2008年4月21日


دوكتورئاشتى مەمتىمىن غېنى شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ھەرگىزمۇ چۈش ئەمەس، ھەممەيلەنگە ئايان ،چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن مەلۇم بىر چەتئەل تىلىنى ئىگەللەش ناھايىتى زۆرۈر.ئۇنداقتا تىز ھەم ئۈنۈملۈك ھالدا ئىگەللىۋېلىش ئۈچۈن زادى قايسى تىلنى تاللىشىمىز كېرەك؟ سىز ياپون تىلىنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟سىزنىڭ ياپۇنىيىگە بولغان چۈشەنچىڭىز قانچىلىك؟ياپونىيە ھازىر سانائەت ، مېدىتسىنا ، يېزا - ئىگىلىك قاتارلىق ساھەلەردە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
ھازىر دۆلىتىمىزدىن ياپۇنيىگە چىقىپ ئۇقۇۋاتقانلارنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئاشىدۇ .ئاپتونوم رايۇنىمىزدىن چىققانلارمۇ ئاز ئەمەس.ئۇنداقتا سىزمۇ شۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇشىنى خالامسىز؟بۇ ھەقتە سىزگە ئەتراپلىق چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن كۆكلە مائارىپ تەربىيىلەش مەركىزى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ياپۇنىيەدە 10 يىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن دوكتور ئاشتى مەمتىمىن غېنى باشچىلىقىدا <<ياپۇنىيەگە نەزەر>> تىمىسىدا بىر قېتىملىق لېكسىيە ئورۇنلاشتۇردى. لېكسىيىگە ياپۇنىيەدىن شىنجاڭغا كېلىپ ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوگاۋا ، ئوكاموتو ، خاتتا ، خاشى موتو قاتارلىق ياپۇنلۇق ئوقۇتقۇچىلار ھەم شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتى . دوكتور مەمتىمىن غېنى ياپونىيىنىڭ ئىلىم - پەن تەرەققىيات ئەھۋالى ، دۇنيا تەرەققىياتىدىكى تۇتقان ئورنى ، شۇنداقلا ياپۇنىيەگە چىقىپ ئۇقۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا لېكسىيە بەردى .ياپۇنىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار ياپون تىلى ئۆگىنىش توغرىسىدا سۆزلىدى ھەم ياپونىيىنىڭ بەزى جايلىرىنى تۇنۇشتۇردى . لېكسىيە قىسقا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ ئوقۇغۇچىلاردا ياپۇنىيەگە نىسبەتەن مەلۇم تونۇش شۇنداقلا ئۇلار ئۈچۈن ناھايىتى زور ئىلھام بولدى . بىز لېكسىيەدىن خەۋەرسىز قالغان قالغان ۋە ئارلىقنىڭ يېراقلىقىدىن لېكسىيىگە كېلەلمىگەن باشقا جايلاردىكى دوستلارنى نەزەردە تۇرۇپ لېكسىيە مەزمۇنىنى قىسقىچە بايان قىلدۇق .
لېكسىيە مەزمۇنى تۈۋەندىكىچە:
ساۋاقداشلاردىن ياپۇنىيەگە چىقىپ ئوقۇشنى ئويلاۋاتقانلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياپون تىلى ئۆگىنۋاتقانلار، ياپونىيە توغرىلىق بەزى مەلۇماتلارنى بىلىشنى ئويلاۋاتقانلار بولسا كېرەك. تۆۋەندە مەن ياپونىيە توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي.
ياپونىيە ئاسىيادىكى ئەڭ تەرەققى قىلغان ، دۇنيا بۇيىچە ئىقتىساد جەھەتتە ئامېرىكىدىن قالسىلا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئېلېكترون سانائىتىدە دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى ئورۇندا . بۇ جەھەتتە نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىگە بولالمىغان پاراللېل كومپيوتېرمۇ ياپۇنىيەدە ياساپ چىقىلدى ، بۇ باشقا دۆلەتلەردە تېخى مەيدانغا كەلگىنى يوق . بۇنداق زور نەتىجىلەرنى ياپون خەلقىنىڭ تىرىشچان روھىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
ياپۇنىيىلىكلەرنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ ، ئۇلار ئادەتتە كىچىك مەسىلىلەرگىمۇ سەل قارىمايدۇ ، ھەر قانداق بىر ئىشقا ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ ، خىزمەتنى چوڭ - كىچىك دەپ ئايرىمايدۇ ، خىزمەت داۋامىدا مەسىلە كۆرۈلسە ئالدى بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۆزىدىن ئىزدەيدۇ ، ھەرگىز باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويمايدۇ . خىزمەتتە ئەستايىدىل بولمىغان ، مەسئۇلىيەت ئېڭى ئاجىز كىشىلەرنى ھېچبىر چوڭ - كىچىك شىركەت ياكى شەخس ئىشقا قوبۇل قىلمايدۇ . شۇڭا بۇنداق ئاڭ ھەر بىر ياپۇنىيىلىككە سىڭىپ كەتكەن . خوجايىن قول ئاستىدىكى مەلۇم خىزمەتچىگە خىزمەتنى ياخشى ئىشلىيەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇنى كېيىنكى ئايدا ئىشتىن بۇشتلىدىغانلىقنى ئىيىتسا ئۇ خىزمەتچى ھەرگىز بەرىبىر مېنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىدۇ دەپ ئويلىمايدۇ ، ئەكسىچە ئالدىنقىدىن نەچچە ھەسسە تىرشچانلىق بىلەن ئىشلەپ كېتىش ئالدىدا خوجايىن ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن<< مەن خىزمەتنى ياخشى قىلالمىدىم ، سىزنىڭ كۈتكەن يېرىڭىزدىن چىقالمىدىم>>دەپ ئەپۇ سورايدۇ. ھەم خۇجاينىغا << ماڭا مۇشۇ كەمگىچە غەمخورلۇق قىلغىنىڭىزغا رەھمەت>> دەپ مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ . بىزنىڭ بۇ يەردە << بەرىبىر كىتىمەنغۇ >> دەپ بۇزالايدىغاننى بۇزۇپ ، چاقالايدىغاننى چاقىدۇ.
ياپۇنىيىلىكلەرنىڭ ۋاقت قارىشى ئىنتايىن يۇقىرى ، خىزمەتكە كەلگەنلەر نەچچە مىنۇت ئالدىدا كېلىدۇ. كېلىپلا ئۇدۇل كىرمەستىن ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرىدۇ ، ۋاقىت توشقاندا ئاندىن كىرىدۇ . خىزمەتكە كىچىكىشگە ھېچقانداق سەۋەب ئىتراپ قىلىنمايدۇ .
مەن ياپۇنىيىدە تۇرمۇش چىقىمىمنى قامداش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلدىم ، ھەتتا يۈكمۇ تۇشۇدۇم . دىمىسمۇ ياپۇنىيەدە تۇرمۇش ئىنتايىن جاپالىق ، بىر كىشىلىك ئاددىي خىزمەت تىپىشمۇ ئاسان ئەمەس . لېكىن ، سىزدە پەقەت خىزمەتتە ئەستايىدىل بولۇش ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇش ، جاپاغا چىدايدىغان تىرىشچانلىقلا بولىدىكەن سىزمۇ ياپۇنىيەدە بىر كىشىلىك خىزمەت تاپالايسىز .
ياپۇنىيىدە تۇرمۇش ناھايىتى ئاددىي - ساددا بولىدۇ . يېمەك - ئىچمەك ، كىيىم - كېچەكلەر ناھايىتى ئادەتتىكىچە . ئۇلار تۇرمۇشتا بەك ئىقتىسادچان . خوجايىن بىلەن ئىشچىلار تاماقتا بىللە بولسىمۇ ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغىنىنى يەيدۇ . ھەرگىز ئىسراپچىلىق قىلمايدۇ . بۇلار ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتى .
دېمەك سىز ياپۇنىيەگە چىقىپ تۇرماقچى ياكى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئالدى بىلەن ئىقتىسادى جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى قانداق ھەل قىلىشنى ئوبدان ئويلىسىڭىز كېرەك . ياپۇنيەگە بارغاندىن كېيىنكى يۇقىرى تۇرمۇش چىقىمى سىزنىڭ ئالدىڭىزدىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق ، شۇڭا بۇ مەسىلىنى سىز مۇشۇ يەردە ئوبدان ئويلىسىڭىز كېرەك . ناۋادا سىزگە ھېچقانداق ئىقتىسادى يۆلەك بولمىسا سىز ئۇقۇش پۇلى ، تۇرمۇش خىراجەتلىرىنى قانداق ھەل قىلىسىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ياپۇنيەدە ھەر قانداق قىيىن ئىش بولسىمۇ ئۇنى ئورۇن ، شارائىت تاللىماستىن قىلىشقا جۈرئەت قىلالىسىڭىز ھەم تەييارلىقىڭىز پۇختا بولسا ياپۇنىيەگە چىقىپ ئۇقۇسىڭىز بولىدۇ .
سوئال(ئوقۇغۇچىلار): سىز ياپۇنىيەدە قانچىلىك تۇردىڭىز ؟ قايسى كەسىپتىن بىلىم ئاشۇردىڭىز ؟
جاۋاب: مەن ياپۇنىيەدە ماشىنسازلىقتا بىلىم ئاشۇردۇم ، 10 يىلدەك تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندىم .
سوئال(ئوقۇغۇچىلار):شىنجاڭدىن چىققان ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادى جەھەتتە ئىتبار بېرىلەمدۇ ؟
جاۋاب: بۇ مىللىي ئوقۇغۇچىلار كۆپ سورايدىغان سوئاللارنىڭ بىرى . ئۇ يەردە ھېچقانداق بىر ئوقۇغۇچىنى ئۇيەرلىك ، بۇ يەرلىك دەپ ئايرىمايدۇ . ئادەتتە ئۇقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىنغان . شۇنىڭغا شەرتى توشقانلار ئىرىشەلەيدۇ . لېكىن بۇنىڭغا ئېرىشىش ناھايىتى قىيىن . يىغىپ ئېيتقاندا ھېچقانداق ئىتبار يوق ، ھەممىنى ئۆزىڭىز ئۈستىڭىزگە ئالىسىز .
سوئال(ئوقۇغۇچىلار): ياپۇنىيەلىكلەرنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسى قانداق ؟
جاۋاب: ياپۇنىيەلىكلەرنىڭ كىرىمى 15مىڭ خەلق پۇلى ، ئۇلارنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسى ئىنتايىن يۇقىرى . توكيودا بىر ئادەتتىكى ئۆينىڭ ئىجارىسى 5 ~ 4 مىڭ خەلق پۇلى ئەتراپىدا ، تاماققا 4 مىڭ خەلق پۇلى ئەتراپىدا كېتىدۇ . تۇرمۇش خىراجەتلىرىڭىز(كىرا ، كىيىم -كېچەك....)بولۇپ 10 مىڭ خەلق پولى بىلەن بىر ئايلىق تۇرمىشڭىزنى قامدىيالايسىز . ئەگەر سىز ياپۇنيەدىن ھازىرقى تۇرمۇش سەۋيىڭىزدە ياشايمەن دېسىڭىز 15 مىڭ خەلق پۇلىمۇ يەتمەيدۇ . مەسىلەن : بىر دانە پەمىدۇر سەككىز يۈەن ، بىر تاۋۇز 100 يۈەن ، لېكىن توخۇ، تۇخۇم ئەرزانراق ، ماشىنا ئەرزان ، لېكىن ماي قىممەترەك .
سوئال(ئوقۇغۇچىلار): ياپۇنىيەلىكلەر ئۆزىنىڭ ئۇقۇش ئەھۋالىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىدۇ ؟
جاۋاب : ياپۇنىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇش پۇلنىلا ئائىلىسى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ ، باشقا ھەر قانداق چىقىملارنى ئۆزى قامدايدۇ. يەنى ئۆزى ئىشلەپ تاپىدۇ . دېمەك ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇلارغا ھەرگىز رەھىم قىلمايدۇ ، قانچىلىك قىينىلىپ كەتسىمۇ بىر ئاز پۇلمۇ بەرمەيدۇ . خىزمەتكە چىققاندا ھەرگىز ئۆز شىركەتلىرىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرمايدۇ ، خىزمەتنى ئۆزى تاپىدۇ ، ئۆز بالىسىنىڭ پىشىپ يىتىلگەنلىكنى بىلگەندىن كېيىنلا ئۆز شىركەتلىرىگە ياندۇرۇپ ئەكىلىپ بىر كىشىلىك خىزمەت بېرىدۇ .
سوئال(ئوقۇغۇچىلار): ياپۇنىيەدە خىزمەت تېپىش مەسىلىسى قانداق ؟
جاۋاب : سىز ياپۇنىيەدە خىزمەت تېپىش ئۈچۈن بىرسى ئورۇن تاللىسىڭىز ، شەرت - شارائىت تاللىمىسىڭىز چوقۇم بىر كىشىلىك خىزمەت تاپالايسىز . يۇقىرى دەرىجىلىك شىركەتلەردە خىزمەت تاپماق بىر قەدەر قىيىن . تۆۋەن دەرىجىلىك شىركەتلەردە ئاسانراق . ئۇنىڭدىن باشقا ئىش تونۇشتۇرۇش ئورنىغا تىزىملىتىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ .بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياپون تىلىنى بىلىشىڭىز كېرەك .
سوئال(ئوقۇغۇچىلار): پاراللېل كومپيۇتېر بىلەن ئادەتتىكى كومپيوتېرلارنىڭ ئاساسلىق پەرقى نەدە ؟
جاۋاب :قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا پاراللېل كومپىيوتېردا قاتتىق دېتاللار پاراللېل ئۇلىنىدۇ ، يۇمشاق دېتالمۇ پاراللېل ئۇلىنىدۇ. ھېسابلاش سۈرئىتى دەرىجىدىن تاشقىرى تىز.كەسپى پاراللېل كومپىيوتېرلار مۇرەككەپ ھىساپلاشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . بۇنداق كومپيوتېرلارنى شەخس ، چوڭ شىركەتلەر ھەرگىز سىتۋالالمايدۇ، بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى كۈچىمۇ تەس يېتىدۇ . شۇڭا ئادەتتىكى كومپيوتېرلاردىن ئۆزگەرتىلگەن كىچىك تىپتىكى پاراللېل كومپيوتېرلارنى تەتقىق قىلىش زۆرۈر. پاراللېل كومپيوتېرلارئېلىپ بارغان ھىساپلاشلارنى نەچچە گىگا بايىتلىق ئىچكى ساقلىغۇچىسى بولغان ئادەتتىكى كومپىيوتېرلارمۇ ھېسابلاش ئېلىپ بارالمايدۇ .
سوئال (ئوقۇغۇچىلار):ھازىر تىل ئۆگىنىش كۇرسلىرى بەك كۆپ ، قايسىغا كىرىشنىمۇ بىلىپ بولمايدۇ.سىزنىڭچە تىل ئۆگىنىش قانداقراق كورسلارغا كىرسەك بولىدۇ؟
جاۋاب :راست ، ھازىر تىل ، كومپيۇتېر ئۆگىتىش كۇرسلىرى ھەقىقەتەن كۆپ ، ھەتتا بەزى كۇرۇسلار نوقۇل ھالدا ئىقتىسادى مەنپەئەتنى دەپلا ئېچىلغان . قانداق كۇرسلارنى تاللاشمۇ بىر مۇھىم مەسىلە . ئادەتتە تىل كۇرسلىرى ئىچىدىن شۇ تىل ئانا تىلى بولغان بىر ئوقۇتقۇچى ۋە تىل كەسپىدە مەخسۇس ئوقىغان بىر ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولغان كۇرسلارنى تاللاش كېرەك .
سوئال(ئوقۇغۇچىلار): ياپۇنىيەگە چىقىپ ئۇقۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك ؟
جاۋاب: ياپۇنىيەگە چىقىپ ئۇقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىقتىساد ، تۇرالغۇ جاي مەسلىسىنى ئويلىشىش كېرەك . ئۇندىن كېيىن ياپون تىلى دەرىجە ئىمتىھان نەتىجىسى بولىشى كېرەك . يەنى ئاسپىرانىتلىقتا ئۇقۇش ئۈچۈن ئىجتىمائىي پەندە 1-دەرىجە ، سانائەت پەنلىرىدە 2-دەرىجىدىن ئۆتىشى كېرەك . ( 1-دەرىجە ئەڭ يۇقىرى دەرىجە ھېسابلىنىدۇ)
خۇلاسلىغاندا ، بەزىلەر ياپونىيە تەرەققى قىلغان ، پۇل تېپىش ئاسان دەپ ئويلايدۇ ، ئەمىليەتتە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس . ئۇ يەردىكى تۇرمۇش ، خىزمەت بېسىمى ناھايىتى ئېغىر . ئوقۇشقا چىققانلار پۇل تېپىش ئۈچۈنلا بولىدىكەن ياپۇنىيىدە ھېچنېمە ئۈگىنەلمەيدۇ ،سىز ياپۇنىيىدە تۇرۇپ ئۆگىنىش تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانماقچى بولىدىكەنسىز سىزمۇ ياپۇنىيىلىكلەرگە ئوخشاش بۇلىشىڭىز كېرەك ، ھېچ بولمىغاندا ياپۇنىيىلىكلەرنى يېرىمىچىلىك بولسىمۇ تىرىشىپ ئىشلىسىڭىز كېرەك ،شۇنداق بولغاندا بىر كىشىلىك تۇرمۇشىڭىزنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئوقۇشىڭىزنى داۋاملاشتۇرالايسىز. شۇڭا سىز ھەر بىر قەدەمنى ئىنتايىن پۇختىلىق بىلەن بېسىشىڭىز كېرەك . ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە مەسئوليەتچان بولىشىڭىز ، ئائىلىڭىزگە ، دوستلىرىڭىز غا مەسئوليەتچان بۇلىشڭىز كېرەك. ھەر بىر قەدىمىڭىزگە مەسئۇل بۇلىشىڭىز كېرەك . چۈنكى بۇ قەدىمىڭىز ئۆزىڭىزگە ۋەكىللىك قىلىپلا قالماستىن ئائىلىڭىزگە ، مىللىتىڭىزگە ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن .
ياپۇنىيىلىك ئوقۇتقۇچى ئوگاۋا تىل ئۆگىنىش توغرىسىدا مۇنۇلارنى سۆزلىدى:
ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ يېشىنىڭ چوڭيىشىغا ئەگىشىپ ئەقلى قابىلىيىتى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ بارىدۇ . بارىدۇ . لېكىن ئۆگىنىدىغان بىلىملەر كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىدۇ. تىل ئۆگىنىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش . بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن بۇشاشماستىن ھەر كۈنى قايتا- قايتا تەكرارلىغاندىلا ئاندىن بۇ قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى بولىدۇ. يەنى :

(رەسىمدىكى ئەگرە سىزىق ئادەمنىڭ ئەقلى قابىلىيىتى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.)
باشقا ياپۇنىيىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ لىكسىيىلىرى قىسقارتىلدى.