2008年5月1日


ئەھمەدى نىجادنىڭ كولۇمبىيە ئۇنىۋېرستىتىدا سۆزلىگەن نۇتقى

كولۇمبىيە ئۇنىۋېرستىتى مۇدىرى ئەھمەدىنىجادنى سۆزگە تەكلىپ قىلغاندا "ئىچى تار، رەھىمسىز دىكتاتۇر" دەپ ئاتاپ سۆزگە تەكلىپ قىلىدۇ. ئەھمەدىنىجاد سۆزىنى ئەرەبچە قۇرئان تىلاۋىتى ھەم تۆۋەندىكى دۇئا بىلەن باشلايدۇ:
ئى ئاللاھ، ئىمام مەھدىنى تېزرەك كەلتۈرۈپ بەرگىن، ھەم ئۇنىڭغا سالامەتلىك ھەم غەلىبە ئاتا قىلغىن، ھەم بىزنى ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ھەم گۇۋاھچىلىرىدىن قىلغىن.
ھۆرمەتلىك مۇدىر، قەدىرلىك پروفېسسورلار ھەم ئوقۇغۇچىلار، خانىملار ۋە ئەپەندىلەر. سۆزۈمنىڭ بېشىدا مەن ھەرقايسىڭىزلارغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئۇلۇغ خۇدانىڭ ماڭا ئىلىم ئىزدىگۈچىلەر ۋە پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلار بىلەن ھەمسورۇن بولۇش پۈرسىتى بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتىمەن.
ئالدى بىلەن ماڭا قارشى سىياسىي بايانات ئوقۇغان كىشىدىن ئازراق ئاغرىنغۇم كېلىۋاتىدۇ. ئىراندا بىراۋنى سۆزگە تەكلىپ قىلساق، بىزنىڭ ئەنئەنىمىز نوتۇق ئاڭلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ھەم پروفېسسورلارنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئەركىنلىكىنى ھۆرمەتلەشنى تەلەپ قىلىدۇكى ھەرگىزمۇ نوتۇقتىن ئاۋۋال بىر قاتار باياناتلار بىلەن ئاڭلىغۇچىلارغا ۋاكسىنا ئەملىمەيدۇ. (چاۋاك)
مېنىڭچە بۇ قەدىرلىك ئەپەندىنىڭ بۇ يەردە قىلغان گەپلىرى ماڭا ئەمەس، بۇ يەردىكى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ بىلىم ھەم مەلۇماتىغا قىلىنغان ھاقارەت. ئۇنىۋېرستىت مۇھىتىدا بىز جەزمەن كىشىلەرنىڭ ئۆز ئويىنى سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىشىمىز كېرەك، ھەممە پىكىر بايان نەتىجىسىدە ھەقىقەت ئاخىرى ئايدىڭلىشىدۇ.
تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇنىڭ نۇتۇقىنىڭ نۇرغۇن قىسىملىرىدا كۆپلىگەن ھاقارەت ۋە خاتا باياناتلار بار. ئەلۋەتتە، مەن ئۇنى سىلەرنىڭ بۇيەردىكى نەشرىيات، تاراتما ۋاسىتىلىرىنىڭ، سىياسى ئاساسىي ئېقىمنىڭ تەسىرىدىن دەپ بىلىمەن، بۇ دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ تەلىپىگە خىلاپ.
ئەپسۇس، مەن دوستانە بولمىغان مۇئامىلىنىڭ تەسىرىدە سۆز باشلىماسلىقىم كېرەك ئىدى. مەن چوقۇم سىلەرگە ئېيتىشىم كېرەكلىرىنى ئېيتىمەن، ھەم ئۇ سورىغان سۇئاللارغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىمدىن خۇشالمەن. لېكىن ئۇ كۆتۈرۈپ چىققان بىر مەسىلىدە، ھەممىمىزنىڭ ئىشلارنىڭ تېگى- تەكتىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز ئۈچۈن ئۇزۇنراق توختىلىپ قالىدىغاندەك تۇرىمەن.
بۇ قىممەتلىك مۇنبەردە ئىلىم، ئۇچۇر، مائارىپنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە سىلەر بىلەن سۆزلىشىش مېنىڭ قارارىم. (پەننىي) ئالىملار ۋە (دىنىي) ئۆلىمالار ئارىمىزدىكى قاراڭغۇلۇق ھەم جاھالەتنى يورۇتىدىغان، ئىنسانىيەتنى نادانلىق، ئازغۇنلۇقتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يانغان مەشئەللەرگە ئوخشايدۇ. ئەتراپىمىزدىكى رېئاللىقنى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچى ئېچىلمىغان ساھەلەر ۋە نامەلۇم ئىلىملەر ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ قولىدا. رېئاللىقنىڭ دەرىزىسىنى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ئالىملار، ئىلىم ئىگىلىرى ئاچالايدۇ. ھەربىر تىرىشچانلىق بىلەن بىر دەرىزە ئېچىلىدۇ ھەم بىر ھەقىقەت ئاشكارا بولىدۇ.
قايسى دەۋردە ئىلىم يۇقىرى ئورۇنغا قويۇلسا ۋە ئالىم- تەتقىقاتچىلار تېگىشلىك ھۆرمىتىنى تاپسا، شۇ دەۋردە ئىنسانىيەت ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتە زور يۈكسىلىشلەرگە ئېرىشىپ كەلدى. ئەكسىچە، قايسى دەۋردە ئىلىم ئەھلى ۋە ئىلىمگە سەل قارالسا، ئىنسانىيەت قاراڭغۇلۇق ۋە نادانلىق، بىپەرۋالىقىدا قېلىۋەردى. ئەگەر ئىنساندا ھەقىقەتنى بايقاشقا بولغان توختىماس تەبىئىي قىزغىنلىق بولمىغىنىدا ئىدى، ئىنسانىيەت نادانلىقتا قېلىۋەرگەن، بىزگە بېرىلگەن ھاياتنى ياخشىلاشنىڭ يوللىرى بايقالمىغان بولاتتى. ھەقىقەتتە ئىنسان تەبىئىتى ياراتقۇچى پەرۋەردىگارنىڭ ھەممىمىزگە بەرگەن سوغىسى. پەرۋەردىگار ئىنسانىيەتنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلدى ھەم ئۇنىڭغا ئەقىل ھەم بىلىمدىن ئىبارەت بۇ سوۋغىنى مەرھەمەت قىلىپ، ئۇنى ياراتقۇچىسىنى تونۇشقا قادىر قىلدى. ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىدە، پەرۋەردىگار بىلەن ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ئارىسىدا مۇنداق بىر سۆھبەت بولۇپ ئۆتتى. پەرىشتىلەر ئىنسانلارنى قارانىيەت، رەھىمسىز بەندىلەر دەپ، ئۇلارنىڭ يارىتىلىشىغا قارشى تۇردى، لېكىن پەرۋەردىگار "مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمىگەننى بىلىمەن"، دېدى ھەم ئادەمگە ھەقىقەتنى ئېيتىپ بەردى، ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئادەم ئۇنى پەرىشتىلەرگە ئاشكارا قىلدى. پەرىشتىلەر ئادەم تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان بۇ ھەقىقەتنى چۈشىنەلمىدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا: "مەن سىلەرگە، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيىبلەرنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىمەن، دېمىگەنمىدىم" دېدى. شۇنداق قىلىپ پەرىشتىلەر ئادەمگە سەجدە قىلدى. مۇقەددەس پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خەۋەرلىرىدە، تۇنجى نەسىھەت ئاللاھنىڭ سۆزلىرى بولۇپ "تەقۋادارلىق"، "ئىمان"، "ئەقىل" دېگەن سۆزلەر بارلىق ئىنسانلارغا تارالدى. مۇقەددەس پەيغەمبەر مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ يېتەكلىدى، ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇنىڭغا ھېكمەت بېرىلدى، مۇقەددەس كىتاب، كونا ئەھدە ۋە يېڭى ئەھدە بېرىلدى. ئۇ ئىسرائىل ئەۋلادىغا چۈشۈرۈلگەن پەيغەمبەر ئىدى..." . ئىسلامنىڭ مۇقەددەس پەيغەمبىرىگە نازىل بولغان تۇنجى سۆز، پەيغەمبەرنى ئوقۇشقا چاقىرغان "ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن، ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى، ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى" ("ئەلەق" سۈرىسى) ئايەتلەر ئىدى. سىلەر ئىسلامنىڭ مۇقەددەس پەيغەمبىرىگە نازىل بولغان تۇنجى ئايەتتە ئوقۇش، ئۆگىتىش ۋە قەلەم سۆزلىرىنىڭ تىلغا ئېلىنغىنىنى كۆرۈۋاتىسلەر. بۇ ئايەتلەر ھەقىقەتتە پەرۋەردىگارنى ئىنسانىيەتنىڭ ئۇستازى سۈپىتىدە تونۇشتۇرىۋاتىدۇ. بۇ ئۇستاز ئىنسانىيەتكە بىلمىگەننى بىلدۈرىدۇ. ئىسلامنىڭ مۇقەددەس پەيغەمبىرىگە نازىل قىلىنغان باشقا بىر قىسىم ئايەتلەردە پەرۋەردىگارنىڭ كىشىلەر ئارىسىدىن بەزىبىرلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى باشقىلارغا مۇقەددەس ئايەتلەرنى ئوقۇپ بېرىشكە، ھەم ئۇلارنى روھىي ۋە ئەخلاقىي ناپاكلىقتىن پاكلاشقا، ئۇلارغا مۇقەددەس كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىشكە بۇيرىغانلىقى ئېيتىلغان. قەدىرلىك دوستلىرىم، مۇقەددەس پەيغەمبەرلەرنىڭ بارلىق سۆزلىرى ۋە خەۋەرلىرى، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبتىن سۇلايمان، مۇسا، ئىسا ھەم مۇھەممەدكىچە ئىنسانىيەتنى نادانلىق، بىپەرۋالىق، خۇراپىلىقلاردىن ۋە ئەخلاقسىزلىق، بۇزۇقچىلىقتىن ئىلىمگە بولغان ھۆرمەتكە، ئىلىم يولىغا، نۇرلۇق ۋە توغرا ئەخلاققا يېتەكلىدى.
بىزنىڭ مەدەنىيتىمىزدە "ئىلىم" سۆزى "يورۇتقۇچى" دەپ ئىزاھلىنىدۇ. ئەمىلىيەتتە، "ئىلىم" دېمەك "يورۇقلۇق" دېمەكتۇر، ھەم ھەقىقىي ئىلىم ئىنسانىيەتنى نادانلىقتىن قۇتقۇزىدىغان ئىلىمدۇر. ئىلىمنىڭ كەڭ ئېتىراپقا ئېرىشكەن تەبىرىدىن بىرى، ئۇ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن تاللانغانلارنىڭ قەلبىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان نۇر دېمەكتۇر، بۇ تەبىرگە كۆرە، ئىلىم بىر مۇقەددەس سوۋغا، قەلب ئۇنىڭ ئورۇنلاشقان جايىدۇر. ئەگەر بىز "ئىلىم" دېمەك "يورۇتقۇچى" دېمەكتۇر، دېگەننى قوبۇل قىلساق، ئۇنىڭ دائىرىسى تەجرىبە پەنلىرىنى ھەم ھەممە يوشۇرۇن ۋە مەخپى ھەقىقەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىلىمگە بولغان ئاساسىي زىيانكەشلىكلەرنىڭ بىرى ئۇنى تەجرىبە ۋە ماددىي پەنلەر ساھەسىدىلا چەكلەپ قويۇش. بۇ زىيانكەشلىك ئۇ بۇ دائىرىنىڭ سىرتىغا قانچە كېڭەيسىمۇ ئوخشاشلا يۈز بېرىۋېرىدۇ. دۇنيا ھەقىقەتلىرى ماددىي ھەقىقەتلەر بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ ھەم ماددا دېمەك تەبىئەتتىن ھالقىغان ھەقىقەتنىڭ سايىسىدىنلا ئىبارەتتۇر، ماددىي يارىتىلمىلار دۇنيا يارىتىلما ھېكايىسىنىڭ بىر قىسمىدىنلا ئىبارەتتۇر. ئىنسان ماددا ۋە روھ بىرىكمىسىدىن تۈزۈلگەن يارىتىلمىلارنىڭ پەقەت بىر مىسالىدۇر. يەنە بىر مۇھىم نوقتا ئىلىم بىلەن ئىنساننىڭ روھ پاكلىقى، ھاياتى، ئەمىلى ۋە ئەخلاقى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتتۇر. مۇقەددەس پەيغەمبەرنىڭ تەلىملىرىدە بىر ھەقىقەت ھامان ئىلىمگە سىڭدۇرىۋېتىلگەن بولىدۇ. روھ پاكلىقى ۋە ياخشى ئەمەل، ئىلىم ۋە ئەقىللەردىكى ھەقىقەت شۇكى ئىلىم نۇر دېمەكتۇر، ئۇ ھەقىقەتنى بايقاشتۇر، پەقەت خاتا ئىدىئولوگىيىلەردىن، خۇراپىيلىقلاردىن، شەخسىيەتچىلىكتىن، ماددىي توزاقلاردىن خالىي پاك ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلارلا بۇ ھەقىقەتنى تاپالايدۇ.
قەدىرلىك دوستلار ۋە ئالىملار، مۆھتەرەم سورۇن ئەھلى، ئىلىم ۋە ئەقىل يەنە خاتا يولغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، خاتا يولغا ئىشلىتىش شەخسىيەتچىلىك، چىرىكلىك، ماددىي ھەۋەس ۋە ماددىي قىزىقىش، شۇنداقلا شەخسنىڭ ۋە بىر توپنىڭ قىزىقىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ماددىي ھەۋەس ئىنسانىيەتنى دۇنيا ھەقىقىتىگە قارشى قىلىپ قويىدۇ. چىرىكلەشكەن مۇستەقىل ئىنسان ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدۇ، قوبۇل قىلغان ھالەتتىمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنمايدۇ. نۇرغۇن ئالىملار باركى، ئۇلار ھەقىقەتنى چۈشىنىدۇ، لېكىن قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشىغا يول قويمايدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئۇرۇشلارنىڭ سەۋەبچىلىرى ئىنساننىڭ ھاياتلىق، مال- مۈلۈك، ئىززەت- غورۇر، تېرىتورىيە ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنىڭ ھۆرمەتلىنىشى كېرەكلىنى بىلمەسمىدى ياكى چۈشەنسىمۇ ئىشىنىشمەسمىدى، ياكى قەلبىدىن ئورۇن بەرمەسمىدى؟
قەدىرلىك دوستلار، ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك ۋە شەخسىيەتچىلىك ئورناشقان قەلبكە ھەقىقەت، ئىلىم نۇرى ۋە ئىلىم سىغمايدۇ. ئىلىم نۇردۇر، ئالىملار جەزمەن پاك ھەم تەقۋادار بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئىنسانىيەت ماددىيەت ۋە روھىيەت پەنلىرىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتسىيۇ ئالىم- ئۆلىمالىرى پاك بولمىسا، بۇنداق ئىلىم ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ ھەم مۇنداق بىر قاتار ئىشلار يۈز بېرىدۇ. بىرىنچىدىن، خاتا يولدىكىلەر ھەقىقەتنىڭ پەقەت ئۆز مەنپەئەتلىرىگە پايدىلىق تەرىپىنىلا ئاشكارىلايدۇ، قالغىنىنى يوشۇرىدۇ، خۇددى بىز بۇرۇن ھۆرمەتلىگەن مۇقەددەس دىننىڭ ئۆلىمالىرىغا ئوخشاش. ئەپسوس، بۈگۈن بىز بەزى تەتقىقاتچىلار ۋە ئالىملارنىڭ تېخىچە ھەقىقەتنى خەلقتىن يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئىككىنچىدىن، ئالىملار ۋە ئۆلىمالار شەخس ياكى بىر توپنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن يامان ئىشلارغا سېلىنىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا ھاكىمىيەتچى كۈچلەر نۇرغۇنلىغان ئالىم- ئۆلىمالارنى ئوخشىمىغان ساھەلەردە بايلىق غەرىزىدە يامان ئىشلارغا سېلىۋاتىدۇ. بارلىق پۇرسەتلەرنى ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ. مىسالغا ئالساق، ئۇلار خەلقنى ئىلمىي ئۇسۇل (مېتود) ۋە قوراللار ۋاسىتىسىدە ئالداپ، ئۆز يامانلىقلىرىنى ئاقلاش مەقسىدىدە يوق دۈشمەننى پەيدا قىلىپ، ئاتالمىش بىخەتەر بولمىغان ئاتموسفىرا پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار خەتەر، تېرورىزم بىلەن كۈرەش قىلىش نامىدا ھەممىنى كونترول قىلىشقا ئورۇنىۋاتىدۇ، ھەتتا ئۆز خەلقىنىڭ شەخسىي ۋە جەمئىيەت ئەركىنلىكىنىمۇ ئەشۇ باھانە بىلەن بوغۇۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆز خەلقىنىڭ شەخسىيىتىگە ھۆرمەت قىلمايدۇ. تېلېفونلارغا ئوغرى قۇلاقلارنى سېلىپ خەلقىنى كونترول قىلماقچى بولۇشىدۇ. دۇنيانىڭ جاي- جايلىرىدا قىلىۋاتقان يامانلىقلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش غەرىزىدە خەتەرلىك پىسخولوگىيىلىك ئاتموسفىرا پەيدا قىلىشىدۇ.
يەنە بىر مىسال، ئىنچىكە ئىلمىي ئۇسۇللار ۋە پىلانلاشلار ئارقىلىق ئۇلار مىللەتلەرنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۆزئارا تەسىر، ئىجادچانلىق ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسى بولمىش يەرلىك مەدەنىيتىگە ھۇجۇم قوزغايدۇ. ئۇلار خەلقنى كىملىكىدىن، ھەم ئۆز تارىخى ۋە قىممەتلىرىدىن مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن بۇ مەدەنىيەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. خەلقنىڭ ئېڭىغا ھەيۋىلىرىدىن قورقۇش، ساختىلىق- دورامچىلىقلارغا بولغان ھەۋەس، ئادالەتسىز كۈچلەرگە بولغان قۇلچىلىق ۋە يارىماسلىقنى سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆز روھىي ۋە ماددىي بايلىقلىرىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
غايەت زور بۇزغۇنچىلىق كۈچىگە ئىگە يادرو، خىمىيىۋى، بىئولوگىيىلىك بومبا ۋە قوراللارنى ياساش ھەم چوڭ ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئىلىم ۋە تەتقىقاتنى يامان يولغا ئىشلىتىشنىڭ يەنە بىر نەتىجىسى. بىر بۆلۈك ئالىم- تەتقىقاتچىلارنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقى بولمىسا، ھەرخىل يادرو، خىمىيىۋى، بىئولوگىيىلىك قوراللار ئىشلىنىپ چىقمىغان بولاتتى. ئەشۇ قوراللار يەرشارى بىخەتەرلىكىنى قوغدارمۇ؟ مەڭگۈلۈك يادرو كۈنلۈك تەھدىتى قانداقمۇ ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولسۇن؟ ئەگەر يادرو ئۇرۇشى يادرو ھاكىمىيەتلىرى ئارىسىدا يۈز بېرىپ قالسا، ئىنسانىيەت قانداق بالايىئاپەتكە دۇچار بولار؟ بۈگۈنكى كۈندە بىز ناگاساكى ۋە خروسىما ئاھالىسىنىڭ يېڭى ئەۋلادلىرىدىمۇ يادرو تەسىرىنى كۆرەلەيمىز، بەلكىم ئۇ كېيىنكى ئەۋلادتىمۇ كۆرۈلىشى مۇمكىن. ئىراق ئۇرۇشىنىڭ بېشىدا ئىشلىتىلگەن ئۇراننىڭ قالدۇق تەسىرىنىمۇ ھېلىھەم تەكشۈرۈپ بايقاش مۇمكىن. مۇشۇ بالايىئاپەتلەرنىڭ ھەممىسى زالىملارنىڭ ئالىم- تەتقىقاتچىلارنى يامان يولغا ئىشلەتكىنىدىن كېلىپ چىقتى.
يەنە بىر ئېچىنىشلىق نوقتا، بەزى چوڭ ھاكىمىيەتلەر ئىلىم ئۈستىدىن مونوپولىيە يۈرگۈزۈپ، باشقا ئەللەرنىڭ ئىلىم- پەندە تەرەققىي قىلىشىنى چەكلىدى. بۇمۇ دەۋرىمىزدىكى كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر ئىش. بەزىلەر باشقا جەمئىيەت ۋە ئەللەرنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. ئۇلار مىڭلىغان سەۋەبلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئەرز قىلىپ، ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈپ باشقا ئەللەرنىڭ ئىلگىرىلىشىنى ۋە تەرەققىياتىنى چەكلەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئىنسانىي قىممەت، ئەخلاقىي قىممەت ۋە مۇقەددەس پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىملىرىدىن يىراقلاپ كەتكىنىدىن بولغان. ئەپسۇس، ئۇلار ئادەم ئەھلىگە خىزمەت قىلىشقا ئۆگىتىلمىگەن.
قەدىرلىك تەتقىقاتچىلار، قەدىرلىك ئىلىم ئەھلى ۋە ئوقۇغۇچىلار، مەن ئاللاھنىڭ ئادەمگە ئاتا قىلغان ئەڭ چوڭ سوۋغىسىنىڭ ئىلىم ئىكەنلكىگە ئىشىنىمەن. ئىنساننىڭ ئىلىم ۋاسىتىسىدا بىلىم ۋە ھەقىقەت ئىزدىشى ئۇنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىشىنىڭ كاپالىتى، لېكىن، ئىلىم چوقۇم پاك روھى بىلەن بىرلەشكەندىلا ئاندىن بۇ ئالىملار ئىنسانىيەت مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن ھەقىقەتنى تېپىپ چىقالايدۇ. بۇ ئالىملار ئىنسانىيەتنى يېتەكلەپلا قالماستىن، ئۇلارنى كەلگۈسىگە، تېگىمۇ ياخشىراق كەلگۈسىگە باشلىيالايدۇ ھەم مۇنداق بولۇشى ئۈچۈن چوڭ ھاكىمىيەتلەر ئىنسانىيەتنى مونوپولىستىك پائالىيەتلەرگە باغلاپ قويماسلىقى، باشقا ئەللەرنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى تەرەققىياتىنى چەكلىمەسلىكى كېرەك. ئىلىم ئاللاھنىڭ ھەر بىرىمىزگە بەرگەن مۇقەددەس سوۋغىسى، شۇڭا ئۇ پاك پېتى تۇرۇشى كېرەك. ئاللاھ ھەممىنى بىلىدۇ. جىمى تەتقىقاتچى، ئالىملارنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا مەن بىر كۈنلەر كېلىپ مۇشۇ ئالىملار ۋە ئۆلىمالارنىڭ دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇشىنى ھەم ئاللاھنىڭ مۇسا، ئىسا ۋە مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) بىلەن كېلىپ، دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى ھەم بىزنى ھەققە يېتەكلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
سىلەرگە تەشەككۈر، لېكىن، مېنى تونۇشتۇرغاندىكى ئىككى نوقتىنى مەنبە قىلىپ، ئەمدى ھەرقانداق سۇئاللىرىڭلارغا يۈزلىنىمەن. ئالدىنقى يىلى، ئىككى يىل بۇرۇن دېيىشىم كېرەك، مەن ئىككى سۇئال سورىغان. سىلەرگە ئايان مېنىڭ ئاساسلىق خىزمىتىم ئۇنىۋېرستىت ئوقۇتقۇچىلىقى. ھازىر ئىراننىڭ ئەلباشى بولساممۇ يەنىلا ھەپتىلىك تۈزۈمدىكى ئاسپرانت، دوكتۇرلار كۇرسىدىكى تەربىيىلەش ئىشىمنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمەن. ئوقۇغۇچىلىرىم مەن بىلەن ئىلمىي ساھەلەردە خىزمەت قىلىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ بىر ئىلىم ئەھلى ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىمەن، شۇڭا سىلەر بىلەن ئىلمىي نوقتىدىن سۆزلىشىمەن. مەن ئىككى سۇئال سورىغانىدىم. بىراق، جاۋابنىڭ ئورنىغا بىر تالاي تىل- ھاقارەتلەرگە دۇچ كەلدىم، تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇلار ئۆزلىرىنى نوتۇق ئەركىنلىكى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئىشىنىمىز، دەپ جاكارلاشقانلار ئىدى. سىلەرگە ئايانكى پەلەستىن 60 يىللىق بىر كونا جاراھەت. 60 يىلدىن بېرى بۇ خەلق ماكانسىز قالدۇرۇلدى؛ 60 يىلدىن بېرى، بۇ خەلق ئۆلتۈرۈلدى؛ 60 يىلدىن بېرى بۇ يەردە كۈندە توقۇنۇش ھەم تېرورلۇق يۈ ز بېرىپ تۇردى؛ 60 يىلدىن بېرى، بىگۇناھ ئاياللار ۋە بالىلار باش ئۈستىدىكى ئۆگزىنى ئايرۇپىلان ۋە تىكئۇچارلارنىڭ گۆمۈرۈشى بىلەن قىرىلدى، ئۆلتۈرۈلدى؛ 60 يىلدىن بېرى، يەسلىلەردىكى، مەكتەپلەردىكى بالىلار تۈرمىلەردە ئازابلاندى؛ 60 يىلدىن بېرى، ئوتتۇرا شەرق خەتەر ئىچىدە تۇردى؛ 60 يىلدىن بېرى، نىلدىن ئىفراتقىچە كېڭەيمىچىلىك شۇئارلىرى دۇنيانىڭ مۇشۇ بۆلىكىدىكى بىر قىسىم گورۇھلار تەرىپىدىن توۋلىنىپ كەلدى.
