2008年1月29日

ئەنئەنىۋى ئاڭ گۇگۇمىدىكى ئۇيقۇ ۋە زامانىۋى ئاڭ سەھىرىدىكى ئويغىنىش

يازغۇچىسى : ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ( 1995.02.27 - 1933.09.28 )


كەچقۇرۇن پېتىۋاتقان قۇياش بىلەن سۈبھى سەھەر كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياش بىر قاراشتا ئوخشاش شەپەق چېچىپ ، ئوخشىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ . ئەگەر بىز خىرامانلىق ئىلكىدىن قۇتۇلۇپ ، شەرق بىلەن غەربنى ، كېلىۋاتقان يېڭىلىق بىلەن كېتىۋاتقان كونىلىقنى پەرق قىلالىساقلا ، بۇنداق << ئوخشىشىپ >> كەتكەن ھادىسىدىكى تۈپلۈك پەرقنى بايقىۋالالايمىز .
ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز تارىخىدىكى سەكرەتمىلىكلەر تۈپەيلى ، بەزىدە بەزى مىللەت ياكى خەلقلەر ئىجتىمائىي ۋە ئىدېئولوگىيىلىك فورماتسىيىنىڭ بەزى خىللىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەيلا ئۇلارنى << ئاتلاپ ئۆتۈپ >> ئىلگىرىلىشى مۇمكىن . ئەمما تاۋار ئىگىلىكى بىلەن ھازىرقى زامان قىممەت قارىشىنى مەركەز قىلغان زامانىۋى ئاڭنى << ئاتلاپ >> ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس . بۇ ، ئوتتۇرا ئەسىر ھالىتىدىكى ئىنسان ۋە ئىنسان جەمئىيىتىنى كەلگۈسى ئىنسان ۋە ئىنسان جەمئىيىتىگە ئېلىپ بېرىشتىكى ماددىي ۋە مەنىۋى ئىككى تىرەك .
ئۇزۇن مۇددەت يېرىم مۇستەملىكە ، يېرىم فېئوداللىق ئاسارىتىدە تۇرغان ، كېيىنچە << تۆت كىشىلىك گۇرۇھ >>نىڭ سولچىل دىكتاتۇرىسى ۋە مىللىي ئىنكارچىلىقى ئاستىدا يەنچىلگەن خەلقىمىزنىڭ 1980 - يىلالرنىڭ بېشىدا قايتا ئويغانغان مىللىي ئىپتىخارى ۋە كۆمۈلگەن ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە بولغان ئوتلۇق تەلپۈنۈشلىرىنى تارىخىي ماتېرىيالىزمچىلار تولۇق چۈشىنىدۇ . بۇنداق ھالەت مۇشۇ يىللاردا پۈتكۈل ئېلىمىزدە يۈز بېرىپلا قالماستىن ، تارىختىكى ھەر قانداق جاھالەتتىن كېيىنكى << قايتا ئويغىنىش >> ، << قايتا گۈللىنىش >> دەۋرلىرىدىمۇ يۈز بەرگەن قانۇنىيەتكە ، جۈملىدىن ئەقىلگە مۇۋاپىق ھادىسە ئىدى .
2000 يىللىق مەدەنىيەت تارىخى ئۇتۇقلىرىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر قاتلىۋەتكەن مۇشۇ ئەسىر ( 20 - ئەسىرنى كۆرسىتىدۇ ) ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يۈز بەرگە ، يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ھەممە مەملىكەت ۋە مىللەت خەلقلىرىنى ئالدىرىتىپ قويدى ! مىللىي ئىپتىخارنىڭ بۇ ئەنئەنىۋى ئاڭ شەكلى يېقىندىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياشتەك بىزنى سۆيۈندۈرگەنىدى ، مانا ئەمدى ئۇ ئۆز ئورنىنى ئېلىمىزدە ، ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىدا قايتا شەكىللەنگەن ، بىر قىسىم مۇتەپەككۈرلەر پەرەزلىرىدىن ئومۇم جاھان ھادىسىسىگە ئايلانغان زامانىۋى ئاڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە توغرا كېلىپ قالدى . بۇ خۇددى ئاتا - ئانا ھۇزۇرىدىن يېڭى ئۇستاز ئالدىغا كەلگەندەك بىر قاراشتا << ياتسىراڭغۇ >> كۆرۈنسىمۇ ، ئۇنىڭ زۆرۈرلىكى ، يەنىلا ئۇنىڭ مىللىتىمىزنىڭ يېڭى مىللىي ئىپتىخارى بولۇپ قېلىشىدا گۇمان يوق .
كارل ماركس : << تارىخ ئۆز - ئۆزىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئىنساننىڭ پائالىيىتىدىن ئىبارەت >> دېگەنىدى . ماركسنىڭ بۇ سۆزى تولىمۇ كەڭ ، تولىمۇ چوڭقۇر ۋەزىندار سۆز ئىدى . ئىنسانىيەت ئۆز - ئۆزىنى ئىزدەپ كەلدى . بۇددىستلار ۋە سوپىزمچىلار ئىنساننى تەڭرى سۈپەتلىرىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن << رېئاللىقتىن ۋاز كېچىش >> ۋە << نىرۋانا >> ياكى ۋەسلى ئىلاھىيە >> ئارقىلىق تەڭرى بىلەن قوشۇۋېتىشكە ، تەڭرى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە ئۈمىد قىلىشتى . ئەلىشىر نەۋائىي : سەن مېنى قانداق تاپۇرسەن ، مەن ئۆزۈمنى تاپمىسام ، دېگەنىدى . فارابىي ۋە ئوتوپىك سوتسىيالىستلار غايىۋى جەمئىيەت تەلىماتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى . بۇرجۇئازىيە ئىنقىلابلىرىنىڭ << ئەركىنلىك ، باراۋەرلىك ، مېھرىبانلىق >> غايىلىرى ئىنقىلاب خىتابنامىسىدىلا قېپقالدى . ئوت يالقۇنلىرى ۋە ئىلىم ئىختىرالىرى بىلەن تولغان مۇشۇ ئەسىرىمىز ئۆزىنىڭ زىددىيەتلىك ھادىسىلىرى ئارقىلىق ئومۇمەن 2000 يىل ياراتقان ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدىن ئاللىقاچان ئېشىپ چۈشۈپ ، ئۇچۇر ، ئىرسىيەت قۇرۇلمىسى ۋە ئارىلاشما ( سېنكىرىتىك ) مەدەنىيەت بوسۇغۇسىغا دەسسەپ قالدى . مۇشۇنىڭغا ئەگىشىپ ، ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا ، ئۇنىڭ تارىخىي ماھىيىتى سۈپىتىدە << ئىنسان زادى نېمە ؟ >> ، << ئىنسان قانداق بولۇشى لازىم ئىدى ۋە قانداق قىسمەتتە تۇرماقتا ؟ >> ، << سانائەت ئۇتۇقلىرى ، پاراۋانلىقنىڭ ئوبيېكت ۋاسىتىلىرى بىلەن ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي بەخت - سائادىتىدىن ئىبارەت سۇبيېكت مەقسەتدارلىقنىڭ گارمونىك مۇناسىۋىتىنى قانداق قايتا تۈزۈش لازىم ؟ >> دېگەن غايەت زور مەسىلە پۈتكۈل تەپەككۇر بوشلۇقىغا كىرىپ كەلدى . بۇ ، ئۆز - ئۆزىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئىنساننىڭ تارىختىكى سوپىستىك ، ئوتوپىستىك ، گۇمانىزملىق شېرىن چۈشلىرىدىن پەرقلىق ھالدا ئۆز ئوبيېكىتىنى تاپقان رېئال مۇمكىنلىك ئالدىدىكى ھەقىقىي ئويغىنىشى بولدى . بۇنداق زامانىۋى ئاڭ كىشىلەرنى لەرزىگە سالدى ، ئەسەبىيلىك چۈشەكەشلىرىدىكى داھىيلارنى ، سەركەردىلەرنى ، ھەتتا كۆپلىگەن ئىلىم - پەن ئەربابلىرىنى ، سەنئەت مۆتىۋەرلىرىنى ، كەڭ خەلقنى قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى . كۆپ كىشىلەر 21 - ئەسىر ئۇنداق ياكى مۇنداق ئەسىر بولغان كۆرە << ئىنساننىڭ ئۆز - ئۆزىنى تاپقان ئەسىرى >> بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلىدى . بۇ ، ئىنساننىڭ ئىنسان تۇرۇپ ئىنسانغا ئوخشىماي قالغان ھالەتتىن قۇتۇلۇش يولىدىكى ئىنقىلابىي يېڭى تەپەككۇر ئېراسىنىڭ كۆز ئالدىمىزغا يېقىنلاپ كېلىپ قالغانلىقىنى ، پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى مۇشۇ ئۇلۇغۋار ئاڭنى كۆتۈرۈپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى . ئەھۋالنىڭ دەل مۇشۇنداقلىقىدىن كۆزنى يۇمۇۋېلىپمۇ ، ئۇنى ئەيىبلەپ قول سىلكىپمۇ قۇتۇلغىلى بولماي قالدى . بۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئاڭ ئۆزىنىڭ تارىخىي يىلتىزى ، رېئال ئىمكانىيىتى ۋە ئاجايىب سېھرىي گۈزەللىكى بىلەن ئۆزىدىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىشەنگەن ھالدا ئېڭىمىزدا ، مىللىتىمىز ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ چىقىشقا باشلىدى . ھازىرقى ئەھۋال خۇددى مۇشۇنداق بولماقتا :
<< ئۇنداقتا مىللىي ئەنئەنىلىرىمىز ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىز يوقىلىپ كېتەمدۇ ؟ >>
<< بۇ ، مىللىي ئىپتىخارنىڭ يوقالغانلىقى ئەمەسمۇ ؟ >>
ياق ، ئۇنداق ئەمەس ! تامامەن ئەكسىچە !
مەلۇمكى ، مىللىي ئەنئەنە شۇ مىللەتنىڭ كۆپ قاتلاملىق تارىخىي تەرەققىياتىدىكى ھەر بىر قاتلامدا قىسمەن ساقلىنىپ ، قىسمەن يېڭىلىنىپ تۇرغان مىللىي پسىخىك ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئالامىتى بولۇپ ، ئۇ ئەلمىساقتىكى << پۈتۈلمىش >> ئەمەس . ھازىرقى مىللىي ئەنئەنىلىرىمىز ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى مىللىي ئەنئەنىلەرنى ئۆزگەرتىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئاساسىدا شەكىللىنىپ كەلگەن . بولمىسا بىز ئىپتىدائىي توتېم ياكى كۆپ خۇدالىق ئەنئەنىلىرىمىزنى ساقلىغان بولۇپ قالماسمىدۇق ؟ مىللىي ئەنئەنە ئۆزگىرىش ئىچىدە راۋاجلىنىدۇ ، راۋاجلىنىش ئىچىدە يۇقىرى قاتلاملىق تۈسكە داۋاملىشىدۇ . مىللىي ئىپتىخار دېگەنلىكمۇ شۇ مىللەتنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ۋەتەن ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشۇشتىكى غۇرۇر - ئىززىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس . تەرەققىياتقا كۆز يۇمۇپ مىللىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە مىللىي ئىپتىخار ھەققىدە سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ . روشەنكى ، ھاياتنىڭ داۋاملىشىشى بىر شەخس ئۈچۈنمۇ ، بىر مىللەت ئۈچۈنمۇ بۈگۈنكى ۋە ئەتىكى زامان مۇھىتى ۋە زامان تەلىپىگە قانداق ئۇيغۇنلىشىش بىلەن ھەل بولىدۇ . چۈنكى ئۆتمۈش خۇددى تۆكۈلگەن يوپۇرماق ياكى ئۆتكەن جەسەتتەك جانلىق ھاياتتىن مەھرۇم بولغان زاماننىڭ نامىدىن باشقا نەرسە ئەمەس !
ئەلىشىر نەۋائىي : ھەر دەۋرنىڭ سازەندىسى ئۆز بەزمىسىگە يارىشا ناۋا قىلىشى كېرەك ، دېگەنىدى .
زامانىۋى ئاڭ _ ھازىرقى زامان ئادىمىنىڭ ، مىللىتىنىڭ ، دۆلىتىنىڭ ئىنسانىيەت قاتارىدا داۋاملىق روناق تېپىشىنىڭ ئىدىيىۋى شەرتى . مۇنداق ئاڭنىڭ تىكلىنىش - تىكلەنمەسلىكى تارىخىي تەقدىرنىڭ قانداق بولۇشىغا بىۋاسىتە ئۆتكۈر تەسىر كۆرسىتىدۇ .
زامانىۋى ئاڭ سەھىرى يېتىپ كەلدى . زامانىۋى ئاڭ سەھىرى ئويغىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ . ئۇ ، بۈگۈنكى ئىنسانىي قەدىر - قىممەت ، ئىنسانىي ئەرك ، باراۋەرلىك ۋە ئورتاق گۈللىنىشنىڭ ئەڭگۈشتىرى . ئۇ بىر قاتار كونكرېت مەزمۇنلاردىن تەشكىل تاپقان پائالىيەتچان ئاڭ . ئۇ : زاماننى بىلىش ۋە كەلگۈسىچىلىك ئىدىيىلىرىنى ، ئىنساننىڭ ئومۇمىي قىممىتى ۋە ئىقتىدار قىممىتى ئېڭىنى ، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئارىلاشما تەتقىقات ساھەلىرىنى ئېچىشنى ، ۋاقىت كۆز قارىشىنى زامانغا لايىقلاشتۇرۇشنى ، ھازىرقى زامان ئېڭى نۇقتىسىدا تارىخنى قايتا كۆزىتىش ۋە قايتا ئىپادىلەشنى ، شۇنىڭ بىلەن بىللە باشقا بىر قاتار ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ مەسىلىلەر ئۆز نۆۋىتىدە مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىنىدىغان مۇھىم تېماتىك نۇقتىلار .
ئەنئەنىۋى ئاڭ گۇگۇمىدا ئۇخلىماي ، زامانىۋى ئاڭ سەھىرىدە ئويغىنايلى ، بۇ ، ئىنسانلىق قەلبىمىزنىڭ ھەقىقىي خىتابى بولسۇن !

( < شىنجاڭ مەدەنىيىتى > جۇرنىلى 2000 - يىللىق 1 - سانىدىن ئېلىندى )

2008年1月27日

ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرىنىڭ كاتولوگى


ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرىنىڭ كاتولوگى
نەشر قىلىنغان كىتابلىرى:
1.«شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا-ئۇسۇل سەنئىتى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1980- يىلى نەشر قىلغان.
2.«ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى "ئون ئىككى مۇقام"ھەققىدە»مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1980- يىلى نەشر قىلغان.
3.«رۇبائىيات»(1) ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1982- يىلى نەشر قىلغان.
4.«ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىغا ئائىت مەسىللەر» ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1982- يىلى نەشر قىلىنغان ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بەش پارچە ماقالىسى كىرگۈززۈلگەن).
5.«چوغلۇق»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986- يىلى نەشر قىلغان.
6.«ئومومىي ئىستېتكا»، شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى 1985- يىلى نەشر قىلىنغان.
7.«فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستىمىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1986- يىلى نەشر قىلىنغان.
8.«قارلىق تاغ شەجەرىسى» شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1988- يىلى نەشر قىلغان.
9.«رۇبائىيات» (2)، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1989- يىلى نەشر قىلغان.
10.«قاتلاملىق ئېستېتكا»، شىنجاڭ ئۈنۋىرسىستىتى نەشرىياتى 1994- يىلى نەشر قىلغان.
11.«ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997- يىلى نەشر قىلغان.
12.«ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997- يىلى نەشر قىلغان.
13.«غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998- يىلى نەشر قىلغان.
14.«"قۇتادغۇبىلىك"خەزىنىسى» ، شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتېتى نەشرىياتى 1999- يىلى نەشر قىلغان.
15.«سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000- يىلى نەشر قىلغان.
16.«ئابدۇشكۇر مۇھەممەتئىمىن ھىكمەتلىرى» (1) ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000- يىلى نەشر قىلغان.
17.«يىپەك يولىدىكى توققۇز ھىكمەت» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001- يىلى نەشر قىلغان.
18.«ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدىنىيتى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002- يىلى نەشر قىلغان.
19.«قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا»("تۇران تارىخى") ، شىنجاڭ نەشرىياتى 2002- يىلى نەشر قىلىنغان.
20.«ئائىلە» ، شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتېتى نەشرىياتى 2002- يىلى نەشر قىلغان.

ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن كىتابلار
1. «جاھاننامە»(2) (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ "گۈللۈك دوپپا توغرىسىدا " ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1988 - يىلى نەشر قىلىنغان .
2. « مەھمۇد قەشقەرى» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ "ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 - ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى" ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1985 - يىلى نەشر قىلىنغان .
3. « غەزەل ۋە مۇخەممەسلەر » (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بەش پارچە غەزەل ، بىر پارچە مۇخەممەسى كىرگۈزۈلگەن ) مىللەتلەر نەشرىياتى 1983 - يىلى نەشر قىلىنغان .
4. «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ " يۈكسەك قەلىبنىڭ شېئىرى ھەيكىلى " ناملىق ئوبزورى كىرگۈزۈلگەن ) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989 - يىلى نەشر قىلىنغان .
5. « يېڭى رۇبائىيلار » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ ئالتە پارچە رۇبائىيسى كىرگۈزۈلگەن ) مىللەتلەر نەشرىياتى 1988 - يىلى نەشر قىلغان .
6. « "قۇتادغۇ بىلىك " ھەققىدە بايان » (1) ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ « "قۇتادغۇ بىلىك" ئىلمىي قىممىتى توغرىسىدا » ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1986 - يىلى نەشر قىلىنغان .
7. « "قۇتادغۇ بىلىك " ھەققىدە بايان » (2) (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ « ئوتتۇرا ئەسىر قانۇنشۇناسلىق تارىخىدىكى ئۇلۇغۋار نامايەندە > ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1986 - يىلى نەشر قىلىنغان .
8. « ئاھ ، يۇلتۇزلار » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بىر پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن ) ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1991 - يىلى نەشر قىلغان .
9. « ياپراقتىكى نەقىشلەر» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ تۆت پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن)قەشقەرئۇيغۇر نەشرىياتى 1985-يىلى نەشىر قىلغان.
10.« توي چاچقۇسى» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ 17پارچە رۇبائىي ۋە غەزىلى كىرگۈزۈلگەن)شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985-يىلى نەشىر قىلغان.
11.«100شېئىر» ( بۇكىتابقا ئالىمنىڭ ئىككى پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن )،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991-يىلى نەشىر قىلغان.
12. «مۇھەببەت لىرىكىلىرى» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بىر پارچە شېئرى كىرگۈزۈلگەن)شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991-يىلى نەشىر قىلغان.
13.«قايغۇلۇق ئەسلىمىلەر» ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ"ئىزگۈ پەزىلەتنىڭ ئۇيغۇر شېئرىيىتىدىكى ئىپتىخارى"ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن)شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996- يىلى نەشر قىلغان.
14. «قۇمۇل مۇقاملىرى ھەققىدە » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ "ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ قەدىمكى گەۋدىسى - قۇمۇل مۇقاملىرى ھەققىدە " ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1994 - يىلى نەشر قىلىنغان .
15. « ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدە » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ " ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ مەنبە - ئېقىملىرى توغرىسىدا" ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1992 - يىلى نەشر قىلىنغان .
16. « ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى » (2) (ئالىم بۇ كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسىم 2 - پاراگراف ۋە 2- ، 4- ، 5- ،10 - بابلىرىنى يازغان ) ، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1993 - يىلى نەشر قىلغان .
17. « ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەتقىقاتى » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ " ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ مەنبە - ئېقىملىرى توغرىسىدا" ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1995 - يىلى نەشر قىلغان .
18.«ئىبىن سىنا ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى » ( ئالىم بۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆزىنى يېزىپ بەرگەن ) ،
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996- يىلى نەشر قىلىنغان .
19. «سىلىشتۇرما ئەدەبىيات ئاساسلىرى » ( ئالىم بۇ كىتابقا بېغشلىما ماقالىسى يېزىپ بەرگەن ) ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى نەشرىياتى 1997- يىلى نەشر قىلغان .
20. « ئاھ ، نۇرلۇق ئابىدىلەر » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بەش پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن ) ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1997- يىلى نەشىر قىلغان .
21. « ئابدۇكېرىم خوجا ئىجادىيىتى توغرىسىدا » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ بىر پارچە شېئىرى ۋە " ئۇ شېئىرلىرى بىلەن
خەلق قەلبىدە ياشايدۇ " ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈلەر نەشرىياتى 1999- يىلى نەشىر قىلىنغان .
22. « ئەدەبىيات » ( بۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 2- يىللىقنىڭ دەرسلىك كىتابى بولۇپ ، ئۇنىڭغا ئالىمنىڭ " كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى" ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1999- يىلى نەشر قىلىنغان .
23. « جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە تارىخى » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ " ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى " ناملىق ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن ) ، ئەنخۈي خەلق نەشرىياتى 1992- يىلى نەشر قىلىنغان .
24. « شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ پەلسەپە - ئىدىيە تارىخى » ( ئالىم بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇر ، ئۆزبىك ، قىرغىز مىللەتلىرىنىڭ پەلسەپە - ئىدىيە تارىخىغا ئائىت قىسمىنى يازغان ) .
25. « يىپەك يولى مۇزىكا سەنئىتى » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ "ئون ئىككى مۇقام ۋە تۇردى ئاخۇن " ناملىق ماقالىسى
كىرگۈزۈلگەن ) ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980- يىلى نەشر قىلىنغان . (خەنزۇچە) .
26. «شاھنامە» (بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ "شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى مىسلىسىز ئەزىمەت ، ئەبۇلقاسىم فىردەۋىسى " ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998- يىلى نەشر قىلغان .
27. « كۇڭزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 2540 يىللىقنى خاتىرلەش مۇھاكىمە ماقالىلار توپلىمى » ( بۇ كىتابقا ئالىمنىڭ "كۇڭفۇزى ۋە قوچۇ
مەدەنىيىتى " ناملىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) ، شاڭخەي سەنلەن كىتاب نەشرىياتى 1992- يىلى نەشر قىلىنغان .
28. «بۈيۈك شائىر ئەلشىر ناۋائي » ( بۇ كىتاپقا ئالىمنىڭ "ئەلشىر ناۋائىينىڭ پەلسەپە قاراشلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش" ۋە "ئەلشىر ناۋائىينىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدا تۇتقان ئورنى " قاتارلىق ئىككى پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1996 - يىلى نەشىر قىلىنغان .
29.«"تارىم " ۋە مەن » ( بۇ كىتاپقا ئالىمنىڭ "تەبرىك ۋە ئۈمىد" ناملىق بىر پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996 - يىلى نەشىر قىلغان .
30. « تاللانغان رۇبائىيلار » (بۇ كىتاپقا ئالىمنىڭ 10 پارچە رۇبائىيسى كىرگۈزۈلگەن ) قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 1999 - يىلى نەشىر قىلغان .
31. « بۇگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى » (بۇ كىتاپقا ئالىمنىڭ "شېئىرىيەت ئېستىتىكىغا دائىر بىر قانچە مەسىلە " نامىلىق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2001- يىلى نەشىر قىلىنغان .

ئالىمنىڭ ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرى
ئالىم ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئمىننىڭ تا ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرى 200 پارچىگە يېقىن بولۇپ ، بۇ ماقالىلاردىن "غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى" دە 168 پارچە ، "شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى" دا 181 پارچە ، "كىتاپ مۇنبىرى" ژورنىلىدا 170 پارچىنىڭ كاتولوگى ئېلان قىلىنغان ئىدى . مەن توپلىغان ماتېرىياللىرىم ئاساسىدا مۇكەممەل دەپ قارالغان ماقالىلار كاتولوگىنى تۈزۈپ چىقتىم .
1. «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11- ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى » ( "شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى " 1956- يىل ئۇيغۇرچە 3- سان ، خەنزۇچە 4- سان ).
2. « ئەدەبىيات - سەنئەتتە تىپ مەسىلىسى توغرىسىدىكى دەسلەپكى چۈشەنچىلىرىم » ( "شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1956- يىلى ئۇيغۇرچە 4- سان ).
3. «ئۇيغۇر پەلسەپە - ئىدىيە تارىخىغا دائىر تەتقىقات تېزىسلىرى »( <1> "شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1980- يىللىق ئۇيغۇرچە 2- سان ؛ <2> "پەلسەپە تەتقىقاتى " ژۇرنىلى 1980- يىللىق خەنزۇچە 4- سان ).
4. «فارابىنىڭ مۇزىكا ئېستېتىكىسىغا دائىر بىر قانچە مەسىلە» ("شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1980-يىللىق
ئۇيغۇرچە 4- سان ).
5. «نان ۋە تونۇر» ("مىللەتلەر رەسىملىك ژۇرنىلى " 1980- يىلى 3- سان ، خەنزۇچە نۇسخىسى ).
6. «ئون ئىككى مۇقام ۋە تۇردى ئاخۇن» ( <1> "شىنجاڭ گېزىتى" 1980- يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنىدىكى سانى ؛
<2> "شىنجاڭ سەنئىتى" 1980- يىللىق ئۇيغۇرچە 1- سان ؛ <3> "يىپەك يولى مۇزىكا سەنئىتى" 1980- يىل شىنجاڭ
خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان خەنزۇچە ماقالىلار توپلىمى ، بۇ توپلامغا ئالىمنىڭ يۇقارقى ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن ؛
<4> "شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلى 1980- يىللىق خەنزۇچە 4- سان ) .
7. «ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى - ئىبىن سىنا» (ئىبىن سىنا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ) ،
"شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى" ئۇيغۇرچە 1980- يىللىق 3- سان .
8. «ئەرەب مەدەنىيىتى ۋە ياۋروپادا ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا ئويغىنىشى» (<1> "كىتابلارغا باھا" ژۇرنىلى
1980- يىللىق 4- سان ؛ <2> "شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1982- يىللىق 2- سان ) .
9. «يۈسۈپ خاس ھاجىپ - فارابى ئىلغار ئىجتىمائىي ئىدىيىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋارىسى» ("شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى"
1982- يىللىق 2- سان ).
10. «مۇھەممەد سىدىق زەلىلى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولى» ("تارىم" ژۇرنىلى 1981- يىللىق 4- سان ).
11. «"ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى" نىڭ تەتقىقات تېزىسلىرى» ("بۇلاق" مەجمۇئەسىنىڭ 1981- يىللىق 1- سانى ).
12. «فارابى پەلسەپە سىستېمىسىنىڭ تارىخى قىممىتى» ("پەلسەپە تەتقىقاتى" ژۇرنىلى 1981 يىللىق 1- سانى ).
13. «قەدىمى كۈسەننىڭ ئاتاقلىق بۇددا مۇتەپەككۇرى كۇمىراجىۋا» ("پەلسەپە تەتقىقاتى" ژۇرنىلى 1981 يىللىق 11- سان).
14. «"ئەل قانۇن فىت تىپ" ۋە ئۇنىڭدىكى تەبىئەت پەلسەپىسى مەسىلىلىرى» ("شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى"
1982- يىللىق 2- سان ).
15. «شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مۇھىتىدا بوستانلىق بىلەن چۆللۈكنىڭ دىئالېكتىك مۇناسىۋىتى» ("شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى
ئىلمىي ژۇرنىلى" 1982- يىللىق 1- سان ).
16. «ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى تۆت زات توغرىسىدا» ("شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1982- يىللىق
3- سان ).
17. «گۈزەللىك تەربىيىسى ۋە ئۇنىڭ رولى» ("شىنجاڭ مائارىپى" ژۇرنىلى 1982- يىللىق 10- ، 11- ، 12- سانلىرى ).
18. «ئاماننىساخان ۋە ئون ئىككى مۇقام» ("شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلى خەنزۇچە 1982- يىللىق 2- سان ).
19. «ئەبۇ ناسىر فارابىنىڭ لوگىكىلىق تەلىماتلىرى» ("شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى" خەنزۇچە 1982- 4- سان ).
20. «رۇخسارى مۇقامى ۋە ئۇنىڭ ئىجادچىسى زىكرى ئەلفەتتار» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1982- يىلى 11- ئاينىڭ 17- كۈنىدىكى سانى).
21. «ئوتتۇرا ئەسىر قانۇنشۇناسلىق تارىخىدىكى ئۇلۇغۋار ناماياندە» ("شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1984- يىللىق 1- سان).
22. «ئۇيغۇر تىياتىر سەنئىتىنىڭ يېڭى زېمىنىنى ئاچايلى» ("شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلىنىڭ 1984- يىللىق
خەنزۇچە 3- سان ).
23. «ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە» ("شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلى 1984- يىللىق خەزۇچە 2- سان ).
24. «"قۇتادغۇبىلىك" ۋە مائارىپشۇناسلىق» ("شىنجاڭ مائارىپى" ژۇرنىلى 1984- يىللىق 9- ، 10- سانلىرى ).
25. «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ تارىخى تەسۋىرى» ("قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1984- يىللىق
3- سان ).
26. «قەدىمكى كۈسەن كلاسسىك ئۇسۇلى» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1984- يىلى 5- ئايدىكى سانى ).
27. «ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى "ئون ئىككى مۇقام" ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مەسىلىلىرى» ("قۇمۇل ئەدەبىياتى"
1984- يىللىق 3- سان ).
28. «"پەرھاد - شىرىن" تراگېدىيسى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى رىۋايەت شەكلى» ("ئاقسۇ ئەدەبىياتى" 1984- يىللىق 3- سان ).
29. «قەدىمكى كلاسسىك ئۇسۇلنىڭ يېڭى ھاياتقا ئېرىشىشى» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1984- يىللىق 25- ئۆكتەبىردىكى سانى ).
30. «فارابى شېئىرلىرىدىن نەمۇنە» ("تارىم" ژۇرنىلى 1984- يىللىق 5- سان ).
31. «ئۈرۈمچىنىڭ ھەرخىل يەر ناملىرى» ("ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" 1984- يىلى 23- مارتتىكى سانى ).
32. «ئەڭ قەدىمكى ئۈرۈمچى ۋە ئۆرە قاڭقىللار» ("ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" 1984- يىلى 16- ئىيۇندىكى سانى ).
33. «ئېستىتىكا قانداق پەن؟» ("ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى" 1984- يىلى ئومومىي 8- سان ).
34. «يۈكسەك قەلىبنىڭ شېئىرىي ھەيكىلى» ("كىتابلارغا باھا" - "شىنجاڭ كۈتۈپخانىچىلىقى" ژۇرنىلى 1984- يىلى 3-سان ).
35. «تۇرپان ئۈزۈمى ۋە تۇرپان شارابى» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1985- يىلى 20- ئىيۇندىكى سانى ).
36. «ئەلشىر نەۋائىي ۋە "سەددى ئىسكەندەر"» (<1> "شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1985- يىللىق 4- سان
<2> "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" 1985- يىلى 2- نويابىردىكى سانى ).
37.«پۇتمەس- تۈگىمەس بايلىق ۋە ئەبەدىي يادىكارلىق» ( "تۈركي تىللار دىۋانى"نىڭ تولۇق نەشىرى مۇناسىۋىتى بىلەن) تارىم ژۇرنىلى1985-يىللىق12-سان.
38.«كۈسەن مەدەنىيىتى ۋە ئۇسۇل سەنئىتى»(1)"شىنجاڭ سەنئىتى"ژۇرنىلى خەنزۇچە 4-سان).
39.«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقىنىڭ ئىپتىخارى»("شىنجاڭ سەنئىتى"ژۇرنىلى 1985- يىللىق1- سان).
40.«ۋىنتسىيلىك ماركوپولو ۋە شەرق مەدەنىيىتى» ( "تىيانشان ئىكرانى" ژۇرلىنى 1985- يىللىق 6- سان).
41.«پاكىستان رەڭلىك ھىكايە فىلىمى - "پاكلىق"» ( "شىنجاڭ گېزىتى 1985- يىلى 23- ئاۋغۇستتىكى سانى).
42.«قوغۇن ۋە ئۇنىڭ ماكانى» ( "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" 1985- يىلى 12- مايدىكى سانى).
43.«ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قامۇسى - "قۇتادغۇبىلىك" » (1) "قۇمۇل ئەدەبىياتى" ژۇرنىلى 1986- يىللىق 4- سان؛ (2) «جەنۇبىي ئوكيان ئىلمىي ژۇرنىلى» ياپونچە 11- سان.
44.«پەلسەپىنى ئىسلاھ قىلىش تەسەۋۋۇر تېزىسلىرى» (1) "شىنجاڭ ئۈنىۋىرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1987- يىللىق 3- سان؛ (2) "شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى" خەنزۇچە 1987- يىللىق 4- سان.
45.«"قۇتادغۇبىلىك" ۋە ئۇنىڭ ئاپتۇرى » (1) «يىپەك يولى ساياھەتچىلىكى»خەنزۇچە 1986- يىللىق 2- سان؛ (2) "يىپەك يولى ساياھەتچىلىكى" ئىنگىلىزچە 1986- يىلىلىق 4- سان.
46.«مىللىي مەدەنىيەتنىڭ راۋاجلىنىشىدىكى بىر مۇھىم قانۇنىيەت» (1) "شىنجاڭ گېزىتى" 1986- يىلى 11- ماي خەنزۇچە سانى: (2) "شىنجاڭ گېزىتى" 1986- يىلى 17- ماي ئۇيغۇرچە سانى).
47.«"قۇتادغۇبىلىك"نىڭ ئىلمىي قىممىتى» ( "قەشقەر گېزىتى" 1986- يىلى 28- ئۆكتەبىردىكى سانى).
48.«ئېمپېدۇكىل بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تۆت تادۇ قارىشىدىكى ئومۇملۇق ۋە ئالاھىدىلىك توغرىسىدا» ( "قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1986- يىللىق 1- سان).
49.«خاراكتىر ۋە خاراكتىر گۈزەللىكى» ( "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" 1986- يىلى 9- ، 10- ، 11- فېۋرالدىكى سانلىرى).
50.«بىر شېئىر توغرىسىدا پاراڭ» ( "شىنجاڭ گېزىتى" 1986- يىلى 14- ئىيۇندىكى سانى).
51.«ئالۋاستى ۋە ئۇنىڭ يىڭى قىياپىتى» ( "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" 1986- يىلى 7- ئىيۇندىكى سانى).
52.«رۇبائىي ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنى ، شەكلى ھەققىدە» ( "قەشقەر ئەدەبىياتى " 1986- يىللىق 4- سان).
53.«يۇقىرى ماھارەت ۋە ئېسىل سەنئەت - "مۇقام"ماي بوياق رەسىمى ھەققىدە» ( "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" 1986- يىللىق 12- ماي سانى).
54.«گۈزەللىك بىلەن خۇنۈكلۈكنىڭ كومېدىك سىلىشتۇرمىسى« ( تىيانشان ئېكرانى 1986- يىلى 6- سان).
55.«مىرزا ھەيدەر ۋە"تارىخىي رەشىدى"» ("شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى" 1986- يىللىق 3- سان ).
56.«ھەشەمەتخورلۇقنىڭ ئون چوڭ كاساپىتى» ("ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" 1986- يىلى 10- ئىيۇندىكى سانى).
57.«جاباغان ئېلىگە ساياھەت» ("ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" 1986- يىلى 11- ، 12- ئايلاردىكى سانى).
58.«گۈللۈك دوپپا»( تارىم ۋە نەزىم )"شىنجاڭ سەنئىتى گېزىتى" 1986- يىلى.
59.«"ئون ئىككى مۇقام"نىڭ تارىخىي قاتلىمى ۋە ئىستىتىك ئالاھىدىلىكى» (1) "شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1987- يىللىق 4- سان ؛ (2) "شىنجاڭ سەنئىتى"ژۇرنىلى 1987- يىلى خەنزۇچە 1- سان .
60.«يىپەك يولىدىكى بىباھا گۆھەر-ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» ( "شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1987- يىللىق 1- سان).
61.«ئىجتىمائىي تەپەككۇر شەكلىگە ئائىت بىر قانچە مەسىلە» ("شىنجاڭ مائارىپى"ژۇرنىلى 1987- يىللىق 2- ، 3- سانلار ).
62.«ئەلشىر نەۋائىينىڭ پەلسەپە قاراشلىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1987- يىللىق 2- سان).
63. «ئۇيغۇر رەسساملىق سەنئىتى تارىخىدىكى يىڭى نامايەندە» ("شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلى 1987- يىللىق 6- سان ).
64.«مۇھەممەد خارازمى ۋە "مۇھەببەتنامە"» (1) "بۇلاق" مەجمۇئەسى 1987- يىلى ئومومىي 18- سان ؛ (2) «مىللى يازغۇچىلار» ژۇرنىلى
خەزۇچە 1990- يىلى 2- سان .
65. «ھاپىز شىرازى - شەرق شېئىرىيىتىدىكى ئىسيانكار ئۇستاز» ("بۇلاق" مەجمۇئەسى ئومومىي 20- سان ).
66. «مەشرەپ - ئۇلۇغ ئىنسانپەرۋەر شائىر» ("بۇلاق" مەجمۇئەسى ئومومىي 19- سان ).
67. «ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىگە ئوقۇلغان شىكايەتنامە» («" كوللىيات مەسنەۋى خاراباتى" توغرىسىدا» ): "بۇلاق" مەجمۇئەسى ئومومىي 18- سان .
68. «بىر شېئىر ھەققىدە سۆز» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1987-يىلى 24- يانۋاردىكى سانى ).
69. «ئىككى شېئىر ھەققىدە پاراڭ» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1987- يىلى 19- سېنتەبىردىكى سانى ).
70. «"ئاقسۇ ئەدەبىياتى" دىكى شېئىرىيەت ئۈنچىلىرىگە نەزەر» ("ئاقسۇ ئەدەبىياتى" 1987- يىللىق 3- سان ).
71. «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تەبىئەت قاراشلىرى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر» ("شىنجاڭ مائارىپى" ژۇرنىلى 1988- يىللىق 10- ، 11- سانلىرى ).
72. «"يىپەك يولى مۇزىكا مەدەنىيىتى" دېگەن كىتابقا باھا» ("شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلى خەنزۇچە 1988- يىللىق 5- سان ).
73. «ئوتتۇرا ئاسىيا ئىلىنزملىق مەدەنىيەت» ("قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1988- يىللىق 5- سان ).
74. «فارابى پەلسەپە ئىدىيىسى تەتقىقاتىدىكى مەنتىقىيلىك زىددىيەت» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1988- يىللىق 2- سان ).
75. «خوجا باھاۋىدىن نەقىشبەندى ۋە چاغاتاي ئەدەبىياتى» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1988-يىللىق 3-سان ).
76. «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەھمەد يەسسەۋى ۋە يەسسەۋىيچىلىك» ("ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر" 1988- يىللىق 1-سان ).
77. «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى پىروگىراممىسى»(تۆت توملۇق"ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى"ناملىق كىتاپ ئۈچۈن تەييارلانغان)؛(1)"قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمى ژۇرنىلى"1987-يىللىق3- ،4- سان:(2)"قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمى ژۇرنىلى"1987-يىللىق4- ،6-سانلار.
78. «ئەمىر خسراۋ دېھلەۋى» ("بۇلاق" مەمۇئەسى 1988- يىللىق 1- سان ).
79. «ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر نىزامى گەنجىۋى» ("بۇلاق" مەجمۇئەسى 1988- يىللىق 2- سان ).
80. «ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر ناسىر خسراۋ» ("بۇلاق" مەجمۇئەسى 1988- يىللىق 3- سان ).
81. «شائىر خوجا جاھان ئەرشى ۋە ئۇنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتى ھەققىدە» ("بۇلاق" مەجمۇئەسى 1988- يىللىق 4- سان ).
82. «سەئىد شىرازى» ("بۇلاق" مەجمۇئەسى 1988- يىللىق 4- سان ).
83. «زەلىلى شېئىرىيىتىنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنى ۋە بەدىئىي قىممىتى توغرىسىدا» ("شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1988- يىللىق 1- سان ).
84. «كلاسسىك مەدەنىيەت ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1988- يىلى 3- دېكابىردىكى سانى ).
85. «ما زۇچاڭ ئېئە ئۇنىڭ شېئىرلىرى» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1988- يىلى 16- ئىيۇندىكى سانى ).
86. «ھەمرائى غەزەللىرىنىڭ ھەقىقى مۇئەللىپى توغرىسىدا» ("تارىم" ژۇرنىلى 1988- يىللىق 5- سان ).
87. «ياش تامچىسىدىن ئۇرغۇغان شېئىرلار» ("قەشقەر ئەدەبىياتى" ژۇرنىلى 1988- يىللىق 3- سان ).
88. «ئەنئەنىئۋى ئاڭ ۋە زامانىۋى ئاڭ» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1988- يىلى 12- ئىيۇنىدىكى سانى ).
89. «تارىخ ھەققىدە قايتا ئويلىنىش - مىللەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1988- يىلى 2- ئۆكتەبىردىكى سانى ).
90. «ياشلار ۋە ئىقتىدار قىممىتى» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1988- يىلى 28- ئىيۇلدىكى سانى ).
91. «ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مىللىي ئويغىنىش» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1988- يىلى 13- نويابىردىكى سانى ).
92. «ئۇ شېئىرلىرى بىلەن بىللە خەلق قەلبىدە» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1988- يىلى 12- مارتتىكى سانى ).
93. «ئەسسالام قەشقەر ، سالام ئانا دىيار» ("قەشقەر گېزىتى" 1988- يىلى 9- سېنتەبىردىكى سانى ).
94. «"قۇتادغۇبىلىك" نىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى قاراشلىرى ھەققىدە» (1) "قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1989- يىللىق 1- سان
(2) "شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1990- يىللىق خەنزۇچە 4- سان .
95. «يىپەك يولىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەنگۈشتىرىنى قايتا تىپىۋېلىش» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1989- يىللىق 4- سان ).
96. «مەدەنىيەت سىنكىرتېك قاتلام نەزىرىيىسى ھەققىدە بايان» ("شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلى 1989- يىللىق 4- سان ).
97. «شېئىرىيىتىمىزگە ئائىت بىر قانچە ئېستېتىكىلىق مەسىلە» ("تارىم" ژۇرنىلى 1989- يىللىق 1- سان ).
98. «شەرقى تەڭرىتاغ ئېتىكىدە قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرىنى تەكشۈرۈشتىن دوكىلات» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1989- يىللىق
4- سان ).
99. «مەدەنىيەت تەرەقەياتى توغرىسىدىكى ئىلمىي قاراش - سىنكىرتېك قاتلام قارىشى توغرىسىدا» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى"
1989- يىللىق 1- سان ).
100. «مىللەتلەر تەرەققىيات تارىخى ئويلىنىشقا مۇھتاج» ("يېڭى كۆزەتكۈچى" ژۇرنىلى 1989- يىللىق 7- سان ).
101. «ئېچىۋېتىلگەن ئاڭ ۋە شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ("جۇڭگو غەربىي قىسىم ئەدەبىياتى" ژۇرنىلى خەنزۇچە 1989- يىللىق 1- سان ).
102. «مۇھىم بىر تارىخى تەجرىبە» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1989- يىلى 8- نويابىردىكى سانى ).
103. «ئاياللىق قەلىبنىڭ مىلودىيىسى» ("تارىم" ژۇرنىلى ).
104. «ھەشەمەتخورلۇق ۋە قۇرۇق شۆھرەت» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1989- يىلى 25- يانۋاردىكى سانى ).
105. «ئۇيغۇر سوئىگەرلىرىنىڭ يىپەك يولىدا كۆرسەتكەن خىزمىتى» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1989- يىلى 27- ئاپرېلدىكى سانى ).
106. «يۈەن سۇلالىدى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە شائىرلىرىدىن نەمۇنە» ("ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" 1989- يىلى 1- ئايدىكى سانى ).
107. «ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1989- يىللىق 6- سان ).
108. «مىللەتنىڭ بىرلىك - ھەمدەملىكى ۋە ئۇنىڭ يۇرتۋازلىققا يەملىكى» ("شىنجاڭ مەدەنىيتى" ژۇرنىلى 1989- يىللىق 5- سان ).
109. «روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى» (1) ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1989- يىللىق 4- سان) ؛
(2) ("مىللىي يازغۇچىلار" ژۇرنىلى 1990- يىللىق 4- سان ).
110. «4- ماي ھەركىتى ۋە لۈشۈن روھى» ("تارىم" ژۇرنىلى 1989- يىللىق 10- سان ).
111. «نۇرۇز بايرىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخى قاتلىمى» (1) ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1990- يىللىق 1- سان ) ؛
112. «ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى تەبىئەت - ئىلاھىيەت قەراشلىرى ھەققىدە» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1990- يىللىق 1- سان ).
113. «ئاسىنا مەلىكە - غەربىي يۇرت سەنئىتى» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1990- يىللىق 4- سان ).
114. «يىتىلگەن سەنئەت ، سېھىرلىك ھېكمەت ۋە يالقۇنلۇق مۇھەببەت» ("غازى ئەمەت ماي بوياق رەسسىملىرى" توپلىمىغا باھا ) : "شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلى 1990- يىللىق
4- < 5- سانلىرى .
115. «ئىزگۈ پەزىلەتنىڭ ئۇغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئىپتىخارى» ("قەشقەر ئەدەبىياتى" 1990- يىللىق 1- سان ).
116. «ھازىرقى زامان مەدەنىيەت تۈزۈلمىسىدىكى پاجىئەلىك زىددىيەت» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1990- يىللىق 3- سان ).
117. «مىللەتنىڭ ئۆز - ئۆزىنى بىلىشى ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ئۈچ بۇرجىكى» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1990- يىللىق 5- سان ).
118. «خەلقنى ئوبرازلىق تەپەككۇر قىلىش - ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى» ("تارىم" ژۇرنىلى 1990- يىللىق 8- سان ).
119. «كۇڭفۇزى ۋە قۇجۇ مەدەنىيىتى» ("ۋېنخۇيباۋ" خەنزۇچە 1990- يىلى 27- فېۋرالدىكى سانى ).
120. «ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى ھەققىدە قىسقىچە بايان» ("شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى" 1990- يىللىق 27- فېۋرالدىكى سانى ).
121. «ئۈزۈم سەيلىسى ھارپىسىدا» (1) "شىنجاڭ گېزىتى" ئۇيغۇرچە 1990- يىل 18- ئاۋغۇست ؛ (2) خەنزۇچە 2- سېنتەبىردىكى سانى).
122. «مىللىي ئۇسۇلنىڭ سىرى ۋە سېھرىي كۈچى» ("شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلى 1990- يىللىق 5- سان ).
123. «ناخشا - ئۇسۇل ماكانىنىڭ يېڭى جىلۋىسى» ("شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلى 1990- يىللىق 4- سان ).
124. «شەرق سەنئىتىدىكى بىباھا گۆھەر - "ئون ئىككى مۇقام" نىڭ تولۇق رەتلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1990- يىللىق 15-سېنتەبىردىكى سانى ).
125. «ئىلھامبەخش ئىلھام قەترىلەر» ("تۇرپان" ژۇرنىلى 1990- يىللىق 3- سان ).
126. «تەبرىك ۋە ئۈمىد» ("تارىم" ژۇرنىلى 1990- يىللىق 10- سان ).
127. «ئەلشىر نەۋائىينىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا تۇتقان ئورنى» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1991- يىللىق 4- سان ).
128. «كەلگۈسى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1991- يىللىق 4- سان ).
129. «مەدەنىيەت ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە سوتسىيالىزىم» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1991- يىللىق 3- سان ).
130. «ئەزىز دىيار ، شانلىق ئىپتىخار» ("قەشقەر ئەدەبىياتى" ژۇرنىلى 1991- يىللىق 3- سان ).
131. «"قۇمۇل ئەدەبىياتى" ژۇرنىلىنىڭ 100 سانى» ("قۇمۇل ئەدەبىياتى" ژۇرنىلى 1991- يىللىق 3- سان ).
132. «ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ تۆت چوڭ ئالاھىدىلىكى» ("قەشقەر گېزىتى" 1992- يىللىق 14- ئاۋغۇستتىكى سانى ).
133. «سىكتاي - ساك - ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنۋى ئىزچىللىق» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1992- يىللىق 2- سان ).
134. «ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقىي تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1992-يىللىق 4- سان ).
135. «كۈسەن رەسساملىرىنىڭ ئېستېتىك ئېڭى» (1) "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1992- يىللىق 3- سان ؛ (2) "شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇنىلى1993- يىللىق 5- سان ).
136. «ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى غەربىي يۇرت ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخىي ئۇچۇرى» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1992- يىللىق 4- سان ).
137. «ئون ئىككى مۇقام ۋە نەۋائىيخانلىق» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1992-يىللىق 5- سان ).
138. «كلاسسىك ئەدەبىياتتا خوتەن تەسۋىرى» ("بۇلاق" مەجمۇئەسى 1992- يىللىق 4- سان ).
139. «"قارا جاڭگال" نى ئوقۇغاندىن كىيىنكى تەسىرات» ("قەشقەر ئەدەبىياتى" ژۇرنىلى 1992- يىللىق 4- سان ).
140. «كلاسسىك ئەدىبىياتتا مانى تەسۋىرى ۋە شىنجاڭدىن مانى دىنى رەسساملىرىنىڭ بايقىلىشى» ("شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى" 1992- يىللىق 4- سان ).
141. «نەۋائىي مىسرالىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت قىممىتى» (1) "شىنجاڭ گېزىتى" 1991- يىللىق 5- ئۆكتەبىردىكى سانى ؛ (2) "قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1992- يىللىق 4- سان .
142. «تىل قۇدرىتى - تىل پەزىلىتى بىلەن» ("تىل ۋە تەرجىمە" ژۇرنىلى 1992- يىللىق 4- سان ).
143. «شەرق ئەدەبىياتىدىكى غايەت زور بايلىق "شاھنامە"» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1993- يىللىق 3- سان ).
144. «ئون ئىككى مۇقامدىكى 24 مەسىلە» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1993- يىللىق 1- سان ).
145. «يىپەك يولىنىڭ ئىقتىسادى قىممىتى» ("شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى" 1993- يىللىق 27- مارتتىكى سانى ).
146. «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1993- يىللىق 1- سان ).
147. «ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ مەنبە ۋە ئېقىملىرى» : ( بۇ ماقالە "ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى" دېگەن كىتابقا كىرگۈزۈلگەن) شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1993- يىلى نەشرى .
148. «يىپەك يولىدىكى يېڭى سەھىپە ۋە تۆگە قۇشى روھى» ("مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" ژۇرنىلى 1993- يىللىق 1- سان ).
149. «يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1993- يىللىق 2- سان ).
150. «مەنپەئەتدارلىق ئەخلاقى ۋە مەجبۇرىيەت ئەخلاقى» ("شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى" 1993- يىللىق 16- فېۋرالدىكى سانى ).
151. «كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى» ("شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى" 1993- يىللىق 19- يانۋاردىكى سانى ).
152. «لىرىك شېئىرىيەت ، مەپتۇنكار لەززەت» ("تەرىتاغ ژۇرنىلى" 1993- يىللىق 3- سان ).
153. «تۇپراقنىڭ مونولوگى» ("قەشقەر ئەدەبىياتى" ژۇرنىلى 1993 يىللىق 5- سان ).
154. «كۈسەن مەدەنىيىتنىڭ تارىخىي قىممىتى» ("ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى" 1993- يىللىق 23- ئۆكتەبىردىكى سانى ).
155. «تەپەككۇر دەرىخىدىن مېۋىلەر» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1993- يىللىق 5- ، 6- سانلىرى ).
156. «زەينۇلئابىدىن مەۋلىۋى داموللا ھاجى تەئرىپىدە» ("قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1993- يىللىق 2- سان ).
157. «تارىخ تەتقىقاتىدىكى تېڭى مىتود - ئۇچۇرلۇق تارىخ تەتقىقاتى ئۇسۇلى» (1) "شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلى خەنزۇچە 1993- يىللىق 2- سان ؛
(2) "شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1996- يىللىق 2- سان .
158. «ئىسلامىيەتىتن كېيىنكى غەربىي يۇرت ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخى ئۇچۇرى» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1994- يىللىق 2- سان ).
159. «ئۇيغۇر ئەجداتلىرىدا مەي مەدەنىيىتى» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1994- يىللىق 1- سان ).
160. «ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقىدىكى بىر قانچە مەسىلە» ("شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلى 1994- يىللىق 6- سان (خەنزۇچە).
161. «ئوقۇتقۇچى توغرىسىدا» ("شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى" 1992- يىللىق 17- نويابىرردىكى سانى ).
162. «غەربىي يۇرت مائارىپ تارىخىدىن بىر ئۇچۇر» ("شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى" 1993- يىللىق ئاۋغۇستتىكى سانى ).
163. «مىللى مائارىپ ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر» ("شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى" 1993- يىللىق 29- ئىيۇلدىكى سانى ).
164. «ئوقۇغۇچى توغرىسىدا» ("شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى" 1993- يىلى 3- ئاينىڭ 6- كۈنىدىكى سانى ).
165. «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ غايىۋى جەمئىيەت مودېلى» ("شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1994- يىللىق 2- سان ).
166. «ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى مەشھۇر ئالىم - ئۇلۇغبىك» ("ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى"1994- يىللىق 27- دېكابىردىكى سانى ).
167. «مەنسۇر ھەللاجىنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى ئەكىس ساداسى» ("تەڭرىتاغ" ژۇرنىلى 1995- يىللىق 3- سان ).
168. «يىپەك يولى تەتقىقاتىدىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى مەسىلىلىرى» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1995- يىلىق 2- سان ).
169. «سوغدىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىنىك ۋارىسلىرى توغرىسىدا» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1995- يىللىق 3- سان ).
170. «غەربىي دىيار تىياتىر سەنئىتىنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدا بەزى قاراشلىرىم» ("قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1995- يىللىق 2- سان ).
171. «ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيىتى» ( بېيجىڭ : جۇڭگو سەنئەت تەتقىقات ئاكادىمىيىسى"ئەدەبىيات - سەنئەت تەتقىقاتى" ژۇرنىلى 1995- يىللىق خەنزۇچە 5- سان ).
172. «ئەھمەد ئىبىن مۇھەممەد ئەل - فەرغانە» ("شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1995- يىللىق 3- سان ).
173. «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمى دىن» ("قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1995- يىللىق 3- سان ).
174. «يىپەك يولى ۋە سىلىشتۇرما ئەدەبىيات» ("تارىم" ژۇرنىلى 1995-يىللىق 6- سان ).
175. «بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1995- يىللىق 4- سان ).
176. «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى " ژۇرنىلى 1995- يىللىق 5- ، 6- قوشما سان ).
177. «ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتى» ("شىنجاڭ تەزكىرىسى" ژۇرنىلى 1995- يىللىق 3- سان ).
178. «ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ قەدىمكى گەۋدىسى» ("شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى" ژۇرنىلى 1995- يىلىق 4- سان ).
179. «مائارىپشۇناس ، مۇتەپەككۇر - سائىر خوجا نەزەر ھۈۋەيدە» ("قەشقەر ئەدەبىياتى" ژۇرنىلى 1997- يىللىق 2- سان ).
180. «"چىن" ۋە "ماچىن" ئىبارىسىنىڭ جۇغراپىيلىك ئۇقۇم دائىرسى» ("شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى" 1996- يىلى 3- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى سانى ).
181. «ۋاقىت ھەققىدە يېزىلغان ياخشى شېئىر» ("شىنجاڭ گېزىتى" 1990- يىللىق 5- مايدىكى سانى ).
182. «ياتلاشقان ئىنسان ۋە ياتلاشقان ئەقىل - پاراسەت» ("شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى" 1995- يىللىق 5- سېنتەبىردىكى سانى ).
183. «سۈكۈنات» ("شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى" 1995- يىللىق 29- ئاۋغۇستتىكى سانى ).
184. «تەبەسسۇم» ("شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى" 1995- يىللىق 1- ئاۋغۇستتىكى سانى ).
185. «سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى» ("تەڭرىتاغ" ژۇرنىلى 1986- يىللىق تۇنجى سان ؛ 1987- يىللىق 1- ، 2- سانلىرى ).
186. «تەپەككۇر ئىقتقدارى ۋە تەپەككۇر قىممىتى» ("شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى" 1996- يىللىق 12- نويابىردىكى سانى ).
187. «ئەنقا يۇرتىدىكى ئەنقا - پىشۋا» ("شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى" 1996- يىللىق 1- سان ).
188. «كومىراخىۋا» (كىنو سىنارىيىسى) ("شىنجاڭ مەدىنىيىتى" ژۇرنىلى 1995- يىللىق 1- سان ).
189. «تەپەككۇر دەرىخىدىن مېۋىلەر» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1996- يىللىق 4- سان ).
190. «روھىيەت ۋە مەدەنىيەت» ("تەڭرىتاغ" ژۇرنىلى 1996- يىللىق 6- سان ).
191. «ئۆمۈر تەلقىنلىرى» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1997- يىللىق 1- سان ).
192. «دولان - قۇمۇل مۇقاملىرىنىڭ يىلتىزداشلىقى ھەققىدە ئىزدىنىش» ("شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى" 1998- يىللىق 1- سان ).
193. «بەدىئىي ئىجادىيەتتە ئاياللار تەسۋىرىنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 1999- يىللىق 1- سان ).
194. «ئەنئەنىۋى ئاڭ گۇگۇمدىكى ئۇيقۇ ۋە زامانىۋى ئاڭ سەھەردىكى ئويغىنىش» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 2000- يىلى 1- سان ).
195. «ئارىفنامە» ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلى 2000- يىلى 4- ، 5- قوشما سان ).
196. «ئۇيغۇر مۇقام مەدەنىيىتنىڭ گىنېئالوگىيىلىك سىرى» ("شىنجاڭ سەنئىتى" ژۇرنىلى 2001- يىلى 3- سان ).

ئالىمنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرى
1. «چوغلۇق قىز» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1981- يىلى نەشر قىلغان .
2. «توققۇز نەزىم» مىلەتلەر نەشىرياتى 1987- يىلى نەشىرى .
3. «ئېستېتىكىدىن لېكسىيىلەر»1987- يىلى شىنجاڭ رادىئو-تېلۋىزىيە ئۇنۋېرسىتىتى باسمىسى .
4. «شىكىسپىر سونتلىرىدىن تاللانما».
5. «فارابى شېئىرلىرىدىن نەمۇنە» "تارىم" 1984- يىلى 5 - سان .
6. «شاھنامە»(باشقىلار بىلەن) : شىنجاڭ خەلىق نەشىر ياتى 1998 - يىلى نەشىرى.

نەشىر قىلىنمىغان كىتابلىرى
1. «ھەمراھى غەزەللەر»
2. «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قىسقىچە تارىخى » (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
3. «ئانالىتىك پوئىتىكا» (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ، تاماملانمغان ).
4. «يىپەك يولىدىكى سەنئەت جەۋھەرلىرى» (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
5. «غەزەليات» ( غەزەللەر توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
6. «باھارىيات» ( غەزەللەر توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
7. «شېرىن ۋە سېرىن» ( شېئرلار توپلىمى،ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
8. «ئاق توز» ( شېئرلار توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
9. «شەبنەم ۋە ئۇچقۇن» ( شېئرلار توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
10. «ئىزگۈلۈك مەلىكىسى» ( ئايالى رەنا مەخسۇتقا بىغىشلاپ يازغان ئۈچ قىسىملىق ئەسلىمە ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ) .
11. «مەن ۋە مىنىڭ خەلقىم» ( ئۆزى ھەققىدىكى ئەسلىمە ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان)

ئىلان قىلىنمىغان باشقا ئەسەرلىرى
1. «ھاياتىم ھەققىدە قايتا ئويلىنىش» (ماقالە).
2. «سكتايلارنىڭ مىتال تاۋلاش ھۈنەر سەنئىتى» (ماقالە).
3. «ئوتتۇرا ئاسىيا ئەنئەنۋى ھايات قاراشلىرىغا باھا» (ماقالە).
4. «تۈرك مەدەنىيىتى ھىندىستاندا» (ماقالە ).
5. «كۈسەن مەلىكىسى» (كىنو سىنارىيىسى ).
6. «مۇھەببەت يىغلايدۇ» (پوۋېست ، تاماملانمىغان ).
7. «فارابى» (رومان ، تاماملانمىغان ).


ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىننىڭ «مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى .
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003- يىلى 4- ئاي 1- نەشرى .



شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مول مېۋىلىك پروفېسسورى ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەدئىمىن

ئۇيغۇرمەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم بەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇر ئالىم،تالانتلىق ئەدىب،تۆھپىكار مائارىپچى. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28- كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشىھەدكە تۇتاش باغئرىق كەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن دىنىي تەربىيىنى قىسقا مۇددەت ئالغاندىن كپيىن، 1950- يىلىغىچە نەزەر-
باغدىكى قەشقەردارىلمۇئەللىمىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىدا 4يىل ئوقۇغان.1950-يىلى غەربى شىمال ياشلاربىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. يىغىندىن كىيىن شىئەن،بېيجىڭ،تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە ئىكىسكۇرسىيىدە بولغان ۋە شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭئىنستىتۇتىنىڭ بىئو- خىميە فاكۇلتپتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1952- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ئۆزىگەتەقسىم قىلىنغان، شۇيىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. مەكتەپتە بىر تەرەپتىن ئۆسۈملۈكلەرفىزىئولوگىيىسى،ئۆسۈملۈكلەر پاتالوگىيىسى،ھاشاراتشۇناسلىق قاتارلىق دەرىسلەرگە تەرجىمان ئوقۇتقۇچى بولغان،يەنە بىر تەرەپتىن فىزىكا،ماتېماتىكا،بىئولوگىيە،خىمىيە ۋە ئاگرونومىيە سىنىپلىرىغاماركسىزم ئاساسلىرىپەلسەپە دەرسلىرىنى ئۆتىگەن. 1953- يىلى ئۇ شىئەندىكى غەربىي شىمال ئۇنىۋپرسىتپتىنىڭ ماركسىزمئاسپىرانتورىيىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ بىريىل بىلىم ئاشۇرغان.ئاسپىرانتورىيىنى پۈتتۈرۈپ ئانا مەكتىپىگە قايتىپكەلگەندىن كېيىن ماركسىزم كافىدىراسىدا پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ بىر نەچچە خىل دەرس ئۆتىگەن ۋەبۇ دەرسلەرنىڭ دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ ئقتىدارلىق ياش ئوقۇتقۇچى 1955- يىلىدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان شىنجاڭ ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى(ئۇيغۇرچە نەشرى)نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قوشۇمچەئۈستىگە ئالغان.ئۇنىڭ تەتقىقات ھاياتى ئەنە شۇ يىللاردا رەسمىي باشلانغان.ئۇنىڭ ئىككى تىلدا يازغان ئۇيغۇرخەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى ناملىق ئىلمىي ماقالىسى 1956-يىلى مەزكۇر ئىلمىي ژۇرنالنىڭ خەنزۇچە ھەم ئۇيغۇرچە سانىدا ئېلان قىلىنغان.بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىداقۇتادغۇبىلىك ۋە تۆركىي تىللار دىۋانى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى تۇنجى ئىلمىي تەتقىقات ئىدى. ئۇ مۇشۇ ماقالىسى سەۋەبىدىن20يىل ئوڭچى قالپىقى كىيگەن.1959- يىلى ئۇ پارتىيىدىكى خىزمىتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ،ئەمگەك بىلەنتەربىيىلەش ئورنىغا ئەۋەتىلگەن.1961- ئۇ ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىدىن قويۇۋېتىلگەن.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن1966- يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلانغانغا قەدەر تۆت يىل جەريانىدا
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا نازارەت ئاستىدا ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئۇ ئىلىمخۇمار ئالىم جۇڭگونىڭ
مەشھۇر كلاسسىك ئەسەرلىرى بولغان«ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆرنەكلىرىنى،24تارىخنى،ئەنگلىيە دراماتورگى شپكسپىرنىڭ 36سەھنە ئەسىرىنى،ھىندىستاننىڭ رامانايا،ماخاپىراتا داستانلىرىنى، سوۋېت ئىتتىپا-
قىدا نەشر قىلىنغان 15توملۇق(32كىتاب) دۇنيا تارىخى نى، ئومۇمىي تاڭ نەزمىلىرى نى، بايرۇننىڭ دون جۇئان داستانىنى،ھومېرنىڭ ئىللادا ۋە ئودېسسا داستانلىرىنى، يۇنان ۋە رىمنىڭ ئەپسانە - رىۋايەتلىرىنى، قۇرئان كەرىم، ئىنجىل ۋە تەۋرات نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىلىرى،ئەپلاتۇن،ئارستوتىل ئەسەرلىرىنى، دانتىنىڭ تەڭرى كومىدىيىسى داستانىنى، گومورو ۋە تيەنخەننىڭ تارىخى درامىلىرىنى،ماركىس ئىنگىلىس ئەسەرلىرىنى، نەۋائى، بابۇر، مەشرەپ شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ۋە ئۆگەنگەن. ئۇ بۇجەرياندا 30 نەچچەخاتىرە دەپتەرنى ئۆگىنىش خاتىرىسى بىلەن تولدۇرغان.ئۇ مۇشۇ يىللاردا قارلىق تاغ شەجەرىسى ناملىق داستان ۋە سۇمۇرغلار قوشىقى،قەدىمكى يىپەك يولى،خەن ئوردىسىداباھار،مەلىكە خۇارۇڭ،تەڭرىتاغ ناخشىسى،دات باسماس قىلىچ، پىلە مەلىكىسى قاتارلىق يەتتە پارچە تارىخىي دراما يېزىپ چىققان.جاۋاھىرۇل ھاقايىق دېگەن ماۋزۇدا قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا(بۇ كىتاب1995-يىلىنىڭ بپشىدا4-قېتىم تۆزىتىلگەندە ئالىم قەدىمكى تۇران تارىخى دەپ ئاتىغان) ناملىق كىتـئابنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان. يەنە بارماق ۋەزىنلىك بىر تۈركۈم مۇھەببەتلىرىكىلىرىنى يېزىپ چىققان.
مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە ئىزدىنىش ۋە ئىجاد قىلىش روھى
كۈچلۈك بۇ ئالىم ئاق تېررورلۇق قاپلىغان ئاشۇ ئەنسىز يىللاردا پارچە - پارچە يازغان 500 پارچىدىن ئارتۇق
رۇبائىيسىنى رەتلىگەن. سەۋدالىق تەئەججۇپنامىسى ( بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى تۇنجى نەسىرلەر توپلىمى)ناملىق لىرىك نەسىرلەر توپلىمىنى تولۇق تاماملىغان.
1978- يىلى پارتىيە11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ئابدۇشۈكۈر مۇ-
ھەممەدئىمىن سىياسىي جەھەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھەم خاتا ئوڭچى قىلىنغان دېگەن خۇلاسە بىلەن
ئاقلانغان ۋە1980-يىل ئۇ ئەدەبىيات فاكۇلتپتىغا يۆتكىلىپ ئومۇمىي ئىستىتىكا دەرسىنى تەسىس قىلىپ ئۆ-
تۆشكە كىرىشكەن . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ كىتاب، ماقالە، رۇبائىي، شىئر- غەزەللىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىلان
قىلىنىشقا باشلىغان. 1986- يىلى ئۇ ياپۇنىيىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولۇپ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ
يىتۆك قامۇسى- (قۇتادغۇبىلىك) دېگەن تېمىدا لپكسىيە سۆزلىگەن.
1980-يىللاردا ئۇنىڭ200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى، ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام
ھەققىدە، شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا- ئۇسۇل سەنئىتى، فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى،
ئومۇمىي ئپستپتىكا،چوغلۇق، رۇبائىيات(1)، رۇبائىيات(2)، قارلىق تاغ شەجەرىسى قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە 1980- يىللاردىن كېيىن ئېلان قىلىنغان:- روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۆللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى،ھەسەتخورلۇق ھەققىدەھەسرەتلىك خىياللار،ئارىفنامە،يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت، يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت قاتارلىق بىر قاتار ئىسىل ماقالىلىرى ۋە سىكتاي- ساك- ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم- كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى ئىزچىللىق، ئۇيغۇر ئەجدادلىرى مەي مەدەنىيىتى،ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ۋەكپيىنكى غەربىي يۇرت ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخىي ئۇچۇرى
ئەلىشىر نەۋائىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى،ئون ئىككى مۇقام ۋە نەۋائىخانلىق ئەنئەنىسى،نورۇز بايرىمى ۋەئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى توغرىسىدا،ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقىي تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىجتىمائىي مۇلاھىزە ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى ئىجتىمائىي ھاياتىمىزنى چۈشىنىشتە ۋەمەدەنىيەت تارىخىمىزنى تەتقىق قىلىشتا يېڭى يول ئېچىپ بەردى. ھەقىقەتەنمۇ بۇ مۇنەۋۋەر ئالىمنىڭ ئاشۇ
يىللاردا يازغان ۋە تۆزەتكەن ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى، غەربىي يۇرت تاشكىمىر سەنئىتى، قوتادغۇبىلىك
خەزىنىسى،ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى،سەۋدالىق تەئەججۇپنامىسى قاتارلىق كاتتا ئەسەرلىرى ئۇنىڭ
ۋاپاتىدىن كېيىن بىر- بىرلەپ نەشر قىلىندى. بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە،يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش،سوغدىلار ۋە ئۇنىڭ ئپتنىك ۋارىسلىرى توغرىسىدا،چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى قاتارلىق نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالىسىمۇ گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇرتارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىغا يىپيىڭى تۈس قوشقان ئىدى.
ئەپسۇسكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى،تالانتلىق ئەدەبىي،تۆھپىكار باغۋىنى، مول مېۋىلىك پروفپسورى
ئابدۇشۆكۆرمۇھەممەدئىمىن ئۆزنىڭ بىر تالاي يازمىلىرىنى، گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرىنى خەلقىگە قالدۇرۇپ،
1995-يىلى2-ئاينىڭ 27-كۈنى زىققا كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىشى سەۋەبى بىلەن62يېشىدا بۇئالەم بىلەن
خەيىرلەشتى.

پايدىلانغان ماتىرياللار:

ئابدۇشۆكۆرمۇھەممەدئىمىننىڭ << يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت >>دېگەن ئەسىرى