2008年12月19日

ئەرۋاھلار قوزغىلىڭى

ئەرۋاھلار قوزغىلىڭى

(ياقۇپ ئىسمائىل)
پەرىشتە ئويلىنىپ قالدى .ئىنسانلار ئارىسىدىكى پىتنە-پاسات،سۆلەتۋازلىق ،شەكىلۋازلىق،ئۇنىڭ كۆڭلىنى بىر قىسما قىلىپ قويغان ئىدى .ئۇ ئىنسانلارنى چىن دىلدىن ياخشى كۆرەتتى .ئۇلارغا ئىشنەتتى .ئۇلاردىن زور ئۈمىد كۈتكەنىدى.شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلارنىڭ ھەرقانداق مۈشكۈلىنى ئاسان قىلىپ كەلگەنىدى .مانا ئەمدى بولسا...........
پەرىشتە زىممىسىدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىنى سەزدى .كۆز ئالدىدا چەكسىز بىر بوشلۇق سوزۇلۇپ ياتاتتى .ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرنىڭ نەدىن چىقىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتىن يىغا-زارا كۆتۈرۈلۈپ،كەينىدىنلا بىر جىنازا كۆرۈندى .پەرىشتە ئىككىلىنىپ تۇرمايلا بىر مۇساپىرغا ئايلىنىپ ،جىنازىنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقان جامائەتكە قوشۇلۇپ كەتتى . قەبرىستانلىق ئىنتايىن چوڭ ئىدى .پەرىشتە ھاڭ-تاڭلىق ئىچىدە ئەتراپقا باقتى .چۈنكى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇردىكى قەبرىستانلىق بىلەن كۆز ئالدىدىكى قەبرىستانلىق ئاسمان-زېمىن پەرق قىلاتتى.ئۇنىڭ كۆزىگە ئادەملەر ئۆلە –تىرىلىشىگە قارىماي بىر-بىرى بىلەن بەسلىشۋاتقاندەك كۆرۈندى .ئاجايىپ ھەيۋەتلىك قاتۇرۇلغان قەبرىلەر بىلەن كونا قەبرىلەر روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ تۇراتتى .پەرىشتە ئەلەم بىلەن خۇرسىنىپ قويدى.جامائەت مېيىتنى قەبرىستانلىقنىڭ چېتىدىكى يېڭىلا تەييار قىلىنغان گۆرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. تېخى يېڭىلا قېزىپ چىقىرىلغان سېرىق توپا بىلەن شېغىل ئارىلاشقان قۇم گۆرنىڭ ئاغزىنى توسۇپ تۇراتتى . پەرىشتە كۆزنىڭ قىرى بىلەن مۇسىبەت ئىگىلىرىگە قاراپ قويدى .قارىغاندا ئۆلگۈچى باي بولمىسىمۇ ،ھەر ھالدا قول ئىلكىدە بار ئادەمدەك قىلاتتى .
بىر چەتتە ئۇزۇن پېرىنجە كىيىپ ،يوغان سەللە ئورىغان بىر نەچچە ئاخۇنۇم نېمە توغرىلىقتۇر پىچىرلىشىپ ئولتۇراتتى. ئۇلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ،پۈتۈن قەبرىستانلىق تىمتاسلىققا چۆككەنىدى.شۇ ئارىلىقتا ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ ،‹‹ لائىلاھە ئىللاللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلىللا››دېگەن سۆزنى تەكرارلاپ،تەييار بولۇش ئالدىدا تۇرغان گۆرنى ئايلىنىشقا باشلىدى .
-ھوي ئادەم !-دەپ ۋارقىرىدى تۇيۇقسىز بىر چەتتە ئولتۇرغان سەللىلىكلەردىن بىرى زەردە بىلەن ،-باشقا يەردە ئۆتكۈزگەن گۇناھىڭنى ئاز دەپ ،بۇ يەردە نېمىگە تىلىڭنى چايناپ يۈرىسەن ؟بىلسەڭ ئوقۇغىن ساۋاب بولىدۇ.بىلمىسەڭ بىلەرمەنلىك قىلماي تىنىچ ئولتۇر گۇناھقا پاتمايسەن .تەپتارتماي ‹‹مۇھەممەدۇن››دەيسىنا بالاڭنىڭ ئىسمىنى ئاتىغاندەك ،‹‹مۇھەممەدۇن››ئەمەس ‹‹مۇھەممەدۇر››دوپ ئوقۇيمىز.
ئەتىراپ ئېغىر سۈكۈتكە پاتتى. دەككىسنى يېگەن ئادەم كىشلەر ئارسىدىن غايىپ بولدى .ئاخۇنۇملار نېمىلەرنىدۇر دەپ يەنە ئۆز پارىڭىغا چۈشتى.
پەرىشتە شۇنچە بىلەرمەن ئادەملەرنىڭ مۇسىبەتكە تولغان مۇشۇ مەيداندا باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ ،ئۆزئارا ھەمسۆھبەت قۇرغانلىقىغا ھەيران قالدى . چالا بولسىمۇ تەگبىر ئېيتىشنىڭ قۇرۇق پاراڭ سالغاندىن مىڭ ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بۇ ئاخۇنۇملار راسىتتىنلا ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ؟.
پەرىشتە ئىنسانلار ئارسىدىكى مېھىرى-مۇھەببەتنىڭ قانداقتۇر بىر نەرسىگە ئالمىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى .كۈن قاتتىق قىزدۇرۇۋاتقان .قەبرىستانلىق گويا قوقاس ئۈستىگەدۈم كۆمتۈرۈپ قويغان داسقا ئوخشاش قىزىپ كەتكەنىدى.
ئادەملەر ئىسسىق دەستىدىن تىنالمايۋاتقان بولسىمۇ،لېكىن مىدىر-سىدىر قىلماي ئەڭ ئاخىرقى ۋەزىپىنى ئۆتەۋاتاتتى.تىمتاسلىققا چۆككەن قەبرىستانلىقتا قىرائەت
قىلغۇچىنىڭ ئاۋازى ياڭراشقا باشلىدى.پەرىشتە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئوقۇلغان قىرائەتنىڭ ئىچىدە خاتا كەتكەن سۆز-ئىبارىلەردىن بىر تالايغا بەلگە قويدى .قىرائەت ئاخىرلاشتى .جامائەت دۇئاغا قول كۆتۈردى .پەرىشتە كۆزنىڭ قىرى بىلەن تېخى ھېلىلا باشقىلارنىڭ دەككىسنى بەرگەن يوغان سەللىلىك ئادەمگە قاردى .سەللىلىك ئادەم گويا ھېچنەرسىنى سەزمىگندەك،دۇئا ئاخىرلىششى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ يۈرۈپ كەتتى .ئەرۋاھلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئىشلار بار ئوخشايدۇ،دەپ ئويلىدى پەرىشتە قەبرىستانلىقتىن قايتىۋىتىپ. پەرىشتە مېيىت چىققان ئۆيدە بىر نەچچە كۈن تۇتۇپ قالدى .ھېچكىم ئۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ،نىمە ئېش قىلدىغانلىقنى سۈرۈشتۈرمىدى.ئۇ خۇددى مۇشۇ ئائىلنىڭ بىر ئەزاسىدەك يۈگۈرۈپ يۈرۈپ سۇ تۇشۇدى ،ئوتۇن ياردى. بۇ ئائىلىكلەرمۇ ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلدى ....
-ئۆلۈم ئۇزىتىشقا قانچىلىك پۇل خەجلەپسىلەر ؟-دەپ سوردى پەرىشتە ياخشى پەيىتنى تاللاپ بالىلارنىڭ چوڭىدىن .
---ئۈچ مىڭ سوم،---دەپ ئۇدۇللا جاۋاب بەردى بالىلارنىڭ چوڭى .پەرىشتە ھەيران قالدى .
---شۇنچە كۆپمۇ؟ سىزنىڭچە شۇنچە پۇل خەجلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟دېمەكچىمەنكى،بۇ پۇللارنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنلارغا ئىشلەتسەڭلار ساۋابى تىخىمۇ چوڭ بولماسمىدى ؟.
---دادىمىزغا قانچىلىك خەجلىسەك ئەرزىيدۇ.چۈنكى ئۇ بىزنى بېقىپ قاتارغا قوشتى .
______بۇ پۇلنى دادىمىزغا خەجلىدۇق دەپ قارامسىلەر ؟ ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن تۇرسا؟
_________شۇنداق ،ئۇ ئۆلۈپ كەتتى .ئەمما ئۇنىڭ روھى ئۆلگىنى يوق.ئۇنىڭ روھى قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات .بىز دادىمىزنى مەڭگۈ ئۇنتۈپ قالمايمىز.ئۇنىڭ بىزنى بېقىپ قاتارغا قوشقىچە ئاز جاپا تارىتمىدى.بىز دادىمىزنى ئەسلەپ تۇرىمىز.ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىمىز.
