2008年12月19日

سۈكۈتتىكى ئۇيغۇرلار

سۈكۈتتىكى ئۇيغۇرلار

تەرجىمان: مۇخبىر
كۇنمىڭدا يۈزبەرگەن ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ بولغىنىغىمۇ بىر ھەپتە بولدى. گەرچە بۇ دېلو تېخى پاش بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشى گۇمانىنى ئۇيغۇر «شەرقىي تۈركىستان ئۇنسۇرلىرى»غا قاراتتى. بۇ ئەسلىدىمۇ قاتتىق باشقۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىر «چەمبىرەك ئەپسۇنى» بولۇپ بېشىغا تاقالدى. ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنداق گۇمان قىلىشنىڭ رېئال سەۋەبى بار. كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت مەنبەلىك ئۇچۇرلىرىدا ئۇيغۇر "شەرقىي تۈركىستان ئۇنسۇرلىرى" جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان تېررورچى ئۇنسۇرلار، بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمەن بولۇپ قالدى، ھەتتا "دېموكراتىيە، ئەركىنلىك"نىڭ ئۈلگىسى بولمىش ئامېرىكىمۇ "شەرقىي تۈركىستانچى" (توغرىسى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى --- تەرجىماندىن) لارنى تېررورىستلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. ئەمما، "شەرقىي تۈركىستانچى"لار پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ، "شەرقىي تۈركىستانچى"لار پەيدا قىلغان تېررورلۇقمۇ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى قىلغان تېررورلۇق ئەمەس. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، "شەرقىي تۈركىستانچى"لارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت مەنبەلىك خەۋەرلىرىنىڭ تەسىرىدە پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى تامامەن ئالۋاستىلاشتۇرۇلۇپ بولۇندى. ئومۇمەن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر كىشىسى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە چىقسا، مېھمانسارايلارغا چۈشسە، "ئالاھىدە ئېتىبار"دىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى.

مەن ئىلگىرى بىر ئۇيغۇر بۇرادىرىمگە، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پرىنسىپى بويىچە، ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشى لازىم، ئۇيغۇر مىللىتىمۇ باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولماسلىقى كېرەك، دېگەنىدىم. ئەمما ئۇ ماڭا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى مۇستەقىل بولۇشنى خالىمايدۇ، ئۇلار ھازىرقى ھالەتتىن بىرقەدەر رازى، مۇستەقىللىقنى قوللايدىغانلار ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، دېدى. مەن ھەيران بولدۇم، چۈنكى مەن جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئۇيغۇر "بۆلگۈنچى كۈچلىرى" دەپ ئەيىبلەشلىرىگە كۆنۈپ قالغانىدىم. ئېھتىمال نۇرغۇن كىشى دائىرىلەر پەيدا قىلغان ساختا ئەھۋالدىن ماڭا ئوخشاش قايمۇقۇپ يۈرگەن بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ھەممىلا ئاشكارا ئۇچۇرلاردا كۆپچىلىككە: ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلىۋاتىدۇ، ھەتتا تېررورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن بۇ مەقسىتىگە يەتمەكچى، دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئەمما، ئاز بىرقىسىم ئۇيغۇر مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلىۋاتامدۇ ياكى بارلىق ئۇيغۇرمۇ، دېگەننى ئويلايدىغانلار ئىنتايىن ئازچىلىق.

جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىگە ۋە شىنجاڭ سىياسىتىگە قىزىقىدىغان كىشىلەر ئەگەر جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ كونىراپ كەتكەن ئىجابىي خەۋەرلىرىدىن زېرىكىپ قالغان بولسا، تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالىدىغان "شەرقىي تۈركىستان" قاتارلىقلارنىڭ تېررورلۇقىغا دائىر خەۋەرلەرگە قىزىقىپ قالىدۇ. ئەمما كەچۈرۈڭ، بۇ خىل خەۋەرلەر مەڭگۈ جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىدۇ، مەسئۇلىيەت مەڭگۈ ئۇيغۇرلارغا يۈكلىنىدۇ. بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىققا دائىر گەپلىرىنى ئاڭلىمىقىمىز، يازمىلىرىنى كۆرمىكىمىز بەكمۇ تەس.

ئۇيغۇر مىللىتى ئاسانلا بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولىدىغان، ئەمما ئۆزى سادا چىقارمايدىغان مىللەت. ئوخشاشلا جۇڭگونىڭ مىللىي مەسىلە مۇنبىرىدە تۇرغان تىبەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلارنى گاس-گاچىلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندەكلا دېيىشكە بولىدۇ. گەرچە سىرتتا تەنقىدلەش سادالىرى ئۈزۈلمىسىمۇ، بۇ مىللەت ئاشكارا ئىنكاس قايتۇرمايدۇ، خۇددى ئاشۇ تەنقىدلەردىن بىخەۋەردەك.

خەلقئارادىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مىللىتى خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئاساسەن ئېرىشەلمەيدۇ، «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»دىن كېيىن، «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى نەزەرىيىسى» ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خرىستىئان (كاتولىك دىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى دىنلار) غا ئېتىقاد قىلىدىغان غەرب جەمئىيىتى بارلىق مۇسۇلمانلارنى چەتكە قاقتى. شۇڭا، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ياۋروپا-ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئاساسەن ئېرىشەلمەيدۇ. تىبەتلەر بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۇلار غەربتىكى بىرقىسىم ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. چەت ئەلدىكى تىبەتلەرمۇ غەرب جەمئىيىتىگە سىڭىشىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارنى كىم قوللايدۇ؟ ياۋروپادىكى بىرقىسىم دۆلەتلەر ئوخشاش بولمىغان پىكىردىكى ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بەرگەن بولسىمۇ، بۇ ئومۇمەن ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلىشتىن بولغان بولۇپ، بۇ ياۋروپالىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. چەت ئەللەردە يۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ غەرب جەمئىيىتىگە سىڭىشمىقى ئىنتايىن تەس، غەربلىكلەرمۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن ناھايىتى ئاز گەپ قىلىدۇ.

چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ كىرىشى توغرا كەلگەندە، تىبەتكە كىرىش ئۈچۈن ئىجازەتنەمە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ، شىنجاڭغا بولسا ناھايىتى ئاسانچىلىق. بىراق، بىز چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ تىبەتكە بېرىشقا شۇنچە قىزىقىدىغانلىقى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا ناھايىتى ئاز بارىدىغانلىقىنى، شىنجاڭ توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ناھايىتى ئاز يازىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. كىشىلەر "جۇڭگوغا قارشى باشلامچى مەتبۇئات" دەپ ئاتايدىغان ببچ ۋە «ئامېرىكا ئاۋازى» قاتارلىقلارمۇ، بۇ تېررورلۇقلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى توغرىسىدا ئىزدەنمەيدۇ، ئۇيغۇرلارغا داىر مۇلاھىزە ۋە باھالىرىدا پەقەتلا جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇچۇرلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. ئەجەبا، شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر مىللىتى غەربنىڭ ئاساسلىق مەتبۇاتلىرىدا كۆرۈنسە بولمامدىكەن؟ "سۆز ئەركىنلىكى"نى مۇقەددەس بىلىدىغان غەرب دۆلەتلىرى، نېمىشقا ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ باقمايدۇ؟

خەلقئارا مەتبۇاتنىڭ ئېتىبارسىز قارىشىدىنمۇ قورقۇنچلۇقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ئۆز پىكىرلىرىنى ئاشكارا ئىپادە قىلىدىغانلارنىڭ كەمچىللىكىدۇر، جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى تىبەتنى قانداق تەشۋىق قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، تىبەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاۋام ئارىسىدىكى بىرقىسىم كىشىلەر (ۋېيسې خانىمغا ئوخشاش) تىبەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تاشقى دۇنياغا بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ، تىبەت كۆچمە ھۆكۈمىتىمۇ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق تىبەتنىڭ ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى سىرتقى دۇنياغا تارقىتىپ تۇرىدۇ. لاسادا “14-مارت” ۋەقەسى يۈزبەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن تىبەتلەر جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە بولغان گۇمانىنى ئىپادىلىدى، باشقا كىشىلەر بولسا تۈرلۈك تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر ياردىمىدە بۇ گۇمانلارغا داىر ئۇچۇرلاردىن خەۋەر تاپتى. ئۇيغۇرلارچۇ؟ تېخنىكا قانچىلىك ئىلغار بولسۇن، ھازىرغىچە شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تارقاتقان ئۇيغۇرنى كۆرمىدۇق، سىرتتا پائالىيەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئانا تۇپرىقىدا نېمە ۋەقەلەر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمىكى تولىمۇ قىيىن. گەرچە رابىيە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ساداسىنى سىرتقا ئاڭلىتىشقا بارلىق كۈچىنى چىقىرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تىبەتلەردىكى ۋېيسې خانىمغا ئوخشاش سىرتقى دۇنيانى تېخىمۇ ئەمەلىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ.

پۇقرالارنىڭ سۈكۈتى سىياسىي بېسىمدىن دېيىلسە، ئۇنداقتا جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانى بولمىش زىيالىيلار بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالماسلىقى كېرەك. خەنزۇلاردىكى بىرقىسىم ۋىجدانىي بۇرچقا تولغان زىيالىيلار ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاراشلىرىنى ئاشكارا ياكى يېرىم ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويماقتا، تىبەتلەردىمۇ ئۆز مىللىتىنىڭ ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان زىيالىيلار بار، بىراق، ئۇيغۇرنىڭ زىيالىيلىرى نەگە كەتتى؟ بىز شىنجاڭ ئالىي ماارىپىنىڭ شۇنچە يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن بىرمۇ زىيالىينى يېتىشتۈرۈپ بەرمىگەنلىكىگە ئىشىنەلمەيمىز. بۇنىڭ بىردىنبىر ئىزاھاتى زىيالىيلارنىڭ ۋىجدانىنى يوقاتقانلىقى، سىياسىي بېسىم ئاستىدا مىللەت مەنپەەتىنىڭ شەخسىي مەنپەەتتىن تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقى دېمەي بولمايدۇ.

غەربلىكلەرنىڭ: «كۆزقارىشىڭغا قوشۇلمايمەن، ئەمما سۆز قىلىش ھوقۇقىڭنى جان تىكىپ قوغدايمەن» دەيدىغان ماقالى بار. بىر قانۇن-تۈزۈملۈك جەمئىيەتتە، ھەرقانداق ئادەم سۆز قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە، جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن كىشىلەر، تېخىمۇ ئاقلىنىشقا ئېرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە. بىراق جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان باياناتلاردا “شەرقىي تۈركىستان” تېررورلۇق دېلولىرىدا، بىز جىنايەت سۇبيېكتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەشكىل قىلىنغان ۋە ئاقلاش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىغان سوتقا ئەمەس، ئاقلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغان سىياسىي سوت مۇنبىرىگە ئاپىرىۋېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. جىنايەت گۇماندارىنى ئۆز مىللىتىنىڭ كىشىلىرى ئاشكارا ئاقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس.

ياخشى باشقۇرۇلغان بىر دۆلەتتە سۈكۈت ئىچىدە ئۆتىدىغان بىر توپ بولماسلىقى كېرەك. بىز جۇڭگونىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا دېموكراتىك سىياسىينىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، بىراق، شىنجاڭ جۇڭگو سىياسىيسىنىڭ ئالاھىدە بىر تۇپرىقى بولۇپ تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئۇدا تۆت قارار ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، بۇنى زامانىمىز جۇڭگوسىدىكى ئەپسانە دېمەي بولمايدۇ. جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىدا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا ئىزدىنىشنىڭ ئەكسىچە، سىياسىي ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى شىنجاڭ رايونىنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان نىشانى. 20-30 يىلنىڭ ئالدىدىكىگە ئوخشاش، “مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ” دېگەن سۆز بۇ يەرنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي پرىنسىپى. سۆز قىلىش ھوقۇقىنىڭ ھەممىسى ھوقۇق تۇتقانلارنىڭ قولىدا، ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلار خۇددى ئاشتاختا ئۈستىگە قويۇلغان بېلىققا ئوخشايدۇ، كىملا كېلىپ گۆشىنى شىلسا ۋايسىمايدۇ.

ئۇيغۇرلاردىن بىرقىسىم ئادەم تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن پەيدا بولغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ باقىدىغان ئادەم يوق. «ئىتمۇ غەزىپى تۇتقاندا تامدىن سەكرەيدۇ» دېگەن گەپ بار، تېررورچىلارغىمۇ باشقا تاللاش قالمىغان. «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، غەرب جەمئىيىتىمۇ تېررورلۇقنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ئۈستىدە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى سىياسىي تەدبىرلىرى ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى. ئەمما جۇڭگو داىرىلىرى مەسىلىنى ئاددىي ھالدا “بۆلگۈنچى ئۇنسۇر”لارنىڭ رادىكاللىقىغا ئارتىشتەك سىياسىي ئۇقۇملار داىرىسىدىلا چۆرگىلىدى، ھەرگىزمۇ مەسىلىنى ئىجتىمائىي سىياسىي، ئىقتىسادىي سىياسەت قاتارلىق جەھەتلەردىن ئويلاشمىدى.

ئاجىزلارنىڭ كۈچى كۈچلۈكلەرگە بەس كېلەلمىگەندە، سۆز ئەركىنلىكى بولمىغاندا تېررورلۇق كېلىپ چىقىدۇ. تارىختا “شەرقىي تۈركىستان” دېگەن دۆلەت بولغانمۇ بولسۇن، ھازىرقى شىنجاڭدا تېررورچىلىق ۋەقەلىرى يۈزبېرىۋاتقانمۇ بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەسىلىنىڭ نېگىزى ئەمەس. مەسىلىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، “شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى” دېيىلىۋاتقان بۇ توپنىڭ يېتەرلىك سۆز ئەركىنلىكىگە ئىگە بولغان-بولمىغانلىقى، ئۆز كۆزقاراشلىرىنى ئەركىن ھالدا ئاشكارا ئىپادە قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى ئاۋامنىڭ چۈشىنىدىغان-چۈشەنمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت. ئەگەر ئۇلار داۋاملىق سۈكۈت قىلىۋېرىشتىن ئۆزىنى تارتسا، تېخىمۇ كۆپ ئاۋام ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئوي-پىكىرلىرىنى چۈشىنىدۇ، تېررورلۇق مەسىلىلىرى ئۈستىدە تېخىمۇ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزىدۇ. جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئەگەر شىنجاڭدىكى تېررورلۇق مەسىلىسىگە گۇمانىتار پوزىتسىيىدە تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزسە، ئەمەلىيەتچىل پوزىتسىيىدە تۇرۇپ “بۆلگۈنچى كۈچلەر”بىلەن سۆھبەتلەشسە، شىنجاڭ مەسىلىسى ئاندىن ئاخىرقى ھېسابتا ھەل بولىدۇ، جۇڭگو دۇچ كەلگەن تېررورلۇق تەھدىتى ئاندىن بوشايدۇ.


لۇشۈن ئەپەندى: “سۈكۈت ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقمىساڭ، سۈكۈت ئىچىدە يوقىلىسەن” دېگەنىكەن. ساداسىز ئۇيغۇر مىللىتىگە ئەڭ ئاخىرىدا مانا مۇشۇ ئىككىلا تاللاش قالغان بولۇشى مۇمكىن.
مەنبە: ئۇيغۇر بىز

ئەرۋاھلار قوزغىلىڭى

ئەرۋاھلار قوزغىلىڭى

(ياقۇپ ئىسمائىل)
پەرىشتە ئويلىنىپ قالدى .ئىنسانلار ئارىسىدىكى پىتنە-پاسات،سۆلەتۋازلىق ،شەكىلۋازلىق،ئۇنىڭ كۆڭلىنى بىر قىسما قىلىپ قويغان ئىدى .ئۇ ئىنسانلارنى چىن دىلدىن ياخشى كۆرەتتى .ئۇلارغا ئىشنەتتى .ئۇلاردىن زور ئۈمىد كۈتكەنىدى.شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلارنىڭ ھەرقانداق مۈشكۈلىنى ئاسان قىلىپ كەلگەنىدى .مانا ئەمدى بولسا...........
پەرىشتە زىممىسىدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىنى سەزدى .كۆز ئالدىدا چەكسىز بىر بوشلۇق سوزۇلۇپ ياتاتتى .ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرنىڭ نەدىن چىقىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتىن يىغا-زارا كۆتۈرۈلۈپ،كەينىدىنلا بىر جىنازا كۆرۈندى .پەرىشتە ئىككىلىنىپ تۇرمايلا بىر مۇساپىرغا ئايلىنىپ ،جىنازىنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقان جامائەتكە قوشۇلۇپ كەتتى . قەبرىستانلىق ئىنتايىن چوڭ ئىدى .پەرىشتە ھاڭ-تاڭلىق ئىچىدە ئەتراپقا باقتى .چۈنكى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇردىكى قەبرىستانلىق بىلەن كۆز ئالدىدىكى قەبرىستانلىق ئاسمان-زېمىن پەرق قىلاتتى.ئۇنىڭ كۆزىگە ئادەملەر ئۆلە –تىرىلىشىگە قارىماي بىر-بىرى بىلەن بەسلىشۋاتقاندەك كۆرۈندى .ئاجايىپ ھەيۋەتلىك قاتۇرۇلغان قەبرىلەر بىلەن كونا قەبرىلەر روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ تۇراتتى .پەرىشتە ئەلەم بىلەن خۇرسىنىپ قويدى.جامائەت مېيىتنى قەبرىستانلىقنىڭ چېتىدىكى يېڭىلا تەييار قىلىنغان گۆرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. تېخى يېڭىلا قېزىپ چىقىرىلغان سېرىق توپا بىلەن شېغىل ئارىلاشقان قۇم گۆرنىڭ ئاغزىنى توسۇپ تۇراتتى . پەرىشتە كۆزنىڭ قىرى بىلەن مۇسىبەت ئىگىلىرىگە قاراپ قويدى .قارىغاندا ئۆلگۈچى باي بولمىسىمۇ ،ھەر ھالدا قول ئىلكىدە بار ئادەمدەك قىلاتتى .
بىر چەتتە ئۇزۇن پېرىنجە كىيىپ ،يوغان سەللە ئورىغان بىر نەچچە ئاخۇنۇم نېمە توغرىلىقتۇر پىچىرلىشىپ ئولتۇراتتى. ئۇلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ،پۈتۈن قەبرىستانلىق تىمتاسلىققا چۆككەنىدى.شۇ ئارىلىقتا ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ ،‹‹ لائىلاھە ئىللاللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلىللا››دېگەن سۆزنى تەكرارلاپ،تەييار بولۇش ئالدىدا تۇرغان گۆرنى ئايلىنىشقا باشلىدى .
-ھوي ئادەم !-دەپ ۋارقىرىدى تۇيۇقسىز بىر چەتتە ئولتۇرغان سەللىلىكلەردىن بىرى زەردە بىلەن ،-باشقا يەردە ئۆتكۈزگەن گۇناھىڭنى ئاز دەپ ،بۇ يەردە نېمىگە تىلىڭنى چايناپ يۈرىسەن ؟بىلسەڭ ئوقۇغىن ساۋاب بولىدۇ.بىلمىسەڭ بىلەرمەنلىك قىلماي تىنىچ ئولتۇر گۇناھقا پاتمايسەن .تەپتارتماي ‹‹مۇھەممەدۇن››دەيسىنا بالاڭنىڭ ئىسمىنى ئاتىغاندەك ،‹‹مۇھەممەدۇن››ئەمەس ‹‹مۇھەممەدۇر››دوپ ئوقۇيمىز.
ئەتىراپ ئېغىر سۈكۈتكە پاتتى. دەككىسنى يېگەن ئادەم كىشلەر ئارسىدىن غايىپ بولدى .ئاخۇنۇملار نېمىلەرنىدۇر دەپ يەنە ئۆز پارىڭىغا چۈشتى.
پەرىشتە شۇنچە بىلەرمەن ئادەملەرنىڭ مۇسىبەتكە تولغان مۇشۇ مەيداندا باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ ،ئۆزئارا ھەمسۆھبەت قۇرغانلىقىغا ھەيران قالدى . چالا بولسىمۇ تەگبىر ئېيتىشنىڭ قۇرۇق پاراڭ سالغاندىن مىڭ ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بۇ ئاخۇنۇملار راسىتتىنلا ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ؟.
پەرىشتە ئىنسانلار ئارسىدىكى مېھىرى-مۇھەببەتنىڭ قانداقتۇر بىر نەرسىگە ئالمىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى .كۈن قاتتىق قىزدۇرۇۋاتقان .قەبرىستانلىق گويا قوقاس ئۈستىگەدۈم كۆمتۈرۈپ قويغان داسقا ئوخشاش قىزىپ كەتكەنىدى.
ئادەملەر ئىسسىق دەستىدىن تىنالمايۋاتقان بولسىمۇ،لېكىن مىدىر-سىدىر قىلماي ئەڭ ئاخىرقى ۋەزىپىنى ئۆتەۋاتاتتى.تىمتاسلىققا چۆككەن قەبرىستانلىقتا قىرائەت
قىلغۇچىنىڭ ئاۋازى ياڭراشقا باشلىدى.پەرىشتە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئوقۇلغان قىرائەتنىڭ ئىچىدە خاتا كەتكەن سۆز-ئىبارىلەردىن بىر تالايغا بەلگە قويدى .قىرائەت ئاخىرلاشتى .جامائەت دۇئاغا قول كۆتۈردى .پەرىشتە كۆزنىڭ قىرى بىلەن تېخى ھېلىلا باشقىلارنىڭ دەككىسنى بەرگەن يوغان سەللىلىك ئادەمگە قاردى .سەللىلىك ئادەم گويا ھېچنەرسىنى سەزمىگندەك،دۇئا ئاخىرلىششى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ يۈرۈپ كەتتى .ئەرۋاھلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئىشلار بار ئوخشايدۇ،دەپ ئويلىدى پەرىشتە قەبرىستانلىقتىن قايتىۋىتىپ. پەرىشتە مېيىت چىققان ئۆيدە بىر نەچچە كۈن تۇتۇپ قالدى .ھېچكىم ئۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ،نىمە ئېش قىلدىغانلىقنى سۈرۈشتۈرمىدى.ئۇ خۇددى مۇشۇ ئائىلنىڭ بىر ئەزاسىدەك يۈگۈرۈپ يۈرۈپ سۇ تۇشۇدى ،ئوتۇن ياردى. بۇ ئائىلىكلەرمۇ ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلدى ....
-ئۆلۈم ئۇزىتىشقا قانچىلىك پۇل خەجلەپسىلەر ؟-دەپ سوردى پەرىشتە ياخشى پەيىتنى تاللاپ بالىلارنىڭ چوڭىدىن .
---ئۈچ مىڭ سوم،---دەپ ئۇدۇللا جاۋاب بەردى بالىلارنىڭ چوڭى .پەرىشتە ھەيران قالدى .
---شۇنچە كۆپمۇ؟ سىزنىڭچە شۇنچە پۇل خەجلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟دېمەكچىمەنكى،بۇ پۇللارنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنلارغا ئىشلەتسەڭلار ساۋابى تىخىمۇ چوڭ بولماسمىدى ؟.
---دادىمىزغا قانچىلىك خەجلىسەك ئەرزىيدۇ.چۈنكى ئۇ بىزنى بېقىپ قاتارغا قوشتى .
______بۇ پۇلنى دادىمىزغا خەجلىدۇق دەپ قارامسىلەر ؟ ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن تۇرسا؟
_________شۇنداق ،ئۇ ئۆلۈپ كەتتى .ئەمما ئۇنىڭ روھى ئۆلگىنى يوق.ئۇنىڭ روھى قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات .بىز دادىمىزنى مەڭگۈ ئۇنتۈپ قالمايمىز.ئۇنىڭ بىزنى بېقىپ قاتارغا قوشقىچە ئاز جاپا تارىتمىدى.بىز دادىمىزنى ئەسلەپ تۇرىمىز.ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىمىز.
چوڭ ئوغۇل سۆزلەۋىتىپ بىر نەرسىنى سەزگەندەك پەرىشتىگە تىكىلىپ قارىدى ۋە:-
________بۇ ئىشلارنى سوراپ قالدىڭىزغۇ ؟قارىسام بىكار ئادەمدەك قلمايسىز،بېشىڭىزدىنمۇ نۇرغۇن ئىسسىق—سوغۇق ئۆتكەندەك قىلىدۇ.سىزگە كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم دادام رەھمەتلىك ئەزەلدىن ھەشەمەتچىلىككە ،ئىشراپچىلىققا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ ئىدى.جان ئۈزۈش ئالدىدىمۇبىزگە ۋەسيەت قىلىپ:‹‹ ئۈن سېلىپ ،ياقا يىرتىپ يىغلىماڭلار ،باشقىلارنىڭ ئارامىنى بۇزغاندىنمۇ چوڭ گۇناھ يوق .نەزىر-چىراغنى ئاددىي –ساددا ئۆتكۈزۈڭلار. مەن بۇ پۇللارنى ناھايىتتى تەستە تاپتىم.بۇزۇپ-چاچساڭلار روھىم ئازابلىندۇ.مېنى ئازابلانمىسۇن دېسەڭلار بۇ پۇللارنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا
ئىشلىتىڭلار .بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىڭلار.مەن تۇتقان يولنى تۇتۇپ، كېيىنكىلەرگە بىر نەرسە قالدۇرۇڭلار .ياشاشنىڭ قىممىتى ئەنە شۇنىڭدا .ماڭا سىلەرنىڭ دۇنيارىڭلار كېرەك ئەمەس .ماڭا دۇئا قىلىپ تۇرساڭلار بولدى.››دېگەنىدى .بىراق ئۇنداق قىلغىلى بولمىدى ،--دېدى .
چوڭ ئوغۇلنىڭ بىردىنلا ئۈنى پەسلەپ كەتتى .پەرىشتە ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن بۇ ئىشلارنى ئامالسىز قىلۋاتقانلىقىنى بىلدى.دېمىسمۇ ئىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئىدى. ئۇ ھەركۈنى تاڭ ئاتماستا ئورنىدىن تۇرۇپ تاھارەت ئالاتتى .تۇپراق بېشىغا چىقىپ قۇران ئوقۇشقا دېيشىپ قويغان موللىلارنى ئىزدەپ يېلىناتتى. بۇنىڭدىن ئىچى پۇشقان پەرىشتە بىر كۈنى چوڭ ئوغۇلغا:_____________
__شۇنچە جاپا تارتىپ باشقىلارغا يېلنىغىچە ئۆزىڭىزلا ئوقۇسىڭىز بولمامدۇ ؟ئۇلارمۇ سەھەر تۇرغىنى ئۈچۈن ئاز پۇل ئالماس؟--دېدى.
________بولمايدۇ.بولمايدۇ،قوينى قاسساپ سويسۇن-دە ، ئۆتۈكنى موزدۈز تىكسۈن.بىر سۆزنى خاتا ئوقۇپ قويغاننىڭ قانچىلىك گۇناھ بولدىغانلىقىنى بىلەمسز؟ ئۇ خۇددى چاپقىنى ئالىمەن دەپ كۆزىنى قارىغۇ قىلىپ قويغانغا ئوخشاش ئىش .پۇل كەتسە ئىشلەپ تاپقىلى بولىدۇ .بۇيەردە ئەڭ مۇھىمى ،ئىناۋەت مەسلىسى .پۇلنى دەپ گۇناھ يۈكلىۋېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.
پەرىشتە قەبرىستانلىقتا ئوقۇلغان قىرائەتنىڭ خاتا يەرلىرىنى ئەسلەپ كۈلۇپ تاشلىدى .چوڭ ئوغۇل غەلىتە مىجەزىلىك بۇ ئادەمگە ھەيرانلىق بىلەن تىكىلدى .
ئۈچ نەزىز كۈنى چاتاقنىڭ چوڭى چىقتى. قىرائەت قىلىدىغان ئاخۇنۇم ئاغرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن داستىخان سېلىنىپ، تاماقلىرىنى يەپ بولغان ئۈچ ئۆيدىكى جامائەت بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە جىمجىت ئولتۇراتتى . ھەممە يەرنى خىجىللىق قاپلىدى .پەرىشتنىڭ تاقىتى تاق بولدى .ئۇ ئاخىرى چىدىماي چوڭ ئوغلىنى بىر چەتكە تارىتتى .
___نېمىگە قاراپ تۇرىسىز ؟ بېرىڭ ،دادا سىزنىڭ بولغاندىكىن بىلشىڭىزچە قىرائەت قىلىڭ ،تېز بولۇڭ!
چوڭ ئوغۇل دەسلەپتە ھەيران بولدى .ئالدىدا تۇرغان ئادەمنىڭ كۆزدىكى سېھرى كۈچنى كۆردى.ئۇ راسىت دەيتتى . دېمىسمۇ...........ئۇ غەيرەتكە كېلىپ جامائەت بار ئۆيگە كىردى .مۇڭلۇق قىرائەت ئاۋازى ئاڭلاندى.
____ تىلىڭنى تارت !!__دېدى كىمدۇر بىرى غەزەپ بىلەن ،__نېمە دەۋاتقىنىڭنى بىلەمسەن ؟‹‹ئەھەت›› دەيسەنغۇ تەپتارىتماي؟!‹‹ ئەھەت››ئەمەس،‹‹ئەھەدى››دەپ ئوقۇيمىز.ئوقۇيالمىغاندىكىن زورىقىپ نېمە قىلسەن ؟ داداڭنى دوزاخقا كىرسۇن دەمسەن _يا!!!
نەچچە كۈندىن بېرى ئۆزىنى تەستە بېسىپ يۈرگەن پەرىشتە ئورنىدىن قانداق تۇرۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالدى .
____تەخسىر ،ئۆزلىرى شۇنچە نۇرغۇن نەرسىنى بىلدىكەنلا ،باياتىن بېرى تاڭگا چىشلىۋالغاندەك ئولتۇرۇشلىرىنىڭ ۋەجى نېمىدىنكىن ؟مەن دېمىسەممۇ بۇ يەرنىڭ باشقىلارنىڭ سەۋىيسىنى سىنايدىغان مەيدان ئەمەسلىكىنى بىلىپ ئولتۇرۇپلا ،شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۆزىلىرى ئوقۇيمايلىيۇ ،ئوقۇغان ئادەمگە غەزەپ قىلىلا . بۇنىڭ گۇناھ بولمايدىغانلىقىغا قانداق ئاساسلىرى بار ؟كونىلاردا ‹‹ ئوقۇمىغاندىن چالا بولسىمۇ ئوقۇغان ياخشى، بەرمىگەندىن پۇچۇق بولسىمۇ بەرگەن ياخشى›› دېگەن ھېكىمەتلىك سۆز بار،بوپتۇ. بۇكىشى خاتا ئوقۇپ گۇناھقا پاتتى دەيلى ، قېنى ئەمسە ئۆزلىرى توغرىسنى ئوقۇپ ساۋابىنى ئالغايلا.
ھېلقى ئادەم پەرىشتىگە ئاليىپ قويۇپ ،ئاغزىنى مەھكەم يۇمغىنچە قولىدىكى تەسۋىنى سېرىشكە باشلىدى .ئۆي ئىچىنى جىمجىتلىق باستى .
______تەخسىر ،ئۇ ئادەمىنى قىينىمىسلا ،گەپنىڭ راستىنى ئېيتساق ،بۇ ئادەمنىڭ بىلدىغانلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس ئۇيەر-بۇ يەردە ئۆزىنى بىلەرمەن كۆرسىتىش ئۈچۈن ئاشۇنداق لوقما سېلىپ قويىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۆزى بىر قارىتۈرۈك ،_دېدى ئاردىن بىرسى ئوتتۇرىلىقىتىكى قىيىن ئەھۋالىنى ئوڭشاش مەقسىتىدە.
چوڭ ئوغۇل ئۆزىنى خورلۇق ئىچىدە قالغاندەك ھېس قىلدى . ئۇنىڭ بېشى مىڭ يىل يۇيۇپمۇ چىقىرۋەتكىلى بولمايدىغان گۇناھقا پاتقاندەك ساڭگىلاپ كەتتى .ئەگەر سىرىتتىن ساپايە چالغان دىۋانە كىرىمىگەن بولسا ، بۇ ئىشلار نىڭ قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمەيتتى .دىۋانە ئۇزۇندىن –ئۇزۇن قىرائەت قىلدى .ئۇنىڭ مۇڭلۇق قىرائىتىدىن بەزىلەر نىڭ كۆزىلىرى نەمدەلدى .پەرىشتىنىڭ ئىچىنى نۇرغۇن قارا باشلىق قۇرتلار غاجىلىماقتا ئىدى.ئىنسانلارنىڭ پەزىلتىنى يوقتىۋاتقانلىقى ئۇنىڭغا ئەلەم قىلاتتى .ئىنسانلارنىڭ مەلۇم مۇددىئالىرى ئۈچۈن ئاللانى شىپى كەلتۈرۈپ بىر-بىرىنى ئالدايتتى .ئۇلار كۆرنۇشتە شۇنچىلىك تەقۋادار ،شۇنچىلىك بىلىملىك ئىدىكى ،بەزىدە بۇلارغا ئۆزلىرىمۇ ئىشنىپ قالاتتى. قىلۋاتقان ئىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاشقا چولسىمۇتەگمەيتتى .ئۇلار شۇ تاپتا ئۆز دائىرسىدىكى ‹‹ رىقابەت›› كە بېشىچە كىرىپ كەتكەن . ئاتاق-ئابروي ، مال –دۇنيا ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايتتى . ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە پەرىشتىنىڭ بىردىنلا ئىنسانلاردىن كۆڭلى سوۋۇپ كەتتى . ھېلىمۇ ياخشى ئەرۋاھلار قوزغىلىڭىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى .ئەمدى قايتىپ بېرىپ بۇ ئىشلارنى ئاللاغا ئەينەن دوكلات قىلىش كېرەك .پەرىشتە يولغا چىقىشقا تەمشىلۋاتقاندا چوڭ ئوغۇل ئۇنىڭ يېنىغا ئالدىراش كېرىپ كەلدى ۋە:__________
_____قوشنا موماي تۈگەپ قاپتۇ .سىز خاپا بولماي شۇ يەرگە كىرىپ ھە-ھۇ دېيشىپ تۇرسىڭىز .مەن بىرىپ مەسچىتكە خەۋەر قىلۋېتەي ،_دېدى –دە ،ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتى ..پەرىشتە قوشنا موماينىڭ ئۆيىگە كىردى .موماي ھېلىلا ئۇخلاپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى .ئۇنىڭ قورۇق باسقان چىرايىدىن خاتىرجەملىك چېقىپ تۇراتتى .ميىت شۇ كۈنى قونۇپ قېلىشقا تاس قالدى .چۈنكى موماي كەمبەغەل ئىدى .ھوقۇق تۇتقان ياكى مۇھىم ئورۇندا ئىشلەيدىغان بىرەر تۇغقىنىمۇ يوق ئىدى .ئۇزۈندىن بېرى قولۇم –قوشنىلىرى ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كېلۋاتقان بۇ مومايدا ئاخۇنۇملارنىڭ ئالدىغا قويغۇدەكمۇ پۇل يوق ئىدى . چوڭ ئوغۇل ئۇياق-بۇياققا دوقۇرۇپ يۈرۈپ ئاخىر بىر ماشىنا تېپىپ كەلدى .شۇنىڭ بىلەن مىيىت ئۇزتىلدى .ئۇ ئۆلدى .ئەمدى ئۇنىڭ روھىغا قول كۆتۇرۇپ دۇئا قىلىپ قويدىغان بىرەر ئنسان چىقارمۇ ؟ پەرىشتىنىڭ ئېسىگە ئورۇنلاشقا تىگىشلىك يەنە بىر ئىش كېلىپ قالدى. پەرىشتە بۇياققا مېڭىش ئالدىدا بىر ئەرۋاھ ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسلىپ تۇرۇپ ،بالىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلىپ كېلىشنى تاپىلغانىدى .پەرىشتە خاپىلىقتا بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قالدى .
__نېمە ئەرۋاھلار روھىغا ئاتاپ دۇئا قىل دەمسىز؟
__سىز ساراڭ بولۇپ قالدىڭىزمۇ ؟دۇئا قىلىش ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس.خاتا ئوقۇپ قويساق ئەرۋاھلارنىڭ روھى ئازابلىندىغان گەپ. مەن دادامنىڭ روھىنىڭ ئازاپلىنشىنى خالىمايمەن .گەپنىڭ راستىنى دېسەم، بۇنداق ئويلايدىغان يالغۇز مەنلا ئەمەس. مۇشۇ ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قارشى ئوخشاش.موللا تىېپىپ دۇئا قىلدۇرايلى دېسەك، ئۇنىڭغا جىق پۇل كېتىدىكەن .ئۇنچېلىك پۇلغا نەگە بارىمىز ؟ داداممۇ كېيىن لازىم بولۇپ قالار ،دەپ ئوشۇقراق بىر نەرسە يىغىپ قويماپتىكەن .نېمە ؟ ئۆز تىلىڭ بىلەن دۇئا قىلساڭ بولمامدۇ دەمسىز؟ ئادەمىنى ئۇنداق زاڭلىق قىلماڭ،ھازىرقى كۆرۈۋاتقان كۈنۈممۇ يېتىپ ئاشىدۇ .سىز دادامنىڭ كونا ئاغىنىسى ئىكەنسىز .بۇ شەھەردە يۈزۈم چۈشۈپ كەتمىسۇن دېسىڭىز ،تىلىڭىزغا ئاگاھ بولۇپ يۈرۈڭ. مەن سىزگە دەپ بەرسەم،مەھەللىمىزدە ئارزاڭ بىلەن بىقىلغان مالنىڭ گۆشىنىمۇ يېيىشكە بولمايدۇ.چۈنكى ئارزاڭ دېگەن ھاراقنىڭ قالدۇقى.ھاراق دېگەن ھارام ،شۇڭا ئارزاڭنى يېگەن مالمۇ ھارام بولىدۇ.مەھەللىمىزدە بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئارزاڭ بىلەن مال بېقىپ بېيغانلار خېلى بار ئىدى . ئۆتكەن نەدىن چىقىتى بۇ پەتىۋا ،ئارزاڭ بىلەن مال باققانلاردىن نەچچىسى تىك موللاق چۈشتى .چۈنكى جامائەت ئۇنداقلارنىڭ ئۆيىگە كىرمەيدۇ.ھېيىت –ئايەم كۈنلىرى ئۇلارنىڭ ئىشىك ئالدىدىن ئاتلاپ ئۆتۇپ كىتېدۇ.ئەگەر كىم كىرىشكە پېتىنسا تاناۋى تارتىلىدۇ.ھېچكىممۇ ئۇنىڭ مېلنى ئېلىشقا ،يېيىشكە پېتىنالمايدۇ.يەنە بۇ يەردە بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئارزاڭ بىلەن مال بىقىپ باي بولۇپ ھەرەمگە بېرىپ ‹‹ ھاجى ›› بولۇپ كەلگەنلەر بار . نۇرغۇن ئادەم ئۇلارنىڭ ‹‹ ھاجى›› لىقىنىڭ بولىدىغان – بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيلا ئۇلارغا باش ئۇرۇپ يۈرىدۇ تېخى ھى...ھى...ھى.......
پەرىشتىنىڭ بېشى پىقىراپ كەتكەندەك بولدى .بۇ قائىدە – پەتىۋالارنىڭ كۆپلىكىدىن ئادەملەرنىڭ ئۇھ دېگۈدەك ھالى قالمىغانلىقىنى چۇشەندى .ئاشۇ پەتىۋا لارنى ئادەملەرنى قايمۇقتۇرۇپ ،ھەق بىلەن ناھەقنى پەرق ئېتەلمەس قىلىپ قويغاچقا ،ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت بارانسېرى ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن. شۇڭا ئەرۋاھلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئاللانىڭ ئالدىغا بارغان .پەرىشتىنىڭ كۆز ئالدىدا بىردىنلا ئەرۋاھلار قوزغىلىڭىدىكى ئىشلار پەيدا بولدى. ئاللانىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى تۇيۇقسىز چاقىرتقانلىقىنى چۈشنەلمىگەن پەرىشتە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەندە ئاللا ئۇنىڭغا ::__
__ئەرۋاھلارنىڭ غوۋغاسىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟! ئۇلار قوزغىلاڭ كۆتۇرۇپ ئالدىمغا كەپتۇ.بۇقانداق گەپ ؟بىز نېمە ئىش قىلىپ يۈرىمىز؟ سەن دەرھال بىرىپ ئەھۋالنى بېلىپ كەل !!دېدى.
پەرىشتە سىرىتقا چىقىپ ھەيران قالدى .ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا سان –ساناقسىز ئەرۋاھلار دېڭىزدەك چايقىلاتتى .ئۇلارنىڭ غوۋغاسى پەلەكنى بىر ئالغاندى .
__نېمگە غوۋغا قىلشىسىلەر ؟ ئۆزۈڭلارنىڭ ھازىر نەدە تۇرۋاتقانلىقىڭلارنى بىلمەمسىلەر ؟ بۇ دېگەن مۇقەددەس جاي .ئاللاھنىڭ دەرگاھى. ئۇنىڭ گۈلدۈر مامىدەك ئاۋازىدىن پۈتۈن ئەتراپ سۈكۈتكە چۇمدى.پەرشتىنىڭ ئۇلارغا ئىچى ئاغرىپ قالدى.
____ خوش نېمە ئىش؟ بىرىڭلار ئالدىغا چىقىپ سۆزلەڭلار .
_______بىزدە ئارتۇق تەلەپمۇ يوق، پەرىشتەم. بىزگە پەقەت ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ساداقىتى لازىم. چۈنكى بىز ئۇلارنى بىزنىڭ ئىزىمىزنى باسىدۇ ، چىرىغىمىزنى ياندۇرىدۇ. بىز ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ دەپ ئەزىزلىگەن .شۇڭا بىز مەسلىھەتلىشىپ ،دەردىمىزنى ئاللاغا ئېيتىش قارارىغا كەلدۇق،_دېدى بىر ئەرۋاھ ئالدىغا چىقىپ.
پەرىشتە ئويلىنىپ قالدى .ئەگەر ئۇلارنىڭ دېگىنى راسىت بولسا ،بۇ ئەلۋەتتە كىچىك ئىش ئەمەس. ئەمما....... پەرىشتە ئاخىر ئاللانىڭ ئەمرى بويىچە زېمىنگە چۈشتى . ئۇنىڭ نەچچە كۈندىن بېرى كۆرگەنلىرى ئەرۋاھلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئازراقمۇ يالغان ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغاندىن سىرىت يەنە بىر مۇنچە مەسلىلەرنىمۇ ئاشكارىلىدى.ئۆزى ئىشەنگەن ،‹‹ شەيتاندىن ئۆلۈكى ئارتۇق›› دەپ بىلدىغان ئىنسانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئايلىنىپ ياۋۇزلۇقتا چېكىگە يەتكەنلىكىنى كۆردى .ئۇ يەنە بەزىلەرنىڭ مال-دۇنيانىڭ كەينىگە كىرىپ ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ،نېمە ئىش قىلدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى كۆردى. ئۇيەنە بەزىلەرنىڭ ساددا كىشلەرنىڭ كۆزىنى بوياپ،ئۇلارنى ئۆز مەنپەتىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ يەنە.......گۇناھ بىلەن ساۋابنىڭ ئوتتۇرسىدىكى چەك- چېگرا ئەزەلدىن ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان بىلەرمەنلەرنىڭ قولىدا غۇۋالىشىپ بارماقتا ئىدى. پەرىشىتنىڭ قوشۇمىسى تۇرۇلدى . ئۇنىڭ ئالدىدا ھازىر ئىنتايىن مۇقەددەس ۋەزىپە تۇراتتى . ئۇ ئىنسانلار ئارسىدا كۆرگەن –بىلگەنلىرىنى ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئاللاغا ئەينەن ئىنكاس قىلىش لازىم ئىدى. پەرىشتە بىرلا ئۆرۇلۇپ بىر كەپتەرگە ئايلاندى –دە، ئاللانىڭ ئالدىغا قاراپ ئۇچۇپ كەتتى .