ئىلىم ئەھلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئىككى سۇئال سورايمەن، ئوخشاش ئىككى سۇئالنى بۇ يەردە قايتا سورىماقچىمەن، بۇ سۇئاللارغا تىل- ھاقارەت، قارشى تەشۋىقاتلار بىلەن جاۋاب بېرىش كېرەكمۇ ياكى بۇ ئىككى سۇئالغا ھەقىقىي يۈزلىنىپ جاۋاب بېرىشىمىز كېرەكمۇ، ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى ئۆزەڭلەردە. سىلەرگە ئوخشاش، ھەربىر ئىلىم ئىگىسىگە ئوخشاش، مەن ھەم سۇئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشمىگۈچە توختىمايمەن، شۇڭا مەن تىل- ھاقارەتلەر ئورنىغا لوگىكىلىق جاۋابلارنى كۈتىمەن.
مېنىڭ بىرىنچى سۇئالىم بولسا، ئەگەر چوڭ قىرغىنچىلىق زامانىمىزدىكى رېئاللىق، يۈز بەرگەن تارىخ بولسا، نېمە ئۈچۈن ئوخشىمىغان نوقتىدىن بۇ تېمىنى چۆرىدىگەن يېتەرلىك تەتقىقاتلار يوق؟ دوستلىرىمىز 1930- يىلنى تەتقىقاتنىڭ باشلىنىش نوقتىسى قىلىدۇ، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، چوڭ قىرغىنچىلىق، بىزنىڭ ئوقۇغانلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، 2- جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە 1930- يىلدىن كېيىن، 1940- يىللاردا يۈز بەرگەن. شۇڭا، بىز چوقۇم بۇ ۋەقەنىڭ ئۆتمۈشىنى ئېنىقلىشىمىز كېرەك. مېنىڭ سۇئالىم ئاددىي. بۇ تېمىغا بولغان چىقىش نوقتىسى باشقىچە تەتقىقاتچىلارمۇ بار، نېمە ئۈچۈن ئۇلار تۈرمىلەرگە قامىلىدۇ؟ ھازىر بىر قىسىم ياۋروپالىق تەتقىقاتچىلار چوڭ قىرغىنچىلىقنى يېزىشقا تۇتۇنغىنى ئۈچۈن تۈرمىلەرگە تاشلاندى، شۇڭا باشقىچە قاراشتىكى تەتقىقاتچىلار بۇ يەردىكى بەزى ھالقىلارغا سۇئال ياغدۇرۇشىدۇ، مېنىڭ سۇئالىم، نېمە ئۈچۈن تۈرلۈك شەكىلدىكى تەتقىقاتلارغا يول قويۇلمايدۇ؟ ماڭا بۇ تېما بارىسىدا تەتقىقاتلار يېتەرلىك بولدى، دېيىشتى. مەن سوراپ باقاي، ئەركىنلىك تېمىسى، دېمۇكراتىيە تېمىسى، خۇدا، دىن، فىزىكا، خىمىيە دېگەن ئۇقۇم، ئۆلچەملەر بارىسىدىمۇ بىر تالاي تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى، لېكىن بۇ تېمىلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتىمىز، ھەم ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىۋاتىمىز. لېكىن، نېمە ئۈچۈن زامانىمىزدا رايۇنىمىزدىكى بىر تالاي ئېغىر بالايىئاپەتلەرنىڭ يىلتىزى، سەۋەبچىسى بولغان بىر تارىخى ۋەقە ئۈستىدىكى تەتقىقاتقا ئىلھام بەرمەيمىز؟ نېمە ئۈچۈن تۈپ سەۋەب ئۈستىدە كۆپلىگەن تەتقىقاتلار يوق؟ بۇ مېنىڭ بىرىنچى سۇئالىم.
ئىككىنچى سۇئالىم بولسا، بۇ تارىخى ۋەقە، ئەگەر ھەقىقەت بولسا، پەلەستىن خەلقى ئۇنىڭ بەدىلىنى تۆلىشى كېرەكمۇ- يوق، دېگەن سۇئالنى سوراشقا تېگىشلىكمىز. نېمىلا بولمىسۇن، ئۇ ياۋروپادا يۈز بەردى. پەلەستىن خەلقى ئۇ ۋەقەدە ھېچقانداق رول ئوينىمىدى. شۇڭا، نېمىشقا پەلەستىن خەلقى ئۆزلىرى ھېچنىمە قىلمىغان بىر ۋەقەنىڭ بەدىلىنى تۆلىشى كېرەككەن؟
پەلەستىن خەلقى ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىدى. ئۇلار 2- جاھان ئۇرۇشىدا ھېچقانداق رول ئوينىمىدى. ئۇلار يەھۇدىي جەمئىيەتلىرى ۋە خرىستىيان جەمئىيەتلىرى بىلەن شۇ دەۋردە تىنچ ياشىدى. ئۇلاردا ھېچقانداق مەسىلە يوق ئىدى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەھۇدى، خرىستىيان ۋە مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا دوستانە ياشاۋاتىدۇ. ئۇلار ئارىسىدا ھېچقانداق ئېغىر مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس. بىراق، نېمە ئۈچۈن پەلەستىنلىكلەر، بىگۇناھ پەلەستىنلىكلەر بەدەل تۆلەيدۇ؟ 5 مىلىيۇن خەلقنىڭ ئۇرۇش ۋەجىدىن ئۆي- ماكانسىز، مۇساپىر بولۇپ ياشىشى جىنايەتمۇ؟ بۇ جىنايەت توغرىلىق سوراشنىڭ ئۆزىمۇ جىنايەتمۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىر ئىلىم ئىگىسى، مەن ئۆزۈم، مۇشۇنداق سۇئاللارنى سورىغىنىم ئۈچۈن ھاقارەتلەرگە ئۇچرايمەن؟ سىلەرنىڭ ئەركىنلىك دەۋالغىنىڭلار، ئەركىن تەپەككۈرنى قوغدىغىنىڭلار مۇشۇمۇ؟
ئىككىنچى تېما بولغان ئىران يادرو مەسىلىسىدە، بۇ يەردە ۋاقىتنىڭ چەكلىكلىكى ماڭا ئايان، دېمەكچى بولغىنىم، بۇ تېما كۆپ ۋاقىت ئالىدۇ. بىز بىر دۆلەت، بىز خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيە ئورگىنىنىڭ ئەزاسى. ئۆتكەن 33 يىلدا بىز بۇ ئورگاننىڭ ئەزا دۆلىتى بولۇپ كەلدۇق. بۇ ئورگاننىڭ تۈزۈمىدە بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يادرو يېقىلغۇ تېخنولوگىيسىنى تىنچلىقتا ئىشلىتىش ھوقۇقى بار، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. بۇ تۈزۈمدە باشقا باھانە- سەۋەبلەر كۆرسىتىلمىگەن. ئەلۋەتتە، خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيە ئورگىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا مەسئۇل. بىز خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيە ئورگىنى بىلەن ئەڭ كۆپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ماسلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بۇ ئورگاننىڭ دوكلاتىدا تەكرار- تەكرار ئىراننىڭ پائالىيىتى تىنچلىق خاراكتېرلىك دەپ كۆرسىتىلدى، ئۇلار ھېچقانداق خىلاپ ئالامەتلەرنى تاپالمىدى، ئىران ئۇلار بىلەن ئاكتىپ ماسلاشتى. لېكىن، تولىمۇ ئەپسۇس، ئىككى- ئۈچ مونوپۇل ھاكىمىيەت، شەخسىيەتچى ھاكىمىيەت سۆزلىرىنى ئىران خەلقىگە تېڭىپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار بىزنى تەكشۈرۈشكە يول قويمىدى، دېيىشتى. نېمىشقا يول قويمىغۇدەكمىز؟ ئەلۋەتتە يول قويىمىز. نېمىدەپ سىلەرنىڭ شۇنداق ھوقۇقىڭلار بولىدىكەنۇ، بىزنىڭ بولسا بولمايدىكەن؟ بىز يادرو ئېنىرگىيىسىنى تىنچلىقتا ئىشلىتىش ھوقۇقىمىزنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ئۇلار "ئۇنى ئۆزەڭلار ياسىماڭلار، بىز سىلەرگە بېرىمىز" دەيدۇ. بۇرۇن، سىلەرگە ئېيتسام بىز بىلەن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە كانادا ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدا تىنچلىق يولىدا يادرو (ئېنىرگىيىسى) ئېچىش كېلىشىمىمىز بار ئىدى. بىراق ئۇلار ئۆزلىرى ئارىمىزدىكى كېلىشىمنى بىكار قىلدى، بۇ ئىش نەتىجىسىدە ئىران خەلقى مىلىيارد دوللارلاپ ئېغىر چىقىمغا قالدى. نېمىشقا بىز سىلەرنىڭ يېقىلغۇڭلارغا ھاجەتمەن بولىمىز؟ 28 يىلدىن بېرى، ئېمبارگو، ئىقتىسادىي جازا دېگەن نام بىلەن سىلەر بىزنىڭ خەلق ئاۋىئاتسىيسىگە ئېھتىياجلىق ئايرۇپىلان زاپچاسلىرىنىمۇ بەرمىدىڭلار، سەۋەبى، بىز ئىنسان ھوقۇقى ياكى ئەركىنلىككە قارشى؟ ئەشۇ باھانە ئاستىدا سىلەر بىزنىڭ ئۇ تېخنىكىمىزنىمۇ رەت قىلدىڭلار. بىز كەلگۈسىمىزنى ئۆزىمىز بەلگىلەش ھوقۇقىمىزغا ئېرىشسەك دەيمىز. بىز مۇستەقىل بولۇشنى ئويلايمىز. خەلق ئاۋىئاتسىيىسى ئۈچۈن زاپچاسنىمۇ بەرمىگەن سىلەردىن تىنچلىق مەقسىدىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن يادرو ئېنىرگىيە يېقىلغۇسى بېرىشنى قانداقمۇ كۈتەلەيمىز؟
30 يىلدىن بېرى بىز مۇشۇ مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدۇق، 5 مىلىيارد دوللاردىن كۆپرەكنى گېرمانىيىلىكلەرگە، ئاندىن روسىيىلىكلەرگە بەردۇق، لېكىن ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىدۇق، يامانلىقلار تېخى ئاياغلاشمىدى. بىز ئۆز ھوقۇقىمىزغا ئېرىشىشنىلا تەلەپ قىلىمىز، خەلقئارالىق قانۇندىن ئۇشۇقىنىمۇ كېمىنىمۇ تەلەپ قىلمايمىز. بىز تىنچلىق سۆيەر مىللەت. بىز بارلىق مىللەتلەرنى سۆيىمىز.
كوتسۋورس ئەپەندى: ئەلباش ئەپەندى، سىزنىڭ بۈگۈنكى ۋە ئىلگىرىكى بايانلىرىڭىز نۇرغۇن سۇئاللارنى تۇغدۇرىدۇ، مەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا ۋەكالىتەن ئۇلارنىڭ تاپشۇرغان سۇئاللىرىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. سىز ياكى سىزنىڭ ھۆكۈمىتىڭىز ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ يەھۇدىي دۆلىتى سۈپىتىدە يوقىلىشىنى ئىستەمدۇ؟
ئەلباش ئەھمەدىنىجات: بىز بارلىق مىللەتلەرنى سۆيىمىز. بىز يەھۇدىي خەلقى بىلەن دوست. ئىراندا نۇرغۇن يەھۇدىيلار تىنچ، بىخەتەر ياشاۋاتىدۇ. سىلەر چوقۇم بىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىمىزنى چۈشىنىسىلەر، بىزنىڭ قانۇنىمىزدا، پارلامېنت سايلىمى ئۈچۈن، 150000 پۇقراغا پارلامىنتتا بىر ۋەكىل تۇرغۇزىلىدۇ. يەھۇدىي جەمئىيەتلىرى ئۈچۈن، ئەشۇ ساننىڭ بەشتىن بىرى ئۈچۈن پارلامېنتتا ئوخشاشلا بىر مۇستەقىل ۋەكىل قويۇلغان. شۇڭا بىزنىڭ پەلەستىنلىكلەر مۇشكۈلاتى ھەققىدىكى قارار لايىھىمىز ئىنسانپەرىۋەر ۋە دېمۇكراتىك قارار لايىھە. بىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىمىز 60 يىللىق مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىز چوقۇم پەلەستىن خەلقىگە ئۆز كەلگۈسىنى ئۆزلىرىنىڭ قارار قىلىشىغا يول قويۇشىمىز كېرەك. بۇ ب د ت نىڭ نىزامنامىسىنىڭ روھىغا ۋە ئۇنىڭدىكى ئاساسىي پرىنسىپلارغا ئۇيغۇن. بىز چوقۇم پەلەستىنلىك يەھۇدىيلار، پەلەستىنلىك مۇسۇلمانلار، پەلەستىنلىك خرىستىيانلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئەركىن سايلام ئارقىلىق قارار قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشىمىز كېرەك. قانداق بىر دۆلەتنى تاللىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ھەممىسى قوبۇل قىلىشى، ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ھېچكىم پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك. ھېچكىم ماجرانىڭ ئۇرۇقىنى تېرىماسلىقى كېرەك. ھېچكىم ئون مىلىياردلىغان دوللارلار بىلەن بۇ يەردىكى بىرەر گورۇھنى قوراللاندۇرماسلىقى كېرەك. بىز پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز كەلگۈسىنى قارار قىلىش، ئۆزىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېرىشىشىگە يول قويۇڭلار، دېمەكچى. بۇ بىز ئىران خەلقىنىڭ دېمەكچى بولغىنى. (چاۋاك)
كوتسۋورس ئەپەندى: ئەلباش ئەپەندى، مېنىڭچە بۇ يەردىكى نۇرغۇن ئاڭلىغۇچىلار ئېنىق بىر جاۋابنى ئاڭلىساقكەن دەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ (ئالقىش، چاۋاكلار بىلەن گەپ ئۈزۈلۈپ قالدى)، ئۇ سۇئال: سىز ياكى سىزنىڭ ھۆكۈمىتىڭىز ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ يەھۇدىي دۆلىتى سۈپىتىدە يوقىلىشىنى ئىستەمدۇ؟ مېنىڭچە سىز ئۇ سۇئالغا پەقەت بىر سۆز بىلەنلا جاۋاب بېرەلەيسىز، "ھەئە"، ياكى "ياق"؟ (ئالقىش، چاۋاك)
ئەلباش ئەھمەدىنىجاد: ئۇنداقتا جاۋابنى ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان يوسۇندا ئاڭلىماقچىكەنسىز- دە. گەپ تېخى ئۇ يەرگە كەلمىدى. مەن سىزگە ئۆزۈم نەدە _ مېنىڭ ئورنۇمنىڭ نېمىلىكىنى ئېيتىپ بېرىۋاتىمەن. مەن سىزدىن سوراپ باقاي، پەلەستىنلىكلەر مەسىلىسى مۇھىم خەلقئارالىق مەسىلىمۇ- ئەمەسمۇ؟ ماڭا "ھەئە" ياكى "ياق" دەپ جاۋاب بېرىڭ. (كۈلكە، چاۋاك). بۇيەردە بىر خەلقنىڭ قىيىنچىلىق مەسىلىسى بار.
كوتسۋورس ئەپەندى: سۇئالىڭىزنىڭ جاۋابى- ھەئە. (كۈلكە)
ئەلباش ئەھمەدىنىجاد: ماسلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. بىز 60 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلىنىڭ بارلىقىنى تونۇدۇق. ھەممە بىردىن ھەل قىلىش چارىسىنى قويۇشتى، بىزنىڭ چارىمىز- ئەركىن بېلەت تاشلاش. مۇشۇ ئەركىن بېلەت تاشلاش ئەمىلىلىشىپ باقسۇن، شۇ چاغدا نەتىجىنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى كۆرۈپ قالىسىلەر. پەلەستىن خەلقى ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن نېمىنى خالىسا، ئەركىن تاللاپ باقسۇن. شۇ چاغدا سىلەرنىڭ ئويلىغانلىرىڭلار يۈز بېرىدۇ، ھەم ئەمىلىيەتكە ئايلىنىدۇ. (چاۋاك)
كوتسۋورس ئەپەندى: رەئىس بوللىنگىر (كولۇمبىيە ئۇنىۋېرستىت رەئىسى) ئوتتۇرىغا قويغان ھەم باشقا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردىن قويۇلغان سۇئال: نېمە ئۈچۈن سىلەرنىڭ ھۆكۈمىتىڭلار تېرورېزمغا ياردەم بېرىسىلەر؟ سىلەر شۇنداق قىلىشنى توختىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىپ توختاتقانلىقىڭلارنى ئىسپاتلىشىغا يول قويامسىلەر؟
ئەلباش ئەھمەدىنىجاد: مېنىڭ بۇ يەردە سىزگىمۇ بىر سۇئال قويغۇم كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر بىراۋ كېلىپ ئەتراپىڭىزدا بومبا پارتلاتسا، ئەلباش، مەركىزى ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى چۆچۈتسە، پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۆلتۈرسە، سىز ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىسىز؟ ئۇلارنى مۇكاپاتلامسىز ياكى ئۇلارنى تېرورچى گورۇھ دەپ ئاتامسىز؟ شۇنىسى روشەنكى، ئۇلارنى تېرورچى دەيسىز.
قەدىرلىك دوستلىرىم، ئىران خەلقى تېرروزمنىڭ زىيانلانغۇچىلىرى. 26 يىل ئىلگىرى، مەن ئىشلەۋاتقان چېغىمدا، مەن ئىشلەۋاتقان جاينىڭ يېقىنىدا، ئىران خەلقىنىڭ ئەلباش نامزاتى ۋە ئورۇنباسار ئەلباش نامزاتى بومبا پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئۇلار كۈلگە ئايلاندى. بىر ئايدىن كېيىنكى يەنە بىر تېررولۇقتا بىزنىڭ پارلامېنتنىڭ 72 ئەزاسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىمى، جۈملىدىن تۆت مىنىستېر ۋە سەككىز ئورۇنباسار مىنىستىرنىڭ تەنلىرى تېرورلۇق ھۇجۇمىدا پارە- پارە بولۇپ كەتتى. ئالتە ئاي ئىچىدە 4000 ئىرانلىق تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ يوشۇرۇن قەستلىشى بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تېرورلۇق تەشكىلاتى قىلدى. ئەپسۇس، ئەشۇ تېرورلۇق تەشكىلاتى ھازىر، بۈگۈن دۆلىتىڭلاردا، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ياردىمىدە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، ئەركىن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، ئەركىن باياناتلارنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىراقتىكى بازىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىۋاتىدۇ، ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوغدىلىۋاتىدۇ.
خەلقىمىز تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كەلدى. بىز تېرورلۇققا قارشى چىققان تۇنجى دۆلەت ھەم تېرورلۇققا قارشى كۈرەشنى قوللىغان تۇنجى دۆلەتمىز. (چاۋاك)
كوتسۋورس ئەپەندى: بىر تالاي سۇئال سورىغۇچىلار، كەچۇرىسىز، بىر تالاي كىشىلەر سۇئال سوراۋاتىدۇ.
ئەلباش ئەھمەدىنىجاد: بىز تېرورلۇقنىڭ تۈپ سەۋەبىنى مۇھاكىمە قىلىشىمىز ھەم شۇ تۈپ سەۋەبنى يوقىتىشىمىز كېرەك. بىز ئوتتۇرا شەرقتە ياشايمىز. بىزگە نىسبەتەن قايسى كۈچلەرنىڭ تېرورچىلارغا ئىلھام بېرىدىغىنى، قوللايدىغىنى، ئىقتىساد بىلەن يۆلەيدىغىنى ئېنىق. بىز ئۇنى بىلىمىز. بىزنىڭ خەلقىمىز، ئىران خەلقى، تارىختىن بۇيان باشقا خەلقلەرگە دوستانە قولىنى سۇنۇپ كەلدى. بىز مەدەنىيەتلىك خەلق. بىزنىڭ تېرورلۇققا ئېھتىياجىمىز يوق.
بىز ئۆزىمىز تېرورلۇقنىڭ زىيانلانغۇچىلىرى بولۇپ كەلدۇق، شۇنىسى تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئۆزلىرىنى تېرورلۇق بىلەن كۆرەش قىلىۋاتىمىز دەۋالغانلار، ئىران خەلقى ۋە دۆلىتىنى قوللاشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغان تېرورچىلار بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ ئورنىغا، تېرورچىلارنى قوللاۋاتىدۇ ھەم بارماقلىرىنى بىزگە تەڭلەۋاتىدۇ. بۇنىسى ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق.
كوتسۋورس ئەپەندى: تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان سۇئاللار سىزنىڭ چوڭ قىرغىنچىلىق قارىشىڭىزغا جەڭ ئېلان قىلىۋاتىدۇ. بۇنى ياۋروپادا 1940- يىلى گېرمان ناتسېستلىرى ھەرىكىتى ۋەجىدىن يۈز بەرگەن دېگەن پاكىتنىڭ ئىسپاتلىرى تولۇق تۇرسا، نېمىشقا سىز ئارتۇقچە تەتقىقاتقا چاقىرىسىز؟ ئۇنداق قىلىشتا، چوڭ قىرغىنچىلىق راستىنلا تارىخى پاكىتلاردىكىدەك يۈز بەرگەنمۇ يوق دېگەندىن باشقا مەقسەت يوقتەك قىلىدۇ. سىز نېمە ئۈچۈن تالاشقۇدەك يېرى يوق، ئوچۇق- ئاشكارە پاكىتلارنى يەنە تەتقىق قىلىش كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىڭىزنى دەپ بېرەلەمسىز؟
ئەلباش ئەھمەدىنىجاد: سۇئالىڭىزغا ككپ رەھمەت. مەن بىر ئىلىم ئىگىسى، سىز ھەم شۇ. سىز بىر ھادىسىنى تەتقىق قىلىش مەڭگۈلۈك ئاياغلاشتى دەپ مۇنازىرىلىشەلەمسىز؟ بىز تارىخى ۋەقەلىكنىڭ كىتابىنى مەڭگۈلۈككە يېپىۋېتەلەمدۇق؟ ھەر بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. نېمىشقا بىز ئىزدىنىشنى پەقەتلا توختىتىۋېتىمىز؟ نېمىشقا بىز ئىلىم ۋە پەننىڭ ئىلگىرىلىشنى توختىتىمىز؟ سىز مەندىن نېمىشقا سۇئال سورايسەن دەپ سورىماسلىقىڭىز كېرەك. ئۆزىڭىزدىن نېمىشقا ئۇنى گۇمانلىق دەپ قارايسەن، دەپ سوراڭ. نېمىشقا سىز ئىلىم ۋە تەتقىقاتنىڭ ئىلگىرىلىشىنى توختاتماقچى بولىسىز؟ سىز فىزىكىدا نېمىنىڭ مۇتلەقلىق دەپ تونۇلغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بىزنىڭ ماتېماتىكىدا 800 يىلدىن بېرى مۇتلەق دەپ قارالغان پرىنسىپلىرىمىز بار، لېكىن يېڭى ئىلىم- پەن ئۇ مۇتلەقلىقلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، باشقىچە لوگىكا بىلەن ماتېماتىكىنى كۈزىتىپ، ئۇنى ئىلىم تەرىقىسىدە كۈزىتىش نوقتىمىزنى 800 يىلدىن كېيىن مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگەرتتى. شۇڭا بىز تەتقىقاتچى، ئالىملارنىڭ ھەممە نەرسىنى، ھەممە ھادىسىنى خۇدا، ئالەم، ئىنسان، تارىخ ۋە مەدەنىيەتنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىغا يول قويۇشىمىز كېرەك. نېمىشقا ئۇنى چەكلەيمىز؟
مەن ئۇنى يۈز بەرمىگەن دېمەكچى ئەمەس. بۇ مەن بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان ھۆكۈم ئەمەس. مەن ئىككىنچى سۇئالىمدا، بۇنى يۈز بەرگەن دېگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ پەلەستىن خەلقى بىلەن نېمە ئالاقىسى؟ دەپ ئۆتتۈم. مانا بۇ ئېغىر سۇئال. ئۇلاردا قوش ئۆلچەم بار. بىرىنچى سۇئالدا، مەن ...
كوتسۋورس ئەپەندى: سۇئالىمغا يەنە ئازراق قوشۇمچە قىلاي. ئەگەر ئاز بولسىمۇ ئاساس، ئەمىلىي ئاساس، نېمىنىڭ پاكىتلىقى ھەققىدە ئازراق كېلىشىم بولمىسا، ئىلمىي مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش قىيىن. شۇڭا، بېكىتىلىپ بولغان پاكىتلارنى تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلىش پاكىتلارنىڭ ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلغانلىق ھەم ياۋروپادا شۇ يىللاردا بەزى دەھشەتلەرنىڭ يۈز بەرگىنىنى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ. (چاۋاك) بۇ سۇئالدىن يۆتكىلەيلى.
ئەلباش ئەپەندى، يەنە بىر ئوقۇغۇچى سۇئالىدا ئىران ئاياللىرنىڭ ئاساسىي ئىنسان ھوقۇقلىرىنىڭ رەت ئېتىلگىنىنى ۋە ھۆكۈمىتىڭلارنىڭ ھەمجىنىس ئىران پۇقرالىرىنى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەبىھ جازا ئۇسۇللىرىنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. سىلەر نېمىشقا شۇنداق قىلىسىلەر؟
ئەلباش ئەھمەدىنىجاد: ئىراندىكىلەر ھەقىقىي چىن ئەركىنلىكتە. ئىران خەلقى ئەركىن. ئىراندىكى ئاياللار يۇقىرى دەرىجىدىكى ئەركىنلىكتىن ھوزۇر ئېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئىككى ئورۇنباسار ئەلباشىمىز ئايال، بۇلار ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردىكى ئاياللار. ئاياللار پارلامېنتتا، ھۆكۈمەتتە، ئۇنىۋېرستىتلىرىمىزدا، بىئوتېخنولوگىيە ساھەلىرىدە ھەم تېخنىكىلىق ساھەلىرىمىزدە ئۆزىنى نامايەن قىلىۋاتىدۇ. يەنە شۇنداقلا يۈزلىگەن ئالىمەلەر سىياسىي ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بەزى ھۆكۈمەتلەرنىڭ باشقا ھۆكۈمەت بىلەن گېپى بىر يەردىن چىقمىسىلا، يالغاننى يېيىپ، تولۇپ- تېشىپ تۇرغان ھەقىقەتلەرنى بۇرمىلاپ يۈرۈشى خاتا. خەلقىمىز ئەركىن. ئۇلاردا يۇقىرى دەرىجىدىكى سايلامغا قاتنىشىش ھوقۇقى بار. ئىراندا 80- 90 پېرسەنت خەلق سايلام مەزگىلىدە سايلاشقا قاتنىشىدۇ، ئۇنىڭ يېرىمى، يېرىمىدىن كۆپرەكى ئايال، شۇنداقكەن قانداقمۇ بىز ئاياللارنى ئەركىن ئەمەس دېيەلەيمىز؟ بۇ پۈتۈن ھەقىقەت ئەمەسمۇ؟ جازا مەسىلىسىگە كەلسەك، مېنىڭ ئىككى سۇئال سورىغۇم بار. ئەگەر بىراۋ كېلىپ چەكلەنگەن زەھەر يۆتكەش تورى بەرپا قىلىپ، ئىران، تۈركىيە، ياۋروپا، ئامېرىكىلارغىچە تەسىر كۆرسىتىپ، ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كەلسە، سىلەر ئۇنى مۇكاپاتلامسىلەر؟ ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۈزلىگەن، مىلىيۇنلىغان ياش جاننى زەئىپلەشتۈرگەن شۇنداق كىشىلەرگە بىز ھېسداشلىق قىلالامدۇق؟ ئامېرىكىدا ئۆلۈم جازاسى يوقمۇ؟ سىلەردىمۇ بار. (چاۋاك)
ئىراندىمۇ چەكلەنگەن زەھەرلەرنى يۆتكىگەنلەرگە، كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بار. بىراۋ مىلتىقتىن بىرنى ئېلىپ بىر ئۆيگە كىرىپ، ئۇيەردىكى بىر تالاي كىشىلەرنى ئۆلتۈرىۋەتسە، ئاندىن پارە ئېلىشقا ئورۇنسا، ئۇنىڭغا ئىراندا، ئامېرىكىدا قانداق مۇئامىلە قىلىسىلەر؟ ئۇنى مۇكاپاتلامسىلەر؟ تەمسىل قىلىپ سۆزلىسەم، بىر دوختۇر مىكروبنىڭ خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ كېتىشىگە يول قويامدۇ؟ بىزنىڭ قانۇنىمىز بار. مىلتىق ئىشلىتىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ، خەتەر پەيدا قىلىپ، زەھەر سېتىپ، كەڭ دائىرىدە زەھەر تارقىتىپ خەلق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغان كىشىلەر ئىراندا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ، ئىنتايىن ئاز بىر قىسم جازا جامائەت ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇ دېمۇكراتىك پرىنسىپنى ئاساس قىلغان قانۇن. سىلەر بۇنداق كىشىلەرنى ئوكۇل ئۇرۇپ، مىكروبلاپ ئۆلتۈرىسىلەر، ئۇلار دارغا ئاسىدۇ، بىراق ئاخىرقى نەتىجە ئوخشاشلا ئۆلتۈرۈش.
كوتسۋورس ئەپەندى: بۇ سۇئال جىنسىي مەيل ۋە ئاياللار ھەققىدە بولىۋاتىدۇ. (چاۋاك)
ئەلباش ئەھمەدىنىجاد: ئىراندا سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلاردىكىدەك ھەمجىنىسلار يوق. (كۈلكە.) بىزدە ئۇنداق ئىش يوق. (قارشى ئاۋاز.) ئىراندا ھەمجىنىس دېگەن ئۇقۇم يوق. كىمنىڭ سىلەرگە بىزدە شۇنداق ئىش بار، دېگىنىنى ھېچ بىلمىدىم. (كۈلكە). بىراق ئاياللار مەسىلىسىدە، بەلكىم سىلەر ئايال بولۇش جىنايەت دەپ ئويلىساڭلار كېرەك. ئايال بولۇش جىنايەت ئەمەس. ئاياللار ئاللاھ ياراتقان ئىزگۈ يارىتىلما. ئۇلار مېھرىبانلىقنىڭ ۋەكىللىرى، ئاللاھ گۈزەللىكنى ئۇلارغا سىڭدۈرگەن. ئىراندا ئىراندا ھۆرمەتلىنىدۇ. ئىراندا قايسىبىر ئائىلىدە قىز تۇغۇلسا، ئوغۇل توغۇلغاندىكىدىن 10 ھەسسە خۇشال بولىدۇ. ئاياللار ئەرلەردىن بەكرەك ھۆرمەتلىنىدۇ. ئۇلاردىن نۇرغۇن مەسئۇلىيەتلەر كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بىزنىڭ جەمئىيتىمىزدە مەدەنىيتىمىز ھۆرمەتنى ئاياللارغا، كەلگۈسى ئانىلارغا بەخىش ئەتكەنلىكى ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان قانۇنىي مەسئۇلىيەتلەر ئەرلەرنىڭ يەلكىسىگە يۈكلەنگەن. ئىرانلىقلارنىڭ مەدەنىيىتىدە، ئەرلەر، ئوغۇللار ھەم قىزلار ھۆرمەت سۈپىتىدە، ئاياللارغا بولغان ھۆرمەت سۈپىتىدە ئانىلىرىنىڭ قولىنى سۆيۈپ قويىدۇ، بىز بۇ مەدەنىيىتىمىزدىن پەخىر ھېس قىلىمىز.
كوتسۋورس ئەپەندى: بىرى، سىز كولۇمبىيەدىكى نۇتقىڭىزنى قانداق ئاياغلاشتۇرۇشنى خالايسىز؟ ئىككىنچىسى، ئەگەر 11- سىنتەبىر تراگېدىيىسى يۈز بەرگەن مەيداننى زىيارەت قىلىشىڭىزغا رۇخسەت قىلىنغان بولسا سىز نېمە دېگەن بولاتتىڭىز؟
ئەلباش ئەھمەدىنىجاد: بۇ يەرگە مەن مېھمان. مەن كولۇمبىيەگە تەكلىپ قىلىندىم، بۇ يەرگە كېلىشىمگە ھۆكۈمەت تەرەپ تەكلىپىنامىسى بېرىلدى، لېكىن مېنىڭ بۇ يەردە ھەقىقەتەن بىر نېمە دېگۈم بار.
ئىراندا سىز بىر مىھماننى تەكلىپ قىلسىڭىز، ئۇنى ھۆرمەت قىلىسىز. بۇ بىزنىڭ ئەنئەنىمىز، مەدەنىيىتىمىز شۇنى تەلەپ قىلىدۇ، مەن ئامېرىكا خەلقىدىمۇ شۇنداق مەدەنىيەتنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن. ئالدىنقى يىلى، مەن 11- سىنتەبىر تراگېدىيىسى يۈز بەرگەن مەيدانغا، شۇ تراگېدىيىنىڭ زىيانلانغۇچىلىرىغا ھۆرمىتىمنى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە بولغان ھېسداشلىقىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بېرىشنى ئۈمىد قىلغان. بىراق بىزنىڭ پىلانلىرىمىز ئاۋۇپ كەتتى. بىز يېرىم كېچىگىچە كېڭەش، يىغىنلار قاينىمىدا قالدۇق ھەم ئۇلار ئۇنداق كەچتە ئۇ مەيداننى زىيارەت قىلىش تولىمۇ تەس دېيىشتى. شۇڭا مەن شۇ مەيداننى زىيارەت قىلىپ، ھۆرمىتىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن دوستلىرىمغا بىز كېلەر يىلى بۇ ئىشقا بىر پىلان تۈزەيلى دېگەنىدىم. ئەپسۇس، بەزى تەشكىلاتلار تولىمۇ ئېغىر، بەكمۇ يامان ئىنكاسلاردا بولدى. بىرسىنىڭ 11- سىنتەبىر تراگىدىيىلىك ۋەقەسىنىڭ زىيانلانغۇچىلىرىنىڭ ئائىلە- تاۋاباتلىرىغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەشكە يول قويماسلىق ياخشى ئىش ئەمەس. بۇ مەن تەرەپنىڭ ھۆرمىتى. بىراۋ ماڭا بۇ بىر ھاقارەت دېدى. مەن، نېمە دەۋاتىسەن، بۇ مېنىڭ ھۆرمىتىمنى ئىپادىلەش ئۇسۇلۇم، دېدىم. سىلەر نېمىشقا ئۇنداق ئويلايسىلەر؟ شۇنداق ئويلاپ تۇرۇپ قانداقمۇ دۇنيا ۋە دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىسىلەر؟ سىلەر دۇنيادىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ سىلەرنىڭ مەسىلىلەرنى كۈزىتىش ئۇسۇلۇڭلاردىن، مۇشۇنداق ئويلىشىڭلاردىن، نۇرغۇن كىشىلەرگە مۇشۇنداق تەرىزدە يېقىنلاشماسلىقىڭلاردىن ، مەلۇم دەرىجىدىكى شەخسىيەتچىلىكىڭلاردىن كېلىپ چىقىدۇ دەپ قارىمامسىلەر؟
مەن مۇخبىرلار سۆزلەشسەم دەيمەن. 11- سىنتەبىر تراگىدىيىلىك ۋەقەسى بىر چوڭ ۋەقە. ئاقىۋەتتە ئۇ بىر تالاي باشقا ۋەقەلەرگە سەۋەب بولدى. ئافغانىستان بېسىۋېلىندى، ئارقىدىن ئىراق بېسىۋېلىندى، ئالتە يىلدىن بېرى بىزنىڭ رايۇنىمىز تىنچسىزلىق، قورقۇنچ، ۋەھىمىدە قالدى. ئىراق كرىزىسىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك، ئافغانىستان، ئىراق مەسىلىسىنى قانداق تۈزەش كېرەك دېگەن مەسىلىلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن 11- سىنتەبىر ۋەقەسىنىڭ تۈپ سەۋەبى، ئۇ نېمىشقا يۈز بەردى، نېمە ئۇنىڭغا سەۋەب بولدى، قانداق شارائىتلار ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئۇنىڭ ئىشتراكچىلىرى زادى كىم، ئۇنىڭ قاتناشچىلىرى ھەقىقەتتە كىم، دېگەن سۇئاللارنى بىر يەرگە ئېلىپ كېلىشكە توغرا كېلىدۇ.
كوتسۋورس ئەپەندى: سىزنىڭ يادرو پىلانىڭىز ھەققىدە بىر قىسىم سۇئاللار سورىلىپتۇ. نېمە ئۈچۈن ھۆكۈمىتىڭلار يادرو قورالىغا ماس كېلىدىغان قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننى ئىزدەيدۇ؟ سىلەر شۇنداق قىلىشنى توختىتامسىلەر؟
ئەلباش ئەھمەدىنىجاد: بىزنىڭ يادرو پىلانىمىز، ئەڭ ئالدى بىلەن، قانۇن رامكىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئىككىنچىدىن، خەلقئارالىق ئاتوم ئېنىرگىيە ئورگىنىنىڭ نازارىتىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئۈچىنچىدىن تىنچ يول ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بىزدە بار تېخنولوگىيىدە ئۇنىڭ قويۇقلۇقى 5 پېرسەنتتىن تۆۋەن، 5 پېرسەنتتىن تۆۋەن دەرىجە پەقەت ئېلېكتېر ئىستانسىلىرىنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەشكىلا ئىشلىتىلىدۇ. خەلقئارالىق ئاتوم ئېنىرگىيە ئورگىنىنىڭ تەكرار دوكلاتلىرىدا ئىراننىڭ يادرو پىلانىدا تىنچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىشتىن ئېغىپ كەتكەن يېرى يوق، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى. بىز ھەممىمىز ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنىڭ سىياسىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمىز. ئۇ قانۇنىي مەسىلە ئەمەس. خەلقئارالىق ئاتوم ئېنىرگىيە ئورگىنى بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنىڭ تىنچلىق مەقسىدىدە ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. لېكىن ئىككى- ئۈچ دۆلەت ئۆزلىرىنى ھەممە ئىلىم- تېخنىكىنى مونوپۇل قىلىشقا ھوقۇقلۇق دەپ قارايدۇ، ئۇلار ئىران خەلقىنى، ئىران دۆلىتىنى ئۆزىدە بار بولغان يېقىلغۇ، ئىلىم، تېخنىكىنىمۇ باشقىلاردىن ئېلىش ئۈچۈن تەلمۈرسىكەن، ئۆزىنى پەس كۆرسىكەن دەيدۇ. ئۇلار ئۇنى ھەرگىز بىزگە بەرمەيدۇ.
شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى ئوبدان بىلىمىز. سىلەر 5- ئەۋلاد ئاتوم بومبىسىنى ياساپ، ئاللىبۇرۇن سىناق قىلىپ بولغان تۇرۇقلۇق، يادرو ئېنىرگىيىسىگە ئېھتىياجلىق باشقىلارنىڭ تىنچلىق مەقسىدىگە سۇئال قويىدىغانغا نېمە ھەققىڭلار بار؟ (چاۋاك) بىز يادرو قورالىغا ئىشەنمەيمىز. ئۇ ئىنسانىيەت مەنپەئىتىگە قارشى. بۇ يەردە بىر چاخچاق قىلاي، مېنىڭچە ئاتوم بومبىسىنىڭ پېيىدە يۈرۈپ، ئۇنى سىناۋاتقان، ياساۋاتقان سىياسىيۇنلار سىياسىي جەھەتتە قالاق، ئەقلى ئاجىز. (چاۋاك)
كوتسۋورس ئەپەندى: ۋاقتىڭىزنىڭ ئۇزۇن قالمىدى، باشقا سۇئالغا ئۆتسىڭىز. ئىران ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئوچۇق- يورۇق سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا تەييار بولدىمۇ؟ سىز ئىراننىڭ مۇشۇنداق سۆھبەتلەر ئارقىلىق يەتمەكچى بولغىنى نېمە؟ كەلگۈسىدە ئىران ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىش يولىغا قانداق قارايسىز؟
ئەلباش ئەھمەدىنىجاد: بۇرۇندىنلا بىز بارلىق دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى جاكارلىغان. 28 يىل بۇرۇن بىزنىڭ ئىنقىلابىمىز غەلىبە قىلىپ، بىز بارلىققا كەلدۇق، غەربپەرەس دىكتاتۇرا ھاكىمىيەت قەپەزگە سولىۋەتكەن ئەركىنلك ۋە دېمۇكراتىيىنى قولىمىزغا ئالدۇق، يېنىمىزدىكى ئىككى دۆلەتتىن باشقا بارلىق دۆلەتلەرگە ئۆزىمىزنىڭ تەييار ئىكەنلىكىمىزنى جاكارلىدۇق، بىز دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ھەم سۆھبەتلىشىشىكە تەييار ئىدۇق. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىرى كېيىنچە بىكار قىلىنغان جەنۇبىي ئافرىقا ئىرقىي ئايرىمىچىلىق دۆلىتى، ئىككىنچىسى يەھۇدىي دۆلىتىنى قايتا قۇرۇشنى قوللىغۇچىلار دۆلىتى ئىدى. شۇلاردىن باشقىلارغا بىز دوستانە، قېرىنداشلارچە مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغىنىمىزنى جاكارلىدۇق.
ئىران دۆلىتى مەدەنىيەتلىك دۆلەت، مەدەنىيەتلىك خەلق. ئۇلار يېڭى سۆھبەت ۋە كېڭەشنى ئىستەيدۇ، ئۈمىد قىلىدۇ.بىز ئىشىنىمىزكى، كېڭەش ۋە سۆھبەتلەر ھەممىنى ئاسان ھەل قىلالايدۇ. بىزگە تەھدىت كېرەك ئەمەس؛ بىزگە بومبا، قوراللار ھاجەت ئەمەس؛ سۆزلەشسەكلا، بىزگە توقۇنۇشۇش ھاجەت ئەمەس. بىز بۇ مەسىلىدە ئوچۇق قاراشقا ئىگە.
بىز بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئىلگىرىلەش ۋە باشقۇرۇلۇش يولىغا نىسبەتەن گۇماندىمىز، بىز بۈگۈنكى بۇ خىل ئىلگىرىلەش يولى دۇنياغا تىنچلىق مۇمكىنچىلىكىنى ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. بىزنىڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىنسانىي قىممەتلەرنى ئاساس قىلىپ ھەل قىلىش چارىمىز بار. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەنمۇ بىز سۆھبەتلىشىمىز. ئادىل، ھەققانىي شارائىتتا، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت ئاساسىدا سۆھبەتلەشسەك، بىزنىڭ بۇنىڭغا باشقىچە پىكرىمىز يوق.
ئىراقنىڭ بىخەتەرلىكىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ئۈچ نۆۋەت سۆھبەت ئۆتكۈزگىنىمىزنى كۆردۇڭلار. ئالدىنقى يىلى، نيۇيوركقا كېلىشنىڭ ئالدىدا، مەن ئۆزىمىزنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە، دۇنيا خەلقى ئالدىدا، بارلىق ئاڭلىغۇچىلار ئالدىدا مۇنازىرە قىلىشقا تەييارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش، ھەقىقەتنى ئېچىپ بېرىش، خاتا چۈشەنچە، خاتا سەزگۈلەرنى يوق قىلىش، دوستانە ۋە قېرىنداشلارچە مۇناسىۋەتكە ئوچۇق بىر يول تېپىش مەقسىدىدە، ئامېرىكا ئەلباشى بۇش ئەپەندى بىلەن ب د ت دا خەلقئارالىق جىددى مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرىلىششكە تەييار ئىكەنلىكىمنى جاكارلىغان ئىدىم. مېنىڭچە ئەگەر ئامېرىكا ھاكىمىيىتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ كونا خۇيىنى تاشلىسا، ئىران خەلقى بىلەن، ئىران دۆلىتىنىڭ ياخشى دوستى بولالايدۇ.
28 يىلدىن بۇيان ئۇلار ھېلى ئۇ، ھېلى بۇ باھانىلەر بىلەن بىزگە تەھدىت سېلىپ، بىزنى ھاقارەتلەپ، ئىلىم- پەن تەرەققىياتىمىزنى چەكلەپ كەلدى. سىلەر ھەممىڭلار ئىران ھۇجۇمىدا ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ دىكتاتۇر سادامنى قوللىغانلىقىنى بىلىسىلەر. ئۇ روياپقا چىقارغان 8 يىللىق ئۇرۇشتا، جىنايى ئۇرۇشتا 200 مىڭ ئىرانلىق ھاياتىدىن ئايرىلدى. 600 مىڭ ئىرانلىق شۇ ئۇرۇش ۋەجىدىن يارىلاندى. ئۇ خىمىيىلىك قوراللارنى ئىشلەتتى. مىڭلىغان ئىرانلىقلار ئۇنىڭ بىزگە قارشى ئىشلەتكەن خىمىيلىك قوراللىرىنىڭ قۇربانى بولدى. نۇرغۇن يىل ب د ت خەۋەرلىرىنى يازغان ھۆكۈمەت تەرەپ مۇخبىرى، خەلقىئارالىق مۇخبىر نوبل ۋىنمۇ ئىراقنىڭ بىزگە قارشى ئىشلەتكەن خىمىيىلىك قوراللىرىنىڭ زىيانلانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلىرىدىن بىرى.
شۇنىڭدىن بۇيان بىز تۈرلۈك چەكلىمە، ئېمبارگو، ئىقتىسادىي جازا، سىياسى جازالارغا ئۇچراپ كەلدۇق. نېمە ئۈچۈن؟ بىر دىكتاتۇرنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغىنىمىز ئۈچۈنمۇ؟ ئۆزىمىزگە تايىنىپ ئەركىنلىك، دېمۇكراتىيىگە ئېرىشمەكچى بولغىنىمىز ئۈچۈنمۇ؟ ئەپسۇس، بىز بۇنىڭغا بىر نېمە دېيەلمەي كەلدۇق. بىزنىڭچە، ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىران خەلقىنىڭ ھوقۇقلىرىنى تونۇسا، بارلىق مىللەتلەرنى ھۆرمەتلىسە، بارلىق ئىرانلىقلارغا دوستانە قولىنى سۇنسا، ئىرانلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن بولاتتى.
مېنىڭ ئاڭلىغۇچىلارغا بىردەم تەشەككۈر ئېيتىۋېلىشىمغا رۇخسەت قىلامسىلەر؟
مەن دېمەكچى بولغان نەرسىلەر تولىمۇ كۆپ ئىدى، بىراق مېنىڭ ۋاقتىڭلارنى يەنە ئالغۇم يوق. مەندىن بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە كولۇمبىيە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىرانغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلامىسز، دەپ سورالدى. مۇشۇ سەھنىدە مەن كولۇمبىيە ئوقۇتقۇچى- خىزمەتچىلىرىنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى بىزنىڭ ئۇنىۋېرستىت ئوقۇغۇچىلىرىمىز بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئىرانغا زىيارەتكە تەكلىپ قىلىمەن. سىلەر رەسمىي تەكلىپ قىلىندىڭلار. (چاۋاك)
سىلەر ئىراندىكى خالىغان ئۇنىۋېرستىتنى تاللاپ زىيارەت قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز. دۆلىتىمىزدە 400 دىن ئارتۇق ئۇنىۋېرستىت بار، سىلەر قايسىسىنى تاللاپ زىيارەت قىلساڭلار بولىۋېرىدۇ.
بىز سىلەرگە ھەقىقىي سەھنە ھازىرلاپ بېرىمىز. بىز سىلەرنى 100 پېرسەنت ھۆرمەتلەيمىز. ئوقۇغۇچىلىرىمىز شۇ يەردە ئولتۇرۇپ سىلەرنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭلارنى ئاڭلايدۇ، سىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ.
ھازىر كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئۇنىۋېرستىتلىرىمىزدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يۈزلىگەن يىغىنلار بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئاڭلايدۇ، سۆزلەيدۇ، سۇئاللارنى سورايدۇ.
ئاخىرىدا مەن كولۇمبىيە ئۇنىۋېرستىتىغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. مەن ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن سىياسىيۇنلارنىڭ كولۇمبىيە ئۇنىۋېرستىتىدىن چىققانلىقىنى ئاڭلىغان، بۇ يەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر نوتۇق ئەركىنلىكىگە، ئوچۇق، سەمىمىي سۆھبەتكە ئىشىنىدۇ. مەن يەنە كولۇمبىيە ئۇنىۋېرستىتىدىكى رەھبەرلەرنىڭ، خادىملارنىڭ بۈگۈنكى شۇنداق ياخشى تەشكىللەنگەن بىر يىغىننى ئويۇشتۇرغىنىغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. مەن ئاللاھتىن ھەمىمىمىزنىڭ قول تۇتۇشۇپ تىنچلىق ۋە دوستلۇق، ھەققانىيەت ۋە قېرىنداشلىققا تولغان كەلگۈسى بەرپا قىلىشىمىزغا مەدەتكار بولۇشىنى تىلەيمەن. ئىزگۈ بەخت ھەممىڭلارغا يار بولسۇن. (چاۋاك)
كوتسۋورس ئەپەندى: تولىمۇ ئەپسۇس، ئەلباش ئەھمەدىنىجاد ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلىرى ۋەجىدىن بىزنىڭ سورايدىغان، ھەتتا سوراپ بولغان سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ بولالماستىنلا كېتىپ قالىدىغان بولدى. (كۈلكە، چاۋاك) بىراق مېنىڭچە ھەممىمىز ئۇنىڭ بۇ يەردە پەيدا بولۇشىنىڭ كولۇمبىيەنىڭ سۆز ۋە نوتۇق ئەركىنلىكىنى چوڭقۇر قوللايدىغانلىقىنى نامايەن قىلغانلىقىدىن شاتلىنالايمىز. ھەممىڭلارنىڭ كېلىپ قاتنىشىپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت(چاۋاك)
رەھمەت.

تۈگىدى

ئەگەر ئىنگىلىزچە نۇتۇقنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇيەردىن كۆرۈڭ:



ئەھمەدى نىجاتنىڭ بۇشقا يازغان خېتى

(تەرجىمە)
تەرجىمان : ئەنۋەر ھامۇت


بىرىنچى خەت

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئا ق ش نىڭ پىرېزىدىنتى جورج بۇش ئەپەندىگە:

خېلىدىن بېرى مەن ئويلىنىپ قېلىۋاتىمەن، خەلقئارا سەھنىلەردە مەۋجۇت ئاشۇ ئىنكار قىلغۇسىز زىتلىقلارنى، بولۇپمۇ سىياسى ئۇچرىشىشلاردا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ئارىسىدا بەس-بەس بىلەن مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان ئاشۇ زىتلىقلارنى كىممۇ توغرا قىلىپ كۆرسىتىپ بىرەلەر؟ نۇرغۇن سۇئاللار جاۋاپسىز قالدى.شۇ تۈپەيلى مەن ئاشۇ ئىشلارنىڭ ماھىيتىنى ئېچىپ بىرىش پۇرسىتى كىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن ئۈمىد بىلەن ئاشۇ زىتلىقلار ۋە سۇئاللارنىڭ بەزىلىرى ھەققىدە مۇنازىرە قوزغاشنى تەيىن تېپىپ قالدىم.
مۇبادا بىراۋ كىشىلىك ھوقۇققا ئامالسىز ھۆرمەت قىلسا، لىبىرالىزىم(ئەركىنلەشتۈرۈش)نى مەدەنىيەتنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ كۆرسەتسە، ئۆزىنىڭ يادرو قوراللىرى ۋە بالا-قازا ياغدۇرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ قويۇپ. ئاندىن "تىرورلۇققا قارشى ئۇرۇش" نى شۇئار قىلىۋىلىپ، ئاخىرىدا ھامان بىركۈنى خىرىستوس ۋە يەر شارىدىكى پەزىلەت ئىگىللىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان خەلقئارالىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇچۈن تىرىشسا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەتلەرنى ھۇجۇمغا ئۇچرىتىپ. كىشىلەرنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكى، ئىززەت - ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلسا، جىنايەتچىلەرنىڭ بولۇش مۈمكىنچىلىكى تولىمۇ كىچىك بولغان بىر يېزىغا ھەربىي ماشىنىلارنى ياغدۇرىۋىتىپ، پۈتۈن يېزىنى ئوت دېڭىزىغا ئايلاندۇرىۋەتسە، ئۇنداقتا بۇ كىشى خۇدانىڭ ئۇلۇغ پەيغەمبىرى بولغان ئەيسا خىرىستوس(ئۇنىڭغا تىنچلىق بولغاي)نىڭ مۇرىتى بولالارمۇ؟
ياكى بولمىسا بالا-قازا ياغدۇرغۇچى قوراللارنىڭ بولىشى مۈمكىن بولغان بىر دۆلەت ئىشغال قىلىنسا، 100،000لەپ ئادەم ئۆلتۈرۈلسە، شۇ دۆلەتنىڭ سۇمەنبەسى، يىزا ئىگىلىكى، سانائىتى، ۋەيران قىلىۋىتىلسە، 180،000چە ئىشغالىيەتچى قوشۇن بۇ دۆلەتنىڭ تۇپرىقىغا دەسسەپ تۇرسا، پۇقرالارنىڭ خۇسۇسى ئۆيلىرىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى دەخلى -تەرزگە ئۇچرىسا، بۇ دۆلەت كەم دېگەندىمۇ 50 يىل ئارقىغا چېكىندۈرۈۋىتىلسە....
بۇلار ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل كېتەر؟ بىر دۆلەت ۋە باشقا بىر قانچە دۆلەت دۆلەت بايلىقىدىن يۈز مىلىيونلاپ دوللار سەرپ قىلىدۇ، ئون مىڭلاپ، يۈز مىڭلاپ يىگىت -قىزلار تاجاۋۇزچى قوشۇن سالاھىيتى بلەن ئازاپ سەپىرىگە ئۇزۇتىلىدۇ. ئائىلىسى ۋە ياخشى كۆرگەنلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. قوللىرى باشقىلارنىڭ قېنى بىلەن بويىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى روھى ئازاپ بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ، بەزىلرى روھى ۋەجىسمانىي جەھەتتىن كاردىن چىقىپ ئۆيلىرىگە قايتسىمۇ لىكىن مەڭگۈ ئازاپتىن قۇتۇلالمايدۇ. يەنە بەزىلىرىنىڭ بولسا جەسىدى ئۇرۇق -تۇققانلىرىغا ئەۋەتىپ بىرىلىدۇ.
بالا-قازا ياغدۇرغۇچى قوراللار باھانىسى بىلەن، بۇ تىراگىدىيە تاجاۋۇز قىلىنغان دۆلەتنىڭ خەلقىنى تاجاۋۇز قىلغۇچى دۆلەتنىڭ خەلقى بىلەن قوشۇپ يالماپ يۈتىۋەتتى. كېيىن زور مىقداردىكى بالا-قازا قوراللىرىنىڭ زادىلا بولۇپ باقمىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
ئەلۋەتتە سادام بىر قاتىل مۇستەبىت. لېكىن بۇ ئۇرۇش سادامنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلمىغان. ئۇرۇشنىڭ مەقسىدى زور مىقداردىكى بالا-قازا قوراللىنى تېپىپ چىقىش ۋە ئۇنى بىتچىت قىلىش دەپ جاكارلانغان. سادام پەقەت باشقا بىر مەقسەتكە يىتىش يولىدا تەخىتتىن چۈشۈرىۋىتىلدى-خالاس، لىكىن بۇرايوندىكى خەلق بۇنىڭدىن خوشال بولۇشتى. بۇ يەردە مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ئىرانغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇشلاردا، سادامنى غەرب قوللىغان ئىدى.


2-خەت




پىرىزىدېنت ئەپەندى،
سىز بەلكىم مېنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلىسىز. ئۇقۇغۇچىلىرىم داۋاملىق مەندىن بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ مەن خېتىمنىڭ باش قىسمىدا تەكىتلەپ ئۆتكەن، خۇدانىڭ تىنچلىق ۋە مەغفىرەت ئەلچىسى بولغان ئەيسا خىرىستوس( ئاڭا تىنچلىق بولغاي) نىڭ ئەنئەنىلىرىنىڭ قىممىتى ۋە مەسئۇلىيتى بىلەن قانداقمۇ سىغىشالايدىغانلىقىنى سورىشىدۇ. گۇئانتانامودا ئەزەلدىن سىناپ كۆرۈلمىگەن تۈرمىلەر بار. قانۇنىي ئىگىلەرمۇ يوق،ئۇ يەردىكىلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيدۇ. ئۇلار ئۆز دۆلىتىنىڭ سىرتىدىكى غەلىتە بىر جايغا قامالغان. ئۇلارنىڭ شارائىتى ۋە تەقدىرىگە خەلقئارانىڭ نازارەتچىلىكىمۇ يوق.ئۇيەردىكىلەر مەھبۇسمۇ،سىياسى جىنايەتچىمۇ،ئەيىپكارمۇ ياكى جىنايەتچىمۇ ھېچكىم بىلمەيدۇ. ياۋرۇپالىق تەكشۈرگۈچىلەرمۇ ياۋرۇپادا مەخپى تۈرمىلەرنىڭ بارلىقىنى جەزىملەشتۈردى. مەن بىر ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ مەخپىي تۈرمىلەرگە تاشلىنىشى بىلەن ھەرقانداق بىر ئەدلىيە سىستىمىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىشىنى باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. مۇشۇ ئىش تۈپەيلى، مەن ھەرقانداق قىلىپمۇ مۇشۇنداق ھەرىكەتلەرنى مەن خېتىمنىڭ باش قىسمىدا دەپ ئۆتكەن ،ئەيسا خىرىستوسنىڭ تەلماتلىرى بىلەن شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ قىممەتلىرى بىلەن بىر يەرگە چۈشىنىشكە ئاجىز كەلدىم.
ياشلارنىڭ،سىتودېنتلارنىڭ ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىسرائىلىيە ھادىسىسى ھەققىدە نۇرغۇن سۇئاللىرى بار. كۆڭلۈمگە بەش قولدەك ئايانكى سىزنىڭمۇ بۇلارنىڭ بەزىلىرىدىن خەۋىرىڭىز بار.
تارىختا نۇرغۇن دۆلەتلەر بېسىۋىلىنغان. لېكىن، مېنىڭچە، يېپيېڭى بىر خەلق بىلەن قۇرۇلغان يېڭى بىر دۆلەت پەقەت مۇشۇ دەۋرىمىزگىلا خاس بولغان يېڭى بىر ھادىسە! سىتودېنتلار 60يىل ئىلگىرى بۇنداق بىر دۆلەت مەۋجۇت ئەمەس ئىدى، دىيىشمەكتە. ئۇلار كونا ھۆججەتلەرنى ۋە گۇلۇبۇسلارنى كۆرسىتىشىپ،بىز ئىسرائىلىيە دەپ ئاتىلىدىلىدىغان بىر دۆلەتنى تاپالمىدۇق دېيىشمەكتە.مەن ئۇلارغا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تارىخىنى ئۆگىنىڭلار دېدىم. بىر ئوقۇغۇچۇمنىڭ دېيىشىچە، نەچچە ئون مىلىيون ئادەمنىڭ بېشىغا چىققان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇرۇش خەۋەرلىرى ئۇرۇشىۋاتقان گورۇھلار تەرىپىدىن تولىمۇ تىز سۈرئەتتە تارقىتىۋىتىلگەن. ھەر تەرەپ ئۆزىنىڭ غەلبىسى ۋە قارشى تەرەپنىڭ ئەڭ يېقىنقى مەغلۇبىيەتلىرىنى خۇپىيانە تەكشۈرگەن.ئۇرۇشتىن كېيىن بولسا ئالتە مىلىيون يەھۇدىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغان. ئالتە مىلىيون ئادەم ،ئېنىقكى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئىككى مىلىيون ئائىلىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بوپتۇ، بىز بۇلارنى راست دەپمۇ تۇرايلى، لىكىن بۇنىڭدىن راستىنلا ئوتتۇرا شەرقتە ئىسرائىلىيىدىن ئىبارەت بىر دۆلەتنى قۇرۇش ياكى قوللاش دېگەن مەنتىقە كىلىپ چىقامدۇ؟ بۇ ھادىسىنى ئەقلىمىزدىن قانداق ئۆتكۈزسەك بولار يا قانداق چۈشەندۈرسەك بولار؟؟

3-خەت

پىرىزىدېنت ئەپەندى،
جەزىملەشتۈرىمەنكى، سىز ئىسرائىلىيىنىڭ قانداق ۋە قانچىلىك بەدەل بىلەن قۇرۇلغانلىقىنى بىلىسىز.
--كۆپ مىڭلاپ ئادەملەر شۇ جەرياندا ئۆلدى.
--مىلىيونلىغان يەرلىك كىشىلەر مۇساپىرلارغا ئايلاندى.
--نەچچە يۈزمىڭ گىكتار تېرىلغۇ يەر،خورمىزارلىق، يېزا-بازارلار ۋەيران قىلىندى.
بۇ تىراگىدىيە ئىسرائىلىيە قۇرۇلغان مەزگىلگىلا خاس بولڭپ قالماستىن، بەلكى 60 يىلدىن بىرى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ھەتتا بالىلارغىمۇ رەھىم -شەپقەت قىلمايدىغان، ئۆيلەرنى ئىچىدىكى ئادەملەر بىلەنلا قوشۇپ ۋەيران قىلىۋىتىدىغان، ئۆلتۈرۈلىدىغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئالدىنئالا ئىلان قىلىپ ئاندىن ئۆلتۈرىدىغان،نۇرغۇن كىشىلەرنى قاماقلارغا سولايدىغان بىرھاكىمىيەت قۇرۇپ چىقىلدى.بۇ ئۆزگىچە بىر ھادىسە، پەقەت بولمىغاندىمۇ كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان ھادىسە.
كىشىلەر سورايدىغان يەنە بىر چوڭ سۇئال شۇكى، مۇشۇنداق بىر ھاكىمىيەت نىمىدەپ قوللاشقا ئىرىشىدۇ؟ بۇ خىل قوللاش ئەيسا خىرىستوس(ئاڭا تىنچلىق بولغاي) ۋە موسا ئەلەيھىسالام (ئاڭا تىنچلىق بولغاي)نىڭ تەلىماتلىرىغا ئۇيغۇن كىلەمدۇ؟ ئەركىنىلىكنىڭ قىممىتىگە توغرا كىلەمدۇ؟
ياكى بولمىسا ئەزەلدىن تارتىپ مۇشۇ زىمىندا ياشاۋاتقانلارنى،مەيلى خىرىستىئان ،مەيلى مۇسۇلمان يا مەيلى يەھۇدى بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشكە رۇخسەت قىلىشنى دىمۇكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىملىرىگە زىت كىلىدۇ دەپ چۈشىنىشىمىز كىرەكمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، ئومۇمخەلق ئاۋازغا قويۇش نىمىدەپ شۇنچە زور قارشىلىققا ئۇچرايدۇ؟
يېقىندا يېڭىدىن سايلانغان پەلەستىن ھۆكۈمىتى تەخت بېشىغا چىقتى. بارچە مۇستەقىل كۈزەتچىلەر بۇ ھۆكۈمەتنىڭ سايلىغۇچىلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى دەلىلىدى. ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان يېرى شۇكى، ئۇلار بۇ ھۆكۈمەتنى قاتمۇ-قات بېسىمغا ئالدى. ئىسرائىلىيە ھاكىمىيتىنى ئىتىراپ قىلىشقا نەسىھەت قىلدى. كۆرەشتىن ۋاز كېچىشكە ۋە ئالدىنقى نۆۋەت ھۆكۈمەتنىڭ ئىزىدىن مېڭىشقا كۆندۈرمەكچى بولدى.
ئەگەر نۆۋەتتىكى پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھۆكۈمەتنىڭ ئىزىدىن ماڭغان بولسا، پەلەستىن خەلقى ئۇلارنى سايلارمىدى؟ پەلەستىن ھۆكۈمىتىگە قارشى بۇ خىل مەيدان مەن باشتا ئوتتۇرىغا قويغان قىممەتلەرگە توغرا كېلەرمۇ؟
كىشىلەر يەنە مۇنداق دىيىشىۋاتىدۇ؛" نىمە ئۈچۈن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭئىسرائىليە ئەيىپلەنگەن قارارلىرىنىڭ ھەممىسى ماقۇللانمايدۇ؟"

پىرىزىدېنت ئەپەندى،
خۇددى ئۆزىڭىز بىلىپ تۇرغاندەك، مەن ئوتتۇرا شەرقلىقلەر بىلەن ياشايمەن، ئۇلار بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشپ تۇرىمەن، ئۇلارمۇ ھەم مەن بىلەن بىر ئاماللارنى قىلىپ ئالاقىلىشىپ تۇرىدۇ. ئۇلارمۇ ئاشۇ گۇمانلىق سىياسەتلەرگە چىنپۈتمەيدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ رايۇندىكى كىشلەرنىڭ ئاشۇ سىياسەتلەرگە بولغان غەزەپ- نەپرىتى كۈنسايىن ئاشماقتا.
مېنىڭ نۇرغۇن سۇئاللار ئارقىلىق ئوڭايسىزلىق پەيدا قىلىش نىيتىم يوق.لىكىن مەن باشقا بىرقانچە نوقتىنى چوقۇم تەكىتلىشىم كېرەك.
نىمە ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرق رايونىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تېخنىكىلىق ۋە ئىلمىي نەتىجىلەر يەھۇدى قىساسچىلىرى(Zionist regime) ھاكىمىيتىگە تەھدىت بولۇپ بىلىنىدۇ؟ ۋە شۇنداق تەسۋېرلىنىدۇ؟
ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەرەققىيات دېگەن بىر ئەلنىڭ ئەقەللى ھوقۇقى ئەمەسمۇ؟
سىز تارىخ بىلەن تونۇش. ئوتتۇرا ئەسىردىن تارتىپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى باشقى قايسى قاراشنىڭ نەزىرىدە جىنايەت دەپ قارىلىپ كەلدى؟ پەن-_تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ھەربى مەقسەتتە ئىشلىتىلىش مۈمكىنچىلىكى بارلىق پەن-تېخنىكىغا قارشى تۇرۇشقا سەۋەپ بولالامدۇ؟ ئەگەر مۇشۇنداق بىر قاراش راست بولسا، ئۇ چاغدا فىزىكا،خېمىيە،ماتىماتىكا، ئېنژىنىرلىق...لارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق پەن -تېخنىكا ساھەلىرىگە قارشى تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
ئىراق ئۇرىشدا يالغان ئېيتىلدى. نەتىجىسى قانداق بولدى؟ زىنھار گۇمانلانمايمەنكى، يالغانچىلىق ھەرقانداق مەدەنىيەتتە ئەيىپلىنىدۇ. سىزمۇ باشقىلارنىڭ سىزگە يالغان ئېتىشىنى چوقۇم ياقتۇرمايسىز.

پىرىزىدېنت ئەپەندى:
لاتىن ئامېرىكىسى خەلقلىرىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سايلىغان ھۆكۈمەتلىرى قارشىلىققا ئۇچراپ،
چىركىن رەھبەرلەر قوللاشقا ئىرىشىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ نىمىدەپ داۋاملىق تەھدىتكە ئۇچرايدىغانلىقىنىڭ ۋە قورقۇنچ ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى سوراپ بېقىش ھوقۇقى يوقمۇ؟
ئافرىقا خەلقى تىرىشچان، ئىجاتچان ۋە تالانتلىق.ئۇلار ئىنسانىيەتكە خىزمەت قىلىشتا موھىم ۋە قىممەتلىك رول ئوينىيالايدۇ.ئۆزلىرىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشالايدۇ. ئافرىقىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا نامراتلىق ۋە قىيىنچىلىق بۇنىڭغا پۇتلىكاشاڭ بولماقتا.ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كان بايلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەددى -ھېساپسىز بايلىقلىرىنىڭ ئۆزلىرى شۇلارغا ئەڭ موھتاج بولغان بىر ۋاقىتتا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىشىغا نىمە ئۈچۈن دەپ سۇئال قويۇش ھوقۇقىمۇ يوقمۇ؟
يەنە بىر سوراپ باقاي، مۇشۇنداق ھەرىكەتلەر خىرىستوسنىڭ تەلىملىرىگە مۇناسىپ كېلەرمۇ؟ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ماھىيتىگە مۇناسىپ كېلەرمۇ؟

پىرىزىدېنت ئەپەندى،
جەزىملەشتۈرىمەنكى، سىز ئىسرائىلىيىنىڭ قانداق ۋە قانچىلىك بەدەل بىلەن قۇرۇلغانلىقىنى بىلىسىز.
--كۆپ مىڭلاپ ئادەملەر شۇ جەرياندا ئۆلدى.
--مىلىيونلىغان يەرلىك كىشىلەر مۇساپىرلارغا ئايلاندى.
--نەچچە يۈزمىڭ گىكتار تېرىلغۇ يەر،خورمىزارلىق، يېزا-بازارلار ۋەيران قىلىندى.
بۇ تىراگىدىيە ئىسرائىلىيە قۇرۇلغان مەزگىلگىلا خاس بولڭپ قالماستىن، بەلكى 60 يىلدىن بىرى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ھەتتا بالىلارغىمۇ رەھىم -شەپقەت قىلمايدىغان، ئۆيلەرنى ئىچىدىكى ئادەملەر بىلەنلا قوشۇپ ۋەيران قىلىۋىتىدىغان، ئۆلتۈرۈلىدىغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئالدىنئالا ئىلان قىلىپ ئاندىن ئۆلتۈرىدىغان،نۇرغۇن كىشىلەرنى قاماقلارغا سولايدىغان بىرھاكىمىيەت قۇرۇپ چىقىلدى.بۇ ئۆزگىچە بىر ھادىسە، پەقەت بولمىغاندىمۇ كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان ھادىسە.
كىشىلەر سورايدىغان يەنە بىر چوڭ سۇئال شۇكى، مۇشۇنداق بىر ھاكىمىيەت نىمىدەپ قوللاشقا ئىرىشىدۇ؟ بۇ خىل قوللاش ئەيسا خىرىستوس(ئاڭا تىنچلىق بولغاي) ۋە موسا ئەلەيھىسالام (ئاڭا تىنچلىق بولغاي)نىڭ تەلىماتلىرىغا ئۇيغۇن كىلەمدۇ؟ ئەركىنىلىكنىڭ قىممىتىگە توغرا كىلەمدۇ؟
ياكى بولمىسا ئەزەلدىن تارتىپ مۇشۇ زىمىندا ياشاۋاتقانلارنى،مەيلى خىرىستىئان ،مەيلى مۇسۇلمان يا مەيلى يەھۇدى بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشكە رۇخسەت قىلىشنى دىمۇكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىملىرىگە زىت كىلىدۇ دەپ چۈشىنىشىمىز كىرەكمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، ئومۇمخەلق ئاۋازغا قويۇش نىمىدەپ شۇنچە زور قارشىلىققا ئۇچرايدۇ؟
يېقىندا يېڭىدىن سايلانغان پەلەستىن ھۆكۈمىتى تەخت بېشىغا چىقتى. بارچە مۇستەقىل كۈزەتچىلەر بۇ ھۆكۈمەتنىڭ سايلىغۇچىلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى دەلىلىدى. ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان يېرى شۇكى، ئۇلار بۇ ھۆكۈمەتنى قاتمۇ-قات بېسىمغا ئالدى. ئىسرائىلىيە ھاكىمىيتىنى ئىتىراپ قىلىشقا نەسىھەت قىلدى. كۆرەشتىن ۋاز كېچىشكە ۋە ئالدىنقى نۆۋەت ھۆكۈمەتنىڭ ئىزىدىن مېڭىشقا كۆندۈرمەكچى بولدى.
ئەگەر نۆۋەتتىكى پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھۆكۈمەتنىڭ ئىزىدىن ماڭغان بولسا، پەلەستىن خەلقى ئۇلارنى سايلارمىدى؟ پەلەستىن ھۆكۈمىتىگە قارشى بۇ خىل مەيدان مەن باشتا ئوتتۇرىغا قويغان قىممەتلەرگە توغرا كېلەرمۇ؟
كىشىلەر يەنە مۇنداق دىيىشىۋاتىدۇ؛" نىمە ئۈچۈن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭئىسرائىليە ئەيىپلەنگەن قارارلىرىنىڭ ھەممىسى ماقۇللانمايدۇ؟"

پىرىزىدېنت ئەپەندى،
خۇددى ئۆزىڭىز بىلىپ تۇرغاندەك، مەن ئوتتۇرا شەرقلىقلەر بىلەن ياشايمەن، ئۇلار بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشپ تۇرىمەن، ئۇلارمۇ ھەم مەن بىلەن بىر ئاماللارنى قىلىپ ئالاقىلىشىپ تۇرىدۇ. ئۇلارمۇ ئاشۇ گۇمانلىق سىياسەتلەرگە چىنپۈتمەيدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ رايۇندىكى كىشلەرنىڭ ئاشۇ سىياسەتلەرگە بولغان غەزەپ- نەپرىتى كۈنسايىن ئاشماقتا.
مېنىڭ نۇرغۇن سۇئاللار ئارقىلىق ئوڭايسىزلىق پەيدا قىلىش نىيتىم يوق.لىكىن مەن باشقا بىرقانچە نوقتىنى چوقۇم تەكىتلىشىم كېرەك.
نىمە ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرق رايونىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تېخنىكىلىق ۋە ئىلمىي نەتىجىلەر يەھۇدى قىساسچىلىرى(Zionist regime) ھاكىمىيتىگە تەھدىت بولۇپ بىلىنىدۇ؟ ۋە شۇنداق تەسۋېرلىنىدۇ؟
ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەرەققىيات دېگەن بىر ئەلنىڭ ئەقەللى ھوقۇقى ئەمەسمۇ؟
سىز تارىخ بىلەن تونۇش. ئوتتۇرا ئەسىردىن تارتىپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى باشقى قايسى قاراشنىڭ نەزىرىدە جىنايەت دەپ قارىلىپ كەلدى؟ پەن-_تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ھەربى مەقسەتتە ئىشلىتىلىش مۈمكىنچىلىكى بارلىق پەن-تېخنىكىغا قارشى تۇرۇشقا سەۋەپ بولالامدۇ؟ ئەگەر مۇشۇنداق بىر قاراش راست بولسا، ئۇ چاغدا فىزىكا،خېمىيە،ماتىماتىكا، ئېنژىنىرلىق...لارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق پەن -تېخنىكا ساھەلىرىگە قارشى تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
ئىراق ئۇرىشدا يالغان ئېيتىلدى. نەتىجىسى قانداق بولدى؟ زىنھار گۇمانلانمايمەنكى، يالغانچىلىق ھەرقانداق مەدەنىيەتتە ئەيىپلىنىدۇ. سىزمۇ باشقىلارنىڭ سىزگە يالغان ئېتىشىنى چوقۇم ياقتۇرمايسىز.

باتۇر ۋە ئىتىقادلىق ئىران خەلقىنىڭمۇ 1953-يىلىدىكى مالىمانچىلىق، ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ چاغدىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاغدۇرىۋىتىلىشى، ئىسلام ئىنقىلابىغا قىلىنغان قارشىلىق، كونسۇلخانىنىڭ قوماندانلىق شىتابىغا ئايلنىپ قېلىشى،ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە دۈشمەنلىك قىلىش(نەچچە يۈزمىڭ بەت ھۆججەت بۇنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ)،ئىرانغا قارشى ئۇرۇشتا سادامنى قوللاش،ئىران يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرىۋىتىلىشى، ئىران مال-مۈلۈكلىرىنىڭ توڭلىتىلىشى،ئىراننىڭ پەن-تېخنىكا ۋە يادىرو تەتقىقاتى جەھەتلەردىكى نەتىجىلىرىگە نىسبەتەن نارازىلىق، غەزەپ ۋە تەھدىتنىڭ ئېشىپ بېرىشى( دەل مۇشۇ پەيىتتە ئىران خەلقى خوشاللىققا چۆمۈپ،دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىۋاتاتتى.) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەرگە نۇرغۇن نارازىلىقى ۋە سۇئاللىرى بار ئىدى. يەنە باشقا نۇرغۇن نارازىلىقلارنى بۇيەردە دەپ ئولتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم.

پىرىزىدېنت ئەپەندى،
"11-سىنتەبىر" ۋەقەسى ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنچلۇق بىر ئىش بولدى. بىگۇنا كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە تولىمۇ ئوسال ۋە پەس ئىش ھېساپلىنىدۇ. ھۆكۈمىتىمىز دەرھاللا بۇ ئىشنى تېرىغۇچىلارغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى، كىلىشمەسلىككە ئۇچرىغانلارغا بولغان قايغۇسىنى ۋە ھىسداشىلىقىنى ئىپادىلىدى.
ھەممە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈكى ۋە خاتىرجەملىكىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئۇقۇشىمىزچە، ھۆكۈمىتىڭىزكەڭ دائىرىلىك بىخەتەرلىك،قوغدىنىش ۋە جاسۇسلۇق سېستىمىسىنى ئىشقا سالىدىكەن. ھەتتا دۈشمەنلىرىنى چىگرا سىرتىدىمۇ ئۇجۇقتۇرىۋىرىدىكەن. "11-سىنتەبىر" ۋەقەسى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى بىر ھەرىكەت ئەمەس. بۇ ئىشنى جاسۇسلۇق ۋە بىخەتەرلىك سېستىمىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىسىز ياكى ئومۇمىيۈزلۈك سىڭىپ كىرمەي تۇرۇپ پىلانلىغىلى ۋە ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش مۈمكىنمۇ؟ ئەلۋەتتە بۇ پەقەتلا بىر ئاقىلانىلىك بىلەن قىلىنغان پەرەز. نىمە ئۈچۈن بۇ ھۇجۇمنىڭ خىلمۇ-خىل تەرەپلىرى يوشۇرىلىدۇ؟ زادى كىمدىن مەسئۇلىيەتسىزلىك ئۆتكەنلىكى نىمىدەپ خەۋەر قىلىنمايدۇ؟ بۇ ئىشتا مەسئۇلىيىتى بار جىنايەتچىلەر ۋە تەرەپلەر نىمىدەپ پاش قىلىنمايدۇ ۋە سوتقا تارتىلمايدۇ؟
ھەممە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز خەلقىگە بىخەتەرلىك ۋە خاتىرجەملىك يارىتىپ بىرىش مەجبۇرىيتى بار. خېلى يىللاردىن بىرى، دۆلىتىڭىز ۋە دۇنيادىكى چاتاق چىقىۋاتقان جايلارغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ خەلقىگە خاتىرجەملىك نىسىپ بولماي كەلمەكتە. "11-سىنتەبىر" ۋەقەسىدىن كېيىن قاتتىق روھى زەربىگە ئۇچرىغان ئاشۇ ئامان قالغۇچىلارنىڭ ۋە بۇ ھۇجۇم تۈپەيلى روھىيتى ئېغىر يارىلانغان ئامېرىكا خەلقىنىڭ دەردىگە دەرمان ۋە تەسەللى بولۇشنىڭ ئورنىغا بەزى غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى قورقۇش ۋە ئەنسىزلىك كەيپىياتنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىۋەتتى. بەزىلىرى يېڭى ھۇجۇملارنىڭ مۈمكىنچىلىكلىرى ھەققىدە توختىماي گەپ سېتىپ، خەلقنى قورقىتىپلا كەلدى. بۇ مۇلازىمەت ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈنمۇ؟ قورقۇش ۋە ئەنسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى ھېساپلاپ چىققىلى بولامدۇ؟
ئامېرىكا خەلقى ھەر زامان، ھەر جايدا يۈز بىرىش مۈمكىنچىلىكى بولغان يېڭى ھۇجۇملارنىڭ تۈگىمەس ئەندىشىسى ئىچىدە ياشاپ كەلدى. كوچىلاردا ، ئىش ئورۇنلىرىدا ھەتتا ئۆيلىرىدە ئۇلارغا ئارامچىلىق بولمىدى. بۇ ئەھۋالدىن كىممۇ خۇش بولالىسۇن؟ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇلارغا خاتىرجەملىك ۋە ئارامچىلىق ئاتا قىلىشنىڭ ئورنىغا نىمىدەپ ئۇلارنىڭ قورقۇنچىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ؟
بەزىلەر بۇنىڭ ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلىشنى توغرا قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تەتۈر تەشۋىقات ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىكەن. بۇ يەردە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ رولىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ قويىشىم كېرەك بولدى.
ئاخباراتچىلىق نىزامنامىلىرىدە، خەۋەرلەرنىڭ توغرا تارقىتىلىشى، ۋەقەلەرنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن بايان قىلىنىشى پىرىنسىپ قىلىپ بىكىتىلگەن. مەن بەزى غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ پىرىنسىپلارغا قىلغان پەرۋاسىزلىقىغا تولىمۇ ئۆكۈنىمەن. ئىراققا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسلىق باھانىسى بالا-قازا قوراللىرىنىڭ مەۋجۇدلىقى ئىدى. بۇ ھەقتە خەۋەرلەرمۇ قۇمدەك ياغدۇرۇلغان ئىدى. ئاخىرى بۇنىڭغا ئىشىنىشتىن ئىراققا ھۇجۇم قىلىشنىڭ مەيدانى ھازىرلاندى.كاززاپلىق ۋە زىتلىق موھىتىدا راستلىق يوقىلىپ كەتمەسمۇ؟ ئەگەر، راستلىقنىڭ يوقىلىشغا يول قويۇلغان بولسا، ئۇ ھالدا بۇ باشتا تىلغا ئېلىنغان قىممەت قاراشلار بىلەن قانداقمۇ سىغىشار؟ رەببىمىزگە تونۇش بولغان راستلىقمۇ يوقىلىپ كېتەرمۇ؟
پىرىزىدېنت ئەپەندى،
دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە، پۇقرالار ھۆكۈمەتلەرنىڭ تۈرلۈك چىقىملىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەتمۇ ئۆز نۆۋىتىدە پۇقرالىرىغا خىزمەت قىلىشقا قادىر بولالايدۇ.بۇ يەردىكى مەسىلە، ئىراق ھەرىكىتى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان يۈز مىلىيونلاپ دوللارلارنىڭ ئامېرىكا خەلقىگە نىمە پايدىسى تەگدى؟ تولىمۇ جايىدا بولغان ئەقلى-ھۇشىڭىزغا مەلۇم بولغىنىدەك، دۆلىتىڭىزنىڭ بىر قىسىم شىتاتلىرىدا خەلق نامراتلىق ۋە جاپا ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئەلۋەتتە ھەممە دۆلەتلەردە ئازدۇر-كۆپتۈر تېپىلىدۇ. ئەنە شۇنداق مەسىلىلەر ئەستە تۇتۇلغان ئاساستا، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە ئومۇمنىڭ بايلىقىدىن سەرپ قىلىنغان ئاشۇ غايەت زور چىقىمنى خېتىمىزنىڭ دەسلەپكى قىسمىدا تىلغا ئېلىنغان قىممەت قاراشلار بىلەن بىردەك قىلىپ چۈشەندۈرگىلى بولارمۇ؟ يۇقىرىدا دېيىلگەنلەر رايونىمىز ۋە دۆلىتىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ نارازىلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى خالاس.لېكىن مېنىڭ ئاساسلىق قىلىپ دېمەكچى بولغانلىرىمنىڭ ئىچىدىن سىزنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشىڭىز مۈمكىن بولغان بىر قانچىلىرى تۆۋەندىكىچە:

ھوقۇقدارلارنىڭ ئىشخانىلىرىدا كونكرىت بولغان ۋاقتى بار،ئۇلار قارىغۇلارچە ھوقۇق يۈرگۈزمەيدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى تارىخ بەتلىرىگە خاتىرىلىنىدۇ ھەمدە تىزلا يىتىپ كىلىدىغان يىراق كەلگۈسىدە سۇئال-سورىقى قىلىنىدۇ. خەلق پىرىزدېنتلىقىمىزنى ئەلگەكلىرىدىن ئۆتكۈزىشىدۇ.
بىز خەلققە تېنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە ئاسايىشلىق ئېلىپ كەلدۇقمۇ ياكى ئەنسىزلىك ۋە ئىشسىزلىقمۇ؟
بىز ھەققانىيەت تۇرغۇزۇشنى نىيەت قىلدۇقمۇ ياكى ئالاھىدە مەنپەئەتداشلىرىمىزنى قوللىدۇقمۇ؟
نۇرغۇن كىشىلەرنى نامراتلىقتا، جاپادا ياشاشقا مەجبۇرلاپ، بىر قىسملارنى باي ۋە قۇدرەتلىك قىلىپ قويدۇقمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ۋە رەببىمىزنىڭ رازىلىقىنى ئاشۇلارنىڭكىگە تىگىشتۇقمۇ؟
بىز جەمىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلاملىرىدىكىلەرنى قوغدىدۇقمۇ ياكى ئۇلارغا سەل قارىدۇقمۇ؟
بىز دۇنيا خەلقىنىڭ ھەق- ھوقۇقلىرىنى قوغدىدۇقمۇ ياكى ئۇلارغا ئۇرۇشلارنى تاڭدۇقمۇ؟ ئىشلىرىغا قانۇنسىزلارچە ئارىلاشتۇقمۇ؟ دەھشەتلىك تۈرمىلەرنى سېلىپ ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قامىدۇقمۇ؟بىز دۇنياغا تېنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلدۇقمۇ ياكى قورقۇنچ ۋە تەھدىتنى ئاشۇردۇقمۇ؟
بىز خەلقىمىزگە ۋە دۇنيا خەلقىگە راست گەپ قىلدۇقمۇ ياكى بۇرمىلانغان گەپنىمۇ؟ بىز خەلق تەرەپتىمۇ ياكى ئىشغالىيەتچىلەر بىلەن ئۆكتىچىلەر تەرەپتىمۇ؟ بىزنىڭ ھۆكۈمرانلىقىمىز ئەقلىيلىك، مەنتىيقە،ئەخلاق،مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ۋە ھەققانىيەتنى ئومۇملاشتۇرۇش شۇنداقلا خەلق، گۈللىنىش، ئىنسانى غورۇر ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن تىكلەنگەنمۇ ياكى قورال ئىشلىتىشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈنمۇ؟
پىرىزىدېنت ئەپەندى،
دۇنيا بۇ خىل ئەھۋالغا قانچە ئۇزۇنغىچە بەرداشلىق بىرەلەر؟ بۇ خىل يۈزلىنىش دۇنيانى قەيەرگە باشلاپ بارار؟ دۇنيا خەلقى بەزى ھۆكۈمرانلارنىڭ ناتوغرا قارارلىرىنىڭ دەردىنى قاچانغىچە تارتار؟(تاتارياكى تاتا ياكى تارتا؟) بالا-قازا تەرگۈچى قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن كىلىپ چىققان ئەندىشە ۋە خاتىرجەمسىزلىك دۇنيا خەلقىنى يەنە قاچانغىچە يۈرەكئالدى قىلىپ يۈرەر؟ كوچىلار يەنە قاچانغىچە بىگۇنا ئەرلەر،ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قانلىرى بىلەن بويىلىپ تۇرار، پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرى يەنە قاچانغىچە ئۆزلىرىنىڭ باشلىرىغا ئۆرىۋىتىلەر؟ دۇنيانىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن سىز خۇشمۇ؟ سىزنىڭچە نۆۋەتتىكى سىياسەتلەر يەنە داۋاملىشارمۇ؟
ئەسكەر يۆتكەش، ھەربىي ھەرىكەت، بىخەتەرلىك قاتارلىقلارغا مىلىيارتلاپ سەرپ قىلىنغان ئاشۇ پۇللار ئەگەر مەبلەغ سېلىش، نامرات دۆلەتلەرگە ياردەم بىرىش، ساغلاملىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ھەرخىل كېسەللىككە قارشى تۇرۇش، مائارىپ، روھى ۋە جىسمانىي مۇۋاپىقلىق، تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بىرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش پۇرسىتى يارىتىش، تەرەققىيات تۈرلىرى ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىش، توقۇنىشىۋاتقان ئەللەر ئوتتۇرىسىدا تېنچلىق ۋە يارىشىشنى بەرپا قىلىش ،مىللىي، ئىرقىي ۋە باشقا توقۇنۇش يالقۇنلىرىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن سەرپ قىلنسا دۇنيا بۈگۈنكىدەك بولۇرمىدى؟ شۇنىڭ بىلەن دۆلىتىڭىز ۋە خەلقىڭىز كۆڭلى توق ھالدا پەخىرلەنمەسمىدى؟ سىزنىڭ ھۆكۈمىتىڭىز سىياسىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە تېخمۇ كۈچەيمەسمىدى؟ كۆڭلىڭىزگە كەلسىمۇ دەۋىرەي، تارىختىن بۇيان ئامېرىكا قارشى خەلقارالىق نەپرەت ھازىرقىدىنمۇ بەكرەك كۈچىيىۋاتقان چاغ بولۇپ باقمىغان ئىدى.
پىرىزىدېنت ئەپەندى،
مېنىڭ ھېچكىمنىڭ دىلىغا ئازار بەرگۈم يوق ئىدى.
ئەگەر ئىبراھىم ئەلەيھىسالام، ئىسھاق ئەلەيھىسالام، ياقۇپ ئەلەيھىسالام، ئسمائىل ئەلەيھىسالام، يۈسۈف ئەلەيھىسالام ۋە ئەيسا ئەلەيھىسالام (ئۇلارغا تېنچلىق بولغاي) لار بىز بىلەن بىرگە بولغان بولسا، ئۇلار بۇ ئىشلارغا قانداق ھۆكۈم چىقىرار بولغىيدى؟ ئەيسا ئەلەيھىسالام( ئاڭا تېنچلىق بولغاي) مۇ بار بولىدىغان ۋەدە قىلىنغان دۇنيادا بىزنىڭ ئوينايدىغان رولىمىز بولارمۇ؟ ئۇلارھەتتا بىزنى قۇبۇل قىلارمۇ؟ مېنىڭ ئاساسلىق قىلىپ دېمەكچى بولغىنىم، دۇنيادىكى باشقا ئەللەر بىلەن ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىشنىڭ باشقىچىرەك ئۇسۇلى يوقمىدۇ-ئەجىبا؟ ھازىر دۇنيادا نەچچە يۈز مىلىيونلاپ خىرىستىئان، نەچچە يۈز مىلىيونلاپ مۇسۇلمان ۋە نەچچە مىلىيونلاپ مۇسا ئەلەيھىسالام(ئاڭا تېنچلىق بولغاي) نىڭ مۇرتلىرى بار. بارچە ئىلاھىي دىنلاردا ئورتاق بولغان بىر سۆز بار.يەنى، دۇنيادا بىر خۇدادىن باشقا ئىلاھقا ئىتىقاد قىلماسلىقتىن ئىبارەت " بىر خۇدا" سۆزى.
مۇقەددەس "قۇرئان"دا بۇ نوقتا ئالاھىدە تەكىتلەنگەن شۇنداقلا بارلىق ئىلاھىي دىنلارنىڭ مۇرتلىرىغا مۇنداق چاقىرىق قىلىنغان.
" ئى ئەھلى كىتاب!(يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئاللاغىلا ئىبادەت قىلىش،ئاللاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللانى قويۇپ بىر-بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە(يەنى بىر خىل ئەقىدىگە) ئەمەل قىلايلى" دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرىسە(يەنى بۇنى قۇبۇل قىلمىسا):"(ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار (سۈرە "ئال ئىمران" 64- ئايەت.)


پىرىزىدېنت ئەپەندى:
مۇقەددەس كىتابلارغا كۆرە، ھەممىمىز بىر خۇداغا ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىملىرىگە ئىشىنىشكە چاقىرىلغان.
" جاھاندا ھەممىدىن قۇدرەتلىك، خالىغانلىرىنى قىلالايدىغان خۇداغا چوقۇنۇش"
" ياراتقۇچى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن، كەلگۈسى ۋە ئۆتمۈش، بەندىلىرىنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ ۋە ئۇلارنى خاتىرىلەپ قويىدۇ."
" رەببىمىز ئالەملەرنىڭ ئىگىسىدۇر، ئاسمان ۋە زىمىن رەببىمىزنىڭدۇر."
"ئالەم رەببىمىزنىڭ قولىدا يارىتىلغان شۇنداقلا بەندىلەرگە مىھرى-شەپقەت دېڭىزى ۋە گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغفىرەت ئاتا قىلىنغان"
" ئۇ زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەمراھى ۋە زۇلۇم سالغۇچىلارنىڭ دۈشمىنى"
" ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان"
" ئۇ تەقۋادارلار ئۈچۈن بۇلاق، ئۇ ئۇلارنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا باشلايدۇ"
" ئۇ بەندىلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھتۇر"
" ئۇ بەندىلىرىنى تەقۋادار بولۇشقا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا، توغرا يولدا تەۋرەنمەي مېڭىشقا چاقىرىدۇ"
" پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىكە چاقىرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا گۇۋاھ بولىدۇ"
" بۇ دۇنيالىقنى تاللىغانلار،خۇداغا ئاسىيلىق قىلغانلار ۋە خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلغۇچىلار نى توسۇغۇچىلار يامان ئاقىۋەتكە قالىدۇ."
" جەننەتكە رەببىدىن قورققانلار ۋە پەس ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە بىرىلمىگەنلەر كىرىدۇ"

بىز پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىملىرىگە قايتىشنىڭ قۇتۇلۇشقا ئېلىپ بارىدىغان بىردىنبىر يول ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز.مېنىڭ ئۇقۇشۇمچە ، سىز ئەيسا ئەلەيھىسالام(ئا ت ب ) نىڭ تەلىملىرگە شۇنداقلا رەبنىڭ يەر يۈزىدىكى ھۆكۈمرانلقى توغرىسىدىكى ۋەدىگە ئىشىنىدىكەنسىز.بىزمۇ ئەيسا ئەلەيھىسالام(ئا ت ب ) نى ياراتقۇچىمىزنىڭ ئۇلۇغ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. ئۇ "قۇرئان" دا تەكرار-تەكرار ماختالغان.ئەيسا ئەلەيھىسالام "قۇرئان" دا مۇنداق دېگەن:
" ئاللا ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر." سۈرە "مەريەم" 36- ئايەت.
ئاللاغا ئىتائەت قىلىشقا دەۋەت قىلىش بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ بۇرچىدۇر.
ياۋرۇپالىقلار،ئاسىيالىقلار،ئافرىقىلىقلار، ئامېرىكىلىقلار شۇنداقلا جاھاندىكى باشقا ھەممە كىشىلەرنىڭ خۇداسى بىر. ئۇ بولسىمۇ ھەممىنى يىتەكلەيدىغان ۋە غورۇر ئاتا قىلغۇچى رەببىمىزدۇر. ئۇ ئىنسانلارنى ئۇلۇغ قىلغان. مۇقەددەس كىتابلارغا يەنە قاراپ باقايلى:" ھەممىگە قادىر ياراتقۇچى كىشىلارنى بۇزۇقچىلىق ۋە گۇناھلاردىن پاكلاش، ئۇلارغا ئىلاھى مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنى يىتەكلەش ئۈچۈن، پەيغەمبەرلەرنى مۆجىزە ۋە روشەن بەلگىلەر بىلەن ئەۋەتتى." ئۇ يەنە كىشىلەرنىڭ ئاسىي بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ، ئادالەت تىكلىشى ئۈچۈن كىتاب ۋە تەڭشەك ئەۋەتتى. يۇقارقىلار ئىسىل كىتابتىمۇ ئۇچرايدۇ.پەيغەمبەرلەر ۋەدە قىلغان:
ئىنسانلار ئاللانىڭ ھوزۇرىغا جەم قىلىنىدىغان كۈن كېلىدۇ،ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېساپ ئېلىنىدۇ.ياخشىلار جەننەتتىن ئورۇن ئالىدۇ، گۇناھكارلار تىگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ.
مېنىڭچە ھەر ئىككىمىز مۇشۇنداق بىر كۈنگە ئىشىنىمىز.لېكىن ھۆكۈمدارلارنىڭ ھېسابىنى قىلىش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس، چۈنكى بىز خەلققە شۇنداقلا ھاياتى ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە ھالدا بىزنىڭ ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا جاۋاپ بېرەلىشىمىز كېرەك.بارچە پەيغەمبەرلەر بىر خۇدالىق پىرىنسىپى ئاستىدا كىشىلەرگە تېنچلىق، خاتىرجەملىك، ئادالەت ۋە كىشىلىك قەدر-قىممەت يارىتىشنى تىلغا ئالغان.
سىزنىڭچە، ئەگەر بىز بىر خۇداغا ئىشىنىش،ئادالەت، ئىنسانىيلىقنى قەدىرلەش، قىيامەتكە ئىشىنىش قاتارلىق پىرىنسىپلارغا ئىشەنگەن ۋە ئەمەل قىلغان بولساق، ياراتقۇچىمىز ۋە پەيغەمبەرلىرىمىزگە ئىتائەت قىلماسلىقتىن كېلىپ چىققان مۇشۇ بىر قاتار مەسلىلەرنى يەڭگەن ۋە ئۆزىمىزنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرماسمىدۇق؟
سىزنىڭچە مۇشۇ پىرىنسىپلار تېنچلىق، دوستلۇق، ئادالەتنى ئىلگىرى سۈرمەسمۇ؟ كاپالەتلەندۈرمەسمۇ؟
سىزنىڭچە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋە تىلغا ئېلىنمىغان پىرىنسىپلار يەر يۈزىدە ھەممىگە ئورتاق ئەمەسمىدۇ؟
سىز بىر خۇداغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ تەلىملىرىگە، ئىنسانىي قەدر-قىممەتكە، ئادالەتكە ، خۇداغا بولغان ئىتائەتكە ھەقىقى قايتىش ھەققىدىكى بۇ تەكلىپنى رەت قىلارسىزمۇ؟

پىرىزىدېنت ئەپەندى؛
زوراۋان ۋە ۋەھشى ھۆكۈمەتنىڭ زاۋال تاپىدىغانلىقى تارىختىن بۇيان ھەممىگە مەلۇم.خۇدا ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۇلارغا ھاۋالە قىلغان. خۇدا ئىنسانىيەتنى ۋە ئالەمنى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئۆز مەيلىگە تاشلاپ قويمايدۇ. ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە پىلانلىرىغا قارشى نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى.بۇنىڭدىن قۇدرەتلىك بىر كۈچنىڭ ھەرىكەتتە ئىكەنلىكىنى، ھەممىنىڭ شۇ قۇدرەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئۆزگىرىش ئالامەتلىرىنى كىممۇ ئىكار قىلالىسۇن؟ بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى ئون يىل ئالدىدىكىگە سېلىشتۇرغىلى بولامدۇ؟
ئۆزگىرىشلەر ۋەھشى تىز سۈرئەتتە يۈز بەرمەكتە.كىشىلەر دۇنيادىكى نوپۇزلۇق رەھبەرلەرنىڭ نوپۇزى ۋە ۋەدىلىرىدىن نارازى بولۇشماقتا ۋە ئۇلارغا ئانچە پىسەنت قىلمايدىغان بولۇشماقتا.دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئەنسىزلىك ۋە ئۇرۇش ۋەسۋەسىسى ئىچىدە ياشىماقتا. سىياسەتلەرنى قوللاشقا، ئىشىنىكە ئامالسىز قالماقتا.مۇشۇ كىشىلەر باي-كەمبەغەللىك ۋە ئىرىشكەنلەر بىلەن ئىرىشەلمىگەنلەر ئارىسىدىكى كۈنسىرى چوڭىيىۋاتقان پەرققە قارشى تۇرماقتا.
خەلق چىرىكلىكتىن جاق تويماقتا.كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى خەلق ئۆز مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئاساسلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملارغا، ئائىلىلەرنىڭ يىمىرىلىشىگە غەزەبلەنمەكتە. كۆيۈم ۋە مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىشى ئۇلارنىڭ كەيپىنى ئۇچارماقتا.دۇنيا خەلقىنىڭ خەلقارالىق تەشكىلاتلارغا بولغان ئىشەنچسىمۇ قالمىغىلى تۇردى، چۈنكى بۇ تەشكىلاتلار ئۆز ھوقوقىنى ئۆزى ئىشلىتەلمەيۋاتىدۇ. لىبىرالىزىم ۋە غەربچە دىمكۇراتىيە ئىنسانلارغا ئۆزلىرىنىڭ غايىسىنى تونۇتۇشقا قادىر بولالمىدى. بۇ ئىككى ئۇقۇم ئەمدى مەغلۇپ بولدى. ھۇشيارلار ئاللىقاچان لىبىرالىزىمچە دىمكۇراتىيە سىستىمىسىنىڭ شالاقشىپ قالغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۈلگۈردى.بىز دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە شۇنداق بىر مەركىزى نوقتىغا-يەنى، ھەممىگە قادىر خۇداغا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. شەك-شۈبھىسىزكى، ئىنسانلار خۇداغا ۋە پەيغەمبەرلەرگە بولغان ئىتائەت بىلەنلا دۇنيادىكى مەسلىلەر ئۈستىدىن غالىپ كىلەلەيدۇ. سىزدىن سوراپ باقاي: "سىزنىڭ شۇلارغا قوشۇلغىڭىز يوقمۇ؟"
پىرىزىدېنت ئەپەندى؛
مەيلى بىز ياقتۇرايلى ياكى ياقتۇرمايلى، دۇنيا خۇداغا بولغان ئىتىقادقا ۋە ئادالەتكە يۈزلىنىدۇ، خۇدانىڭ ئىرادىسى ھەممىدىن غالىپ كىلىدۇ.

Vasalam Ala Man Ataba'al hoda

مەھمۇد ئەھمەدى نىجاد
ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىرىزىدېنتى


قاتتىق سۆز-ئىبارىلەر قوللىنىلغان نۇتۇق

]ئامېرىكا << ۋاشىنگتون پوچتىسى>> گېزىتى تور پونكىتىنىڭ 25-سېنتەبىر خەۋىرى[ تۈنۈگۈن ۋاشىنگتون مەملىكەتلىك ئاخبارات بىناسىنىڭ سىرتىغا نۇرغۇن نامايىشچىلار توپلاندى. نىجاد ئاخبارات كۇلۇبىغا بارغىچە ئون مىنۇت كېچىكىپ قېلىپ، نيۇ-يوركتىكى تېلېۋىزىيىسىدە بىۋاستە كۆرسىتىش ئۆيىگە دەل ۋاقتىدا بارالمىدى. ئاندىن ئۇنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇنىڭ قاتتىق سۆز-ئىبارىلەر قوللىنىلغان نۇتقى ئەمدىلا يېرىملىشىشى بىلەنلا نىجاد كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا نۇتۇق سۆزلەشكە بېرىشتىن ئىلگىرى ناماز ئوقۇيدۇ، ئاخبارات كۇلۇبىغا نىجاد مۇددەتتىن 15 مىنۇت ئىلگىرى مېڭىشى كېرەك، دەپ ئۇقتۇردى.

]ئامېرىكا <<نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى>> تور پونكىتىنىڭ 25-سېنتەبىر خەۋىرى[ نىجاد ناتسىسلارنىڭ 6 مىليون يەھۇدىنى قىرغىن قىلغانلىقىنى پاكىت دەپ قارىماستىن، ئەكسىچە بىر خىل سەپسەتە دەپ قاراش كېرەك، شۇڭا، بۇ مەسىلە توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىشقا ۋە تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ، دېدى.
ئىران زوڭتۇڭى نىجاد تۈنۈگۈن كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتىتېتىدا ئىككى سائەتكە يېقىن <<تىل ئۇرۇشى>> قىلدى. ئۇ سۆزلىگەن چۈشەنگۈسىز قاراشلار ئۇنى نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق، دەپ قارىغان كىشىلەرگە باھانە تېپىپ بەردى. بىراق، ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى غەرب ( بولۇپمۇ ئامېرىكا) نىڭ نوپۇزىنى ئاشكارا مەنسىتمىگەنلىكىنىڭ ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتتە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
نىجاد رىياسەتچى بىلەن كۆپ قېتىم تاكاللىشىپ قالدى. ئۇ ئامېرىكىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلارنى قوللىدى، دەپ ئەيىبلىدى ھەم ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ ئىراننىڭ يادرو قارا نىيىتىنى چەكلەش تىرىشچانلىقىنى ساقتىلىق، دەپ سۆكتى.
نىجاد مۇنداق دېدى: << سىلەر 5-ئەۋلاد ئاتوم بومبىسىنى ياساپ چىقتىڭلار ۋە سىناق قىلدىڭلار، سىلەرنىڭ پەقەت يادرو ئېنېرگىيىسىگىلا ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلاردىن گۇمانلىنىشقا نېمە ھەققىڭلار بار؟>> ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: << مېنىڭچە، سىياسىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، (ئاتوم بومبىسىغا ئېسىلۋالغان ئاشۇ سىياسەتۋازلار ئەقىلسىز) >>.
نىجاد ھەم ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى ھەم بەزى ھېسداشلىققا ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىران ئىسرائىلىيىنى ئېتراپ قىلمايدۇ، چۈنكى، ئىسرائىلىيە << ئىرقى ئايرىمىچىلىق، ئىشغالىيەت ۋە تاجاۋۇزچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان دۆلەت، ئۇ قوشنىلىرىغا تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتىدۇ>>.

] شياڭگاڭ << يۇلتۇزلۇق ئارال>> گېزىتىنىڭ 25-سېنتەبىر خەۋىرى[ ئىران زۇتۇڭى نىجادنىڭ ئامېرىكىغا قىلغان سەپىرى ئۇدا غۇۋغا قوزغىدى. ئۇنىڭ كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغانلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتتىق ئېتىزار بىلدۈرۈشىگە ئۇچرىدى. لوزۇنكىلرنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ: << نىجادقا ئۆچ ئېلىش سەھنىسى ھازىرلاپ بەرمەيلى!>> دەپ شوئار توۋلاپ، نىجادنى 2-گېتلېر، ناتسىسلارنىڭ چوڭ قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىدەك پاكىتنى ئاشكارە ئىنكار قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى. نيۇ-يورك شىتاتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى: كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى << بۇ ئەسەبىي پاكىنەك گېتلېر >> نى تەكلىپ قىلماسلىقى كېرەك ئىدى، دېيىشتى.

يارىشىش پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرۈپ، جامائەتچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈش

] شياڭگاڭ << ئەلچى >> گېزىتىنىڭ 25-سېنتەبىر خەۋىرى[ يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىگە كەلگەن نىجاد بۈگۈن ب د ت يىغىنىغا قاتناشتى ۋە نۇتۇق سۆزلىدى.
نىجاد ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن نيۇ-يوركقا بېرىشتىن ئىلگىرى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ئىران يادرو قورالىغا مۇھتاج ئەمەس، ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇشۇشنىمۇ خالىمايدۇ، دەپ يارىشىش پوزىتسىيىسىدە بولغانىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا خەلقى دۇنيادىكى ئوخشىمىغان قاراشلارنى چۈشۈنۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇڭا، مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىلىقلارغا << توغرا ۋە ئېنىق ئۇچۇر >> بەرمەكچىمەن. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سەپەر مېنى مۇستەقىل سىياسىي ئەربابلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر قىلدى، ب د ت مۇ ئىرانغا سەھنە ھازىرلاپ، ئىران خەلقىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى دۇنياغا نامايان قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى.
ئامېرىكىلىقلار نىجادنىڭ نيۇ-يوركتا زىيارەتتە بولۇشتا ئۆز-ئۆزىنى تەشۋىق قىلىش مۇددىئاسىنىڭ بارلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ.

غەلىتە تاكتىكىلارنى ئارقا-ئارقىدىن قوللىنىپ، ئامېرىكىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىش

] شياڭگاڭ << ئەلچى >> گېزىتىنىڭ 25-سېنتەبىر ماقالىسى[ نىجاد تەشۋىقات ئۇرۇشى قىلىشقا ماھىر. ئۇ نيۇ-يوركقا بېرىپ ب د ت يىغىنىغا قاتناشتى، يەنى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن دۇنيا داھىيلىرى مۇنبىرىگە قاتناشتى. نىجادنىڭ ھەقىقىي مۇددىئاسى جامائەتچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈش. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ھەمىشە غەلىتە تاكتىكىلارنى ئىشلىتىپ ياكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ، ئامېرىكىنى ئوسال ئەھۋالغا قويىۋاتىدۇ.
بۇ يىل 4-ئايدا، ئىران تالاش-تارتىش بولاۋاتقان سۇ تەۋەلىكىدە چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان 15 ئەنگلىيىلىك ئەسكەرنى تۇتۇپ قالغان، بىر مەزگىللىك تىركىشىشتىن كېيىن، نىجاد ئۇشتۇمتۇت قاتتىق پوزىتسىيىسىدىن يېنىپ، تۇتقۇنلانى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرگەن، يەنى تېلېكامېرا ئالدىدا قويۇپ بېرىلگەن ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىنى شەخسەن ئۆزى ئۇزۇتۇپ قويغان. ئۇ ئارىلىقتا ئۇلار بىلەن چاقچاق قىلىشىپ كۈلۈشكەن، بۇ ئىش ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ناھايىتى تەڭلىكتە قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئىران بىر قېتىملىق ئاممىۋى مۇناسىۋەت جېڭىدە غەلىبە قىلدى، دەپ قارالغانىدى.
نىجاد ئىلگىرى ب د ت يىغىنىغا قاتناشقاندا، ئامېرىكىنى ئۇرۇش تەلۋىسى، دەپ سۆككەن ئىدى. يەنە ئوخشىمىغان سورۇنلاردا ناتسىستلارنىڭ چوڭ قىرغىنچىلىق قىلغانلىق تارىخىدىن گۇمانلانغان ھەم << ئىسرائىلىيىنى خەرىتىدىن ئۆچۈرۋېتىش كېرەك>> دەپ خەلقئارا جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.
غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولغان ئامېرىكىلىقلار نىجادنى << قارشى ئېلىنمايدىغان شەخس>> دەپ قاراپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىماي كەلدى. لېكىن، نىجاد نيۇ-يوركقا بېرىپ، ب د ت يىغىنىغا قاتناشتى، يەنى بۇشقا ب د ت يىغىنىدا ئاشكارە مۇنازىرلىشەيلى، ئىراق ئۇرۇشى قاتارلىق خەلقئارا مەسىلىلەرگە بولغان پوزىتسىيىمىزنى شەرھىيلەيلى ۋە ھەل قىلىش لايىھىسىنى ئوتتۇرغا قويايلى، ب د ت نىڭ 200 يېقىن ئەزاسىنى ھۆكۈمچى قىلىپ، دۇنيا تەۋەسىدە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاشكارا ئاۋازىغا قويۇپ، ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن لايىھىنى ئىجرا قىلايلى، دەپ تەكلىپ بەردى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، نىجاد ئۆزىنىڭ ئاق كۆڭۈللىكىنى نامايان قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى. ئامېرىكىغا بېرىشتىن ئىلگىرى، ئىرانغا يادرو قورالى كېرەك ئەمەس، ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلىشنىمۇ خالىمايدۇ، دېدى. نىجاد ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ دۇنيا سودا مەركىزى خارابىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارزۇسىنى رەت قىلغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، نيۇ-يورك مەسئۇل دائىرلىرىنىڭ قارارىنى ھۆرمەت قىلىمەن دېدى، بۇ توغرىسىدا ئۆز گېپىدە تۇرىۋالمىدى. نىجادنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئۇرۇشقاق ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

<< پايدىلىنش گېزىتى >> دىن ئېلىندى
2007-يىل 28- سېنتەبىر


قەھرىمان دۇنياغا كەلدى

(كەتمەنباينىڭ بايانى: ھۇنلار تارىخىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بىر قەدىمقى مىللەت. ئۇلارنى بىلىش ۋە چۈشىنىش تارىختىكى ھەم بۈگۈنكى ئۆزىمىزنى بىلىش ۋە چۈشىنىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. بىز ھۇنلارنى كۆپ ھاللاردا دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمقى تارىخ كىتاپلىرىغا تايىنىپ چۈشىنىپ كەلدۇق. ھۇنلار تارىخىنىڭ يەنە بىر ئەڭ شانلىق سەھىپىسى ياۋرۇپادا يېزىلغان. ياۋرۇپانىڭ كۆزى بىلەن ھۇنلارنى كۆرۇپ بېقىش بىز ئۈچۈن تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولسا كىرەك. «ئاتتىلا ھەققىدە رىۋايەت» دىگەن كىتاپنى بەلكىم تورداشلار ئوقۇغاندۇر. لېكىن ئۇنىڭ جەۋھەرلەنگەن قىسمىنى ئەمدى ئوقۇيدۇ. ئۆتكەن ئايلاردا تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا ھۇنلار ھەققىدىكى ئىككى تىمامنى – يەنى «ھۇنلار كەپتۇ. قىيامەت بولغۇدەك!» ۋە «بۈيۈك مىللى كۆچۈش» دىگەن ئىككى تىمامنى سۇنغان ئىدىم. ئەمدى ھۇنلار ھەققىدىكى - «قەھرىمان دۇنياغا كەلدى» دېگەن ئۈچىنچى تىمامنى سۇندۇم.)
IV ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ياۋرۇپادىكى ھۇنلار قۇدرەتلىك ئەللەردىن سانىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. (ھۇنلارنىڭ ياۋرۇپادا قۇدرەتلىك ئىمپىرىيە قۇرۇشىغا يىتەكچىلىك قىلغان تەڭرىقۇت دەل ئاتتىلا ئىدى).
«ئاتتىلا» دىگەن بۇ ئىسىمنى كىيىنكى كىشىلەر بۇ ھۇن ئاتامانىغا قويۇپ قويغان بولۇشى، «ئاتتىلا» ئۆزى بۇ ئىسىمنى ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشى مۈمكىن. «ئاتتىلا» دىگەن بۇ ئىسىم گۇتلارنىڭ رىۋايىتىدىن كەلگەن بولۇپ، «ئاتا» دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ھۇن ئاتامانىنىڭ ئىسمىنىڭ زادى نىمىلىكىنى بىزمۇ بىلەلمىدۇق.
گۇتلاردا بىر ئايال داخاننىڭ سازلىققا قوغلىۋىتىلگەنلىكى ھىكايە قىلىنغان بىر ئەپسانە بار. رىۋايەت قىلىنىشىچە: ئايال داخان ئۇ يەردە ئالۋاستى بىلەن جۈپلىشىپ، بەتبەشىرە ھۇنلارنى تۇغقانمىش. ئۇلارنىڭ تىلى بولمىغاچقا ھايۋاندەك چىقىرارمىش. بۇ سازلىق جاي دەل ياۋرۇپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جۇغراپىيەلىك چىگرىسىدۇر. ئاتتىلا گەرچە كۆچمەن چارۋىچى مىللەتنىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ، لىكىن ئۇ پۈتۈنلەي يېڭى بىر دەۋردە ئۆسۈپ يېتىلگەن.
مىلادىيە 410- يىلى ئاتتىلا ئون تۆت يېشىدا غەربىي رىمنىڭ پايتەختى راۋىننادىكى خوننولىئوسنىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كېلىنگەن، ئۇ چاغلاردا ئاقسۆڭەك ۋە بەگلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئاتالمىش بارىمتاي سۈپىتىدە باشقا ئەللەرنىڭ ئوردىسىغا ئەۋەتىلىپ، يات ئەللەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۈگىنىش ناھايىتى ئومۇملاشقان.
راۋىننا – رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ پايتەختى ئىدى. رىم بولسا مەمۇرىي پايتەختى ئىدى.
ئاتتىلا ئۆزىدىن بەش ياش چوڭ رىملىق ئاقسۆڭەك ئائېتىئۇس بىلەن ئاغىنە بولغان. ئائېتىئۇس ئىلگىرى ھۇن تەڭرىقۇتى رۇئانىڭ ئوردىسىدا بارىمتاي بولۇپ تۇرغان. ئاتېئىئوس ھۇنلاردىن ئات مېنىش ۋە ئوقيا ئېتىش ماھارىتىنى ئۆگەنگەن. ئاتتىلا رىم دۇنياسىنى چۈشەنگەندەك، ئاتېئىئوسمۇ ھۇنلار دۇنياسىنى چۈشەنگەن.
ئاتتىلا بۇ يەردە يۇنان تارىخى ۋە رىم تارىخى، شۇنىڭدەك مەدەنىيەت دۇنياسىنىڭ ئېسىل ئۆرپ – ئادىتىنى ئۆگەنگەندىن باشقا، يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن خىرىستىئان دىنى بىلەن پىششىق تونۇشقان. لاتىن تىلىنىمۇ ئوبدان ئۆگەنگەن. ئۇ يەنە رىملىقلارنىڭ كۆزى بىلەن دۇنياغا نەزەر سېلىشنىمۇ ئۆگەنگەن. بۇنىڭ بىلەن ئاتتىلا رىملىقلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىتتىپاقدىشى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنىمۇ بولۇپ قالغان.
ئاتتىلانىڭ بالىلىق دەۋرىدە ھۇنلار بىلەن رىم ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش تېخىچە داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ھۇن چەۋەندازلىرى تەرەپ- تەرەپتىن شەرقىي ۋە غەربىي رىم ئىمپىرىيەلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى.
دانىشمەن ھىخمىس 396- يىلى مۇنداق دەپ يازغان ئىدى: «بۇ دەۋرنىڭ ھالاكىتىنى ئويلىغىنىمدا يۈرىكىمنى تىترەك باسىدۇ. يىگىرمە يىلدىن بىرى ھەر كۈنى دىگۈدەك رىملىقلارنىڭ ئىسسىق قېنى قۇستەنتەنىيەدىن ئالپىس تاغلىرىغىچە ئېقىۋاتىدۇ ... قانچىلىغان دەريالارنىڭ سۈيى ئىسسىق قان بىلەن قىپقىزىل بويالدى.
مىلادىيە 434- يىلى تەڭرىقۇت رۇئا ۋاپات بولغاندا، ھۇنلارنىڭ قەدىمقى ئادىتى بويىچە رۇئانىڭ ئىككى جىيەنى بولمىش بىلېدا بىلەن ئاتتىلا تەڭرىقۇتلۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان.
رىملىقلار 453- يىلى ترانسىلۋانىيە تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە (ھازىرقى رۇمىنىيەنىڭ ماگس شەھىرى) ھۇنلارنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا ھۇنلار بىلەن تىنچلىق كىلىشىمى تۈزگەن. بۇ كېلىشىم ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلالمىسىمۇ، ھۇنلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھۇنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان زىمىنى رىم ئىمپىرىيەسىدىن باشقا پۈتكۈل ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋرۇپاغىچە كىڭەيگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتەك دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان. ھۇنلارنىڭ تەسىر كۈچى رېيىن دەرياسىغىچە كېڭەيگەن بولۇپ، دەريانىڭ يەنە بىر قىرغىقى ئائېتىئوسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى گاللىيە ئىدى.
ئائېتىئوس رىم ئىمپىرىيەسى قوشۇنلىرىنىڭ باش قوماندانلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، ھۇنلارغا گاللىيە رايونىنىڭ تەپتىشلىك ھوقۇقىنى بەرگەن. غەربىي گوتلار يەنە بىر قېتىم ھۇن ياللانما لەشكەرلىرىنىڭ شەپقەتسىز زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. بىلىدانىڭ رەھبەرلىكىدە ھۇنلار بىر ھۇجۇم بىلەن بۇرگوندلارنى تارمار قىلغان. بۇرگوندلارنىڭ يوقۇتۇلغانلىقىدەك ئەمەلىيەت گىرمان مىللەتلىرىنىڭ قەلبىدە ئېغىر جاراھەت پەيدا قىلغان. نۇرغۇن خەلق رىۋايەتلىرىدە بۇ تارىخ خاتىرىلەنگەن. نەچچە يۈز يىلدىن كېيىن بۇ تارىخ ئاساسىدا «نىبىلۇنگېن ناخشىسى» دېگەن بۈيۈك داستان يېزىپ چىقىلغان.
ئاتتىلا دۇنيا تارىخىدىكى داھىيانە سىھرىي كۈچكە ئىگە ھۆكۈمرانلارنىڭ بىرى. ‹ئاتتىلا› دېگەن ئىسىم بىلەن چېتىشلىق بولغان ھوقۇق، رەھىمسىزلىك ۋە قايناق ھىسسىيات ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كىشىلەرنى ۋەسۋەسىگە سىلىپ كەلدى. :
ھىسابسىز بايلىقى، رىم پادىشاھى ئالدىدىكى مەغرۇرلىقى، ئىشرەتپەرەسلىكى، ئۇرۇشلاردىكى چىدامچانلىقى، دىپلوماتىيە ماھارىتى ۋە ئەڭ ئاخىرى ساھىپجامالنىڭ باغرىدا سىرلىق ئۆلۈپ كىتىشى – بۇ كۆچمەن چارۋىچى مىللەتنىڭ ئاتامانىنى رىۋايەت تۈسىنى ئالغان سىرلىق شەخس قىلىپ قويغان. «نىبىلۇنگېن ناخشىسى» دىكى ھۇن تەڭرىقۇتى ئېسىلنىڭ پىروتوتىپى بولغان ئاتتىلا دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىغا مەڭگۈلۈك كىرگۈزۈلگەن.
بىر تەڭرىقۇتنىڭ ھوقۇقىنى ئىككى بەگنىڭ تەڭ تۇتۇشى ھۇنلارنىڭ ئەنئەنىسى ئىدى. بىلىدا بىلەن ئاتتىلانىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا چېچىلاڭغۇ قەبىلىلەر ئىتتىپاقى راۋاجلىنىپ، تەشكىلچانلىقى كۈچلۈك، ھوقۇق مەركەزلەشكەن ئىمپىرىيەگە ئايلانغان.
بىلىدا بىلەن ئاتتىلا ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلغانلارغا قىلچە رەھىم قىلمىغان.
ئاتتىلانىڭ نىشانى – ھوقۇقنى ئۆزى يالغۇز ئىگەللەش ئىدى. ئۇ ئاۋۋال بىلىدانى يوقۇتۇشى كېرەك ئىدى. ئىمپىرىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تولۇق مۇستەھكەملىنىپ بولغاندا، ئاندىن ئاتتىلا بىلىدانى يوقۇتۇشنى پىلانلىغان. 445- يىلىنىڭ بىر كۈنى ئاتتىلا بىلىدانى ئالداپ ئۆزى قۇرغان توزاققا چۈشۈرگەن.
باشقا مۇستەبىتلەرگە ئوخشاش ئاتتىلا ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئىشەنمىگەن. كىمكى مۇتلەق بوي سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىسە، ئۇ كىشى چوقۇم شەپقەتسىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.
ئاتتىلانىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىدا خام – خىيالغا بېرىلىش ۋە مەنمەنچىلىك قىلىش ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك، ئۇمۇ رىم پادىشاھلىرىدەك ئۆزىنى ‹ئىلاھنىڭ ئەۋلادى› دەپ قاراپ، ئىلاھ مارىسنى ‹بەلكىم مېنىڭ ئەجدادىم بولۇشى مۈمكىم› دەپ ھىساپلىغان.
ئاتتىلا ھۇن ئىمپىرىيەسىنىڭ بۇنچە كەڭرى زىمىنىنى قانداق ئىدارە قىلغان؟
رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتتىق ئىدارە قىلىدىغان بىر قانچە ئورگاندىن تەركىب تاپقان بولسا، ھۇن ئىمپىرىيەسى بىرلا شەخسكە تايىنىش سىستېمىسى ئارقىلىق ئىمپىرىيە زىمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
ئاتتىلا گاللىيەگە يۈرۈش قىلىشنىڭ ئىستىراتىگىيەسىنى تۈزۈۋاتقاندا باشقا يەرلەردىكى ئۇرۇشلارنىڭ تەرەققىياتىنى قانداق بىلگەنلىكى ھازىرغىچە بىر سىر بولۇپ تۇرماقتا. ئۇ تۆت مىڭ كىلومىتىر يىراقلىقتىكى پىرسىيەدە بولۇۋاتقان ئۇرۇشنىڭ ئەھۋالىدىن قانداق خەۋەر تاپقان؟
تەڭرىقۇتنىڭ يىنىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇشاۋۇرلاردىن ئونىگىسىئوس بىلەن سىكتاس ئاكا – ئۇكا ئىككەيلەن بار ئىدى. بۇ ئىككىسى يۇنانلاشقان ياۋايىلاردىن بولۇپ، ئۆزلىرىگە يۇنانچە ئىسىم قويۇۋالغان. ئۇلار گېرىك تىلى، لاتىن تىلى ۋە ھۇن تىلىنى بىلگەن.ئونىگىسىئوسنىڭ ئورنى ئاتتىلادىنلا كېيىن تۇرغان. بەلكىم ئۇ ئاتتىلا چەكسىز ئىشەنگەن بىردىنبىر شەخس بولۇشى مۇمكىن.
ئىمپىرىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاتتىلا ھۆكۈمرانلىقىنى بېقىندى گىرمان دۆلەتلىرىنىڭ پادىشاھلىرىغا تايىنىپ يۈرگۈزگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئالان بەگلىرى، شەرقىي گۇتلارنىڭ پادىشاھى رەدارىسى، گىپىتلارنىڭ پادىشاھى ئادارىسى قاتارلىقلار بار ئىدى. يوھاننىس: ‹ئادارىسىنىڭ نامى ئەڭ مەشھۇر بولۇپ، سادىقلىقتا ھەتتا ئاتتىلانىڭ مەسلەھەتچىلىرىدىن بولۇپ قالغان. بارلىق پادىشاھلارنىڭ ئىچىدە كاللىسى ئۆتكۈر ئاتتىلا ھەممىدىن بەك ئادارىسىغا ئامراق› دەپ يازغان. گىپىتلار ئىلگىرى ھۇنلار بىلەن ھايات – ماماتلىق جەڭلەرنى قىلغان خەلق بولۇپ، ئاخىرى يەنىلا ھۇنلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولۇپ قالغان. گىپىتلارچە سادىقلىق ماقال – تەمسىللەردە گىرمان مىللىتىنىڭ پەزىلىتىدىكى ‹مۇتلەق ئىتائەت قىلىش› مەنىسىنى ئىپادىلەيتى.
خەلقى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاتتىلا خۇددى ئادەتتىكى ئاتىدەك تەڭرىقۇت بولغان. قوشۇندا بىر ئاددى لەشكەردەك بولغان. ئۇ قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، جازا بىلەن مۇكاپاتنى ئېنىق ئايرىغان.
ئاتتىلانىڭ بۇنداق كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغان ئاددىي – ساددىيلىقى بەلكىم بىر تاكتىكا بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ شاراب ئىچىش ئادىتى ۋە ئۈزۈلدۈرمەستىن يېڭى – يېڭى ساھىبجاماللارنى ئەكەلدۈرۈپ، ھەرەمخانىسىنى توشقۇزۇپ تۇرۇشى، ئۇنىڭ تۇرمۇش جەھەتتە قانداقلا دېگەن بىلەن ئۆزىنى تۇتىۋالالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
جوردانىس گوتلار تارىخىدا ئاتتىلانى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: ‹ئۇ پاكىنەك، كۆكرىكى كەڭ، يوغان باش، كىچىك كۆزلىرى كۈلرەڭ، بۇرنى پاناق، قارامۇتۇق ئادەم. قەدەملىرى ئېغىر، كۆز قاراچۇقى پىرقىراپ تۇرىدۇ. بەدەن ھەرىكىتىدىن ئىرادىسى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۆزى ئۇرۇشخۇمار بىر كىشى. ئۇ تۇغۇلىشىدىنلا ھەممە مىللەتلەرنى قورقۇتۇپ، پۈتۈن دۇنيانى ساراسىمىگە سالغان ئادەم
پىرىسكوس ئاتتىلا توغرىسىدا مۇنداق دەپ يازغان: ‹ئۇ ئۇرۇشقا ئامراق بولسىمۇ، ھامان يەتتە ئۆلچەپ بىر كىسەتتى. ئاساسەن ئەقىلگە تايىناتتى. باشقىلارنىڭ ئىلتىجاسىغا ھىسداشلىق بىلدۈرەتتى. بېقىنغانلارغا بەك كەڭچىلىك قىلاتتى. ئۇ ھەم ئەقىللىق، ھەم ھىلىگەر بولۇپ، باشقىلارغا تەھدىت سالغاندا تەھدىت سېلىۋاتقىنىنى سەزدۈرمەيتى›.
ئاتتىلانىڭ بىر پارچىمۇ ئىشەنچىلىك رەسىمى قالدۇرۇلمىغان. رەسساملارنىڭ تەسۋىرىدىكى ئاتتىلانىڭ رەسىمىدە ياۋرۇپالىقلارنىڭ چىراي ئالاھىدىلىكى ئىپادىلەنگەن. ,
ئىتالىيەنىڭ پارمادىكى كارت مۇناستىرىنىڭ سىرتقى تېمىدىكى بىر مەرمەر تاشقا بۇ ھۇن تەڭرىقۇتىنىڭ باش سۈرىتى قاپارتما قىلىپ ئويۇلغان بولۇپ، سۈرەتنىڭ ئاستىغا ‹ATTILA,FLAGELLUM - تەڭرىنىڭ جازاسى› دېگەن مەنىدىكى چۈشەندۈرۈش يېزىلغان. بۇ نەچچە ئەسىردىن كىيىنكى كىشىلەر ئۇنىڭغا بەرگەن نام ئىدى.
ئاتتىلانىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنى يەنىلا ئائىتىئوس بولۇپ، ئۇ رىمنىڭ ئۇرۇشخۇمارلىرىدىن ئىدى. ئۇ راۋىنادىكى چىغىدا ئاتتىلا بىلەن ئاغىنە بولۇپ ئۆتۈپ، ئۇزاق مەزگىل بىر سەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلغان بولسا، ئەمدى ئەشەددىي دۈشمەنلەردىن بولۇشۇپ قالغان ئىدى. بۇ ئىككەيلەننىڭ سىياسىي مەقسىتى ئوخشىمايتى. دۈشمەن بولۇشۇپ قىلىشتىن ئىلگىرى، ئائىتىئوس ھۇنلارنىڭ يارىدىمى ئارقىلىق رىمدەك كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ پارچىلىنىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان.
451 – يىلى 2 – ئايدا ئاتتىلا رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەت قوشۇنلىرى بىلەن رىملىقلار ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان دەھشەتلىك ئۇرۇش باشلانغان. تارىخچىلار بۇ ئۇرۇشنى ‹كاتالونىيان ئۇرۇشى› دەپ ئاتىغان.
رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئاتتىلانىڭ پارىزغا ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن، پارىز شەھرىنىڭ ھىمات ئىلاھى بولغان كىنوۋىۋا ئاپئاق كىيىنىپ ئاتتىلانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ‹ۋىجدانىڭ ئۆرتەنگۈدەك ئەيىپلىنىپ، ئاتلىق لەشكەرلىرىڭ، جەڭ ھارۋىلىرىڭ، ئادەملىرىڭ ۋە ئەگەشكۈچىلىرىڭنى ئېلىپ، قىقاس – سۈرەن سېلىشقىنىڭچە شەرققە چېكىنىسەن› دېگەن ئىمىش.
بۇ ئۇرۇشتا دەسلەپتە ئاتتىلا غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىن يېڭىلىپ قالغان. تارىخشۇناسلار ‹بۇ ئۇرۇش جەريانىدىكى زور قىرغىنچىلىقتا 150 مىڭ ئادەم ئۆلگەن. ھەتتا بەزىلەر ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 500 مىڭغا يەتكەن دىيىشىدۇ›. فرانسىيەلىك يازغۇچى ۋىكتور ھيوگۇ: ‹ھۇنلار بۇ يەردە شامپانىيە زىمىنى تەرىپىدىن يۇتۇۋىتىلگەن› دەپ يازغان.
ئاتتىلا بۇ قىتىمقى جەڭدىن كېيىن نېمە قىلىشىنى بىلەلمىگەن ۋە قوشۇننى قايتا رەتكىمۇ سالماستىن پاننونىيەگە چىكىنىشكە پەرمان چۈشۈرگەن.
ئاتتىلانى چىكىنىشكە قىستىغان نەرسە زادى نېمە؟ ھەربىي ئىشلار نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئاتتىلا ئۇرۇش جەريانىدا بۇلاپ ئالغان ئولجىلارنى خەتەرگە ئۇچراتماسلىق ئۈچۈن ئىستىراتىگىيەلىك چىكىنگەن. ھەتتا ئائىتىئوسمۇ ئاتتىلانىڭ چىكىنگەنلىكىدىن قاتتىق ھەيران قالغان. ھىرىپ ھالىدىن كەتكەن بۇ قوشۇنغا يەنە بىر قېتىم زەربە بەرگەن بولسا، بەلكىم ھۇنلار ئاسانلا ياۋرۇپانىڭ تارىخ سەھنىسىدىن ئەبەدىي قوغلىنىپ كىتىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئائىتىئوس ئۇنداق قىلمىغان. ئۇ بەلكىم ‹ھۇنلاردىن ئىبارەت بۇ يايلاق مىللىتى – رىملىقلارغا تەھدىت سىلىۋاتقان گىرمانلارنى تىزگىنلەپ تۇرالىشى مۇمكىن› دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك.
452 – يىلى ئاتتىلا ‹كاتالونىيان ئۇرۇشى› دىكى مەغلۇبىيەتتىن پەيدا بولغان ئار – نۇمۇسنى يۇيۇش ئۈچۈن يەنە قوشۇن توپلاپ، رىمغا يۈرۈش قىلغان. بۇ ئۇرۇش ھالقىلىق باسقۇچقا قەدەم قويغاندا، ئىككى خىل دۇنيانىڭ ۋەكىللىرى ئۇچراشقان. پاپا لېئوⅠ – رىم ۋە خىرىستىيان دۇنياسىغا ۋەكىل بولۇپ، ئاتتىلا – ياۋايى قەبىلىلەر بىلەن خىرىستىيان دىنىغا ئىشەنمەيدىغان غەيرى دىندىكىلەرنىڭ داھىسى سۈپىتىدە ئۇچراشقان. پاپا لېئوⅠ ئىنتايىن يۇقىرى سۆھبەت ماھارىتى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاتتىلانى ئۆز پىلانىدىن ۋاز كىچىشكە كۆندۈرگەن. رىمنى تالان – تاراج قىلماسلىق بەدىلىگە، رىملىقلار ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى شەھەرلەردىكى ئىبادەتخانا، چىركاۋ ۋە مۇناستىرلاردىكى زور بايلىقلارنى ئاتتىلاغا بېرىۋەتكەن. ھۇنلارغا ئەسىر چۈشكەن ئاياللار، بالىلار ۋە شەخسىي ئەركىنلىكى بولمىغان كىشىلەر ھۇنلارغا قۇل بولۇپ كەتكەن.
سۆھبەت جەريانىدا ئاتتىلا سىپايىلىق بىلەن ھەيۋە كۆرسەتكەن. ئۇ ئۆزى ئاتتىن چۈشمىگەن ھەم پاپا لېئوⅠ نىمۇ ئۆزىدەك ئاتقا مىنىپ تۇرۇپ سۆھبەتلىشىشكە مەجبۇرلىغان. كىيىنكىلەرنىڭ رىۋايەت قىلغانلىرىغا قارىغاندا، پاپا لېئوⅠ دىن چاقنىغان خىرىستىيان دىنىنىڭ نۇرى ۋە شۇ چاغدا كۆكتە كۆرۈنگەن ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى شاگىرتى پېتىروس بىلەن پائۇل ئاتتىلانى بويسۇندۇرغان ئىمىش. ئاتتىلا توۋا – ئىستىغپار ئېيتىپ، خىرىستىيان دىنىغا بەيئەت قىلىپ، دىنغا كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ئىمىش.
ئاتتىلانىڭ ھاياتىغا دائىر رىۋايەتلەر كۆپ بولۇپ، 453 – يىلى ئۇنىڭ توي كىچىسى سىرلىق ھالدا كىلىنچەكنىڭ قۇچىقىدا ئۆلۈپ كىتىشى – ئەينى چاغدا كىشىلەرنىڭ ھەر خىل قىياس – تەسەۋۋۇرلىرىنى قوزغىغان.
تارىخشۇناسلار تارىختا ئاتتىلانىڭ ئۇچ خىل تىپىك ئوبرازى بارلىقىنى بايقىغان. بۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
(1) ئاتتىلا – رەھىمسىز قاراقچى ۋە تەڭرى ئىنسانلارغا بەرگەن ئاپەت.
(2) ئاتتىلا – تالانتلىق سىياسىئون ۋە كۆپ مىللەتكە رەھبەرلىك قىلغان تەڭرىقۇت.
(3) ئاتتىلا – ئاق كۆڭۈل ھۆكۈمران.
453 – يىلى ئاتتىلا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تەڭرىقۇتلۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغۇدەك ئاتتىلانىڭ باراۋىرىدىكى ئىزباسار تېپىلمىغانلىقتىن، ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان ياۋرۇپا ھۇن ئىمپىرىيەسى ئۈزۈل – كىسىل پارچىلىنىپ كەتتى.

(مەنبە: ئۆمەرجان نۇرى تەرجىمە قىلغان، گىرمانىيەلىك ئەك.شىمىس يازغان «ئاتتىلا ھەققىدە رىۋايەت». قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2004 - يىل 4 - ئاي نەشرى. تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي. باشقا تور بىكەتكە يوللىماقچى بولسىڭىز مەنبەنى تولۇق ئەسكەرتىڭ.)
مەنبە :_ ئورخۇن تارىخ تورى