2008年4月21日

بىخلان ئەپەندىم بىلەن سۆھبەت


1-سۇئال: كەلگۈسىدە ئالى مەكتەپكە بېرىپ، كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغىچىلىرىغا قانداق تەۋسىيەلىرىڭىز بار؟

جاۋاب: «كومپيۇتېر كەسپى» دېگەن سۆزنىڭ ئىپادىلەش دائىرىسى بەك كەڭ، گەرچە بۇ «كەڭ مەزمۇن» نىڭ ھەممىسى يەنىلا شۇ كومپيۇتېر ئالدىدا تۇرۇپ يۈز بېرىدىغان ئىشلار بولسىمۇ، بىراق، قايسىسىنى ئوقۇش كېرەكلىكىنى تاللاش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بۇ كەسىپنى چۈشۈنىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم.
سىز كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇماقچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىنكى ئارزۇ تولدۇرۇشتا ئەستايىدىل بولۇڭ، بەلكىم قوبۇل قىلىنىدىغان كەسىپلەر ئارىسىدا سىز «كومپيۇتېر كەسپى» دەيدىغان ئاتالغۇنى ئۇچراتماسلىقىڭىز مۇمكىن، بەلكى، «كومپيۇتېر ئىلىمى ۋە تېخنىكىسى»، «ئۇچۇر قۇرۇلۇشى»... دېگەندەك ھەرخىل كەسىپ ئىسىملىرىنى ئۇچرىتىسىز، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ «كومپيۇتېر كەسپى» دائىرىسىگە كىرىدىغان تارماقلار بولۇپ، ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلار تەسىس قىلغان كەسىپلەر ئوخشاش ئەمەس، شۇڭا بۇ كەسىپتە ئوقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئارزۇ تولدۇرغاندا كەسىپ مەزمۇنىنى ياخشى چۈشىنىۋېلىڭ.
ئەمدى، ئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇشقا ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىڭىزغا كەلسەك، كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ھەرخىل سەۋىيە، ھەرخىل قىزىقىش، ھەرخىل ئارزۇ-ئۈمىدلەرگە تولغان بولىدۇ، جەمئىيەت تەرەققىي قىلغانسېرى، كومپيۇتېر بارلىق كەسىپلەرگە سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ، مەيلى ئىجتىمائىي پەن، ياكى تەبىئىي پەنلەرگە تەۋە بولغان كەسىپلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھامان كومپيۇتېردىن پايدىلىنىدىغان تەرەپلىرى بار. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەيلى نېمىلا كەسىپنى تاللىسۇن، ئۇلار ھامان كومپيۇتېر مەشغۇلاتىنى ئۆگىنىشكە دۇچ كېلىدۇ. بۇ سوئاللاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى «كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان» ياكى «ئوقۇۋاتقان» ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، مەنمۇ شۇنىڭغا قارىتا جاۋاب بېرەي.

1. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇش ئارزۇسى ئۈستىدە يەنىمۇ بىرقەدەم چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك. مۇنداقلا قىزىقىش بىلەنلا كەسىپ تاللاشقا بولمايدۇ.

كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇش ھەرگىزمۇ 5 يىل جەريانىدا Word, Excel, Photoshop.... دېگەندەك قوللىنىشچان دېتاللارنى ئۆگىنىۋېلىشنى مەقسەت قىلمايدۇ، ۋەياكى مەلۇم پروگرامما لايىھىلەش تىللىرىنى ئۆگىنىۋېلىشنىمۇ مەقسەت قىلمايدۇ، بۇ خىل بىلىملەرنى ھەتتا ناخشا-ئۇسسۇل، سەنئەت كەسپىدە ئوقۇغانلارمۇ 5 يىل جەريانىدا مۇۋاپىق تىرىشسىلا ئاساسەن ئۆگىنىپ كېتەلەيدۇ، شۇڭلاشقا، كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ناۋادا يۇقارقى بىلىملەرنىلا ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ئۈستىدە يەنە بىر قەدەم چوڭقۇرراق ئويلىنىپ بېقىشى، ئارزۇ-نىشان پەللىسىنى يەنىمۇ يىراققا، يەنىمۇ يۈكسەك پەللىگە يۆتكەپ ئويلاپ بېقىشى زۆرۈر.

2. ماتېماتىكا، فىزىكا... قاتارلىق تەبىئىي پەنلەردىكى نەتىجىسى ۋە قىزىقىشىنىڭ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك.

بۇ دېگەنلىك، كومپيۇتېر كەسپىنى پىششىق ئۆگىنىشتىن، يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشكە ماتېماتىكا ۋە فىزىكا بىلىملىرىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئادەتتىكى قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ماتېماتىكا... قاتارلىق پەنلەردە سەۋىيە بولۇشى زۆرۈر ئەمەس، ماتېماتىكا ۋە فىزىكا بىلىملىرىنىڭ زۆرۈرلۈكى كومپيۇتېر كەسپىدىكى يۇمشاق دېتال ۋە قاتتىق دېتال بىلىملىرىنى ئۆگىنىش جەريانىدا ئەكس ئېتىدۇ، ماتېماتىكا بىلىملىرى كۆرۈنەرلىك يۇقۇرى بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نادىر يۇمشاق دېتاللارنى تۈزەلىشى، مۇرەككەپ قاتتىق دېتال، ئېلىكترون توك يوللىرى بىلىملىرىنى ئۆگىنىشى ئىنتايىن قىيىن، شۇڭلاشقا، كومپيۇتېر كەسپىدە مەخسۇس ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغانلار ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە ماتېماتىكا بىلىملىرىگە كۆپلەپ ھاجىتى چۈشىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىدىيە تەييارلىقى بولۇشى كېرەك.

3. ئىقتىسادىي شارائىتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇشقا لايىق كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىغا قاراش كېرەك.

بۇ دېگەنلىك ئائىلىڭىز نامرات بولسا كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇماڭ دېگەنلىك ئەمەس. ئىقتىساد تېپىلىدۇ، بىراق، كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنىش نوقۇل ھالدىكى كۈندىلىك دەرسلەرنى ياخشى ئۆگىنىش، تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا ئىشلەش ۋەياكى مۇئەللىم نېمىنى سۆزلىسە شۇنىلا ياخشى ئۆگىنىۋېلىش بىلەن كۇپايە قىلمايدۇ. كومپيۇتېرنى كەسىپ قىلغان ئىكەنسىز، سىزدە چوقۇم ھەر ۋاقىت ئەمەلىي تەجرىبە ئېلىپ بارغۇدەك پۇرسەت بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئىقتىسادىڭىز ناچار بولۇپ، 5 يىل ئوقۇشنىڭ يېرىمى ئاياغلاشقۇچە كومپيۇتېر سېتىۋېلىشقا قۇربىڭىز يەتمىسە، ئۇنداقتا سىز نۇرغۇنلىغان بىلىملەرنى ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولغاننىڭ ئۈستىگە، 5 يىللىق ئوقۇشىڭىزدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە چىقماسلىقى مۇمكىن. بۇ پەقەت نەتىجە چىقمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. قالغىنى ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق، سىز بۇ ئابزاس ئارقىلىق، كومپيۇتېر كەسپىنى ياخشى ئىگىلەش ئۈچۈن چوقۇم ئەمەلىي تەجرىبە ئېلىپ بارىدىغان شارائىتىڭىزنىڭ بولۇشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالسىڭىزلا بولىدۇ. ھەرگىز «كومپيۇتېر سېتىۋالالمىسا ئۈگەنگىلى بولمامدۇ؟» دەيدىغان قاراشتا بولماڭ.

4. كومپيۇتېر بىلىملىرىنىڭ قانداق ساھەلەردە ئىشلىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپرەك ئويلاپ بېقىڭ.

ھەممە بىلىملەرنى ئۇنۋېرسىتېتقا ئۆتكەندىن كېيىن ئۆگىنىمەنغۇ دېيىش خاتا، ناۋادا سىز شۇ كەسىپكە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ كەسىپنىڭ جەمئىيەتتە قانداق ئورۇنلاردا ئەسقاتىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ خىزمەت تېپىش نىشانىڭىزغا ماس كەلمىگەنلىكىنى بايقىغان ۋاقتىڭىزدا سىز ئاللىقاچان كېچىككەن بولىسىز. كەسىپ ئالماشتۇرۇش ئاۋارىچىلىق بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئالماشقان كەسپىڭىزمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشى ناتايىن، شۇڭا، سىز ئالدى بىلەن بۇ كەسىپنى تاللاشتىن بۇرۇن، شۇ كەسىپنى ئۆگىنىپ بولۇپ قانداق خىزمەتلەرنى قىلىدىغانلىقىڭىز توغرىسىدا كۆپرەك ئويلىنىپ بېقىڭ. مەسىلەن: قاتتىق-يۇمشاق دېتال لايىھىلەش ياكى تەتقىق قىلىش، تور بەت لايىھىلەش، ئوقۇتقۇچىلىق ۋە باشقا خىزمەت ئورۇنلىرىدىكى ماشىنست (خەت باسقۇچى، گېزىت-ژورناللاردا بەت تىزغۇچى، مۇقاۋا لايىھىلىگۈچى، بوغالتىر، ئىشخانا تېخنىكى... دېگەندەكلەر) قاتارلىق خىزمەتلەر سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزغا ماس كېلەمدۇ-يوق؟ ناۋادا سىز بۇ تۈرلۈك خىزمەتنى ئانچە ياقتۇرمايدىغان بولسىڭىز، بۇ كەسىپنى ئۆگىنىش سىزگە نىسبەتەن ئارتۇقچە ئىش بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئۆزىڭىزمۇ بۇ كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىشىڭىز ناتايىن، گەرچە ھازىر ھەرقانداق خىزمەت ئورۇنلىرىدا كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان جايلار بولسىمۇ، لېكىن، بۇنداق ئورۇنلارنىڭ كومپيۇتېر خىزمەت ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن ئۇنچە يۇقۇرى بىلىملەر كېرەك بولمايدۇ (يۇقۇرى بىلىم بولسا تېخى ياخشى، بىراق، بۇ يەردە خىزمەت ھۆددىسىدىن چىقىش مەسىلىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ)، مەسىلەن: ھۆججەت-ماتېرىياللارنى ئۇرۇش، بېسىپ چىقىرىش، كەسپىي ئورۇنلار يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىتىش (مەسىلەن بوغالتىرلىق، مالىيە يۇمشاق دېتاللىرى، بانكا ۋە تېلىگراف ئورۇنلىرىنىڭ كەسپىي دېتاللىرى دېگەندەك)نى مەكتەپتە ئۆگەتمەيدۇ، ئۇلار ئاساسەن خىزمەت ئورنىغا كىرگەندىن كېيىنكى كەسپىي تەربىيىلەش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئەگەر سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز مۇشۇلار بولسا، ماتېماتىكا، فىزىكا بىلىملىرى بولۇشنى بەك مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋالمىساقمۇ بولىدۇ، بىراق، ئۇنۋېرسىتېتتا 5 يىل لاياقەتلىك ئوقۇشىڭىز ئۈچۈن يەنىلا بۇ بىلىملەرنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ مەكتەپ پۈتتۈرەلمەيسىز. شۇڭا بۇ توغرىسىدىمۇ ئازراق ئويلىنىپ قويۇشىڭىز كېرەك.

5. ئوقۇماقچى بولغان مەكتەپنى توغرا تاللاش كېرەك.

مەكتەپ تاللاش كەسىپ تاللاشتىنمۇ مۇھىم دېيىشكە بولىدۇ، يەنى، سىز قانچە يۇقۇرى، قانچە داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتقا ئۆتەلىسىڭىز، سىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپارىڭىز شۇنچە يۇقۇرى بولۇشى مۇمكىن، ناۋادا سىز كومپيۇتېر كەسپىگە ئۆتەلىسەملا بولىدىغۇ دەپ قاراپ، ئادەتتىكى داڭقى چىقمىغان، تەتقىقات-تەجرىبە ئورۇنلىرى يوق مەكتەپلەرنىڭ كومپيۇتېر كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان بولسىڭىز، بۇ سىزنىڭ كەسىپتە مۇۋەپىقىيەت قازىنىشتىكى مۇساپىڭىزگە قويۇلغان يەنە بىر ئۆتكەل دىيىشكە بولىدۇ، كېيىنكى قەدىمىڭىز تېخىمۇ جاپالىق بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، سىز كومپيۇتېر (ئۇچۇر) فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى بولالىغانلىقىڭىز ئۈچۈنلا بۇ كەسىپنى ياخشى ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىڭىز دېگىلى بولمايدۇ، سىزنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىڭىزنىڭمۇ سەۋىيىسى چەكلىك، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تۇرمۇش، جان بېقىش ھەلەكچىلىكىدە يۈرۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قانداق ئۇنۋېرسىتېتتا قانچىلىك سەۋىيىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكى سىزگە نامەلۇم، مەكتەپلەرنىڭمۇ كومپيۇتېر ئوقۇتۇش شارائىتلىرى ئوخشاشمايدۇ، بىرقىسىم مەكتەپلەردە سىز ھەتتا تۈزۈكرەك خەت بېسىشنى ئۆگىنەلمەيمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قالىسىز، يەنە بىرقىسىم مەكتەپلەردە گەرچە تۇتۇپ بىرنەرسە بىلەلمەي قالسىڭىزمۇ، ھەر ھالدا «قۇلاق موللىسى» بولۇپ، بىرقەدەر ئەتراپلىق چۈشەنچىگە كېلەلەيسىز، قانچە چوڭ مەكتەپلەرگە بارسىڭىز سىزنىڭ ئوقۇش جەريانىدا ئۆگىنىش بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش شارائىتىڭىز شۇنچە ياخشى بولىدۇ، قانچە چوڭ مەكتەپلەرگە بارالىسىڭىز، سىز يەنە «كومپيۇتېر كەسپى» دېگەن كەسىپنىڭ يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇششاق ئايرىم كەسىپلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز، ھەمدە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىڭىز قىزىققان كەسىپنى تاللىيالايسىز، شۇڭا، سىز ئەڭ زور دەرىجىدە، جېنىڭىز تېنىڭىزدە بولسىلا قاتتىق تىرىشىپ، داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ كومپيۇتېر فاكۇلتېتلىرىغا قوبۇل قىلىنىشقا تىرىشىڭ، مەكتەپتىكى ئۆگىنىش كەيپىياتى، شارائىتى ۋە تەتقىقات پائالىيىتى سىزنىڭ كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىشىڭىزدا مۇھىم تۈۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ.

6. تىل ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرەلەيدىغان ئىرادىنى ھازىرلاش كېرەك.

سىز كومپيۇتېرنى كەسىپ قىلىپ ئۆگىنىمەن دېگەن ئىكەنسىز، ئۇنداقتا سىز بۇ يەر شارىدىكى قايسى مىللەتلەرنىڭ كومپيۇتېرغا ئەڭ «ئۇستا» ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىڭ، ئېنىقكى، ئېنگلىز تىلىنى ئۆگىنىش سىزنىڭ مۇھىم ئۆگىنىدىغان بىلىملىرىڭىزنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزمۇ يۇقۇرى پەن-تېخنىكىلىق ساھەلەردە دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيىلىرىگە يېتىشىۋاتقان، ئۆزى مۇستەقىل كومپيۇتېر قاتتىق دېتاللىرىنى ئىشلەش سەۋىيىسىگە يېتىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق، «سۈپەت ساندىن مۇھىم» بولغىنىدەك، ياخشى ۋە چۈشىنىشلىك ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا ئېنگلىز تىلىدا كۆپ، خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىنغان كومپيۇتېر كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنىڭ تۈرى كۆپ بولسىمۇ، بىراق، كومپيۇتېر ئۇچۇر ساھەسىدىكى ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بىلىم ۋە تېخنىكىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە يېڭىلىنىشى سەۋەبىدىن، سىز نۇرغۇن يېڭى تېخنىكىلارغا قارىتا «گاس» بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، خەنزۇ تىلىنى پىششىق ئۆگىنىشتىن باشقا، ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىزدا چوقۇم ۋاقىتنى تېجەپ ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى، شۇنداقلا، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئېنگلىزچە ماتېرىياللارنى ئىنتېرنېت ۋەياكى باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق ئىزدەپ، تەڭ قەدەمدە پايدىلىنىپ تۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشىڭىز كېرەك. شۇڭا، سىز بۇ كەسىپنى تاللاشتىن بۇرۇن، ئۆزىڭىزنىڭ تىل ئۆگىنىش ئىرادىڭىزنىڭ قانچىلىك مۇستەھكەملىكىنى دەڭسەپ ئىش كۆرۈڭ.

7. كومپيۇتېرنى غايىۋى نەرسىلەرگە ئوخشىتىۋالماسلىق كېرەك.

مەن بەش يىل كومپيۇتېر فاكۇلتېتتا ئوقۇش جەريانىدا، ساۋاقداشلىرىمدىن نېمە ئۈچۈن بۇ كەسىپنى تاللىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن قېتىم پاراڭلاشقان، كۆپىنچىسىنىڭ پىكىرى توغرا ئەمەس، سىز ئانچە-مۇنچە قىزىقارلىق پەن-تېخنىكىلىق فىلىملەرنى كۆرۈپلا، كومپيۇتېر بىلەن پۈتكۈل دۇنيانى، ۋەياكى مەلۇم بىر شەھەرنى كونترول قىلىۋالغىلى بولىدىكەن دەپ، ئۆزىڭىزنىڭ بىردەملىك قەھرىمانلىق ھېسياتىڭىزغا تايىنىپلا بۇ كەسىپنى تاللاپ قالماڭ، دۇنيادا ئۇنداق ئاسان ئىش يوق، كىنولار ھامان تۇرمۇشتىن نەچچە ھەسسە مۇبالىغە ھالەتتە بولىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېر كەسىپنى تاللىغانلىق سەۋەبىڭىزنىڭ مۇشۇنداق ئاددىي ئىكەنلىكىنى بايقىغان ۋاقتىڭىزدا، بەلكىم تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىپ، زادى بۇ كەسىپ نېمە قىلىدىغان كەسىپ؟ بۇ كەسىپتە ئۇتۇق قازىنالايمەنمۇ؟... دەپ قايتا بىر ئويلىنىش باسقۇچىغا كەلگەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. كومپيۇتېر ئۇنداق غايىبانە، سىرلىق، خاسىيەتلىك نەرسە ئەمەس، سىز قىزىقىۋاتقان «خاككېر» لارمۇ ئۇنداق «يامان نوچى ئادەم» لەر ئەمەس، ھەم بۇ كەسىپ سىز ئۆگەنگەندىن كېيىنلا بېل گايتىس ئەپەندىدەك باي بولۇپ يېتىپ يېگۈدەك پۇل تاپالايدىغان ئەڭگۈشتەر كەسىپ ئەمەس، كەسىپ تاللاشتىكى سەۋەبىڭىز بۇنداق ئاددىي بولۇپ قالمىسۇن.

8. مەڭگۈ ئۆگىنىشتىن ۋاز كەچمەيدىغان ئادەت بولۇشى كېرەك.

ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا، ئالىي مەكتەپتە قايسى كەسىپتە ئوقۇسام شۇ كەسىپنىڭ پىشۋاسى بولالايمەن دەپ قارايدىغانلار بار، ئەمەلىيەت ئۇنداق بولمايلا قالماستىن، كومپيۇتېر كەسىپتە تېخىمۇ ئۇنداق دېگىلى بولمايدۇ، مەن دەسلەپ كومپيۇتېر بىلەن تونۇشقاندا، «ئالما 2 تىپلىق» كومپيۇتېر بىلەن دەسلەپ ئۇچراشقان، ئۇ ۋاقىتلاردا مەن «كومپيۇتېر» دېگەن ئاتالغۇنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان، بىز ئۇنى «ھېسابلاش ماشىنىسى» ياكى «ئېلىكترونلۇق مېڭە» دەپ ئاتايتۇق، ئۇنى قوزغاتقاندىن كېيىن، پروگرامما لايىھىلىمەي تۇرۇپ ھېچقانداق ئىش قىلغىلى بولمايتى، مەن ئۇ ۋاقىتتا تولۇقسىز 1-يىللىقتا بولۇپ، كومپيۇتېر ئۆگىنىش تۇنجى قەدىمىم Basic تىلى ئۆگىنىشتىن باشلانغان، مانا ھازىر بۇ ئىشلارغا 15 يىل بولاي دەپتۇ، ھازىر ئۇنداق كومپيۇتېرلارنى مۇزىيخانىلاردىن تاپقىلى بولىدۇ، بەش يىلدىن كېيىن مەن ھەقىقىي كۆپ ۋاستىلىق PC بىلەن ئۇچراشتىم، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ بۇرۇن ئۆگەنگەن Basic تىلى بىلىمىم «بىر دۆۋە ئەخلەت، ئارتۇقچە بىلىم» ھېسابلاندى، كېيىن DOS مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنى ئۆگەندۇق، 2 يىلدىن كېيىن بۇلارمۇ «ئەسقاتماس بىلىم» ھېسابلاندى، يەنە يېڭى نەرسە ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولدۇق، Windows95 مەشغۇلاتى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، بىز يەنە بىر دەۋر «بوۋاق» قا ئايلىنىپ، ھەممە نەرسىنى باشتىن ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولدۇق، گەرچە ھازىرغىچە مەشغۇلات سىستېمىلىرى نەچچە دەۋر ئالماشقان بولسىمۇ، بۇرۇنقى ئاساسلىرىمىز بىلەن يەنىلا ئۆگىنىپ كېلىۋاتىمىز، بۇ بىر ئاددىي مەشغۇلات قىلىش بىلىمى بولۇپ، پروگرامما لايىھىلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخنىكا يېڭىلاش ۋە يېڭى تېخنىكا ئۆگىنىش خىرسىغا دۇچ كېلىش دەۋرى تېخىمۇ قىسقا، سىز مەلۇم بىر پروگرامما لايىھىلەش تىلىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ئالاھەزەل 2- 3 يىل ئۆتسىلا سىز يەنە يېڭى خىرسلارغا دۇچ كېلىپ، ئۆگەنگەن نەرسىلىرىڭىزنىڭ «كونىراپ» قالغانلىقىنى ھېس قىلىسىز، دېمەك، ئۆگىنىش مەڭگۈلۈك بولىدۇ، لېكىن، سىزنىڭ «كومپيۇتېرغا ئۇستا» دېگەن نامىڭىز كۆپ بولسا 1- 2 يىل داۋاملىشىدۇ، ھەرۋاقىت تېخنىكا يېڭىلاشقا مەجبۇر بولىسىز.
شۇڭا، كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇيمەن دەيدىكەنسىز، ھەرۋاقىت تېخنىكا يېڭىلاپ تۇرىدىغان، بىلىمگە ھېرىسمەن ساۋاقداش بولۇشىڭىز كېرەك.

9. «گېنېرال بولۇشنى ئويلىمىغان ئەسكەر ياخشى ئەسكەر ئەمەس».

توغرا، ھەرقانداق ئوغۇل بالا ئۆز كەسپىنىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە چىقىشنى ئىستەيدۇ، سىزدىمۇ شۇنداق روھ بولسۇن، كومپيۇتېر كەسپىنىڭ «گېنېرال» لىق يۇقۇرى پەللىسى «پروگرامما لايىھىلەش، قاتتىق دېتال لايىھىلەش» كە بېرىپ تاقىلىدۇ، بىراق، «پروگرامما لايىھىلەش» تىن ئىبارەت بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ لايىھىلەش» ۋەياكى «MP3 قويغۇچ تۈزۈش» دېگەنلىك ئەمەس، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسى سۈنئىي ئەقلىي ئىدراك، ماشىنا ئادەم، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار... دېگەن بىلىملەرگە يېتىپ بارىدۇ، «قاتتىق دېتال لايىھىلەش» نىڭ ۋەزنى تېخىمۇ ئېغىر، يۇمشاق دېتال لايىھىلەشتە سەۋىيە بولماي تۇرۇپ، قاتتىق دېتال لايىھىلەشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. سىز كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇشنى نىشان قىلغان ئىكەنسىز، ئۇنداقتا سىز ئالىي مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىنى تۈگەتكىچە قوللىنىشچان دېتاللارنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىپ بولۇشىڭىز كېرەك، 2- يىللىقىنى پۈتتۈرگىچە ئېنگلىز تىلىدا راۋان ماتېرىيال كۆرەلەيدىغان، 3- يىللىقىدا مەكتەپتىكى تەجرىبە-تەتقىقات ئىشلىرىغا ئارلىشالايدىغان بولۇشىڭىز كېرەك، مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە چوقۇم ئاسپرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشىڭىز، چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى ۋەياكى دۆلەت سىرتىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆرلەپ ئوقۇشىڭىز كېرەك، سىز ئەنە شۇ مەكتەپلەرگە ئۆتەلىگەن ۋاقتىڭىزدا، مېنىڭ يەنە سىزگە مەسلىھەت بېرىشىمنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى، يەنە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپ، «كومپيۇتېر كەسپى» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنىڭ قانچىلىك چوڭ دائىرىدە ئىكەنلىكىنى بىزگە «بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن» دەپ جاۋاب بېرىدىغان ھالەتكە بارىسىز، ئەنە شۇ چاغدا سىز بىلىك كۇلۇبىغا كىرىپ، بىزگە تەلىم بېرىشكە تولۇق مۇناسىپ كېلىدىغان شەخسكە ئايلىنىسىز.

10. بۇ كەسىپتە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئۇقۇم-تېخنىكىلارنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى بىلىۋېلىڭ.

سىز كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇماقچى بولغان ئىكەنسىز، ئالدى بىلەن شۇ كەسىپتە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈڭ، مەن ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، ساۋاقداشلىرىمنىڭ «بۇنداق نەرسىلەرنى ئۆگىنىپلا ئۆتىدىغانلىقىمنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام بۇ كەسىپنى تاللىمايتىم» دەپ ۋايساشلىرىنى كۆپ ئاڭلىغان، بۇنىڭ سەۋەبى ئىرادىسىزلىك دەپلا كېسىۋېتىشكە بولمايدۇ، بەزىدە ئادەم ئۆزى قىزىقمىغان دەرسلەردە ھەرقانچە تىرىشسىمۇ نەتىجە كۆرۈلمەيدۇ، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەلۇم بىر كەسىپكە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ كەسپى ئاسان، ئۆزىنىڭ كەسپى قىيىندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ توغرا ئەمەس، ھەممە كەسىپ شۇنداق ئاسان ئەمەس، كىم تىرىشسا شۇ مۇۋەپىقىيەت قازىنىدۇ. سىز بۇ كەسىپنى تاللىغان ئىكەنسىز، چوقۇم بەرداشلىق بېرىشىڭىز كېرەك، ئەگەر سىزدە بۇنداق ئىرادە بولمىسا، ھازىرلا بۇ كەسىپتە ئوقۇش نىيىتىڭىزدىن ۋاز كېچىڭ.

11. بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىڭىزغا نىسبەتەن چوڭ كۆلەملىك پىلان تۈزۈۋېلىڭ.

پىلاننى بەش باسقۇچقا بۆلۈپ، ھەربىر باسقۇچنى يەنە ماۋسۇم ۋە ئايلارغا بۆلۈپ، ئايلارنى يەنە ھەپتە-كۈنلەرگە بۆلۈپ ئىش ئورۇنلاشتۇرۇڭ، ئوقۇش ھاياتىنىڭ ياخشى يېرى شۇكى، سىزنىڭ تۇرمۇشتا دەرس ئوقۇشتىن باشقا غېمىڭىز يوق، ھەركۈنلۈك دەرسلىرىڭىز ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ، بۇ سىزنىڭ پىلان بويىچە ئىش كۆرۈشىڭىزگە ئىنتايىن باب كېلىدۇ، ھازىر ئالىي مەكتەپلەردە ئويۇن-تاماشىغا بېرىلىش خاھىشى ئېغىر، لېكىن، سىز بۇلارغا كۆز قىرىڭىزنى سالماڭ، چۈنكى، سىز كەسىپتە مۇۋەپىقىيەت قازانغان كۈنىدىن باشلاپ، ئۇلار ئوينىغان تاماشانى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينىيالايسىز، ئادەم تۇرمۇشتا ئويناش، كۆڭۈل ئېچىشنىمۇ بىلىشى كېرەك، بىراق، بۇ ھەرگىز ھەركۈنى ئويناش ئەمەس، سىز بەش يىللىق ئۆگىنىش پىلانىڭىزنى خاتىرجەم ئورۇنلاشتۇرۇۋېرىڭ، سىزنىڭ كەم دېگەندىمۇ بەش قېتىملىق يېڭى يىللىق ئولتۇرۇشىڭىز، بەش قېتىملىق تۇغۇلغان كۈن، بەش قېتىملىق قۇربان ھېيت، روزا ھېيت، دۆلەت بايرىمى.... قاتارلىق ھەرخىل پائالىيەتلەر تۈپەيلىدىن، سىز بەش يىللىق پىلانىڭىزنىڭ سىرتىدىكى كۆڭۈل ئېچىش-سورۇن قېتىم سانىڭىزمۇ كەم دېگەندە 30- 40 قېتىمدىن ئېشىپ كېتىدۇ، دېمەك، سىز ئالىي مەكتەپتە «كەسىپ ئۆگىنىمەن دەپ ئوينىيالماي قالارمەنمۇ» دەپ غەم يىمەڭ، ئويۇن دېگەن ۋاقتى كەلسە ھەممە جايدا ئۇچراپ تۇرىدۇ، شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئۆگىنىش پىلانىڭىزنى ھەر ۋاقىت بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن ئۆگىنىشنى تەڭ ئېلىپ كېتىۋېرىڭ، بەدەن چېنىقتۇرۇش سىزنىڭ ھاياتقا ۋە ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىڭىزنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، بىلىم بىلەن سالامەتلىكنى تېگىشكەن ئادەم بەرىبىر ئەسقاتمايدۇ. بولۇپمۇ، كومپيۇتېرنى كەسىپ قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتى كومپيۇتېر ئالدىدا ئۆتكەچكە، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا كۆزەينەك تاقاشقا چۈشىدىغان، بەل ئاغرىيدىغان، ئۇنۇتقاقلىق... قاتارلىق بىرقىسىم كەسپىي كېسەللەر كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا مەيلى سىز كومپيۇتېر كەسىپنى تۇتۇڭ ۋەياكى باشقا كەسىپنى تۇتۇڭ، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە مۇۋاپىق ئارام ئېلىش سىزنىڭ كەسىپتە غەلبە قازىنىشىڭىزنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى.

ھەممە گەپنى يىغىپ ئېيتقاندا، كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، كەسىپ تاللاشتا ھەرگىز يىنىكلىك قىلىش ۋەياكى بىردەملىك ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى قىزغىنلىق ھېسياتىغا تايىنىپلا كەسىپ تاللاپ قالماسلىق كېرەك، ھەمدە، بۇ كەسىپتە ئوقۇش ئارزۇسى بار بولۇپ، قوبۇل قىلىنالماي قالسىمۇ ئۇنچە ئۈمىدسىزلىنىشنىڭ ئورنى يوق، ھەممە بىلىم كىتاب بىلەن كاللىدا، كىتابتىن ئۆگىنىسىز، كاللىڭىزنى قازىسىز، سىزگە تېخى پۇرسەت كۆپ।

2-سۇئال: ئالى مەكتەپنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار نۇقۇل دەرسلىك مەزمۇنى بىلەنلا بۇ كەسپنى پۇختا ئۆگىنىپ كېتەلىشى ناتايىن، ئۇلارنىڭ بۇ كەسپنى ياخشى ئۆگىنىپ چىقالىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا قانداق تەۋسىيەرىڭىز بار؟

جاۋاب: بۇ سوئال بەك ئوبدان سورىلىپتۇ، گەرچە مەنمۇ ئاشۇنداق پۇختا ئۆگىنەلمىگەنلەرنىڭ قاتارىدا بولساممۇ، لېكىن نېمىلەرنى ئۆگىنىشىم كېرەكلىكىنىمۇ كۆپ قېتىم ئويلانغان ئىدىم، بۇ جايدا ئاشكارلايدىغان ئوخشايمىز.

بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن بىز بىر قىيىن تاللاشقا دۇچ كېلىمىز، يەنى، بىز بۇنى ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتىگە قاراپ «نېمە ئۆگىنىش كېرەك» لىكىگە جاۋاب بېرەمدۇق ۋەياكى ئۆزىمىزنى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيىدە تۇرۇۋاتقان مىللەت قاتارىدا تۇرۇپ جاۋاب بېرىمىزمۇ؟ .... جاۋابلار ھەرخىل، شۇنداقتىمۇ ئاز تولا بىلجىرلايلى:

ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىغا قارىتا جاۋاب بەرسەك، بىز ئۆگىنىدىغان نەرسىلەر ئانچە تەس ئەمەس، لېكىن، ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شۇلارنىمۇ ئۆگىنەلمەيۋاتىدۇ.

1. ئەڭ كۆپ ئەسقاتىدىغان بىلىملەر.

ھازىر ساۋاقداشلار مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن بەلكىم ھەرخىل جايلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشى مۇمكىن، ۋەياكى باشقا ئورگانلاردا خىزمەت قىلىشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ تۇنجى دۇچ كېلىدىغىنى ئەڭ كۆپ قوللىنىشچان دېتاللارنى ئىشلىتىش، مەسىلەن: Word, Excel, PowerPoint, Photoshop ... قاتارلىقلار بولۇپ، ھەرقانداق ئورۇندا خىزمەتكە ئورۇنلاشساقمۇ يۇقارقى دېتاللارنىڭ بىرەرسىنى ئىشلەتمەي قويمايمىز، مەيلى خىزمەتكە ئورۇنلاشمىغان ئادەم بولايلى، بىز ھامان كومپيۇتېرنىڭ نورمال مەشغۇلاتلىرىنى بىلىشىمىز كېرەك، ھازىر خېلى داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىمۇ، بازاردىن ئالغان بىر يېڭى كومپيۇتېرنى «گەپكە كىرگۈزۈپ»، سىستېمىلارنى قاچىلاپ، قوزغىتىش دېتاللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كومپيۇتېرنى نورمال ئىشلەتكۈدەك ھالەتكە ئەكىلەلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلىرىمىز يېرىمدىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدىكەن، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسىنى ئوڭلاپ بېسىپ چىقىرالمايدىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ ساماندەك تولا، ئۇلار شۇ كىچىككىنە ئىشلارنى دەپ نەچچە ھەپتە ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. يەنە باشقا ئىشلارنى سۆزلەپ يۈرمىسەكمۇ بولار.

شۇڭلاشقا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نوقۇل دەرس مەزمۇنىغىلا قارىۋالماي، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا چوقۇم بەت تىزىش، جەدۋەل لايىھىلەش، Excel دا ئاددىي بولغان كىرىم-چىقىم ۋەياكى نەتىجە باشقۇرۇش جەدۋەللىرىنى تۈزەلەيدىغان سەۋىيىگە يېتىۋېلىشى كېرەك، مېنىڭچە بۇ سەۋىيىگە ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا تامامان ئۆگىنىپ يېتىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ كېيىنكى خىزمەت ھاياتىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.

2. ئالىي مەكتەپتە ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنىڭ قانداق ۋاقىتتا ئەسقاتىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋېلىشى ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر چۈشىنەلمەي قالسا، «بۇ تېخنىكا قەيەردە ئەسقاتىدۇ؟» دەپ جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋالماي، ۋاقتىنچە «ھامان بىر كۈنى ئەسقاتىدۇ» دەپ ياخشى ئۆگىنىش كېرەك.

ھەرقانداق كەسىپلەرگە ئۆتۈلىدىغان ئىجتىمائىي پەنلەرگە بىر ئېغىز سۆزلىسەك، بىز مەيلى ھەرقانداق دۆلەتتە بولايلى، مۇشۇ يەر شارىدا بولساقلا، ھەرخىل سىياسىي ئىدىيىۋى دەرسلىكلەردىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، بۇ بىر مەڭگۈلۈك پەن، شۇڭا، ئالىي مەكتەپنى تولۇق، لاياقەتلىك ئوقۇش ئۈچۈن بۇ پەنلەرنىمۇ ياخشى ئۆگىنىش كېرەك، ئىمتىھان ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ قانداق دۆلەت ئىكەنلىكىنى، سىياسەتنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ پەنلەرنى تولۇق ئۆگىنىش كېرەك. بىز بۇ پەنلەرنى ئۆگىنىشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز.

بىز بەش يىللىق كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپنى ئوقۇش جەريانىدا، تۈرلۈك ماتېماتىكا ۋە ئۇچۇر ئېلىكتر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ پرىنسىپى قاتارلىق كەسپىي دەرسلەرنى ئۆگىنىمىز، مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا، ئۆگىنىۋاتقان نەرسىلىرىمنىڭ زادى قايسى ۋاقىتلاردا ئەسقاتىدىغانلىقىنى پەقەت چۈشەنمەپتىكەنمەن، شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، تازا ئەستايىدىل بولماي ياخشى ئۆگىنەلمىگەن، بىراق، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن يەنە كومپيۇتېر ئۇچۇر ساھەسىدە خىزمەت قىلىش جەريانىدا، ئەينى ۋاقىتتىكى ماتېماتىكا بىلىملىرىنىڭ تازا ئوبدان «مېغىزلىق» بىلىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ئەپسۇس، كېچىككەن بولساممۇ ھەر ھالدا چۈشىنىۋالغىنىمغا شۈكرى دەيمەن.
بىر قېتىم بىز ياتاقتىكى بالىلار بىلەن ئاددىي بولغان بىر ئويۇن پروگراممىسى تۈزمەكچى بولۇشتۇق، ئويۇن دېسەكمۇ قاملاشماس، ئىشقىلىپ، بىر ئاپتوموبىل (بىر چاسا گىرافىك دېسەكمۇ بولىدۇ) ئوبىيكتىنىڭ نۇرغۇن چىگىش تور گرافىكلىرى ئارىسىدىن ئۆزىگە مۇناسىپ يول تېپىپ، بىز مائۇس بىلەن بەلگىلەپ بەرگەن ئورۇنغا بارىدىغان بىر پروگرامما لايىھىلىمەكچى بولدۇق، بىز ئالدى بىلەن پروگرامما ئارقىلىق بىر مۇرەككەپ يولنى سىزىپ چىقتۇق، بۇ يول 10x10 (ئون قۇر، ئون سىتون) لۇق تور گىرافىكى بولۇپ، ھەربىر كاتەك ئىچىدە يەنە بۇلۇڭلارنى تۇتاشتۇرغان دىئاگونال سىزىقلىرى بار، بىز مۇشۇ سىزىقلارنى «مېڭىشقا بولىدىغان يول» دەپ قارىدۇق، ئاندىن مەلۇم بىر ماشىنا (بىر يۆتكىلىشچان نۇقتا) نى ئەسلى تۇرغان ئورنىدىن بىز كۆرسەتكەن نۇقتىغا ئەڭ قىسقا يول بىلەن بېرىشىنى ئۈمىد قىلدۇق، بۇنى ماشىنىنىڭ نۆۋەتتە تۇرغان كوردىناتى بىلەن، بارماقچى بولغان نىشان كوردىناتنىڭ «ئوڭ-سول، ئاستى-ئۈستى» قايسى تەرەپكە تەۋە ئىكەنلىكىنى شەرت بىلەن تېپىپلا ھەل قىلدۇق، بىراق، بىز «بۇ يولدا قىزىل چىراق بار، ئۆتكىلى بولمايدۇ، باشقا يول بىلەن مېڭىش كېرەك» دېگەن مەسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىلا باش قېىنچىلىق يۈز بەردى، يەنى، بىز ئالدى بىلەن شۇ ماشىنا ئوبىيكتىنىڭ بارلىق مېڭىشقا بولىدىغان ئورۇن بېكەتلىرىنى ساناپ چىقىپ، ئەڭ كىچىك بولغىنىنى تاپماقچى بولدۇق، ئەييۇھانناس!... مۇشۇنداقمۇ كۆپ بولامدۇ؟ !!!

«قەشقەردىن خوتەنگە»، «خوتەندىن قەشقەرگە»، «قەشقەردىن ئاتۇشقا»، «ئاتۇشتىن قەشقەرگە»، «ئاتۇشتىن خوتەنگە»، «خوتەندىن قارىقاشقا»....... 100 بېكەت ئارىسىدا مۇشۇنداق تىزىپ كەلسەك، مېڭىش مۇمكىن بولغان بارلىق «بېكەت ئارلىقى» نىڭ سانىلا 100 كۆپەيگەن 100 جەمئىي 10 مىڭ بولىدىكەن، ساناپ ھېرىپ كەتتۇق، بىرقىسىم ئارلىقتىكى بېكەتلەرنىڭ چەكلىنىشى بىلەنلا ئىشلار مۇرەككەپلىشىپ كەتتى، ئىككى ماشىنا ئۆزئارا دۇچ كەلسە، قايسىسى يول بوشىتىش كېرەك؟... بىز بۇنداق ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ھېسابلاپ كېلىمىز دېسەك، بۇ خۇددى شاھمات تاختىسىدىكى يۈرۈشكە بولىدىغان بارلىق يوللارنى ساناپ بولغىلى بولمىغاندەك، قىيىن بىر مەسىلە كېلىپ چىقىدىكەن، مەن ئەنە شۇ ۋاقىتتىلا ئىككى يىل بۇرۇن ئوقۇغان «دېسكرېت ئالگىبرا» دەرسلىكىمىزدىكى «ئەڭ يېقىن يولنى تېپىپ چىقىش» دېگەن ئالگورزمنى ئەسكە ئالدىم، ئەينى ۋاقىتتا بۇنىڭغا پەقەت كۆڭۈل بۆلمەپتىكەنمىز، كېيىن بۇ ئالگورزمنىڭ دەل بىز تاپماقچى بولغان ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۈم، مۇرەككەپ ھېسابلاش قائىدىلىرىنى كۆرۈپلا بېشىمغا ئاغرىق كىردى، ھەي...«ئەينى ۋاقىتتا مۇئەللىم سۆزلىگەندىلا مۇشۇنداق پروگرامما لايىھىلەپ سىناپ باقساق بوپتىكەن» دىيىشتۇق. ئەپسۇسكى، ئاشۇ دەرسلىكلەرنى ئۆتكەن ۋاقىتتا ساۋاقداشلار تېخى بىر فاكتورىيال تاپىدىغان پروگراممىنىمۇ ئوڭلاپ تۈزەلمەيتى، پروگرامما لايىھىلەشكە دەسلەپتە پىشىۋالمىغانلىقىمىز بىزگە قىيىنچىلىق تۇغدۇردى دېسەكمۇ بولىدۇ (مەنغۇ خېلى پىشىپ بولغان، لېكىن ساۋاقداشلارنى مىسالغا ئالدىم، مەن پروگرامما لايىھىلەشنى بىلگەن بىلەن، قانداق ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشمىسام بولمايتى).

دېمەك ئىش مۇشۇنداق، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەركۈنى ئۆزلىرى ئوقۇۋاتقان دەرسلىكنىڭ كەلگۈسىدە قايسى ئىشلارنى قىلغاندا ئەسقاتىدىغانلىقىنى بىلمەي قالىدۇ، ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟

مېنىڭچە، كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كەسىپكە چىققان يىلىدىن باشلاپلا، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ پروگرامما لايىھىلەش تىللىرىنى ئۆگىنىۋېلىپ، دەرستە ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى دەرھال ۋاقىت چىقىرىپ قول سېلىپ ئىشلەپ بېقىشقا تىرىشىشى كېرەك.

ھە دېسىلا «پروگرامما لايىھىلەش» نىلا تىلغا ئالامدۇق؟ ... ياقەي، كومپيۇتېر كەسپىدە قىلىدىغان ئىشلار كۆپ، بىراق، ھەرقانداق دېتالنىڭ يۇقۇرى پەللىگە بارسىڭىزلا، پروگرامما كودلىرىنى يېزىشقا مەجبۇر بولىسىز.

ئەلۋەتتە، نۇرغۇنلىغان دەرسلەردە قول سېلىپ ئىشلەش شارائىتى بولىۋەرمەيدۇ، دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلىۋاتقان بىلىملەرگە قارىتا بىز «نېمىشقا ئۆگىنىمىز» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار قويۇلىۋەرسە ئىشلار تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدىكەن، بۇ دەرسلەرنى تەسىس قىلغۇچىلار بولسا، بۇنداق قىيىنچىلىق ئۆتكەللەرگە تالاي قېتىم دۇچ كېلىپ، ئاخىرىدا «بۇنى پەن قىلىپ مەخسۇس ئۆگىنىش كېرەك» دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ، ئاندىن ئالىي مەكتەپلەردىكى پەنلەر شەكىللەنگەن، شۇڭلاشقا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىلىملەرگە قارىتا «بۇ نەدىمۇ كومپيۇتېر كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك دەرس بولسۇن» دەپ ۋايسىماستىن، تىنىم تاپماي ئۆگىنىش، كۆپلەپ ئىزدىنىپ مەشىق قىلىش كېرەك ئىكەن.

تەبىئىي پەن بىلىملىرىنىڭ دەرسلىكىنى تەسىس قىلىشتا، بولۇپمۇ كومپيۇتېر كەسپىي پەنلىرىنى تەسىس قىلىشتا، كۆز ئالدىدىكى قىيىنچىلىقنى ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلسا بولمايدۇ، يەنى، نۆۋەتتە پروگرامما لايىھىلەش تىللىرىدىن .NET FrameWork سۇپىسىدىكى تىللار، تور بەت تېخنىكىلىرىدىن Html, asp, jps, php, cgi..... بۇلارنى پەن قىلىپ تۇرغۇزۇش كېرەك بولسا، ھېچكىممۇ كەلگۈسىدە بۇلارنىڭ يەنىلا مەۋجۇد بولۇپ تۇرالايدىغانلىقىغا كاپالەت بېرەلمەيدۇ.

ئەينى ۋاقىتتا بىز فاكۇلتېتتىن ئاغرىنىپ، «بىزگە نېمىشقا VC ئۆتمەيدۇ؟ نېمىشقا DirectX بىلىملىرى سۆزلەنمەيدۇ؟ نېمىشقا بىزگە Photoshop, 3DMAX تەك ئەسقاتىدىغان دەرسلەرنى ئۆتمەيدۇ؟» ... دەپ ئاغرىنغان ئىدۇق، كېيىن ئويلاپ باقساق، بۇنداق بىلىملەر دەرسلىك قىلىپ تۇرغۇزۇلسا، پەقەت بىرنەچچە يىللا مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىكەن، ۋەياكى، ھەر يىلى دەرس ماتېرىياللارنى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىكەن، «ماتېماتىكا» پېنى بولسا، مەڭگۈ ئۆزگەرمىسىمۇ، كەلگۈسىدە يەنىلا ھاياتىي كۈچكە ئىگە دەرسلىك بولۇپ مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىكەن، بۇنى كېيىن چۈشەندۇق.

ئالىي مەكتەپلەردە ئۆتۈلىۋاتقان پەنلەر چوقۇم ئۇزاق مەزگىللىك بىلىملەرنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، دەۋرگە ئەگىشىپ چۈشۈپ قالمايدىغان، تېخنىكا ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئەمەلدىن قالمايدىغان دەرسلىكلەر بولۇپ، ئۇلار يەنە نەچچە ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئۆگىنىش قىممىتىگە ئىگە، «پېتىدىن چۈشمەيدىغان» بىلىملەر ھېسابلىنىدىكەن.

ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بۇ نۇقتىنى چۈشىنىشى كېرەك، ھەركۈنى ئۆتۈلىۋاتقان ھەرخىل ماتېماتىكا، توك يولى پرىنسىپ دەرسلىكلىرى مەڭگۈ ۋەياكى ئۇزۇن مەزگىل ئۆزگەرمەس بىلىملەر بولۇپ، VB غا ئوخشاش نەچچە يىلدا شاللىنىپ كېتىدىغان، Turbo C غا ئوخشاش كەڭ دائىرىلىك ئىشلىتىلىشتىن قېپ قالىدىغان دەرسلىكلەر ئەمەس، ئۇلار ئەڭ مۇھىم دەرسلەر، چوقۇم ياخشى ئۆگىنىش كېرەك.

3. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا، دەۋر ئېھتىياجى بولىۋاتقان كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش كېرەك.

رەسمىي «پەن» بولۇپ شەكىللەنگەن دەرسلەر چوقۇم ئۆتۈلىدۇ، بىراق، نۆۋەتتىكى كەسپىي ساھەدە مودا بولىۋاتقان تېخنىكىلار، ھەرخىل قوللىنىشچان دېتاللار بولسا مەلۇم مەزگىللىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ، مەسىلەن: 3DMAX يۇمشاق دېتالىنى ياخشى ئۆگەنگەن تەغدىردىمۇ، نەچچە يىلدىن كېيىن (ۋەياكى نەچچە ئايدىن كېيىنلا) ئۇنىڭ يېڭى نەشر دېتاللىرى مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن، ۋەياكى ئۇنىڭدىنمۇ قولايلىق يۇمشاق دېتاللار مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن، بىراق، گىئومېتىرىيە، گىرافىك بىلىملىرى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، ئىككى كېسىك كېسىشكەندە شەكىللەنگەن ئۆزئارا قوشنا ئىككى بۇلۇڭنىڭ يىغىندىسى «مەڭگۈ 180گىرادۇس» بولىدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ يۇمشاق دېتاللارنىڭ نۇسخىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش سەۋەبىدىن 270 گىرادۇسقا كۆتۈرۈلۈپ قالمايدۇ، دېمەك، سىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، سىزگە نۆۋەتتىكى مودا بولىۋاتقان يۇمشاق دېتاللار ئانچە كۆپ دەرسلىك قىلىنمايدۇ، ئانچە-مۇنچە دەرسلىك قىلىپ بېكىتىلگەنلىرى بولسا، زىغىرلاپ كەلسەك يەنىلا «مودىدىن قالغان» پروگرامما لايىھىلەش تىللىرى بولۇپ چىقىدۇ، ۋەياكى قوللىنىش دائىرىسى ئازلاپ كەتكەن بولىدۇ.

ئالىي مەكتەپ كومپيۇتېر كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلار بۇ نۇقتىنى ياخشى چۈشىنىپ، ئۆزىگە دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلىۋاتقان دەرسلەرنى مۇھىم تۇتقۇ قىلىپ ئۆگەنگەندىن سىرت، چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ شۇ دەۋردىكى نادىر يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىش كېرەك. بۇلار ئەلۋەتتە دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلارنى تېجەش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئەگەر زىغىرلاپ كەلسەك، ھەتتا سىز تاماق ۋاقتىدىمۇ كىتابنى قولىڭىزدىن چۈشۈرمەي ئۆگىنىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.

گەرچە ئۇنچە يۇقۇرى تەلەپنى ئورۇندىيالايدىغانلار كۆپ بولمىسىمۇ، ھەرھالدا مۇھىم، ئۆگىنىشكە تېگىشلىك دېتاللاردىن تۆۋەندىكىلەرنى مىسال كەلتۈرەي:

(1) Office ئائىلىسى. بۇ ئائىلىدە Word, Excel, PowerPoint... قاتارلىق بىرقاتار يۇمشاق دېتاللار بار، ئالىي مەكتەپتە بۇلار دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلسۇن ۋەياكى ئۆتۈلمىسۇن، بۇلارنىڭ چوقۇم پىششىق ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.

(2) Photoshop, 3DMAX ... بۇ تۈردىكى دېتاللارمۇ مۇھىم بولۇپ، «كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇدۇم» دېگەنلەر بىر ژۇرنال مۇقاۋىسىنى لايىھىلىيەلمىسە نومۇس قىلىشى كېرەك. ھەممە ئىشلارنى «تەبىئىي سەنئەت تالانتىمىز يوق» دەپلا تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئۈلگە ئالىدىغان مىساللار تاغارلاپ تۇرۇپتۇ، ئەينەن دوراپ لايىھىلەشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ھۈنەر.

(3) پروگرامما لايىھىلەش تىللىرى ۋە تور بەت لايىھىلەش تىللىرى (قوراللىرى) دىن بىرقانچىنى تەڭ ئۆگىنىش كېرەك. بۇلارنى ئۆگىنىش ئۇنچە جاپالىق ئىش ئەمەس، بۇ جايدىكى «جاپا» نىڭ تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرسەك، ئۇ «تىرىشچانلىق» بىلەن «تىل ئۆتكىلى» گە بېرىپ تاقىشىدۇ، كىتابخانىلاردا ھەممە تىللارنىڭ پايدىلىنىش كىتابلىرى تېپىلىدۇ، باھانە-سەۋەب قويماستىن ئۆگىنىش كېرەك. مەندىن دائىم QQ دا پاراڭلاشقاندا «ماڭا پروگرامما لايىھىلەشنى ئۆگىتىپ قويسىڭىز» دەيدىغان ھاجەتمەنلەرنى كۆپ ئۇچرىتىمەن، ئەپسۇسكى، پروگرامما لايىھىلەش سۇنۋۇكۇڭنىڭ ئۇستازى كالتىكىنى بىرلا شىلتىپ كاللىسىغا سېلىپ قويالايدىغان ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، ھەم مەزمۇنمۇ ئاز ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن كىتاب كۆرۈشىڭىز، ئۇچۇر ساھەسىگە چوڭقۇر چۆكۈشىڭىز كېرەك.

(4) ماشىنا ئادەم، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىلىرىنىڭ نېمىلىكى توغرىسىدا ئاز-تولا ئىزدىنىڭ.

نۆۋەتتە كومپيۇتېر ساھەسىدە ئەڭ يۇقۇرى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە بولىۋاتقان تۈرلەر «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار» تېخنىكىسى بولۇپ، چەتئەللەردىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەردە بۇ ساھەگە چېتىلىدىغان مەخسۇس ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلار بار، ناۋادا سىز كومپيۇتېر كەسپىدە ئۆزىڭىزنى خېلىلا بىلىملىك ھېسابلىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز مۇشۇنداق خەلقئارا ئىلغار تېخنىكىلارنى ئۆگىنىش دەرۋازىنى چەكسىڭىز بولىدۇ. بۇ تېخىمۇ ئۇزۇن ۋە جاپالىق بىر مۇساپە، بۇ جەرياندا سىز باشقىلار ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان «پروگرامما لايىھىلەش كەسپىدە ماتېماتىكا بەك مۇھىم» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋالىسىز. ئۆزىڭىز بۇندىن بۇرۇن تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى دەرسلىكلەردە ئۆگىنىۋاتقان نۇرغۇن ماتېماتىكىلىق بىلىملەر مانا مۇشۇ ساھەدە ئۆز رولىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئىنتايىن چوڭ ساھە بولۇپ، سىز بۇ تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ئىنچىكە باسقۇچلىرىدىكى مەلۇم بىر تېخنىكىلىق مەسىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىسىڭىزلا، قالغىنى ھەمكارلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئەگەر بۇ توغرىسىدا چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولسىڭىز، سىز خىزمەت تېپىشتىن، ئىشسىز قېلىشتىن ئەنسىرىمەڭ، نۇرغۇن تەتقىقات ئورۇنلىرى بۇ تۈردىكى كىشىلەرگە جىددىي ئېھتىياجلىق.

4. «مەن مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇمشاق دېتال تۈزۈش بىلەن شۇغۇللانمايمەن، باشقا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىمەن، پروگرامما تىللىرىنى ئۆگىنىشىم ھاجەتسىز»؟!!؟

ئۇنداق ئىش يوق، سىز بىر تەتقىقاتچى بولىمەن دەيدىكەنسىز، سىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىڭىزنى خاتېرىلەشكە، سىتاتىستىكىلاشقا، تەھلىل قىلىشقا، ئىپادىلەپ بېرىشكە يەنىلا شۇ پروگرامما لايىھىلىمەي ئامالىڭىز يوق، دەرۋەقە، ھازىر نۇرغۇن كەسپىي ساھەلەرگە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتلىرى بار، بىراق، بۇ جايدا سىز «مەھسۇلات» ئۇقۇمىنى بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك، مەلۇم بىرنەچچە ئادەمگىلا لازىم بولىدىغان نەرسە «مەھسۇلات» بولالمايدۇ، نۇرغۇن ئادەم ئورتاق ئىشلىتىدىغان نەرسىلەر «مەھسۇلات» بولىدۇ، ناۋادا سىز تىل تەتقىقاتچىسى بولسىڭىز، بازاردا شۇ تىلغا ئائىت يۇمشاق دېتاللار تېپىلمىسا قانداق قىلىسىز؟ ... ئەڭ ئاددىيسى، مېنىڭ بىر دوستۇم ھەركۈنى 3D لاتارىيىسى ئوينايتى، بىر كۈنى ئۇمۇ مەندىن «پروگرامما لايىھىلەشنى قايسى كىتابتىن ئۆگىنىمەن؟» دەيدۇ، نېمە قىلىسەن دېسەم، لاتارىيە ئۇچۇرىنى تەھلىل قىلىمەن دېدى. بارىكاللا دەپ بىرقانچە كىتابنىڭ ئۇچۇرىنى دەپ بەردىم، ۋە بۇلارنى تەھلىل قىلىش ئۈچۈن قايسى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى دەپ بەردىم، ئادەم تۇرمۇشتا پۇل تېپىش قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەندە، ھەرقانداق جاپاغىمۇ چىدايدىغان بولۇپ كېتىدىكەن، بۇرۇن ئۆگىنىشكە ھورۇنلۇق قىلغان نۇرغۇن نەرسىلىرىنى ئەمدى ئۆگىنىدىكەن. يەنە بىر يازغۇچى، شائىر تونۇشۇم مەندىن سورىدى: «ماقالە-ئەسەر، شېئىرلىرىمنى توپلايدىغان يۇمشاق دېتال بارمىدۇ؟ ئۇنى تۈزۈشنى ئۆگىنىشكە قانچىلىك ۋاقتىم كېتەر؟» دەيدۇ.

ئىشلار مانا مۇشۇنداق، سىز ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەيلى تىجارەتچى بولۇڭ، مەيلى تەتقىقاتچى ياكى ئوقۇتقۇچى بولۇڭ، سىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنىلا كومپيۇتېرنىڭ ئەمەلىي ئەسقاتىدىغان بىلىملىرىگە مۇھتاج بولىسىز، شۇڭا، مەيلى كومپيۇتېرنى كەسىپ قىلغان ئوقۇغۇچىلار بولسۇن، ۋەياكى باشقا كەسىپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بولسۇن، قوللىنىشچان دېتاللارنى ئىشلىتىش ۋە پروگرامما لايىھىلەش ئىشلىرى سىزنىڭ ئۆگىنىش، تەتقىقات خىزمىتىڭىزدە ھامان ئەسقاتىدۇ، ھېچبولمىغاندا، سىز شۇنداق پروگراممېرلارغا ئېھتىياجلىق بولىسىز، بۇنداق پروگراممېرلار دەل سىزدەك «كومپيۇتېر كەسپى» دە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بولسا كېرەك.

5. كەسىپ ئىگەللەشتە، جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشقا بولمايدۇ.

ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئادەمنىڭ ھاياتقا بولغان ئەڭ قىزغىن ۋاقىتلىرى بولۇپ، بۇنى ئاشۇ ۋاقىتتا بايقىماق تەس، ئوقۇغۇچىلار بۇ مەزگىلدە يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولىدۇ، ئەركىن تەپەككۇر قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، تۇرمۇش بېسىمىغا ئۇچرىمايدۇ، مۇشۇنداق ۋاقىت ئەڭ ئەركىن تەپەككۇر قىلالايدىغان ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىقى كېرەك، كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن، بەش يىل ئوقۇش ھاياتىدا ئاز دېگەندىمۇ بىرەر شىركەتلەردە ئوقۇشتىن سىرت خىزمەت قىلىپ بېقىشى كېرەك، مۇشۇ جەرياندا كومپيۇتېر كەسپىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشتا قانداق ئەسقېتىۋاتقانلىقى، خىزمەت، تەتقىقاتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ، مەسىلەن سىز ئوقۇۋاتقان مەزگىلىڭىزدە، ئېلان شىركەتلىرى بىلەن ئۇقۇشۇپ، مەيلى ئاز ياكى كۆپ ئىش ھەققى بەرسۇن بۇنىڭ بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماڭ، ئوقۇش ھاياتى سىزنىڭ پۇل تاپىدىغان ۋاقتىڭىز ئەمەس، بەلكى، پۇلنى قانداق تېپىشنى ئۆگىنىدىغان ۋاقتىڭىز بولۇپ، سىزنىڭ مەلۇم جايدا خىزمەت قىلىشىڭىز، خىزمەتنى قانداق قىلىشنى ئۆگىنىۋالغانلىقىڭىز ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ئىش ھەققىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەيلى ئۇنۋېرسىتېت ئىچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەتقىقات خىزمەتلىرى بولسۇن، ۋەياكى ئەتراپتىكى سودا شىركەتلىرى بولسۇن، ئىشلەپ كۆرۈپ بېقىڭ، سىز شۇ جەرياندا ياكى ئۇلارغا كومپيۇتېردىن قانداق پايدىلىنىشنى ئۆگىتىسىز، ۋەياكى ئۆزىڭىز قانداق پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋالىسىز. سىزنىڭ مەقسىتىڭىز ئۆگىنىش بولغاندىكىن، قانچە كۆپ ئوخشىمىغان شىركەتلەردە ئىشلەپ باقسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىش پۇرسىتىڭىز شۇنچە كۆپىيىدۇ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى خىزمەت ھامان ئاز ساندىكى ئادەملەرگىلا نىسىپ بولىدۇ، سىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن، ئۆز كەسپىڭىزدە ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ قانداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ، بىر شىركەتنى مۇۋاپىق كۆرمىسىڭىز يەنە باشقا جايدا ئىشلەڭ، خىزمەتلەرمۇ داۋاملىق ئىش ئورنىغا بېرىپ قىلىنمايدۇ، سىز نۇرغۇن ئىشلارنى، مەسىلەن تور بەت لايىھىلەش، ماتېرىيال بېسىش، ئېلان ئىشلەش... قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ياتىقىڭىزدا تۇرۇپمۇ قىلالايسىز.

6. چەتئەلدىكى داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ سىزگە ئوخشاش كەسىپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قانداق تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ.

تىل ئۆگىنىش لازىملىقىنى دەپ ئۆتتۇق، سىز تىلنى تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەمەس، پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۆگىنىسىز، ئۆگەنگەن بىلىمىڭىز بىلەن چەتئەلدىكى داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ كومپيۇتېر فاكۇلتېتلىرىدا قانداق ئىشلار بولىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ، ئادەتتە چەتئەل ئۇنۋېرسىتېتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تور بەتلىرىدە، شۇ فاكۇلتېتتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلار، تەتقىقات نەتىجىلىرى، تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر، قىيىن نۇقتىلار، مەبلەغ سېلىش..... قاتارلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلار بولىدۇ، سىز بۇلارنى كۆرۈش ئارقىلىق، باشقىلارنىڭ بۇ كەسىپتە قانداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيسىز. بۇنىڭ ئۆزىمۇ سىزنىڭ كەسىپتە پىشىش جەريانىڭىزنىڭ بىر قىسمى.

7. ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىۋېلىش بەك مۇھىم.

سىز Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى كىمنىڭ تۈزگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ Photoshop يۇمشاق دېتالىنى كىمنىڭ تۈزگەنلىكىنى بىلەمسىز؟ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنى كىمنىڭ ياساۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟ ...

... ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا ھېچكىم بىر شەخسنى قارىتىپ دىيەلمەيدۇ، بۇنداق چوڭ تىپتىكى دېتاللار خۇددى بىر ئىمارەتكە ئوخشاش بولۇپ، ئۇنى يالغۇز بىر ئادەم سېلىپ چىقالمىغاندەك، چوڭ تىپتىكى يۇمشاق دېتاللارنىمۇ يالغۇز بىر ئادەم تۈزۈپ چىقالمايدۇ، كونىلاردا «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس» دەيدىغان گەپ بار، يالغۇز ئادەمنىڭ كۈچى ھامان چەكلىك بولىدۇ. 30 مىليون قۇرلۇق مەشغۇلات سىستېمىسى پروگراممىسىنى يېزىپ چىقىش خىزمىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، سىز 30 مىليون ئەمەس، بىر مىليون ساننى تەرتىپ بويىچە ساناپ بولۇشىڭىزمۇ تەس. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سىز نادىر يۇمشاق دېتاللارنى تۈزەيمەن، ۋەياكى كومپيۇتېر كەسىپتە زور ئۇتۇق قازىنىمەن دەيدىكەنسىز، ئۆزىڭىزگىلا تاينىۋېلىشقا بولمايدۇ، سىز چوقۇم ئۆزىڭىزگە ئوخشاش نۇرغۇن تىرىشچانلارنى تېپىپ ھەمكارلىشىشىڭىز كېرەك.
بىز بۇيەردە يۇمشاق دېتالنى مىسالغا ئالدۇق، كومپيۇتېر كەسپىگە قارىتا ئېيتقاندا، يۇمشاق دېتال (تور بەت) ئىشلىرى ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان بىر تۈرلۈك خىزمەت، كومپيۇتېر كەسپىدىكىلەر يۇمشاق دېتال تۈزەيدۇ، باشقا كەسىپتىكىلەر ئۇنى ئىشلىتىدۇ، بۇ بىر ئومۇملاشقان ئىجتىمائىي ئەھۋال. بىراق، سىز مۇزىكىغا ئائىت يۇمشاق دېتال تۈزۈش ئۈچۈن چوقۇم مۇزىكانت بىلەن ھەمكارلاشمىسىڭىز بولمايدۇ، پايچەك، پىرىۋوت دېتاللىرىنى تۈزۈش ئۈچۈن ئاكسىيەدىن خەۋىرىڭىز بولمىسا بولمايدۇ، بىناكارلىق دېتاللىرى تۈزۈش ئۈچۈنمۇ شۇ بىناكارلىق بىلىمىڭىز بولۇشى كېرەك، ئويلاپ باقايلى، بىر ئادەم ھەممە كەسىپنى ئۆگىنەلەمدۇ؟ ...

ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، سىز پەقەت ياتاقداشلىرىڭىز، ۋەياكى سىنىپىڭىزدىكى ئورتاق قىزىقىشتىكى ساۋاقداشلار بىلەن ھەمكارلىشىپ مەلۇم يۇمشاق دېتال لايىھىلەڭ، ۋەياكى باشقا ھەمكارلىق تۈسىدىكى ئىشنى قىلىڭ، بۇ جەرياندا سىز ۋە سىزنىڭ ھەمكارلاشقۇچىڭىز شۇ ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلىدۇ. بىر چوڭ خىزمەتنى قانداق قىلىپ ئۇششاق ھالقىلارغا، ئۇششاق خىزمەت باسقۇچلىرىغا بۆلۈش، ئەزالارغا قانداق تەقسىملەش، ئوخشىمىغان كەسىپتىكى كىشىلەر بىلەن قانداق ھەمكارلىشىش... مانا مۇشۇلارمۇ سىزنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك مۇھىم بىر مەزمۇن، سىز يالغۇز چوڭ ئىش قىلالمايسىز، چوڭ ئىشلار ھەمكارلىق ئاساسىدا بولىدۇ، ھەمكارلىشىشنىڭ ئۆزى بىر سەنئەت، ئۆزى بىر ماھارەت، بۇنداق ماھارەت مەۋجۇد بولمىغان ھەمكارلىق يەنىلا جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن بىر ئىشخانىنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ مۇستەقىل ئىشلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بۇنداق ھەمكارلاشقۇچىلارنى، بۇنداق بىرلىكتە ئۆگىنىدىغانلارنى، ئوخشاش قىزىقىشتىكىلەرنى تاپماق ئاسان ئەمەس، دېمەك، ئالىي مەكتەپ ھاياتى سىزنىڭ بۇ ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىڭىزنى يېتىلدۈرۈشتىكى ياخشى سورۇن.

يۇقىرىدا «تاغدىن-باغدىن» بولۇپ نەچچە تۈرلۈك تەۋسىيىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، يىغىپ ئېيتقاندا، مەلۇم بىر كەسىپتە ئوقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شۇ كەسىپتە نېمە ئىشلار بارلىقىنى بىلىش، شۇ كەسىپتە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك قانداق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىش، قانداق ئۆگىنىشنى، قانداق ماتېرىيال ئىزدەش-پايدىلىنىشنى بىلىشنىڭ ئۆزى شۇ كەسىپنىڭ پىشۋاسى بولۇشتىكى مۇھىم تەرەپلەر ھېسابلىنىدۇ.

قالغىنىنى تورداشلار يەنە داۋاملاشتۇرسۇن، بىر ئادەمنىڭ پىكىرى بەزىدە بىر نۇقتىنى ئايلىنىپ چىقالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، مېنىڭمۇ دىققىتىم چېچىلىپ كەتتى، ئاخىرقى مەقسەت، يۇقارقىلارنى ئوقۇغان بىر كەسىپداش بۇلاردىن ئىلھام ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى كۈندىلىك ئۆگىنىش تۇرمۇشىدا ئازراق يۈكسىلىش پەيدا قىلسا، بىزنىڭ بۇ تېمىدىكى مەقسىتىمىز ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ.

گەپنى دېمەككە ئاسان، قىلماق تەس، بىراق، چوڭلارنىڭ تەجرىبە-ساۋىقىنى ئاڭلاش ئەڭ مۇھىم. ئۆگىنىڭ ساۋاقداش، سانسىزلىغان چايخانا، مۇنبەرلەردە قۇرۇق مىڭ ئېغىز مۇنازىرىدىن كۆرە، بىر كەسپىي ئاتالغۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى كۆرۈۋالغان مىڭ ياخشى. ئەگەر خەنزۇتىلى ۋە ئېنگلىز تىللىرىدىكى بىرقىسىم كەسپىي مۇنازىرە مۇنبەرلىرىگە سېلىشتۇرساق، ئۇيغۇرچە مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنىڭ ھېچقانچە پايدىلىنىش قىممىتى يوق دىيىشكە بولىدۇ (ھەر ھالدا بىلىكنى زىيارەت قىلىشنى ئۇنتۇماڭ)، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپالمىسىڭىزمۇ، يەنىلا بۇ كەسىپنىڭ مېۋىسىنى كۆرەلەيسىز.

ئاخىرىدا «فۇيىنخانا» توغرىسىدا مەنمۇ بىر ئېغىز گەپ قاتاي: مەنمۇ بۇرۇن مەكتەپ پۈتتۈرۈپ «فۇينخانا» ئاچقان، چۈنكى بىز قاسساپ ئەمەس، ياكى باققال ئەمەس، «فۇيىنخانا» ئېچىشنىڭ ئۆزى مۇستەقىل ئىگىلىك يارىتىش قەدىمىنىڭ باشلانغانلىقى دەپ قارايمەن। بىراق، دۇكان ئېچىشتىكى مەقسەت ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلەر دۇكاننى ئېچىپ قويۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇش چىقىمىنى قامداپلا ئۆتۈپ كېتىدۇ، يەنە بەزىلەر تاپقان پۇلنى تېجەپ، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىق تارتىپ، كۈچەپ ئاخىرى تېخىمۇ چوڭراق، ۋەياكى «ئىككىنچى فۇيىنخانا» نى ئاچىدۇ، ئىگىلىك يارىتىش ئۈچۈن پۇل ۋە بىلىم كېرەك، بىلىم بولۇپ پۇل بولمىسا بىكار، پۇل بولۇپ بىلىم بولمىسا، باشقىلارنى ياللاپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. ئەڭ يامان ئىش بىكارچىلىق. ئۇنىڭ يامىنى شۇكى، كىچىك ئىشلارنى ياراتماسلىق. سۇۋادان تېرەكلەرمۇ نوقۇتتەك ئۇرۇقلاردىن بارلىققا كېلىدۇ، بۇنى ئۇنتۇپ قالمايلى.

بىلىك كۇلۇبىدىن ئېلىندى.