تارىم ژورنىلىدىن ئېلىندى.


كومپىيۇتېرغا كىرگۈزگۈچى :_

ئى. مەردان ئۆز ئۇيغۇر .


مەنبە: جىلۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بلوگى www.jilwe.cn

جىلۋە ئۇنۋېرسال بلوگى
http://jilwe.blogbus.com

باشقا يەرگە چاپلىماقچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!

بۆرە خىسلىتى

بۆرە خىسلىتى

بۆرە ئائىلىسىنىڭ ئېتىقادى

كۈچلۇكلەر مەۋجۇت بولۇش
مەغلۇبىيەتتىن قورقماسلىق

ھەممە بىر نىيەتتەبولۇش

مېھىر-شەپقەتلىك بولۇش

ھېرىسمەنلىككە تولغان بولۇش
جەبىر-جاپادا ئۆرىگە مەدەت بېرىش

خاسلىققا ئىلھام بېرىش

سىردىشىشقا ماھىر بولۇش

ھايات-ماماتتا بىرگە بولۇش


ئىخلاسمەنلىك ، بىر ئادەمنىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش قازىنالماسلىقىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىل ھسابلىنىدۇ . پۈتۈن زېھنىنى بىرەر نىشانغا يىغىپ ، ئاشۇ ناشانغا يېتىش ئۈچۈن ئېگىلمەي-سۇنماي ئېلىشىش ، ئىنسانلارنىڭ بۆرىدىن ئۆگىنىشىگە تېگىشلىك مۇھىم ئامىلدۇر .

نۇرغۇن كىشىلەر بىر قېتىم مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى مەغلۇبىيەتلىك ھاياتىمنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ . بىراق بىز بۆرىنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەت يېڭى بىر ئېلىشىشنىڭ باشلنىشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز .

بۆرە ئائىلىسى مەغلۇبىيەت ئالدىدا ھەرگىزمۇ بەل قويۇۋەتمەيدۇ ، ۋايسىمايدۇ ياكى باش ئەگمەيدۇ . بۆرىلەر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسا مەيۈسلەنمەيدۇ بەلكى ئۆزىنى يېڭىۋاشتىن رۇسلاپ ، كۆز ئالدىدىكى ۋەزىپىسى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتايدۇ .

ئوڭۇشسىزلىق ھەتتا مەغلۇيىيەت ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق ئەمەس ، قورقۇنچلۇقى - ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتتىن كېيىن نىشانىدىن ۋاز كېچىش .

قەتئىى ئىرادە ، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئەمەس . ئۇ ، بىر قېتىم ، بىر قېتىملىق قىسقا مۇددەتلىك ئالغا ئوقتەك ئېتىلىش .

ئادەم ئوڭۇشسسزلىقنى مەغلۇيىيەت دەپ قارايدۇ ، بۆرە بولسا ئۇنى پاراسەتكە ئايلاندۇرالايدۇ .

مۇۋەپپەقىيەتنىڭ بىخ مەزگىلىدىكى سەۋەنلىك ، ئىشنىڭ توغرا يولدىن چەتنەپ كېتىۋاتقانلىقىدىن بېرىلگەن سىگنال ھېسابلىندۇ . ناۋادا بىرى باشتىن - ئاياغ ئىنتايىن ئاز سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولسا ، بۇ ھال ئۇنىڭ ئىجادچانلىقىنڭ ئېنتايىن ئاجىز ئىكەنلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ .

خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش كۈچۈڭنى ئاشۇر . بۇ ئىقتىدار ھەممە ئادەمدە بولغىنى بىلەن ئۇنى داۋاملىق ئىشقا سىلىپ تۇرمىسا ئاجىزلاپ كېتىدۇ . شۇڭا بىر سوتكىدا بىرەر قېتىم تەۋەككۇل قىلىشنى تۇرمۇشىڭنىڭ موھىم نۇقتىسىغا ئايلاندۇر .

مەغلۇبىيەتنىڭ مۇنداق ئىكككى خىل پايدىسىنى ئۇنۇتما : بىرى ، ناۋادا سىناقتا مەغلۇپ بولساڭ ، قايسى يولدا مىڭىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلىۋالىسەن ؛ يەنە بىرى ، مەغلۇبىيەت ساڭا يېڭى - يېڭى سىناقلارنى ۋۇجۇدققا چىقىرىش پۇرسىتى بېرىدۇ .

ئادەم گەرچە «جانلىقلارنىڭ ئاقىلى » دېيىلسىمۇ ، لېكىن ئەتراپىمىزدا ئۆرىنى چۈشەنمەيدىغانلار ساماندەك . ئۇلار ياكى ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانى يوق كىشىلەر ياكى ئۆزىنى كەمسىتىدىغان ، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغانلار ياكى ئۆزۈمنى چاغلىيالماي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن ، بورىغا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن دېگەندەك ئۆزىنى چاغلىيالماي زىيان تارتىدىغانلار ۋە ياكى قىزىقىش جەھەتتە شاختىن شاخقا قونۇپ ئۆمرىنى بىھۇدە ئىسىراپ قىلىۋېتىدىغانلاردۇر .

ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ بىلىش - بىر ئادەمنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولۇشى ، ئائىلىدە بەختلىك بولۇش - بولالماسلىقى ، بىرەر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش - قازىنالماسلىق ۋە كۈتۇلمىگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش - ساقلىنالماسلىقىغا بىرىپ تاقىلىدىغان ئىش . دېمەك ئۇ ، بىر ئادەمگە ئۆمۈرلۈك ھەمرا بولىدىغان يۈكسەك تېما شۇنداقلا ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى موھىم شەرتتۇر .

مۇنەۋۋەر باشقۇرغۇچىلاردىن بولىمەن دېگەن ئادەم موھىتنى گويا بۆرىدەك كۆزىتىش ئىقتىدارى بولۇشى ، ئاددىي تەبىئەت دۇنياسىدىن ھەيران قالارلىق نەرسىلەرنى بايقاشنى ئۆگىنىشى ، باشقىلار دىققەت قىلمىغان ئىنچىكە نۇقتىلارنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىپ ، خىرىدارلارنىڭ يۈرلۈك ئېھتىياجلىرى ۋە خادىملارنىڭ خىلمۇخىل يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى بايقاپ ، كەسىپنى روناق تاپقۇزۇشتا ئەپچىل پايدىلىنىشنى بىلىشى كېرەك .

بۆرە ئائىلىسى دۇنيادىكى بىردىنبىر تۇراقلىق نەرسنىڭ دەل « ئۆزگىرىش » قانۇنىيىتى ئىكەنلىكىنى ئادەملەرگە قارىغاندا ئوبدان بىلىدۇ . بۇ قانۇنىيەت بۆرىلەردىن ئاجىزلارنى ۋەھىمىگە سالىدۇ ، كۈچلۈكلەرنى شادلاندۇىدۇ . چۇنكى ئۆزگىرىش دەقىقىلىرىدە دۇنيا دەل كۈچلۇك بۆرىلەرنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ . ئىنسانلار جەمئىيىتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ . ئاەتتە سودىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىزىشى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولىدۇ .

بۇ ھال كىشىلەردىن ۋەزىيەتنى ئىزچىل تۈردە ئنچىكە تەھلىل قىلىپ ، ئۇ ھەقتە توغرا يەكۈن چىقىرىپ ، شۇنىڭغا مۇناسىپ تىجارەت تاكتىكىسى ۋە تەدبىرى قوللىنىش ئارقىلىق ، ئۆزگىرىشكە پەرۋا قىلماي ، ئۆزگىرشنى تەھلىل قىلىش ۋە شۇ ھەقتە توغرا ھۆكۈم چىقىرىشقا سەل قاراپ ،كونا قېلىپ ، كونا تىجارەت ئۇسۇلى ۋە ئەندىزىسى بويىچە ئۆزۈڭ بىلگەنچە ئىش كۆرسەڭ ، ئۇ تىجارەتتىكى مەغلۇبىتيىڭ بىلەن نەتىجىلىنىدۇ .

بۆرىلەر توپىدىكى ھەر قانداق بۆرە ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى كەلسە - كەلمەس تالىشىۋەرمەيدۇ ، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ شۇ توپتىكى رولىدىن مەمنۇن بولۇپ ، باشقىلار بىلەن ئەڭ ياخشى ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىدۇ .

«كوللېكتىۋىزملىق روھ » - خۇددى ئاش بىلەن نانغا ئوخشاش ھەر قانداق چاغدا ئويلىنىشقا يېگىشلىك تېما . بىراق ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدىغان ئادەم چىقمىسا ، ئىنسانلار كوللېكتىپى «بۆرىلەر توپى» غا ئەمەس ، بەلكى «قويلار پادىسى » غا ئوخشاپ قالىدۇ .

پەقەت شەخىسنىڭ خاسلىقىغا مەدەت بىرىپ ، ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق ئىشقا سالغاندىلا ، كوللېكتىپ مەڭگۈلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولالايدۇ ؛ پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلىپ ، پەرقلەر ئارا ئورتاقلىقنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا ئاندىن كوللېكتىپ يېخىمۇ كۈچىيىپ ۋە كامال يېپىپ ، توسقۇنسىز بىر گەۋدىگە ئايلىنالايدۇ .

توپتىكى بۆرىلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ئائىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ . كارخانا خادىملىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش خادىملاردا كارخانىغا بولغان ساداققەت ۋە كەسپىي ئەخلاقنى يېتىلدۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ، ھەر قانداق كارخانىدا ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسلىدۇر .

بۆرىلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسى ئاجايىپ بولىدۇ . ئۇلار ، « بۇ دۇنيادا ئىرادەڭنى ھىچقانداق نەرسە نابۇت قىلىۋېتەلمەيدۇ . شۇڭا جۈرئىتىڭ تىشىپ تۇرسا ، ئۆز تەقدرىڭنىڭ ئىگىشىگە ئايلىنالايسىەن ؛ ناۋاد جاسارەتسىز بولساڭ ، ئۆزۈڭنىڭ دۈشمىنىڭگە ئايلىنىپ قالىسەن ! » دېگەننى ئوبدان بىلىدۇ.
مەنبە: بىلىك كۇلۇبى