىز ياكى بۇ ئىلان بىلەن ئېلىشىشىسىز ياكى بىر ياققا بارلىق كۈچىڭىز بىلەن قاچىسىز. «ئىلان» دېگەن بىر خىيال مانا مۇشۇنداق بىر قاتار ئىنكاسلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

خۇددى يۇقىرىقىغا ئوخشاش، ھەر بىر ئوي-پىكىرنىڭ بىردىن بىولوگىيەلىك ئاساسى بار. بەدىنىڭىز سىز كۆڭلىڭىزدە نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرىدۇ. ھەمدە شۇ ئاساستا ئىش تۇتىدۇ. يەنى، بىر كۆز-قاراش پەقەت بىر ئىدىيەلا ئەمەس. ئۇ سىزنىڭ بەدىنىڭىزدە ۋە كۆڭلىڭىزدە تەڭلا مەۋجۇت بولىدۇ. سىز ناھايىتى خۇشھال ياكى ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان ئىشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشقا ئىشەنچىڭىز بار بىر ۋاقىتتا، بۇ خىل ئوي-پىكىر سىزنىڭ پۈتۈن بەدىنىڭىزگە يەتكۈزۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەدىنىڭىز تېخىمۇ كۈچلىنىپ، ھېرىشى پەسىيىدۇ. ئەگەر سىز خۇشھال ئەمەس ياكى ھەسرەتلىك بولسىڭىز، سىزنىڭ بەدىنىڭىزنىڭ ھەرىكىتى ئاستىلىشىدۇ، قاشاڭلىشىدۇ ھەمدە ئاسان ھېرىپ قالىدۇ.

قىسقىسى، سىزنىڭ مېڭىڭىز سىزنىڭ ئويىڭىز بىلەن كۆز-قارىشىڭىزنى پۈتۈن بەدىنىڭىزگە تارقىتىدۇ. ئەگەر سىز «مەن چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن» دەپ ئويلىسىڭىز، مېڭىڭىز بەدىنىڭىزنى شۇ بويىچە تەييارلىق قىلىشقا ۋە مۇۋەپپەقىيەتنى كۈتۈۋېلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئەگەر سىز «مەن چوقۇم مەغلۇپ بولۇمەن» دەپ ئويلىسىڭىز، مېڭىڭىز بەدىنىڭىزگە «بۇ ئىشنى سىنايمەن دەپمۇ ئاۋارە بولما، بۇ ئىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدىن ھېچ قانداق ئۈمىد يوق» دەيدۇ. شۇڭلاشقا سىز ھەر داىم ئۆز-ئۆزىڭىزگە «مەن ئەقىللىق، مەن چوقۇم قىلىۋاتقان ياكى كۆزلىگەن ئىشىمدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇمەن» دەپ تۇرۇشنى ئۇنتۇلۇپ قالماڭ.

يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، سىز كەچتە ئىشتىن ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئىشىك ئاچقاندا، ھەرگىز «ئۇھ! بۈگۈن ھەجەپمۇ ھېرىپ كەتتىم»، دەپ ئويلىماڭ. ئۇنداق ئويلىسىڭىز، ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن سىزگە ھېچ قانداق ئىش خۇش ياقمايدۇ. سافادا توغرىسىغا يېتىپ تېلېۋىزور كۆرۈشتىن باشقا ئىشنى قىلىشنى خالىماس بولۇپ قالىسىز. ئۇنىڭ ئورنىغا: «مەن بۈگۈنكى ئىشىمنى تۈگەتتىم. ئەمدى ئۆيدە ئۆزۈم خالىغان ئىشنى قىلىمەن» دەپ ئويلاڭ. شۇنداق ئويلىسىڭىز، ئۆيىڭىزدە يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز. كىشىلەر سىزدىن «قانداق ئەھۋالىڭ؟» دەپ سورىسا، ھەرگىز «بۈگۈن دېگەندەك مىجەزىم يوق… بەك ھېرىپ كېتىۋاتىمەن… ئىشىم دېگەندەك ئوبدان ماڭمايۋاتىدۇ… ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاقتىمەن.…» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن جاۋاب بەرمەڭ. بۇنىڭ سەۋەبى، كۆپىنچە ئەھۋالدا، سىزدىن ئاشۇنداق ھال سورىغان كىشىلەرنىڭ 95 پىرسەنتى سىزنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىڭىزنىڭ قانداقلىقىغا ئانچە پەرۋا قىلمايدۇ. قالغان 5 پىرسەنت ئەتراپىدىكى كىشىلەر بولسا سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنىڭ ناچار بولۇشىنى ئارزۇلايدۇ. شۇڭلاشقا سىز ئۆزىڭىزدىن ھېلىقىدەك ھال سورىغانلارغا: «ئەھۋالىم كارامەت ياخشى… ئەھۋالىم ئىنتايىن ياخشى… ئەھۋالىم ھازىرقىدەك ياخشى بولۇپ باققان ئەمەس» دېگەندەك جاۋابنى بېرىڭ. مېڭىڭىز مۇشۇ ئۇچۇرلارنى ئالغاندىن كېيىن، بەدىنىڭىزنى ئاشۇ بويىچە پروگراممىلايدىغان بولغاچقا، بۇ ئىككى خىل جاۋابنىڭ سىزنىڭ روھىي ھالىتىڭىز ۋە بەدىنىڭىزنىڭ ھالىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.


4. ئاخىرقى سۆز

مەن ئۆزۈمنىڭ يېقىنقى يازمىلىرىدا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش، مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش ۋە مىللىي روھنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كۈچەيتىش ئىنكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم.

مەن 2008-يىلى 10-ئاينىڭ بېشىدا ئايالىم ئامانگۈل بىلەن تۈركىيەگە ساياھەتكە باردىم. ھەمدە قەيسەرى، ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەرنى ساياھەت قىلدىم. مۇشۇ جەرياندا مېنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرگىنىم تۈركىيە بايرىقى بولدى. ھۆكۈمەت بىناسى، خاتىرە سارىيى، شەھەر كوچىسى، دۇكان-ماگىزىنلار، شەخسلەرنىڭ ئۆيلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئادەمنىڭ كۆزىگە ھەممىدىن كۆپ كۆرۈنىدىغىنى ئاشۇ ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئىكەن. ئىستانبۇلدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىنقى تېمىغا ئېسىلغان تۈركىيە بايرىقى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەمئى 4 قەۋەتنى قاپلايدىكەن. قەيسەرىگە يېقىن جايدىكى ئىنگلىزچە «Cappadocia» دەپ ئاتىلىدىغان، 13-ئەسىردە بەرپا قىلىنغان ئۆڭكۈر-ئۆي شەھىرىنىڭ خېلى كۆپ ئۆڭكۈر-ئۆي دەرىزىلىرىدە ۋە تاغ چوققىلىرىدىمۇ ئاشۇ تۈركىيە بايرىقىنى كۆردۈم. «تۈرك» ۋە «ئاتاتۈرك» دېگەن خەتلەرنىمۇ بىز بارغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ناھايىتى كۆپ ئۇچراتتۇق. «ئاتاتۈرك» دەپ ئىسىم بېرىلگەن يول، كۆۋرۈك، بىنا قاتارلىقلارمۇ ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. ئادەم تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە «تۈرك» دېگەن سۆزنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ تۇرىدىكەن. مەن يۇقىرىقىلارنى كۆرۈپ، «مىللىي روھقا باي مىللەت، دېگەن مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ. بەش ئەسىرنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇنداق بولغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلىدىم.
ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان يەنە بىر ئىش تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھۆرمىتى بولدى. ئامانگۇل، مەن ۋە باشقا 3 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئەنقەرەدىكى «كوجاتەپە» مەسچىتىگە كىرىپ چىقىپ، پاراڭلاشقاچ مېڭىپ كېتىۋاتساق، يېشى 55 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر تۈرك ئەپەندى بىزدىن نېمە تىلدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىمىزنى سورىدى. بىز «ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەرسەك، ئۇ كىشى ئىنتايىن خۇشھال بولۇپ، بىز بىلەن قولىمىزنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ كۆرۈشۈپ، ئاندىن كۆتۈرۈۋالغان سومكىسىدىن ئىككى دانە ئىنگلىزچە كىتابنى چىقىرىپ، «ماۋۇ مېنىڭ سىزلەرگە قىلغان سوۋغىتىم. قوبۇل قىلغايسىزلەر» دېدى. مەن ئۇ كىتابلارنى ئېلىپ، ئامېرىكىغا ئەكەلدىم (ئۇ كىتابنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى «ئېتىقات ۋە ئىسلام»، يەنە بىرىنىڭ بولسا «ئۇلار نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان بولدى؟» ئىكەن). بىز ئاپتوبۇستا ماڭغاندا، بازار ئايلانغاندا، مەسچىتلەرگە كىرگەندە، ئىشقىلىپ نەگىلا بارساق، بىزگە يول باشلاپ بېرىۋاتقان دوستىمىز بىر تۈرككە «بىز ئۇيغۇر بولىمىز» دېسىلا، ئۇ تۈركنىڭ چىرايىدا دەرھال تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ، بىزگە «تۈركىيەگە خۇش كەلدىڭىز» دەپلا، ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەپ كەتتى. مېنىڭ ئاڭلىشىمچە، 13-ئەسىرلەردە، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت ۋە باشقا نۇرغۇن جەھەتلەردە ناھايىتى كۈچلۈك ۋاقتىدا، تۈركلەر بىر مەزگىل «تۈرك مەدىنىيىتى» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «تۈرك ئۇيغۇرى» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن ئىكەن. يەنى، ئۇلار «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنى «مەدەنىيەت» دېگەن مەنادا ئىشلەتكەن ئىكەن. قىسقىسى، تۈركلەر ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىكەن. ئىنتايىن قەدىرلەيدىكەن.
ئەمدىكى گەپ، بىز ئۆز-ئۆزىمىزگە قانداق مۇامىلە قىلىمىز؟ ئەگەر بىز ئۆز-ئۆزىمىزنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۆز-ئۆزىمىزنى قەدىرلەشنىڭ ئورنىغا ئۆز-ئۆزىمىزنى كەمسىتىدىغان بىر ئورۇنغا چۈشۈپ قالساق، ئۇ بىز ئۈچۈن بىر ناھايىتى چوڭ نومۇس. توغرا، «كېسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارە». ئۆزىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنى كۆرەلمىگەن مىللەت مەڭگۈ راۋاج تاپالمايدۇ. لېكىن، بۇ ئىشتا ئۇسۇلغا، پەيتىگە ۋە سورۇنغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر بىزنى باشقىلارمۇ ئەيىبلىسە، ئۆزىمىزمۇ ئەيىبلىسەك، ئۆزىمىزدە بار يوشۇرۇن كۈچكە، ئارتۇقچىلىققا ۋە ئۈستۈنلىككە توغرا باھا بېرەلمىسەك، ئۇ ھالدا كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز. ئۇلاردا «قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە قانچىلىك ماڭساقمۇ، ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە نۇر يوقكەن» دېگەن ئىدىيەنى سىڭدۈرۈپ قويىمىز. ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى پايدىسىز يۆنىلىشتە پروگراممىلاپ قويىمىز. ئەجدادلىرىمىز بىزگە نېمىلەرنى قالدۇردى؟ بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى يېڭى ئەۋلادلىرىمىزغا نېمىلەرنى قالدۇرىمىز؟ بىز بۇ سوئاللار ئۈستىدە داۋاملىق ئويلىشىشىمىز كېرەك. بىز كېيىنكى ئەۋلادلارغا شۇنى چوقۇم بىلدۈرۈشىمىز كېرەككى، گەرچە سىز ھازىر نۇرغۇن پايدىسىز ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىڭىزمۇ، سىز يەنىلا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز؛ سىز چىقالايدىغان پەللىنىڭ ئىگىزلىكىنى پەقەتلا سىز، كۆزلەشكە پېتىنالايدىغان غايىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن سىزنىڭ ئاشۇ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تۆلىيەلەيدىغان بەدىلىڭىزلا بەلگىلەيدۇ. ئەگەر سىز قاتتىق تىرىشسىڭىز، ئۆز بۇرچىڭىزغا ئۆزىڭىزنى تولۇق ئادا قىلسىڭىز، پەرزەنتلىرىڭىزگە ھەقىقىي تۈردە كۆيۈنسىڭىز، توختىماي ئىلگىرىلەشكە بەل باغلىسىڭىز، بۇ دۇنيادىكى ھەر قانداق قىيىن ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتەلەيسىز.

ئىقتىساد ئىلمىدە «ئېھتىياج ۋە بۇزغۇنچىلىق» دېگەن بىر ئۇقۇم بار بولۇپ، ئۇ «ئېھتىياج تەلتۆكۈس بۇزغۇنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. مەن بۇنىڭغا بىر مىسال كۆرسىتەي. ئالتە ئايدەك ۋاقىتنىڭ ئالدىدا ئامېرىكىدىكى ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىدىغان بېنزىننىڭ باھاسى ناھايىتى ئۆرلەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشى ئۆزلىرىنىڭ ماينى ناھايىتى جىق مىقتاردا تەلەپ قىلىدىغان ماشىنىلىرىنى يوقاتتى. ئۇنداق ماشىنىسى يوقلار بولسا ئۇنداق ماشىنىلارنى ئېلىشنى ئاساسەن توختاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدىكى سپورت ماشىنىلىرىنىڭ بازىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى. ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇرغۇن ياشلار قانچە ياخشى ئوقۇسىمۇ، قانچە تىرىشسىمۇ، ئادەتتىن تاشقىرى ئىقتىدار ۋە تالانتىنى نامايەن قىلسىمۇ، ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت يوق، ئۇلار ئۈچۈن بىر جان بېقىش يولى يوق بولۇشتەك بىر ناچار تەقتىرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ياشلارنىڭ بەزىلىرى بۇنداق تەقدىرنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىدىن كۆرۈۋاتىدۇ. مەن ھەر قېتىم مۇشۇ ئىشلارنى ئويلىغاندا، كاللامغا ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ھايۋانلار كېلىدۇ. ياۋايى ھايۋانلارنى كۆندۈرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن ئۇ ھايۋانلارنى ناھايىتى ئاچ قويۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا ئازراق-ئازراقتىن يېمەك بېرىپ، ئۇ ھايۋانلارنى ئۆزىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ھايۋانلارنى ئويۇن كۆرسەتكۈزگەندىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئادەملەرگىمۇ ئىشلىشى مۇمكىن. مەن بەزى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «ئېھتىياج ۋە بۇزغۇنچىلىق» يۈز بېرىپ قالماسلىقىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن. ھەر بىر ياشنىڭ بۇ ئۇقۇمنى ئېسىدە مەھكەم ساقلىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن.

مەن يېقىنقى بىر قانچە يىلنىڭ مابەينىدە، «باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدۇ» دېگەن ئىدىيەنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەيلى جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، بىز بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان قىيىن ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بىز بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان قىيىن تېررىتورىيىلەرگە بوسۇپ كىرىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئەقىل-پاراسىتىنى ۋە ھەقىقىي يوشۇرۇن كۈچىنى نامايەن قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا مىسال بولالايدىغان بىر قىسىم ئادەم ۋە ئىشلارنى مەن يۇقىرىدا تەسۋىرلەپ ئۆتتۈم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەن بۇ يەردە دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ ئۆتۈمەن. ئۇ توغرىلىق Biliwal.com تور بېتى مۇنداق خەۋەر بەردى. نەقىل: «شۆھرەت مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ھۈجەيرىنى يادرو كۆچۈرۈش يېڭى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مايمۇننىڭ تۆرەلمىسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك كلونلاپ چىققان، شۇنداقلا كلونلانغان 20 تۆرەلمىدىن ئىككى تۈركۈم غول ھۈجەيرىنى يېتىشتۈرگەن. بۇ ئىنسانلارنىڭ مايمۇن تۈرىدىكىلەرنىڭ تۆرەلمىسىنى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك كلونلاپ چىقىشى بولۇپ، ئىنسانلار تۆرەلمىسىنى كلونلاشقا قاراپ بېسىلغان يەنە بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى 2007-يىل 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى «تەبئەت» (Nature) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغاندا تېزلىكتە خەلقئارادا دىققەت قوزغىغان. بۇ زور نەتىجە ئامېرىكىنىڭ «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى باھالاپ چىققان 2007-يىلىدىكى 10 چوڭ ئىلمىي بايقاشنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا تىزىلغان؛ ھەمدە «تەبئەت» ژۇرنىلى، جۇڭگونىڭ «پەن-تېخنىكا گېزىتى» تەشكىللىگەن باھالاشتا 2007-يىلىدىكى خەلقئارا 10 چوڭ پەن-تېخنىكا خەۋىرىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.»
دېمەك، ئۇيغۇرلار باشقىلار قىلالىغان ئىشلارنى چوقۇم قىلالايدۇ. باشقىلار قىلىپ باقمىغان ئىشلارنىمۇ چوقۇم قىلالايدۇ. مەن ھازىردىن باشلاپ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ، «ئۇيغۇرلار ھەر قانداق ئىشنى قىلالايدۇ» دېگەن سۆزنى كۆڭلىگە مەھكەم پۈكۈپ ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا توربەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. ئەگەر بۇ يازمىدىكى تور بەت ئۇلانمىلىرى ئىشلىمەي قالسا، سىز مەرىپەت تور بېتى www.meripet.com نىڭ ئەڭ ئاستىدىكى "ئەركىن سىدىق يازمىلىرى" دېگەن سەھىپىگە كىرىپ، مېنىڭ مۇشۇ يازمامنىڭ ULY نۇسخىسىنى ئاچسىڭىز، ئۇنىڭدىكى تور بەت ئۇلانمىلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا ئىشلەيدۇ.











2009年1月14日

شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك مەسىلىسىنىڭ تارىخى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى سىياسىتى

شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك مەسىلىسىنىڭ تارىخى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى سىياسىتى

كىرىش سۆز
چىيەنلوڭنىڭ 23- يىلى ( 1758- يىلى ) بىرىنچى ئايدا ، كەچكى شەپەق بىلەن تەڭ ھازىرقى شىنجاڭ زىمىنىنى ئۇر – چاپ ئاۋازلىرى قاپلىدى . غەربى يۇرتتا يۇز نەچچە يىل ھۆكۈم سۈرگەن جۇڭغار خانلىغى يەر يۈزىدىن يوقالدى ، پەقەت جۇڭغار ئويمانلىغى دىگەن نام تارىخى خاتىرە بوپ قالدى . جۇڭغار خانلىغى بىلەن چىڭ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدىكى 67 يىلغا سۇزۇلغان بۇ ئۇرۇش ئاخىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى . مانجۇلارنىڭ جوڭگۇغا قوشقان ئەڭ چوڭ تۆھپىسى شىنجاڭ ۋە شىزاڭدىن ئىبارەت . گەرچە جوڭگو خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ شىنجاڭ رايۇنىنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، يەنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 121 –يىلى خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرى خېشى كارىدورى ئەتىراپىدىكى ھون قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ، خەن سۇلالىسى بۇ يەرگە ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ۋۇۋېي ، جاڭيې ، جۇچۇەن ۋە دۇنخۇاڭ قاتارلىق 4 ۋىلايەت بەلگىلىگەن . مىلادىدىن بۇرۇنقى 101- يىلى غەربى خەن سۇلالىسى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى بۈگۈر ، ئىلى قاتارلىق جايلاردا نەچچە يۈز ئەسكەر تۇرغۇزۇپ تېرىقچىلىق قىلغان ... ① ، بىراق شىنجاڭ رايۇنىنىڭ رەسمى ئۈزۈل –كېسىل جۇڭگوغا تەۋە بولغان ۋاقتى ھەقىقەتەن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە . بۇنىڭدىن بۇرۇنقى مىڭ نەچچە يىل مابەينىدە شىنجاڭ رايۇنىدا ھەر خىل كۈچلەر بىر پەيدا بولۇپ بىر يوقۇلۇپ ، كۈرمىڭلىغان مىللەتلەر نۇرغۇن قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈردى ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق دۈشمىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى مىللەتلەر ( خەنزۇ ۋە كىيىنكى مانجۇلار ) بولدى . ئەگەر بۇ جەريانلارنى تەپسىلى يازىدىغان بولساق بىر كىتاپ بولۇپ چىقىدۇ . بۇلاردىن گەۋدىلىك تەسىرگە ئىگە بولغانلىرى ھونلار ، تۈرۈكلەر ۋە مۇڭغۇللاردۇر ، مەسىلەن يۇقۇردا سۆزلەنگەن جۇڭغار خانلىغى دەل موڭغۇللارنىڭ بىر تارمىغى . خەن سۇلالىسى بىلەن ھونلار تىركىشىۋاتقان ۋاقىتلاردا ، ئۇيغۇرلارنىڭ نەدىلىگى ئىنىق ئەمەس ئىدى ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر دىگەن مىللەت يوق ئىدى ، ئۇلارنىڭ قەدىمقى ئەجدادى بولغان دىڭلىڭلار بايقال كۆلىنىڭ شىمالىدا پادا باقاتتى ②. تۈرۈكلەر بولسا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا ياۋرۇپاغا قوغلىۋېتىلگەن ئىدى . بۇ يەردە تىمىدىن سىرىت بىر نەچچە ئېغىز سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ ، جۇڭگو شەرقى دۆلەتلەر سېستىمىسىغا تەۋە ، چىڭ سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى نەچچە مىڭ يىللار داۋامىدا ، ھەممىسى رەقىپلىرىنىڭ ئېغىزاكى ئەل بولغانلىغىغا قانائەتلىنىپ ، ئەمىلى بېسىۋېلىش ۋە ئاسىمىلاتسىيە قىلىنمىغان . مەسىلەن چاۋشەن بۇنىڭ مىسالى . چىڭ سۇلالىسىگە كەلگەندە ، چيەنلوڭ بەلكىم جوڭغار خانىنىڭ دائىم مالىمان قىلىشىدىن بىزار بولۇپ ، ئاخىرى قەتئى نىيەتكە كېلىپ بۇ دۆلەتنى يوقاتقان . كەينىدىن مۇسۇلمانلار رايۇنىدىكى چوڭ كىچىك خوجىلار توپىلىڭىنى تىنجىتىپ ، شىنجاڭ رايۇنىنى ھەقىقى يۇسۇندا كونتورول قىلدى ، شۇنىڭدىن كىيىن شىنجاڭ جۇڭگودىن ئايرىلالمىدى . شىزاڭ مەسىلىسىدىكى تۆھپىسىدە ، ئاساسلىق كاڭشىنىڭ شىزاڭغا ئىككى قېتىملىق ھەربى يۈرشى ۋە فۇئەنكاڭ نىڭ لاساغا قوشۇن باشلاپ كىرىپ بەيكۇركا تاجاۋۇزچىلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ ، « 29 ماددىلىق نىزام » نى ئىمزالىغانلىغىدىن ، بۈگۈنگىچە جۇڭگو ھۆكىمىتىنىڭ شىزاڭ مۇستەقىللىغىنى رەت قىلىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورالىدىن بىرى .

«شەرقى تۈركىستان» مەسىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىياتى
«تۈركىستان» نىڭ سۆز مەنىسى «تۈرۈكلەرنىڭ يىرى»دىگەنلىك بولۇپ ، بۇ سۆز ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەرەپ تارىخى كىتاپلىرىدا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىر دەرياسىنىڭ شىمالى ۋە شەرقى قىسىمدىكى رايۇنلارنى كۆرسىتىدۇ . 18-ئەسىرگە كەلگەندە بەزى مىساللارنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئىنتايىن ئاز ئىشلىتىلگەن . بىراق 19-ئەسىرگە كەلگەندە چارروسىيە جاھانگىرلىگىنىڭ ئۆزلۈكسىز كەڭىيىشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنى يۇتۇۋېلىشى ھەمدە «تۈركىستان ۋالى مەھكىمىسى » نى تەسىس قىلىشى بىلەن بۇ سۆز يەنە قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ ، ئۇمۇملاشتۇرۇپ جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايۇنىغىمۇ ئىشلىتىلدى . مەسىلەن 1805-يىلى روسىيىلىك 季姆科夫斯基 ئۆمەك باشلاپ ئەلچىلىككە چىققان دوكىلاتىدا «تۈركىستان» دىگەن نامنى جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئويمانلىغىغا ئىشلەتتى . 1829-يىلى روسىيىلىك شەرىقشۇناس 尼基塔•雅科夫列夫•比丘林 «جۇڭغار ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى تەسۋىرى» دىگەن كىتاۋىدا تۈنجى قېتىم «بۇخارا تۈركىستانى» نى «غەربى تۈركىستان » دەپ ، جۇڭگو شىنجاڭنى «شەرقى تۈركىستان» دەپ ئاتىدى ③. بەلكىم سەۋەبى بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەرنىڭ كۆپ قىسمى تۈركى تىللار سېستىمىسىغا تەۋە ئىكەنلىگىدىن بولسا كېرەك .
شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ پەيدا بولىشى «پانئىسلامىزىم» ۋە « پان تۇركىزم» ئىدىيىسىنىڭ تارقىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . 1883-يىلىدىن 1884-يىللىرىغىچە ئافىغانىستانلىق جامالىدىن ئافغانى دىگەن كىشى «پانئىسلامىزىم» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى ئورتاق ئىتىقاد ئاساسىدا ئىتتىپاقلىشىپ ئويۇشۇپ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىردى . « پان تۇركىزم» بولسا روسىيە چىگرىسى ئىچىدىكى تاتار زىيالىلىرى ئىچىدە باشلانغان ، ئۇلار تۈركى تىللىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ تۈركى مىللەتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان . تۈركىيە بولسا دۇنيادىكى «پانئىسلامىزىم »،« پان تۇركىزم» ( تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئىككى پان» دەپ ئېلىنىدۇ) نىڭ چوڭ لاگىرسى . بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى كەينىدە «ئىككى پان» ئىدىيىسى شىنجاڭغا تارقالغان ، بەزى تۈركىيەدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقان شىنجاڭلىق مىللى زىيالىلار شۇ يەردە تەشۋىق قىلغان مۇستەقىللىق ، ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش دىنى قىزغىنلىقى ۋە مىللى شوۋىنىزم شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنىڭ شەكىللىنىش مەنبەسى بولۇپ قالغان .
ھازىرقى شەرقى تۈركىستان تىرورلۇق تەشكىلاتلار ھەر خىل يالغانلارنى توقۇپ چىقىرىپ ، «شەرقى تۈركىستان » قەدىمدىن تارتىپ مۇستەقىل دۆلەت ئىدى ، بۇ يەردىكى مىللەتلەر 10 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ، «ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئىلغار مىللەت » دەپ داۋراڭ سالدى . بارلىق تۈركى تىللىق مۇسۇلمان مىللەتلەر بىرلىشىپ ، سىياسى ئىتىقاد بىرلەشكەن دۆلەت قۇرۇپ چىقىمىز دەپ غەلۋە قىلدى . «تۈركى مىللەتلەردىن باشقا بارلىق مىللەتلەرگە قارشى تۇرۇپ ، كاپىرلارنى يوقۇتايلى ، جۇڭگو شەرقى تۈركىستان مىللەتلىرىنىڭ 3000 يىللىق دۈشمىنى» دەپ جار سالدى . نۇرمال تارىخ بىلىمىگە ئىگە ئادەمگە بۇ كۈلكىلىك تۇيۇلىدۇ ، چۈنكى تارىختا ئەزەلدىن بۇنداق دۆلەت مەۋجۇت بولۇپ باققان ئەمەس ، ئۇيغۇر مىللىتى مىلادى 9-ئەسىرلەر ئەتراپىدا شەكىللەنگەن ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى خەن سۇلالىسى غەربى رايۇننى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ بولغان ، تارىخنى سۆزلەش توغرا كەلسە ئۇلارغا تېخى نۆۋەت تەگمەيدۇ . ئەگەر چىڭ قوشۇنلىرى جۇڭغارنى يوقاتمىغان بولسا ، ئۇيغۇرلار بەلكىم ھازىرمۇ مۇڭغۇللارنىڭ قۇلى بولۇپ يۈرەتتى . تۈرۈك مىللىتى شىنجاڭ زىمىنىدا ۋاقىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتلاردىمۇ ، خەنزۇلار ئاللىقاچان بۇ زىمىننى مىڭ يىلغا يېقىن ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ كەلگەن . ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرۈكلەرگە قان قىساسى تۇرسا ، مەسىلەن 651-يىلى回紇 ( ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرىدىن بىرى ) تاڭ قوشۇنلىرىغا 50 مىڭ ئاتلىق ئەۋەتىپ ، غەربى تۈرۈكلەرنى مەغلۇپ قىلىشقا ھەمدەمدە بولغان . كىيىن ئۇلار تۈرۈكلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ، تىلى تۈركى تىللار سېستىمىسىغا تەۋە بولۇپ قالغان يېرى بار شۇ .
تارىختىكى شەرقى تۈركىستان ترورىزىم كۈچلىرىرىنىڭ شىنجاڭدا تۇغدۇرغان كۆپ قېتىم توپىلاڭلىرىنىڭ ھەممىسى چەتئەل كۈچلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئەنگىلىيە ۋە روسىيە كۈچلىرىنىڭ قول تىقىشىدىن ئايرىلالمايدۇ ، ئەنگىلىيىلىكلەر دۇنيادا ئەزەلدىن بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ باققان ئەمەس ، جەنۇبى ئاسىيادىن تارتىپ جەنۇبى ئامرىكىغىچە ھەممە يەردە ئۇلار تېرىپ قويغان ئاپەت مەنبەسى بار ، شىنجاڭ ، شىزاڭمۇ ئەنگىلىيىلىكلەر قول تىقىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى . ئۇندىن باشقا روسىيىلىكلەرمۇ ئۇلاردىن قېلىشمايدۇ . قاراڭلار بۈگۈنكى كۈندە روسىيىلىكلەر چېچېندىن ئىبارەت بۇ پاتقاقتىن چىقالمايۋاتىدۇ ، بۇ راستىنلا «ئۆزەم تاپقان بالاغا ، نەگە باراي دەۋاغا » دىگەندەك ئىش . يېقىنقى زامان تارىخىدا جۇڭگونىڭ زەئىپلىشىشى ، چەتئەل كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭ ۋە شىزاڭ ئىشلىرىغا قول تىقىشقا شارائىت يارىتىپ بەردى . مەسىلەن 1933-يىلى ئەنگىلىيە سابىت داموللا قاتارلىقلارنى يۆلەپ جەنۇبى شىنجاڭدا «شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتى» نى ۋۇجۇتقا چىقاردى . شۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇجۈنى شېڭ شىسەي بىلەن ماجوڭيىڭ قاتتىق ئېلىشىۋاتاتتى . سوۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەينى قوللاپ ، ياپۇنيەنى ئارقا تىرەك قىلغان ماجوڭيىڭنى مەغلۇپ قىلدى . ماجوڭيىڭ جەنۇپقا چىكىنىپ بارغاندا بۇ «جۇمھۇريەت» نى تار-مار قىلدى . ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ياردىمى بىلەن شېڭ شىسەي ماجوڭيىڭنىڭ جەنۇبى شىنجاڭدىكى قالدۇق كۈچلىرىنى قىرىپ تۈگەتتى ، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى يەنە بىر قېتىم چەتئەلگە قېچىپ كەتتى . قەشقەر «ئىسلام جۇمھۇريىتى» گەرچە 3 ئايلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ ، بىراق بۇ بىرىنچى قېتىم ئاشكارە ھالدا بۆلگۈنچىلىك بايرىغىنى چىقىرىشى ، «شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى» نىڭ باشلىنىشى ئىدى ، شىنجاڭدىكى مىللى بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار ھازىرغىچە مۇشۇ ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ .
ئارقىدىنلا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى تەسىرىنى شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرىگىچە زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇردى . سوۋېت گېرمان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ، سوۋېت ئىتتىپاقى نۇرغۇن زىمىنىدىن ئايرىلىپ قالدى ، شېڭ شىسەي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرىدى ، ھەمدە ھەر خىل ۋاستىلەرنى قوللۇنۇپ شىنجاڭدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىنى تازىلىدى . بۇ شېڭ شىسەينىڭ ئازغىنە ياخشى ئىشلىرىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ . بىراق سوۋېت گىرمان ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا پايدىلىق تەرەپكە بۇرۇلىشىغا ئەگىشىپ ، سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭ زىمىنى ئۈستىدە قايتىدىن پىلان تۈزۈپ بولدى . 1944-يىلدىكى ئىلى ۋەقەسى دەل بۇنىڭ نەتىجىسى . سوۋېتلىكلەر ئالدى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا كومىنىزىمنى تەشۋىق قىلدى ، بىراق قوللاشقا ئېرىشەلمىدى . كېيىن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ خەنزۇلارنى ئۆچ كۆرىشىدىن ۋە دىنى ئىتىقادىدىن پايدىلىنىپ پانتۈركىزىمنى تەشۋىق قىلىپ ، شىنجاڭنى كونتىرول قىلىپ ئىككىنچى تاشقى مۇڭغۇليە پەيدا قىلماقچى بولدى . سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭدىكى قارشى تۇرغۇچى تەشكىلاتلارنى قورال بىلەن تەمىنلەپ ، ئادەملىرىنى تەربىيلەپ تەشكىلات قۇرۇپ تەشۋىقات بازىسى ھازىرلاپ بەردى ھەمدە ئىلى ۋەقەسىگە بىۋاستە قاتناشتى ۋە پىلانلىدى . بىراق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتقانلىقتىن ، شىنجاڭنىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت بولىشىنى چىن كۆڭلىدىن خالىمايتتى ، بەلكى بۇنى سۆھبەت ئۈستىلىدىكى فىشكا قىلىپ ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن رەقىبىگە ئالماشتۇراتتى . ئەمىلىيەتتە بۇمۇ پۈتۈنلەي چەتئەل كۈچلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى بۆلگۈنچىلىك ھەركىتىنىڭ ئاقىۋىتى . سوۋېت ئىتتىپاقى «جۇڭگو سوۋېت دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئارقىلىق مەنپەتى كاپالەتكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ، ئوتتۇرىغا چىقىپ شىنجاڭ توقۇنۇشىنى كېلىشتۈرۈشنى قارار قىلىپ ، شىنجاڭنىڭ مۇستەقىل بولىشىنى توسىدى . ئەلۋەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭنى كونتۇرول قىلىشنى يىڭى جۇڭگو قۇرۇلغىچە ساقلاپ كەلدى ، يىڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭ تىنچ ئازات بولدى ، ئىلى ۋەقەسى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى» دەپ بىكىتىلدى ھەمدە مىللى ئارمىيە ئاستا-ئاستا تارقىتىۋېتىلدى .
خەلقئارا سىياسى مۇناسىۋەتلەرنىڭ داۋالغۇشى شىنجاڭدىمۇ ئەكىس ئەتتى . 50-يىللارنىڭ ئاخىرى جۇڭگو سوۋېت مۇناسىۋىتى يامانلاشقاندا ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غولجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى كۆپ مىقتاردا مۇھاجىرلىق كىنىشكىسى تارقىتىپ ، نۇرغۇن ئاھالىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ چىقىشقا قۇتراتتى . بۇنىڭ ئىچىدە ھەتتا بەزى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارمۇ بار ، مەسىلەن شىنجاڭ ھەربى رايۇنىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شتاب باشلىغى ، 1955-يىلى مايور گېنېرال ئۇنۋانى بېرىلگەن 马尔果夫•伊斯哈科夫 ۋە ئىلگىركى مىللى ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ، شىنجاڭ ھەربى رايۇنىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شتاب باشلىغى ، 1955-يىلى مايور گېنېرال ئۇنۋانى بېرىلگەن زۇنۇن تىيىپ قاتارلىقلار . سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن بۆلگۈنچىلەر يەنە «شەرقى تۈركىستان خەلق ئىنقىلاۋى پارتىيىسى» قۇرۇپ ، سوۋېتلىكلەرنىڭ قولىدىكى فىشكىغا ئايلاندى . ئاشۇ يىللىرى قېچىپ كەتكەن شىنجاڭلىقلارنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى بۈگۈنكى «شەرقى تۈركىستان» نىڭ مۇھىم كۈچ مەنبەسى بوپ قالدى .
شىنجاڭ تىنىچ ئازات بولغاندىن كېيىن ، «شەرقى تۈركىستان» كۈچلىرى يىڭىلگىنىگە تەن بەرمىدى . ئۇلار ياۋرۇپا ئامرىكىلاردا ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربى ئاسىيالاردا بازا قۇرۇپ ، كۈچ توپلاپ ، قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى . بولۇپمۇ 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا كەلگەندە ، دىنى ئەسەبىچىلىك ، بۆلگۈنچىلىك ۋە خەلقئارالىق تېرورىزىمنىڭ تەسىرى ھەمدە خەلقئارادىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارە قوللىشى بىلەن ، «شەرقى تۈركىستان» كۈچلىرى قەبىھلىشىشكە قاراپ تەرەققى قىلدى . بۇ باسقۇچتىكى «شەرقى تۈركىستان» دا ئۈچ خىل يۈزلىنىش بولدى : بىرلىشىش ، خەلقئارالىشىش ۋە تېرورىزىملىشىش .
تارىختىكى كۆپىنچە «شەرقى تۈركىستان» تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسى دۆلەت سىرتىدا ، ھەركىتى تارقاق كۈچىمۇ ئاجىز ئىدى . بىراق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ موستەقىل بولىشىغا ئەگىشىپ ، «شەرقى تۈركىستان» كۈچلىرى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى . ئەسلىدە چېچىلاڭغۇ «شەرقى تۈركىستان» تەشكىلاتلىرى بىرلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى . 1992-يىلى 12-ئايدا «شەرقى تۈركىستان» بۆلگۈنچىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە تۈركىيەنىڭ قوللىشى بىلەن ، «شەرقى تۈركىستان خەلقئارا مىللى بىرلەشمە كومىتىتى» قۇرۇپ ، دۆلەت ئىسمى ( شەرقى تۈركىستان دۆلىتى) ، دۆلەت بايرىغى ( ھىلال ئايلىق بايراق) ، دۆلەت ناخشىسى ( شادىيە) ۋە دۆلەت گىربىنى بىكىتتى . بۇ چىگرا سىرتىدىكى «شەرقى تۈركىستان» بۆلگۈنچىلىك ھەركىتىنىڭ بىرلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى . ( شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەككى «شەرقى تۈركىستان» دىسە كۆپچىلىك تۈركىيەنى بىلىدۇ ، بىراق سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ ئاستىرىتتىن قوللاۋاتىدۇ ، بېن لادىننىڭ قايسى دۆلەتتىن ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەئۇدى ئەرەبىستان پانئىسلامىزىمنىڭ باش شىتابى ) . 1996-يىلى 10-ئايدا 10 نەچچە ۋىلايەت ناھىيىنىڭ بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار ۋەكىلى خوتەندە يېغىن ئېچىپ ، «ئىسلام ئاللا پارتىيىسى» قۇرغانلىغىنى جاكارلىدى ۋە پارتىيە پروگراممىسى ۋە تەشكىلات قۇرۇلىشى قاتارلىق يەتتە خىل ھۆججەتنى قاراردىن ئۆتكۈزدى . بۇ دۆلەت ئىچىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ تارقاق ھالەتتىن بىرلىشىشكە قاراپ ماڭغانلىغىنى بىلدۈرىدۇ . بۇ يەردە بىر ھىكايە ئادەمنى ھەقىقەتەن قورقۇتىدۇ :
«بۇرۇن بىر دىلو يۈز بەرگەن ، بىر مىھمانخانا بىرسىنىڭ مىھمانخانىدىكى گىلەمنى ئوغۇرلاپ ساتقانلىغى توغرۇلۇق دىلو مەلۇم قىلغان ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق گۇماندار ئۇيغۇرنىڭ يېنىدا 400مىڭ يۇەن نەق پۇل بارلىغى ئېنىقلانغاندىن كېيىن باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ، سوراق قىلىش ئارقىلىق بۇ ئۇيغۇرنىڭ بىر يەر ئاستى تەشكىلاتىغا پۇل ئاپىرىپ بېرىشكە بارغانلىغى ، ئۇلارنىڭ باشلىغى بىلەن ئۇچرىشالمىغاچقا يېنىدىكى پۇلى تۈگەپ ،تاماق يىيىشكە پۇل يوق گىلەمنى ئوغۇرلاپ سېتىپ تاماق ئېلىپ يىيىشنى ئويلىغانلىغى مەلۇم بولغان . ساقچى تەرەپنىڭ بۇ دىلودىن چۆچۈگەن يىرى بۇ ئادەمنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە پۇل تېڭىلغان ، ئۇخلىسىمۇ ئېلىۋەتمەي ، ئاچ قالسىمۇ ئوغۇرلۇق قىلىپ بۇ پۇلدىن بىر فۇڭنىمۇ خەجلىمىگەنلىكى ساداقەتلىكتە قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىگى ، بۇ تەشكىلاتنىڭ تۈزۈمىنىڭ نەقەدەر قاتتىقلىغىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ . بۇ دەل شىنجاڭ ساقچى تەرەپنىڭ ئەڭ قورققان يىرى . بۇ ھىكايە ماڭا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى ، گەرچە بۇنىڭدا ھېچقانداق زوراۋانلىقنىڭ سىماسى بولمىسىمۇ ، لېكىن ئېتىقات ۋە كۈچنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ ، بۇنداق ئېتىقات ۋە كۈچ ئەگەر تېرورلىققا ئايلانسا ، 11-سىنتەبىر تېرورلۇق ۋەقەسى پەيدا قىلمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ . » ـــــ ۋاڭ لىشوڭ ، 11-سىنتەبىر ۋەھىينامىسى
بۇ دىلو مىسالىنى كۆرگەندىن كېيىن بىز يەنە «شەرقى تۈركىستان» تەشكىلاتلىرىنى چېچىلاڭغۇ ، بىر توپ ئالاقاپلار دىيەلەمدۇق ؟
ئىككىنچى تەرەققىيات يۈزلىنىشى خەلقئارالىشىش . 90-يىللاردىن كېيىن ، «شەرقى تۈركىستان» بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار پەيدىن –پەي يۇشۇرۇن ھالەتتىن ئاشكارە ھالەتكە ئۆتتى ھەمدە خەلقئارا يۈزلىنىشكە قاراپ تەرەققى قىلدى . «شەرقى تۈركىستان» بۆلگۈنچى كۈچلىرى ئىلگىرى ئاشكارە ھالدا «مۇستەقىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا خەلقئارانىڭ ، غەرىبنىڭ قوللىشى بولمىسا بولمايدۇ ، بىر نەچچە دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەنمۇ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭ مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «شەرقى تۈركىستان» بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار تېخىمۇ ئېنىق ھالدا خەلقئارالاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى يۇرگۈزدى ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم تاكتىكىنىڭ بىرسى ئاتالمىش مىللەت دىن مەسىلىسىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن چېتىپ ، بۆلگۈنچىلىك ھەركىتىنى «مىللى ئازاتلىق ھەركىتى» گە كۆتۈرۈپ ، غەرب چوڭ دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى بولدى . كوسوۋو ئۇرۇشى بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدۇ ، 1999-يىلى 5-ئايدا قازاقىستاندىكى «شەرقى تۈركىستان» بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار ئالمۇتادا نامايىش ئۆتكۈزۈپ ، ئۇچۇقتىن-ئۇچۇق «ش ئا ئە ت نىڭ يۇگۇسلاۋىيە ئىتتىپاقىنى بومباردىمان قىلىشىنى قوللايمىز» دىگەن پىلاكاتنى كۆتۈرۈپ چىقتى ھەمدە «كوسوۋونىڭ بۈگۈنى ئۇيغۇرىستاننىڭ ئەتىسى» دەپ جاكارلىدى . «شەرقى تۈركىستان» نى خەلقئارالاشتۇرۇش جەريانىدا ، خەلقئارادىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئاۋالقىدەكلا «ئاساسلىق» رول ئالدى ، پەقەت يول كۆرسەتكۈچى ئىلگىركى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ھازىرقى ئامرىكا باشچىلىغىدىكى غەرىپ دۆلەتلىرىگە ئۆزگەردى . ئامرىكا پرېزىدېنتى كىلىنتون ھۆكىمىتى «شەرقى تۈركىستان» بۆلگۈنچىلىرى بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشتى ، ئامرىكا پارلامېنتى يەنە تېخى مەخسۇس شىنجاڭ مەسىلىسى توغرۇلۇق گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يېغىنى چاقىردى . 1999-يىلى ئامرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» دا بىرىنچى قېتىم جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى مىللى سىياسىتىنى ئەيىپلىدى . تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەر مەسىلەن قازاقىستان قاتارلىقلار ئاشكارە ۋە يۇشۇرۇن «شەرقى تۈركىستان» بۆلگۈنچىلىك ھەركىتىنى قوللايدۇ ، دۆلىتىدە ئۇلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا ۋە بازا قۇرۇشىغا يول قويىدۇ ، سىرىتقا «پانتۈركىزىم» تارقىتىدۇ . ھەممىدىن دىققىتىنى تارتىدىغىنى ئەسلىدە گىرمانىيەدىكى «ئازاتلىق رادىئوسى» ۋە « ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» چېخ ۋە قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھرىگە يۆتكەپ كېلىندى ھەمدە تۈركىيەدە «مۇستەقىل ئازاتلىق رادىئوسى» قۇرۇلۇپ تەشۋىقاتنىڭ سالمىغى كۈچەيتىلدى . نۆۋەتتە چىگرا سىرتىدىكى «شەرقى تۈركىستان» بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت بۇ ئالدىنقى سەپ ئىستىھكامىدا تۇرۇپ ، شىنجاڭغا سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ ، نەشىريات ئورۇنلىرى قۇرۇپ ، مۇستەقىللىققا قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان كىتاپ-ژورنال ۋە ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى نەشىر قىلدى ، رادىئو ئىستانسىسى قۇرۇپ ، ئۇيغۇر تىلى ، قازاق تىلى ۋە ئۆزبەك تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىپ ، كۈچىنىڭ بارىچە بۆلگۈنچىلىك تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى . ھەر خىل ناملاردا خەلقئارا تەتقىقات يېغىنى چاقىردى ، مەسىلەن 2001-يىلى 10-ئاينىڭ 17-18-كۈنى ياۋرۇپا كېڭەش بىناسىدا تەتقىقات يېغىنى ئۆتكۈزۈپ ، شىنجاڭ مۇستەقىللىغى توغرىسىدا جار سېلىپ ، خەلقئارادىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ قوللىشىنى ئۈمۈت قىلدى . «شەرقى تۈركىستان» تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالىشىش جەريانىدا ، غەربى ياۋرۇپا ئامرىكا بىلەن ئوخشاش رول ئوينىدى ، مەسىلەن «شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى» ئاتالمىش «شەرقى تۈركىستان جۇمھۇريىتى» قۇرۇش ئۈچۈن چەتئەلدە سەرگەردان بولۇپ ۋائىزلىق قىلىدىغان تەشكىلات بولۇپ ، گېرمانىيە مىيۇنخىن دەل ئۇنىڭ بازىسى .
ئۈچۈنچى تەرەققىيات يۈزلىنىشى بولسا تېرورىزملىشىش . 1997-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى «شەرقى تۈركىستان» بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار يېغىن چاقىرىپ ، «تېنىچ كۈرەش قىلىش» تەشەببۇسىنى تەنقىد قىلدى ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىن زوراۋانلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى . 1999-يىلى 12-ئايدا 18دۆلەتتىن كەلگەن 40نەچچە بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار ۋەكىلى تۈركىيە ئىستانبولدا يېغىن ئېچىپ ، زورلۇق كۈچ بىلەن «دۆلەت قۇرۇش» فاڭجېنىنى بىكىتتى ھەمدە «قورال ئارقىلىق ھوقۇق تارتىۋېلىش» ھەققىدە ئورتاق تۇنۇش ھاسىل قىلدى . 10يىل ئىچىدە 10مىڭ كىشىلىكتىن يۇقۇرى مۇنتىزىم قوشۇن قۇرۇپ ، شىنجاڭ رايۇنىدا تېرورلۇق ئۇرۇشى ، پاتىزانلىق ئۇرۇش ھەتتا مۇنتىزىم ئۇرۇش قىلىشنى پىلانلىدى . ئافىغانىستان ، چېچېن ۋە كەشمىر قاتارلىق ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ، ئەمىلى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ چېنىقىۋاتقان ئۇيغۇر تېرورچىلارنى ھەممە يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ . مەسىلەن 2000-يىلى ئىككى نەپەر «شەرقى تۈركىستان» بۆلگۈنچى تەشكىلات ئەزاسى چېچېن ئۇرۇشىدا روسىيە تەرەپكە ئەسىرگە چۈشكەن ھەمدە جۇڭگوغا قايتۇرۋەتكەن . 2000-يىلى 8-ئايدا يەنە ئۆزبېكىستان ، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايۇنلاردا يەرلىك ھۆكۈمەت قوشۇنىنىڭ تېرورلۇق ھەركىتىگە قاتناشقان . ھازىر ئامرىكىنىڭ كۇبادىكى جازا لاگىرىدا ئۇيغۇر تېرورچىلارمۇ بار . «شەرقى تۈركىستان» نىڭ قوراللىق زوراۋانلىشىش جەريانىدا ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئېقىپ چىققان قوراللار ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئامرىكا دوللىرى ھالقىلىق رول ئوينىدى . ھازىرغىچە جۇڭگو ساقچى تەرەپ ئافىغانىستان ۋە باشقا دۆلەتلەردە تېرورلۇقنى مەشىق قىلىپ شىنجاڭغا يۇشۇرۇن كىرگەن تېرورچىلاردىن 100دىن ئارتۇقنى تۇتتى . بەزى دۆلەتلەر جۇڭگو تەرەپكە تېرورلۇق قىلىۋاتقاندا تۇتۇلغان «شەرقى تۈركىستان» تېرورچىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى .

«شەرقى تۈركىستان» نىڭ جىنايى ھەركەتلىرى
ئىزاھات: بۇ بۆلەكتىكى ئاساسلىق مەزمۇنلار 2002-يىلى1-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇڭگو گوۋۇيۇەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئېلان قىلغان «‹شەرقى تۈركىستان› تېرورلۇق كۈچلىرىنىڭ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان جىنايى جاۋاپكارلىغى» دىگەن ماقالىدىن كەلگەن بولۇپ ، تۈرگە ئايرىش جەھەتتە ئازراق ئوخشىمايدۇ . ئەگەر «شەرقى تۈركىستان» كۈچلىرى ئۆزى ئېلان قىلغان ئستاستىكىغا ئاساسلانغاندا ، يەنە نۇرغۇن ۋەقەلەر «شەرقى تۈركىستان» قىلغان بولىدۇ . مەسىلەن 2002 –يىلى بېيجىڭ ئۇنۋېرستىتى ۋە چىڭخۇا ئۇنۋېرستىتىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش دىلوسى . يۇقۇردا دىيىلگەندەك 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى شىنجاڭ «شەرقى تۈركىستان» بۆلگۈنچى تەشكىلاتلارنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ تىز ، ھەركىتى ئەڭ قەبىھ بولغان ۋاقىت بولۇپ ، چېگرا ئىچى –سىرتىدىكى بۆلگۈنچىلەر بىر گەۋدە بولۇپ ، «چېگرا سىرتىدا قوماندانلىق قىلىپ ، چېگرا ئىچىدە ھەركەت قىلدى . چېگرا سىرتىدا مەشىق قىلىپ ، چېگرا ئىچىدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى» . 2002-يىلى1-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇڭگو گوۋۇيۇەن ئاخبارات ئىشخانىسى «‹شەرقى تۈركىستان› تېرورلۇق كۈچلىرىنىڭ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان جىنايى جاۋاپكارلىغى» دىگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ ، «شەرقى تۈركىستان» نىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى ئېچىپ تاشلىدى . تۇلۇق بولمىغان ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا ، 1990-يىلىدىن 2001-يىلغىچە چېگرا ئىچى –سىرتىدىكى «شەرقى تۈركىستان» تېرورلۇق كۈچلىرى جۇڭگو شىنجاڭ چېگرىسى ئىچىدە، 200دىن كۆپ تېرورلۇق ۋەقەسى پەيدا قىلىپ ، 162ئادەمنىڭ ئۆلىشى ، 440دىن كۆپ ئادەمنىڭ يارلىنىشىدەك ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ ، نۇرغۇن جىنايى خاتىرىلەر قالدۇردى . «شەرقى تۈركىستان» نىڭ جىنايەت سادىر قىلىش نىشانى تۆۋەندىكىدەك :
بىرىنچى، خەنزۇلار بىلەن ھەمكارلاشقان ئۇيغۇر كادىر –ئاممىنى ئۆلتۈرىدۇ ، ئۇيغۇر ئاممىسىغا ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلاشماسلىق توغرىسىدا تەھدىد سالىدۇ . مەسىلەن :
مىساللار قىقارتىلدى ، ئەسلى ئۇلانمىدىن كۆرىۋېلىڭ .
ئىككىنچى ، تېرورلۇق كەيپىيات پەيدا قىلىپ ، شىنجاڭدىكى خەنزۇ ئاممىسىنى قورقۇتۇپ شىنجاڭدىن كەتكۈزىۋېتىشكە ئۇرىنىدۇ . دائىم ئىشلىتىدىغان ۋاستىسى زەھەر سېلىش ، ئوت قويۇش ، پارتلىتىش ۋە توپىلاڭ چىقىرىشقا كۈشكۈرتىشتىن ئىبارەت . مەسىلەن :
مىساللار قىقارتىلدى ، ئەسلى ئۇلانمىدىن كۆرىۋېلىڭ .
ئۈچۈنچى ، جۇڭگونىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ، خەلقئارادىكى تەسىرنى كېڭەيتمەكچى بولىدۇ . مەسىلەن :
مىساللار قىقارتىلدى ، ئەسلى ئۇلانمىدىن كۆرىۋېلىڭ .

يىڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى شىنجاڭنى تىزگىنلەش پىكىرلىرى ۋە سەۋەنلىكلەر
يۇقۇردا ئېيتىلغاندەك ، «شەرقى تۈركىستان» كۈچلىرى ئۆتكەنكى 10 نەچچە يىلدا نۇرغۇن جىنايى قىلمىشلارنى قالدۇردى . ئەگەر ھازىر يەنىلا «شەرقى تۈركىستان» كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭغا بولغان تەسىرىنى ئېتىراپ قىلمىساق ، ساختا تىنىچلىق ياساپ كۆرسەتسەك ، بۇ ئۆزىنىمۇ ، ئۆزگىنىمۇ ئالدىغانلىق بولىدۇ . يەنىمۇ ئەستايىدىلراق كۈزەتسەك ، 80 – 90- يىللار «شەرقى تۈركىستان» كۈچلىرى ھەقىقى كۈچەيگەن 20 يىل ئىكەنلىگىنى بايقايمىز . بۇ خەلقئارانىڭ تەسىرىگە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك . راستىنى ئېيىتقاندا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى شىنجاڭنى تىزگىنلەشكە ئىشلەتكەن بىر قاتار سىياسەت فاڭجېنلىرى مېنىڭچە بولغاندا ئانچە مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىدى ، بولۇپمۇ 80-يىللاردىن كېيىنكى سىياسەتلىرى . چۈنكى بۈگۈنكى «شەرقى تۈركىستان» بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ بارغانچە كۈچىيىپ كېتىشى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى . ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيىتقاندا ، مۇشۇ فاڭجېن –سىياسەتلەر مىللەتلەر زىددىيىتىنى كۈچەيتىپ ، شىنجاڭ مۇستەقىللىغىنىڭ يامراپ كېتىشىگە ۋە تەرەققى قىلىشىغا قۇتراتقۇلۇق قىلغان .
ئېيتىشلارغا قارىغاندا گېنرال ۋاڭ جېننىڭ ئىسمى كېچىدە يىغلاش كېسىلى بار بالىلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىيالايدىكەن ، بۇ ئۇنىڭ قانچىلىك ھەيۋىسى بارلىغىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ . ۋاڭ جېن ھەقىقەتەن جاسارەتلىك ۋە پاراسەتلىك قەھرىمان ، ئۇ زوزۇڭتاڭنىڭ شىنجاڭنى تىزگىنلەشتىكى «يەر ئېچىپ چېگرانى قوغداش» سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، شىنجاڭ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى قۇرۇپ چىقتى . بۇنداق ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا دېھقان ، ئۇرۇش بولغاندا ئەسكەر بولىدىغان قۇرۇلما شىنجاڭنىڭ بىرلىگى ۋە تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشتى ، بۇلارنى «چاقىرسا كېلىپ ، ئۇرۇش قىلسا غەلبە قىلىدىغان» ، مىليون كىشىلىك قوشۇنغا بىر تال لەڭ ( ئاشلىق ) سەرىپ قىلمايدىغان قۇرۇلما دىيىشكە بولىدۇ . ۋاڭ جېن شىنجاڭدىكى ۋاختىدا بۆلگۈنچى كۈچلەرگە پۇتۇن كۈچ بىلەن زەربە بېرىپ ، شىنجاڭنى 10 نەچچە يىل تىنىچ ساقلىدى . بىراق ۋاڭ جېن سەل قەبىھ ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ۋاڭ جېن ئىلگىرى بىر كەنىتنى قورشاشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ، ئازاتلىق ئارمىيىنى ئۆلتۈرگەن قارانىيەتنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە قىستىغان ، تاپشۇرمىسا بىرگە بۇ كەنىتتىكى بەش ئەرنى ئۆلتۈرىدىغانلىغىنى ئېيىتقان . ئەگەر راستلا مۇشۇنداق ئىش بار بولسا سەل قانلىق قىرغىنچىلىق بوپتۇ . بىراق ئىنچىكە ئويلاپ باقىدىغان بولساق بۇمۇ يوللۇق ،چۈنكى بۆلگۈنچى كۈچلەر ھۆكۈمەتنىڭ مېھىر –شەپقەت ۋە كەڭچىلىك قىلىشىدىن ھەرگىز كۆز قارشىنى ئۆزگەرتمەيدۇ ، ئەكسىچە ھۆكۈمەت ئاجىزكەن دەپ ئويلاپ ، ھەدەپ كۈچىنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ . ئۇلار زورۇيۇپ تاقابىل تۇرمىسا بولمايدىغان ۋاقىتتا ، بەلكىم مۇنتىزىم ئارمىيە بىلەن مۇنتىزىم ئارمىيىنىڭ قانلىق ئۇرۇشى بوپ قېلىشى مۇمكىن . شۇڭا دۈشمەنگە قىلغان رەھىمدىللىك ئۆزىگە قىلغان شەپقەتسىزلىك بولىدۇ . بىراق مەسىلە ، شۇ ۋاقىتتىكى دۆلەت كۈچى سەۋەبىدىن مەركەز شىنجاڭغا بەك كۆپ مۇلايىم ۋاستە ئىشلەتسە بولمايتتى ، ئىشلەتكەن زوراۋانلىقلارنىڭ قېپ قالغان ئىزىنى ۋاختىدا چىقىرۋەتمىگەن ، بەزى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە قىساس ئۇرۇغى ساقلىنىپ قېلىپ، 80-يىللارغا كەلگەندە بىخ سۈرۈپ چىقتى . بىراق ئۇمۇمى جەھەتتىن ئېيىتقاندا جەمىيەت تىنىچ، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان دەۋر ھەقىقەتەن ماۋ زېدۇڭ دەۋرى ئىدى ، بۇ شىنجاڭدا ياشىغان بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق ھىسياتى . خۇ ياۋباڭ دەۋرىگە كەلگەندە ، بۇ ئەپەندىم سۇبيېكتىۋىزملىق چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدى يەنى «شىنجاڭ ئالتە سىياسىتى»ۋە «شىزاڭ ئالتە سىياسىتى» نى يولغا قويدى ، ئاساسلىق مەزمۇنى :
1. تۇلۇق ئاپتونومىيە بېرىش ؛
2. تەلىم-تەربىيىنى كۈچەيتىش ؛
3. شىزاڭنىڭ ئالاھىدىلىگىگە ماس كېلىدىغان جانلىق سىياسەت قوللۇنۇپ ، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ؛
4. كۆپ مىقتاردا راسخوت بىلەن تەمىنلەپ ، دېھقان-چارۋىچىلىق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جىددى ئىھتىياجىغا ئىشلىتىش ؛
5. شىزاڭنىڭ مەدەنىيەت مائارىپ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ؛
6. شىزاڭغا كىرگەن كادىرلارنى تۈركۈمگە ۋە ۋاقىتقا بۆلۈپ ئىچكىرىگە قايتۇرۇش ؛
«شىزاڭ ئالتە سىياسىتى» بولغاندىكىن ، «شىنجاڭ ئالتە سىياسىتى» مۇ بولدى . بۇنى ھەقىقى ئەمىلىلەشتۈرۈش ئۈچۈن ، جۇڭگو كومپارتىيىسى شىنجاڭ ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتىكوم پۈتۈن رايۇن تەۋەسىدە رەھبىرى كادىرلارنى تەڭشەپ ، ئاز سانلىق مىللى كادىرلارنىڭ نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى ، خەنزۇ كادىرلارنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن دەم ئېلىشقا چىقسىمۇ ياكى ئالمىشىپ ئىچكىرىگە قايتسىمۇ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا قارار چىقاردى .
خۇ ئەپەندىم بەلكىم سىياسەت بىلەن شىنجاڭنىڭ مايىللىقى ئاشسا، ئىقتىسادى تەرەققى قىلسا ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزلىگىدىن خەنزۇلارغا ئەگىشىدۇ ، ئۆزلىگىدىن ۋەتەننىڭ بىرلىگىنى قوغدايدۇ دەپ ئويلىغان . كىم بىلسۇن ئۇيغۇرلار جۇڭگونى ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ دۆلىتى دەپ قارىمىدى ، بىر غەرىپنىڭ مۇخبىرى مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى : دۆلەت بايرىغىنى ساقلاشقا مەسئۇل باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى ھەر كۈنى دۆلەت بايرىغىنى يېغىپ ئەكىرىشتە بايراققا بىرنى دەسسەيدىكەن ، زادى قانداق بىر ئۆچمەنلىك مۇشۇنداق ھەركەتلەرنى قىلغۇزىدۇ ؟! خۇياۋباڭنىڭ خاتالىقلىرى ئاساسلىق تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت :
1. شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتا ھەقىقى تايىنىشقا بولىدىغان كۈچنىڭ خەنزۇلار ئىكەنلىگىنى ، ئۇيغۇرلار ئەمەسلىگىنى بىلمىگەن . ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلىشىش ئوبىكتى قىلىشقا بولىدۇ ، ئاساسلىق كۈچ قىلىشقا بولمايدۇ . «شىنجاڭ ئالتە سىياسىتى» دىكى بىر نەچچە ماددا بىۋاستە خەنزۇلارنىڭ مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزدى ، مەسىلەن %60سىياسەت ئىشقا ئورۇنلىشىش ، ھەربىيلىككە قاتنىشىش ۋە ئالى مەكتەپتە ئوقۇش قاتارلىقلاردا شىنجاڭلىقلار %60نى ئىگەللەيدۇ ، رەھبىرى كادىرلاردا بىرىنچى قول چوقۇم ئۇيغۇر بولىشى كېرەك . بۇ بىر نەچچە ماددا شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنى ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويغان ، ئىجرا قىلىش جەريانىدا تەبئيلا ئاساسى قاتلامنىڭ قارشىلىقغا ئۇچرايدۇ . بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارىسىغا توقۇنۇشنىڭ پىلتىسىنى كۆمۈپ قويغان بىلەن باراۋەر بولۇپ ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋەتكەن . ئويلىغاندەك بۇ خىل سىياسەت ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇلارنى ياخشى كۆرىشىنى كۈچەيتەلمىگەن ، بولۇپمۇ 90-يىللاردىن كېيىن ، بازار ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىخچاملىشىشى ، دۆلەت ئىگىلىگىدىكى كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىققا چۈشۈپ قېلىشى بۇ خىل %60لىك سىياسەت بارا-بارا بىر خىل يۈككە ئايلىنىپ قالغان . ئىش ئورنىدىن قالغانلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئۇيغۇرلار ، چۈنكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىچىدە ئولارنىڭ نىسبىتى ئەسلىدىنلا يۇقۇرى ، ساپاسى نىسبەتەن تۆۋەن ئىدى . ھەتتا %60 ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش سىياسىتىمۇ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنىڭ بازارغا يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ بىر يۈككە ئايلىنىشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى خەتەرلىك يۈك . ئۇلار بەلگىلىك بىلىم ئىگەللىگەن بولۇپ ، خىزمەت تاپالمىغاندىن كېيىن جەمىيەتتىن نارازى بولىدۇ ، ئاندىن كېيىنچۇ؟ تارىختا ھەر قانداق بىر ھەركەت ، ھەر قانداق بىر تەشكىلاتنىڭ غەلبە قىلىشى ئۈچۈن كۆپ ساندىكى بىلىملىك كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشى كېرەك بولىدۇ ، بىر توپ ساۋاتسىزلارغا تايانغاندا ئىش ۋۇجۇتقا چىقمايدۇ . ھازىرقى شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەر ئوبيېكتىپ جەھەتتە مۇشۇنداق ئادەملەرنى ياساۋاتىدۇ .
2. قانۇن ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا ئىشلىمەيدۇ . شىنجاڭدىكى بەزى ج خ ئورۇنلىرىنىڭ ئېيتىشىغا ئاساسلانغاندا ، قانۇننى ھەقىقى كەسكىن بىجىرىدىغان بولسا ، يېرىمدىن كۆپرەك ئۇيغۇر ياشلىرى تۈرمىگە كىرىدىكەن . گەپ سەل چەكتىن ئاشۇرۋېتىلگەن ھەمدە مۇبالىغىلەشتۇرۋېتىلگەن بولسىمۇ ، لېكىن شىنجاڭ ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ ئامالسىزلىغىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . توردىكى بەزى ماقالىلاردا شىنجاڭدا يۈز بەرگەن بەزى قەبىھ دىلولار تەسۋىرلەنگەن ، مەسىلەن بىر كاۋاپچى ئۆلتۈرۈلگەن ، قاتىل ئاران ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان دىگەندەك ، بۇلارغا خەلقنىڭ غەزىۋى كەلمەي قالمايدۇ . ئەگەر بۇ خىل %60 سىياسەت پەقەتلا ئىقتىسادى مەنپەتكە زىيان يەتكۈزدى دىسەك ، ئۇنداقتا بۇ خىل ئامانلىق ساقلاش ھالىتىنىڭ ناچارلىشىشىدىن زىيان يەتكۈزىدىغىنى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ ، بۇلار بىلەن كارى بولمىسا ، ئۇنداقتا چوڭ كۆلەملىك ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈز بېرىشى ۋە نۇپۇسنىڭ غەيرى ئېقىشىنى ( شىنجاڭدىكى خەنزۇلار ئىچكىرىگە ئاقىدۇ ) كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئوخشاشلا ، ئۇيغۇرلار بۇ خىل يان بېسىشقا ھەشقاللا ئېيتامدۇ ؟
بىز بىر شىنجاڭ مۇستەقىللىقى ئۇنسۇرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ باقايلى :
« ئۇ ئايال ××× نىڭ گۆشىنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ كۆرگەندىن كېيىن ئاخىرىدا ئالمىدى ، ياندا ئىككى ساقچى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ تۇردى ، نەتىجىدە ××× پىچىغىنى چىقىرىپ ، باتۇرلۇق بىلەن ئۇ ئايالنى ئۆلتۈرۋەتتى ، بىر ساقچىنى ئۆلتۈرۋەتتى ، ئۆزى يەنە بىر ساقچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى .» (كەچۈرۈڭلار ، مەن بۇ چاپلانمىنىڭ ئەسلىنى تاپالمىدىم ، بۇ ئىسىمدە قالغىنى بويىچە يېزىلغىنى )
ئۇلارچە بولغاندا ، گۆشنى كۆرۈپ بولۇپ ئالمىسا ئۆلۈمگە مەھكۇم گۇناھ ، ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوغداش مەجبۇريىتى بار ، ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئۇلارمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم . ئۇلار ئۆزىنىڭ قانۇنى مەجبۇريىتىنى ئازراقمۇ ئويلاپ قويمايدۇ ، بۇ خىل ئىدىيىنى ئۆزىمىزنىڭ سىياسىتى مۇشۇنداق كۆندۈرۈپ قويغان .
بۇ خىل سىياسەت خەنزۇلارغا قانداق تەسىر پەيدا قىلدى ؟ بىز يەنە بىر مىسال كۆرەيلى : « 1993-يىلى شىنجاڭنىڭ قەشقەر شەھرىدە قانلىق دىلودىن بىرسى يۈز بەرگەن ، ھازىر ئويلىسىمۇ ئادەمنىڭ تىنى شۈركىنىدۇ ، شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنىڭ ھاياتى ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىكەن . قەشقەر شەھرىدە ئىش ئورنىدىن قالغان بىر خەنزۇ ئايال باغچا ئالدىغا بىر بىليارت تاختىسى قويۇپ تىجارەت قىلىپتۇ ، چۈشتە 14 ياشلىق كىچىك قىزى ۋە ئالى مەكتەپتىن يازلىق تەتىلگە كەلگەن چوڭ قىزى ئانىسىنىڭ ئورنىغا كېلىپ ، ئانىسى تاماق يىگىلى كېتىپتۇ ، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئانا ئەمدىلا ئالى مەكتەپكە كىرگەن قىزىدىن مەڭگۈ ئايرىلىپتۇ . ئانىسى كەتكەندىن كېيىن ، بىر نەچچە ئۇيغۇر ياش كېلىپ بىليارت ئويناپتۇ ، ئويناۋېتىپ ئىچىدىن بىرسى سىڭلىسىغا ئەدەپسىزلىك قىلىپتۇ ، ئاچىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ سىڭلىسىنى قوغداپتۇ ۋە بىر نەچچە ئېغىز ئاچچىق سۆز قىلا-قىلمايلا كۆكرىگىگە بىر پىچاق سانجىلىپتۇ ، ئاچىسى نەق مەيداندا ئۆلۈپتۇ ، بۇ ئادەم ئۆلتۈرگەن ئۇيغۇر سىڭلىسىنىڭ قايغۇلۇق ۋاقىراپ يىغلاشلىرىغا قاراپ مەغرۇرانە كېتىپ قاپتۇ ، ئەتراپنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بولسىمۇ ، ئەمما بىرسىمۇ چىقىپ توسۇماپتۇ ياكى بىرەرسى دىلو مەلۇم قىلماپتۇ . ئانىسى قايتىپ كېلىپ بۇ تۇيۇقسىز ۋەقەنى كۆرگەندىن كېيىن ، دىلو مەلۇم قىلىپ ساقچى باشلاپ كەپتۇ ، ساقچىلار ئولىشىۋالغان كىشىلەردىن سۈرۈشتۈرسە ،ھېچكىم ھەتتا بىللە بىليارت ئوينىغانلارمۇ قاتىلنى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ ! ئىككىنچى كۈنى ئاندىن ساقچىلار قاتىلنى ئۆيىدە كارۋاتتا ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغان يېرىدىن تۇتۇپتۇ ، قاتىل بولسا تۈنۈگۈن ھاراق ئىچكەنلىگىنى ، نىمىش قىلغانلىغىنى بىلمەيدىغانلىغىنى دەپتۇ . كېيىن سوت مەھكىمىسى قاتىل ھاراقتىن كېيىن ئېسىنى بىلمەي ئادەم زەخمىلەندۈرگەن دەپ قاراپ قاتىلغا ئىككى يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىپتۇ . جەمىيەتتە بىردىن غوۋغا كۆتۈرلۈپ ، ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر جەسەتنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىمىز دەپ توۋلاپتۇ ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى بەس-بەس بىلەن كېلىپ ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىگە خىزمەت ئىشلەپ، نەپىقە بېرىدىغان ،خىزمەت بېرىدىغان شەرتلەر بىلەن قاتتىق يۇمشاق ۋاستىلەرنى قوللۇنۇپتۇ ، قاتتىق ۋاستە بولسا ھەقىقى ئەھۋالنى باستۇرۇپ قويغان » ( «قوي يۈتكەندىن كېيىن قوتاننىڭ تۆشۈكىنى ئەتسىمۇ كېچىككەنلىك بولمايدۇ» دىن ،ئاپتۇرى ئامالسىز )
3. مىللى مەدىنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ، بولۇپمۇ تىلىنىڭ گۈللىنىشى . تىل بولسا بىر مىللەتنىڭ روھى ، بىر مىللەتنى ھەقىقى تىزگىنلەش ئۈچۈن ، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئاستا-ئاستا ئۇلارنىڭ تىلىنى يوقىتىش . خۇياۋباڭنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىغى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنىڭ ئەركىن تەرەققى قىلىشىغا يول قويدى ، بىز خۇياۋباڭنىڭ قانداق ئاخمىقانە ئىشلارنى قىلغانلىغىنى كۆرۈپ باقايلى :
1980-يىلى پارتىيە 10-نۆۋەتلىك 3-ئۇمۇمى يېغىنىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر رايۇنىدىكى مەسچىتلەرنى قايتىدىن ئېچىۋېتىشنى ، ئىسلام دىندىكى «قۇرئان كەرىم» نى قايتىدىن نەشىر قىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن ، شىنجاڭ ، نىڭشيا ، چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكىلەردە ئىلگىرى تاقېۋىتىلگەن مەسچىت خانىقالار قايتىدىن ئېچىلدى ، بۇزۇۋېتىلگەن بۇتخانا ۋە دىنى خارابىلەر قايتىدىن ياسالدى . يېزا-بازارلاردىكى دىنى مەكتەپلەر يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك ھەممە يېزا-بازارنى قاپلىدى ، ئونمىڭلىغان ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار دىنى مەكتەپكە كىرىپ ئايەت ئوقۇشنى ۋە كونا يېزىقنى ئۈگەندى . نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار ۋە خۇيزۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى شۇھامان بالىلىرىنى خەنزۇ تىلىدىكى مەكتەپلەرگە ۋە ھۆكۈمەت تەسىس قىلغان ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى مەكتەپلەرگە ئەۋەتمەي ، خانىقالاردا ئىسلام ئايەتلىرىنى يادىلاتقۇزدى . بىر مەھەل دىنى مەكتەپلەردە ئادەم توشۇپ كېتىپ ، ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچى قالمىدى . مۇشۇ نوقتىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى ، شۇ ۋاقىتتىكى مەركەز دىننى ئۇلۇق سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدىنىيەت ئالدىدا بىر پەشۋاغىمۇ يارىمايدۇ دەپ قالغان ، نەتىجىدە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ، 30يىللىق ئاتېئىزم تەشۋىقاتى ۋە ئىدېئولوگىيەسىنى سىڭدۈرگەندىن كېيىنمۇ ، دىننىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بۇنچە زور چاقىرىق كۈچى بولغان . تېخىمۇ ھاماقەتلىك بولغىنى ، 1982-يىلى9-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاپتونوم رايۇن قانۇن تىكلەش شەكلىدە ، ئۇيغۇر مىللىتى ۋە قازاق مىللىتىنىڭ كونا يېزىغىنى ئۇمۇمى يۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى ، ھەمدە كونا يېزىقنى خەنزۇ تىلى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ ، شىنجاڭ ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ ھۆكۈمەت تىل-يېزىغىغا ئايلاندۇردى ، شۇنىڭدىن كېيىن ماۋزىدۇڭ دەۋرىدىن باشلانغان يېزىق ئىسلاھاتى ـــ شىنجاڭنى ئاسىمىلاتسىيە قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى .
ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق ئىسلاھاتى 1971-يىلى باشلانغان . بىر مەزگىللىك سىناقتىن كېيىن ، مەزكەز ۋە ئاپتونوم رايۇن مەجبۇرى تۈزۈم بىكىتىپ ، ئۇيغۇر كونا يېزىغىنى ئىشلىتىشنى بىكار قىلدى ، پۈتۈن ئاپتونوم رايۇن تەۋەسىدە لاتىن يېزىغى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن يېڭى يېزىق ئىشلىتىلدى ، باشلانغۇچتىن باشلاپ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرىسلىكلىرى پۈتۈنلەي يېڭى يېزىق بويىچە نەشىر قىلىندى . بۇ خىل مەجبۇرى خاراكتىرلىك يېزىق ئىسلاھاتى ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنى ئەنئەنىسىنى ۋارىسى يوق ھالەتكە چۈشۈرۈپ قوياتتى ، چۈنكى ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدە تەربىيلىنىپ چىققان ياش بىر ئەۋلات ئۇيغۇر كونا يېزىغىنى تۇنۇمايدۇ ، كونا يېزىقتا يېزىلغان تارىخى ئەسەرلەرنى ئوقۇيالمايدۇ ، كونا يېزىققا پىششىق بولغان ئالدىنقى بىر ئەۋلات بولسا ئاساسەن يېڭى يېزىقنى ياخشى تۇنۇمايدۇ . بۇنىڭ بىلەن مەدەنىيەت قاتلىمىدىكى ئۈزۈلۈش بارغانسىرى ئېغىرلىشىدۇ ، خەنزۇلىشىش بارغانچە ئۇمۇملىشىدۇ . ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كونا يېزىغى مۇشۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنى ئەنئەنىسىنى يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق قورال ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ باشقا ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن پەرىقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى . ئەگەر بۇ سىياسەت داۋاملىق يولغا قويۇلغان بولسا ، بەلكىم بۈگۈنكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش تېخىمۇ ئوڭاي بولاتتى . ئىشقىلىپ ئۇ ۋاقىتتىكى جۇڭگو يېپىق ھالەتتە تەرەققى قىلىۋاتقان ، خەلىقئارانىڭ بېسىمىنى ئويلاشمىسىمۇ بولاتتى ، بىراق ھازىر بىز خەلقئارانىڭ بېسىمى ئالدىدا ئامالسىز يول قويمىساق بولمايدۇ ، بۇ خىل يېزىق ئىسلاھاتىنى ئەمدى قايتا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ .
خۇياۋباڭ قاتارلىقلار ئاددى كاللىسى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كونا يېزىغىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەرسەك ئۇلارغا ياخشى كۆرىنىمىز دەپ ئويلاپ ، خەق ئۈچۈن ئىشەك گۆشى يىگەن ھەمدە كېيىنكى ئىز باسارلارغا زىيان سالغان ، شىنجاڭ ۋە شىزاڭدىكى كادىرلار خۇياۋباڭنى «(خۇلۇەنباڭ)胡乱邦» دەپ ئاتىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسكەن ( «ئۇچۇقچىلىققا دەپنە قىلىش» دىن ، ۋاڭ لىشوڭ ) . بىز يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل سىياسەتكە مىننەتدار بولغان بولمىغانلىغىنى كۆرۈپ باقايلى :
«كومپارتىيىنىڭ شىنجاڭدا يولغا قويغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئالى مەكتەپ مائارىپىدىكى ‹ئېتىبار تۈزۈمى›، ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ۋە تەربىيىلىنىش ھوقۇقىنى شەكلى ئۆزگەرگەن تارتىۋېلىش بولدى ، ئويلاپ بېقىڭ ، ئۇيغۇرلار باشلانغۇچتىن تۇلۇق ئوتتۇراغىچە ئۇيغۇرچە مائارىپتا تەربىيلىنىدۇ ، ئالى مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن بىر يىل تەييارلىق خەنزۇ تىلى ئۆگىنىدۇ ، ئاندىن 4 يىل كەسپى دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇيدۇ ، بۇنىڭدا نىمە ئۈگەنگىلى بولىدۇ .»
كىچىگىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە مائارىپتا تەربىيلىنىپ ، خەنزۇچە سۆزلىيەلمەي ، بىلىم سەۋىيىسى ئۆسمەي ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت تاپالماسلىق ئەسلىدە جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ خاتالىغى ئىكەن .
4.ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ بىرىنچى قول باشلىغى چوقۇم ئۇيغۇر بولۇش تەلەپ قىلىنىپ ، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ نوخلىسىنى ئۆستۈرۈپ قويدى . تارىخلاردا شىنجاڭدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارلار شەرقى تۈركىستان ھەركىتىگە قاتناشقان ، ياكى يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارە قوللىغان . كۆپ ۋاقىتلاردا «ئوق ئېتىش بۇيرۇغى ئۇيغۇر بىرىنچى قول باشلىقنىڭ ماقۇللىغىغا ساقلاپ ، نۇرغۇن جەڭچىلەر ناھەق قۇربان بولاتتى» .( تەپسىلاتىنى شىنجاڭدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئەسلىمىسىدىن كۆرۈڭ ) ئاساسى قاتلامدا ، ئۇيغۇر باشلىقلار بىلىپ بىلمەي ئۇيغۇرلارغا يان بېسىپ ، خەنزۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتى بارغانچە يامانلاشتى . خەنزۇلارنى نىسبەتەن سەۋىرچان ۋە جاپاغا چىداملىق دىيىشكە بولىدۇ ، پۇت قويغىدەك يەر بولسىلا قارشىلاشماي ياشاۋېرىدۇ ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا چوڭ كۆلەملىك قانلىق قىرغىنچىلىق جەنۇبى شىنجاڭدا يۈز بېرەتتى .
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى ھازىر چەتئەللەردە شىنجاڭ مەسىلىسى توغرۇلۇق گەپ-سۆز بولغاندا ، ھەدەپ خۇياۋباڭنى ماختاپ ۋاڭ جېننى چۈشۈرىدىغانلار كوپ ، ئىككەيلەننىڭ سىياسىتى ئوبىكتىپ جەھەتتىن پۇتۇنلەي ئوخشىمىغان ئىككى خىل نەتىجە پەيدا قىلدى ، ئەجىبا بۇ بىرەر نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەمدۇ ؟ يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە شۇنى مۇراجىئەت قىلغۇم كەلدى : مەملىكىتىمىزنىڭ مىللەتلەر تەتقىقاتى ھەقىقى بىر مۇستەقىل كۆز قاراشقا ئىگە بولسا ، مەركەزنىڭ سىياسىتىگە قاراپ بايانات پىكىرلىرىگە ئەگىشىپ كەتمىسە ، ئىشقىلىپ ھۆكۈمەت تەتقىقات نەتىجىسىگە قاراپ سىياسەت بېكىتسە ، ھەرگىزمۇ تەتقىقاتچىلار ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە ئاساسەن تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلمىسا !
5.نوپۇس كۆچۈرۈش ، شىنجاڭنى تىزگىنلەشنىڭ بىردىن بىر ئۇسۇلى ئەمىلى مەسىلىگە دۈچ كەلدى . مەلۇم جاينى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئىككى ئامىل بولۇشى كېرەك ، بىرىنچىسى ئادەم ، بۇ باشقۇرۇش قاتلىمى ۋە باشقۇرغۇچىلار تايىنىدىغان خەلق ئاممىسى قاتلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، يەنى كۈچ مەنبەسى . ئىككىنچىسى ماددى ئاساس ، يەنى ئادەم ياشاش شارائىتلىرى .
بىرىنچى نوقتىغا نىسبەتەن ، ئىككى خىل ئۇسۇل بار ، بىرىنچىسى يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ، ئۇلارنى يۆلەش ۋە پارچىلاش ئارقىلىق ئۆزىدىن ئايرىلالمايدىغان قىلىپ قويۇش . مەسىلەن چىئەنلوڭ پادىشا ئېيتقاندەك «بىر بۇتخانا سېلىش يۈزمىڭ ئەسكەر باققاندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ». لېكىن يات مىللەتلەرنىڭ كۆڭلى باشقا ، دۆلەت قۇدرەت تاپقاندا يەرلىك مىللەتلەرنى بېقىپ كېتەلەيدۇ ، ئۇلار بۇ دۆلەتنىڭ تەۋەلىگىدە تۇرغانلىغىدىن خوش بولىدۇ . بىراق دۆلەت ئاجىزلاشسا مۇستەقىل بولۇپ تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىشنى ئويلايدۇ . شۇڭا بۇنداق ئۆزىگە قارىتىشنى مەقسەت قىلغان بۇتخانا سېلىش ،بېقىش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ ، چۈنكى ئەمىلىيەتتە يەرلىك مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلغىلى بولمايدۇ . ئىككىنچىسى كۆپ مىقتاردا نۇپۇس يۆتكەش ئارقىلىق ، خەنزۇلارنى ئاساسلىق مىللەتكە ئايلاندۇرۇش ھەمدە يەرلىك مىللەتلەرنى ئاستا –ئاستا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش . بۇ ئەمىلىيەتتە جاڭ زولىننىڭ شەرقى شىمالنى كونترول قىلىشتىكى ئاساسلىق چارىسى ،يەنى كۈندە نەچچە نۆۋەت پويىز شەندوڭ قاتارلىق جايلاردىن شەرقى شىمالغا ئادەم ئەكەلگەن ، بۇ بەلكىم شەرقى شىمالنىڭ يېقىنقى زاماندا بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتەلمىگەنلىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىدىن بىرسى بولسا كېرەك . دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى قۇرۇشتا ئاساسلىق مۇشۇ ئىدىيىنى مەقسەت قىلغان ، بىز شىنجاڭ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقايلى : بىڭتۈەننىڭ قارمىغىدا 13يېزا ئىگىلىك دىۋىزىيەسى ، 1 قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى بولۇپ ، جەمئى 174 دېھقان-چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە كۆپلىگەن سودا سانائەت ، قاتناش ۋە قۇرۇلۇش كارخانىلىرى بار . 2000-يىلى يىل ئاخىرغىچە ئومۇمى نۇپۇسى 2مىليون 427مىڭ 900 بولۇپ ، ئىش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەر 703مىڭ 700 نەپەر . بىڭتۈەنگە قاراشلىق ئورۇنلار پۈتۈن شىنجاڭنىڭ 13 ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەرلىرىگە تارقالغان بولۇپ ، ھەر بىر ۋىلايەتكە بىر قۇزۇق قېقىپ قويغانغا ئوخشاش شىنجاڭنىڭ سىياسى ھوقۇقىنى تۇتۇپ تۇرغۇچى ئاساسى نوقتا .
بىراق نوپۇس كۆچۈرۈش سىياسىتى شىنجاڭدا ئەمىلى مەسىلىگە دۈچ كەلدى ، بىرىنچى مەسىلە ماددى ئاساس ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى سۇ . سۇ بولمىسا ئادەم ھايات كەچۈرەلمەيدۇ . شىنجاڭنىڭ ھۆل –يېغىنى ئاساسلىق ئاتلانتىك ئوكياننىڭ غەربى ھاۋا ئېقىمىدىن كېلىدۇ ، ئۇندىن قالسا شىمالى مۇز ئوكياندىن كېلىدۇ ، تىنىچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكياننىڭ پەسىللىك شامىلىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى بەكمۇ تەس . پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق ھۆل –يېغىن مىقتارى ئاران 145مىللىمىتىر بولۇپ ، جۇڭگونىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل –يېغىن مىقتارى( 630مىللىمىتىر) نىڭ %23گە توغرا كېلىدۇ ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئوخشاش كەڭلىكتىكى رايۇنلار ئىچىدە شىنجاڭنىڭ ئەڭ ئاز . ھۆل –يېغىن تارقىلىش قانۇنىيىتى شىمالى شىنجاڭنىڭ جەنۇبى شىنجاڭغا قارىغاندا كۆپ ، غەربى قىسىمنىڭ شەرقى قىسىمغا قارىغاندا كۆپ ، تاغلىق رايۇنلارنىڭ تۈزلەڭلىككە قارىغاندا كۆپ ، ئويمانلىقنىڭ قىرغاقلىرىدا ئوتتۇرىسىغا قارىغاندا كۆپ ، شامالغا قارشى يانتۇلۇقتا شامالغا تەتۈر يانتۇلۇققا قارىغاندا كۆپ ، بۇلار شىنجاڭنىڭ قۇرغاق ھاۋا كېلىماتىنى بەلگىلىگەن . شىنجاڭدەك بۇ چوڭ يەر قارىماققا چوڭ كۆرىنگىنى بىلەن قۇملۇق ۋە چۆللۈكلەر بولۇپ ، شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ، شىنجاڭدىكى %95 نۇپۇس شىنجاڭ زىمىنىنىڭ %3.5 نى ئىگىلەيدىغان بوستانلىقلارغا توپلاشقان ، بوستانلىقلاردىكى نۇپۇسنىڭ زىچلىغى 200 ئادەمگە يەتكەن ، بەزى رايۇنلاردا 500 ئادەمگىمۇ يېتىپ ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نۇپۇس زىچلىغىغا يېقىنلاشقان ، ئەگەر يېڭى سۇ مەنبەسى تېپىلمىسا داۋاملىق نۇپۇس يۆتكەشنىڭ بوشلۇقى چوڭ ئەمەس .
2-مەسىلە نۇپۇسنىڭ قايتىپ كېتىش مەسىلىسى ، نۇپۇسنىڭ قايتىپ كېتىشى جەمىيەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە جەمىيەت ئامانلىغى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . دوكىلاتلارغا قارىغاندا شىنجاڭ ئىلگىركى 20 يىلدا 200مىڭدىن كۆپرەك يۇقۇرى دەرىجىلىك تېخنىك خادىمدىن ئايرىلىپ قالغان . بۇ ئەلۋەتتە دېڭىز بويىدىكى رايۇنلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ تارتىش كۈچى ، بىراق ئۇنىڭ ئېپكەلگەن مەسىلىلىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ . غەربى رايۇنلاردا ئىختىساس ئىگىلىرى نىسبەتەن كامچىل ، كېتىپ قالغان بۇ ئىختىساس ئىگىلىرى ئەسلىدە ھۆكۈمران قاتلامنىڭ تايىنىش ئوبىكتى ئىدى ، بۇ خىل ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ئېقىپ كېتىشى ھۆكۈمران قاتلامنىڭ كۈچىنى بىۋاستە ئاجىزلاشتۇرۋېتىدۇ . ئەمىلىيەتتە ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ئېقىپ كېتىشى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان ھالدا ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئاستىلىۋېتىدۇ ، ئېقىپ كەتكەن ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ تەسىرىدە ، يەنە بىر قەدەمدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، بۇ بىر يامان خاراكتىرلىك دەۋرلىك بولۇپ ، سىرىتقى كۈچ بىلەن تىزگىنلىمىگەندە ، مەسىلەن غەرىپنى چوڭ ئېچىش دىگەندەك ، توختاتقىلى بولمايدۇ .
ھازىر ئىچكىرىگە قايتىپ كەتكەن ئىختىساس ئىگىلىرى ئاساسلىق زىيالىلار ۋە تېخنىك خادىملار ، بۇ ئانچە قورقۇنۇچلۇق ئەمەس ، ئەڭ قورقۇنۇچلىغى ئادەتتىكى خەنزۇ ئاھالىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىچكىرىگە قايتىپ كېتىشى ، مەسىلەن كوسوۋۇدىكى سېرب ئاھالىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە يۇگۇسلاۋىيەنىڭ ئىچكىرىسىگە كۆچكەنگە ئوخشاش ، ئۇ ۋاقىتتا جۇڭگو ئۈچۈن قاباھەتلىك چۈش بولۇپ ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئايرىلىپ قالغانغا ئوخشاش جۇڭگو ئۈچۈن ئالدىنىقى بىشارەت . ئەلۋەتتە جۇڭگونىڭ ئالاھىدە دۆلەت ئەھۋالى ( مەسىلەن نۇپۇس تۈزۈمى ، ۋاقىتلىق تۇرۇش كېنىشكىسى تۈزۈمى قاتارلىق ) سەۋەپلىك بۇ خىل كۆچۈش ۋاقتىنچە يۈز بەرمەيدۇ ، لېكىن شەرقى تۈركىستان تېرورچىلىرىنىڭ ئۆزلىكسىز ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى سەۋىيىسى كەينىگە سۆرۈلۈپ يۇقۇرى كۆتۈرۈلمىسە ، ئۇنداقتا بۇ خىل نۇپۇسنىڭ ئۆزلىكىدىن يۈنۈلۈشلىك ھالدا كۆچىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ .
مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىلىرى
ئالدى بىلەن يەنىلا سۇنى ھەل قىلىش ، بۇنىڭ ئۈچۈن «كىرىمنى ئاشۇرۇپ ، چىقىمنى تىجەش» كېرەك ، يەنى سۇ مەنبەسىنى ئېچىپ ، ئېقىمنى كونتۇرۇل قىلىش كېرەك . سۇ مەنبەسىنى ئېچىش ئالدى بىلەن ھۆل يېغىننى كۆرسىتىدۇ ، كىشىنى خوش قىلىدىغىنى شىنجاڭنىڭ ھۆل –يېغىن مىقتارى بارغانچە ئېشىۋاتىدۇ . جۇڭشىن تورىنىڭ 2002-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىىدىكى تېلگىراممىسىغا ئاساسلانغاندا ، پۈتۈن يەر شارىدا قۇملىشىش كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ، ئەزەلدىن قۇرغاق ، يامغۇرى ئاز دەپ كەلگەن شىنجاڭ بارغانچە «نەملىشىش» كە باشلىغان . 40 نەچچە يىلدىن بۇيان ، بولۇپمۇ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بارغانسىرى يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن . شەرقى يېرىم شاردىكى ئوخشاش كەڭلىكتىكى رايۇنلارنىڭ ھاۋا كېلىماتىدا ئۇمۇمى يۈزلۈك ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقۇرى كۆتۈرلۈپ ، ھۆل –يېغىن مىقتارى ئازايغان ، پەقەت شىنجاڭ رايۇنىلا بۇنىڭ سىرتىدا ئىكەن . تەڭرى تاغنى پاسىل قىلغان ھالدا ، شىمالى شىنجاڭ ، تەڭرى تاغ رايۇنى ۋە جەنۇبى شىنجاڭ رايۇنلىرىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى ئوتتۇرىچە ھۆل –يېغىن مىقتارى ئايرىم –ئايرىم ھالدا 1961-يىلىدىن 1990-يىلدىكىگە قارىغاندا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن %6.9، %3.6ۋە %21.2 ئاشقان . گەرچە بىز شىنجاڭنىڭ قۇرغاقچىلىغىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگىرىشىگە ئىشەنچ قىلالمىساقمۇ ، بىراق قىممەتلىك ھۆل –يېغىن كۆپەيسە ، شىنجاڭنى ئېچىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى كېلىدۇ . پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ شىنجاڭنىڭ ئاجىز ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتىنى ئۆزگەرتكىلى ، بولۇپمۇ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى توغراق ۋە يۇلغۇنلارنى قۇتۇلدۇرۋالغىلى بولىدۇ .
ئۇندىن قالسا يەر ئاستى سۈيىنى كۆرسىتىدۇ . شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى 630مىليارد كۇپ مېتىرغا يېتىدۇ ، ھەر يىلى 20 مىليارد كۇپ مېتىر سۇ قېزىشقا بولىدۇ ، يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئېچىلىپ بولۇنغىنى ھەر يىلى 3مىليارد 400مىليون كۇپ مېتىرغا يەتمەيدۇ ، ئۇندىن باشقا رايۇنلار ئارا تەكشى ئەمەس ، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى ، سانجى ، تۇرپان ، قۇمۇل قاتارلىق سانائىتى بىر ئاز تەرەققى قىلغان شىمالى شىنجاڭ ۋە شەرقى شىنجاڭ رايۇنلىرىدا سۇنى ئېچىش كۆپرەك ، جەنۇبى شىنجاڭ رايۇنلىرىدا بەكمۇ ئاز بولماقتا . ئەمىلىيەتتە بۇ شىنجاڭدىكى ئوخشىمىغان رايۇنلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە نۇپۇس زىچلىغى دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . شىنجاڭ رايۇنىدا يەر ئۈستى ھۆل –يېغىن مىقتارىنىڭ چەكلىكلىگى تۈپەيلىدىن ، يەر ئاستى سۈيىنى ئەڭ ئىشەنچىلىك سۇ مەنبەسى قىلىشقا بولىدۇ . گېئولوگىيىلىك چارلاش سەۋىيىسى ۋە كۈچىنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ ، توختىماي يېڭىدىن يەر ئاستى سۇ ئامبارلىرى بايقىلىۋاتىدۇ . يېڭى سۇ مەنبەلىرىنىڭ بايقىلىشى ، شۈبھىسىز يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىغا تەرەققىيات ئېلىپ كېلىدۇ . تىپىك مىسالدىن بىرى شۇكى ، جۇڭگو كۆمۈر گېئولوگىيە ئورۇنلىرى يېقىندا جۇڭگونىڭ «قۇرغاق قۇتۇبى» دەپ ئاتالغان شىنجاڭ تۇرپان ئويمانلىغىنىڭ شەرقى شىمالىدا چوڭ كۆلەمدىكى يەر ئاستى سۇ ئامبىرى بارلىغىنى بايقىغان ، سۇ سۈپىتى ئىستىمال قىلىشقا بولىدىغان ئۆلچەمگە يەتكەن . بۇ يەر ئاستى سۈيىنىڭ بايقىلىشى ، شۇ يەرنىڭ كۆمۈرىنى ئېچىشنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ قالدى ، چۈنكى زاپىسى 1مىليارت 400مىليون توننا بولغان بۇ كۆمۈرلۈك 60-70-يىللاردا بايقالغان بولسىمۇ ، سۇ كەمچىل بولغانلىقتىن ، بۇ كۆمۈرلۈكنى قېزىش تېخىچە كۈنتەرتىپكە قويۇلمىغان . بۈگۈنكى كۈندە ئىلىكتىر ئورۇنلىرى بۇ يەرگە شىنجاڭنىڭ جەنۇپ شىمال تورىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۈگۈن قۇرۇپ ، بۇ رايۇننى شىنجاڭ «غەرىپنىڭ توكىنى شەرىققە يەتكۈزۈش» بىرىنچى پونكىتىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ بولدى . ئۇندىن باشقا ، 2001-يىلى شىنجاڭنىڭ تارىم ئويمانلىغىدا يەنە بىر غايەت زور يەر ئاستى سۇ ئامبىرى بايقالدى ، ئويلاپ باقساق ھازىرقى تارىم ئويمانلىغىنىڭ نېفىتى ۋە «غەرىپنىڭ گازىنى شەرىققە يەتكۈزۈش» ، قازاقىستان نېفىتلىكى تۈرلىرىدە بۇ سۇ ئامبىرىنىڭ بايقىلىشى خۇددى دەل ۋاختىدا ياققان يامغۇردەك ئىش بولدى .
ئۈچىنچىدىن سۇنى تەڭشەشنى كۆرسىتىدۇ ، يەنى شىنجاڭنىڭ شىمالىدىن شىنجاڭنىڭ جەنۇبىغا سۇ يۆتكەشنى كۆرسىتىدۇ . بىزگە ئايان شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىغىنىڭ تارقىلىشى ئىنتايىن تەكشىسىز ، شىمالدا كۆپ ، جەنۇپتا ئاز ، شىمالدا ھەتتا پات-پات سۇ ئاپىتى بولۇپ تۇرىدۇ . شۇڭا بىز شىمالى شىنجاڭدىن جەنۇبى شىنجاڭغا سۇ باشلاشنى ئويلۇشۇپ كۆرسەك بولىدۇ . بۇ خىل سۇ مول رايۇندىن قۇملۇق سۇسىز رايۇنلارغا سۇ باشلاپ ، ئۇ يەرلەرنىڭ ئېكولوگىيىسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ خەلقئارادا مۇۋاپىقىيەت قازانغان مىساللىرى كۆپ ، مەسىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالنىڭ سۈيىنى جەنۇپقا يەتكۈزۈش قۇرۇلىشى ، ئىسرائىلىيەنىڭ سۇ بايلىغىنىڭ رايۇنلارغا تارقىلىشى ئىنتايىن تەكشىسىز ، %80 سۇ بايلىغى شىمالدا ، 2/3 قىسىم سۇغۇرىدىغان يەر بولسا جەنۇپتا . شىمالنىڭ سۈيىنى جەنۇپقا تەڭشەش قۇرۇلىشىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ، ئىسرائىلىيەنىڭ سۇ بايلىغىنىڭ تەقسىملىنىشىنىڭ پايدىسىز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ ، جەنۇبى رايۇنلارنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنى تۈگۈتۈپ ، رەھىمسىز ئىكولوگىيىلىك مۇھىت شارائىتىنى ئۆزگەرتتى . شۇنىڭ بىلەن جەنۇبى رايۇنلارنىڭ جەمىيەت ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇردى ۋە ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ ياشاش بوشلۇغىنى كېڭەيتتى ، ھېچنېمە ئۈنمەيدىغان تاقىر يەرلەرنى بوستانلىقلارغا ئايلاندۇرۇپ ، يۇقۇرى سۈپەتتىكى مېۋە-چىۋە ، كۆكتات ۋە گۈل –گىيا قاتارلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپ چىقاردى . ئىسرائىلىيەنىڭ مۇۋاپىقىيىتى بىزگە شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى رايۇنلارنىڭ سۇ قىس ئېغىر بولۇشتەك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشىمىزگە ئۈلگە كۆرسىتىپ بەردى .
ئالدى بىلەن شىنجاڭ خەرىتىسىگە قاراپ باقايلى ، بىز ئىلى ۋىلايىتى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىدە ئىككى دەريانىڭ يەنى ئىلى دەرياسى بىلەن ئېرتىش دەرياسىنىڭ دۆلەت سىرتىغا ( قازىقىستانغا ) ئاقىدىغانلىغىنى بايقايمىز ، بۇ ئىككى دەريانىڭ سۇ مىقتارى پۈتۈن شىنجاڭ سۇ مىقدارىنىڭ 1/3 نى ئىگەللەيدۇ ، پايدىلىنىشى ئاران %20 بولۇپ ، قالغان %80 دۆلەت سىرتىغا ئېقىپ كېتىدۇ . بىز تىزلىكتە سۇ باشلاش پىلانىنى ئويلىشىشىمىز كېرەك ، ( گەرچە بۇنىڭدا خەلقئارا سۇ بايلىغى ئىگىدارلىق ھوقۇقى مەسىلىسىگە دۈچ كەلسەكمۇ ) . شىنجاڭ رايۇنىنىڭ سۈيىنىڭ پارغا ئايلىنىشى يۇقۇرى بولۇشتەك ئەھۋالنى ئويلاشقاندا ، سۇ باشلاشتا ئۈستى ئۇچۇق ئۆستەڭ ئىشلەتمەي چوقۇم تۇرۇبا ئىشلىتىش لازىم ، بۇ تېخنىكا جەھەتتە ھېچقانچە قىيىن ئىش ئەمەس ، لېكىن ئىقتىسات نوقتىسىدىن قارىغاندا ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سالىدىغان مەبلەغ بەك كۆپ ، ئۈنۈمى ئاستا بولىشى مۇمكىن ، بىراق ئەگەر دۆلەتنىڭ ھەر يىلى شىنجاڭغا بېرىدىغان نامراتلىقنى يۆلەش مەبلىغى ۋە ھەمدە سۇ باشلاش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن ، خەنزۇ كۆچمەنلەرنىڭ شىنجاڭدا ئەسكەر تۇرغۇزۇش چىقىمىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىغىنى ئويلاشقاندا ، بۇنداق تۇرۇبا ئەمىلىيەتتە ئىنتايىن مۇۋاپىق .
يۇقۇردا سۇ مەنبەسىنى ئېچىش توغرۇلۇق سۆزلىدۇق ، ئەمدى ئېقىمنى كونتۇرۇل قىلىش توغرۇلۇق سۆزلەيمىز . بىزگە ئايان ، ئېچىشلا بولۇپ قوغداش بولمىسا يەنىلا سۇ يەتمەيدۇ . ھازىر ھەتتا جەنۇپتىكى جۇجىياڭ ھەۋزىسىدىكى بەزى رايۇنلاردا قۇرغاقچىلىق يۈز بەردى ، ئەمىلىيەتتە شىنجاڭ رايۇنىدا سۇنى تىجەش خىزمىتى ياخشى ئىشلەنمىگەن ، ھازىر شىمالى شىنجاڭدىكى بەزى رايۇنلاردا يەر ئاستى سۈيى تۆۋەنلەپ كېتىش مەسىلىسى يۈز بەردى . شىنجاڭدىكى ئۇمۇمى ئىشلىتىدىغان سۇ مىقتارىنىڭ %98.5 دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدۇ ( بۇ نىسبەت شىنجاڭ نېفىت سانائىتىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلىدى ) ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاز بىر قىسىم رايۇنلاردىن باشقا جايلاردا يەنىلا باستۇرۇپ سۇغۇرۇشتەك ئىپتىدائى سۇغۇرۇش سەۋىيىسىدە تۇرماقتا . ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشچە ، شىنجاڭدىكى سۇ بايلىغىنىڭ ئىشلىتىش جەريانىدىكى ئىسراپچىلىق بەك ئېغىركەن ، مەسىلەن ئېرىق – ئۆستەڭلەرنىڭ پايدىلىنىش كوئېففىتىسېنتى ئاران 0.45 (ئېرىق – ئۆستەڭلەرنىڭ پايدىلىنىش كوئېففىتىسېنتى بولسا ئېرىق – ئۆستەڭلەرنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ دېھقانچىلىق ئېرىقلىرىغىچە بولغان ھەر قايسى سۇ يەتكۈزۈش ئېرىق – ئۆستەڭلىرىدىكى سۇنىڭ خورىشى بولۇپ ، پۈتۈن ئېرىق – ئۆستەڭلەردىكى سۇنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدۇ ) بولۇپ ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ساپ سۇغۇرۇش مىقدارى / 800m3 مو ( ئەمىلىيەتتە بۇنىڭدىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن ) ، خوتەندە 1100-1200m3 /مو ، يەكەندە 00m310/ مو ، ئاقسۇدا 1500-1200m3 /مو بولغان ، شىمالى شىنجاڭدا ، 7-8- دېھقانچىلىق دېۋىزىيىسىدە ئاران m3550-500 /مو بولۇپ ، مەھسۇلات مىقتارىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن .
يۇقۇرقى سانلىق –مەلۇماتلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى ، شىنجاڭدىكى سۇنى تىجەش ئىشى قىلىشقا تىگىشلىك ئىش . ئېرىق –ئۆستەڭلەرنىڭ پايدىلىنىش كوئېففىتىسېنتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىگىدىكى سۇنى تىجەشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئۈنۈملۈك يولى ، ھازىرقى 0.45 دىن 0.51 كە كۆتۈرۈش تامامەن مۇمكىن ، مەسىلەن ھازىر تەڭرى تاغنىڭ شىمالى ئىتەكلىرىدە 0.7 دىن ئېشىپ كەتتى . ئۇندىن قالسا سۇغۇرۇش نۇرمىسىنى تۆۋەنلىتىش ، / 800m3 مو دىن00m37 / موغا ، يەنىمۇ غەيرەت قىلىپ 00m3 6/ موغا چۈشۈرۈش تامامەن مۇمكىن ، / 800m3 مو دىن00m37 / موغا چۈشۈرگەندە سۇغۇرۇش كۆلىمىنى 3 مىليون مو ئاۋۇتقىلى بولىدۇ ؛ ئەگەر 00m3 6/ موغا چۈشۈرگەندە سۇغۇرۇش كۆلىمىنى يەنە 3 مىليون مو ئاۋۇتقىلى بولىدۇ ، ئۇندىن باشقا سۇدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ . سۇنى ئىشلەتكەندە كۇپ مېتىر بىرلىك بويىچە ئۆلچەپ ئىشلىتىشنى تەكىتلەش كېرەك . تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا ، ماناس رايۇنىدا بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش سۇ ئېكۋىۋالېنتى 0.7kg/ m3 بولغان ، يۇقۇرى مەھسۇلاتلىق يەرلەردە 1.5 kg/m3 بولغان . پۈتۈنلەي پۈركۈپ سۇغۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن ، 2 kg/ m3 گە يەتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ ، خەلقئارالىق سەۋىيە بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، مەسىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھازىر 2.3—2.6kg/m3 بولماقتا ، شىنجاڭنىڭ سۇنى تىجەش خىزمىتى ئىستىقباللىق چوڭ بوشلۇققا ئىگە .
سۇ ئىنشائاتى قۇرلۇشىدىمۇ ئىشلەيدىغان خىزمەتلەر بار . شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 30 يىلدىن بۇيان 3 مىليارد كۇپ مېتىرلىق تۈلەڭلىك سۇ ئامبىرى ياسىغان بولسىمۇ ، بىراق 10 نەچچە مىليون كۇپ مېتىرلىق تاغلىق سۇ ئامبىرىلا بار ( بۇ ئەلۋەتتە ئىككى تەرەپنىڭ تەلەپ قىلغان مەبلىغى ۋە تېخنىكا سەۋىيىسىنىڭ ئوخشىماسلىغىدىن كېلىپ چىققان ) . تۈزلەڭلىك سۇ ئامبارلىرى ئەمىلىيەتتە تەبىئى كۆللەردىن «سۇ تالىشىپ» ، بىۋاستە تەبىئى كۆللەرنىڭ كۆلىمىنىڭ كىچىكلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇندىن باشقا شىنجاڭدىكى تۈزلەڭلىك سۇ ئامبارلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلىغى 2ـ6 مېتىر بولۇپ ، شىنجاڭنىڭ پارغا ئايلىنىشچانلىغىنى ئويلاشقاندا ، سۇ بايلىغىنىڭ يىللىق خورىشى ئىنتايىن چوڭ . ئەمىلىيەتتە سۇ ئامبارلىرىنىڭ چوڭقۇرلىغىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق بۇ خوراشنى توختاتقىلى بولىدۇ . ئۇندىن باشقا تاغلىق سۇ ئامبارلىرى قۇرۇشنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈش كېرەك ، بۇنداق بولغاندا كەلكۈن مەزگىلىدە كەلكۈن سۇلارنى ساقلاپ ، سۇ بايلىغىنىڭ بىكاردىن –بىكار ئىسراپ بولۇپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ .
سۇ تىجەش تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىشتىن باشقا ، سۇ بايلىغىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم ، يىراقنى كۆرمەسلىك قىلمىشلىرىنى تۈگۈتۈپ ، ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىدىغان سۇ بىلەن ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قۇغداش سۈيىنى بىرلەشتۈرۈپ ئويلاپ ، قالايمىقان خالىغانچە ئېچىشتىن ساقلىنىش كېرەك . تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا 30 يىل سۇ ئۈزۈلۈپ قېلىپ كەڭ كۆلەمدىكى توغراقلىق ئورمانلىغىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى ، سۇ بايلىغىنى سېستىمىلىق باشقۇرۇشنىڭ يوقلىغىدىن ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ناچارلاشقانلىغى بۇنىڭ تىپىك مىسالى . بەخىتكە يارىشا شىنجاڭ ئاپتونوم رايۇنلۇق ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىملىغىنى تۇنۇپ يېتىپ ، شىنجاڭنىڭ تۈنجى سۇ بايلىغىنى قوغداش نىزامى « ئاپتۇنۇم رايۇن يەر ئاستى سۈيى بايلىغىنى باشقۇرۇش نىزامى» 2002-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى . ئۇندىن باشقا ، «سۇ ئېلىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش تەپسىلى قائىدىسى» ، «قۇدۇق قېزىشنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» ، «كۆللەرنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» ۋە «تارىم ۋادىسىدىكى سۇ بايلىغىنى باشقۇرۇش نىزامى» قاتارلىقلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يولغا قويۇلدى .
ئەگەر سۇ مەسىلىسى ھەل قىلىنسا ، شىنجاڭغا چوڭ كۆلەمدە ئاھالە كۆچۈرۈشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ ، مۇھىمى جەنۇبى شىنجاڭ . بىز شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى ، شىنجاڭدىكى نۇپۇسنىڭ تارقىلىشى مىللىلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتى %20 دىن ئاشقان ۋىلايەت ئوبلاست شەھەرلەر 7 بولۇپ ، ھەممىسى جەنۇبى شىنجاڭغا جايلاشقان . شىنجاڭنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى خوتەن ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتى %96.9 گە يەتكەن بولۇپ ، ئاساسەن بىر مىللەتلىك رايۇن . شىنجاڭنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى ئالتاي ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلار ئاران %1.8 نى تەشكىل قىلىدۇ . ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغان يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتى %50 دىن يۇقۇرى بولغان ۋىلايەتتىن پۈتۈن شىنجاڭدا پەقەت 5 لا بار بولۇپ ، پۈتۈن ئۇيغۇرلار نۇپۇسىنىڭ %80 يۇقۇرراقى مۇشۇ يەرلەرگە مەركەزلەشكەن . بۇ 5 ۋىلايەت : خوتەن ۋىلايىتى ، قەشقەر ۋىلايىتى ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ، تۇرپان ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئىبارەت . بۇنىڭ ئىچىدە خوتەن ۋە قەشقەر «شەرقى تۈركىستان» تېرورچىلىرىنىڭ ماكانى . ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ ، چوڭ كۆلەملىك ھالدا خەنزۇلارنى جەنۇبى شىنجاڭدىكى ۋىلايەتلەرگە كۆچمەن بولۇپ بېرىشقا رىغبەتلەندۇرسەك بولىدۇ . ( ئاھالە يوق يەرلەرگە كۆچۈرۈش كېرەك ، بولمىسا خەنزۇلار كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىي ماكانىنى تارتىۋالغاندەك ھىسياتقا كەلتۈرۈپ قويۇدۇ ، ئەمىلىيەتتە بۇ بىڭتۈەننىڭ ئۇسۇلى ) . شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۇنىڭ باشلىنىپ كېلىشى بىلەن ، يەرلىك ئىقتىساتنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشىلايدۇ ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ھەقىقى مەنىدە ياخشىلىنىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن شەرقى تۈركىستان تېرورچىلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش بوشلۇغى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ .

ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى ئۈستىدە تەھلىل
يۇقۇردا سۆزلىگەندەك شىنجاڭ مەسىلىسى ھازىر ئاستا-ئاستا جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۈچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ مەسىلىدىن بىرى بوپ قالدى ، ئافغانىستان ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ، ئامرىكا قوشۇنى ئوتتۇرا ئاسىياغا كىردى ، بۇ مەسىلىنىڭ جىددىلىگىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى ، چۈنكى ئامرىكىنىڭ ھەمىشە مىللى مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان ئۇسۇلىنى ( كوسوۋو ئەندىزىسىگە ئوخشاش ) ئويلاشمىساق بولمايدۇ . شىنجاڭنىڭ يەر مەيدانى كەڭ ، بايلىغى مول ، ئەگەر قولدىن كەتسە ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ . شىنجاڭ ئاپتونوم رايۇننىڭ پارتىكوم شۇجىسى ۋاڭ لېچۇەننى مەركىزى سىياسىي بيۇروغا ئەزا قىلىپ ئەكىرىشى ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا جىددى قارىغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ . شىنجاڭنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇش ، شىنجاڭنى ئېچىش بىزنىڭ نىشانىمىز ، شۇڭا مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ چوقۇم بىر يۈرۈش ئۇزۇن ھەم قىسقا مۇددەتلىك پىلانى بولىشى كېرەك . يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى يوقىتىش كېرەك . نۆۋەتتە ئويلاپ بېقىشقا بولىدىغان بىر نەچچە چارە بار :
1.خەنزۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى قوغداپ ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسىرىنى ئاستا- ئاستا ئاجىزلىتىش . بۇ ئەمىلىيەتتە تەس ئىشمۇ ئەمەس ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىشى ، ئىچكى رايۇنلار بىلەن ئالاقىنىڭ كۆپىيىشى تەبىئى ھالدا خەنزۇ تىلىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى كۈچەيتىدۇ ، چۈنكى خەنزۇلار ئىقتىسادى جەھەتتە يىتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ دە ! ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كىچىگىدىن باشلاپ خەنزۇچە ئۇيغۇرچە قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويۇش ، ھۆكۈمەت مەمۇرلىرى خەنزۇ تىلى ئىشلىتىش ، مەلۇم دەرىجىدە ئۇيغۇر تىلىنى بىلىشنى يولغا قويۇش كېرەك ( ياكى خەنزۇ تىلى ئۈگۈنۈشنى مۇكاپاتلاش شەرتى قىلىش كېرەك ) . ئىچكىرىدىكى كارخانىلار ۋە ھەر خىل فوندلار ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك ، مەسىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ تىلى ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىش دىگەندەك . بۇ بىردەمدىلا قىلىپ بولىدىغان ئىش ئەمەس ، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندىلا ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ .
2.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغىنى قوغداش كېرەك ، بىراق ھەرگىزمۇ خەنزۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش بەدىلىگە ئەمەس . يۇقۇردا سۆزلىگىنىمىزدەك خەنزۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىدىغان سىياسەتتە ھەرگىزمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغىنى قوغدىغىلى بولمايدۇ . بولۇپمۇ ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول باشلىغى ئۇيغۇردىن بولۇش دەيدىغان بەلگىلىمە ، بۇ ھوقۇق ھەممىنىڭ ئاساسى دەيدىغان ئەنئەنىگە ئىگە جۇڭگوغا نىسبەتەن بەك چوڭ نارازىلىق قوزغىدى . قانۇننى ھەقىقى ئىجرا قىلىپ ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ ، شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاش ھەمدە خەنزۇلارنىڭ ئەمىلىيەتتە ئۇچراۋاتقان 2-پۇقرالىق مۇئامىلىنى ئۆزگەرتىپ ، شىنجاڭدىكى خەنزۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىش كېرەك . نۆۋەتتە خەنزۇلارنىڭ ئىچكىرىگە كەڭ كۆلەمدە كىرىپ كەتمەسلىگىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ نۇپۇس تۈزۈمىنىڭ بولغانلىغىدىن ئىبارەت ، بىراق دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ نۇپۇس تۈزۈمىمۇ ئەمەلدىن قالىدۇ ، شۇڭا ھازىر ئورنىنى تۇلۇقلىساقمۇ كېچىككەن بولمايمىز ، ئەگەر راست بىر كۈنلەر كېلىپ ، نۇپۇسنىڭ ئىچكىرىگە كەڭ كۆلەمدە ئېقىپ كىرىپ كېتىشى كېلىپ چىقسا مانا بۇ بىزنىڭ قاباھەتلىك چۈشۈمىز بولىدۇ .
3. شىنجاڭنىڭ ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلىشىغا زور كۈچ بىلەن مەبلەغ سېلىپ ، غەرىپنى چوڭ ئېچىش شامىلىنىڭ باھانىسىدا شىنجاڭ رايۇنىنىڭ سۇ ئىنشائات قاتناش ئىشلىرى قۇرۇلىشىنى زورايتىش كېرەك . خەرىتىگە قارىساق شۇنى بايقايمىز ، شىنجاڭدا ئەمىلىيەتتە شەرىقتىن غەرىپكە سۇزۇلغان بىرلا ئاساسى غول تۆمۈر يول بار ( ياۋرۇ – ئاسىيا قۇرۇقلىغى كۆۋرىگىنىڭ بىر قىسمى ) بولۇپ ، ئۇرۇش مەزگىلىدە ماددى ئەشيالارنىڭ تۇشۇلىشىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر قىلىدۇ . تۆمۈر يول ياساش ۋە سۇ ئىنشائاتلىرى ئاچقۇچ قىلىنسا ، بىر تەرەپتىن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرغىلى ، يەنە بىر تەرەپتىن شىنجاڭغا چوڭ تۈركۈمدە نۇپۇس يۆتكىگىلى بولىدۇ ( ئاساسلىقى جەنۇبى شىنجاڭغا ) . مەسىلەن شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يەر مەيدانى 247مىڭ 800كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ ، تاغلىق يەرلىرى 11مىليون 102مىڭ گېكتار ، ئۇمۇمى يەر مەيدانىنىڭ %44.5 نى ئىگەللەيدۇ ، تۈزلەڭلىك 133مىليون 885مىڭ گېكتار بولۇپ ، ئۇمۇمى يەر مەيدانىنىڭ %55.5 نى ئىگەللەيدۇ . ( 13مىليون 885مىڭ بولسا كېرەك ـ تەرجىماندىن ) تۈزلەڭلىكتە بوستانلىقنىڭ كۆلىمى 9730 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ ، ئاران %3.9 نى ئىگەللەيدۇ . ئەگەر سۇ بولىدىغان بولسا ، پەقەت تۈزلەڭلىككىلا ناھايىتى كۆپ خەنزۇ كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ .
4. تېروررىزىم ھەركەتلىرىگە قەتئى زەربە بېرىش كېرەك . تېرورچىلارغا مۇئامىلە قىلىشتا ، تەكشۈرۈپ بايقالغان ھامان قىلچە ئىككىلەنمەي دەرھال ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش كېرەك ، ھەرگىزمۇ خەلقئارادىكى ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئارلىشىۋېلىشىدىن ئەنسىرمەسلىك كېرەك . ئەمىلىيەت ئىسپاتلىدىكى ، تۇتۇلغاندىن كېيىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن تېرورچىلار كۆپ ھاللاردا تېرورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ تايانچ ئۇنسۇرلىرىغا ئايلاندى . تېرورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ مەبلەغ مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاش ، بولۇپمۇ دۆلەت ئىچىدىكى مەبلەغ مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك .
5. شىنجاڭ رايۇنىدىكى ھەربى كۈچنى كۈچەيتىش كېرەك ، ھەربى كۈچنىڭ ئاساسلىق تەركىۋى قىسمىنىڭ بىرى خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتلىرى . بىڭتۈەننى ئەلۋەتتە دىمىسەكمۇ بولىدۇ ، شەھەرلەردە ، مەسىلەن ئۈرۈمچىدە خەلق ئەسكەرلەر كۈچى قۇرۇش كېرەك . يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئۇسۇلدىن بىرى بىر كوچىنى ئاساس قىلىپ ، كارخانا كۈچىنى بىرلىك قىلىپ ، ئۈنۈملۈك مەشق ۋە قوراللىق مېخانىزم بەرپا قىلىش كېرەك . كۈنلەرنىڭ بىرىدە ۋەقە يۈز بەرسە ، چاقىرغان ھامان كېلىپ ئۇرۇش قىلالايدۇ . ئۇندىن باشقا شىنجاڭدىكى مۇنتىزىم ئارمىيىنى كۈچەيتىپ ، لەنجۇ ھەربى رايۇنىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك ، بۇ مۇنتىزىم ئارمىيە شىنجاڭ مۇستەقىللىقىغا تاقابىل تۇرۇپلا قالماستىن ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئامرىكا قوشۇنلىرى ۋە جەنۇپتىكى ھىندىستانغا تاقابىل تۇرۇدۇ .
6. خەلقئارادا مۇداپىئە قۇرۇش . ئەمىلىيەتتە خەلقئارا كۈچلىرى بولمىسا ، شەرقى تۈركىستان تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى مەڭگۈ نەتىجە چىقىرالمايتتى . بۇ نوقتا شەرقى تۈركىستان تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىغىمۇ ئايدىڭ ، ئۇلارنىڭ تايىنىدىغىنى پانئىسلامىزم كۈچلىرى ۋە پانتۈركىزم كۈچلىرى . يېقىندا روسىيە چېچېن پاتقىقىغا پېتىپ قالدى ، بۇ جۇڭگوغا نىسبەتەن ھەم خوشاللىق ھەم قايغۇلۇق ئىش ، خوشاللىق بولسا روسىيە قانچە چوڭقۇر پاتسا ، ئۇنىڭ جۇڭگوغا قايتا تەھدىت بولۇش ۋاقتى شۇنچە كىچىكىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چېچېن مەسىلىسىنىڭ ھەل بولماي ئۇزۇنغا سوزىلىشى جۇڭگوغا نىسبەتەن شىمالدىكى زىمىنلىرىنى قايتۇرۋېلىشقا ئۈمۈت ئېلىپ كېلىدۇ . قايغۇلۇق ئىش بولسا چېچېن مۇستەقىللىق ھەركىتى ئوتتۇرا ئاسىيادا باشلامچىلىق رول ئوينىشى مۇمكىن ، ئۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ ئۆرپ-ئادەتنى ئاساس قىلىدىغان ھۆكۈمەتلەر پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ يوق بۇنى بىر نىمە دىمەك تەس . خەلىقئارادا جۇڭگو ھۆكۈمىتى گرتسىيە ، سىپرۇس «قارتى» ئوينىسا بولىدۇ ، يەنى تۈركىيىگە نىسبەتەن ساياھەت ئىقتسادى ، كوردلار قاتارلىق «قارت» نى ، ئوتتۇرا شەرىققە نىسبەتەن ، ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا «قارت» ئى ، ئوتتۇرا ئاسىياغا نىسبەتەن ، يېقىندا قۇرۇلغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تۇرىدىغان ئۆتكۈر قورال . ئەلۋەتتە نەزەر دائىرسىنى «شەرقى تۈركىستان» تېرورچىلىرىغىلا قارىتىۋالسا ، بۇ بەك يۈزە بوپ قالىدۇ . ئامرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا قورال كۈچىنىڭ مەۋجۇت بولىشى مانا بۇ ھەقىقى نىشان .
7. خۇيزۇ مىللىتى ، موڭغۇل مىللىتى ۋە قازاق مىللىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى باشقۇرۇش . ئەگەر شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى رايۇنلىرىنىڭ نۇپۇس نىسبىتىنى تەھلىل قىلىپ باقىدىغان بولساق ، دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيان شىنجاڭدىكى مەمۇرى رايۇنلارنىڭ بۆلىنىشى مۇشۇ پرىنسىپنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغانلىغىنى بايقايمىز . مەسىلەن بايۇنغۇلىن ئوبلاستىدا مۇڭغۇللارنىڭ نۇپۇسى ئاران %4.5 نى ئىگەللەيدۇ ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى بولسا %34.3 نى ئىگەللەيدۇ ؛ مۇڭغۇللارنىڭ يەنە بىر ئوبلاستى بۆرتالادا بولسا مۇڭغۇللارنىڭ نۇپۇسى ئاران %6.8 نى ، ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا %13نى ئىگەللەيدۇ . بۇ شەكسىز شۇ ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىشىنىڭ نەتىجىسى . ئىلى رايۇنىدا بولسا قازاقلاردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى تىزگىنلەپ تۇرغىلى بولىدۇ . ئەگەر تەبىئى بايلىقلارنىڭ تارقىلىشىغا قارايدىغان بولساق ، مەسىلەن چوڭ نېفىتلىكلەرنىڭ تارقىلىشىدىن بۇ نوقتىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ . ھى ھى ، ئاتا بوۋىلار ھەقىقەتەن داناكەن !
8. شىنجاڭدىكى خەنزۇ كادىرلارنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ ، ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاش كېرەك ، ئەڭ ياخشىسى «ئەركىنسىزلىك ئىچىدە ئەركىنلىكنى ھىس قىلىش» نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك . بىز بىلىمىز ، ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازى ۋە تەشۋىقات خىزمىتى بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ ، بىراق جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتنى كونتۇرۇل قىلىشى ، مەيلى ۋاستىسى ياكى ئۈنۈمىدىن بولسۇن ئىنتايىن ناچار . بۇ جەھەتتە بىز ئەڭ ياخشىسى ئامرىكىدىن ئۈگۈنىشىمىز كېرەك .
9. بارلىق ئامال –چارىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى شىنجاڭدىن چىقىرىپ ، چوڭ شەھەرلەرگە بېرىشقا ، خەنزۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇپ ، خەنزۇلار ئارىسىدا يوق قىلىۋېتىش كېرەك . بۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچىنى تارقاقلاشتۇرغىلى ھەمدە ئەمىلىيەتتە مىللەتلەر ئالاقىسىغا پايدىلىق .

خاتىمە
ۋاڭ لىشوڭ ئېيىتقاندەك ، شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ھەقىقى قوزغىلاڭ كۆتىرىدىغان ۋاقتى ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە چوڭ قالايمىقانچىلىق چىقىپ ، شىنجاڭغا ۋاختىنچە قارىيالمىغان ۋاقىت . بۇ خىل ئەھۋال بەلكىم جۇڭگو دېموكراتىك شەكىلگە ئالماشقان ۋاقىتتا ، مەركەزنىڭ سىياسى ھوقوقنى كونتۇرول قىلىشى ئاجىزلاشقاندا ، پۈتكۈل جۇڭگو جەمىيىتى داۋالغۇش ۋە تالاش –تارتىشقا پېتىپ قالغان ۋاقىتتا يۈز بېرىشى مۇمكىن . شۇ ۋاقىتتا ، ئامرىكا باشچىلىغىدىكى غەرىپ دۆلەتلىرى چوقۇم ھەر خىل ۋاستىلەرنى قوللۇنۇپ ، شۇ ۋاقىتتا ئاجىز ئورۇندا تۇرغان جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى يول قويۇشقا قىستاش بىلەن تەڭ ، شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنى يۈلەپ ، ئۇلارنىڭ كۈچىنى تەرتىپكە سېلىپ ، ئاندىن كېيىن «مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» ، «ئومۇمىي خەلق قارار قىلىش» ، «كىشىلىك ھوقوق ئىگىلىك ھوقوقتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» دىگەن كۆز قاراشلاردىن پايدىلىنىپ ، شىنجاڭ ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئارلىشىدۇ ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنىچلىق ساقلاش قىسمى كىرىپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىنكى ۋاقىت دەل شىنجاڭنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىپ كەتكەن ۋاقتى بولىدۇ . 1930-يىللىرى شىنجاڭدا نەچچە ئونمىڭ سوۋېتچە قوراللانغان مۇنتىزىم ئارمىيە پەيدا بولغان ، شۇ ۋاقىتتىمۇ نەچچە ئونمىڭ ئامرىكىچە قوراللانغان مۇنتىزىم ئارمىيىنى پەيدا بولمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ . شۇڭا ھەممە گەپنى يېغىپ كەلگەندە : پەقەت بىزنىڭ ئىچكى قىسمىمىزدا قالايمىقانچىلىق چىقمىسىلا ، ھېچ بولمىغاندىمۇ شىنجاڭ بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتەلمەيدۇ .

يازغۇچى : xgwan (DFT+DMFT)
ئېلان قىلغان بېكىتى: نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شياۋ بەيخې بېكىتى
ئېلان قىلغان ۋاقتى: 2007-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى جۈمە
发信人: xgwan (DFT+DMFT), 信区: History
标 题: 浅议新疆的分裂主义问题的历史和今天政府的对策zt
发信站: 南京大学小百合站 (Fri Aug 24 14:08:43 2007)
※ 来源:.南京大学小百合站 http://bbs.nju.edu.cn [FROM: 71.155.146.197]