چوڭ ئوغۇل سۆزلەۋىتىپ بىر نەرسىنى سەزگەندەك پەرىشتىگە تىكىلىپ قارىدى ۋە:-
________بۇ ئىشلارنى سوراپ قالدىڭىزغۇ ؟قارىسام بىكار ئادەمدەك قلمايسىز،بېشىڭىزدىنمۇ نۇرغۇن ئىسسىق—سوغۇق ئۆتكەندەك قىلىدۇ.سىزگە كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم دادام رەھمەتلىك ئەزەلدىن ھەشەمەتچىلىككە ،ئىشراپچىلىققا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ ئىدى.جان ئۈزۈش ئالدىدىمۇبىزگە ۋەسيەت قىلىپ:‹‹ ئۈن سېلىپ ،ياقا يىرتىپ يىغلىماڭلار ،باشقىلارنىڭ ئارامىنى بۇزغاندىنمۇ چوڭ گۇناھ يوق .نەزىر-چىراغنى ئاددىي –ساددا ئۆتكۈزۈڭلار. مەن بۇ پۇللارنى ناھايىتتى تەستە تاپتىم.بۇزۇپ-چاچساڭلار روھىم ئازابلىندۇ.مېنى ئازابلانمىسۇن دېسەڭلار بۇ پۇللارنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا
ئىشلىتىڭلار .بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىڭلار.مەن تۇتقان يولنى تۇتۇپ، كېيىنكىلەرگە بىر نەرسە قالدۇرۇڭلار .ياشاشنىڭ قىممىتى ئەنە شۇنىڭدا .ماڭا سىلەرنىڭ دۇنيارىڭلار كېرەك ئەمەس .ماڭا دۇئا قىلىپ تۇرساڭلار بولدى.››دېگەنىدى .بىراق ئۇنداق قىلغىلى بولمىدى ،--دېدى .
چوڭ ئوغۇلنىڭ بىردىنلا ئۈنى پەسلەپ كەتتى .پەرىشتە ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن بۇ ئىشلارنى ئامالسىز قىلۋاتقانلىقىنى بىلدى.دېمىسمۇ ئىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئىدى. ئۇ ھەركۈنى تاڭ ئاتماستا ئورنىدىن تۇرۇپ تاھارەت ئالاتتى .تۇپراق بېشىغا چىقىپ قۇران ئوقۇشقا دېيشىپ قويغان موللىلارنى ئىزدەپ يېلىناتتى. بۇنىڭدىن ئىچى پۇشقان پەرىشتە بىر كۈنى چوڭ ئوغۇلغا:_____________
__شۇنچە جاپا تارتىپ باشقىلارغا يېلنىغىچە ئۆزىڭىزلا ئوقۇسىڭىز بولمامدۇ ؟ئۇلارمۇ سەھەر تۇرغىنى ئۈچۈن ئاز پۇل ئالماس؟--دېدى.
________بولمايدۇ.بولمايدۇ،قوينى قاسساپ سويسۇن-دە ، ئۆتۈكنى موزدۈز تىكسۈن.بىر سۆزنى خاتا ئوقۇپ قويغاننىڭ قانچىلىك گۇناھ بولدىغانلىقىنى بىلەمسز؟ ئۇ خۇددى چاپقىنى ئالىمەن دەپ كۆزىنى قارىغۇ قىلىپ قويغانغا ئوخشاش ئىش .پۇل كەتسە ئىشلەپ تاپقىلى بولىدۇ .بۇيەردە ئەڭ مۇھىمى ،ئىناۋەت مەسلىسى .پۇلنى دەپ گۇناھ يۈكلىۋېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.
پەرىشتە قەبرىستانلىقتا ئوقۇلغان قىرائەتنىڭ خاتا يەرلىرىنى ئەسلەپ كۈلۇپ تاشلىدى .چوڭ ئوغۇل غەلىتە مىجەزىلىك بۇ ئادەمگە ھەيرانلىق بىلەن تىكىلدى .
ئۈچ نەزىز كۈنى چاتاقنىڭ چوڭى چىقتى. قىرائەت قىلىدىغان ئاخۇنۇم ئاغرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن داستىخان سېلىنىپ، تاماقلىرىنى يەپ بولغان ئۈچ ئۆيدىكى جامائەت بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە جىمجىت ئولتۇراتتى . ھەممە يەرنى خىجىللىق قاپلىدى .پەرىشتنىڭ تاقىتى تاق بولدى .ئۇ ئاخىرى چىدىماي چوڭ ئوغلىنى بىر چەتكە تارىتتى .
___نېمىگە قاراپ تۇرىسىز ؟ بېرىڭ ،دادا سىزنىڭ بولغاندىكىن بىلشىڭىزچە قىرائەت قىلىڭ ،تېز بولۇڭ!
چوڭ ئوغۇل دەسلەپتە ھەيران بولدى .ئالدىدا تۇرغان ئادەمنىڭ كۆزدىكى سېھرى كۈچنى كۆردى.ئۇ راسىت دەيتتى . دېمىسمۇ...........ئۇ غەيرەتكە كېلىپ جامائەت بار ئۆيگە كىردى .مۇڭلۇق قىرائەت ئاۋازى ئاڭلاندى.
____ تىلىڭنى تارت !!__دېدى كىمدۇر بىرى غەزەپ بىلەن ،__نېمە دەۋاتقىنىڭنى بىلەمسەن ؟‹‹ئەھەت›› دەيسەنغۇ تەپتارىتماي؟!‹‹ ئەھەت››ئەمەس،‹‹ئەھەدى››دەپ ئوقۇيمىز.ئوقۇيالمىغاندىكىن زورىقىپ نېمە قىلسەن ؟ داداڭنى دوزاخقا كىرسۇن دەمسەن _يا!!!
نەچچە كۈندىن بېرى ئۆزىنى تەستە بېسىپ يۈرگەن پەرىشتە ئورنىدىن قانداق تۇرۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالدى .
____تەخسىر ،ئۆزلىرى شۇنچە نۇرغۇن نەرسىنى بىلدىكەنلا ،باياتىن بېرى تاڭگا چىشلىۋالغاندەك ئولتۇرۇشلىرىنىڭ ۋەجى نېمىدىنكىن ؟مەن دېمىسەممۇ بۇ يەرنىڭ باشقىلارنىڭ سەۋىيسىنى سىنايدىغان مەيدان ئەمەسلىكىنى بىلىپ ئولتۇرۇپلا ،شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۆزىلىرى ئوقۇيمايلىيۇ ،ئوقۇغان ئادەمگە غەزەپ قىلىلا . بۇنىڭ گۇناھ بولمايدىغانلىقىغا قانداق ئاساسلىرى بار ؟كونىلاردا ‹‹ ئوقۇمىغاندىن چالا بولسىمۇ ئوقۇغان ياخشى، بەرمىگەندىن پۇچۇق بولسىمۇ بەرگەن ياخشى›› دېگەن ھېكىمەتلىك سۆز بار،بوپتۇ. بۇكىشى خاتا ئوقۇپ گۇناھقا پاتتى دەيلى ، قېنى ئەمسە ئۆزلىرى توغرىسنى ئوقۇپ ساۋابىنى ئالغايلا.
ھېلقى ئادەم پەرىشتىگە ئاليىپ قويۇپ ،ئاغزىنى مەھكەم يۇمغىنچە قولىدىكى تەسۋىنى سېرىشكە باشلىدى .ئۆي ئىچىنى جىمجىتلىق باستى .
______تەخسىر ،ئۇ ئادەمىنى قىينىمىسلا ،گەپنىڭ راستىنى ئېيتساق ،بۇ ئادەمنىڭ بىلدىغانلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس ئۇيەر-بۇ يەردە ئۆزىنى بىلەرمەن كۆرسىتىش ئۈچۈن ئاشۇنداق لوقما سېلىپ قويىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۆزى بىر قارىتۈرۈك ،_دېدى ئاردىن بىرسى ئوتتۇرىلىقىتىكى قىيىن ئەھۋالىنى ئوڭشاش مەقسىتىدە.
چوڭ ئوغۇل ئۆزىنى خورلۇق ئىچىدە قالغاندەك ھېس قىلدى . ئۇنىڭ بېشى مىڭ يىل يۇيۇپمۇ چىقىرۋەتكىلى بولمايدىغان گۇناھقا پاتقاندەك ساڭگىلاپ كەتتى .ئەگەر سىرىتتىن ساپايە چالغان دىۋانە كىرىمىگەن بولسا ، بۇ ئىشلار نىڭ قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمەيتتى .دىۋانە ئۇزۇندىن –ئۇزۇن قىرائەت قىلدى .ئۇنىڭ مۇڭلۇق قىرائىتىدىن بەزىلەر نىڭ كۆزىلىرى نەمدەلدى .پەرىشتىنىڭ ئىچىنى نۇرغۇن قارا باشلىق قۇرتلار غاجىلىماقتا ئىدى.ئىنسانلارنىڭ پەزىلتىنى يوقتىۋاتقانلىقى ئۇنىڭغا ئەلەم قىلاتتى .ئىنسانلارنىڭ مەلۇم مۇددىئالىرى ئۈچۈن ئاللانى شىپى كەلتۈرۈپ بىر-بىرىنى ئالدايتتى .ئۇلار كۆرنۇشتە شۇنچىلىك تەقۋادار ،شۇنچىلىك بىلىملىك ئىدىكى ،بەزىدە بۇلارغا ئۆزلىرىمۇ ئىشنىپ قالاتتى. قىلۋاتقان ئىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاشقا چولسىمۇتەگمەيتتى .ئۇلار شۇ تاپتا ئۆز دائىرسىدىكى ‹‹ رىقابەت›› كە بېشىچە كىرىپ كەتكەن . ئاتاق-ئابروي ، مال –دۇنيا ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايتتى . ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە پەرىشتىنىڭ بىردىنلا ئىنسانلاردىن كۆڭلى سوۋۇپ كەتتى . ھېلىمۇ ياخشى ئەرۋاھلار قوزغىلىڭىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى .ئەمدى قايتىپ بېرىپ بۇ ئىشلارنى ئاللاغا ئەينەن دوكلات قىلىش كېرەك .پەرىشتە يولغا چىقىشقا تەمشىلۋاتقاندا چوڭ ئوغۇل ئۇنىڭ يېنىغا ئالدىراش كېرىپ كەلدى ۋە:__________
_____قوشنا موماي تۈگەپ قاپتۇ .سىز خاپا بولماي شۇ يەرگە كىرىپ ھە-ھۇ دېيشىپ تۇرسىڭىز .مەن بىرىپ مەسچىتكە خەۋەر قىلۋېتەي ،_دېدى –دە ،ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتى ..پەرىشتە قوشنا موماينىڭ ئۆيىگە كىردى .موماي ھېلىلا ئۇخلاپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى .ئۇنىڭ قورۇق باسقان چىرايىدىن خاتىرجەملىك چېقىپ تۇراتتى .ميىت شۇ كۈنى قونۇپ قېلىشقا تاس قالدى .چۈنكى موماي كەمبەغەل ئىدى .ھوقۇق تۇتقان ياكى مۇھىم ئورۇندا ئىشلەيدىغان بىرەر تۇغقىنىمۇ يوق ئىدى .ئۇزۈندىن بېرى قولۇم –قوشنىلىرى ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كېلۋاتقان بۇ مومايدا ئاخۇنۇملارنىڭ ئالدىغا قويغۇدەكمۇ پۇل يوق ئىدى . چوڭ ئوغۇل ئۇياق-بۇياققا دوقۇرۇپ يۈرۈپ ئاخىر بىر ماشىنا تېپىپ كەلدى .شۇنىڭ بىلەن مىيىت ئۇزتىلدى .ئۇ ئۆلدى .ئەمدى ئۇنىڭ روھىغا قول كۆتۇرۇپ دۇئا قىلىپ قويدىغان بىرەر ئنسان چىقارمۇ ؟ پەرىشتىنىڭ ئېسىگە ئورۇنلاشقا تىگىشلىك يەنە بىر ئىش كېلىپ قالدى. پەرىشتە بۇياققا مېڭىش ئالدىدا بىر ئەرۋاھ ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسلىپ تۇرۇپ ،بالىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلىپ كېلىشنى تاپىلغانىدى .پەرىشتە خاپىلىقتا بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قالدى .
