2009年1月27日

ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسلىمنامىسى (فىليەتون)

ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسلىمنامىسى (فىليەتون)
ئاپتورى : dilxatks



ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
خەنزۇ تىلى ئەپەندى ، مەن تەسلىم بولۇشنى قارار قىلدىم. سەۋەبى ناھايتى ئاددىي : مەندە داۋاملىق تىركەشكىدەك مادار قالمىدى ، ئەينى زامانلاردا بىلىمى مول ، تەسەۋۋۇرغا باي ، ئەقىللىق ئۇيغۇر خەلقى مىنى ----- ئۇيغۇر تىلىنى كەشىپ قىلغان ئىدى. مىنىڭ ھۆسنۈم گۈزەل بولغاچقا نۇرغۇنلىغان خەتتاتلار ، ھۆسىنخەتچىلەر مەيدانغا كەلدى ؛ مەن چوڭقۇر مەنىلىك بولغاچقا نۇرغۇنلىغان شائىر يازغۇچىلار مەيدانغا كەلدى. مىنىڭ تارىخىم ئۇزۇن ، شۇڭا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇزاقتىن بىرىقى ئىش ئىزلىرىنى خاتىرىلەپ كەلدىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان بايلىقلىرىم ئىدى.
ئەسلىدە مەن سىزنى ----- خىشقا ئوخشايدىغان تۆت چاسا شەكىللىك كالدۇر - كۇلدۇر قۇچقاچ تىلىنى سېپى ئۆزىدىن ئۆزۈمنىڭ رەقىبى ئەمەس دەپ ئويلىغانىدىم. ھەتتا سىز بىلەن توقۇنۇشۇشنى ئەرزىمەس بىر ئىش دەپ ئويلىغان ، بىراق مەن ئۆزۈمنىڭ بۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەغلۇپ بولۇشۇمنى ئويلىمىغان ئىدىم. مانا بۈگۈنگە كەلگەندە قايتا - قايتا زەربە يەپ قىلچىلىك قارشىلىق قىلغۇدەك مادارىم يوق ھالغا چۈشۈپ قالدىم. ئەمدىلىكتە سىزگە قۇللۇق بىلدۈرۈپ تەسلىم بولۇشنى قارار قىلدىم. ئەگەر خالىسىڭىز سىزنىڭ قۇلىڭىز بولۇپ ، سىزگە بىر ئۆمۈر خىزمەت قىلاي. بەك بولمىسا تىل ساھەسىدىن چىكىنىپ چىقساممۇ مەيلى ، راسىت گەپ ، مەن تەييارلىق قىلىپ بولدۇم.
مەن مەغلۇپ بولدۇم ، مىنىڭ مەغلۇبىيتىم قايسى ۋاقىت ، نىمە ئىش ، نىمە سەۋەبتىن بولدى؟ خەنزۇ تىلى ئەپەندىم ، مىنىڭ ئۆز مەغلۇبىيتىمنى خۇلاسىلىشىمگە يول قويغايسىز ، باشقا مەخسىتىممۇ يوق ، كونا خاماننى سورۇپمۇ يۈرمەيمەن ، پەقەت ئۆزۈمنىڭ قانداق چېكىنگىنىمنى سۆزلىسەملا بولدى.
بىزنىڭ تۇنجى قىتىملىق "ئۇچرىشىش"ىمىز قايسى ۋاقىتتىن باشلانغان بۇنىسى ئىنىق ئېسىمدە قالماپتۇ ،ئىشقىلىپ ئۇچراشقاندىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە سىز ماڭا ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئاز - تولا "ھۇجۇم" قىلىپ تۇردىڭىز. بۇ ھۇجۇمىڭىز يىقىنقى نەچچە ئون يىل مابەينىدە ھەسسىلەپ كۈچەيدى ، ھەم ئوبدانلا ئۈنۈمى بولدى. مانا ئەمدىلىكتە ئىككىمىزنىڭ ئىناۋىتى ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئاساسەن تەڭلەشتى ، ھەتتا مەن چىكىنىشكە قاراپ ماڭدىم. سىزنىڭ كۈچلۈك زەربىڭىز ئاسىتىدا مىنىڭ پۈتۈن بەدىنىم جاراھەت بىلەن توشتى.
مان ھازىر مۇنداق ب ىر ۋەزىيەت شەكىللەندى: ئەتراپىمىزدىكى ھەرقانداق بىر ئىمتاھان ، مەيلى ئۇ ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتاھانى ياكى ئۇنۋان باھالاش ، ئەمەل ئۆستۈرۈش ئىشلىرى بولسۇن سىزدىن ئايرىلالمايدۇ. باشلانغۇچ باللىرى مىنى ئۈگنىشتىن قول ئۈزۈپ سىزنى ئۈگىنىشنى باشلىۋەتتى ، ئاتالمىش قوش تىل مائارىپى شۇنداقمىكىن تاڭ!؟ مەن ئالىي مەكتەپلەردى ئاساسىي جەھەتتىن ھەيدەلدىم. ئىدارە جەمىيەتلەردە ئىشلەۋاتقانلار سىزدەك بىر ئۇلۇغنى تونۇماپ باقسۇنە قىنى ئۇنداقلارنىڭ كەشى توغرىلاغلىق. ئىشقا ئورۇنلىشىمەن دىگۈچىلەر بولسا چوقۇم سىزدەك بىر داڭلىق ئەربابقا چوقۇنىشى كىرەك ، شۇ ۋەجىدىن مىنىڭ بىر تۈركۈم چوقۇنغۇچىلىرىم سىزگە چوقۇنۇش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.
خەنزۇتىلى ئەپەندىم مىنىڭ كۆڭلۈمنىڭ قانىلىك يىرىم بولغىنىنى بىلەمسىز؟ تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مەن سىزنىڭ ئۇلۇغلىقىڭىزنى يەنە بىر قىتىم تونۇپ يەتتىم. ئۇنۋىرستىتنى پۈتكۈزۈپ "ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭ تارىخى" غا ماگىستىرلىققا ئىمتاھان بەرگەن بىر ئوقوغۇچى خەنزۇ تىلىدا "باجىي" دەمدۇ ئىشقىلىپ سىزگە مۇناسىۋەتلىك بىر نەرسىدە تەلەپكە لايىق بولمىغاچقا قوبۇل قىلىنمىدى. ئۇ ئوقوغۇچى ئىنتايىن بىلىملىك (سىزنى تۈزۈك تونۇمىغىنىنى ھىسابقا ئالمىغاندا) ، ئەخلاقلىق ئىدى. مىنىڭ كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى شۇكى خەق مىنى تەتقىق قىلىمەن دىسە سىزگە بىرسى بىرنەرسە پۇشۇرۇپ قويغان بولغىيمىتى. شۇنداق قىلىپ بىر ياخشى ئوقوغۇچى ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئارزۇسىغا يىتىشتىن مەھرۇم قىلىندى. راستىنلا ئۇۋال بولدى.
ھازىرقى ئۇنۋىرىستىت ئوقوغۇچىلىرى مەكتىپىدە 2-4 يىلغىچى سىزنى ئۈگىنىدۇ ، يەنى ئاز بولغاندىمۇ ئۈچتىن بىر قىسىم ۋاقتىنى سىزنى ئۈگىنىش ئۈچۈن سەرىپ قىلىدۇ. مىنىچۇ؟ ئۈگەنگەندىمۇ يۈزەكى ئۈگىنىدۇ ، بولمىسا ئۇمۇ يوق! شۇڭا ئەزەلدىن مەن بىلەن پەخىرلىنىپ كەلگەن بىر مىللەت ئۆزلىرىنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا مىنى قايرىپ قويۇشتى ، مەن تاشلىۋىتىلدىم دىسەم ئارتۇق كەتمەس!
خەنزۇ تىلى ئەپەندىم ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك شۆھرەتلىك ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەمسىز؟ ھازىر پۈتۈن سىزنى ئۈگىنىش سىزگە چوقۇنۇش دولقۇنى كۆتۈرلۈپ ، مەن بىلەن كارى بولىدىغانلار ئازىيىپ كەتتى. مەن ئاستا - ئاستا ئۆزۈمنىڭ شۆھرىتىنى يوقۇتۇپ قويدۇم ، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى مىنىڭ مەۋجۇدلىقىمنى ئۇنۇتۇپ ، سىزگە ئۆزىنى ئاتتى. مەن بىر بۇلۇڭدا ھەسرەت چىكىپ يۈرۈپتىمەن. ئەمدى سىزنى توسقۇدەك ماغدۇرۇم قالمىدى ، شۇڭا ھازىردىن باشلاپ سىزگە تەسلىم بولدۇم.
كەمىنىڭىز : ئۇيغۇر تىلى

ئەسلى ئادىرسى: http://dilxatks.blogbus.com/logs/34370222.html

0 评论: