2008年1月29日

ئەنئەنىۋى ئاڭ گۇگۇمىدىكى ئۇيقۇ ۋە زامانىۋى ئاڭ سەھىرىدىكى ئويغىنىش

يازغۇچىسى : ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ( 1995.02.27 - 1933.09.28 )


كەچقۇرۇن پېتىۋاتقان قۇياش بىلەن سۈبھى سەھەر كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياش بىر قاراشتا ئوخشاش شەپەق چېچىپ ، ئوخشىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ . ئەگەر بىز خىرامانلىق ئىلكىدىن قۇتۇلۇپ ، شەرق بىلەن غەربنى ، كېلىۋاتقان يېڭىلىق بىلەن كېتىۋاتقان كونىلىقنى پەرق قىلالىساقلا ، بۇنداق << ئوخشىشىپ >> كەتكەن ھادىسىدىكى تۈپلۈك پەرقنى بايقىۋالالايمىز .
ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز تارىخىدىكى سەكرەتمىلىكلەر تۈپەيلى ، بەزىدە بەزى مىللەت ياكى خەلقلەر ئىجتىمائىي ۋە ئىدېئولوگىيىلىك فورماتسىيىنىڭ بەزى خىللىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەيلا ئۇلارنى << ئاتلاپ ئۆتۈپ >> ئىلگىرىلىشى مۇمكىن . ئەمما تاۋار ئىگىلىكى بىلەن ھازىرقى زامان قىممەت قارىشىنى مەركەز قىلغان زامانىۋى ئاڭنى << ئاتلاپ >> ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس . بۇ ، ئوتتۇرا ئەسىر ھالىتىدىكى ئىنسان ۋە ئىنسان جەمئىيىتىنى كەلگۈسى ئىنسان ۋە ئىنسان جەمئىيىتىگە ئېلىپ بېرىشتىكى ماددىي ۋە مەنىۋى ئىككى تىرەك .
ئۇزۇن مۇددەت يېرىم مۇستەملىكە ، يېرىم فېئوداللىق ئاسارىتىدە تۇرغان ، كېيىنچە << تۆت كىشىلىك گۇرۇھ >>نىڭ سولچىل دىكتاتۇرىسى ۋە مىللىي ئىنكارچىلىقى ئاستىدا يەنچىلگەن خەلقىمىزنىڭ 1980 - يىلالرنىڭ بېشىدا قايتا ئويغانغان مىللىي ئىپتىخارى ۋە كۆمۈلگەن ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە بولغان ئوتلۇق تەلپۈنۈشلىرىنى تارىخىي ماتېرىيالىزمچىلار تولۇق چۈشىنىدۇ . بۇنداق ھالەت مۇشۇ يىللاردا پۈتكۈل ئېلىمىزدە يۈز بېرىپلا قالماستىن ، تارىختىكى ھەر قانداق جاھالەتتىن كېيىنكى << قايتا ئويغىنىش >> ، << قايتا گۈللىنىش >> دەۋرلىرىدىمۇ يۈز بەرگەن قانۇنىيەتكە ، جۈملىدىن ئەقىلگە مۇۋاپىق ھادىسە ئىدى .
2000 يىللىق مەدەنىيەت تارىخى ئۇتۇقلىرىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر قاتلىۋەتكەن مۇشۇ ئەسىر ( 20 - ئەسىرنى كۆرسىتىدۇ ) ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يۈز بەرگە ، يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ھەممە مەملىكەت ۋە مىللەت خەلقلىرىنى ئالدىرىتىپ قويدى ! مىللىي ئىپتىخارنىڭ بۇ ئەنئەنىۋى ئاڭ شەكلى يېقىندىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياشتەك بىزنى سۆيۈندۈرگەنىدى ، مانا ئەمدى ئۇ ئۆز ئورنىنى ئېلىمىزدە ، ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىدا قايتا شەكىللەنگەن ، بىر قىسىم مۇتەپەككۈرلەر پەرەزلىرىدىن ئومۇم جاھان ھادىسىسىگە ئايلانغان زامانىۋى ئاڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە توغرا كېلىپ قالدى . بۇ خۇددى ئاتا - ئانا ھۇزۇرىدىن يېڭى ئۇستاز ئالدىغا كەلگەندەك بىر قاراشتا << ياتسىراڭغۇ >> كۆرۈنسىمۇ ، ئۇنىڭ زۆرۈرلىكى ، يەنىلا ئۇنىڭ مىللىتىمىزنىڭ يېڭى مىللىي ئىپتىخارى بولۇپ قېلىشىدا گۇمان يوق .
كارل ماركس : << تارىخ ئۆز - ئۆزىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئىنساننىڭ پائالىيىتىدىن ئىبارەت >> دېگەنىدى . ماركسنىڭ بۇ سۆزى تولىمۇ كەڭ ، تولىمۇ چوڭقۇر ۋەزىندار سۆز ئىدى . ئىنسانىيەت ئۆز - ئۆزىنى ئىزدەپ كەلدى . بۇددىستلار ۋە سوپىزمچىلار ئىنساننى تەڭرى سۈپەتلىرىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن << رېئاللىقتىن ۋاز كېچىش >> ۋە << نىرۋانا >> ياكى ۋەسلى ئىلاھىيە >> ئارقىلىق تەڭرى بىلەن قوشۇۋېتىشكە ، تەڭرى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە ئۈمىد قىلىشتى . ئەلىشىر نەۋائىي : سەن مېنى قانداق تاپۇرسەن ، مەن ئۆزۈمنى تاپمىسام ، دېگەنىدى . فارابىي ۋە ئوتوپىك سوتسىيالىستلار غايىۋى جەمئىيەت تەلىماتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى . بۇرجۇئازىيە ئىنقىلابلىرىنىڭ << ئەركىنلىك ، باراۋەرلىك ، مېھرىبانلىق >> غايىلىرى ئىنقىلاب خىتابنامىسىدىلا قېپقالدى . ئوت يالقۇنلىرى ۋە ئىلىم ئىختىرالىرى بىلەن تولغان مۇشۇ ئەسىرىمىز ئۆزىنىڭ زىددىيەتلىك ھادىسىلىرى ئارقىلىق ئومۇمەن 2000 يىل ياراتقان ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدىن ئاللىقاچان ئېشىپ چۈشۈپ ، ئۇچۇر ، ئىرسىيەت قۇرۇلمىسى ۋە ئارىلاشما ( سېنكىرىتىك ) مەدەنىيەت بوسۇغۇسىغا دەسسەپ قالدى . مۇشۇنىڭغا ئەگىشىپ ، ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا ، ئۇنىڭ تارىخىي ماھىيىتى سۈپىتىدە << ئىنسان زادى نېمە ؟ >> ، << ئىنسان قانداق بولۇشى لازىم ئىدى ۋە قانداق قىسمەتتە تۇرماقتا ؟ >> ، << سانائەت ئۇتۇقلىرى ، پاراۋانلىقنىڭ ئوبيېكت ۋاسىتىلىرى بىلەن ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي بەخت - سائادىتىدىن ئىبارەت سۇبيېكت مەقسەتدارلىقنىڭ گارمونىك مۇناسىۋىتىنى قانداق قايتا تۈزۈش لازىم ؟ >> دېگەن غايەت زور مەسىلە پۈتكۈل تەپەككۇر بوشلۇقىغا كىرىپ كەلدى . بۇ ، ئۆز - ئۆزىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئىنساننىڭ تارىختىكى سوپىستىك ، ئوتوپىستىك ، گۇمانىزملىق شېرىن چۈشلىرىدىن پەرقلىق ھالدا ئۆز ئوبيېكىتىنى تاپقان رېئال مۇمكىنلىك ئالدىدىكى ھەقىقىي ئويغىنىشى بولدى . بۇنداق زامانىۋى ئاڭ كىشىلەرنى لەرزىگە سالدى ، ئەسەبىيلىك چۈشەكەشلىرىدىكى داھىيلارنى ، سەركەردىلەرنى ، ھەتتا كۆپلىگەن ئىلىم - پەن ئەربابلىرىنى ، سەنئەت مۆتىۋەرلىرىنى ، كەڭ خەلقنى قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلدى . كۆپ كىشىلەر 21 - ئەسىر ئۇنداق ياكى مۇنداق ئەسىر بولغان كۆرە << ئىنساننىڭ ئۆز - ئۆزىنى تاپقان ئەسىرى >> بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلىدى . بۇ ، ئىنساننىڭ ئىنسان تۇرۇپ ئىنسانغا ئوخشىماي قالغان ھالەتتىن قۇتۇلۇش يولىدىكى ئىنقىلابىي يېڭى تەپەككۇر ئېراسىنىڭ كۆز ئالدىمىزغا يېقىنلاپ كېلىپ قالغانلىقىنى ، پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى مۇشۇ ئۇلۇغۋار ئاڭنى كۆتۈرۈپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى . ئەھۋالنىڭ دەل مۇشۇنداقلىقىدىن كۆزنى يۇمۇۋېلىپمۇ ، ئۇنى ئەيىبلەپ قول سىلكىپمۇ قۇتۇلغىلى بولماي قالدى . بۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئاڭ ئۆزىنىڭ تارىخىي يىلتىزى ، رېئال ئىمكانىيىتى ۋە ئاجايىب سېھرىي گۈزەللىكى بىلەن ئۆزىدىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىشەنگەن ھالدا ئېڭىمىزدا ، مىللىتىمىز ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ چىقىشقا باشلىدى . ھازىرقى ئەھۋال خۇددى مۇشۇنداق بولماقتا :
<< ئۇنداقتا مىللىي ئەنئەنىلىرىمىز ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىز يوقىلىپ كېتەمدۇ ؟ >>
<< بۇ ، مىللىي ئىپتىخارنىڭ يوقالغانلىقى ئەمەسمۇ ؟ >>
ياق ، ئۇنداق ئەمەس ! تامامەن ئەكسىچە !
مەلۇمكى ، مىللىي ئەنئەنە شۇ مىللەتنىڭ كۆپ قاتلاملىق تارىخىي تەرەققىياتىدىكى ھەر بىر قاتلامدا قىسمەن ساقلىنىپ ، قىسمەن يېڭىلىنىپ تۇرغان مىللىي پسىخىك ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئالامىتى بولۇپ ، ئۇ ئەلمىساقتىكى << پۈتۈلمىش >> ئەمەس . ھازىرقى مىللىي ئەنئەنىلىرىمىز ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى مىللىي ئەنئەنىلەرنى ئۆزگەرتىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئاساسىدا شەكىللىنىپ كەلگەن . بولمىسا بىز ئىپتىدائىي توتېم ياكى كۆپ خۇدالىق ئەنئەنىلىرىمىزنى ساقلىغان بولۇپ قالماسمىدۇق ؟ مىللىي ئەنئەنە ئۆزگىرىش ئىچىدە راۋاجلىنىدۇ ، راۋاجلىنىش ئىچىدە يۇقىرى قاتلاملىق تۈسكە داۋاملىشىدۇ . مىللىي ئىپتىخار دېگەنلىكمۇ شۇ مىللەتنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ۋەتەن ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشۇشتىكى غۇرۇر - ئىززىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس . تەرەققىياتقا كۆز يۇمۇپ مىللىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە مىللىي ئىپتىخار ھەققىدە سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ . روشەنكى ، ھاياتنىڭ داۋاملىشىشى بىر شەخس ئۈچۈنمۇ ، بىر مىللەت ئۈچۈنمۇ بۈگۈنكى ۋە ئەتىكى زامان مۇھىتى ۋە زامان تەلىپىگە قانداق ئۇيغۇنلىشىش بىلەن ھەل بولىدۇ . چۈنكى ئۆتمۈش خۇددى تۆكۈلگەن يوپۇرماق ياكى ئۆتكەن جەسەتتەك جانلىق ھاياتتىن مەھرۇم بولغان زاماننىڭ نامىدىن باشقا نەرسە ئەمەس !
ئەلىشىر نەۋائىي : ھەر دەۋرنىڭ سازەندىسى ئۆز بەزمىسىگە يارىشا ناۋا قىلىشى كېرەك ، دېگەنىدى .
زامانىۋى ئاڭ _ ھازىرقى زامان ئادىمىنىڭ ، مىللىتىنىڭ ، دۆلىتىنىڭ ئىنسانىيەت قاتارىدا داۋاملىق روناق تېپىشىنىڭ ئىدىيىۋى شەرتى . مۇنداق ئاڭنىڭ تىكلىنىش - تىكلەنمەسلىكى تارىخىي تەقدىرنىڭ قانداق بولۇشىغا بىۋاسىتە ئۆتكۈر تەسىر كۆرسىتىدۇ .
زامانىۋى ئاڭ سەھىرى يېتىپ كەلدى . زامانىۋى ئاڭ سەھىرى ئويغىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ . ئۇ ، بۈگۈنكى ئىنسانىي قەدىر - قىممەت ، ئىنسانىي ئەرك ، باراۋەرلىك ۋە ئورتاق گۈللىنىشنىڭ ئەڭگۈشتىرى . ئۇ بىر قاتار كونكرېت مەزمۇنلاردىن تەشكىل تاپقان پائالىيەتچان ئاڭ . ئۇ : زاماننى بىلىش ۋە كەلگۈسىچىلىك ئىدىيىلىرىنى ، ئىنساننىڭ ئومۇمىي قىممىتى ۋە ئىقتىدار قىممىتى ئېڭىنى ، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئارىلاشما تەتقىقات ساھەلىرىنى ئېچىشنى ، ۋاقىت كۆز قارىشىنى زامانغا لايىقلاشتۇرۇشنى ، ھازىرقى زامان ئېڭى نۇقتىسىدا تارىخنى قايتا كۆزىتىش ۋە قايتا ئىپادىلەشنى ، شۇنىڭ بىلەن بىللە باشقا بىر قاتار ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ مەسىلىلەر ئۆز نۆۋىتىدە مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىنىدىغان مۇھىم تېماتىك نۇقتىلار .
ئەنئەنىۋى ئاڭ گۇگۇمىدا ئۇخلىماي ، زامانىۋى ئاڭ سەھىرىدە ئويغىنايلى ، بۇ ، ئىنسانلىق قەلبىمىزنىڭ ھەقىقىي خىتابى بولسۇن !

( < شىنجاڭ مەدەنىيىتى > جۇرنىلى 2000 - يىللىق 1 - سانىدىن ئېلىندى )