__نېمە ئەرۋاھلار روھىغا ئاتاپ دۇئا قىل دەمسىز؟
__سىز ساراڭ بولۇپ قالدىڭىزمۇ ؟دۇئا قىلىش ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس.خاتا ئوقۇپ قويساق ئەرۋاھلارنىڭ روھى ئازابلىندىغان گەپ. مەن دادامنىڭ روھىنىڭ ئازاپلىنشىنى خالىمايمەن .گەپنىڭ راستىنى دېسەم، بۇنداق ئويلايدىغان يالغۇز مەنلا ئەمەس. مۇشۇ ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قارشى ئوخشاش.موللا تىېپىپ دۇئا قىلدۇرايلى دېسەك، ئۇنىڭغا جىق پۇل كېتىدىكەن .ئۇنچېلىك پۇلغا نەگە بارىمىز ؟ داداممۇ كېيىن لازىم بولۇپ قالار ،دەپ ئوشۇقراق بىر نەرسە يىغىپ قويماپتىكەن .نېمە ؟ ئۆز تىلىڭ بىلەن دۇئا قىلساڭ بولمامدۇ دەمسىز؟ ئادەمىنى ئۇنداق زاڭلىق قىلماڭ،ھازىرقى كۆرۈۋاتقان كۈنۈممۇ يېتىپ ئاشىدۇ .سىز دادامنىڭ كونا ئاغىنىسى ئىكەنسىز .بۇ شەھەردە يۈزۈم چۈشۈپ كەتمىسۇن دېسىڭىز ،تىلىڭىزغا ئاگاھ بولۇپ يۈرۈڭ. مەن سىزگە دەپ بەرسەم،مەھەللىمىزدە ئارزاڭ بىلەن بىقىلغان مالنىڭ گۆشىنىمۇ يېيىشكە بولمايدۇ.چۈنكى ئارزاڭ دېگەن ھاراقنىڭ قالدۇقى.ھاراق دېگەن ھارام ،شۇڭا ئارزاڭنى يېگەن مالمۇ ھارام بولىدۇ.مەھەللىمىزدە بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئارزاڭ بىلەن مال بېقىپ بېيغانلار خېلى بار ئىدى . ئۆتكەن نەدىن چىقىتى بۇ پەتىۋا ،ئارزاڭ بىلەن مال باققانلاردىن نەچچىسى تىك موللاق چۈشتى .چۈنكى جامائەت ئۇنداقلارنىڭ ئۆيىگە كىرمەيدۇ.ھېيىت –ئايەم كۈنلىرى ئۇلارنىڭ ئىشىك ئالدىدىن ئاتلاپ ئۆتۇپ كىتېدۇ.ئەگەر كىم كىرىشكە پېتىنسا تاناۋى تارتىلىدۇ.ھېچكىممۇ ئۇنىڭ مېلنى ئېلىشقا ،يېيىشكە پېتىنالمايدۇ.يەنە بۇ يەردە بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئارزاڭ بىلەن مال بىقىپ باي بولۇپ ھەرەمگە بېرىپ ‹‹ ھاجى ›› بولۇپ كەلگەنلەر بار . نۇرغۇن ئادەم ئۇلارنىڭ ‹‹ ھاجى›› لىقىنىڭ بولىدىغان – بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيلا ئۇلارغا باش ئۇرۇپ يۈرىدۇ تېخى ھى...ھى...ھى.......
پەرىشتىنىڭ بېشى پىقىراپ كەتكەندەك بولدى .بۇ قائىدە – پەتىۋالارنىڭ كۆپلىكىدىن ئادەملەرنىڭ ئۇھ دېگۈدەك ھالى قالمىغانلىقىنى چۇشەندى .ئاشۇ پەتىۋا لارنى ئادەملەرنى قايمۇقتۇرۇپ ،ھەق بىلەن ناھەقنى پەرق ئېتەلمەس قىلىپ قويغاچقا ،ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت بارانسېرى ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن. شۇڭا ئەرۋاھلار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئاللانىڭ ئالدىغا بارغان .پەرىشتىنىڭ كۆز ئالدىدا بىردىنلا ئەرۋاھلار قوزغىلىڭىدىكى ئىشلار پەيدا بولدى. ئاللانىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى تۇيۇقسىز چاقىرتقانلىقىنى چۈشنەلمىگەن پەرىشتە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەندە ئاللا ئۇنىڭغا ::__
__ئەرۋاھلارنىڭ غوۋغاسىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟! ئۇلار قوزغىلاڭ كۆتۇرۇپ ئالدىمغا كەپتۇ.بۇقانداق گەپ ؟بىز نېمە ئىش قىلىپ يۈرىمىز؟ سەن دەرھال بىرىپ ئەھۋالنى بېلىپ كەل !!دېدى.
پەرىشتە سىرىتقا چىقىپ ھەيران قالدى .ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا سان –ساناقسىز ئەرۋاھلار دېڭىزدەك چايقىلاتتى .ئۇلارنىڭ غوۋغاسى پەلەكنى بىر ئالغاندى .
__نېمگە غوۋغا قىلشىسىلەر ؟ ئۆزۈڭلارنىڭ ھازىر نەدە تۇرۋاتقانلىقىڭلارنى بىلمەمسىلەر ؟ بۇ دېگەن مۇقەددەس جاي .ئاللاھنىڭ دەرگاھى. ئۇنىڭ گۈلدۈر مامىدەك ئاۋازىدىن پۈتۈن ئەتراپ سۈكۈتكە چۇمدى.پەرشتىنىڭ ئۇلارغا ئىچى ئاغرىپ قالدى.
____ خوش نېمە ئىش؟ بىرىڭلار ئالدىغا چىقىپ سۆزلەڭلار .
_______بىزدە ئارتۇق تەلەپمۇ يوق، پەرىشتەم. بىزگە پەقەت ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ساداقىتى لازىم. چۈنكى بىز ئۇلارنى بىزنىڭ ئىزىمىزنى باسىدۇ ، چىرىغىمىزنى ياندۇرىدۇ. بىز ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ دەپ ئەزىزلىگەن .شۇڭا بىز مەسلىھەتلىشىپ ،دەردىمىزنى ئاللاغا ئېيتىش قارارىغا كەلدۇق،_دېدى بىر ئەرۋاھ ئالدىغا چىقىپ.
پەرىشتە ئويلىنىپ قالدى .ئەگەر ئۇلارنىڭ دېگىنى راسىت بولسا ،بۇ ئەلۋەتتە كىچىك ئىش ئەمەس. ئەمما....... پەرىشتە ئاخىر ئاللانىڭ ئەمرى بويىچە زېمىنگە چۈشتى . ئۇنىڭ نەچچە كۈندىن بېرى كۆرگەنلىرى ئەرۋاھلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئازراقمۇ يالغان ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغاندىن سىرىت يەنە بىر مۇنچە مەسلىلەرنىمۇ ئاشكارىلىدى.ئۆزى ئىشەنگەن ،‹‹ شەيتاندىن ئۆلۈكى ئارتۇق›› دەپ بىلدىغان ئىنسانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئايلىنىپ ياۋۇزلۇقتا چېكىگە يەتكەنلىكىنى كۆردى .ئۇ يەنە بەزىلەرنىڭ مال-دۇنيانىڭ كەينىگە كىرىپ ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ،نېمە ئىش قىلدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى كۆردى. ئۇيەنە بەزىلەرنىڭ ساددا كىشلەرنىڭ كۆزىنى بوياپ،ئۇلارنى ئۆز مەنپەتىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ يەنە.......گۇناھ بىلەن ساۋابنىڭ ئوتتۇرسىدىكى چەك- چېگرا ئەزەلدىن ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان بىلەرمەنلەرنىڭ قولىدا غۇۋالىشىپ بارماقتا ئىدى. پەرىشىتنىڭ قوشۇمىسى تۇرۇلدى . ئۇنىڭ ئالدىدا ھازىر ئىنتايىن مۇقەددەس ۋەزىپە تۇراتتى . ئۇ ئىنسانلار ئارسىدا كۆرگەن –بىلگەنلىرىنى ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئاللاغا ئەينەن ئىنكاس قىلىش لازىم ئىدى. پەرىشتە بىرلا ئۆرۇلۇپ بىر كەپتەرگە ئايلاندى –دە، ئاللانىڭ ئالدىغا قاراپ ئۇچۇپ كەتتى .

تارىم ژورنىلىدىن ئېلىندى.


كومپىيۇتېرغا كىرگۈزگۈچى :_

ئى. مەردان ئۆز ئۇيغۇر .


مەنبە: جىلۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بلوگى www.jilwe.cn

جىلۋە ئۇنۋېرسال بلوگى
http://jilwe.blogbus.com

باشقا يەرگە چاپلىماقچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ!

0 评论: