2008年4月21日


ئوغلۇم: بىزدە نېمە كەم؟
مۇئەللىپى:ئوسمان زاھىر

مەلۇم ماتېرىيالدىن كىچىكىدە ئالاھىدە قابىلىيەتكە ئىگە بولغان بىر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ كېچە-كۈندۈز ئۈگىنىشكە مەجبۇرلىشى،زور ئۈمىدلەرنى پەرزەنتىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەپ قويغانلىقى سەۋەبلىك ئادەتتىكى بىر بالىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ھەققىدىكى ماقالىنى كۆرۈپ پەرزەنتلەر تەربىيىسىدىكى كەمتۈكلۈكلىرىمىز ھەققىدە ئويغا چۆمگەنئىدىم.
مەن مۇنداق بىر ئەھۋالنى كۆپ ئۇچراتتىم:كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىنىڭ ئىمتىھاندا 100ئېلىشىنى ياخشى كۆرىدىكەنكى،ئۇنىڭ بىرەر قېتىم 70نومۇر ئېلىش ھېسابىغا بىرەر ئاددىي كەشپىيات ياكى مودېل ياساپ چىقالىغانلىقىدىن خۇشال بولمايدىكەن.شۇ ۋەجى نۇرغۇن پەرزەنتلىرىمىزدە ئىجادىي روھتىن ئەسەر تاپقىلى بولمايدۇ.ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋابلىرى،ئالغان نومۇرى،دەيدىغان سۆزلىرى،ھەتتا خىياللىرىمۇ ئوخشاش.ئۇلار ئوخشاش نۇسخىلانغان يوپۇرماقنىڭ ئۆزى.«تەڭرىتاغ غۇنچىلىرى»پروگىراممىسىدىكى زېھىن سىناش تۈرىدە رىياسەتچى سوئال سورىسا قونچاقتەك قېتىپ تۇرۇپ «جاۋاپ:ماۋۇ سەۋەبتىن مۇنداق بولىدۇ.»دەپ جاۋاب بېرىۋاتقان مائارىپىمىزنىڭ قۇربانلىق قوزىلىرىغا كىمنىڭمۇ ئېچىنغۇسى كەلمىسۇن؟
بىر مەزگىل پەرزەنتلەرگە كومپيۇتېر ئېلىپ بېرىش شامىلى چىقىۋىدى،خۇددى ئۆيگە كومپيۇتېرنى قويۇپ قويسىلا بالىلىرىمىز ئالىم بولىدىغاندەك خۇش بولدۇق.ئۈمىدلەندۇق.بالىلىرىمىز قانالمىغان بالىلىق ئويۇنلىرىغا كومپيۇتېردىن تەسەللىي ئىزدەشكە باشلىۋىدى،سۈكۈت قىلىشتىن باشقىغا يارىمىدۇق.ئەدناسى كۆپىنچە ئاتا-ئانىلاردا كومپيۇتېرنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكى،قانداق ئىقتىدارلىرى بارلىقىنى چۈشەندۈرگىدەك ئەمەس تاپشۇرۇقلىرىنى تەكشۈرەلىگۈدەكمۇ ساپا يوق ئىدى.ھەشىمەتلىك رېستۇرانلاردا ھەشىمەتلىك توي، قاتار چايلار تۆگە كارۋىنىدەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتكۈزىلىۋەردى.«بىز بەختىيار ئەۋلادلار» ناخشىسى ئېيتىلىۋەردى.ئاشۇ پەرزەنتلىرىمىزگە ئاتا-ئانا مېھرى قان ھەم جاندەك زۆرۈر بولىدىغان چاغدا بىز قەرز ، ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇش ۋەھىمىسىدە تىپىرلاپ ئۇلارنى جاپاكەش ئانىلىرىمىزنىڭ قۇچىقىغا تاشلاپ بەردۇق.ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتتە بىزگە خۇددى يات ئادەمگە قارىغاندەك نەزەردە قاراۋاتقانلىقىنى،كۆزلىرىدە چاقناۋاتقان ۋەھىمە،ياتسىراش ئۇچقۇنلىرىنى كۆرگىنىمىزدە نېمىلەرگە ئېرىشىپ نېمىلەرنى يوقاتقانلىقىمىزنى كېچىككەن ھالدا ھېس قىلدۇق.
كارل ۋېتر پەرزەنتلەرنى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيىلىشىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:«قۇرت -قوڭغۇزلارمۇ بالىسىنى باشقىلارنىڭ بېقىشىغا ھاۋالە قىلمايدۇ».بۇ سۆز ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.دەرۋەقە،پەرزەنتىگە چىن كۆڭلىدىن مېھىر بېرىشكە ۋاقىت چىقىرالمايۋاتقان ئاتا-ئانىلار ھەقىقەتەن كۆپ. ئۇلار تۈگىمەس ئادىمىگەرچىلىك،خىزمەت باھانىسى بىلەن ئائىلىدە پەرزەنتلەرنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشقا،ئۆزلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىدۇ.ياكى ساپاسىز بالا باققۇچىلارغا تاشلاپ قويىۋاتىدۇ.مەلۇم يەسلىدە بالا باققۇچىلار كىم بالدۇر ھەم كۆپ ئۇخلىسا شۇنى ماختاپ مۇكاپاتلىغان.بىز ئىشەنچ قىلىۋاتقان يەسلىلىرىمىزنىڭ بالىلىرىمىزغا بېرەلەيدىغىنى ئەنە شۇنچىلىك .قۇرت -قوڭغۇزلارمۇ ئويغىنىپ كەتكەن دەۋردە ئەجداد ئۇيقۇسى يەتمىگەندەك پەرزەنتلىرىمىزگە ئادىمىيلىك تەربىيىسى ئەمەس ئۇخلاش تەربىيىسى بېرىلسە قانداقمۇ مۇراد گۈللىرىمىز ئېچىلسۇن؟
بەزى ئاتا-ئانىلار خىزمەت ۋە جەمئىيەتتە بەلگىلىك نەتىجە قازانغان ھەم ئوقۇش تارىخىمۇ يۇقىرى بولغانلىقى سەۋەبلىك پەرزەنتلىرىنى بارلىق ئاماللار بىلەن«ئەقىللىق يىشيۇ»قىلىشقا تىرىشىپ،ئۇلارنىڭ تېخى كۆپ نەرسىلەرنى سىغدۇرالمايدىغانلىقىنى،ئۇلارنىڭمۇ ئۆز خىيالى،ئويۇنلىرى بارلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىۋاتىدۇ.بىر بولسا بالىسىنىڭ قورسىقىغىلا ئىگە بولىدىغان ،بىر بولسا «ئالىم»قىلىمەن دەپ كاردىن چىقىرىدىغان خاتا تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىلىۋاتىدۇ.مەكتەپلەر بالىلارنى ئۇنۋېرسال تەربىيىلەش مەقسىتىگە يېتەلمەيۋاتىدۇ.مائارىپ ئەسلىدىنلا نۇقسانغا تولغان بولغاچقا مەكتەپلەردە ئەخلاق تەربىيىسى كۈچەيتىلگەنسېرى ئەخلاقسىزلىق يامراپ كېتىۋاتىدۇ.
كۆچەتنى تىكىپ قويۇپ پەرۋىش قىلمىغانلىق مەسئۇلىيەتسىزلىك.بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان رىقابەت بىزگە سۇئال قويماقتا.پەرزەنت ھەرگىزمۇ ئەۋلادلارنى ئۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈنلا ئاپىرىدە قىلىنغان ئەمەس.ئاتا-ئانا بولسا ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگە تۇتاشقان يولدا ۋىجدان يۈكلىگەن قەرزلەرنى ئۈستىگە ئالغۇچى ھەم ئۇنى ئادا قىلغۇچى ھەمسەپەرلەردۇر.ياراملىق بىر پەرزەنتنى قاتارغا قوشۇش ئۆز نۆۋىتىدە بىر قەۋم ئۆچۈن يېڭى قان قوشقان بىلەن باراۋەر. شۇ ۋەجى ھەر بىر ئاتا-ئانا ئالدى بىلەن ئۆز ساپايىمىز ئۈستىدە دوپپىمىزنى ئالدىمىزغا قويۇپ تۇرۇپ ئويلىنايلى.تۈگىمەس ئادىمىگەرچىلىك كەلكۈنلىرى ئىچىدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ قۇتۇلۇپ باغرىمىزدىن يېرىپ چىققان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا،تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ قويايلى.«قوي بېقىپ خوتۇن ئالىدىغان،خوتۇن ئېلىپ تۇغۇلغان بالىسىغا يەنە قوي باققۇزىدىغان»يارىماس ئەنئەنە بىزدىن مەڭگۈلۈك يىراقلاشسۇن.بارلىق ئوي-پىكرىمىز ئىلمىيلىككە،رىئاللىققا،پەرزەنت تەقدىرىگە باغلانسۇن.شۇندىلا ئايىغىمىز ئاستىدىن يېپيېڭى بىر مەنزىل ئېچىلغۇسى....

سۇمرۇغ تور بېتىدىن ئېلىندى