2008年4月22日



بالىلار ئويۇنلىرى

نۇرغۇن نەرسىلەر ئۇنتۇلۇپ كەتتى، ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ..............
بالىلار ئويۇنلىرىمۇ بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
.....بىز كىچىكلىكىىمىزدە كەچ كىرگەن ھامان20-30 بالا مەھەللىمىزدىكى كۆل بويىغا جەم بولۇپ، ئاجايىپ ئىسىل ئويۇنلارنى ئوينايتتۇق....................
بەزىدە ئارام ئېلىش يۈزىسىدىن كەچ تەرەپلىرى سىرتقا چىقسام ئەشۇ ۋاقىتلاردىكى بالىلار ئويۇنلىرى ئېسىمگە كېلىپ ھازىرقى زاماندىكى تېلىۋىزوردىكى ئبجەش مەدەنىيەت ئارىلاشتۇرۇلغان تىلىۋىزىيە فىلىملىرىنى نۆۋەت ئاتلاتتۇرماي كۆرىۋاتقان سەبى بالىلارغا، ئۇلارغا تېخىمۇ ياخشى تېلىۋىزور كۆرۈش شارائىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان ئاتا-ئانىلارغا قاراپ گېلىم ئاچچىق بىر سىزىم تۈپەيلى بوغۇلىدۇ.....
كىمنىڭ نىمە قىلىشى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىك دائىرىسىدىكى ئىش بولسىمۇ كەمنىە بىر زىيالى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ خىل زەيىپانە پەرزەنىت تەربىيەلەش ئۇسۇللىرىمىزغا بىر چەتتە قاراپ تۇرغۇم كەلمىدى.
قانداق قىلىمىز؟ بىر-بىرىمىزدىن "قانداق قىلىمىز ئەمىسە دەپ سۇال سورامدۇق؟".......
ھەر قانداق بىر ئىش كىچىك بولسىمۇ ئەمىلىيەت ئارقىلىق ئاندىن رۇياپقا چىقىدۇ. مەن يۇقارقىدەك بىر قاتار ئىسيانكارانە ئىلھامنىڭ تۈرتكىسىدە بۇرۇن كىچىكىمىزدە ئوينايدىغان بالىلار ئويۇنلىرىنى رەتلەشنى نىيەت قىلىپ قالدىم. بەلكىم بۇ ئويۇنلار پەرزەنتلىرىمىز مەڭگەۈ ئوينىيالمايدىغان تارىخ بولۇپ قېلىشى مۈمكىن.... بەلكىم پەرزەنتلىرىمىز پەرزەنىتلىرىگە قالدۇرۇپ كېتىدىغان ۋەسىيەتنامە بولۇپ قېلىشى مۈمكىن، ۋە بەلكىم...................................
1 . تۆگى- تۆگىلەڭ
7- 8 بالا بوينىغا قاراپ، بىر-بىرىنىڭ ئارقا پىشىنى تۇتۇپ تىزىلىپ، تۆگە بولۇپ ئېڭىشىپ تۇرىدۇ. يەنە 7-8 بالا بىر- بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ دۈگلەك بولۇپ تۇرىدۇ. تۆگە بولۇپ تىزىلغان بالىلار ئۆز سېپىنى بۇزماستىن دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلارنىڭ ئارىلىقلىرىدىن ئىڭىشىپ ئۆتىدۇ. شۇ چاغدا دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار بىلەن تۆگە بولۇپ تۇرغان بالىلار ئوتتۇرسىدا قوشاق ئېيتىشىش باشلىنىدۇ.

دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار:

قاتار- قاتار تۆگىلەر.
نەگە- نەگە ماڭدىڭلار؟
تۆگە بولۇپ ئۆتكەن بالىلار:
تۇزغا- تۇزغا ماڭدۇق بىز.
دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار:
تۇزۇڭ نەگە تۆكۈلدى؟
تۆگە بولۇپ ئۆتكەن بالىلار:
ئارا يولغا تۆكۈلدى.
دۈگلەك بولۇپ تۇرغان بالىلار:
تاسقاپ- تاسقاپ ئالساڭچۇ،
تاغىرىڭغا سالساڭچۇ!
تۆگە بولۇپ ئۆتكەن بالىلار:
تاغىرىمدا تۆشۈك بار.
ماراپ تۇرغان مۈشۈك بار
كېيىن ئىككى گۇرۇپپا ئالمىشىپ ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ

2 . ۋاللەي(گاگا-چۇك)

بۇ ئويۇننى ئوچۇقچىلىق يەردە ئىككى بالا ئوينايدۇ(بىر نەچچە بالائىككى گۇرۇپپا بولۇپ ئوينىسىمۇ بولىدۇ). ئۇلار بىر يەرنى ‹‹پللە›› قىلىپ ياساپ، ئىككى كىسەكنى قويىدۇ(ياكى كىچىك كاتەكچە ئۇيىدۇ)-دە، ئەتراپنى دۈگلەك قىلىپ جىجاپ قويىدۇ. ئاندىن بىر نەرسىنى شەرت قىلىپ قايسى ئۇتۇۋالسا ئويۇننى شۇ باشلايدۇ.
ئويۇن باشلىغۇچى كىسەكنىڭ(ياكى كاتەكچىنىڭ) ئۈستىگە بالىياغاچنى(چۇك نى) قويۇپ، ئانىياغاچ (گا)بىلەن ئاستىدىن كۆتىرىپ تۇرۇپ ئۇرىدۇ. قارشى تەرەپتىكى بالىلار بالىياغاچ چۈشىدىغان سەيناغا تارىلىپ تۇرۇپ، دوپپا ياكى شەپكىسى بىلەن بالىياغاچنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر بالىياغاچنى تۇتۇۋالسا، بالىياغاچ ئۇرغۇچىنىڭ نۆۋىتى كۆيۈپ كېتىدۇ-دە، بالىياغاچنى تۇتۇۋالغانلار ئويۇن باشلايدۇ. ئەگەر تۇتالمىسا بالىياغاچ نەگە چۈشسە، شۇ يەردە تۇرۇپ، بالىياغاچ بىلەن دۈگلەك ئىچىدىكى كىسەكنىڭ ئارىسىغا قويۇپ قويغان ئانىياغاچنى سوقىدۇ(كىسەكنى سوقسىمۇ بولىدۇ).سوقۇۋالسا بالىياغاچ ئۇرغۇچىنىڭ نۆۋىتى يەنە تۈگەيدۇ. ئەگەر سوقالمىسا بالىياغاچ ئۇرۇۋاتقان بالا بالاياغاچنى ئانىياغاچ بىلەن پۇچىلاپ تۇرۇپ ئۈچ قېتىم ئۇرىدۇ. بالىياغاچ ئۈچىنچى قېتىم ئۇرۇلغاندا (ئەگەر بالىياغاچنى پۇچىلاپ ئۇرالمىسىمۇ ئۇرغانغا ھىساپ). نەگە بېرىپ چۈشسە، قارشى تەرەپتىكى بالىلاردىن بىرى يوغان- يوغان چامداپ پەللىگە كەلگىچە سانايدۇ: بالىياغاچ ئۇرغۇچى تەرەپ بالىياغاچنى پەللىدىن يەنە يېڭىۋاشتىن ئۇرىدۇ. ئەگەر بۇ جەرياندا قارشى تەرەپ بالىياغاچنى تۇتۇۋالسا، بالىياغاچ ئۇرغۇچىنىڭ نۆۋىتى تۈگەپ، تاپقان سانىمۇ ‹‹كۆيىدۇ››. ئاندىن ئىككىنچى تەرەپ ئوينايدۇ. 500 قەدەمگە يەتكۈزسە، يەنە بىر تەرەپ ‹‹ئىشەك›› بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇتۇپ چىققان تەرەپ بالىياغاچنى پەللىدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ قېتىم ئۇرىدۇ.(بۇ چاغدا قارشى تەرەپ بالىياغاچنى توسىمايدۇ) بالىياغاچ ئۈچىنچى قېتىم نەگە بېرىپ چۈشسە، ‹‹ئىشەك›› بولغۇچى بالا شۇ يەردىن پەللىگە توختىماستىن‹‹ۋەللەي... ۋەللەي... ۋەللەي...›› دەپ توۋلاپ يۈگۈرەيدۇ. ئەگەر ئۇ بىرەر يەردە تىنىپ ئالسا، ئۇتۇۋالغۇچى بالا بالىياغاچنى يەنە كەينىگە ياندۇرۇپ بىر قېتىم ئۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، قاچان ‹‹ۋىلى- ۋىلى ۋەللەي...›› دەپ تىنماي توۋلاپ پەللىگە يۈگۈرۈپ كېلەلىسە، ئاندىن ئويۇن تاماملىنىدۇ. بۇنىڭ باشقا ۋارىيانتلىرىمۇ كۆپ .كۆپچىلىكنىڭ بىلگەنلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

3 . توپ ئويۇنى

بۇ ئويۇننى قىزلار ئوينايدۇ. تۆت بەش قىز توپنى نۆۋەتلىشىپ ئويناپ قوشاق ئېيتىدۇ. شەرت: توپنى قاچۇرماسلىق ھەمدە قوشاق ئېيتىشتا دۇدۇقلاپ قالماسلىق ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قوشاقنى توپنىڭ ئۆرلەپ چۈشىشىگە ماسلاشتۇرۇپ ئېيتىش كېرەك. توپ قولدىن چۈشۈپ كەتسە ياكى قوشاق ئېيتىشىشتا دۇدۇقلاپ قالسا، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىرى ئوينايدۇ. قوشىغى تۆۋەندىكىچە:

چىگىچى، بۇغدايچى،
خەمىگى دۇغدايچى.
كېچىلەپ زۇۋانى قوي،
زۇۋىنىڭ قايسى قىز.

ئەڭ كىچىگى ۋوپا قىزى
ۋوپانى ۋوپا دىمەڭلار،
ۋوپا يالغانچى بولار.
ۋوپادىن كۆر بوۋاڭنى تاپ،
بوۋا بەك ياخشى بولۇر.
بوۋىنىڭ بىر تال تۈكى،
ئىشەككە ئاغامچا بولۇر.

......................

ئۇچۇپ چىقتىم ھاۋاغا،
سەكرەپ چۈشتۈم دەرياغا.
دەريا سۈيى قۇيالدى،
پاتمىچۇقلار بويالدى.

بىرىنىڭ ئېتى كۇچۇلا،
بىرىنىڭ ئېتى پۇچۇلا.
ئاپپاق ساقال بوۋىلار،
قىلدى نەچچە توۋىلار...
........................
ھاۋا- ھاۋا، ھاۋاچاق،
چاۋا تەردىم بىر قۇچاق.
چاۋانى ئېلىپ قاچتى،
پاقا بىلەن قۇمۇچاق.

ئۆتۈگۈم دىستا ئۆتۈك،
مېڭىشىم تاراق- تۇرۇق.
روزىنىڭ ئون بەشىدە.
چۈشتى غازاڭ شاراق-شۇرۇق.
......................
يولدىشكامنىڭ بىر قىزى،
باسما كۆينەك كىيىپتۇ.
باسما كۆينەك كىيگەندە،
ھىلىمبەككە تېگىپتۇ.

ھىلىمبەككە تەككەندە،
ئالتە بالا تۇغۇپتۇ،
ئالتە بالا بەرى پوق،
ئېيتاي دىسە لاتا يوق.

لاتا دىگەن ئۆگزىدە،
چىقاي دىسە شوتا يوق.
شوتا دىگەن دەرەختە،
كېسەي دىسە پالتا يوق.

پالتا دىگەن بازاردا،
ئالي دىسە پۇلى يوق.
پۇل دىگەن ساندۇتا،
ئاچاي دىسە ئاچقۇچ يوق.

ئاچقۇچكاملار ئۆلۈپتۇ،
ئاق مازارغا كۆمۈپتۇ.
ئاق مازارغا بىر دەمدە،
ئاق تىكەنلەر ئۈنۈپتۇ...
يىغلايدىغان ئادەم يوق
ئۆزى قوپۇپ يىغلاپتۇ...
.....................
قوشاق ئەنە شۇنداق داۋاملىشىۋېرىدۇ

4 . دوپپا تالىشىش
بالىلار ئىىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ سەپ بولۇپ تىزىلىدۇ-دە، رەت بويىچە ساناپ چىقىدۇ.بۇ چاغدا ھەر بىر بالا ئۆز نومۇرىنى يادلىۋېلىشى كېرەك. ئاندىن ئىىككى گۇرۇپپا بىرلىشىپ بىر چەمبەرەك ھاسىل قىلىپ ئولتۇرىدۇ. چەمبىرەكنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر دوپپا قويۇلىدۇ. بىر بالا رېپىر بولىدۇ. ئويۇن باشلىنىش بىلەن رېپىر بىر نومۇرنى، مەسىلەن: ‹‹5- نومۇر›› دەپ چاقىرىدۇ. بۇ چاغدا ھەر ئىككى گۇرۇپپىنىڭ 5- نومۇرلۇق ئەزالىرى دەرھال ئوتتۇرىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ دوپپىنى تالىشىدۇ. بۇ چاغدا كۆپچىلىك چاۋاك چېلىپ ناخشا ئىېيتىدۇ. دوپپىنى ئالدىدا ئېلىۋالغان بالا دوپپىنى كۆتۈرۈپ چەمبەرنى ئايلىنىپ قاچىدۇ. دوپپىنى ئالالمىغان بالا ئۇنى قوغلايدۇ.

5.چامغۇر يۇلۇش ئويۇنى
بالىلاردىن بىرى تۈۋرۈك ياكى بىر تۈپ دەرەخنى قۇچاقلاپ ئولتۇرىدۇ. قالغان بالىلار ئىۇنىڭ كەينىدە بىر بىرىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرىدۇ. بالىلاردىن يەنە بىرى دېھقان بولۇپ ئەڭ كەينىدە ئولتۇرغان بالىنى قۇچاقلاپ (دېھقان چامغۇر يۇلغان پەدىدە) تارتىدۇ. ئىولتۇرغان بالا ئالدىدىكى بالىنى مەھكەم قۇچاقلاپ ئولتۇرۇۋالىدۇ. دېھقان بالا كۈچەپ تارتىدۇ. ئويۇن دېھقان بالا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىنى تارتىپ ئىورنىدىن قوپۇرۇپ بولغىچە داۋاملىشىدۇ .

6 .يېرىلىڭ تېغىم
بالىلار بىر بىرىنىڭ قوللىرىدىن تۇتۇپ دۈگلەك بولۇپ ئولتۇرىدۇ. بىر بالا دۈگلەك ئىچىدە ‹‹ئانا›› بولۇپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرىدۇ. يەنە بىر بالا دۈگلەكنى ئايلىنىپ قوشاق ئىېيتىدۇ:

يېرىلىڭ تېغىم، يېرىلىڭ،
مەن ئىانامنى كۆرۈۋالاي.
قۇچاقىغا باش قويۇپ،
دىدارىغا تويۇۋالاي...

بالا دۈگلەكنى ئايلىنىپ قوشاق ئىېيتقاچ ئوتتۇرىغا كىرىش ئۈچۈن يوچۇق ئىزلەيدۇ. دۈگلەك بولۇپ ئولتۇرغان بالىلار بولسا ئۇنىڭغا يوچۇق بەرمەيدۇ. ئويۇن بۇ بالا بىرەر يەردىن يوچۇق تېپىپ دۈگلەكنىڭ ئىوتتۇرسىدىكى ‹‹ئانا›› يېنىغا كىرىۋالغىچە داۋام قىلىدۇ.
شۇندىن كېيىن ، دەسلەپكى بالىغا يوچۇق بېرىپ قويغان يەردىكى ئىىككى بالىدىن بىرى دۈگلەك ئىچىدە ئانا بولۇپ ئولتۇرىدۇ. يەنە بىرى دۈگلەكنىڭ سىرتىدا ئىايلىنىپ ھېلىقى قوشاقنى ئىېيتىدۇ.
ھەر قېتىم يېڭىلگەنلەر مەيدانغا چۈشىدۇ، ئويۇن شۇ يوسۇندا داۋاملىشىۋېرىدۇ

7.ئويۇن ئىسمى : مەرەم
بۇ ئويۇن ئادەتتە قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ ئوينىلىدۇ ، ئادەم سانى چەكلەنمەيدۇ .
ئالدى بىلەن بالىلار سان جەھەتتە تەڭ ھالدا ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ ، ئاندىن شەرىتلىشىپ قايسى تەرەپنىڭ ئاۋۋال مۆكىدىغانلىقى ،قايسى تەرەپنىڭ مۆككەنلەرنى تاپىدىغانلىقى بېكىتىلىدۇ ( قولىدا بىر نەرسە تۇتۇپ جۈپمۇ-تاق دىگەندەك ئۇسۇللار بىلەن ) . شۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى تەرەپ-تەرەپكە ( مۆكىدىغان دائىرە شەرىتلەشكەندە دىيىلىدۇ ) تارقاپ بىردىن ياكى بىر ئىككىدىن بولۇپ ئۆزى بىلگەن جايغا مۆكىدۇ ، مۆككۈچى تەرەپتىن چوڭراق بىرسى ھەممە ئەزالىرىنىڭ مۆكۈپ بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈرتۈرگەندىن كىيىن مۆككەن جايىدا تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا << مەرەم .............. >> دەپ بىر نەچچىنى توۋلايدۇ ، شۇ ئاۋاز بىلەن تاپقۇچى تەرەپ مۆككەنلەرنى ئىزدەشكە باشلايدۇ (تاپقۇچى تەرەپتىكىلەر « مەرەم ......» دىگەن ئاۋازنى ئاڭلىمىغۇچە ئەسلىدىكى جىم تۇرۇپ تۇرىدۇ ) .
يەنە شۇ ئاۋاز بىلەن مۆككەنلەر تاپقۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئىزدەشكە باشلىغانلىقىنى بىلىدۇ ، مۆككەنلەر مۆككەن جايىدا جىم تۇرسىمۇ ياكى يۆتكەلمە ئالەتتە تۇرسىمۇ بولىدۇ . تاپقۇچىلار ھەممە يەردىن ( كۆۋرۈك ئاستى ، ئۆستەڭنىڭ ئىچى ، دەرەخنىڭ كاۋىكى ، دەرەخنىڭ ئۈستى ........... قاتارلىق ) مۆككۈچىلەرنى ئىزدەپ بىر-بىردىن تاپىدۇ( بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدىن ) . مۆككۈچىلەر دائىرىدىن سىرىتقا مۆككەن بولسا ياكى تېپىۋالسا قېچىپ كەتسە « چىدىماس » بولىدۇ . تاپقۇچىلار مۆككۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنى تېپىىپ بولغاندىن كىيىن ئويۇننى ئەكىسچە داۋاملاشتۇرىدۇ . ( تاپقۇچىلار مۆككىچىلەر بولىدۇ، مۆككىچىلەر تاپقۇچىلار بولىدۇ ).
بۇ ئويۇن مۇشۇ تەرىقىسىدە بىر نەچچە رەت ئايلىنىپ بەزى ۋاقىتلاردا يېرىم كېچىگىچە داۋاملىشىدۇ .

بۇ ئويۇننىڭ ئالاھىدىلىكى :
ئويۇن پۈتۈنلەي قاراڭغۇ ،كەچ مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەمدە قائىدىسى چىڭ بولىدۇ ، شۇڭا ئويۇنغا قاتناشقۇچىلاردا قورىقماس ، يۈرەگلىك ، گېپىدە تۇرىدىغان ئىدىيە شەكىللىنىدۇ .
ئويۇنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى ، يېشى چەكلەنمەيدۇ ( زىيادە كىچىك بالىلاردىن سىرىت) شۇڭا ئويۇنغا بىر مەھەللىدە قانچە بالا بولسا ھەممسى قاتنىشالايدۇ ، بالىلارنىڭ سانى بەزىدە 40تىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ .
شۇڭا بالىلاردا ئىتتىپاقلىق ، بىرلىك شەكىللىنىدۇ



0 评论: